تىرىشچان ئەزا
ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى 1974-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلدىن 1992-يىلغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1992-يىلى سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلۇش ئۆلچەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ 2012-يىل 3-ئايدىن باشلاپ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى 1993-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇلماس بىر كۈن» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «بۇلاق»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا ئۇنىڭ 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، شېئر ، نەسر ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ تۈزگەن (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) «ھايۋانلارمۇ سۆزلەيدۇ»، «چۆچەكلەرنىڭ چۆچىكى» ناملىق كىتابلار شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى نەشى قىلىنغان. 2010-يىلى يەنە شۇ نەشرىيات تەرىپىدىن ئۇنىڭ «ئەل–يۇرت ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرگە شەرھى» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان. «ھىدايەت گۈلزارى» (2-قىسىم)، «سېنى ئۇنتالمايمەن»، «شائىرلار مۇنداق دەيدۇ»، «تارىمدىكى ئاي» قاتارلىق كىتابلارغا ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
جابدۇق ئىشلىتىش پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
باشقىلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەرگۈچى