كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 7

«ھايات خاتىرسىنىڭ قاتلانغان بىر بېتى» ناملىق ھېكايىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 15:58:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ھايات خاتىرسىنىڭ قاتلانغان بېتى» ناملىق ھېكايىنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكى ھەققىدە



            نۇرزادە تۇردى


(  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى 2009-يىللق 3-سىنىپ)  



       تۇرمۇشنىڭ ۋە تىرىكچىلىكنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ئنسانىيەت ئالىمىدە ياشاۋاتقان تالاي ئارزۇ-ئارمان ئىگلىرىنى ئۆزى مېڭىشنى خالىمايدىغان بىر يولغا سالىدۇ-دە،بۈيۈك ئارزۇلانىڭ ئىگسى بولغان شۇ كىشلەر تۇرمۇشنىڭ غېمىدە بىر ئۆمۈر تىپىرلاپ ھايات مۇساپىسنى ھەقىقى ئنسانلىق سالاھىيتى،مېھرمۇھەببىتى بىلەن داۋاملاشتۇردۇ.بۇ جەرياندا ئنسان تالاي جەۋىر-جاپالارغا،قېيىنچىلىقلارغا،ھاياتنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قسمەتلىرىغا دۇچار بولۇشى،ھەتتا مېھر-مۇھەببەتىنمۇ ئايرىلىپ قىلېشى مومكىن. لىكىن ئۆزنىڭ ھاياتىنى ئنسانىيەت بەختى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قىسمەتلەر ئۇنىڭ ھايات خاتىرسىنىڭ بىر بېتى،ئۆچمەس ئىزناسى بولۇپ قىلېشى بىر ھەقىقەت.بۇ ھەقىقەت بوسوغىسىدا تاۋلانغان تالاي جاپالارنى تارتقان مېھر-مۇھەببەتكە تەشنالىق بىلەن تەلمۈرگەن،تۇرمۇش يولدا پۇچلانغان بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزىنى ئەڭ ئازاپلايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ھايات قىسمەتلىرىنى مەن ئوقۇغان ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ«تارىم ژۇرنىلى»2013-يىللىق4-سانىدا ئىلان قىلىنغان«ھايات خاتىرسىنىڭ قاتلانغان بېتى» ناملىق ھېكايىسىدىن ۋە دىققىتىمنى ئالاھىدە جەلىب قىلدى.
     بىز ماھىنۇر ئابدىلىم ئەسەرلىرنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئەسەرلىردىكى ئەكىس ئەتتۈرلىدىغان تېمىنىڭ ئاياللار تۇرمۇشى،كىشلەرنىڭ ھايات قارشى،ئەخلاق ۋە غايىلىرى تەسۋرلىندىغانلىقىنى بىر قاراپلا ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. دەل مەن بۇ ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا ماڭا ئەڭ يارىغان تەرىپى ئەسەرنىڭ بەدئىى ئالاھىدىلىكى،ئەسەردە ھەر تەرەپلىمە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك،يارقىن،كۆرۈنەرلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.بولۇپمۇ ھېكايىنىڭ بەدئىى قوراشتۇرۇلىشى،بايان مەۋقەسى،بايان ماھارىتى، ئوبراز يارتىش،تىل ئشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ،ھېكايىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپىقيەتلىرنى كۆرسىتىپ   ئۆتمەكچىمەن.
      بۇ ھېكايە ئاساسلىقى ھايات مۇساپىسنى تالاي ئىغىر يۈكلەر بېسىۋالغان دىلى سۇنۇق باش پىرسۇناژ رولىدا ئەسەردە باشتن ئاخىر يۇشۇرۇن تەسۋرلەنگەن،ئسمى نامەلۇم ئككىنجى شەخس تىلىدا مەيدانغا چىققان بىر ئايال بىلەن سىرتقى كۆرۈنىشدىن بايۋەتچىلەردەك،ئەمما روھىتىدىن تولىمۇ ئاجىز ،غەمسىز،دەرتمەن يېگىت ئەلقەمدىن ئىبارەت ھايات قىسمەتلىرى ئوخشىشپ كېتىدىغان ئىككى ياشنىڭ ھايات مۇساپىسىدە تارتقان جەبىر-جاپالىرى،قېيىنچىلىقلىرى،تارتقان دەرت-ئەلەملىرى،تۈرلۈك قىسمەتلىرنى يارقىن نۇقتىلار بىلەن تەسۋىرلىگەن،ھەم ھاياتىدا مېھر-مۇھەببەتنىڭ قۇدىرتىنىڭ تەسىردىنمۇ بەلكى ھاياتقا باشقىچە ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئنتىلگەنلىكىنى يارقىن بەدئىى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ياردىمىدە ئوتتۇرغا قويغان ، ئەمما بۇ خىل تۇيغۇ پەقەت ئۇلارنىڭ   قەلبىدە تولىمۇ قىسقا بولۇپ قالدى. تۇرمۇشتىكى ئاشۇ قىسمەتلەر ئۇلارغا رودىپايدەك چاپلىشىپ،ئۇلارنى ئالغا سىلجتمايتى. ئەلقەم بولسا ،ئۆز ئەركىنلىكدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ،لىكىن ئايالغا سىلىشتۇرغاندا،تۇرمۇشدا ئۆز خاھىشى بىلەن ئش قىلمەن دېسە جەزمەن قىلالايدۇ،ھەتتا،ئۇ تۇرمۇشتىن زىرىككەن چاغلاردا تۇرمۇشتىن ئۆزى ئەمەس ئككىنجى بىر ئادەمنىڭ بىزارلىقىدا بۇ ئازاپلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىگە يېڭى بىر چېقىش يولى تاپالايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق شارائتتا قانچىلىك پاسسپ ئورۇنغا چۈشىپ قالغانلىقنى تەسەۋۇر قىلىپ يەتكەندە تولىمۇ ئازاپلىنىدۇ.چۈنكى،ئۇ چاغدىكى شارائىتى يەنى ماددى جەھەتتىكى نامراتلىق ئۇنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.لىكىن بۇ چۈشكۈنلۈك ئۇزاققا بارمىدى. بۇ ياش ئاخىرى ئۆز ئەقلىنى تېپىپ ئۆزىگە يېڭى چېقىش يولى تاپتى، ھاياتىدا مەلۇم ئۆزگۈرۈشلەر بولدى،يۇرت-يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ ي يۈردى. لىكىن .ئۇنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇن مەنىۋى نامراتلىق بولسا، كېيىن روھى جەھەتتن نامرات قالدى قەلبىنى غەم-ئەندىشلەر قاپلاپ كەتكەن،ھاياتىدىكى ھەممە نەرسىدىن بىزارلىق ھىس قىلدىغان، ھېچنىمىدىن كۆڭلى سۇ ئچمەيدىغان،يىرگىندىغان پاسسپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.لىكىن مۇشۇنداق بىر شارائتتا ھېكايىدىكى دەرتمەن ئايال ئۇنىڭ كۆزىگە ئسسق كۆرۈنۈپ،ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياسايدۇ. بۇ بىر ھاياتتىكى تاللاشمۇ ياكى بىر قىسمەتمۇ؟ ئۇنى بىلگەندە ئادەم تولىمۇ سەسكىنىدۇ-دە! بىراق بۇ ھاياتتىكى بىر قىسمەت دەپ قارايمەن.دەل ھېكايىدە ئوتتۇرغا چىققان ئايالنىڭ تۇرمۇشمۇ،يىگىتنىڭ تۇرمۇش-سەرگۈزەشتىلىرگە ئوخشىشىپ قالىدۇ.تۇرمۇش ئۇلارنى تالاي قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ، ھايات ئۇلارنى سىنىدى،
،بىراق يىگىت بولسا سەسكەندىلىك تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىدى.لىكىن ئايال بولسا بۇرۇنقى سەسكەندىلىك تۇرمۇشتىن ئازراق يىراق بولغان بولسىمۇ،لىكىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى .بۇ يىرگىنىشلىك تۇرمۇش ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپلا يۈرەتتى. بۇنى ھېس قىلغاندا ئايال نەقەدەر ئازاپلىندۇ ،بىراق نېمە ئامال،ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچى دەپ قاراپ،ئاشۇ يىرىمجان بولۇپ يېتىپ قالغان ئادەمگە  بولغان مەسئۇليەت يۈزسىدىن بولسا كېرەك يەنىلا شۇ خىل تۇرمۇشنى تاشلاپ كېتەلمەيدۇ.شۇڭا مەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ھاياتتىكى بىر قىسمەت دەپ قارايمەن،« ھەركىم قىلسا ئۆزىگە » دەپ   ئاخىرى ئۆزنىڭ تىگىشلىك جازاسىنى تارتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن بەزىدە تۇرمۇشغا توغىرا مۇئامىلە قىلمايمۇ بولمايدۇ. دەل بۇ تەرەپلىرنى ئالساقمۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى موللىقىنى بېيىتغان ،شۇنداقلا ئەسەرنىڭ بەدئى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان،تۆۋندە بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى:
.             مۇۋەپىپقيەتلىك چىققان بىر ئەسەرگە نىسبەتەن پرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى،مەنىۋىيتى ۋە روھىتى قاتارلىق نوقتىلاردىن كۈزىتىپ تىپىكلەشكەن،بەدئىى تاۋلاشتىن ئۆتكەن ،مەركەزلەشكەن مەنزىرسنى قەغەز يۈزىگە سىزىپ ئوقۇرمەن بىلەن ئۇچىرشىش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ جەرياندا تىل ۋاستىلىك رول ئوينايدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  پىرسۇناژ خاراكتىرنى ئېچىپ بىرشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان   ۋاستە-تىل. ئاپتۇر بۇ يەردە ھېكايىدە ئوتتۇرغا چىققان ئايال تولمۇ ئاقكۆڭۆل ئۆزىنىڭ ياشاش يولىدىن مەھرۇم قالغان ، چۈشكۇنلۇك گىردابىغا يەتكەن ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسنى تولىمۇ قەيسەر،ئىرادىلىك،تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ،ھاياجان ئىلكىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئاپتۇر ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ بولغان ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسنى نىېردىن كۈزتىپ،كۆڭلىدىكى ھىس-تۇيغۇلىرنى بايان مەۋقەسىدىكى    كۈزتىش نوقتسىدىن چىقىپ تۇرۇپ يۇشۇرۇن ئىپادىلەيدۇ. بۇ تەرەپلەر ھېكايىدىكى تۆۋەندىكى پارچىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ«كاللاڭغا يەنە ئەتىنىڭ غېمى چۈشتى،بۇ سەن كۈتكەن ئۇزاقتىن بۇيان ساڭا ھەمراھ بولۇپ كېلۋاتقان غەم ئەندىشە ئىدى. يان تەرەپتىكى ھۇجىرىغا كىرمىسەڭ بولمايتتى،ئۇ ھۇجۇردا سېنى تېخىمۇ چارچىتىدىغان  ئېغىر مەسئۇليەت ساقلاپ تۇراتتى» بۇ پارچىدىن ئاپتۇرنىڭ بايان كۈزتىش نوقتىسى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرغان بىر خىل تەسەۋۇر بوشلۇقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتۇر بۇ ھېكايىدە يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىكلەر نوقتسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھېكايىنىڭ بەدئىى ئالاھىدىلىكنى تېخمۇ ئاشۇرغان . بۇ جەھەتتىكى يارقىن نوقتىلارنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
       بۇ ھېكايىدىكى يارقىن نوقتا شەھەرنىڭ گۈزەل،جەلىپكار قىياپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا يۇشۇرۇنغان شەپقەتسىز خۈنۈك ھالتىنى قېزىپ چىقىشى. بۇ نوقتىلار يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ شەھەرنىڭ ھەقىقى قىياپىتى ۋە جەمىيەتتىكى بىر قىسىم بولمۇغىر ئەخلاقسىز ئنسانى پەزىلىتنى،يوقاتقان ئاياللارنىڭ ئوبرازى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھازىر بولىدۇ.يەنى ئەلقەم ماشىنىسىغا سېلىۋالغان بىر قىسىم قىزلارنىڭ  خاراكتىرىنى تولىمۇ،ھەشەمەتلىك، ئابرويپەرەسلىك، ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن،ھايات قايناملىرىدا تاۋلايدۇ.شەھەردە رىقابەت ئنتايىن  كەسكىن بولىدۇ ،بىلىملىكلەر ،پۇلدارلار،ئەمەلدارلار ئەۋزەل ياشاش ئىمكانىتىگە ئىرشەلىسىمۇ،پۇقرالار،نامراتلار،قابىليەتسىزلەر ياشاش ئىمكانىتىگە ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ.ئاپتۇر بۇ نوقتىدىن تولىمۇ يارقىن ئىچىپ بەرگەن.
بەدئىى قۇرۇلما ۋە بەدئىى تىل جەھەتتە: بۇ ھېكايىدە تەسۋرلەنگەن   تۇرمۇش بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ پىرسۇناژلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى-مۇ بىر خىل يۇشۇرۇن ئىپادىلەنگەن.ئاپتۇر مۇشۇنداق مۇرەكككەپ تۇرمۇش كارتىلىرنى ۋە ئەگىرى –توقاي ۋەقەلكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆپ ئىزدەنگەن ،شۇنداقلا ھىكايىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن چۇۋالچاق بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. مەسىلەن: ھىكايىدىكى ئايالنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ چىگىش مەسللەر بىلەن يۇشۇرۇن ئىپادىلەنگەن . خاراكتىرى،مىجەزىمۇ خىلىلا مۇرەككەپ،ئاپتۇر مۇشۇنداق ئەھۋالدا  ھىكايىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن چۇۋالچاق بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تەپسىلاتلار تەسۋىرىنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بەرگەن.ھىكايىگە كىرەكلىك بولغان بارلىق چوڭ-كىچىك تەپسىلاتلارنى ئمكانىيەتنىڭ بارىچە باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. دېمەك، مۇكەممەل بەدئىى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىككە دىققتىنى بەكرەك مەركەزلەشتۈرگەن.مۇكەممەل چىققان ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن  بەدئىى تىل جەھەتتىمۇ بالاغەتكە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    ھېكايىدە تىل جەھەتتە قۇيۇق ئەدەبىى تىل ئشلىتىلگەن بولۇپ ،ئەسەرگە بەدئىى بالاغەت ئاتا قىلغان .بەدئىى تىلنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .           
       بىرنچىدىن بۇ ھېكايىدە ئاپتۇر بايان تەرتىپى جەھەتتە تەرتىپلىك  بايان،بايان تىلى جەھەتتە ئىككىنچى شەخس تىلىدائورۇنلاشتۇرغان.بۇ چاغقىچە ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ مەن ئوقۇغان ئەسەرلىردە بىرنچى،ئككنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغانلىقنى ئۇچراتقانمەن،ئەمما بۇ ھېكايىدە يىڭىچە بايان تىلى بولغان ئككىنچى شەخىس تىلىدا قوللىنىپ بەدئىى ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتقان.بۇ ئۇنىڭ بۇ ھېكايىدىكى يېڭى بىر بايقاش دەپ قارايمەن.
   ئككىنچىدىن،تەسۋىرلەش ئوبىكتى جەھەتتە،ئاپتۇر ئۆزى ياشغان شەھەر مۇھىتىدىكى ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئوي خىيىاللىرنى ياشاش ئالاھىدىلىكنى،مىجەز خاراكتىرى تۇرمۇش ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە كۆزىتىش نوقتىسىدىن چىقىپ يارقىن ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسنى ئىچىپ بەرگەن.ئاپتۇر ماھىنۇر ئابدىلىم يەنە بايانشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئەسەردىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى بايان سۈپىتىدە ھېكايىدە ئوتتۇرىغا چىققان.باشتىن ئاخىر باش پىرسۇناژنىڭ پىسخىكىسى ،ئىنتىلىشى،ئارزۇ-ئارمانلىردىن تارتىپ،ھىس-تۇيغۇ ۋە نازۇك سەرگۈزەشتىلىرنىمۇ ئوبدان  ھىس قىلىدۇ،پىرسۇنازلارنى كۆزتىش نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
        ئۈچىنچىدىن،بەدئىى تىل جەھەتتە: ئاپتۇر ھېكايە تىلنىڭ تېخىمۇ جانلىق،ئوبرازلىق بولۇشى ئۈچۈن ئەسەر تىلىغا ئوبدانلا ئشلىگەن.بولۇپمۇ ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان،سۈپەتلەش،مۇبالىغە،سېلىشتۇرۇش،ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئستىلىستىكلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە پىرسۇناژلارنىڭ روھى ھالىتنى،مىجەز-خاراكتىرنى ناھايتىى ياخشى سۈرەتلەپ بىرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.ئۇنىڭ ئىچىدە ئوخشىتىش بىلەن سۈپەتلەش،جانلاندۇرۇش ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان .دېمەك بەدئىى ۋاستىلەر ئەسەر تىلىغا ئاجايىپ جان كىرگۈزۈپ،باش پىرسۇناژلىق رولىدا چىققان نامسىز ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىچىپ بىرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
        دېمەك ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ«ھايات خاتىرسىنىڭ قاتلانغان بېتى» دېگەن بۇ ھېكايىسى يۇقارقىدەك بىر قاتار بەدئىى ئالاھىدىلىكى بىزنى ئۆزگىچە ھاياجان قوزغايىدۇ.خۇددى گۈلنىڭمۇ تىكىنى ،ئاينىڭمۇ دىغى بولغىندەك ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ بۇ ھىكايىسىدىمۇ مەزمۇن ۋە بەدئىيلىك جەھەتتىمۇ قىسمەن دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان يىتەرسىز تەرەپلەرمۇ  بار. ئاپتۇر ئەسەردە بىرخىل بوشلۇق قالدۇرۇپ قويغان.بۇ بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنشقا قالدۇرغان تەسەۋۇر بوشلۇقى بولسا كېرەك. بۇ بىر مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان يىڭىچە ئۇسلۇپ دەپ قارساق بولىدۇ.بىراق،ھىكايىدىكى مېھىربان،دەرتمەن ئايال پىرسۇناژنىڭ ھايات شاخلىردا تالاي  قىتىم پۇچلانغان قىسمەتلىرىنى،يۇرمۇشنى شۈنچىلىك جەبىر-جاپا،قېيىنچىلىق ئاستىغا كۆمۈلگەنلىكىنى يۇشۇرۇن ئوخشىتىشلاردا ئىپادىلەيدۇ.  بۇ ئايالنىڭ شۇ قىسمەتلىرگە سەۋەپكار بولغان شەخىس توغىرسىدا ئېنىق مەلۇمات بىرىلمىگەن، پەقەت ئەسەردە ئۇ توغىرسىدا يۇشۇرۇن مەنە ئاڭلاتقان.ئەگەر ئۇلار توغىرسىدىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر بىرىلگەن بولسا،ھىكايە مەزمۇن جەھەتتىمۇ تېخىمۇ جانلىق،چوڭقۇر، ياخشى چىققان بولاتتى.لىكىن شۇنداقتىمۇ يۇقارقى بىر قىسىم نوقسانلار ھىكايىنىڭ ئومومى مەزمۇنىغا،بەدئىلىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
      ئاخىردا، مەن ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ بۇنڭدىن كىيىنمۇ يۇقارقىدەك بىر  قاتار ئىدىيىۋى ۋە بەدئىى مۇۋەپپەقيەتلىرى بىلەن مەنىۋى دۇنيارىمىزنى يېرىپ بىزنى ئادىمىلىك،ئىنساننىڭ مېھىر-مۇھەببەت تەشنالىقى بىلەن  ئوزۇقلاندۇرۇشقا تىلەكداشمەن.      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 17:25  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 273
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 17:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى مەنمۇ بەك ياختۇرىمەن....نۇرزادىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 23:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرزادە،گەرچە بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ ماقالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چېقتىم ۋە نۇرغۇن يەرلەردە جۈملىلەرنىڭ باغلاشماي قالغانلىقىنى،بەزى سۆزلەرنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى  شۇنۇڭدەك پىرسۇناجلار ئوبرازىنى تەسۋىرلەشتە يەنە ئاز-تولا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم.ئەلۋەتتە،مۇشۇنچىلىك بىر پارچە ئەسەرنى يېزىپ چېقماق ئاسان ئەمەس ئەمما ئىپادىلەشتە كۆپ دېھقەت قىلمىساق بولمايدۇ.
  لىكىن شىجائىتىڭىزگە ئاپىرىن!

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 09:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىققان ھېكايە ئىدى، خېلى ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 16:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم نۇرزادە،
ماقالىنى مەن تەپسىلىي ئوقۇدۇم. مېنىڭ  ئەڭ خۇش بولغىنىم، سىزنىڭ بۇ ساھەگە كىرگەنلىكىڭىز... بەك توغرا قىلغاندەك قىلىسىز... بۇ يولغا كىرەي دىسىڭىز، چۇقۇم « قاپ يۈرەك »، « قارا يۈز » بولۇشتىن قورقماڭ! زۆرۈر تېپىلغاندا، سىزگە سەمىمىي ياردەملەردە بولىمىز...
ئامان بولۇڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 16:25  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurbag يوللىغان ۋاقتى  2013-7-10 16:22
سىڭلىم نۇرزادە،
ماقالىنى مەن تەپسىلىي ئوقۇدۇم. مېنىڭ   ...

سىلەنىڭ ماڭا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگىنىڭلاغا ۋە قوللىغىنىڭلاغا رەخمەت! مەن بۇ ساھەدە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەنىڭ ماڭا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگىنىڭلاغا ۋە قوللىغىنىڭلاغا رەخمەت! مەن بۇ ساھەدە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 836
تۆھپە : 0
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 23:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرزاد ماقالىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ياخشى يېزىپسىز.تارىمغا بېرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش