بۇزدۇڭسەن يەنىلا شېرىن چۈشۈمنى................. مۇھەممەتجان سەيدۇللا
ئالەمچە سۆيگۈ ، ئالمىدەك يۈرەك......................... رۇزىمۇھەممەت ئابلىپىز
چىن شائىرغا........................ .......................... ئابدۇرېھىم قاسىم
مەن ناخشىغا ئاشىق ........................................ ئېزىز ئىمىر يانغىن
... غا .......................................................... ئاينىساگۈل ھەبىبىللا
تاغلىرىم ............................................ ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى
بەلكىم مېنى ئۇنتۇپ كېتەرسەن............................ ئەنۋەر يۈسۈپ تىركەش
بالام ، ئېسىڭدىمۇ ؟ ( نەسىر )............................. نۇرنىيە مۇتەللىپ
بۇزدۇڭسەن يەنىلا شېرىن چۈشۈمنى
مۇھەممەتجان سەيدۇللا
ئاھ ، گويا ئىچىمدە كۆيمەكتە بىر ئوت،
ئاھ، گويا چىقماستىن قىينىلار بۇ جفن.
ھەر دىلغا ئاراملىق بەرگەندە ئۇيقۇ،
ئارامىم تېخىمۇ بۇزۇلار جانان.
تىپىرلار كۆكرەككە پاتماي بۇ يۈرەك،
ھەي ، قېنى شادلىققا تولغان شۇ ئاخشام.
ئېھتىمال ، بىر ئۆمۈر تۇنجۇقتى كۈلكەم،
ئېھتىمال، بىر ئۆمۈر تۇجۇقتى ناخشام.
ئەمدى كۆز ئۇيقۇغا ئىلىشكەن مەھەل،
بۇزدۇڭسەن يەنىلا شىرىن چۈشۈمنى.
ئاڭلىغان ناتونۇش يىغلايدۇ ھەتتا،
ئىشتكەن چاغ ئەلەملىك جۆيلىشلىرىمنى.
مۇھەررىر :
تۇرغۇن پەيزۇللا
مەسئۇل مۇھەررىر :
ئابلىز ئابلەت مەخسۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-8 15:26