كۆرۈش: 9034|ئىنكاس: 38

زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىت: ئاخىرقى كۈز (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2692
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 ئاخىرقى  كۈز

                                                        (ھېكايە)

                                                زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىت

  ئۇ باش ئۇستىدە ئىللىق نۇر چېچىپ  تۇرغان قۇياشقا قاراپ كۆزلىرىنى قىسىپ كۇلۇمسىرىدى-دە،ئامبار ئۆيگە كىرىپ كەتمەن بىلەن ئورغاقنى كۆتىرىپ چىقىپ تال قېرىمنىڭ قىرىغا قويۇپ قويغان خام خىش چوڭلىغىدىكى بىلەي تاشقا قول چۆگۇندە سۇ قۇيۇپ ئورغاقنى بىلەشكە باشلىدى.
-ما ئادەمنى تېخى ئورمىغا خېلى ۋاقىت بار تۇرسا،ئورغاق بىلەپ ئولتۇرغىنىنى- دىدى كالا ساققان سۇت چىلىگىنى كۆتىرىپ كېلىۋاتقان ئايالى.
  -دىخان دىگەننىڭ ئورغىغىنى كەتمىنىنى دات باسسا بولمايدۇ،بىلەپ پاقىرىتىپ قويسام ۋاقتى كەلگەندە ئالدى –ئارقامغا قاراپ قالماي كۆتۇرۇپلا ئېتىزغا چىقالايمەن- دىدى، ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىدىن بېشىنى كۆتۇرمەي .
-كالىلارنى سېغىپ بولدۇم -دىدى ئايالى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ،بۇ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا كالىلارنى ئوتلاتقىلى ئېلىپ چىقىدىغان چاغ بولدى دىگىنى ئىدى.
  ھە- مانا ھازىر -دىدى ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىدىن بېشىنى كۆتۇرمەي.
  قىشىچە قۇرۇق ئوت –چوپلەرنى يەپ زېرىككەن كالىلار ئېتىز قىرلىرىدا  ئەمدىلا باش چىقارغان يۇمران چۆپلەرنى يالماپ-يالماپ يەۋاتاتتى .ئۇ كالىلىرىنىڭ ئوت-چوپ يىيىشىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرۇپ بالىلىق چاغلىرىدىكى دائىم قوناق زاغرىسى يەيدىغان كۇنلىرىنى  ئەسلەپ قالدى .ئۇ چاغلاردىكى قىش كۇنلىرى ئەجەپمۇ زېرىكىشلىك ئىدى.ئەتىگەندىمۇ زاغرا نان بىلەن چاي،چۇشتىمۇ شۇ ،بەزىدە قازان ئېسىلماي قالسا كەچتىمۇ زاغرا بىلەن چاي.ئۇ يىللاردا ئەجەپ نامراتچىلىق ئاۋۇپ كەتكەن .قازان ئېسىلغان كۇنلىرىمۇ يېسۋىلەك سېلىپ قورۇما قورىغان لەغمەن گۆشنى ئايدا بىر كۆرەمتى ئادەم.لەغمەن گۆشى يوق بولسىمۇ ھەر نىمە بولسا زاغرا ناندىن يىيىشلىك ئىدى .ئاچىچچىقسۇ بىلەن قىزىلمۇچ قىيامىغا مىلەپ يىسە گالدىن خېلى ئۆتەتتى.ھازىر ئايالى ئارىلاپ قوناق نېنى ياقسا ‹‹كىچىگىمدە ئاز يىگەنمىدىم››دەپ خاپا بولىدۇ ،ياز ئايلىرى نىمە دىگەن ياخشى ،ئۇرۇك ،ئالمىلار پىشىدۇ، يېڭى كۆكتاتلار چىقىدۇ.يېڭى كۆكتاتلارنى سېلىپ ئەتكەن تاماقلار شۇنداق ئوخشايدۇ.ئۇ كالىلارنىڭ قۇرۇق ساماندىن يېڭى ئوت-چوپكە ئۇلاشقىنىنى ئۆزىنىڭ زاغرىدىن يېڭى مىۋە كۆكتاتلارغا ئۇلاشقىنىغا ئوخشىتىپ كالىلارنىڭ ئاچكۆزلۇك بىلەن قىردىكى چۆپلەرنى يەپ بولغىنىغا قاراپ تۇرۇپ ‹‹زاغرىنىڭ بەتتەم تەمىدىن بىزار بولغان ئېغىزغا يېڭى كۆكتات مىۋىلەر شۇنداق لەززەتلىك تېتىيتى، كالىلار ھازىر شۇ لەززەتنى ھىس قىلىۋاتقاندۇ›› دەپ ئويلىدى.
  يىراقتىن بىر موتسېكلىت  بۇ تەرەپكە قاراپ توپا توزىتىپ كېلىۋاتاتتى.موتسېكلىت يېقىنلاپ كەلگەندە،ئۇ كېلىۋاتقان كىشىنىڭ ئەكبەر شاڭيو ئىكەنلىگىنى ئىلغا قىلدى.ئەكبەر دائىم خوتۇن –بالىلىرىنى ئېتىز –ئېرىقنىڭ ئىشىغا سېلىپ قويۇپ،ئۆزى ئېتىز بېشىغا موتسېكلىتنى گۇكىرىتىپ مىنىپ كېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىشىدىن پۇتاق چىقىرىپ ‹‹ئۇنى ئانداق قىلماپسىلەر، بۇنى مانداق قىلماپسىلەر! ›› دەپ يۇرىدىغان بولغاچقا،خوشنا ئېتىزدىكى كىشىلەر ئۇنى ‹‹‹غۇنچەم ››دىرامىسدىكى ئۆمەر شاڭيوغا ئوخشىتىپ ئۇنىڭغا شۇ لەقەمنى قويغان ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سابىر قانداق ئەھۋالىڭ،ئېتىزغا چوپ چىقماي تۇرۇپ يەنە سەن چىقىپ بوپسەن،ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئېتىز ئاشىغى –دە سەن .شۇنداق كۆيگىنىڭگە لايىق بۇ يەرلىرىڭ ئاز كۇندە مونەك-مونەك پۇل بولىدىغان بولدى.بايۋەتچىدەك ياشايدىغان ،ھىلىقى ئىشەك ھارۋاڭنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئېلىپ مىنىدىغان بولدۇڭ -دىدى ئەكبەرئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇپ تۇرۇپ.
   -نىمە دەۋاتىسەن ھوي،گەپلىرىڭنى ھىچ چۇشەنمدىمغۇ -دىدى ئۇ ئەكبەرنىڭ شەھەرلىكلەردەك كىيىۋالغان بوغماق خۇرۇم چاپىنىغا قاراپ قويۇپ.
-بىزنىڭ بۇ يەرلەر يېقىندا ئىختىسادى ئېچىۋېتىلگەن رايۇن بولىدىكەن.ھوكۇمەت مورىغا ئوتتۇز مىڭ كويدىن  پۇل بېرىپ يېرىمىزنى سېتىۋالىدىكەن .سېنىڭ ئون بەش مو يېرىڭ دىگەن توت يۇز ئەللىك مىڭ سوم بولىدۇ. بۇنچە كوپ پۇلنى سەن چۇشۇڭدىمۇ كورمىگەن بولغىدىڭ. بۇ دىگەن بىر ئامەت ،باشقا ئەترەتتىكى كىشىلەر لەۋلىرىنى چىشلەپلا قالدى،بىزنىڭ بۇ يەرگە خىزىرنىڭ نەزىرى چۇشكەنمىكىن.ئامەت دىگەن مۇشۇ يەرگىلا يېغىپتۇ.
   ئەكبەر شاڭيو يەنە نىمىلەرنى دىدى بۇنى ئۇ ئاڭلىمىدى.ئۇنىڭ قۇلىغىغا ئەكبەر دىگەن ‹‹يەرنى سېتىۋالغىدەك›› دىگەن سۆز ‹‹قىيامەت قايىم بولغىدەك›› دىگەن سۆزگە تەڭداش ئاڭلانغان ئىدى.شۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ سەزگۇ ئەزالىرى ئىشىتىن توختىغاندەك ھاڭ قاتقىنىچە تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى ئۆزى ھىساپلاپ بەرگەن شۇنچە كوپ پۇلنىڭ سانىغا بولغان ھەيرانلىق دەپ چۇشەنگەن ئەكبەر شاڭيو.
   -خوتۇن يەڭگۇشلەمسە ،جاي سالامسە،ماشىنا ئالامسە تازا ئويلىشىپ تۇر دەپ، موتسېكلىتىنى مىنىپ كېتىپ قالدى.
‹‹تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاسراش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.بىزنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارىمىز بار ›› مۇشۇ خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا ھىلىمۇ يېزىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئېسىقلىق تۇرىدۇ.ئۆتكەندە تۇرسۇنمەمەت ئېتىز بېشىغا ئۆي سېلىپ ئۆلتۇرىمەن دىگەندە ھوكۇمەت ئۇنىمىغانغۇ؟!ئەمدى بۇ قانداق بولغىنى .مۇشۇنچىۋالا يەرگە ئۆي ئىمارەت سالمىسا بولمىغىدەك نىمە ئىشتۇ بۇ ؟ بىنا سېلىپ ئولتۇرۇپ نان يىمەيدىغان ئادەملەرمۇ بارمىدۇ بۇ دۇنيادا؟دىخان بولسۇنۇ يېرى بولمىسۇن بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ئۇ تىلۋىزوردا شەھەرلەردىكى ئىشتىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ سەرگۇزەشتى تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى كورگەن ،لېكىن كىنولاردىكى ئاشۇ ئىشتىن قالغانلارنىڭ ھىسياتىنى بۇگۇنكىدەك رەسمى چۇشىنىپ باقمىغان ئىدى.ئۇنىڭ ئەزەلدىن خىزمىتى بولمىغاچ خىزمەتتىن قېلىشنىڭ يەۋاتقان ناندىن ئايرىلىپ قېلىش ئىكەنلىگىنى ئۇ چۇشەنمەيتتى.ئاشۇ كىشىلەرنى پەقەت ئەتىگىنى بېرىپ ئاخشىمى كېلىدىغان ئۇستەل –ئورۇندۇق قويۇلغان بىر ئۆيگە بارمايدىغان بولىدۇ، دەپلا ھىس قىلاتتى،ئۇلارنىڭ ئۆزىدەك مەلۇم بىر جايدا تېرىپ يەيدىغان يېرى باردەك ،ئۇ يەردىن ئاش-نان ،سەي-كۆكتات ھەممىىسى چىقىدىغاندەك ئويدا بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئازاپلىرىنى چۇشەنمەپتىكەن .مانا بۇگۇن بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە .ئۇ ھەممىنى بىر يولىلا چۇشەندى.ئەكبەر شاڭيونىڭ بايىقى گېپىدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمىدىن بىر نەرسە ئاجراپ كەتكەندەك بولۇپ ، ئەزەلدىن خاپىلىق تارتسا ئاغرىدىغان ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىدى .ھازىر ئۇنىڭغا ئاشقازنىنىڭ ئاغرىغىدىنمۇ بەك مىڭىسىنى جاۋابى يوق سوئاللار قوچۇپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ ھازىرلا قايسىدۇر بىر چوڭ باشلىقنى ئىزلەپ تېپىپ ،يەرنىڭ دىخاننىڭ –جېنى ئىكەنلىگىنى چۇشەندۇرۇپ ،ئۇ باشلىقنى قايىل قىلىپ مۇنۇ يەرلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغۇسى كېلەتتى .لېكىن كىمنى ئىزلەشنى بىلمەيتتى .يىل بويى مۇشۇ يېزىدىن چىقماي ئۆتكەن ئادەم تۇرسا نەدىمۇ باشلىق ،كاتتىباشلارنى تونىسۇن .  ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىر ئىش قىلمىسا بولمايدىغاندەك تىت –تىت بولۇپ بىر ئىزىدا تۇرالمايتتى،لېكىن نىمە ئىش قىلىش كېرەكلىگىنى بىلمەيتتتى .
   كۇزلۇك بۇغداي مايسىلىرى باش كۆتۇرگەن ئېتىزلىرى كۆزىگە ئاجايىپ چىرايلىق كورۇنۇپ كېتىۋاتاتتى،خۇددى بۇ ئالەمدە بۇنداق چىرايلىق ئېتىز يوقتەك ،ئېتىزلىرىغا قارىغانچە تۇراتتى.ئۇ يەرلىرىگە ھەر يىلى كۇزگى بۇغداي تېرىيتتى.چۇنكى كۇزگى بۇغداينىڭ ئۇنىنىڭ لەغمىنى ئوخشايدۇ ،سوزسا سوزۇلۇپ لەغمىنى تارىدەك ئىنچىكە چىقىدۇ،نىمىلا دىگەن بىلەن قىشنىڭ زىمىستان سوغۇقىنى كۆرگەن مايسىلارنىڭ تۇتقان دېنى زىمىستان كۆرمىگەن يازغى بۇغداي مايسىلىرىنىڭكىدىن ياخشى بولاتتى .خۇددى خاپا تارتقان ئادەم بىلەن جاپا تارتمىغان ئادەم ئوخشىمىغاندەك.
خەقلەر دىخان دىگەن مەڭڭۇ باي بولمايدۇ دەيدىكەن .ئۇ دىگەن دىخاننىڭ بايلىغىنى ھىس قىلالمايدىغان ئادەملەرنىڭ گېپى.كاتەكتەك ئۆيدە قىسىلىپ ئولتۇرۇپ كەڭ ئايۋان-پىشايۋانلاردا يايراپ يۇرگەن دىخانلارنى شۇنداق دىيىشتىن خىجىلمۇ بولمايدىكەن،ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ شەھەرلىك تۇققانلىرى ھەر چىقسا قوغۇن-قاپاقتىن تارتىپ ئوسما ،كۆكتات مىۋە –چىۋىلەرگىچە ماشىنىلىرىغا بېسىپ ماڭىدۇ ،ئۇلار شەھەرگە  بارسا،شۇ تۇققانلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر قاچا تاماقنى ئاران قويالايدۇ،ئاشۇلار بايمۇ تېخى ،ئۇلارنى باي كورسىتىۋاتقىنى ئاۋۇ ئۇستىدىكى پاقىراپ تۇرغان كىيىملىرى ،شۇ كىيىملەردە دىخاننىڭ ئەجرى يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟.ئۇلارنىڭ تار ئۆيلىرىدە ئۇ بىر قاچا تاماقنى يەپ بولغىچە دېمى تۇتۇلۇپ كېتىدۇ،‹‹تار يەردە گۆش يىگىچە كەڭ يەردە مۇش يە ››دەپ بىكار .ئېيتمىغاندە كىشىلەر .
    ئۇ ئاتا –بوۋىسىدىن تارتىپ يەر بىلەن ئېيتىشىپ كەلگەن دىخاننىڭ بالىسى ،بۇ يېزىدىكىلەر دىگەندەك ئېتىزغا چوپ چىقماستىن بۇرۇن ئۇ چىقىپ بولىدۇ ،تاكى قار چۇشكىچە ئېتىزدا يۇرىدۇ ،ياز كۇنلىرى خاماندا ،قوغۇن –تاۋۇز بېقىپ ساتمىدا يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.كىچىگىدە دادىدسى بىلەن ئەترەتنىڭ ئېتىزلىغىدا قونۇپ قالغان كۇنى ئاسماندىكى چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ خوش بولۇپ چۇڭۇلداپ ئۇخلىمايتتى.ئون ئۇچ ياشقا كىرگەن چېغىدىن تارتىپ دادىسى بىلەن ئەترەتنىڭ .ئېتىزلىرىغا سۇ تۇتىدىغان ،ئورما ئورىدىغان بولدى،مانا ئەمدى شۇنداق گۇزەل ياز كېچىلىرى ،شۇنداق خوشاللىقلار يوق بولارمۇ؟
  يەرلەر كۆتۇرە بېرىلگەندە ئۇنىڭ ئۆيىدە بەش جان بار ئىدى .شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھەر بىر جانغا ئۇچ مودىن ئون بەش مو يەر بولۇپ بېرىلدى.ئەترەتنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىغىدىكى ئات ،كالا ،قويلىرى چەك تاشلاش ئارقىلىق ئەترەت ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى .ئۇنىڭغا بىر سېغىن كالا تەگدى.ئۇكالىنى يېتىلەپ ھويلىغا كىرگەندە ئايالى ئادراسماننى كۆيدۇرۇپ كالىنىڭ چاتلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئىسرىق سلىپ كالىنىڭ ئۆزلىرىگە مال بولۇپ قېلىشىنى تىلىگەن ئىدى.ئاشۇ كالا ئۇنىڭ قوتىنىنىڭ بەركىتى بولۇپ قالدى .شۇ كالا قوتىنىغا كىرگەندىن بېرى ماللىرى ئاۋۇپ باردى.مانا ھازىر يەتتە كالىسى قىرىق نەچچە تۇياق قويى بار .خەقتەك قاسساپنىڭ كانارىدىن گۆش سېتىۋېلىپ يىمەيدۇ ، گۆش يىگىسى كەلسە پىچاقنى بىلەيدۇ.ئايالى شۇ كالىلارنىڭ سۇتىنى سېتىپ ئۆينىڭ بار –يوقىنى غەملەيدۇ .كالىنىڭ تېزىگى بىلەن قوينىڭ مايىغىنىڭمۇ ئىشلىنىغان ئورنى بار يەرگە چاچسا ئوغۇت ،ئوچاق ،تونۇرغا قالىسا يېقىلغۇ .ئىشقىلىپ مال دىگەن نەرسىنىڭ خاسىيىتى بەك كۆپ بولىدىكەنغۇ!ئۇنىڭ توخۇلىرىنىمۇ شەھەرلىكلەر يەرلىك توخۇ دەپ ئەتىۋارلاپ ئەكىتىشىدۇ.ئۇنىڭ مۇشۇ مال –ۋارانغا يېتىشىشى ئاشۇ ئون بەش مو يەرنىڭ خاسىيىتىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟ئۇ ئېتىز –قىرلىرىدىن باغلام-باغلام چۆپلەرنى يۇلۇپ،ئورۇپ كىرمىگەن بولسا كۇز ،قىش كۇنلىرى لاپاس ،دەرۋازىنىڭ ئۇستى دىگەندەك يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوت-سامان،قوناق شېخى،ئاپتاپپەرەسنىڭ قاسقىنى دىگەندەك يەم –خەشەكلەرگە تولۇپ تۇرمىسا ماللىرىنىڭ قوسىغى تويۇپ شۇنداق كۆپىيەلەمتى؟
   بۇرۇن يېزىدا سەۋزە دىگۋار قىلىدىغان ئىش يوق چاغدا ھىچكىم بۇغداي ئېڭىزىغا سەۋزە تېرىمىغان چاغدا ئۇ مۇشۇ ماللىرىنى دەپ بۇغداي ئېڭىزىغا سەۋزە تېرىغان .قىش كۇنى چوڭ ئىككى كۆكتات گەمىسىگە نىقتاپ بېسىۋالغان سەۋزىلەرنى ئۇ كۇندە بىر سىۋەت ئېلىپ ،قوي –كالىلارنىڭ ئوقۇرىغا تاشلاپ بېرەتتى ،رەسىدە بولغان قىزنىڭ يۇزىدەك قىزىل سۇلۇق سەۋزىلەرنى قوي-كالىلار بىر –بىرىدىن قىزغىنىشىپ كاراسلىتىپ يىيىشەتتى .ئۇ سەۋزە تېرىۋاتقاندا ‹‹ نىمە قىلارسەن سابىر سەۋزە تېرىيمەن دەپ جېنىڭنى قىيناپ››دىگەن خوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى قىش كۇنلىرى‹‹ئىسسىق تۇتۇپ قاپتىكەن سوغۇق سەي قىلاي دىگەن ››دەپ ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە سەۋزە سوراپ كىرەتتى.  
    ئۇنىڭ بۇغداي ئېڭىزىغا سەۋزە تېرىپ بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىنىنى كۆرگەن يېزىلىق ھۆكۇمەتنىڭ بىر كادىرى بىر يىلى دىخانلارنى يىغىپ يېزىلىق ھوكۇمەتتە يىغىن ئېچىپ‹‹بىر يىلدا يەردىن ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش دىخانلارنى بېيىتىشنىڭ پارلاق يولى .بىز بۇ يولدا بىزگە ئۇلگە بولغان سابىر تۇرغۇندىن ئۇگىنەيلى›› دەپ ئۇنىڭغا تەقدىرنامە بەرگەن ئىدى .ئىككىنچى يىلى دىخانلارنى بۇغداي ئېڭىزىغا سەۋزە تېرىشقا يېزا سەپەرۋەر قىلىپ سەۋزە تېرتقان ھەم شەھەردىكى سودىگەرلەر بىلەن يېزا كادىرلىرى توختام تۇزۇپ سەۋزىلەرنى سېتىپ بەرگەن شۇندىن بېرى سەۋزىلەر كولىنىشى بىلەنلا ماشىنىلار يېزا يولىدا قاتارلىشىپ كېلىپ سەۋزىلەرنى بېسىپ كېتىدىغان بولدى . شۇندىن بېرى دىخانلارنىڭ قولى پۇل كۆرۇپ كىگىزلىرى گىلەمگە ئالماشتى.
   ئۇ ئەزەلدىن بۇ يېزىدىن چىقىپ چوڭ شەھەرلەردە ياشاشنى ئويلاپ باققان ئەمەس ،يەرگە ئىشلەشنى ،تەر توكۇشنى جاپالىق ھىس قىلغانمۇ ئەمەس ،مۇشۇ ئون بەش مو يەر ماگنىت تومۇر پارچىسىنى تارتقاندەك ئۆزىگە تارتىپ،ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ ئەللىك ياشتىن ھالقىتقان .ئەگەر  ھۆكۇمەت  يېرىنى ئۆتكۇزۇۋالسا ئۇنىمە ئىش قىلار ئۇنىڭ ھىچ قانداق ھۇنىرى يوق ئەگەر ھۇنىرى بار دىيىلسە بىردىن –بىر ھۇنىرى ئېتىز –قىرلىرىغا تېرىغان سۇپۇرگە قوناقلىرىدىن سۇپۇرگە بوغالايدۇ.ئۇئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ھىچقانداق ھۇنىرى يوقلىغىنى بۇگۇنكىدەك ئېنىق ھىس قىلىپ باققان ئەمەس ئىدى.ئۇ ئېتىز بېشىغا چىقسا تەنلىرى يايراپ ،تېرىلىرىگە سىغماي قالىدۇ.ئۇ بارلىق كۇچىنى زېھنىنى ،تەرىنى مۇشۇ يەرلىرىگە ئاتىۋەتكەن ‹‹سەن يەرنى ئالدىساڭ يەر سېنى ئالدايدۇ ››مانا بۇ گەپنى دادىسى تولا دەپ ئۇنىڭ قۇلىغىغا قۇيىۋەتكەن .ئۇ ئەزەلدىن يەرلىرىنى ئالداپ باقمىدى .شۇنىڭغا لايىق زىرائەتلىرى ئوبدان ھوسۇل بېرىپ دېنى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى باقسا،شاخ-غوللىرى بىلەن ماللىرىنى باقتى،تېخى ئوچاق –تونۇرلىرىنىڭ يېقىلغۇلىرىمۇ ئۇزۇلۇپ قالمىدى .دىخاننىڭ ھويلىسىغا دوۋىلەپ قويۇلغان تاغدەك-تاغدەك شاخ –شۇمبىلار ئارتۇقچە نەرسە ،ئەخلەت ئەمەس،ئۇمۇ بايلىق ئۇمۇ مول-ھوسۇل.
دادىسى يەنە‹‹دىخان خاتا گەپ قىلمايدۇ ››دەيدىغان.دەسلەپ خىمىيىۋى ئوغۇت چېچىپ يەر تېرىش تەشۋىق قىلىنغاندا دادىسى قاتارلىق بىر مۇنچە كىشى بۇنىڭغا قارشى چىققان ،بىراق ئەترەت باشلىغى بىر نەچچە كادىر چىراي كىشىلەرنى باشلاپ كېلىپ گېزىتتىن يېرىگە خىمىيىۋى ئوغۇت چېچىپ مول –ھوسۇل ئالغان يېنىغا لىق تولدۇرۇلغان  بىر تاغار قويۇلغان كۇلۇپ تۇرغان سېمىز دىخان بىلەن ،يېرىگە خىمىيۋى ئوغۇت چاچماي ھوسۇل ئالالمىغان ئارا –گۇرجەكنى قۇچاقلاپ تۇرغان خاپا چىراي ،ياداڭغۇ دىخاننىڭ رەسىمىنى كورسىتىپ تولا چۇشەندۇرۇپ ،بىر نەچچىسىنى قايىل قىلىپ قايىل بولمىغانلىرىنى زورلاپ يۇرۇپ يېرىگە خىمىيىۋى ئوغۇت چاچقۇزغان دادسى‹‹بۇ دىگەن زەھەر ،زىرائەتلەرنى ئەمدى زەھەر بىلەن سۇغۇرۇپ يەيدىغان بوپتۇق ،قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق پەن-تېخنىكىسى››دەپ سۆزلەپ يۇرگەن ئىدى.مانا دادسىنىڭ گېپى توغرا چىقتىغۇ!يەرلەر قېتىپ سىموتتەك بولدى .ئاشۇ چاغدا دادىسىغا خىمىيىۋى ئوغۇت ياخشى دىگەن  كادىر غوجاملار ،شېكەر سىيىش كېسىلى ،قان بېسىم دىگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ،خىمىيىۋى ئوغۇت چاچمىغان ،يەرلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغان زىرائەتلەرنى ‹‹يېشىل مەخسۇلات ،ئورگانىك مەخسۇلات ››دەپ قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى.
ئۇ يەرلىرى كوتۇرە بېرىلگەندىن بېرى يەرلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاپ كەلدى .يەرلىك ئوغۇت چاچسا يەرلىرىنى چۆپ بېسىپ كەتسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ۋايساپ كەتمەيتتى.ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ ،ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ ئېتىزغا بېرىپ زىرائەتلىرى ئارىسىدىكى چۆپلەرنى يۇلۇپ قوي-كالىلىرىغا ئەپكىرىپ بەرگىنىدە ،ئاشۇ كالا تېزىگى ،قوي مايىغى ئارىسىدىكى ئوت –چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ بىر ئادەمگەرچىلىك باردەك ھىس قىلاتتى .كالا –قويلار يىگەن چۆپ ئۇرۇقلىرى ئۇلارنىڭ تېزەك- ماياقلىرىغا ئارلىشىپ سىرتقا چىقىپ ئېتىزلاردا ئىككىنچى يىلى ئۇنەتتى ئۇنگەن  چۆپلەر يەنە كالا ،قويلارغا يەم بولاتتى.يىللار ئۆتەتتى .بۇ ئىش مۇشۇنداق ئايلىنىپ داۋاملىشىۋېرەتتى.خۇددى ئاياللار بىر –بىرىنىڭ ئۆيىگە داستىخان كۆتۇرۇپ بارغاندەك ،ئېلىش ياندۇرۇش داۋام قىلىۋېرەتتى .ئوت-چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سېھرى كۇچ قوي-كالىلارنىڭ ئۇچەي –قېرىنىدىن ئوتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ھاياتى كۇچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ئېتىز –قىرلاردا ئۇنەتتى.
   ئۇنىڭ خىياللىرىىڭ ئاخىرى ھىچ چىقىدىغاندەك ئەمەس.خىىياللىرى ئارىسىدىن بىرەر ياخشى ئامال تېپىلىپ قالىدىغاندەك ،ئويلايتتى،ئويلايتتى،بېشىنى كۆتۇرمەي ئويلايتتى .كالىلىرىنى ھەيدەپ مەھەللىگە قايتىپ كېلىۋېتىپمۇ ئوي-خىيللىرى ئىچىدە ئالدىدا يوغان –يوغان تېزەكلەپ كېتىۋاتقان كالىلىرىنى ئۇ ھەيدەپ ئەمەس،ئۆزىنىڭ كالىلارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىنىمۇ ھىس قىلماي بېشىنى سالغانچە كېتىۋاتاتتى .كالىنىڭ ئىسىق تېزىگىدىن چىققان پۇراق بۇرنىغا پۇرىغاندىلا ئۇ ئۆز مەھەللىسىگە كېلىپ قالغانلىغىنى بىلدى .كالا دىگەننىڭ مۇشۇ تېزىگىنىڭمۇ ئىشلىنىدىغان ئورنى بار .ئادملەر تېخى بىر –بىرىنى‹‹ كالىدەك دوت››‹‹كالىدەك تومپاي››دىيىشىپ كېتىدۇ ،ئۆزى كالىچىلىكمۇ بىر ئىش قىلالماي تۇرۇپ،تېخى ئۆزىدە دىخاندا بار ئادىمىلىك يوق بەزى كىشىلەر تېخى ‹‹دىخان چىراي››‹‹دىخان پەدىسىدە››دىگەن گەپلەرنى مەدىنىيەتسىز كالامپاي دىگەندەك مەنىلەرگە تەڭداش قىلىپ دەپ كېتىدىكەن ،دىخان بولمىسا ئاشۇ غوجام ،خېنىملار نىمە يەيدىكەن سۇرۇشتۇرۇپ كەلسە ئۇلارنى بىقىۋاتقنى يەنىلا دىخان ،پاكىز ئوينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ كومپىيوتېر دىگەن بىر نىمىدە ئۇنى بۇنى بېسىپ قويغانغا قوساق تويامتى.
    بۇرۇن ئۇ غوجام ،خېنىملار شەھەردە چىراقلار يېنىپ تۇرغان رىستۇران ،ئاشخانىلاردا بەزمە –باراۋەت قىلىدىغان بولسا ،ھازىر ماشىنا مىنگەندىن بېرى ‹‹دىخانلار ئارامگاھى ››دىگەندەك جايلارنى ئىزلەپ يېزا –قىشلاقلارغا يۇگرەيدىغان بوپتۇ.ئۇلارنىڭ بەت قىلىقلىرى مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى دىخانلارنى خېلى زېرىكتۇردى،خۇدادىن قورقمايدىغان نىمىلەر بىر ۋاق ناماز يوق ،قىزىدەك ،سىڭلىسىدەك قىز-چوكانلارنى ئەگەشتۇۇپ كېلىپ ھاراقنى بولىشغا ئىچىپ قىلىپ كېتىدىغان ھاياسىزلىقلىرى،شۇلارنىڭ قەدىمى تەككەندىن بېرى يېزا –قىشلاقلاردىمۇ ئىنساپ-تەۋپىق كوتۇرلۇپ كېتىۋاتىدۇ.يول بويىدا ئۆيى بار توختاخۇن بىر يىلى كەڭ كەتكەن ئالمىلىق بېغىنىڭ دەرۋازىسىغا‹‹دىخانلار ئارامگاھى ››دەپ ۋىۋىسكا ئېسىپ قويىۋىدى ،يازىچە غوجام ،خېنىملارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمىدى .ئۇ غوجاملار دىخاننى شۇنچە دوت كورەمدىكىن ساۋاقدىشىم دەپ قويۇپ قىزلارنى باغنىڭ بۇلىڭىغا ئېلىپ كېتىپ...توختاخۇننىڭ يۇمران كوكاتلىق بېغى دەسسىلىپ تاقىرلاشتى .باغ ئىچىنى تازىلىق، قەغىزى سولياۋ خالتلار  بىر ئالدى مەس غوجاملار ئالمىنىڭ تۇۋىگە ،تامنىڭ تۇۋىگە سىيىپ باغنى سېسىق پۇرىتىۋەتتى،بۇنىڭدىن جىلە بولغان توختاخۇن باغنىڭ تېمىغا  :

سولىتى شەنجەڭ سۇپەت ،قىلىقى سەت ئوغرىلا،
لالما ئىتتەك تامغا سىيمەي ،كوتۇڭنى توشۇككە توغرىلا.

دەپ قوشاق يېزىپ قويدى.بىراق بۇ غوجاملار خەت ئوقۇيالىغىنى بىلەن چۇشىنەلمەمدىكىن يەنە قىلىدىغىنىنى قىلىۋەردى.توختاخۇن ئىنساپلىق ئوغلىنىڭ ھايالىق قىزىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى، ئاخىرى بولدىلا تاپماپتىمەن شۇ پۇلنى بۇرۇنمۇ ئاچ قالمىغان ئىدىمغۇ؟دەپ  ئارامگاھنى تاقىۋەتتى.بۇ غوجاملارنىڭ يىيىشىگە توخۇمۇ توشىمايدىكەن .ئەسلى بىزنىڭ رەسمىمىزدە قىچقارمىغان خورازنى يىمەييتۇق ،يىمەكچى بولغان توخۇنى يەتتە كۇن باشقا توخۇلاردىن ئايرىپ بېقىپ دان بىلەن سۇ بېرىپ باشقا قالايمىقان نەرسە يىگۇزمەي يەتتە كۇن توشقاندا ئاندىن يەيدىغان ،بۇ خوجاملار قىچقارمىغان خوراز بولامدۇ .بايىلا پوق تاتىلىغان مىكىيان بولامدۇ ،چاتىغى يوق يەۋېرىدىكەن ،شۇ بىر يىلدا بۇ يېزىدا توخۇنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكىلى ئاز قالدى.
   ئۇ خىيال بىلەن مېڭىپ دەرۋازسى ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى تۇيماي قالدى،كالىلار دەرۋازىدىن كىرىپلا ئۇدۇل قوتان تەرەپكە ماڭدى،ئوغلى ئۆيدىن چىقىپ كالىلارنىڭ كەينىدىن قوتاننىڭ ئىشىگىنى ئەتكىلى ماڭدى.ياغلىقنى چىكىلەپ چىككەن كېلىنى قول چوگۇننى كوتۇرۇپ چىقىپ ئۇنىڭ قولىغا سۇ بەردى .ئۇ ئىشىگى داغدام ئوچۇق تۇرغان دالان ئۆيگە قەدەم بېسىپلا،مېزىلىك قىيما پۇرىغىنى پۇرىدى،كېلىنى قازاندىكى ياغاچ قاسقاندىن ھورى كوتۇرلۇپ تۇرغان بولاق مانتىنى لىگەنگە ئېلىپ شىرەگە ئەپكەلدى.شىرە ئۇستىدە ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاچچىقسۇ بىلەن قىزىلمۇچ قىيامى تۇراتتى،ئۇ بىر تال مانتىنى ئىشتاھاسىز ھالدا قولىغا ئالدى .باغدا بىر ئىش قىلىۋاتقان ئايالى بىلەن كالىلارنى قوتانغا سولاپ بولغان ئوغلى ئۆيگە كىردى ئايالى بىر قاراپلا ئۇنىڭ كەيپىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى بىلىۋالدى.
-بىرەر ئىش بولدىمۇ دەپ سورىدى ئايالى ئەنسىرىگەن ھالدا .
- يەرنى ھوكۇمەت ئوتكۇزىۋالىدىغان گەپ بار دىدى، ئۇ ئاغزىدىكى مانتىنى چاينىغاچ ،
- ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغىدەكمىز- دىدى ئايالى ئەندىكىپ ،ئۇ بىر نىمە دىگىچە ئوغلى ئالدىراپ:
-ھوكۇمەت ئۆتكۇزىۋلسا پۇل بېرىدىغاندۇ؟ -دىدى .
-مورىغا ئوتتۇز مىڭ سومدىن پۇل  بەرگىدەك- دىدى ئۇ ئوغلىغا قارىماي تۇرۇپ ،ئۇ ئەگەر  ئوغلى تەرەپكە قارىغان بولسا مورىغا ئوتتۇز مىڭ دىگەن چاغدا ئوغلىنىڭ چىرايىنڭ نۇرلىنىپ كەتكىنىنى كورگەن بولاتتى.
- ياخشى ئىشكەنغۇ شۇ پۇلنى دەسمى سېلىپ ئوقەت قىلساق دىگەن...                     
   ئۇنىڭ ئاچچىق قارىشى بىلەن ئوغلى گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى.شۇ چاغدىلا ئۇ ئوغلىنىڭ ئەكبەر شاڭيۇدەك بۇ ئىشقا خوش بولىۋاتقىنىنى بىلدى .
-سەن قانداق ئوقەت قىلالايتتىڭ شەھەردىكى قەللاپلارغا ئالدىنىپ پۇلنى يوق قىلارسەن شۇ -دىدى ئۇ ئوغلىغا زەردە بىلەن .
    ئۇنىڭ ئويىچە بولغاندا ئوغلى بۇ ئىشقا غەزەپلىنىپ سوزلەپ كېتىشى ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چارە ئىزلەپ بۇ يەرنى ئامال قىلىپ ھۆكۇمەتكە ئۆتكۇزمەسلىككە تىرىشىشى كېرەك ئىدى .نان يىمەي پوق يەيدىغاندەك بۇ ئەقىلسىزنىڭ خوش بولۇپ كېتىاتقىنىنى دىسە .تېخى چىرايىنى سەت كىلىپ ئۇنىڭدىن نارازى بوپ كەتكىنىچۇ بىر كۇنلەر كېلىپ ئالقانچىلىك يەرگە زار بولغىنىدا ئاندىن بىلىدۇ ئەقىلسىز .
    ئۇ كەچلىگى تىلىزور كورۇپ ئولتۇرۇپ خەۋەرلەر پىرگۇراممىسىدا چىققان ئەمەلدارلارغا سىنچىلاپ قارىدى .ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ گېپىنىڭ ئۆتىدىغىنىنى بىلىۋېلىش ئۇچۇن خەۋەر سوزلىرىنى بىرمۇ –بىر ئاڭلىدى ،چىرايلىرى پاقىراپ تۇرغان سولەتلىك كىشىلەر قاتار ئولتۇرۇپ يىغىندا بىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتاتتى.ئۇ كۆڭلىدە ئۇلار بايا قوسىغىنى تويغۇزۇپ چىققاچقا شۇنداق مەزمۇت ئولتۇرىدىغاندۇ ؟ بولمىسا قاپىغىنى كوتۇرغىدەكمۇ ماغدۇرى بولماس بولغىدى يەنە نىمىشقا يەرنى تۇزلەپ بىنا قىلىمىز دەيدىغاندۇ ؟دەپ ئويلىدى.
   بۇگۇن ئۇ كالىلىرىنى ھەيدەپ مەھەللىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ئېرىق قىرىدا ئوتلاتقاچ مەھەللە يولىغا قاراپ تۇردى ،كۆڭلىدە مەھەللىدىن بىرەرسى بۇياققا ماڭسا ئۇنىڭ بىلەن يەرنىڭ ئىشىنى سوزلىشپ ھۆكۇمەتكە بىرلىكتە ئەرز سۇنۇشقا مەسلەتلىشىشنى ئويلاۋاتاتتى .مەھەللە يولىدا كونا ۋىلىسپىتىنى مىنىپ ئەمەت پايدا بولدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەمەت ئۇكا قانداقراق ئەھۋالىڭ ئۆي ئىچى تىنچلىقتۇ ؟ئۇ ئەمەت ۋىلىسپىتتىن چۇشكىچە ئالدىغا بېرىپ قول بەردى.
-ياخشى ئاكا ياخشى ئۆزۇڭچۇ تېچ ئامان تۇرىۋاتقانسەن -دىدى ئەمەت ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ.
-ئۇكا مۇشۇ كۇنلەردە ئەجەپ بىر گەپلەرنى ئاڭلايمەن .راسمىدۇ ئۇ گەپلەر -دىدى ئۇ مەخسەتكە كوچۇشكە ئالدىراپ .
-قايسى گەپنى دەيسەن ئاكا -دىدى ئەمەت ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى ئۇقالماي .
-مۇشۇ يەرلەرنى ھوكۇمەت ئۆتكۇزىۋالىدىكەن دىگەن گەپچۇ ؟
-شۇنداق گەپ بولىۋاتىدۇ مەنمۇ مەڭدەپلا  قالدىم .يەرنى ئېلىۋالسا نىمە ئىشمۇ قىلارمىز دەيمەن –شۇ ئەمەسمۇ دىخان دىگەنىڭ يېرى بولمىسا قانداق بولىدۇ،؟
_بۇ يەرنى ئېلىۋالسىمۇ باشقا جايدىن تېرىلغۇ يەر كۆرسىتپ بەرگەن بولسا مەيلى ئىدى،ئارلىغى سەل يىراق بولسىمۇ تېرىپ يەپ كۇنىمىزنى ئالار ئىدۇق ،ئۇزۇن بولدى ئۆزۇڭ بىلىسەن ئاكا ھۆكۇمەت يېڭى تۇغۇلغانلارغا يەر بەرمەيۋاتىدۇ،خوتۇنۇم باشقا يۇرتلۇق بولغاچ بۇ يەردە يېرى يوق .ئىككى بالامنىڭ تېخى يېرى يوق .قولۇمدا شۇ ئۆزۇمنىڭ   ئۇچ مو يېرى بار .كىگىز –كېچەكنى كۆتۇرگەندەك يەرنىمۇ كۆتۇرۇپ كەلگىلى بولسا خوتۇننىڭ يېرىنى يۇرتىدىن كۆتۇرۇپ ئەپكەلگىدەك بولغان چاغلىرىم بار ئاكا ،ئەمدى مۇشۇ ئۇچ مو يەرمۇ قولۇمدىن كەتسە بۇ جاننى قانداق باققۇلۇق .ئەمدى.ئۇ ئەمەتنىڭ چىرايىدىكى ھەسرەتنى كۆرۇپ يۇرىگى ئېچىشىپ كەتتى ،يانچۇغىدىن كۆك تاماكىنى ئېلىپ ئوراشقا باشلىدى .
-مەن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن ئۇكا بىر نەچچىمىز بىرلىشىپ ھوكۇمەتكە ئەرز يازساق قانداق بولار .
- پايدىسى يوقمىش ھۆكۇمەت تەستىق سېلپ بوپتىمىش ،كېرىمجاننىڭ ناھىيەلىك تەپتىش ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تۇققىنى شۇنداق دەپتۇ .
   ئۇنىڭ ساقال باسقان يۇزلىرىدىكى تال-تال قورۇقلار قورشاۋىدىكى قوي كۆزلىرىدىن چو ڭقۇر بىر ئازاپ مۇڭ چىقىپ تۇراتتى،تالاي يىللار كەتمەن چاپغاندا پۇكۇلمىگەن قەددى مۇشۇ بىر نەچچە كۇندە پۇكۇلگەندەك ئالدىغا دۇمچىيىپ قالغان ئىدى.
_ قاچان  ئۆتكۇزۋالغىدەك- دىدى ئۇ ئەلەم بىلەن.
_ مۇشۇ يىل كۈزگىچە ئوتكۇىۋالغىدەك- دىدى ئەمەت يەرنى سىجاپ ئولتۇرۇپ.
ئەمەت كەتتى .ئۇئېرىق ياقىلىتىپ تىكىلگەن ئاق تېرەك كۆچەتلىرىگە قاراپ ئۆلتۇرۇپ چۇش بولغىنىنى تۇيماي قالدى .
چۇشتە قايمىغى چەلگىنىپ تۇرىدىغان ئەتكەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ قاتاردا كېلىنىنىڭ يوقلىغىنى بايقىدى .ئايالىدىن سورىۋىدى ،ساقسىز بوپ قاپتۇ ،ھوجرىسىدىن چىقماي ياتىدۇ دىدى.كېلىنى بۇ ئۆيگە قادەم قويغان شۇنچە يىللاردىن بېرى ساقسىز بولۇپ يېتىپ باقمىغان ئىدى .
_نىمە كېسەلكەن؟
_بېشى ئاغرىۋاتىپتۇ.
_ ئايالى كەچلىگى ئوخشىتىپ ئۇگرە ئېتىپ كېلىنىگە ئەپكىرىپ بەردى .
كېلىنى ئەتىسىمۇ ئوگۇنىمۇ ھوجرىسىدىن چىقمىدى.
_ دوختۇرغا كورۇنۇپ بېقىڭ دىدى .ئايالى بىر كۇنى ياغلىقنى چىكىسىدىن تېڭىپ پىشانىسىنى ئۇزۇپ قىزارتىۋالغان كېلىنى ھاجەتكە چىققاندا ،
_ پۇل بولمىسا دىدى كېلىنى بىر خىل بىشەم ئاھاڭدا ،ئابدىمىجىت كۇندە قوي –كالنىڭ ئايىغىدا يۇرسە يا پۇل تاپمىسا بىزدە پۇل نىمە قىلسۇن- دەپ غۇدۇرىدى.
    ياۋاش كېلىنىنڭ بۇ گەپلىرى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ ئۇلار بۇنى ئاغرىقنىڭ دەردىدە سەپرالىشىپ كەتتى، دەپ كوڭلىگە ئالمىدى.ئۇ يېنىنى ئاختۇرۋىدى يېنىدىن يۇز ئوتتۇز سومچە پۇل چىقتى،ئۇ پارچىسىنى قايرىپ ئېلىۋېلىپ يۇزسومنى كېلىنىگە تەڭلەپ:
-مەڭ مانى ئېلىپ دوختۇرغا كۆرىنىڭ- دىدى..
    يۇز سومنى  كوتۇرۇپ بۇ ئاي بۇ كۇندە دوختۇرغا بارغىلى بولامدۇ -دىدى كېلىنى پۇلغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ .
    ئۇ تۇرۇپلا قالدى. كېلىنىنڭ بۇ قەدەر قوپاللىشىپ كەتكىنىنى دەمال قوبۇل قىلالمىدى .قوشۇمىسى مىژژىدە تۇرۇلۇپ ياندى ،بۇ نەس باش ئاغرىغى بىر ئوبدان كېلىنىنى مۇشۇنداق قىلىپ قويىۋاتىدۇ دىسە ئۇ شۇنداق ئويلاپ  كېلىنى قولىنى ئۇزارتىپمۇ قويىمىغان پۇلنى ياندۇرۇپ يانچۇغىغا سالدى.
    ئۇ بازار كۇنى قويدىن بىرنى سېتىپ پۇلنى كېلىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. كېلىنى بىر قوينىڭ پۇلىغا داۋالىنىپمۇ ساقايمىدى.
بىر كۇنى ئايالى سەھەر تۇرۇپ يۇغان تەڭلىدە بىر خېمىر يۇغۇردى.خېمىرنى چەيلەپ بولغىچە ئايالى چىپ -چىپ تەرلەپ  كەتتى .ئايالى نان ئېچىۋاتقاندا ئۇ تۇنۇرغا ئوت سالدى .تونۇر قىزىپ تاۋلانغاندا ئايالى چىقىپ تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ تونۇرغا شاكاراپ چاچتى.ئاندىن تونۇر بېشىدىن چۇشۇپ نان تاختىغا بايا ئېچىپ يۇزىگە چەككۇچ سېلىپ ئۆيگە بىر كەلتۇرۇپ سالغان داستىخانغا دۇم تاشلاپ قويۇلغان نانلارنى نان تاختىغا ئېلىپ ئەپچىقىپ ،يۇزىگە سۇتكە ئارلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا ئېلىۋالغان سوققان پىياز بىلەن سىياداننى سۇرۇپ ،گەزنىگە دۇم قۇيۇپ  ناننىڭ كەينىگە سۇ سىپاپ تونۇرغا چاپلىدى ،نان تاختىدىكى نان تۇگىگەندە ئايالى كېلىنىنڭ ھوجرىسى تەرەپكە بويۇنداپ قارىدى .بۇ ئەھۋالنى كورۇپ تۇرغان ئۇنىڭ ئايالىغا ئىچى ئاغرىدى ،بېرىپ قولىدىن نان تاختىنى ئېلىپ تونۇر بېشىغا نان توشۇپ بەردى .كېلىنى ئويدىن چىقىپمۇ  قويمىدى .
    ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە كېلىنىگە تاماق توشۇپ ھارغان ئايالى ئوغلىغا:
_خوتۇنىڭنىڭ راس بېشى ئاغرىمدۇ ياكى ئۆي ئاي ئايرىش غەرىزى بارمۇ ؟-دىدى.
_ۋاي تاڭ ئۆي ئايرىغىسى بولسا ئايرىپ قويمامسىلەر ،ئۇنىڭغا تاماق توشۇپ يۇرگىچە- دىدى ئوغلى بىر خىل پەرۋاسىز قىياپەتتە .
   ئوغلىنىڭ سوزىدىنمۇ شۇ سۆزنى قىلغاندىكى تۇرقى ئۇلارغا ھەممىنى بىلدۇرۇپ بولدى .ئەسلى ئۆزگەرگىنى كېلىنى ئەمەس ئوغلى ئىكەن .چوڭلارنىڭ ‹‹كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن كۆر ،كىيوغلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن ››دىگىنى توغرىكەن .شۇنداق قىلىپ ئوغلى مۇشۇ ھويلىدىلا ھوجرىسى تەرەپنى چورىدەپ تام سوقوپ ئايرىم بولدى .ئايرىم بولۇپ ئاز ئۆتمەي ئوغلى ئۇنىڭدىن  ئۆزىگە تېگىشلىك تېرىلغۇ يەرنى بولۇپ بېرىشنى سورىدى ئۇ شۇندىلا ئوغلىنىڭ ئوي ئايرىش سەۋەبىنى ،كېلىنىنڭ باش ئاغرىغىنىڭ ئاخىرقى مەخسىدىنى چۇشەندى. ئەزەلدىن ئېتىز –ئېرىق ئشلىرىغا قولىشىپ كەتمەيدىغان ئوغلى ھەر نىمە بولسا ئۆزىگە تېگىشلىك يەر بارلىغىنى بىلىدىكەن .ھەي پۇل جىننى ئۇسۇلغا سالىدىغان پۇل ،ئوغلى دادىسىنىڭ يەرنىڭ پۇلىنى ئۆزىگە بەرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يەرنى ئايرىۋېلىش مەخسىدىدە ئۆي ئايرىغان ئىكەن .
ئۇ ئوغلىغا يەرنى بولۇپ بېرىۋاتقاندا ئوغلى تۇيۇقسىز :
_ شەمشىنۇرنىڭ يېرىنىمۇ ماڭا بەرگەن بولساڭ- دىدى.
ئۇ مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىپ :
_ تېرىپ يەپ تۇرساڭ مەيلى  ،لېكىن يەرگە پۇل بېرىپ قالسا شەمشىنۇرغا دىمەي بولمايدۇ-دىدى.
_شەمشىنۇر دىگەن  ھازىر چوڭ شەھەردە ئىشلەۋاتقان مۇئاشلىق كادىر ئۇنىڭ يەرگە ئېھتىياجى يوق .
_ ئۇنداق دىسەك بولماسمىكى -دىدى ئۇ بۇ ئىشنى توغرا تاپماي .
_ شەمشىنۇرنىڭ يېرى ئۇ شەھەر نوپۇس بولغان كۇندىن باشلاپ يوق بولۇپ بولغان .ھۆكۇمەت ۋاپات بولغانلاردىن يەرنى ئېلىۋالمايدىغان ،يېڭىدىن تۇغۇلغانلارغا يەر بولۇپ بەرمەيدىغان بولغىلى نىكەم ،شەمشىنىۇر شەھەر نوپۇس بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يەر مېنىڭ بالامغا تەۋە بولسا توغرا بولىدۇ -دىدى ئوغلى .
_شەمشىنۇر ئۆلۇپ كەتمىدى ،شۇڭا ئۇنىڭغا مەسلەت سالماي بولمايدۇ ،ئۇ ئەگەر بوپتۇ دىسە ئاندىن بىر گەپ بولار ھازىرچە ئۆزۇڭگە تەۋە يەرنى ئال دەپ ئوغلىغا يەرنى كورسىتىپ بېرىپ قايتىپ كىردى .
    شەمشىنۇر ئۇنىڭ كىچىك  قىزى ھازىر ئۇرۇمچىدە خىزمەت قىلىدۇ.بۇرۇن  يىلدا بىر كەلمەي قالمايدىغان ئىككى يىل بولدى كېلەلمىدى .ئۆتكەندە تېلىفون بەرگەندە ئاپىسىدىن يەرنىڭ ئىشىنى سوراپتىكەن ،شۇ يەردە تۇرۇپ بۇ ئىشنى بىلىپ بوپتۇ . دىمەك ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى بار دىگەن گەپ .
   ئۇ كىشىلەرنىڭ دەۋا قىلسا ئاقمايدۇ، دىگەن سوزىگە ئىشەنمىدى،مۇشۇنداق مۇنبەت چىلان تۇپراقلىق يەرنى بۇزۇپ بىنا سالىدىغان ئەقلىگە ئوماچ ئىچكەن خەقلەرنى باشقۇرىدىغان يەرنىڭ يوقىغىغا چىمپۇتمىدى .بۇ خەقنىڭ  بەك بىنا سالغىسى كەلسە ئاۋۇ كۇن پېتىش تەرەپتىكى يىل بويى سۇلىشىپ ،پاقا -لەش بولۇپ تۇرىدىغان سازلىق دىسە سازلىق ئەمەس تېرىلغۇ يەرمىكىن دىسە تېرىغىلى بولمايدىغان ئادەم ماڭسا تېيىلىپ كېتىدىغان شۇ غىلتاڭ يەرگە سالسۇن ،ھىچكىمگىمۇ پۇل بېرىپ ئولتۇرمايدۇ،ئۇ  ئۆيمۇ –ئۆي كىرىپ مۇشۇ گەپلىرىنى تەكرار –تەكرار دەپ يۇرۇپ ئۆزى بىلەن ناھىيەگە ئەرز قىلغىلى كىرىدىغانغا بەش ئادەم تاپتى.بىر دۇشەنبە كۇنلىگى ئۇلار ئالتەيلەن ناھىيە بازىرىغا كىردى.ئىزدەپ –سوراپ يۇرۇپ خەلق ھۆكۇمىتىنى تېپىپ ھاكىمنى ئىزدەيدىغانلىغىنى دەرۋازىۋەنگە ئېييتى .دەرۋازىۋەن كىمگىدۇر تېلىفۇن قىلىپ بولۇپ  ئۇلارغا ‹‹ھاكىم يىغىن ئېچىۋېتىپتۇ  ساقلاپ تۇرۇڭلار ››دىدى.ئۇلار دەرازىۋەن ئولتۇرىدىغان كىچىك ئۆيدە تار كارۋاتتا قىستىلىشىپ ئولتۇردى .بىرەيلەن سىغىۋىدى دەرۋازىۋەن سىرتتىن ئورۇندۇق ئەپكىرىپ بەردى ئۇلار تىلۋىزور كورگەچ ھاكىمنى ساقلىدى .ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كېيىن تېلىفون جىرىڭلاپ كەتتى .دەرۋازىۋەن تېلىفوننى ئېلىپ ئۇلارغا ‹‹ئىككىنچى قەۋەت ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنچى ئىشخانىغا كىرىڭلار ››دىدى.ئۇلار ئەيمەنگەن ھالدا دەرۋازىۋەن دىگەن ئىشخانىغا كىردى .ئۇلارنى ياش بىر بالا كۇتىۋالدى .ئۇلار بۇرۇن ھاكىم بىلەن يۇز كۆرۇشۇپ باقمىغان بولسىمۇ ئالدىدىكى بۇ بالىنىڭ ھاكىم ئەمەسلىگىنى بىلىۋالدى ،چۇنكى ئۇلار ناھىيە خەۋەرلىرىدە ھاكىمنى كۆپ كورگەن ئىدى.
_ھاكىم ۋىلايەتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۇتىۋالغلى كەتتى ،مەن كاتىۋى قانداق ئىش بولسا ماڭا دىسەڭلار بولىدۇ.مەن ھاكىمغا يەتكۇزىمەن -دىدى ياش بالا ئۇلارنىڭ كوڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەك .
ئۇنىڭ گەپلىرىنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بولغان ياش بالا ئۇنىڭغا قاراپ كۇلۇپ تۇرۇپ:
_ھەقىقى دىخان ئىكەنسىز تاغا  بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز بار .بۇ .بۇ يەرگە بىنا سېلىشتا يۇقۇرنىڭ ئويلىغىنى بار .ئىخدىسادى ئېچىۋېتىلگەن رايۇننىڭ دىخانلارنىڭ ھال-كۇنىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كوپ پايدىسى بار-دەپ، ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇن ،ئىستىراتىگىيەلىك پىلان دىگەندەك ئۇلار تازا چۇشىنىپ كەتمەيدىغان سۆزلەرنى بىر ھازا قىلىپ ،ئۇلارغا كېيىن شۇ رايۇندا سودا –سېتىق قىلىپ جان بېقىشتەك بىر يولنى كورسىتىپ  يولغا سالدى.
_توڭ سويمىنىڭ بىزنى كوچىدا گازىر –پۇرچاق  كاۋاپ ،دوغاپ سېتىڭلار دەپ كەتكىنىنى تېخى بىز شۇنچىلىك ئىشنى بىلمەيدىغاندەك -دىدى تۇرسۇن ھۆكۇمەت قورۇسىدىن چىقىۋېتىپ.
_شۇنداق ئىش قىلساق يەنە بىزدىن باج ئالار  كاۋاپ ساتساق ئىس چىقىرىپ مۇھىتنى بۇلغىدىڭ .دۇغاپ ساتساق قاينىمىغان سوغۇق سۇنىڭ مۇزىدا دوغاپ قىلىپ خەقىنىڭ سالامەتلىگى بىلەن ئويناشتىڭ دەيدىغان ئادەم چىقار؛ دىدى ئابدۇللام .
   ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئەرزىنى ئاقتۇرالماي قايتىپ كەلدى .ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن كېيين بېشى تېخىمۇ چۇشۇپ كەتتى .
ھېييتا قىزى  شەمشىنىۇر  ئېرى بىلەن  كەلدى .بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپ ئولتۇرغاندا قىزى:
_شەھەردە ھازىر كىچىك ماشىنىسى يوق ئادەم قالمىدى.بىزمۇ  بىرنى ئالايلى دىسەك ئۆينى بانكىدىن قەرز قىلىپ ئالغاچقا ئېشىنالمىغان .يەرنىڭ پۇل بولىدىغىنىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇق .دىدى،قىزى بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ئوغلىنىڭ چىرايى ئوڭۇپ كەتتى.
    ئەتىسى كىيئوغۇل يوق چاغدا ئاكا- سىڭىل يەرنىڭ ئىشىنى تەگىشىپ سوقۇشۇپ كەتتى.ئۇلار ئاتا –ئانىسىنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىمىدى.ھېيت –ئايەمدە سەت بولمىسۇن دەپمۇ ئويلىمىدى.
- سەن ئاچكۆز ،تويماس ئېيىغا نەچچە مىڭ سوم موئاش ئېلىپ تۇرۇپ يەنە يەرنىڭ گېپىنى تىلغا ئېلىۋاتىسەن ،يەر كېرەك بولغان ئادەم نەچچە ۋاقتىن بېرى نىمە ئىش قىلغان ،بىرەر قېتىم يەرگە سۇ تۇتۇپ باقتىڭمۇ ؟بىرەر قېتىم ئورما ئورۇپ باقتىڭمۇ ؟ يەنە نومۇس قىلماي يېرىم بار دەيسىنا ،سەن شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكەن كۇندىن باشلاپ سېنىڭ يېرىڭ يوق بولغان  ،بېرىپ ئەترەت باشلىغىدىن سوراپ باققىنا قېنى بۇ يەردە سېنىڭ يېرىڭ بارمىكىن- دىدى ئوغلى قىزىغا.
-مەن مۇئاش ئالسامچۇ ھۆكۇمەتكە ئىشلەپ بېرىپ ئېلىۋاتىمەن، سەنمۇ نىمىشكە ياخشى ئوقۇپ مۇئاشلىق بولمىغان .مەن بارسامچۇ ؟ئاۋۇ سوكال ئەترەت باشلىغىىڭ ئالدىغا بارمايمەن ،سودىيەنىڭ ئالدىغا بارىمەن ،سودىيە كوتەك دەپتەرگە بىرلا قاراپ يەرنىڭ كىمگە تەۋەلىگىنى ھازىرلا  ئايرىپ بېرىدۇ-دىدى قىزى.
- مېنىڭ .ئىككى بالامنىڭ تېخى يېرى يوق ،ھوكۇمەت يېڭى تۇغۇلغانلارغا يەر بەرمەيۋاتسا مەن بىر كىشىلىك يەر بىلەن بىر ئۆينى قانداق چورگىلىتىمەن ،ئىنساپ دىگەن نەرسە يوقكەن سەندە ،قېرىنداشلىق  مېھرى دىگەن تېخىمۇ يوقكەن - دىدى ئوغلى .
-ھۆكۇمەت مېنىڭ بالىلىرىمغا قاراۋېتىپتىمۇ،مەنمۇ بالىلىرىمنى ئىشلەپ بېقىۋاتىمەن ،قىيىنچىلىغىڭ بولسا ھوكۇمەتنىڭ ‹‹خەلق ئىشلار ئىشخانىسى ››دەيدىغان بىر يېرى بار شۇ يەرگە بېرىپ ھال ئېيت مەن پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئادىمى ئەمەس ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يەرنى تېرىپ يەپ كەلدىڭ ،گەپ قىلمىدىم.ئەمدى پۇلغا چىقسا شۇنىمۇ بەرمەيمەن دەيسىنا ،سەندەك يولسىز ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن ،ئاكام بولۇپ قاپسەن تېخى،دىدى،قىزى كوپۇپ تۇرۇپ .
_ شەرىئەتتىچۇ قىز بالىغا مىراس ئاز بولىنىدۇ ،سەن يا ئاپام دادامغا بىر كۇن قارىمىساڭ ،يېرىڭنى تېرىپ يىگەن بولساق ھەر كەلگىنىڭدە ،نان-توقاچ ،سۇت-قايماق ئېلىپ ماڭدىڭ ،ئېتىز بېشىدا ئاپتاپتا تۇرۇپ باققىنا قېنى ناننىڭ نەدىن كېلىدىغىنىنى بىلىسەن -دىدى ئوغلى.
_سەن تېخى خىجىل بولماي ئاپام ،دادامغا قاراۋاتىمەن دەمسەن ،سەن ئۇلارغا ئەمەس ئۇلار ساڭا قاراۋاتىدۇ ،ئۇلاردىن نەپ يۇقمىسا ئۇلارغا يېقىن تۇرىدىغان ئادەم ئەمەس سەن .شەرىئەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن قائىدىلىرىنى ،16-ئەسىرگە قايتىپ ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولۇپ سوزلىسەڭ ئاڭلايدىغان ئادەم چىقارمىكى .پەسنىڭ ئاتا –ئانام يوللۇق دەپ بەرگەن نەرسىلەرنىمۇ تىلغا ئالغىنىنى كورۇڭ .
   ئۇلار يەنە نىمىلەرنى دىيىشەتتىكىن ئايالى ئۇلارنىڭ جىدىلىنى باسالماي ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى .بالىلار ئانىسىنىڭ يىغىسىنى كۆرۇپ جىم بولدى .چوڭ قىزى ئاينۇر قۇچىغىدىكى مېيىپ بالىسىنى يەرگە قويۇپ ئاپىسىنىڭ يېشىنى ئېرتقاچ :
_ئاتنىڭ ئەمچىگىدەك ئۇچ بىر تۇققان بىز ،ئۇنداق ئۇرۇشماڭلار خەلقى-ئالەم ئالدىدا سەت  دىدى.
    شۇ جىدەل بىلەن ئاكا-سىڭىلنىڭ ئارىسىغا مەڭڭۇ يۇيىۋەتكىلى بولمايدىغان ئاداۋەت چۇشتى.قىزى كېتىدىغان چاغدا ھەر قېتىمقىدەك ئاكىسى بىلەن خوشلاشمىدى .ئوغلىمۇ ئۇكۇنى قارىسىنى كورسەتمىدى.ئۇھايات تۇرۇپ بالىلىرى مىراس دەۋاسى قىلىپ ئاداۋەتلەشتى ،شۇ كۇندىن كېييىن ئۇنىڭ چاچلىرىدىكى ئاقلار كۇنسېرى كۆپەيدى،‹‹ھەي پۇل جىننى ئۇسۇلغا سالىدىغان پۇل›› ئۇ ھەر قېتىم بالىلىرى ئارىسىدىكى ماجرانى ئەسكە ئالسا ئۆز –ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلايدۇ.
    ئۇ ئېتىز قىرىدا ياپ –يېشل بۇغداي مايسىلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قىزى ئوقۇغان ‹‹قاياققا كۆز تاشلىساڭ يېشىل ھايات،يېشىلدەك تۇيۇلىدۇ بار كائىنات››دىگەن شېئىرنى ئەسكە ئالدى ،قىزى ئۇنىڭغا شۇ چاغدا مۇشۇ ئېتىزلىقنى دەۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى.ئۇنىڭ قىزىدىن پەخىرلىنىشى قىزى مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغان كۇندىن باشلانغان .شۇ كۇنى مەكتەپ دىكلاماتسىيە ئوقۇش مۇسابىقىسى ئوتكۇزۇپ ،ئاتا-ئانىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرغان ئىدى.مۇسابىقىدە ئۇنىڭ قىزى بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىقىپ ،ئاۋازىغا ھەركىتىنى چىراي ئىپادىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ،مۇشۇ شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بىرىنچى بولغان .ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار ‹‹كىمنىڭ قىزى بۇ ،ئەجەپمۇ جانلىق قىزكەن ››دەپ كېتىشكەن .قىزى سەھنىدىن چۇشۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھەممە ئادەم ئۇلارغا قاراشقان .ئۇ پەخىرلىنىش ،سويۇنۇش ھىسياتىدا بىر نەچچە كۇن تاتلىق بىر نىمە يەۋالغاندەك شىرىن سېزىم ئىچىدە يۇرگەن ئىدى.ئۇ قايتىپ كېلىپ مەكتەپتىكى ئەھۋالنى ئايالىغا دەپ بەرگەن ئىدى .ئايالىمۇ شۇندىن كېيىن قىزىنى ئۆي ئىشلىرىغا سالمايدىغان بولدى،
_ ئانچە –مۇنچە ئىشقا بۇيرۇپ تۇر قىز بالا دىگەن ئۆي ئىشىغا پىشمىسا ،قانداق بولىدۇ دەيتتى ،ئۇ بەزىلىرى ئۇ ئايالى ئۆي ئىشلىرىغا يېتىشەلمەي قالغان چاغلاردا :
-بۇ  بالا ئەرنىڭ نېنىنى ئەمەس ئوقۇشنىڭ نېنىنى يەپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.شۇڭا بىزنىڭ بارىمىزدا ئوقۇۋالسۇن دىدىم -دەيتتى ئايالى.
   ئۇلار ئەسلى ئۇمىدىنى ئوغلى ئابدىمىجىتقا باغلىغان ئىدى.ئۇ ‹‹قىز بالىنى ئوقۇتۇپ نىمە كەپتۇ بەرىبىر خەقنىڭ ئادىمى بولىدۇ››دەيتتى دائىم .مانا شۇ كۆز قارىشى تۇپەيلى چوڭ قىزى ئاينۇرنى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرىشى بىلەن مەكتەپتىن چىقىرۋېلىپ ئۆي ئىشىغا سالدى.ئۇكىلىرىنى باقتۇردى.ئايالى دائىم ‹‹ئەرنىڭ نېنىنى يىيىش ئۇچۇن تۆمۇردىن چىش كېرەك،قىز بالا ئۆينىڭ ئىشىغا پىشمىسا ،خەقنىڭ ئۆيىدە نان يىيەلمەيدۇ››دەپ يۇرۇپ قىزى ئون ئالتىگە كىرگەندە تونۇرغا نان ياقىدىغان قىلىۋەتكەن ئىدى.شۇ بىچارە قىزى تا ھازىرغىچە تۇرمۇشنىڭ جاپاسىدىن قۇتۇلالماي كۇلدە كومەچ بولۇپ كەتتى.ئېغىر ئاياق  ۋاقتىدا بىر يىقىلىپ كەتكەن باھانە بىلەن بالىسى ئاجىز تۇغۇلۇپ قالدى .ئۇچ ياشقا كىردى ئايىغى چىقمىدى ،يەيدۇ ئىچىدۇ ، چىقىرىدۇ پاقىراپ ياتقىنى ياتقان ،بىچارە شۇ بالىسى تۇغۇلغاندىن بېرى پىسسىڭڭىدە بىرنى كۇلۇپ باقمىدى ،شۇ قىزىنى ھەر كۆرسە ئۇنىڭ يۇرىگى ئېچىشىپ كېتىدۇ ،ھىچ نىمىنىڭ راھىتىنى كورمىدى.ئوغلىدىن چوڭ ئۇمىت كۇتۇپ چوڭ بولسا ھۆكۇمەتنىڭ نېنىنى يەيدىغان ئادەم بولۇپ قالارمىكى دەپ ئوقۇققىنىغا چۇشلۇق ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرىنىمۇ ئوقۇماي يېزىلىق كىنوخانىغا قېچىپ كۇنىنى‹‹دىسكو چولپىنى››دىگەندەك كىنولارنى كۆرۇش بىلەن ئۆتكۇزدى شۇ يەرلەردە يۇرۇپ تاماكا چېكىشنى ،قىمار ئويناشنى ئۇگەندى ،ئوغلىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ئۆزى مەكتەپكە يېتىلەپ ئاپىرىپ قويدى .ئوغلى تۇزەلمىدى مەكتەپتىن قېچىۋەردى ،ئۇ ئاخىرى ‹‹كورگەن كۇنىڭنى كورەرسەن ››دەپ بولدى قىلدى .
   ئۇنىڭ ھىچ كۇتمىگەن يېرىدىن كىچك قىزى شەمشىنۇر ياخشى ئوقۇپ قالدى .قىزى دائىم ‹‹پالانى مۇئەللىمدىن سوراپ تۇردۇم››دەپ توم –توم كىتاپلارنى ئەپكېلىپ ئوقۇيتتى،ھېيت –ئايەملەردىمۇ دوسلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقماي ،ئۆيدە كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇراتتى ،باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپ توي قىلىشقا باشلىغان خوشنىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ تويىغىمۇ بارمايتتى ،كىتاپتىكى شېئىر ،ھىكايىلەرنى شۇنداق يېقىملىق ،تەسىرلىك ئوقۇيتتى.ئاۋازىمۇ سۇزۇك يېقىشلىق ئىدى ،شۇ ئالاھىدىلىگى بىلەن ‹‹رادىئو –تىلىزىيە ئونۋېرىستىتى››دا ئوقۇپ ھازىر ئۇرۇمچىدە رادىئو ئىستانسىسىدا .ئىشلەيدۇ .ئايالى خوشنا –خۇلۇملارغا،ئۇرۇمچىدىكى قىزىم كېلىدۇ دەپ پەخىرلىنىپ سوزلەپ بېرىدۇ .ھەر قانداق گەپنى شۇنداق يېقىملىق قىلىدىغان قىزى شۇ كۇنى ئاكىسى بىلەن سوقۇشغاندا شۇنداق بىشەم ،ھازازۇل سىياققا كىردىكى ،ئۇ ھەيران قالدى ،كىچىگىدە بالىلار بوزەك قىلسا ‹‹ئاكامغا دەيمەن ››دەپ ئاكىسىنى باشلاپ چىقىپ بالىلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگۇزىدىغان ئاكىسى شۇ ئىدى .ئاكام مەندىن چوڭ دەپ ھۆرمىتىنىمۇ قىلمىدى .توۋا قىزى ئەجەپ زۇۋاندار ،زاكۇنچى بولۇپ كېتىپتۇ،بەلكى قىزى ياشاۋاتقان شەھەردە ئوغلىدىنمۇ ئوكتەم يولسىز ئادەملەر باردۇ ؟قىزى .ئاشۇلار بىلەن بىر ناننى تالىشىپ ئېلىپ يەيمەن دەپ شۇنداق بىشەم بولۇپ كەتكەندۇ؟

   ئۇ ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايۋاتاتتى.بىر چاغلار ئۇ بازاردىن  بەلۋېغىغا تۇگۇپ چىققان سامسىنى يەپ خوش بولىشىپ كېتىدىغان ،ئۇنىڭ قۇچىغىغا چىقىپ ئەركىلەپ يۇرىدىغان بالىلىرى شۇمۇ يەرنىڭ پۇلى تېخى قولغا تەگمەي تۇرۇپ ،بۇ قاتالىق ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،پۇل قولغا تەككەندە نىمە ئىشلار بولار،ئابلىكىم بىلەن ئابدىكېرىم ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانسى گۇلسۇمخاننىڭ يېرىنى تالىشىپ پىچاق كوتىرىشىپتۇ .دىگەن گەپ راس ئىكەندە ،ئۇنىڭ ئىسىل دەپ ئويلايدىغان بالىلىرى  پۇل ئۇچۇن ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇشۇپ كېتىۋاتقان يەردە .
ئۇ كىچىگىدىن باھار پەسلىگە ئامراق ئىدى .ئېتىز –قىرلار كۆكەرگەن چاغدىن باشلاپ ئېتىزغا بىر چىقىۋالسا ،تاكى قار چۇشكىچە ئېتىزدىن كىرمەيتتى ،شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا ‹‹سابىر قىر ›› دىگەن لەقەمنى قويۇپ قويغان ،ئۇ چوڭ بولغانچە تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۇزەل چېغىنىڭ ماي ئايلىرى ئىكەنلگىنى ھىس قىلدى ،ماي ئايلىرىدا يەر –جاھان كۆكۇرۇپ تەبىئەت رەسىدە بولىۋاتقان  قىزدەك تولۇپ باراتتى ،بۇ يېشىللىق       بۇ گۇزەللىك مول-ھوسۇلغا ،مەمۇرچىلىققا ھامىلدار ئىدى،تۇنۇگۇنلا بىر قۇلاق چىقارغان مايسىلار تاڭ .ئاتقاندا ئىككى قۇلاق بولۇپ قالاتتى ، بۇ سىرلىق ئۆسۇش جەريانى ئۇنى قىزىقتۇراتتى ئۇلارنىڭ قانداق قۇلاق چىقارغىنىنى ئۇ ھەر يىلى كۆرمەك بولۇپ سەھەردە ئېتىز بېشىغا چىقىپ ئوت ئوتاپ زىرائەتلەرنىڭ تۇۋىنى يۇمشىتىپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلغاچ قارىغىلى تۇرسا كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۇشكەندە ئاندىن ئۆيىگە قايتاتتى ،لېكىن شۇنچە قاراپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇسۇش جەريانىنى كۆرەلمەيتتى. ھەر يىلى باھاردا ئېتىزغا چىقسا روھلۇق تېتىك بولۇپ قالاتتى ، لېكىن بۇ يىلقى باھار ئۇنىڭغا خوشاللىق ئېلىپ كېلەلمىدى.ھەر بىر ئېتىز بېشىغا چىقسا ساكراتتا ياتقان دادىسىنىڭ بېشىغا كەلگەندەك يۇرىگى ئېچىشاتتى،بۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن مۇشۇ ئېتىز ئۇچۇن ئاخىرقى باھار ئىدى.كېيىن بۇ يەرلەر توپا تۇرتۇش ماشىنىسى بىلەن تۇرتۇلۇپ تۇزلىنىپ سىمۇتتا قاتۇرلۇپ مايسىلارنىڭ ئورنىدا بىنا قەد كۆتىرەتتى .شۇندىن كېيىن بۇ يەر ئېتىزلىق دەپ ئاتالمايتتى،
   بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئېتىزلىق ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم ئۇنتۇپ كېتەتتى .ئەگەر ئۇ بىر كۇنلەر كېلىپ ھازىرقىدەك ئېتىزلىغىنى ئايلانغۇسى كېلىپ بۇ يەرگە كەلسە بىناغا قاراپ ئولتۇرغان ئىشىك باقار ئۇنىڭدىن كىمنى ئىزلەيدىغانلىغىنى سوراپ سالاھىيەت گۇۋانامىسىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلاتتى،بۇنداق ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ئايلىنىپ يۇرۇش چۇشكە ئايلىناتتى ،ئەگەر ئۇ بىنا ئىچىدە ئايلىنىپ يۇرسە ئۇنى بىرەر نەرسە ئوغۇرلىغىلى كىردى دەپ گۇمان قىلىشى ئېنىق ئىدى،ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنى ،مۇشۇ باھارنىڭ ،مۇشۇ ماي ئېيىنىڭ مەڭگۇ داۋاملشىشىنى ئاللادىن تىلىدى.
   ئۇنىڭ ئارزۇ –ئۇمىتلىرى، ئازاپ-ھەسرەتلىرى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىدى .ۋاقىت ئۆتىۋەردى،ماي ئېيى ئىيۇل ئايلىرىغا ئالماشتى ،بۇگۇن ئەترەت باشلىغى ئۇنىڭ قۇلىغا بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويدى.بۇ ھۆكۇمەتنىڭ يەرنى ئۆتكۇزىۋېىش توختامى ئىكەن .ئۇ ھۆكۇمەتنىڭ يەرگە قويغان باھاسىغا قوشۇلسا ئاستىدا بىر يەرگە قول قويسا  تۇگەيدىكەن ،كۇزدە پۇل قولغا  تېگىدىكەن.ئەترەت باشلىغىنىڭ گېپىچە يەرگە ھۆكۇمەت ئوبدان باھا قويۇپتىمىش،نارازى بولغىدەك يېرى يوقمىش ،قىزىق گەپ يەر دىگەن ھەر يىلى نېمەت بېرىدىغان ئېچىلىڭ داستىخان تۇرسا ،ئېچىلىڭ داستىخاننىڭ باھاسى بولامدۇ ؟ئېچىلىڭ داستىخاننى ئادەتتىكى داستىخاندەك پۇلغا ساتقىلى بولاتتىمۇ؟ زادى ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارمۇ ياكى مۇشۇ يەرنى سات دەۋاتقانلار ئالجىپ قالدىمۇ ؟
توختامغا ئۇ قول قويمىغىنى بىلەن يېزىدىكى پۇلنى ئېلىشقا ئالدىراپ كەتكەنلەر قول قويۇپ بوپتۇ،بۇ ئادەملەر نىمىنىڭ نىمىدىن قىممەتلىگىنى بىلمىگىدەك بولۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ئەترەت باشلىغى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئون بىرىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ قەغەزگە قول قويۇپ بەردى .
-ئەمدى توختامغىمۇ قول قويۇپ بولدۇڭ سابىركا ،بۇغدىيىڭنى ئورۇپ بولۇپ يەرنى بىكارلاپ بېرەرسەن -دىدى ئەترەت باشلىغى توختامنى سومكىسىغا سېلىۋېتىپ .
ئۇ ئەترەت باشلىغىنى ئۇزىتىپ چىققاندا ئۇدۇل قوشنىسى تامغىغىنى چاكىلدىتىپ
_ بىردىنلا باي بولۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ .مېنىڭ يېرىم قاچان شۇنداق قۇرۇلۇشقا توغرا كېلەر- دىدى.ئۇ قوشنىسىغا سوغۇق قاراپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
   ئۇ بۇغدايلىرىنى ھەر يىلى ئۆزى ئورغاقنى كۆتىرىپ چىقىپ ئۆزى ئوراتتى .كومبايىن سالغان بىلەن ئېقى كېلىشمەتتى .دىخان دىگەن ئورما ئورمىسا ،ئوت ئوتىمىسا سۇ تۇتمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ ،بۇ ئىشلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قىزىغى خوشاللىغى بولىدۇ ھورۇن ،ئىش خوشياقمايدىغان ئادەملەر بۇنى بىلمەي دۇنيادىن ئوتۇپ كېتىدۇ .ئۇ ئورما ئورىدىغان بولسا كەڭ سەينادا ئۇسۇلغا چۇشكەندەك ھەۋەس بىلەن ئورىدۇ ،بىلەكلىرىنى سوزۇپ بۇغداي غولىرىنى چوڭ –چوڭ تۇتاملاپ ،چاتلىرىنى كېرىپ تۇرۇپ شۇنداق ئورىدىغان بولسا،خېلى –خېلى ئادەم ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ،ئۇنچىلەرنى رەتلىك تاشلاپ مېڭىشلىرىمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ .كومبايىن سالسا بۇغداينىڭ سامىنى ئاز چىقىدۇ ،كومبايىن دىگەننىڭ كۆزى بولمىغاچ قىر بويلىرى ،ئەگىلمە يەرلەرنى تاشلاپ قويۇپ پاكىز ئورمايدۇ.يەنە ئادەم ئاۋارە بولۇپ كەينىدىن كومبايىننىڭ پوقىنى تازىلايدىغان گەپ ،بۇ يىلمۇ ئۇ ئورغىغىنى كوتۇرۇپ ئېتىز بېشىغا چىقتى .ئوغلىغا بولۇپ بەرگەن يەردىكى بۇغدايغا ئورغاق تەگمىگەن ئىدى. ئۇ ‹‹بىسماللا ››دەپ قولىغا تۇكۇرۇپ ئورمىغا چۇشتى .ئورما ئورغاچ يىراقتىكى ئېچىۋېتىلگەن رايۇنغا كەلمىگەن ئېتىزلارنىڭ قىر بويلىرىدىكى بولۇق ئۆسكەن ئوت-چوپلەرگە كوز تاشلاپ ،كېلەر يىلى شۇ ئوت –چوپلەرنى ئورۇپ كالا –قويلىرىنىڭ قىشلىق غېمىنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۇكتى.ئۇ يەردىن ئايرىلدى ئەمدى ،كالا –قويلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق بولىدۇ پۇل دىگەن پىششىق ئاش ئاز كۇندە ئۇ پۇلمۇ تۇگەيدۇ .ئوت-چوپ دىگەننى ئورۇپ تۇرسا  چىقىپ تۇرىدۇ .دادىسى رەھمەتلىك ‹‹زىرائەت يەرنىڭ ئۆگەي بالىسى ،ئوت-چۆپ ئۆز بالىسى ››دەيدىغان زىرائەتنى ئورسا قايتا ئۆسمىگەن بىلەن ئوت-چۆپ ئورۇپ تۇرسا ئۆسۇپ تۇرىدۇ ،خۇددى ئوت-چۆپكە يەر تۇگىمەس-پۇتمەس ھاياتى كۇچ بېرىۋاتقاندەك .ئۇ يېرى قۇرۇلۇشقا كېلىدىغان گەپنى ئاڭلىغاندىن بېرى كېلەر يىلىدىن ،ئۇنىڭدىن ئاتلاپ يەنىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن غەم قىلىپ كەلدى .قىر بويلىرىدىن ئورۇپ كىرگەن ئوت-چۆپ بىلەن ماللارنى قىشتىن چىقارغىلى بولارمۇ ؟بازاردىن شاخ،سامان ئالمىسا تېخى بولمايدۇ؟
ئوغلى موتسېكلىتنى گۇكىرىتىپ مىنىپ كېلىپ ئېتىز بېشىدىكى توپىلىق يولدا توختىدى.
_كومبايىن سالساڭ بولمامدۇ ؟نىمانچە جېنىڭنى قىينايدىغانسەن ؟-دىدى ئوغلى .
_بۇغدايلىرىڭنى ئورىۋەت پىشىپ كەتسە دېنى قېقىلىپ كېتىدۇ-دىدى
_ئەتە كومبايىن كېلىدۇ.
   ئوغلى شۇنداق دەپ موتسېكلىتىنى مىنىپ كېتىپ قالدى .
ئوغلى ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرىنى چۇشەنمەيتتى.ئۇمۇ ئوغلىنىڭ نىمە ئويلاپ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى.ئوغلى يەر ئايرىش مەخسىدىدە ئوي ئايرىۋالغاندىن بېرى ئاتا-بالا  بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىققىنى  ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە بارغانسېرى يىراقلاپ كېتۋاتاتتى.بۇ بالا يەرگە بېرىلىدىغان پۇلنى دادام ماڭا تۇتقۇزمايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆي ئايرىۋالدى ،ئەگەر دىتى بولۇپ پۇلنى جايىدا ئىشلىتەلىگەن بولسا ،ئۇ پۇل بەرىبىر شۇ بالىنىڭ ئىدىغۇ ؟ئۇ ئوغلىنىڭ ئوقەت قىلىمەن دەپ پۇلنى يانچۇغىغا سېلىپ يۇرۇپ دەتتىكام ئېتىپ ئۇتتۇرىۋېتىشىدىن ئەنسىېرەيدۇ .بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىشلار بولغانغۇ ؟بولمىسا ئۆز ئوغلىغا ئىشەنمەيدىغان دادا بولامدۇ؟
كۆزۇم يۇمۇلگىچە مۇشۇ بالىلارنىڭ يامان كۇندە  قالغىنىنى كۆرمەي دەپ شۇ پۇلنى تېجەشنى ئويلىمىسا نىمە قىلىدۇ ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يىمەيدىغان قەغەزنى ئاياپ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ.
ئۇ شۇنداق قىلىپ بۇغدايلىرىنىمۇ ئورۇپ بېسىقتۇرۇپ بولدى ،يەرنى ئوتكۇزىۋالىدىغانلار تېخى بۇ يەردە كورۇنمەيتتى. ئۇلار ئوتكۇزۋالغىچە سەۋزە تېرىۋالاي دەپ ئويلىدى ئۇ.
_سابىركا نىمە قىلىۋاتىسەن يەرنى ئوتكۇزىۋالىدۇ دەۋاتسا سەۋزە تېرىمسەن ،سەۋزەڭ باش قىچارغىچە بۇ يەرلەرنى تۇرتۇپ تۇزلەيدۇ،قىلغان ئەمگىگىڭ ،چاچقان ئۇرۇقۇڭ بىكار بولىدۇ دەپ سوزلىگەنچە ئېتىز بېشىدا پەيدا بولدى ئەترەت باشلىغى.
_ئەگەر سېنىڭ دىگىنىڭدەك بولۇپ قالسا ئوزۇمنىڭ شورى.شۇڭغىچە ئېلىۋالمىسا بىر قېتىم بولسىمۇ ئارتۇق ھوسۇل ئېلىۋالارمەن .
_ئۇنداق بولسا ،ئاقىۋىتىگە ئوزۇڭ ئىگە جۇمۇ؟ئەترەت باشلىغى ئۇنىڭ توختامغا قول قويماي خېلى ئۇزۇن ئۆزىنى ئاۋارە قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالمىغاچ،ئۇنىڭ يەرگە سەۋزە تېرىۋاتقىنىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەم ئۇنىڭ دىگەن گېپىدە تۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلگەچ باشقا گەپ  گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.
ئۇ سەۋزىلىرىنىڭ باش ئېلىشىنى كۇتكەچ ،ئورغىغىنى كوتىرىپ يۇرۇپ ئېرىق قىر بويلىرىدىكى چوپلەرنى ئورۇپ ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ ھويلىدىكى لاپاسغا دوۋىلەشكە باشلىدى .لاپاستىكى چوپ دوۋىسى كۇنسېرى جىقىيىۋاتاتتى،ئۇ يېڭى ئەپكەلگەن چوپلەرنى بۇرۇنقى چوپ دوۋىسىنىڭ ئۇستىگە ئالغىچە كۇچى يەتمەي خېلىلا قىينالدى .بۇنى ئوغلى كورمىدى ئەمەس كوردى ،بىراق قولىغا ئارىنى ئالاي دىمىدى .كىيىمىنى پاقىرىتىپ كىيىپ موتۇسېكلىتنى گۇكۇرىتىپ مىنىپ سىرقا چىقىپ كەتتى .بىر چوڭ سودىىنىڭ پېشىنى تۇتماقچىمىش ،پۇل كەلگىچە ئىشنىڭ ئېپىنى قىلىپ تۇرىۋاتىمىش .ئەگەر ئوغلىنىڭ خۇيى شۇلا بولىدىغان بولسا ،شۇ پۇلنىمۇ تۇگىتىپ ،يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ كەلمەي قالمايدۇ.ئۇنىڭ ئورغاق سېلىشى بىلەن ئېرىق بويلىرىدىكى كەندىر غوللىرى  لىڭشىپ يوپۇرماقلىرى  ئۇستىدىكى توپا –چاڭ توزۇپ ئەتراپنى تۇماندەك تارقىغان چاڭ –توزاڭ بىر ئالاتتى ،ئۇ ئېرىق بويلىىدىكى ئادەم بويى ئۆسكەن چۆپلەرنى ئورۇپ يېرىمىغا كەلگەندە چارچىدى.ئېرىق بويىدىكى باراقسان ئۆسكەن ئۇجمە دەرىخىنىڭ ئاستىغا كېلىپ ،ئولتۇرۇپ ،ئەتىگەن ئەپچىققان سولياۋ باكتىكى چايدىن ئوتلىدى.ئۇ تېلىپ كەتكەن بەللىرىنى تۇزلىۋالاي دەپ چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ ئاسمانغا قاراپ ئوڭدا ياتتى ،ئاسمان شۇنچىلىك سۇزۇك ،بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق .ھايات يەنىلا ئۆز پەدىسىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ.بىراق بۇ يىل ئۇ يازنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمىدى .ھاياتنىڭ، تەبىئەتنىڭ گۇزەللىگىنى ھىس قىلمىدى.ھوزۇرلانمىدى،تەقدىر ئۇنىڭغا ئەللىك ياشتىن ئاشقاندا ئادالەتسىزلىك قىلدى.ئۇ بۇ ئالەمدىن ئادەملەردىن ھىچ نەرسە تالاشمىغان ئىدىغۇ ؟ ئۇ تۇيۇقسىز باي بولۇپ كېتىشنى ،بىرەر ھوقۇق مارتىۋىگە ئىگە بولۇپ ئادەم باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدىغۇ ؟ بۇ ئالەمدىكى ئەڭ ئاددى ئىشنى دىخان بولۇشنى ،بىر پارچە يېرى بولۇشنى ئارزۇ قىلدىغۇ؟ مانا شۇ كىچچىككىنە ئارزۇسىمۇ يوق بولدى .نىمە دىگەن شور پىشانىلىك بۇ؟ئۇ ياتقان ئۇجمە دەرىخىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى يولدا بىر موتسېكلىت توختىدى،موتسېكلىتنىڭ ئاۋازى ئوچۇشى بىلەن ،يان تېلىفوننىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ھە جېنىمما ،خاپا بولمىغىنە ،خاپا بولمىغىنە ،مەنمۇ سېغىندىم ،قانىتىم بولسا ھازىرلا يېنىڭغا ئۇچۇپ بارغىم بار .مۇشۇ يەرنىڭ پۇلىنى بەرسىلا بارىمەن .
....
_ھە بولىدۇ ،بولىدۇ،سەن ئۆينى كۆرىۋەر ،ساڭا يارىسىلا بولدى،پۇل قولۇمغا تەگسىلا ،ئىشلار بىر دەمدىلا پۇتىدۇ .بۇ كونا ئوي قانچە پۇلغا يارايدۇ دەيسەن ئۆينى خوتۇنغا بېرىپ يەرنىڭ  پۇلنى ئالىمەن –دە قۇرغۇيدەك يېنىڭغا ئۇچىمەن .
    ئۇ يانغا ئورۇلۇپ بېشىنى كۆتۇرمەي تۇرۇپ ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن قاراپ يولدى يولدىكى كىشىنىڭ ئۇنىڭ يەر خوشنىسى تاھىر ئىكەنلىگىنى بىلدى.تاھىر ئۇنى كۆرمىگەچ ،تېلىفوندا بەخۇدۇك سوزلىشىپ بولۇپ تېلىفوننى يانچۇغىغا سېلىپ يولىغا راۋان بولدى.دىمەك كوچىدا ئېقىپ يۇرگەن گەپ راس ئىكەن‹‹ تاھىرنىڭ شەھەردە ئاشنىسى باركەن ،خوتۇنى بىلەن ئاجراشقىلىۋېتىپتۇ›› دىگەن ئىدى ئايالى بىر نەچچە كۇن بۇرۇن.دىمەك تاھىر يەرنىڭ پۇلىغا ئاشنىسىغا ئۆي ئېلىپ بەرگىدەك .بۇ ئادەملەر زادى نىمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ ؟
    ھۆكۇمەت ۋدە قىلغان پۇلنى ئەزالارغا تارقىتىپ بەردى ،پۇلنى قولىغا ئېلىپ ئاغزى قۇلىغىغا يېتىپ خوشال بولغانلارغا قاراپ ئۇ ھەيران بولدى.توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتتى.
   ئۇ چوڭ قىزى بىلەن ئوغلىنى چاقىرىپ ،ھەر قايسىسىنىڭ ئالدىغا ئۆز تېگىشلىگىنى قويۇپ ،ئۆزىگە تەۋە توقسان مىڭ سومنىڭ ئەللىك مىڭىنى قىزى ئاينۇرنىڭ ئالدىغا قويۇپ :
   ـ بالامنى بېيجىڭغا ئاپارسام ساقىيىدىكەن دەۋاتتاتتىڭ ،بۇ پۇل بىلەن بالاڭنى دوختۇرغا كۆرسەت ،كىچىگىڭدە ئۇكىلىرىڭنى باققۇزۇپ ،يۇقۇرلاپ ئوقۇتمىدىم ، قىيىنچىلىغىڭنى كۆرۇپ تۇرۇپمۇ ياردەم قىلالمىدىم ، ھىچ نەرسىنىڭ راھىتىنى كۆرمىدىڭ ،بۇ مېنىڭ بۇ ئۆمرۇمدە ساڭا قىلغان ياردىمىم بوپ قالار - دىدى
   قىزى گەپ قىلالماي مىشىلداپ يىغلاپ پۇلنى دادىسى تەرەپكە ئىتتىردى ،بىر نىمە دىمەكچى بولاتتى،ھىقىقداپ كېتىپ دىيەلمەيتتى ،قىزىنىڭ كوڭلىنى چۇشەنگەن ئانىسى :
   ـ ئال بالام بۇ پۇلنى داداڭ كۆڭلى –كۆكسىدىن چىقىرىپ ساڭا بەرگەن ئالمىساڭ داداڭنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ .بالاڭ ساقىيىپ كەتسە ھەممىىمىز خوش بولىمىز -دەپ، پۇلنى يەنە قىزىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.
سەن قانداق قىلىسەن تېرىيدىغان يەر تېخى يوق بولغان تۇرسا كۇنلەر تېخى ئۇزۇن پۇل ساڭىمۇ كېرەك بولىدۇ دىدى قىزى. ئۇ:
_قوتاندا مال-كالىلار بار ،يەنە سىلەردەك بالىلىرىم بار ،نىمىدىن ئەنسىرەيتتىم -دىدى.
   ئاندىن قالغان قىرىق مىڭنى ئوغلىنىڭ ئالدىغا قويۇپ :
ـ ساڭا ئون مىڭ سوم كام بولۇنۇپ قالدى،سېنىڭ بالىلىرىڭ ساق بېجىرىم ،ھەدەڭنىڭ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوزۇڭ بىلىسەن شۇڭا سېنى بۇنى توغرا چۇشىنەلەيدۇ دەپ ئويلىدىم ،ئوزۇڭگە تەۋە پۇلغا ئوقەت قىلساڭمۇ مەن ئۆتۇنۇپ بەرگەن پۇلغا قوي –كالا ئېلىپ مال قىلىپ قوي بىر كۇنلەر كېلىپ بېشىڭغا كۇن چۇشسە سېتىپ خىراجەت قىلىسەن . ماللارغا يېتىشەلمىسەڭ مەن بار قاراپ قويىمەن-دىدى.
  ئوغلىمۇ بۇرنىنى تارتقاندەك قىلىپ :
  ـ بولدى دادا ماڭا ئوزۇمنىڭ تېگىشلىگىنى بەرسەڭ بولدى- دىدى.
  _ئال بالام بۇنى مەن ساڭا ئاتاپ بولغان- دەپ پۇلنى بالىسىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرگەچ ئايالىغا قاراپ :
  ـ ساڭا تەۋە پۇلنى سېنىڭ نامىڭدا كارتا بېجىرىپ بانكىدا قويۇپ قويدۇم مانا كارتا،قانداق ئىشلىتىشنى خالىساڭ شۇنداق ئىشلەت!مەن ھايات بولساملا سېنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە خار قىلمايمەن .ماگا ياتلىق بولغان ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بېرى بالىلارنى باقىمەن دەپ سايرامنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۇپ باقماي شۇنچە يىللارنى ئوتكۇزدۇڭ ،قولۇڭ تاۋار –دۇردۇننى ،ئۇنچە –مەرۋايىتنى ئەمەس ،كالىنىڭ يېلىنىنى،ئوتۇن –ياغاچنى كۆپ تۇتتى .مەن قازايى قەدەر يېتىپ ئۆلۇپ كەتسەم ،بۇ پۇل ساڭا ئەسقېتىپ قالار ،ئاڭلىدىڭلارمۇ بالىلىرىم ،مەندىن كېيىن قېلىپ قالسا ئاپاڭلارغا ياخشى قاراڭلار - دىۋىدى ئايالى پەقەت شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقىنىنى بىلگەندەك باشتا مىشىلداپ كېيىن ئېسەدەپ يىغلىدى. ئايالىنىڭ يىغىسىغا قىزىنىڭ يىغىسى قوشۇلۇپ ئىككىسى بىر –بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلىشىپ كەتتى.
   ئۇ كىچىك قىزى شەمشىنۇرغا تەۋە توقسان مىڭ سومنى كۆتىرىپ قىزىدىن ئاخشام سورىۋالغان كارتا نومۇرىغا يوللىۋەتكىلى بانكىغا قاراپ ماڭدى.
   ئۇ بۇگۇنمۇ كۇندىكىدەك سەھەر تۇرۇپ ،كىيىملىرىنى رەتلىك كىيىپ ئىتىزلىغىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ قولىغا پۇلنى ئالغان كۇندىن باشلاپ ئۇ يەرلەرنى ئۆزىگە تەئەللۇق دەپ قارىمىغاچ،شۇنچە كۇنلەردىن بۇيان ئېتىز بېشىغا يولاپ باقمىغان ئىدى،يولدا قوناق سوقىدىغان ماشىنىدا كىشىلەر قوناق سوقىۋاتاتتى،ماشىنىنىڭ بىر بېشىدىن دېنىدىن ئايرىلىپ چىقىۋاتقان مەدەكلەرنىمۇ سولياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ تەييار قىلىنىۋاتاتتى ،بۇرۇن مەدەكنى پەقەت ئوچاققا قالايتتى ،ھازىر مەدەكمۇ پۇل،بۇنىمۇ شەھەردىن چىققان كىشىلەر سېتىۋېلېپ ئەپكېتىپ ،قىزىل ھاراق ياسايدىكەن ،توپىلىق يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى ئاپتاپپەرەسلەر رۇكۇغا ئولتۇرغان نامازخانلاردەك باشلىرىنى ئېگىپ تۇراتتى .بۇنداق ئىگىلىشنىڭ ئاپتاپپەرەسنىڭ پىشقانلىغىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ئۇ بىلەتتى ،ئەمدى .ئۇ ئاپتاپپەرەس ئۇزەلمەيدۇ ،قوناق سوقالمايدۇ،مۇشۇنداق مەدەكمۇ پۇل بولىۋاتقان بىر زاماندا ئۇنىڭ يېرى ئۇنىڭ رازىلىغىسىز باشقىلارنىڭ قولىغا ئوتۇپ كەتتى ،ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆز ئېتىز بېشىغا كېلىپ قالغىنىنى تۇيماي قالدى، ئۇ ئېتىز بېشىدا ئېتىزلىرىغا قاراپ تۇرۇپ ،كېلەر يىلدىن تارتىپ بۇ ئېتىزدا باھار بولمايدۇ ،ياز بولمايدۇ ،كۇز بولمايدۇ دەپ ئويلىدى،ئىختىيارسىز ئېتىز بېشىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قول يېتىم يەردىكى چالمىلارنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى،چالمىلارنى تۇتقاندا ئۇنىڭدا ئۆزىنى ئېتىزى بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى ،يېشىل مايسا كورمىگەن باھارنىڭ ،بۇغداي قوناق ھىچ بولمىسا ،شاخ-سامان بېسىپ قايتمىغان كۇزنىڭ دىخان ئۇچۇن نىمە ئەھمىيىتى؟! ،بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇز !ئەڭ ئاخىرقى!ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توپىغا تامچىلىدى،ئۇ تىزلانغىنىچە چالمىلارنى ئۇۋىلاۋەردى،تىزلىرى تالدى باش ئۇستىدىكى پارلاپ تۇرغان كۇز ئاپتىپىدا ئىسسپ باش –كۆزلىرىدىن تەرلەر قۇيۇلدى،كۆز ياشلىرى بىلەن تەرلىرى بىرلىشىپ كەتتى.بىر چاغدا يىغىدىن توختاپ يانچۇغىدىن قول ياغلىغىنى چىقىرىپ،ئېتىزنىڭ توپىسىدىن بىر چاڭگال توپىنى قول ياغلىغىغا چىگىپ ،كىيىمىنىمۇ قاقماستىن مەھەللىگە قاراپ ماڭدى،ئۇنىڭ گوپۇلدىتىپ كەتمەن چاپقاندا ئىگىلمىگەن قەددى ئاشۇ بىر چاڭگال توپىنىڭ ئېغىرلىغىدا ئىگىلگەن ئىدى.



مۇھەررىر ئىلاۋىسى:
مەزكۇر ئەسەر،2013-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.




Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2091
تۆھپە : 0
توردا: 135
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 13:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاۋال ساۋاقدىشىم زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خوشمەن ۋە ئائىلىسىگە بەخىت ،خاتىرجەملىك،بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،
  يۇرتۇمنىڭ كۈچلۈك ھېدى پۇرقىراپ تۇرغان ھېكايىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى بىلەن ئىجادىيەتلىرىڭىزگە مول ھوسۇللار  تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-6 17:41  


سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1965
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 119
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 13:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يەردە شۇ... ياخشى ھېكايە ئىكەن، ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!

شەھلا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 14:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 296
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 14:53:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر -دېھقاننىڭ جىنى دىگەن گەپ بار. تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋالماسلىق قۇغداش تەكىتلىنۋاتقان بىلەن ئەمەلىيەتتە قىپقىزىل پۇللارنىڭ كۈچىدە  تېرىلغۇ يەرلەر ئولتۇراق ئۆيلەرگە، سانائەتكە ئورۇن بېرىۋاتىدۇ. ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. يەرگە چىن مىھرى بار ھەقىقى دېھقان يىزىلىپتۇ.

مەن قايتىپ كەلدىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2832
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 150
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-12-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 18:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام زۆھرەگۈل ھەدە!  
بۇ ئەسىرىڭىزنى  زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ «قوشنىلار» ھېكايىسىدىن سۆيۈنگەندەك سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم. ھېكايىدىكى تىل ماھارىتىڭىز ۋە ئىپادىلەنگەن رېئاللىق مېنى دېھقاننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا باغلاپ قويدى، مانا  مەنمۇ ئەشۇ دېھقاندەك بىر چاڭگال توپىنى مېھرىم بىلەن سىقىۋاتىمەن!

بەزىبىر ئىملا خاتالىقىنى توغرىلىۋەتسىەك بوپتىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1475
تۆھپە : 0
توردا: 389
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 21:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ بەركەتلەرنى تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1246
تۆھپە : 0
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:20:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈلنىڭ بۇ مۇنبەرگە قەدەم باسقىنىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز...
‹‹ئاخىرقى كۈز››-بۇ بەكلا ئېسىل ھېكايە،بۇ ھېكايىنى‹‹ئىلى دەرياسى››دا ئوقۇپ زۆھرەگۈلنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىگە ھەقىقەتەن قائىل بولدۇم.بۇنداق تېتىملىق ھېكايىنى ئوقۇمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ئۆپكەم قېقىلىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم دىسە!...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2529
تۆھپە : 0
توردا: 282
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 23:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇز !ئەڭ ئاخىرقى!ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توپىغا تامچىلىدى،ئۇ تىزلانغىنىچە چالمىلارنى ئۇۋىلاۋەردى،تىزلىرى تالدى باش ئۇستىدىكى پارلاپ تۇرغان كۇز ئاپتىپىدا ئىسسپ باش –كۆزلىرىدىن تەرلەر قۇيۇلدى،كۆز ياشلىرى بىلەن تەرلىرى بىرلىشىپ كەتتى.بىر چاغدا يىغىدىن توختاپ يانچۇغىدىن قول ياغلىغىنى چىقىرىپ،ئېتىزنىڭ توپىسىدىن بىر چاڭگال توپىنى قول ياغلىغىغا چىگىپ ،كىيىمىنىمۇ قاقماستىن مەھەللىگە قاراپ ماڭدى،ئۇنىڭ گوپۇلدىتىپ كەتمەن چاپقاندا ئىگىلمىگەن قەددى ئاشۇ بىر چاڭگال توپىنىڭ ئېغىرلىغىدا ئىگىلگەن ئىدى.


بۇ قۇرلارنى ئوقۋاتقاندا مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش سىرغىپ كەتتى.
  يەر دىگەن ئالتۇن قوزۇق ئەمەسمۇ ...
يەنىمۇ بەركەتلىك بولۇڭ زۆھرەگۈل !سىزگە ئامەت تىلەيمەن !

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 849
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 02:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈلنىڭ  ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن،  ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن زۆھرەگۈل

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  536
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 227
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      زۆھرەگۈل، ھېكايىلەر توپلىمىڭىزنى سۆيۈنۈپ ئوقۇۋاتىمەن. بەرىكەتلىك بولۇڭ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 510
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىققان ئەسەر . مەنمۇ ھاياجان بىلەن ئوقۇغان ئىدىم . سىز سوۋغا قىلغان كىتاپنىمۇ  ئوقۇپ ،قەلەم كۈچىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم .سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن زوھرەگۈل !  

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2692
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 22:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلارنىڭ ئەسىرىمگە ياخشى باھا بەرگىنىگە رەخمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2692
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 07:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خېلىل ياخشى تۇرىۋاتامسىز ھازىر نەدە تۇرىۋاتىسىز ؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3081
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 18:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقى دېھقاننىڭ خاراكتىرى ياخشى يارتىلىپتۇ، ئاخىرلاشتۇرلىشىمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن توغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                    -«دانالار خەزىنىسى»دىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش