جەنۇبىي تاغ ئاسمان، ئەدىبلەر يۇلتۇز
(ئەدەبىي خاتىرە)
يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان
مۇقەددىمە
ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنى ئىزدەش يولىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ماددىي رېئاللىق بوشلۇقىدىن مەنىۋىي رېئاللىق بوشلۇقىدا ئاپرىدە بولۇشىنىڭ باھار مەۋسۈمى شۇنداقلا يازغۇچى – شائىرلارنىڭ يېزىق ئارقىلىق تېخى يېتىپ كەلمىگەن ئەمما يېتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى زور بولغان زامان ۋە ۋاقىتنى ئوقۇرمەن خەلققە ئالدىن بىشارەت بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە بەختىنى يارتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كاتىگورىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان شەخس ۋە كوللىكتىپ-تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق غايە-نىشان بىرلىگىدە ئۇيۇشتۇرىۋاتقان تۈرلۈك ئەدەبىي يىغىلىشلار، سۆھبەتلەر، ئەنجۈمەنلەر ئۆز-ئارا ئۆگىنىش،يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىياتنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىگىنى كېيىنكى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا يەتكۈزۈش جەريانى بولۇپ، بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىشقى ۋە مىللەتنىڭ پىراغىدا لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوت يۈرەك يازغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى.
ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئىدارەمدىكى ئايىغى چىقماس كەسپىي خىزمەتلەر ۋە سىرتتىكى «ئالۋاڭ» خىزمەتلەر بىلەن «مارافون» چە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 5-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتنىشىدىغانلار نامزاتى قىلىپ كورسىتىلگەنلىكىم توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ ئېيتىپ بولغۇسىز شادلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈم.ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ، كۇرسانتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى جەدىۋەلىنىمۇ توردىن تاپشۇرىۋالدىم. جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى رەسىمىم بىلەن قوشۇپ ئالدىن يوللىۋەتتىم.ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدىكى گەپ ئارىلىقىدا ئايالىمغا بۇ ھەقتە ئانچە-مۇنچە پۇرىتىپ قويغان بولساممۇ،بارالىشىمغا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە گۇمان ئارىلاش شۈبھە ئەلەڭگىپ تۇراتتى.ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ رەسمى تەكلىپنىمۇ قولغا ئالدىم،لېكىن كۆڭلۈمدە يەنە شۇ گۇمان.ناھىيەدىكى بىر ئىدارىنىڭ سېكىرتارلىقىدەك «كالتە قوشۇقنىڭ سېپى» قولۇمدا بولغاچقا،رۇخسەت سوراش قەغىزىنى تولدۇرۇپ،تارماقلار بويىچە مەسئۇل ناھىيە رەھبىرى،ناھىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى،تەشكىلات تارمىقىنىڭ رەھبىرىگە بىر-بىرلەپ ئىمزا قويدۇرۇشۇم لازىم ئىدى.6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن بىسمىللا دەپ چىقتىم. ئىچىمدە ئاللاھدىن بۇ ئىشىمغا ئاسانلىق تىلەپ باراتتىم. ئەمما بۇ يولدىكى ئىسكەندىرەش، تېڭىرقاشلىرىم ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. مەندەك ئاددىي بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئالاھىدە نوپۇزى بار ‹‹لۇشۈن ئەدەبييات ئېنىستتۇتى››دەك نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتىنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭدا تەشكىللەپ ئاچقان تۇنجى قارارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىمنى قىزغىن قوللاپ مېنىڭ بۇ سەپەردىكى بارلىق رەسمىيەتلىرىمنى تېزلا ھەل قىلىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەرگە ئاتلىنىشىم تامامەن ھەل بولۇپ، ئىدىيە تەييارلىقلىرىم كېيىنكى قەدەمدە ئائىلىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلەشتى.
لېكىن كۆڭلۈمدىكى ئىشەنچ تېخى بىر پۈتۈن ئەمەس ئىدى.بىرەر يىل بۇرۇن نەچچىنچى ئاينىڭ نەچچىنچى كۈنى سائەت نەچچىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە پالانى دۆلەت،پۇستانى شەھەرگە بارىمەن دەپ ئالدىن ئايرۇپىلان،پويىز بېلەتلىرىنى ئېلىۋېتىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئەكسىچە يەنە تۆت كۈندىن كېيىن چىقىدىغان بۇ سەپەرگە رۇخسەتنى ئېلىپ بولۇپمۇ تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتىم.يەنە بىر مىنۇتتىن كېيىن نېمە ئىش بولۇشىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ غايىپنىڭ ئالىمىدە ياراتقۇچىدىن باشقىمىز تولىمۇ بىقوۋۇل،ئاجىز،بىچارە ئىدۇق...
ئارىلىقتا ئاقسۇدا كۇچادىكى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن «تارىم» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال، مۇھەررىرى ھەزرەتئېلى ئەھەد، «مىراس » ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مۇختەر مۇھەممەدلەرنىڭ قاتنىشىشىدا يەكشەنبە كۈنى ئاقسۇدا، دۈشەنبە كۈنى ئاۋات ناھىيىسىدە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنلىرىنى تەشكىللىدۇق. ئەتىسى ئۇلار بىلەن ناشتىدا بىرگە بولۇپ ،سائەت توققۇزلاردا بىر باغقا باشلاپ چىقتىم.ئالدىنقى كۈنى كۆرىشەلمىگەن ياكى كۆرۈشكەن بولسىمۇ ئەدەبىياتنىڭ شېرىن سۆھبەتلىرىگە دىلى قېنىشمىغان ئاپتۇرلار سالغان بۇ داستىخاندا قىرىق مىنۇتلارچە ئولتۇرغاندىمەن،ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆزرەمنى چىرايلىق قويۇپ ،پويىز بېلىتىنى تۈنۈگۈن ئىدارىدىكى بالىلارغا ئالدۇرۇپ قويغانلىقىمنى،ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:50 تە يولغا چىقىدىغان پويىزغا ئالدىراپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم،ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلاشتى ۋە ئاقيول تىلەشتى.ئويدىن ئالىدىغاننى ئېلىپ،خوتۇن-بالىلارغا خوش دەپ ئالدىراپ ئاقسۇغا كەلدىم. پەقەت پويىز ۋاگزولدىن رەسمى قوزغالغاندىلا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بۇر قېتىملىق مۇبارەك سەپىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىغان شۈكرى ئېيتىپ يېنىك بىرنى تىندىم.
جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە
ئۈرۈمچىگە يېقىن كېلىپلا ئاقسۇدىكى ئۈچ قەلەمكەش قاتارىدا (يەنە بىرى كۇچا ناھىيىسىدىن كەلگەن تونىلىۋاتقان يازغۇچى ئابلىكىم ئەبەيدۇللا) ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەركىزى مەكتىپىدىن كەلگەن شائىر،يېتىلىۋاتقان ئەدەبىي ئوبزورچى روزى سوپى ئۇچتېكىن بىلەن ئالاقىلەشتىم. ئۇ داڭلىق شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان،مەدەنىيەت –سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن ئەھمىدى بىلەن بىللە ئىكەن.سائەت ئون بىر لەردە شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا تۆتىمىز تامىقى خېلى تېتىملىق بىر ئاشخانىدا ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئوبدان مۇڭداشقاچ غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن،سائەتتە بىر ماڭىدىغان يولۇچىلار ئاپتوۋۇزىدا غەربىي جىلغىغا ((水西沟قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.بىز بۇ 40كىلومېتىرغا يېقىن يولنى پاراڭ بىلەن بىردەمدىلا تۈگەتتۇق.بىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاي غەربىي جىلغا بازىرىدىكى ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيىلەش بازىسى بولۇپ مۇھىتى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل يەر ئىكەن.
ئۇقۇپ بېقىشىمچە، غەربىي جىلغا ئۈرۈمچى شەھرىگە 40نەچچە كىلومېتىر كىلىدىغان،ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە قارايدىغان كۆپ مىللەت بىرگە ئولتۇراقلاشقان، ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان، ياز پەسلى (5-ئايدىن 9-ئايغىچە) ئارام ئېلىشقا،ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ باپ كېلىدىغان گۈزەل ۋە سالقىن بىر جاي ئېكەن.
چوڭ زالغا كىرىپ تىزىملاش ئورنىدا تىزىمغا چۈشتۇق.خالىس «پىدائىي» بولۇپ كەلگەنلەرگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقىۋاتقان ياش شائىر ئالىمجان تۆمۈر تۇران،شىنجاڭ يېزا ئېگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقىۋاتقان ئەدەبىي تەرجىمان يۈسۈپجان مۇھەممەد ئەرتۇغلارنىڭ سومكا، چامادانلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ يول باشلىشىشى بىلەن ياتاقلارغىمۇ جايلىشىۋالدۇق.كۆڭلىمىزدە ئالەمچە ھاياجان،كەلگەنلەرنى تونىساق،تونىمىساق قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشىمىز، ئەدەبىياتنىڭ سۆيۈملۈك كوچىسى تونىمىغانلار بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ تاتلىق بىر يېقىنلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ.يېقىملىق،سۆيۈملۈك چىرايلار بىر ئازدىن كېيىن نام-شەرىپى بىلەن تېخىمۇ يارقىن ھالەتتە نامايەن بولىدۇ...
كەچلىك تاماقنى مېھمان ساراي تاماقخانىسىدا تونۇشۇپ بولغان ۋە بولالمىغانلار بىلەن كۈلكە –چاقچاق ئىچىدە بىللە يېيىشتۇق.قىزلاردىن ئامانگۈل ئەزىزى،زۇلپىيە كولتېگىن،گۈزەلنۇر مۇتەللىپ،خۇرسەنئەي مەمتىمىن،خەيرىگۈل ئۆمەر قاتارلىق بەش قىز بار ئىكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشۈم بولسىمۇ بىراق ئورتاق بىر ئەدەبيات ئىشقىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ يۈرگەنلەر بولغاچقا ناھايىتى تېزلا ئەسرالىشىپ كەتتۇق.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن،زالدا پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق بۇ قېتىملىق كۇرسىمىزنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ مېنى چاقىرىپ،ئەتىكى مۇراسسىمدا سۆزلىنىدىغان سۆزۈمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.مەن بۇنى توردىن ئون كۈنلەر ئىلگىرى ئەيبۇ ياقۇپنىڭ تەلىپى بويىچە ،خەنزۇچە بىر بەتلا يېزىپ يوللىۋەتكەن ئىدىم،ئەيبۇ ياقۇپ بۇنى ئاۋال دىلمۇرات تەلئەت،ئاندىن لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇدىكىلەر كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى،قاراپ باقسام نەچچىلا خەتنى ئۆزگەرتىپتۇ.پاراڭلىشىۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا ماڭاي دەپ تۇرىۋىدىم،ئەيبۇ ياقۇپ يەنە ئېغىز ئېچىپ قالدى:
-دوپپا ئېلىۋالغانمۇ؟
-ياق،بۇ ئېسىمگىمۇ كەلمەپتۇ.
-سۆزگە چىقىدىغانلار ئۆز مىللىتى تۈسىدە چىقسا ئوبدان بولاتتى،قېنى ئىزدەپ بېقىڭ.
مەن ئۆزەمنىڭ بىخوتلىقىمغا،مۇھىم مەسىلىلەردە ئەتراپلىق ئويلىنالمىغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئۈرۈمچىدىكى تونۇش بالىلار ئارقىلىق تاپتۇرۇش ياكى ئامال بولمىغاندا مۇشۇ پېتى چىقىۋېرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ تۇراتتىم،ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ئىجادىيەت بازىسىدا تەربىيىلىنىۋاتقان قاراقاشلىق بالىلارنىڭمۇ ئېچىلىش مۇراسسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.شۇنىڭ بىلەن تېخى بايامراق تونۇشقان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى جاسارەت جاپپار دېۋىدىم بىر تېلىفۇن بىلەنلا كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدى.
(داۋامى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت رەسىملىرى ئىنكاس كۆزنىكى ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ)