كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 7

«كىرورانلىق بالىلار» رومانىدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 16:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كىرورانلىق بالىلار» رومانىدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى ۋە تارىخى قىممەت

قاراشلىرى توغرىسىدا


نۇرزادە تۇردى

(  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى 2009-يىللق 3-سىنىپ)  


قىسقىچە مەزمۇنى:پەرھات ئىلياسنىڭ «كىرورانلىق بالىلار»رومانىنى ئوقۇغاندىن كىيىن روماندىكى فانتازىيلىك،چۆچەكسىمان ئۆزگىرىشلەر ئىختىيارسىز بالىلىق مەزگىللىرىمنى ئەسلەتكۈزسە،روماندىكى باش پېرسۇناژ يەنى «كەپسىز ئەمما ئەقىللىق،سەل تاۋى نازۇك،ئەمما زېرەك،سەل جاھىلراق،ئەمما چېچەن»دىن ئىبارەت تۆت بالنىڭ بالىلارچە تاتلىق تىللىرى،ئۆزگىچە خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى مىنى سۆيۈندۈردى،رومانغا بولغان قايىللىقىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇ روماننى ھەقىقەتەنمۇ بالىلار تىلىدا يېزىلغان،بالىلارنىڭ ئوي-پىكرى،خىيالى ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۇر كۈچىنىڭ قەغەز يۈزىدە ئىپادىلنىشى دېسەك ئىشىپ كەتمەس.
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردىن ھېسابلىغاندىمۇ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك تارىخى باسقۇچتا،بالىلار ئەدەبىياتى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى،ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،پەرھات ئىلياسنىڭ«كىرورانلىق بالىلار» ناملىق رومانى ئىلان قىلىنىپ،ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ خىلى يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقانلىقتىن نىشان بەردى، شۇنى كىسىپ ئېيتىش كىرەككى،بالىلار پىروزىچىلىقنىڭ يېڭى ئەسىردىكى قىياپىتى تولىمۇ ئۆزگىچە ۋە يېڭى بولدى.(1)
       بالىلار ئەدەبىياتى-ئەدەبىياتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى .ئۇ ئادەتتىكى ئەدەبىياتقا    ئوخشاشلا ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلق ئەكىس ئەتتۈرۈپ،كىچىك كىتاپخانلارغا ئەسەر –دە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئوبېكتىنى چۈشىنەلەيدىغان تەسىراتقا ئىگە قىلىشنى بالىلار ئەدەبىيا –تىدىكى ئوبرازلارمۇ ئادەتتىكى ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلارغا ئوخشاشلا كونكېرىت،ھېسسى،مۇئە  –ييەن ئىديىۋى ھېسسياتنى گەۋدىكەندۈرگەن بولۇپلا قالماي ،بەلكى جانلىق،ھەقىقى،تىپىك بولىشى ،ئەسەردە يارىتىلغان  پېرسۇناژ خاراكتىرى ناھايىتى يارقىن ۋە جانلىق ئىپادىلىنىشى، شۇنداقلا ئومومى ئىجتىمائى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىشنى  مەخسەت قىلىدۇ.(3) بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرنى پەرھات ئىلياسنىڭ«كىرورانلىق بالىلار» روماندىكى پېرسۇناژلار ئوبرازى بىلەن تارىخنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ،ئاپتۇرنىڭ يەتمەكچى بولغان ‍ نىشانى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقماقچىمەن.
      پەرھات ئىلياس روماندا ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە تۆت ئوبراز ياراتغان بولۇپ،بۇ سەمىمىى،ئاقكۆڭۆل،باتۇر،چېچەن تۆت ئۆسمۈر بىر قېتىملىق مەقسەتسىزلا قىلىپ قويغان خەيرىلىك ئىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەربىرى تاسادىبى ھالدا ئالاھىدە ئىختىدارغا ئىگە بىردىن ئەڭگۈشتەرگە ئېرشىدۇ،ھەمدە ئەڭگۈشتەرلىرنىڭ ياردىمىدە قەدىم بىلەن ھازىرنىڭ ۋاقىت كارىدوردا خالىغانچە ئايلىنىپ يۈرۈپ،شەھەرلەر-يېزىلار،يايلاقلار ۋە ئورمانلاردىكى كەڭ بوشلۇقلاردا ئەركىن ساياھەت قىلدۇ.بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ خاسيتى قالتىس بولۇپ،تەبىئيەت –تىكى ھەممە نەرسە بىلەن كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشالايدۇ ھەم پىكىرلىشەلەيدۇ،ھەتتا،رىۋايەت –تىكى كىروران مەلىكىسى بىلەنمۇ تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇشۇپ،ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتار ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلەرنى قىلىدۇ،بۇ جەرياندا بالىلار توغراقنىڭ يىغا ئاۋازىنى قومۇشلارنىڭ ئاگاھلاندۇرشنى،ئېشەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى،ياۋا تۆگىلەرنىڭ چۆلگە بولغان تەلپۈ –نىشنى ئاڭلايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي بوۋا بىلەن ئۇچىرشىدۇ،نورۇز بايرىمىغا،كۆك مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ،كۈسەن دىيارىدىكى يىغىلىشلارغا بارىدۇ،تۇرپاندىكى كارىزلارنى،قەدىمى يارغۇل شەھىرىنى زىيارەت قىلدۇ،«تەتۈرلەر شەھرى»گە كىرىپ ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە ھەيران بولىدۇ.دۇنخۇڭغا بېرىپ موگاۋ غارىنى زىيارەت قىلىدۇ،نۇرغۇن دۆلەتلەرگە چىقىپ تارخشۇناس ،دۇنخۇاڭشۇناس،تۇرپانشۇناس ۋە ئارخېئولوگلار بىلەن يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇلارنىڭ كىروران ھەققىدىكى يىشىلمىگەن تۈگۈنلىرىگە جاۋاپ ئىزدىشىدۇ،چۆچەكشۇناس ئاندېرىسننى زىيارەت قىلىپ «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» قا ياردەم قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن جايلاردىكى نامرات ئاقكۆ –ڭۆل خەلىقلەرگە ياردەم بېرىپ، زالىملار ئۈستىدىن جازا يۈرگۈزىدۇ،شۇي شىياكى بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرىنى ساياھەت قىلىپ،تەبئيەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىر ئالىدۇ.
         پەرھات ئىلياسنىڭ بۇ رومانىدا يۇقىرقىدەك قىزىقارلىق،ئۆزگىرىشچان،چۆچەكسىمان ،ساددا ئەمما چوڭقۇر پەلسەپە يۇشۇرۇنغان مەزمۇن،ۋەقە،كۆرۈنۈشلەرنى تۆت  پېرسۇناژنىڭ  ئۆزىگە خاس خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ۋە ئش –ھەركەتلىرىنىڭ تەسىرلىك ،يېقىملىق ،يۇمۇرلۇقلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ،ئۇنىڭدىكى پىرسۇناژلارنىڭ  جانلىقلىقى بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردۇ. بۇ نوقتىدىن كۆرۋىلىشقا بولدۇكى،بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرنڭ بالىلارغا قارىتا تەربىيۋى رولىمۇ دەل پېرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ جانلىق يارتىلشىدەك خۇسىۇسىتىدىن پەرھات ئلياسنىڭ «كىرورانلىق بالىلار» رومانىدا يارقىن، ئوبرازلىق،جانلىق،ھەركەتچان خاراكتېرنىڭ ناھايتىى گەۋدىلىك  يارتىلغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.  مەسىلەن ئالايلۇق «ئۇ ۋەھشى كاۋاپچىنىڭ ھازىرلا ئەدىپىنى بەرمىسەم،دېدى ئايچەش ئشنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى ئۇققاندىن كېيىن غەزەپتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ.-راست شۇنداق قىلايلى!-دېدى تۇيغۇنمۇ چېداپ تۇرالماي،ئاڭغىچە تۈرگۈن،زۇمرەت،ئايچەچەكلەرمۇ گەپ قىستۇرۇپ،نېمدىگەن قانخۇر جاللا تلار بۇ! دېگنىچە كەسكىن تەلەپپۇزدا جاللات –لارنى دىر-دىر تىتىرتىۋەتتى.بۇلارنىڭ شۈنچىلىك تەمكىن،جانلىق،جەسۇرلىقىغا قايىل بولغان مەھمۇد بوۋا بېشىنى لىڭىشتىپ ئۇلارغا مەسلىك قارايتتى،،،»(4)  بۇ دىئالوگلار تۆت بالىدىكى خاراكتىردىكى پىشقان قەھىرمانلارچە بەدئىى خاراكتىرنى يورۇتۇپ بەرگەن.
      بىز يەنە روماندىكى مەزمۇن ۋە مەنە قاتلىمىغا قارايدىغان بولسا رومانىنىڭ بىر پۈتۈن تەپسىلاتى باشتىن- ئاخىر مۇشۇ تۆت بالىنىڭ ئاجايىپ غارايىپ ساياھەت سەرگۈزەشتىلىرى  بىلەن تارىخ ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ ،بۇ تەرەپلەربۇ تۆت پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى بىلەن رۇشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.ئۇنداقتا بىزبۇ تۆت پىرسۇناژ بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
        روماندىكى تۈرگۈن بولسا بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ،ئۇ ئىغىربىسىق، ئەقىللىقلا بولۇپلا قالماستىن ،بەستلىك تۇرىقىدىن بىر خىل قورقۇمسىزلىك ۋە تۈرگۈنلۇك چىقىپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ بىلمەيدىغى نى يوق.-«نەدە ئۆردەك تۇخۇمى بار،بېلىقلار قانداق چاغدا سۇ يۈزىگە چىقىدۇ،توغراقلارنىڭ يېشىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ.» دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىگە ھازىر جاۋاپ بىرىدۇ،ھەتتا ساياھەت جەرياندىمۇ بالىلارغا توغرا يول ۋە ئەقىل كۆرسىتىپ ماڭىدۇ.ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتىرى ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ.
يوغان كۆز،ئاقپىشما بالا تۇيغۇن بولۇپ،ئۆزى ئەقىللىق ھەم شوخ،ئەمما سەل ئالدىراقسان ھەم ماختانچاقراق.ئۇ ساياھەت جەرياندا ھەمىشە ئالدىدا باشباشتاقلىق قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كىتىدۇ.لىكىن قىلىقلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ،ئومومىى جەھەتتىن چىقىشقاق ئۇيۇشچاق بولۇپ دوسلىرى بىلەن بىرلىكتە ساياھىتىنى كۆڭۆللۇك ئىلىپ بارىدۇ.
شەھەرلىك ئاقپىشماق قىز بولسا زۇمرەت بولۇپ،ئۇ بەك ئوماق ھەم زېرەك،بىراق شەھەردە ئۆسكەنلىكىدىنمۇ،سەل تاۋى نازۇك ھاكاۋۇرراق كىلىدۇ.ئەمماروماندا  ئاشۇ زېرەك ،چېچەن ئوماق ھەركەتلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە دىققىتىمىزنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ ،ئۆزى ئويۇن تاماششاغا تولىمۇ قىزىققاق بولۇپ، ساياھەت داۋامىدا دوسلىرى بىلەن چىقىشىپ  ساياھىتىنى كۆڭۈللۇك داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەمدى كەلسەك،قىرىق كوكۇلىلق،چىمەن دوپپا كىيۋالغان،بۇغداي ئۆڭ قىزچاق ئايچەش بولۇپ،ئۇ بەك ئاقكۆڭۆل ھەم چېچەن،ئەمما ئۇنىڭمۇ ئاز-تولا كەمچىلىكى بار،يەنى جاھىلراق.ئۇ ھەر تەرەپتە تەڭ يېتىشكەن بولۇپ،مەسىللەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدۇ،  گەپكە ئۇستا چاققان كىلىدۇ.دوسلىرنى ھەرتەرەپلەردىن خاتالىششتىن توسۇپ سەپىرىنى تولىمۇ ئازادىچىلىك،كۆڭۆللۇك ئىچىدە ئىلىپ بارىدۇ.(5) دېمەك.روماندا بۇ تۆت پىرسۇناژنىڭ يۇقارقىدەك مىجەز -خاراكتىرى بىر-بىردىن پەرىقلىندىغان ئۆزگىچە خاراكتىر ئالاھىدىلىكى يورىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئۆزگىچە ،قىزىقارلىق،ئوماق ھەركەتلىرى بىزنى سۆيۈدۈرىدۇ ھەم بىزنى ئالاھىدە ئۆزگە تارتىدۇ.
پەرھات ئىلياس روماندا تەسۋىرلەنگەن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق بالىلارچە ساددا خىيالى ۋە تەسەۋۇرغا ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشلەر ئىزدىنۋاتقان،تەتقىق قىلۋاتقان مەدەنيەت،تارىخ،ئېكولوگىلىك مۇھىت،پەن-مائارىپ ۋە يىلتىز ئىزدەش قاتارلىق دۇنياۋى تېمىلارنى بۇ تۆت كىچىك قەھىرىماننىڭ تەسەۋۇرىغا يۈكلەپ ،بالىلار تىلى بويىچە،بالىلار قىزىقىدىغان مەزمۇن قىلىپ چىققان،بالىلارنىڭ دققىتىنى ۋە كۆڭۆل بۆلۈشىنى قوزغىتالىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي بولمايدۇ. چۈنكى بالىلار بولسا كلگۈسى –نىڭ ئىگىلىرى،شۇڭا ئىشنى شۇلاردىن باشلىغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە پارلاق بولۇشىدا گەپ يوق. مەن بۇ ماقالىدە زادى نېمە دېمەكچى دېگەندە،«بۇ رومان ئۇيغۇرلارنىڭ چۆچەكسىمان بالىلار رومانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىجاڭنىڭ تارىخى مەدەنيىتىنى ئاساسى لىنيە قىلىپ سەمىمىلىك،ئاقكۆڭۆل،گۈزەللىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئاساسى تېما قىلىپ،غەربىى يۇرتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق غايەت زور تارىخي ئۆزگۈرىشلىرنى بەدئىىي ۋەقەلىكلەرگە قىزىقارلىق ،تەبىئي،تولىمۇ جانلىق سىڭدۈرۋەتكەن. بالىلار بۇ روماننى ئنتايىن ئەركىن-ئازادە كەيپىياتتا ئوقۇيدۇ.چۈنكى بالىلار كەلگۈسىنڭ ئىگلىرى ، شۇڭا ئىشنى ئۇلاردىن باشلىغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە پارلاق بولىشىدا گەپ يوق (6) .مەن بۇ ماقالەمنىڭ بۇ قىسمىدا  دەل روماندىكى تۆت پىرسۇناژنىڭ ھەرخىل ئوي-خىياللىرى،تەسەۋۇرىنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنىڭ رەڭدار تارىخى مەدەنيەت جەۋھەرلىرى بىلەن ئۇچىرشىش جەريانىنى روماننىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخى نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچڭمەن.
تارىخ-ئۇ بىر ئەينەك،تارىخ بولمايدىكەن مىللەت بولمايدۇ.تارىخ ئارقىلىق مىللەت، دۆلەتنىڭ يىلتىزىنى  پۈتكىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان ئەينەك ئادەمنىڭ ئەكسنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكنى كۆرسەتسە،ماقالەمدىكى ئەينەك بولسا،تارىخنى، يىلتىزنى كۆرسىتىدۇ.گەرچە دەۋرىمىز،دۇنيارىمىز ۋە مىللىتىمىز كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلۋاتقان، كشلرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئاڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتىرلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما تارىخنى ئىزدەش،ئەجداتلارنىڭ ئېزىنى بېسىش ۋە ئۇلارنى قىلىش توختاپ قالغىنى يوق ھەم توختاپ قالمايدۇ.  پەرھات ئىلياس ئىجادىتىدىكى بۇ رومان دەل ئۆزنى ئىزدەش ۋە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ،ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن تارىخى جايلارغا باشلاپ بارسا نۇرغۇن تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرۈش پۈرسىتىگە ئىگە قىلدى.(7)
پەرھات ئىلياس رومانىدا ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە تۆت ئوبرازنى ياراتقان بولۇپ،ئۇلارنى دانىشمەن قاغغا ئەگەشتۈرۈپ بىر قېتىملىق ئەگرى-توقاي قىزىقارلىق ساياھەتنى باشلايدۇ.ئاقكۆڭۈل،،باتۇر،چېچەن تۆت ئۇيغۇر بالىسى كىروران ئېلىگە كىلىپ كىروران مەلىكىسى ئايچەچەكنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.ئاندىن ئۇلار نەچچە مىڭ يىللار ئىگىرى كىروران قەدىمى شەھرىگە بارىدۇ، ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ جايدا كىروران مەلىكىسى ۋە كىروران ئېلىنى يېزىشىدىكى مەخسىتى زادى نېمىدۇ؟ پەقەت بالىلارنى قىزىقتۇردىغان ھىكايە توقۇشمىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس،ئاپتۇر بۇ يەردە،كىروران ئېلىنى يېزىش ئارقىلىق،نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىتايىن تەرەققى قىلغان ۋە گۈللەنگەن،ھەربىي قوشۇنغا ئىگە ،باتۇر ئەزىمەتلەر توپلاشقان جاي ئىكەنلىكىنى دېيىش ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرمىزنىڭ باتۇرلىقنى ماختاش ۋو ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھېسياتىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىدە مىللىتىدىن،ئەجدادىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسنى پەيدا قىلىپ ۋەتەنپەرۋەرلىىك ئىددىيسنى كۈچەيتىشنى مەخسەت قىلغان. «كىرورانلىقلارنىڭ ھايات-ماماتى قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا تۇرۇۋاتقان شۇ پەيىتتە تۈرگۈن قاتارلىق تۆتەيلەن چىداپ تۇراالماي،قاغاندىن ئىجازەتسىزلا ئۇرۇشقا ئاتلاندى، دەل شۇ چاغدا ئاجايىپ مۆجىزە يۈز بىرىپ ئايچەشنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ چىققان خاسىيەتلىك ئۆتۈك ئاتتەك يوغىناپ ئۇچۇپ بارغىنچە ياۋ قوشۇنىنى خۇددى ئاساۋ ئاتلاردەك ئىرغىپ تۇرۇپ راسا تەپكىلى تۇردى ۋە ياۋ قوشۇنىنى تىرە-پىرەن قىلۋەتتى»(8) بۇ يەردە بۇ تۆت بالا خاراكتىردىكى باتۇرلۇق،جەسۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ ئۆز ئەجدادلىرنىڭ مۇنقەرىز بولۇشىغا ۋەتىننىڭ دەپسەندە بولۇشىغا چىداپ تۇرالماي ،ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مېھىر-مۇھەببېتىنى ئىپادىلىدى
ئاپتۇر يەنە بۇ تۆت بالىنى قولىدىكى ئەڭگۈشتەرلىرنىڭ سېھرىىدىن پايدىلنىپ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر،ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان جايغا ۋە ياشاپ ئۆتكەن دەۋىرىگە ئېلىپ بارىدۇ.بىز بۇ بابنى ئوقۇشىغىمىزغىلا مۇنداق جۈملىلەر ناھايتىى رۇشەن ھالدا كۆزگە چېلىقىدۇ.«زۇمرەت چاچلىرى قىرىق ئۆرۈم ئۆرۈلگەن،چىمەن دوپپا،ئەتلەس كۆينەك كىيۋالغان چىرايلىق بىر قىزچاقتىل:بۈگۈن بايراممۇ؟-دەپ سورىدى،-نورۇز بايرىمى دېدى قىزچاق»(9) بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋالغىلى بولدۇكى،ئاپتۇرنىڭ نورۇز بايرىمنى مۇشۇنداق ئىنچىكە ۋە تەپسىلى دىئالوگلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ،نورۇز بايرىمىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ئاشۇ دەۋىرلەردىلا ناھايتىى ئۇلۇغلىقىنى،ئۇنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن ،مەدەنيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغان بايراملىقىنى،بىزگە كەلگەندە سۇسلاپ ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىننى بىلدىغان،تارىخى بىلىملەرگە قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىلەش.«مەن كاسىپ بورخاندۇرمەن،ئەسلى ماكانىم جۇڭگو شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆي-دېدى تام رەسىمدىكى تۈۋرۈكلۈك بورخان».«ئۆز يۇرتۇمنى،ئۆز ئېلىمنى خويمۇ سېغىندىم،ئۇۋىلىپ توپقا ئايلىنىپ كەتسەممۇ ئۆزەم ئاپىرىن بولغان ئاشۇ تۇپراققا قوشۇلۇپ كەتسەم دەيمەن.(10) ئاپتۇر مۇشۇ ئابزاسلار ئارقىلىق «تاشمۇ چۈشكەن جايىدا ئەۋزەل» دېگەن ماقالنىڭ مەنىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ تارىخى مەيلى نەدە بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئانا ۋەتەن مۇھەبىتىنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى مۇشۇنداق بىر ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇمى ئارقىلىق بالىلاردا يەنىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئويغىتىش،ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرۈشنى،ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە ۋەتەنگە بولغان مېھىر-مۇھەببېتىنى كۈچەيتىش تەربىيسى ئىلىپ بارغان.ئاپتۇر يۇقارقىدەك تارىخى ۋەقە،تارىخى ئىش ۋە تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلەر،تارىخى جايلارغا تۆت بالىنى بارغۇزۇش ئارقىلىق مەيلى مەھمۇد قەشقەرىنى نورۇزنامە ئوقۇتۇپ،ئۈگ-نەسھەت سۆزلەتكۈزىشلەردە بولسۇن،مەيلى قەدىمكى جەڭ مەيدانلىرى بولسۇن ۋە ياكى قەدىمكى مەدەنيەت مىراسلىرنىڭ ھەقدارلىق مەسىلىسىدىكى ساددىلارچە ھەركەتلەر بولسۇن ھەممىگە ئاپتۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە،ئۆز خەلقىگە ۋە خەلقى ياراتقان تارىخقا چەكسىز ئىپتخارلىنىش ھېسياتى سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز.بۇگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەىبىياتىمىزدا بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئۆزگىچە نەزەريىۋى سېتىمىلىق بولمىغان،بالىلىرىمىز بۈگۈنكى تېخنىكا تەرەققىياتى ئالدىدا گاڭگىراپ تۇرۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە پەرھات ئىلياسنىڭ «كىرورانلىق بالىلار» رومانىنى يېزىپ چىقىشى بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ .     چۈنكى،تارىختىكى ھەربىر دەۋر ۋە تارىخى باسقۇچ بالىلار تەلىم-تەربىيسىگە ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتكە مۇھتاج بولۇپ كەلگەن «بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك،ئەمەليەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىگە كۆڭۆل بۆلگەنلىكتۇر» بۇ  رومان بۈگۈنكى بالىلىرىمىزدىلا ئەمەس بالىلىقىنى ياشاپ  بولالماي چوڭ بولۇپ كەتكەن قىرى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغىمۇ تولىمۇ ياقىدۇ ، بۇ روماننى ئوقۇغىنىمىزدا چوڭقۇر خىياللارغا غەرىق بولىمىز تۇيۇقسىز روماندىكى تۆت پىرسۇنازنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالغىمىز كىلدۇ،بۇ ئوماق «شۇمتەكلەر»نىڭ ئالەمشۇمۇل قىلىقلىرىغا «ھەسەت» قىلغىمىز كىلىدۇ،بولۇپمۇ،تۈرگننىڭ تولىمۇ ئەقىللىقلىقى، چەپدەسلىكى بىلەن ئۇلار ئارىسىدا چوڭراق بولغاچقىمۇ كىچىكلىرىگە يول كۆرسىتپ ،قوللىردىكى ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ ياردىمىدە قەدىم بىلەن ھازىرنىڭ ۋاقىت كارىدورىدا خالىغانچە ئايلاندۇرۇپ ،ئۇلارنى باشلاپ نە توغراقلىق،نە قومۇشلىقلاردا، شەھەر-يېزىلار يايلاقلارۋە ئورمانلىقلاردىكى كەڭ بوشلۇقلاردا ئەركىن ساياھەت قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندىكى،ئوماق ھەم قىزىقارلىق ھەركەتلىرى بىزنى سۆيۈندۈرسە ،كىچىكلىكلىكىگە باقماي قىلغان ئىش-ھەركەتلىردىكى ئەقىللىق،تەدبىرلىكلىكى بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان قايىللىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .  
دېمەك،پەرھات ئىلياس بۇ روماندا،مىللەتنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا ئۆزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان ئومومى توپقا ئورتاق بولىۋاتقان نۆۋەتتىكى زىممىزدە پەرىز ھەم قەرىز بولۇپ كەتكەن بۇ غايىمىزنى بالىلارنىڭ خىيالىدا رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. قسقىسى،بالىلىقنىڭ تۇتۇپ قالغىلى بولماس خىياللىرى بىزنى سۆيۈملىك ئۈمۈدنىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ.بىز ئۇلارنىڭمۇ ساپ بالىلىق قەلبى بىلەن مەدەنيەتلەر ئارىسىدىكى دۇنياۋى بىردەكلىككە ئىنتىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسان قاتارىدا ياشاۋاتقان بالىلار بىلەن  ئىدىيە سوقۇشتۇرۇپ باقسا ئۇلار بىلەن بالىلىقنىڭ گۈزەل كۈيلىردىن تەڭ بەھىرىمان بولسا بولدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز ھەم چۈشىنىشكە جۈرئەت قىلالايمىز.(11)
  پەرھات ئىلياسنىڭ بۇ روماندا دەل بالىلارنىڭ ئىسيانكارلىق بىلەن ئۆز ۋۇجودىغا يىلتىز تارتىپ كەتكەن «كەمسىتىش» پسخىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ،ھۆر تەپەككۇر ئىگىسىگە ئايلىنىىش ئۈچۈن تىركىشۋاتقانلىقىنى كۆرسىتپ بەرگەن.
ئاخىردا مەن پەرھات ئىلياسنىڭ دۇنياغا بالىلارنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ،مول تەسەۋۇر ئېچىۋىتىشكە تەپەككۇر ئارقىلىق بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىديۋى بايلىق ۋە ئادىمىلىك پەزىلەت دۇردانىلىرنى ئاتا قىلىشنى،بالىلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە  ئىلگىرلەپ،«كىرورانلىق رومان »غا ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرنى يېزىشقا تىلەلداشمەن.  


ئىزاھاتلار:

(1) پەرھات ئىلياسنىڭ:«ئۆز ئاۋازىمىز ھەممىدىن مۇھىم»،تەڭىرتاغ ژۇرنىلى 2009-يىلى4-سان ،94-بەت.
(2) تۇرسۇن قۇرباننىڭ «بالىلار ئەدەبىيات نەزەريىسى»، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،280-بەت.
(3) تۇرسۇن قۇرباننىڭ :«بالىلار ئەدەبىيات نەزەريىسى» ،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،291-بەت.
(4)پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،2009-يىللىق9-ئاي1-نەشىرى،94~98 –بەت.
(5)  پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،2009-يىللىق9-ئاي1-نەشىرى،2~3–بەت.
(6)  توڭ جىنجۈن:«بالىلىق قەلىب چاڭ توزان باسقان خاتىرلەرنى ئويغاتتى»،تەڭىرتاغ ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سان 72-بەتلەر
(7) ئەركىن روزى:«بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» ،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1999-يىلى نەشىرى ،6-بەت.
(8)  پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،2009-يىللىق9-ئاي1-نەشىرى،190 -~195–بەت.
(9)   پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،2009-يىللىق9-ئاي1-نەشىرى،80 -~82–بەت.
(10)  پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى،2009-يىللىق9-ئاي1-نەشىرى 405 ~–بەت.
(11) لى دۇڭخەي:«پەرھات ئىلياسقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلايلى»،شىنجاڭ يازغۇچىلىرى،2010-يىللىق 1-سان.
                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                         
پايدىلانمىلار:
ئايتۇللا ھەبىبۇل:« ئۇيغۇر بالىلار پىروزىسىنىڭ تەرەققىياتى توغىرسىدا» تارىم ژۇرنىلى 2010-يىللىق2-سان.
جاڭ فىڭ:«بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومومىي چۈشەنچە» شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى،1986-يىلى.
ئابلەت ئۆمەرنىڭ:« ئەدەبىيات نەزەريىسى ئاساسى» شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى نەشىرياتى 1997-يىلى.
تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا:«كىروراندىن چىقتۇق كىرورانغا قايتىمىز»،«كۈسەن مەدەنيىتى» 2010-يىللىق سانى.
سايرا ئېرىسبىك:« قاناتلانغان خىياللار»،تەڭىرتاغ ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سانىدىن.
پەرھات ئىلياسنىڭ:«كىرورانلىق بالىلار» رومانىنىڭ 3 قىسىم كىتاب.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 17:26  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 869
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 17:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك!
ئىزدىنىشلىرىڭىز زىيادە بولغاي!
بۇ بەك ئېسىل رومان. مۇمكىن بولسا يېڭى چىققان تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇپ باقارسىز.
بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا باسقان قەدىمىڭىز زىيادە بولغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 09:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رومان ئىككى قىسىم كىتاب ئىدىغۇ، بۇ يەردە خاتالىق يۈز بەردىمۇ ياكى مەن كۆرمەي قالدىممۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 21:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رومان ئاۋال ئۈچ قىسىم بۇيىچە نەشىر قىلىنغان. ئاندىن يىغىنچاقلىنىپ بىر قىسىم بويىچەنەشىر قىلىنغان. ئاخىردا يەنە تولۇقلىنىپ ۋە باشقىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ ئىككى قىسىم بويىچە نەشىر قىلىندى. ماقالە ئاپتۇرى بەلكىم تۈنجى نەشىر نۇسخىسىدىن پايدىلانغان بولسا كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 21:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بۇ روماننىىڭ يېڭى نەشىرى  ئىككى كىتاب ،مەن كونا نەشىرىدىكى ئۈچ قىسىم كىتابدىن يازغاندم ،ھازىر يەنە  يىڭى نەشىرى بىلەن كونا نەشىردىكى سىلىشتۇرمىسىنى يىزىۋاتڭمەن .پات ئاردا تورداشلىرم بىلەن يۇزكۇرەشتۇرمەن ،سىلەنىڭ مىنى كۆپرەك قوللاپ بىرىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4952
تۆھپە : 30
توردا: 482
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 16:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
ئاۋۋال ماۋزۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ، ئاندىن ماقالىدە نەقىللەرنىڭ سانى ۋە ھەجىمىنى ئازايتقايسىز!

مېنىڭ ئىسمىم يوق!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 15:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنشلىرىڭىز نەتىجىلىك بولغاي.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2243
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 105
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 22:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى دەسلەپتە 3قىسىم نەشىرقىلدى. كىيىن بىر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىنلدى. كىيىن شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەڭ تولۇق نۇسخا دەپ 2قىسىم قىلىپ نەشىر قىلدى.
ئىجادىيىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش