كۆرۈش: 567|ئىنكاس: 7

رۇماننى بۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 14:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
←خۇدابەردى ئابىخان
                             
                                         رۇماننى بۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن
      

      تۇركىيە يازغۇچىسى ئۇرخان پامۇكنىڭ نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مەشھور ئەسىرى«مىنىڭ ئسمىم قىزىل»رۇمانى توغرۇسىدا

      ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ھەمدەم، ھەم قەدەم بولۇپ ئۆزنى ياراتتى ، ھەم ئىنسانلارنى ياراتتى. ئۇنىڭ  ئۆزنى يارتىشتىكى ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى جەريانى شۇنداق بىر جىمجىتلىق ئىچىدە شاۋقۇنسىز ئۆتتىكى،ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيۇپ پىشقان،مىڭلىغان تالانت ۋە نەمۇنىلەر كامالەتكە يەتكەن بەدىئى ئىستاتى ئارقىلىق قولدىن  –قولغا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا،قەلىپتىن – قەلىپكە كۆچۇش، زامان ۋە ماكان ھالقىش شەرتىنى ھازرلىغان بولسىمۇ ،دەۋىر چەكلىمىسى ۋە ئىمكانسىزلىق ئۇلارنى ماكان –زامان بۆشۇكلىرگە مەھكەم چۇمكەپ مەڭگۇلۇك ئۇيقىغا غەرىق قىلۋەتكەن ئىدى.ناگان –ناگاندا ئاڭلىنىپ قالدىغان سودا كارۋانلىرنىڭ ئالتۇن كولدۇرمىللىرى،سەيياھلارنىڭ ھارغىن قەدەم تىۋىشلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ،چۇشلىرنىى  ئانچە- مۇنچە ئوغۇرلاش بەختىگىمۇ ئىرۇشتۇرۇپ قوياتتى. لىكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇگۇنكىدەك دۇنياۋىلىشىش بەختىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشنى ئويلاش ئەمەس،بۇنداق بەخىتنى چۇشەپ باققانمۇ ئەمەس ئىدى.
شۇنداق،ئەدەبىيات ئەزەلدىن بۇگۇنكىدەك تىل،چىگرا ئۆتكەللىرنى بۇزۇپ تاشلاپ،مىللەت،دۆلەت ھالقىپ دۇنياۋىلىشىش يولغا مىڭپ، ئۆزنىڭ سىھرى كۇچىنى، شان - شۆھرىتىنى نامايان قىلالىغان ۋە بۇگۇنكىدەك نەزىريىۋى ئۆلچەملەر بىلەن قۇراللىنىپ قېلىپلاشقان،كۆپ خىللاشقان ئەمەس. بۇگۇنكىدەك كەسكىن رىقابەت ۋە رىغبەت سۇرۇنلىرنى ھاسىل قىلالىغانمۇ ئەمەس.بولۇپمۇ رايۇن خاراكتىرلىق، ياكى دۆلەت ھالقىغان دۇنياۋى مۇكاپاتلارنىڭ تەسسىس قىلنىشى بۇخىل موھىتتنى تىخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ،ئەدىبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن تۇلمۇ پايدىلىق بولغان كەسكىن رىقابەت ۋە رىغبەت سورۇنى ھازىرلاپ بەردى.بۇ يالغۇز ئەدىبى موھىتنى چەكسىز كىڭەيتىپ، ئەدەبىياتنىڭ دۇنياۋىلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىپلام قالماي، يەنە،يازغۇچى،شائىرلار ئۇچۇنمۇ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۇچۇنمۇ ئۆزلۇك گىرۋەكلىرىدىن ھالقىپ،ئىنسانى ئورتاقلىق ئۇستىدە،بولۇپمۇ ئىنسان تۇيغۇللىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە  خاسلىقلار ئۇستىدە ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى كۆپ تەرەپتىن قېزىشقا ،بەدىئى غايە جەھەتتىن كەڭلىك، چۇڭقۇرلۇق ھاسىل قىلىشقا كەڭرى يول ئاچتى. نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتى بۇنىڭ ياخشى بىر تىمسالى.نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۆزنىڭ غايەت زۇر سوممۇلۇق مۇكاپات پۇلى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى يىلدا بىر قىتىم،ئىرىق، مىللەت، دۆلەت ئايرىماي، تولمۇ قاتتىق ئۆلچەم بىلەن باھالاپ چىقىلغان بىرلا دۇنياۋى نادىر ئەسەر،دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچى -شائىرغا داغدۇغلۇق ھالدا بىرلشىدەك دۇنياۋى خاراكتىرى بىلەن ئۆزنىڭ  شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ،پۇتكۇل دۇنيا ئىنتىلىدىغان  ئەدىبىياتىنىڭ خانلىق تەختى،گۇل تاجىسىغا ئايلاندى. مۇكاپات گەرچە شەخىسكە بىرىلسىمۇ لىكىن ئۇ شەخىسنىڭ شان-شەرەپ دائىرسىدىن ھالقىپ،شۇ شەخىس تەۋە بولغان مىللەت،دۆلەتنىڭمۇ ئورتاق شان –شەرپى بولۇپ قالدى. مۇكاپاتقا ئىرشكەنلەر سانىنىڭ ئاز-كۆپ بولشى،بار- يوق بولشى بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۇپەت دەرجىسگە باھا بىرىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەييار ئۆلچەم دىسەكمۇ بولدىغان بولدى.شۇڭا بۇ مۇكاپاتنى ئارمان قىلمايدىغان يازغۇچى ياكى ئەدەبىيات بولمىسا كىرەك.«ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا ،تازنىڭ كۆزى چاشتا»دەپ بىزنىڭ ئارمانىمىز تېخىمۇ كۇچلۇك.چۇنكى بىزنىڭ ئاھالىمىز دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرنى ئىگەللىسىمۇ مۇكاپات تارقىتىلىشقا باشلىغان ئاز كەم ئىككى ئەسىردىن بۇيان بىرەرسى بۇ بوسۇغىدىن ئاتلىيالىغىنى يوق.(مۇيەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرشىشى جۇڭگۇ ئەدىبىياتىنىڭ بۇ خىل غەرپسىنىش تارىخىغا خاتىمە بىرىپ، يۇزنى يورۇق قىلدى،ئەمما ماقالە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يىزىلغاچقا توغرا چۇشنىلگەي) مىللى ئەدەبىياتىمىزغۇ سىرىتقا ئۇچقۇدەك قانات- قۇيرۇق چىقىرىپ بولالمىدى.خەنزۇ ئەدىبىياتغىمۇ بۇ بوسۇغىنىڭ ئىگىز كىلشى ئۇلارغا ھەقىقەتەن ھاركەلدى.نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومتىدىكىلەرنىڭ ئۆلچىمىدىن گۇمانلىنىپمۇ،  ئاغرىنىپمۇباقتۇق پايدىسى بولمىدى. لىكىن جۇڭگۇ ئەدىبىياتىغا چۇشكەن بۇ ئوت ئۇلغايسا ئۇلغايدىكى ھەرگىز پەسەيمىدى. مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى كۆرسەك ئاجايىپ بىر خىل قىزقىش،ئەيمىنىش نەزىردىكى ھۆرمەت بىلەن تىكىلىمىز.2006-يىلى بۇ مۇكاپات تۇرۇك يازغۇچىسى ئۇرخان پامۇكقا بىرلىۋىدى ئەدەبىيات ساھاسىدىكىلەرنىڭ ئىچىگە يەنە بىر قېتىم ئوت كىرىپ كەتتى. ئۇرخان پامۇكنى  دەرھال جۇڭگۇغا تەكلپ قىلىپ ، زىيارەت قىلىپ ، لىكسىيە سۆزلىتىپ ئەدەبىيات ساھاسىدىكىلەر ئۆرە –تۆپە بولۇپ كىتىشتى.«بۇغداينىڭ بانىسىدا،قارمۇق سۇ ئىچىپتۇ »دىگەندەك،بۇ خىل قىزغىنلىقنىڭ بانىسىدا بىزمۇ ئۇرخان پامۇكنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇق.ئۇنىڭ نۇبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كاتتا ئەسرى«مىنىڭ ئىسمىم قىزىل»رۇمانى ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلنىپ،نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەردىن ھوزۇرلۇنۇش بەختىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. نوبىل ئەدەبىياتىنى باھالاش كۇمتىتىدىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى بارئىكەن،ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا بىز تۇرۇك ئەدىبىياتىدا يەنىلا ياشار كامال بىلەن ئەزىز نەسھىن خاتىرسىنى ۋاراقلاپ يۇرەركەنمىز. كاتتىنىڭمۇ كاتتىلىقى بارئىكەن. مەن بۇ رۇمانىنى ئوقۇپ ھە، رۇمان دىگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولدىكەن،ھە؟دەپ تىلىمنى چاكىلدىتىپ يۇرگەن كۇنلىرىمدە ئەتراپىمدىكى يەنە بەزى ئوقۇرمەنلەرگە بۇ رۇماننىڭ چۇشنىكسىز تۇيۇلغانلىقى سەۋەپلىك تۇگۇتۇپ ئوقۇپ بولالماي تاشلاپ قويغانلىقنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلاندىم.بۇ كىتاپتىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى كىتاپخان سەۋيىسى،بىلەن ئەدىبى ئەسەرلەردىن زوقلۇنۇش ئادىتىمىزدىكى مەسىلە ئىدى،ئەلبەتتە.شۇڭا كىتاپنىڭ مىنى ھاياجانغا سالغان ،ماڭا ئۆزگىچە يىڭلىق تۇيۇلغان تەرەپلىرى ئۇستىدە يۇزەكى بولسىمۇ توختۇلۇپ، قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى زۆرۇر تاپتىم.
1 .تارىخنى بۇنداق بايان قىلسىمۇ بولىدىكەن.
    دۇنيا ئەدىبىياتىدا تارىخى رۇمان بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەپ تۇرۋاتىدۇ،جۇملىدىن ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ھازىر تىخىمۇ شۇنداق.ئەمما تارىخى رومان دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىزدەپ ھاسھاسلاپ يۇرگەن چاغلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېخى رومانغىمۇ قوساق كۆتۇرمىگەن ئىدى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان بارلىققا كىلىۋىدى  ئۇيغۇر رومانچىلىقى تارىىخى رومانغا سىزىك بولدى بولغاي ،ئۇ بىردىنلا تارىخى رومان قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى .ئۇيغۇر رومانچىلقى مۇشۇ قىزغىنلىقنىڭ تۇرۇتكىسىدە تارىخىمىزنى قويماي ۋاراقلاپ،بىر تەرەپتىن ئۆزنىڭ تىما ئىھتىياجىنى قاندۇرسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخى خاتىرىسنى تولوقلاش سەپىرىنى باشلىۋەتتى. بۇ جەرياندا «ئىز»«ئويغانغان زىمىن» «قۇم باسقان شەھەر»«ئانا يۇرۇت» «باھادىر نامە»گە ئوخشاش خىلى بىرقىسىم ياخشى ۋە بىر قەدەر ياخشى تارىخى رۇمانلار مەيدانغا كىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ،تارىخ قىزغىنلىغىنى قوزغىغان بولسا ،يەنە بىر جەھەتتىن ئۇقۇرمەنلەر قاتلىمىنى كىڭەيتىپ،ئەدەبىياتىمىزدىكى قىيىن بولۋاتقان ئوقۇرمەن ئاز بولۇش مەسىلىسىنى خىلى ياخشى دەرجىدە ھەل قىلىپ بەردى.لىكىن تارىخى رۇمان يېزىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، ھازىرلىغان بولسىمۇ تەييارلىغى تىخى تولۇق پۇتمىگەن بىرقىسىم يازغۇچىلار ئالدىراپ- سالدىراپلا قولغا قەلەم ئېلىپ،يا تارىخى چىنلىققا سادىق بولۇشنى، يا بەدىئى چىنلىققا سادىق بۇلۇشنى بىلەلمەي،تارىخى چىنلىق بىلەن بەدىئى چىنلىق ئارىسدا تەمتىرەپ،ھەقىقى بىر تارىخى چىنلىق ياكى بەدىئى چىنلىق يارتالمىدى.ھەتتا بەزىلەر تارىخى چىنلىق ئۇستىدە گەپ بولسا، خاتا ھالدا بەدئى چىنلىقنى كۆتۇرۇپ چىقتى،بەدىئى چىنلىق ئۇستىدە گەپ بولسا، تارىخى چىنلىقنى كۇتۇرۇپ چىقپ قالقان قىلىشپ بۇ ئىككىسىنى بىر بىرگە قارمۇ- قارشى قىلىپ قويۇشتى. تالاش تارتىشلار ئۇزۇلمىدى، لىكىن ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تارىخى رۇماننى قانداق يېزىش مەسىلىسى  تىخى ئۇزىل- كىسىل ھەل بۇلۇپ كىتەلىمىدى. تارىخى رۇمان يېزىشتىكى ھازىرقى نۇپۇزلۇقراق قاراش، تارىخى شەخىسىلەرنىڭ ھاياتىنى تارىخى چىنلىق ئاساسىدا يۇرتۇپ بىرىش. شۇڭا بىر قىسىم يازغۇچىلار رۇمان يېزىش ئۇچۇن تارىخنى ۋاراقلاپ،تارىخى سىيۇژىت، تارىخى شەخسىلەرنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە ئوقۇرمەنلەرمۇ خاتا ھالدا تارىخى رۇمانلارنى تارىخ ئۇگنىشتىكى تارىخى كىتاب سۇپتىدە كۆرۇپ،ھەتتا ئۇنىڭدىن تارىخى نەقللەرنى ئېلشىپ سۆزلەپ يۇرۇشمەكتە.بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا، بىرسى ئەدەبىياتىمىزنى  تۇيۇق يولغا قىستىسا، يەنە بىرسىى كىشلەرنىڭ تارىخى خاتىرسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى  تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە ئۇرخان پامۇك تارىخنى بۇنداق يازسىمۇ بولدىغانلىقنى سەمىمىزگە سېلىپ قويدى.
      «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل » تارىخى رۇمان،ئۇنىڭدىن بىز ھىچقانداق بىر تارىخى شەخىس، ئورۇن، خانلىقىنىڭ تارىخى خاتىرسىنى ئۇچراتمايمىز.ھىچقانداق يېلنامە، كالىندارلىق بايانلارنىمۇ ئۇچراتمايمىز.ئۇنىڭدىكى ھەر-بىر ۋەقە ،تەپسىلات،ھەر-بىر پىرسۇناژ، ھەر-بىر ئوبرازغىچە ھەممىسى بەدىئى تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلى بولغان بەدىئى توقۇلما،لىكىن ئۇنىڭدا بايان قىلىنغىنى ،تەسۋىرلەنگىنى يەنىلا تارىخ.لىكىن ئۇ كىشلەرگە ئاللابۇرۇن يادا بولۇپ كەتكەن كالىندارلىق تارىخ ئەمەس، بەلكى بەدىئى تارىخ.ئۇ كىشلەرگە تارىخنى ئۇگەتمەيدۇ بەلكى ھىس قىلدۇردۇ.ئۇنىڭدا يېزىلغىنى تۇرۇك مەدىنىيتىنىڭ زامانىۋلىق بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكىى كەسكىن دىيالۇگى، تىڭرقاشلىرى،ئەندىشلىك خىياللىرى،چالۋاقاشلىرى،ئەنئەنە دۇچ كەلگەن، خىرىسقا تولغان بىر ئۆتكۇنچى تارىخى دەۋىرنىڭ بەدىئى كارتىنسى،ئۇنى كىم تارىخ ئەمەس دىيەلىسۇن؟!
      دەرۋەقە ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخنى يېڭى ئۇسۇلدا بايان قىلىشنىڭ تەمىنى ئازراق تېتېىپمۇ باققان .تالانتلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر «قۇم باسقان شەھەر» رۇمانىنى يېزىشتا ھىچقانداق تارىخى شەخىس ياكى تارىخى ۋەقەگە مۇراجەت قىلمايمۇ سىمۇۋۇللوق ئوبىرازلار ئارقىلىق، تارىخى تۇيغۇمىزنى ئويغۇتۇپ ،نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى بۇگۇنگە ئۇلاپ ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى.
2.باياننى مۇنداق قىلسىمۇ بولدىكەن.
      «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل»رۇمانىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلكى بايان قىلىشتىكى ئۆزگىچىلكىدە.
بىز رۇماننىڭ بايان مەۋقەسىگە قارايدىغان بولساق،پۇتكۇل بايان باشتىن ئاخىر بىرىنجى شەخىس پىرسۇناژ بايان تىلدىن بىرىلگەن بۇلسىمۇ، لىكىن بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى بىرنجى شەخىس چەكلىك بايان مەۋقەسىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ.ئۇنىڭدا بىز باش پىرسۇناژنى،ئاساسى بايانچى قىلىپ تاللاپ پۇتكۇل باياننى شۇنىڭ نەزىردە ۋە كۆۇزتۇش نوقتىستا تۇرۇپ قىلاتتۇق. گەرچە بۇ خىل باياندا ئوقۇرمەننى« مەن»نىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بىۋاستە باشلاپ كىرگىلى بولسىمۇ، بۇخىل بايان چەكلىك مەۋقەدە بولغاچقا،باياننىڭ ئىھتىياجىدىن تولۇق چىقالمايتى.بايان مەۋقەسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا،ئۇچىنجى شەخىس بايانچى مەۋقەسى، بەزىدە گۇۋاچى مەۋقەلىرىنى گىرەلەشتۇرۇپ  قوللۇنىشقا توغراكىلەتتى. ھەمىشە يەنىلا ئاپتۇرنىڭ بايانغا ئارلىشىپ قىلىش خاھىشى كۇرلۇپ، باياننىڭ چىنلىق تۇيغۇسى سۇسلاپ كىتەتتى.«مىنىڭ ئىسمىم قىزىل»دا بۇ خىل ئەھۋالنى قەتئى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.بۇ ئەسەردە باشتىن ئاخىر باياننى ئاساسى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئەسەردىن ئاپتۇرنىڭ سايىسنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭدا بايان باشتىن- ئاخىر پىرسۇناژ تىلدىن بىرنچى شەخىس مەۋقەسىدە بىرىلگەن بولۇپ ،بايان قىلىش پۇتۇنلەي پىرسۇناژلار ئۇستىگە يۇكلەنگەن. ئەسەرگە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق پىرسۇناژلار،ئوبرازلار بايانغا بىۋاستە قاتناشتۇرلۇپ،بايانچى  ئۆزلۇكسىز ئالماشتۇرلۇپ تۇرۇلغاچقا،بۇ خىل باياننىڭ سوبىكتىۋلىكى، بايان مەۋقەسىنىڭ چەكلىمىلىكى بۇزۇپ تاشلىنىپ،باياننىڭ ئۇنىمى زور دەرجىدە ئاشۇرۇلغان.بايان ئېقىن سۇدەك راۋانلاشقان.ھەر-بىر پىرسۇناژ،ھەر-بىر ئوبراز ئۆزىنى ئۆزى بايان قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىپادىلەپ،ئۆز ئوبرازىنى ئاپتۇرنىڭ رەڭ- بوياقلىرسىز ئۆزى سىزىپ چىققان.بۇ يالغۇز باياننىڭ چىنلىق تۇيغۇسىىنى ئاشۇرۇپلام قالماي،پۇتكۇل ئەسەر مەزمۇنىنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرغان،ھەمدە باياننىڭ ماكان زامان چەكلىمىسنى بۇزۇپ،قۇرۇلمىنى يۇچۇنلەشتۇرۇش ئۇچۇن كەڭرى يول ئاچقان.
3.قۇرۇلمىدىكى ئۆزگىچىلىك.
       بەدىئى ئەسەر قۇرۇلمىسى،ئاپتۇرنىڭ بەدىئى دىتىغا قويۇلغان بىر سۇراق.ئۇ ئاپتۇرنىڭ ئىجاتچانلىغىنىڭ ،خاسلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.قۇرۇلما ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلسا،بايان ۋە سىيۇژىتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلپلام قالماي،يەنە ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچى ۋە ئىستىتىك ئۇنىمىنى ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق.«مىنىڭ ئىسمىم قىزىل» نىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلكنىمۇ ھەقىقەتەن دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىدا بولشقا تىگىشلىك يۇقرى بەدئىى دىت ۋە ئىجاتچانلىقىنىڭ نامايەندىسى دىيشكە بولدۇ.پۇتكۇل ئەسەر باپ ،بۆلەكلەرگە بۆلۇنمەي ئەللىك توققۇزماۋزۇغا بۆلۇنگەن.ھەربىر ماۋزۇ مەزمۇن جەھەتتىن ياكى ماكان ،زامان جەھەتتىن ئايرىلغان تۇرمۇش كۆرنۇشلىرى ياكى سىيۇژىت بۆلەكلىرى بولماسىتىن ،ھەربىر ماۋزۇ بىردىن پىرسۇناژ ياكى ئوبرازنىڭ ئۆز تىلدىن بىرىلگەن شەخىس بايانى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر بىر ماۋزۇ مەزمۇنەن قويولغان ماۋزۇ بولماستىن بەلكى باياننى كىمنىڭ قىلۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنگە مەلۇم قىلىپ قۇيۇش ئۇچۇن بىرىلگەن «مىنىڭ ئىسمىم قارا»«منىڭ ئىسمىم شەكۇرە »«مەن يېزنە تاغاڭلار» «مەن ئىت»«مەن ئۇرخان» «مىنى قاتىل دىگۇسى» دىگەندەك پىرسۇناژ ياكى ئوبرازلارنىڭ ئىسم-شەرپى.شۇنداقلا بىر قاراشتا ھەربىر ماۋزۇدىكى مەزمۇن بىر قەدەر مۇستەقىل، ئالدى-كەينىدىكى مەزمۇنلار بىلەن چىتشىپ كەتمەيدۇغاندەك، بىىرقەدەر چىچىلاڭغۇدەك (ۋەقە قوغلۇشۇۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر نەزىرىدە) قۇرۇلما تۇلمۇ ئاددى ،كۇچ سەرىپ قىلمايلا ئاپتۇر ئەللىك توققۇز باياننى ئەللىك توققۇز ماۋزۇ ئاستىغا تىزىپلا رۇماننىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاسانلا ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بىردۇ،لىكىن پۇتكۇل سىيۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارايدىغان بولساق قۇرۇلما ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى سىيۇژىت تەرەققىياتىدىكى سەۋەپ نەتىجىلىك بۆلەكلەرنى ئاساس قىلغان تۇز سىزىقلىق   لىنىيە بويچە ئەمەس،بەلكى ئاساسى تىمىنى  مەرگەز قىلىغان تولمۇ مۇرەككەپ تۇرسىمان قۇرۇلما ھاسىل قىلىنغانىقىنى ھىس قىلمىز.بىز  كىتاپنى ئېچىپلا بىر جەسەتكە دۇچ كىلمىز.جەسەت ئۆزنى بايان قىلپ ،رەزىل بىر قاتىللىقتىن مۇنداق ئۇچۇر بىرىدۇ;
«مەن ھازىر بىر جەسەت،يەنى قۇدۇقنىڭ تېگىدە ياتقان بىر جەسەتمەن.ئاخىرقى نەپسىم ئۇزلۇپ،يۇركۇم سوقۇشتىن توختىغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ،بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنى رەزىل قاتىلىمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ.........
..........ماڭا ئۇ دۇنيانىڭ سىرنى ئەيتىپ بىرەر دەپ ئىزدەپ يۇرگەن بۇ ئادەمنى ئەمىر تومۇرنىڭ لەشكەرلىرى،دۇشمەن دەپ خاتا ئويلاپ قېلىپ،بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلۋتىپتۇ،نەتىجىدە ئۇمۇ ئۇدۇنيادا ئىنساننىڭ تېنى ئىككىگە پارچىللىنىدىكەن-دە،دەپ ئويلاپتۇ.....
     بۇنداق ئىش يوق.ھەتتا دۇنيادا ئىككىگە بۆلۇنگەن روھلارنىڭ بۇ يەردە بىرلەشكەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ بىرەلەيمەن.لىكىن دىنسىز كۇپپارلارنىڭ،خۇداسىزلارنىڭ ۋە شەيتانغا ئەسىر بولغان گۇناھكارلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە،خۇداغا شۇكرىكى،ھەقىقەتەن يەنە بىر دۇنيا بار ئىكەن.ھازىر ئۇيەردىن سىلەرگە قاراپ گەپ قىلۋاتقانلىقىم بۇنىڭ ئىسپاتى.مەن ئۆلدۇم لىكىن كۆرۋاتقىنىڭلاردەك مەن يوقۇلۇپ كەتمىدىم.يەنە بىر تەرەپتىن « قۇرئان كەرىم»دەتىلغا ئېلىنغان ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇردىغان،ئالتۇن كۇمۇشتىن ياسالغان جەننەت قەسىرلىرنى،مىۋىللىرى مەي باغلاپ پىشقان چوڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنى،گۇزەل ھۆر- غىلمانلارنى ئۇچۇرتالمىغانلىغىمنى ئېيتىشقا مەجبۇرمەن.لىكىن« ۋاقىئە»سۇرسىدە ئېيتىلغان جەننەتتىكى شەھلا كۆزلۇك ھۆر-پەرىلەرنى تالاي قېتىم مەسخۇش ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ،ئۇلارنى تەسۋىرلەپ سىزغانلغىمنى ئەمدى تازا ئوبدان ئىسىمگە ئېلۋاتىمەن.«قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىلغىنى ئەمەس، ئىبنى ئەرەبىدەك كەڭ پىكىرلىكلەر ماختاپ بايان قىلغان سۇت ،شاراپ،شەربەت ۋە ھەسەل ئاقىدىغان تۆت دەريانىمۇ زادىلا ئۇچرۇتالمىدىم ..........ئۆلۇمدىن كىيىنكى ھايات ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇماتى بولغان ھەربىر مۆمىن زات مەندەك ھالغا چۇشۇپ قالغان بىر بىتەلەينىڭ جەننەت دەريالىرىنى كۆرەلىشى قىيىن بولدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ»(مۇشۇ كىتاپ 3-بەت)
بىز بىر تەرەپتىن جەسەتنىڭ ئىككى دۇنيا ھەققىدىكى ۋەزنى تولمۇ ئېغىر، پەلسەپىۋىلىككە تولغان بۇ بايانلىردىن ھاياجان ئىلكىدە چۇڭقۇر ئويغا چۇمسەك،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قاتىللىق ۋەقەسىگە بولغان قىزقىش، بىچچارە جەسەتكە بولغان ھىسداشلىق بىردىنلا بۇ قاتىللىقنىڭ نىمىشقا ،نەدە ،كىم تەرپىدىن، قانداق يۇزبەرگىنىنى بىلىشكە تەقەززاقىلدۇ. ئوقۇرمەن ئۇن تىنسىز ھالدا بىر سىرلىق دۇنيا،بىر سىرلىق دىلۇ ئىچىگە سۆرەپ كىرلىىدۇ. ئوقۇرمەنگە دەم ئۇياقتىن دەم بۇياقتىن بىشارەتلەر بىرلگەندەك قىلدۇ، ئىلھاملارمۇ كىلدۇ، لىكىن سىيۇژىتنىڭ ئىزچىللىقى يوقۇتۇلۇپ،قۇرۇلما  تولمۇ يۇچۇنلەشتۇرۇلگەشكە، قۇرۇلما ھە دىگەندە بۇنداق پۇرسەتنى ئالدىراپ ئوقۇرمەنگە بىرىپ قويمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەن تەقەززالىقنىڭ تۇرۇتكىسدە بۇ تور ئىچىدە ئايلىنىپ يۇرۇپ ، ھەرخىل پىرسۇناژ،ھەرخىل ئوبرازلار بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، زىددىيەت ۋە خىرىسقا تولغان بىر تارىخى دەۋىر ئچىگە كىرىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالدۇ.لىكىن ئوقۇرمەن كىتاپنى ئوقۇپ تۇگەتمىگىچە بۇ سىرنى بىلىشكە قادىر بولالمايدۇ. كىتاپنىڭ بىېشىدا ئوتتۇرغا قويولغان سىر  كىتاپنىڭ ئاخىرسىدا يېشىلىدۇ.ئوقۇرمەننىڭ پەرەز قىلىش بوشلۇقى خېلى كەڭ بولسىمۇ لىكىن كىتاپ ئاخرلاشمىغىچە يىشىم ئازراقمۇ كۆرنۇپ قويمايدۇ.ھەم يىشىم پۇتۇنلەي ئوقۇرمەننىڭ ئويلىمىغان يېردىن بىرلىپ،ئوقۇرمەننى يەنە بىر قىتىم ھاياجانلىق مۇئەمما ئىچىدە قالدۇردۇ.
       دىمەك، قۇرۇلما تولمۇ يۇچۇن،ئۆزگىچە، ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولغاشقا ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچى،ئىستىتىك ئۇنىمىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان.
4. مىللى موھىيت قويوق.مىللى رۇھ چۇڭقۇر قېزىلغان.
     مىللى ئالاھىدىلىك مەسىلىسى ئەدەبىياتتىكى ناھايىتى موھىم، سەزگۇر  مەسىلىلەرنىڭ بىرسى.ھەرقايسى مىللەت ئەدىبىياتىدا مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولمۇسۇن بىر- بىردىن رۇشەن پەرىقلىنىپ تۇردىغان مىللى ئالاھىدىلىك ۋە قىسمەن خاسلىق بولىدۇ.بۇ يالغۇز ئەسەرنىڭ مىللى تەۋەلىكى نوقتىستىن قويولدىغان تەلەپ بولماستىن بەلكى،ئەسەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولغان بولمىغانلىقىغا،بەدئى چىنلىق يارتىش جەريانىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بۇلغان بولمىغانلىقىغا،ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىققان چىقمىغانلىقىغا ھۆكۇم قىلىشتىكى موھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.چۇنكى ئەدىبىيات مەيلى ئەكىس ئەتتۇرسۇن ياكى ئىپادىلسۇن تۇرمۇشتىن ئايرىلالمايدۇ،تۇرمۇشنى ئۆزىگە بىردىن بىر مەنبە قىلدۇ.ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىلىك جايلىشىشى،تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىتىقاتى، ئۆرپە –ئادىتى، تىلى، فىزىلوگىيە ۋە پسخىكىلىك ئوخشىماسلىقى تۇپەيلىدىن ئىجتىمائى تۇرمۇشىتا رۇشەن پەرىقلەر كۆۇرلۇپ، بۇ پەرىقلەر مىلىى ئالاھىدىلىك بۇلۇپ گەۋدىلەنگەن. ئەدىبىياتتىكى مىللى ئالاھىدىلىك دەل مۇشۇ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى مىللى ئالاھىدىلىكتىن كەلگەن.ئەدىبى ئەسەر مەلۇم كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتماقى بولىدىكەن  شۇ كىشلەرنى شۇ كىشلەرنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەدەنىيەت موھىتىغا ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشغا مۇراجەت قىلشى،ھەربىر ئوبرازنى شۇ تۇرمۇش كونتىكىسغا ، شۇخىل موھىت ئىچىگە قويۇپ يارتىش بىلەنلا قالماي ،مىللى روھ چۇڭقۇر قېزىلغان، مىللى روھقا ئىگە قىلىنغان بولشى كىرەك.بۇ ھەقتە ئاتاقلىق رۇس يازغۇچىسى گوگۇل مۇنداق دەيدۇ ؛ «ھەقىقى مىللى ئالاھىدىلىك دىققان ئاياللىرنىڭ يەڭسىز ئۇزۇن كۇينىكىنى تەسۋىرلەشتە ئەمەس،بەلكى مىللى رۇھقا ئىگە بولۇشتا»(1) مەيلى ئۇ دۇنياۋى يازغۇچى، دۇنياۋى ئەسەر بولسۇن ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئۆتكەللەردىن مۇستەسنا تۇرالمايدۇ.ئەكسىچە دۇنياۋى شۇھرەتكە ئىگە ئەسەرلەردىن مىللى ئالاھىدىلىكنىڭ گۇپۇلدەپ پۇراپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلمىز. بۇنىڭ مىسالى سۇپتىدە گارسىيا ماركۇزنىڭ «يۇز يىل غېرىپلىق» ئايتىماتوۋنىڭ «قىيامەت »لۇشۇننىڭ« ئاكيۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى» قاتارلىق ئەسەرلىرنى ئېغىزغا ئېلىشقا بولدۇ.
       گەرچە ئۇرخان پامۇك،دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مىللى سالاھىيەتكە ئانچىمۇ ئەھمىيەت بىرپ كەتمەيدىغان ،ئۆزلۇك گىرۋەكلىردىن ھالقىپ،ئىنسانى ئورتاقلىق ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقان دۇنياۋى يازغۇچى بولسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىجادىيەتتە سۇن ۋۇكۇڭ ھەر  قانچە موللاق ئاتسىمۇ تەڭرىنىڭ ئالقىندىن چىېقىپ كىتەلمىگىندەك، مىللى موھىتتىن چىقىپ كىتەلمىگەن.ئەكسىچە ئۇ «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل »رۇمانىنى يېزىشتا مەيلى تىل،مەيلى تىما،مەيلى سۇيوژىت،مەيلى ئوبراز يارتىشتا بولمىسۇن تۇرۇك تارىخىغا،تۇرۇك مىللى تۇرمۇشىغا مۇراجەت قىلىپلا قالماستىن،بەلكى تۇرۇك مىلى موھيىتىغا تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ،تۇرۇك مەدەنىيتى بىلەن،غېرىپ مەدىنىيتى ئۇچراشقان،مىللى مەدەنىيەت  يات مەدىنىيەتكە قارشى كەسكىن كۆرەشلەردە بولۋاتقان تارىخى دەۋىردىكى دەۋىر روھى ۋە مىللى روھنى چۇڭقۇر قېزىپ چىققان.
سۇلتان دىپلۇماتىيە ئىھتىياجىدىن يېزنە تاغىغا زامانىۋى ئۇسۇلۇپتا بىر كىتاپ تۇزۇپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ.يېزنە تاغا بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مەخپى ھالدا ئىجادىيەتچىلەرنى تەشكىللەپ،كىتاپ تۇزۇشكە كىرشىدۇ.ئىجادىيەتچىلەر ئارسىدىكى بىر قىسىم راسساملار پۇلنى دەپ بۇ ئىشقا قاتناشقان بولسمۇ، لىكىن كىتاپ مەزمۇنى ۋە كىتاپ تۇزۇش جەريانىدىكى بۇيرۇتمىلاردىن ئۆزلىرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلمىشقا ئىشتىراك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قاتتىق چۇچۇيدۇ.ھەم ئۇنى كۇپپۇرلۇق، ئىمانسىزلىق، ئېغىر گۇناھلىق ئىش ھساپلاپ، بۇ ئىشنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلشىدىن قورقۇپ دەككە-دۇككە ئچىگە چۇشۇپ قالىدۇ.ئۆزىدىن ۋە بۇ كىتاپنىڭ تۇزلۇشىگە قاتنىشۋاتقان باشقىلاردىن  نەپرەتلىندۇ.بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ جەميەتكە ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن بەكرەك قورۇققان يەنە بىر راسسام،  ئۆزلىردىن بەكرەك نەپرەتلىنىپ يۇرگەن ،بۇ ئىشنى ئاشكارلاپ قويوش خەۋپى بار دىگەن كەسىپدىشى نازاكەت ئەپەندىنى ئۆلتۇرۇپ، بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالماقچى بولدۇ.ئاخىردا يەنە كىتاپنىڭ ئۆزى بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكى سالغان ئىزتىراپ،يەنە بىر قېتىملىق قاتىللىققا سەۋەپ بولىدۇ.كىتاپ تۇزۇشكە مەسئۇل بولغان يېزنە تاغمۇ ئولتۇرۇلۇپ، ئەڭ مەخپى تۇتقان رەسىملەر ئوغۇرلۇنۇپ،كىتاپ تۇزۇش توختاپ ،راسساملار ساھاسى جىنايەت پاتقىقىغا پىتىپ قالدۇ.دۆلەتكە ،ھاكىميەتكە ئىھتىياجلىق بولغان بۇ كىتاپ ئاشكارە تۇزۇلمەي،نىمىشقا بۇنچە مەخپى تۇتۇلدۇ؟يالغۇز راسساملالا ئەمەس ھاكىميەتمۇ بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلشىدىن نىمىشقا بۇنچە قورقۇدو؟ ئۇلارنى قورقۇتقان نەرسە زادى نىمە؟ ئۇ نەرسە  دەل ئەنئەنىنى قوغداش يولدا قۇربان بىرىشتىنمۇ قۇرۇقمايدىغان خەلق ئارسىدىكى مىللى روھ ئەمەسمۇ؟
         پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسنى ئېچىپ بىرىش، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يارتىشتىمۇ مىللى ئالاھدىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن.بولۇپمۇ شەكۇرە بىلەن قارانىڭ تولمۇ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسى، خاراكتىر ئالاھىدىلىكى، مۇھەببەت، نىكا سەرگۇزەشتىسى گەرچە سىيۇژىتقا بىرلگەن بىر بەدىئى رەڭدەك تۇيۇلسىمۇ لىكىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسنى ھاسىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان موھىم تەرەپ.مۇھەببەت ئىنسان ئۇچۇن ئورتاق تۇيغۇ بولغاچقا ئۇنى تەسۋىرلەشتە كۆپ ھاللاردا قىزغىن ھىسياتنى ئىپادىلەشكە كۇچ سەرىپ قىلنىپ،مىلى ئالاھىدىلىككە سەل قارلاتتى.لىكىن بىز بۇ ئەسەردە بۇ خىل ھىسياتنىڭ نومۇس تۇيغۇسى، قورقۇش تۇيغۇسىغا ئوخشاش مۇقەددەس تۇيغۇلار ئارقىلىق تىزگىنلىنپ، ئىسلام ئەقىدسىنى نىگىز قىلغان مىللى ئەخلاق موھىيتىدا پاكىزە، ساپ ھىسيات خاسلىقىغا ئىگە قىلىنغانلىغىنى كۆرۇپلام قالماي، يەنە تىپىك بىر مىللى تۇرمۇش موھيىتنى يارتىپ، مىللى ھىسيات،مىللى مۇھەببەت،مىللى خاسلىق ، مىلى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۇرۇپ بىرىش ئۇچۇن ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلمىز.
ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يۇرۇش- تۇرش، يەپ -ئىچش، مۇھەببەت، نىكا،ئائىلە،  ئۆلۇم- يىتم  ،قايغۇ- ھەسرەت،شەرمى-ھايا ،ئەدەپ- ئەخلاق ،دىن ۋە ئىتقاتقا ئوخشاش مىلى ئالاھىدىلىكنى يورتۇپ بىرەلەيدىغان مىللى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى  قاتلاملىرغا ئىچكىرلەپ كىرىش ۋە ئۇنى كونكىرىت تەسۋىرلەشتە ئالاھىدە كۇچ سەرىپ قىلىنىپ، مىللى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمىگەن بىرمۇ دىتال ياكى سۆز جۇملىلەرنى ئۇچراتمايمىز.مەسىلەن:
«-ئاغزڭنى ئاچ، روھىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسۇن،-دىدى.
ئاغزىمدىن بىسمىللادىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ،- دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم ئۇنىڭغا.» (283-بەت)
«ھۇجرامدىكى كارۋات كۆرپىسىنىڭ قېتىغا تىقىپ قويغان بەلۋىغىمنىڭ ئەستىرى ئىچىدىن22دانە ۋىنتىسىيە تىللاسىنى ئېلىپ، تىترىگەن قوللۇرۇم بىلەن ھەميېنىمغا سالدىم»(311-بەت)
«شافى مەزھپىدىن بولغانلىقىم ئۇچۇن،ئىرى تۆت يىلدىن بىرى ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلمىگەن بۇ بەخىتسىز شەكۇرەنى نىكاھتىن ئاجىرتىشىمنىڭ كىتاپقا ۋە ئىتقاتىمغا زىت ھېچقانداق تەرپى يوق، - دىدى، مۇئاۋىن قازى جاناپلىرى »(317-بەت)
«ئى ئاللا بىشىمىزدىن ئۆز نۇرۇڭنى كەم قىلمىغايسەن،يا رەببىم ،-دىدى بىر چەتتە قاراپ تۇرغان خەيرىيە،-ئى ئاللا،بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،يارەببىم.»(331-بەت)
        مانا،كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كىشىلەر دەسسەپ تۇرغان بۇ زىمىن ئىسلام نۇرى بىلەن نۇرلانغان،ھالال- ھارامنى ئۆزىگە  پاسىل قىلغان زىمىن.ھەتتا،ئۇلاردىكى ئىجتىمائى ئەخلاقمۇ مۇقەددەس تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان، ئىسلام ئەقىدىسنى نىگىز،ئەقىل ئىدراكنى يىتەكچى، ئىىككى ئالەملىك قىممەت سىستىمىسىنى مەنبە قىلغان،مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق،تەرەققىيات جەريانىغا يۇغۇرلۇپ ،ئۆز –ئۆزىنى تۇلۇقلاپ، ئۆز- ئۆزىنى يىڭلاپ مىللى خاسلىق ۋە مىللى ئالاھىدىلىكنى رۇشەن گەۋدىلەندۇرۇپ، مىللى توپنىڭ ھەركىتىنى قىلىپلاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنۋى مىللى ئەخلاق.شۇڭا بىز يۇقىردىكى پارچىلارنى ئۇقۇۋاتقان چاغدا،سۆزلىگۇچىنىڭ دىنى ئىتقاتى، قىممەت قارشى،ئائىلە، نىكا، مۇھەببەت،ھايات-ماماتلىق ئېڭى ھەققىدە چۇڭقۇر چۇشەنجىگە ئىگە بولۇپلام قالماي،يەنە سۆزلىگۇچىنىڭ مىللى ،دىنى كىملىكىگىمۇ ئېنىق ھۆكۇم قىلالايمىز. بۇبىزدىكى پىرسۇناژلارنى ئىسىمغا باغلاپ چۇشەنمىسە ئۇلارنىڭ كىملىكگە ئېنىق ھۆكۇممۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا رۇشەن بىر سېلىشتۇرما. بۇ،ئەسەرنىڭ ئۇۋە- بۇ يېردىن تېپىلىدىغان مىسال ياكى ئاپتۇرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۇرۇش يۇلدا كۆتۇرۇپ يۇرگەن ئالاھىدە مىللى خۇرۇچلىرى ئەمەس،بەلكى «خېمىرنى ھاسىل قىلغان سۇ» دەك ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا باشتىن ئاخىر سىڭىپ كەتكەن،پىرسۇناژنىڭ ھەر بىر سۆز، ھەركىتى، ئوي- خىيالنى،خۇشاللىق، خاپىلىقلىرنى، قايغۇ - ھەسرەتلىرنى بارلىققا كەلتۇرۋاتقان مىللى موھىت ۋە مىللى تۇرمۇش ئومومىيتى. شۇڭا بۇ ئەسەر مەيلى قايسى مىللەت تىلغا تەرجىمە قىلنىپ، دۇنيانىڭ  مەيلى قەيىردە بولمىسۇن ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆزىگە ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش بىر ئىستىتىك دۇنياغا باشلاپ كىرەلەيدۇ.ئۇلارغا بولغان تۇنۇش دۇنيا ئىنسانى ئورتاقلىقتىن كەلگەن بولسا، ئۇلارغا نىسبىتەن ناتۇنۇش دۇنيا دەل مىللى خاسلىقتىن كەلگەن.شۇڭا بۇ ئەسەر زامان ،ماكان ھالقىپ قۇلدىن- قولغا ئۆتۇشتەك بەدىئى قىممەت ھازىرلىيالىغان.
ئەسەرنىڭ بەدىئى مۇۋاپىققىيىتى ئۇستىدە توختالغاندا يۇقىردىكى تەرەپلەر كۇپايە قىلمايدۇ، ئەلبەتتە.يەنە ئەسەردىكى ھسيات، پاساھەت ،مەزمۇندارلىق ،پىكىر چۇڭقۇرلۇق، پەلسەپىۋىلىك ئۇستىدىمۇ توختالماي بولمايدۇ.
5.تىلدىكى پاساھەت ۋە ھىسيات.
       ئەدىبى ئەسەر تىلنىڭ ،ئوبرازلىق جانلىق، بولشى ئومومى تەلەپ دىيىلسە،  ئۇنداقتا تىلنىڭ پاساھەتلىك بولشىنى،بەدىئى بالاغەتنىڭ بەلگىسى دىيىش كىرەك،ئەلبەتتە.ئۇ تىل ئۇستىسىدىن يالغۇز جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشتىن باشقا،تىلنىڭ توغۇرلۇق، دەللك،مەنەدارلىق تەرەپلەر بىلەن توينۇپ، جۇملۇدىكى شۇ سۆزنىڭ ئورنىنى يەنە بىر سۆز،ياكى ئۇقۇم ئالالمايدىغان دەرجىدە بىركىپ،سۆزلۇگۇچىنىڭ مۇدداسىنى ئەڭ توغرا، ئەڭ چۇڭقۇر دەرجىدە يېقىشلىق ئېچىپ بىرشىگە قارتىلغان دىيىشكە بولدۇ.ئاتاقلىق يازغۇچى مۇپاسسان بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن؛«بىر يازغۇچىنىڭ نىمىنى تەسۋىرلىشىدىن قەتئى نەزەر،پەقەت شۇنىڭغا مۇناسىپ بىر سۆزنىلا ئىشلىتىش،بىر پېلنى قوللۇنۇش ئارقىلىق ئوبىكتىنى جانلىق قىلىش،بىر سۇپەت بىلەنلا ئوبىكتىنىڭ  ماھىتىنى رۇشەنلەشتۇرۇش كىرەك» (2)مىسىال ئۇچۇن تۆۋەندىكى بىرنەچچە جۇملىنى كۆرۇپ باقايلى:
«مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ ئاخىرقى  كۆرگەن نەرسەم ماڭا دۇشمەن بۇلغان مۇشۇ ئادەم بولۇپ قالغانلىقىدىن مەيۇسلەنگەن ھالدا كۆزلۇرۇمنى يۇمدۇم.بۇنىڭ كەينىدىنلا،يېقىملىق،ئىللىق بىر نۇرنى كۇردۇم.بۇ نۇر ئەمدى پۇتۇن ئاغرىقلرىمنى توختىدىغان ۋە ئۇنتۇلدۇردىغان شىرىن ئۇيقۇدەك ئارامبەخىش ۋە جەلىپكار ئىدى.نۇرنىڭ ئىچىدە بىرىنى كۇرۇپ، كىچىك بالىدەك؛ سەن كىم؛ دەپ سۇردۇم.
«-مەن ئەزرائىل،- دىدى ئۇ،-ئىنسان باللىرنىڭ بۇ ئالەمدىكى سەپىرىگە مەن خاتىمە بىرمەن.»(280-بەت)
بۇ ،زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان،ئۆز قاتىلى ئالدىىدا تۇرغان يېزنە تاغىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز يۇمۋاتقان چاغدىكى تولمۇ مۇرەككەپ ئېچىنىشلىق ئىددىۋى ھىسياتى.ھىسيات نىمە دىگەن كۇچلۇك، نىمە دىگەن نەپىس،نىمە دىگەن پاساھەت بىلەن ئېچىپ بىرلگەن، ھە؟« ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن نەرسەم،  مەيۇسلەنگەن،ئىللىق بىر نۇر،ئارامبەخىش،جەلىپكار،كىچىك بالدەك،» دىگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىللىرى ناھايىتى جايىنى تىپىپ ئورونلۇق قۇللۇنىلغاشقا،تىل پاساھەت تېپىپ،ئىدىۋى ھىسيات تولمۇ نەپىس بىر شەكىلدە كۇچلۇك ئېچىپ بىرىلگەن.يېزنە تاغا بۇ دۇنياغا نەپرەتلىنىپ قاقشاپمۇ كەتمەيدۇ،ئۆلۇمدىن قورقۇپ ۋايساپمۇ كەتمەيدۇ،بىرخىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرسىمۇ لىكىن بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن نەرسىسىنىڭ ئۆزنىڭ قاتىلى بولۇپ قېلشى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يىرىم قىلدۇ .بۇ جۇملۇدە ھىسيات تۇلمۇ سىلىق- سىپايىلق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلۇۋاتقان بىلەن تولمۇ كۇچلۇك.بىرسى بۇ دۇنياغا قىيالماسلىق ھىسياتى،چۇنكى ئۇنىڭ كۆزى مۇشۇ دۇنيادىن كىتىش ئالدىدا ئۆزنىڭ قاتىلدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرپ تۇرۇپ يۇمۇلسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى. يەنە بىرسى قاتىلغا بولغان كۇچلۇك غەزەپ-نەپرىتى، ئۆچمەنلىك،نەپرەتلىك ھىسياىتى.
     «رەمەتلىك ئانام12تۇخۇم ئۇچۇن ئۇچ تەڭگە ساناشقا توغرا كىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسا،توخۇلار ھەددىدىن ئېشىپ،بېشىمىزغا شاتراقلىماستا باشقا بىر يۇرتقا كىتەيلى،دىگەن بولاتتى.»(11-بەت) بۇ جۇملۇدە پۇل پاخاللىقىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بىرىپلا قالماي،يەنە بايانچىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا نىسبىتەن بىزارلىق ھىسياتىنى پاساھەت بىلەن نىمە دىگەن چۇڭقۇر ئېچىپ بەرگەن،ھە؟!
      دىمەك،يازغۇچى بايان قىلىشنى پۇتۇنلەي پىرسۇناژلارنىڭ ئۇستىگە يۇكلەپ، باياندىن ئۆزنى پۇتۇنلەي ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ،لىكىن ئاپتۇرنىڭ ئىدىۋى ھىسياتى بايانچىلارغا(پىرسۇناژلارغا) چۇڭقۇر سىڭدۇرۋىتىلگەن بولغاشقا،بايان ھىسياتقا تولغان،ئەسەر تولمۇ ھىسياتلىق چىققان.
6.مەزمۇندارلىق،چۇڭقۇرلۇق،پەلسەپىۋىلىك.
       مەزمۇندارلىقنى كەڭ، تار مەنىدە مۇنداق ئىككى تەرەپتىن كۇزۇتۇشكە بولدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا پۇتۇن ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ياكى ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش ساھاسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇننىڭ موللىقى،رەڭدارلىقى، تار مەنىدىن ئېيىتقاندا باياندىكى ھەر بىر جۇملە، ھەربىر ئابزاس، ھەربىر بۆلەكتە ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ كەڭلىكى،مەزمۇن قاتلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىقى، مۇللىقى.بۇ ئەسەردىكى مەزمۇندارلىقنى كىيىنكىسىگە تەۋە دىيىشكە بولدۇ، چۇنكى ئەسەرگە تاللانغان سيۇژىت يۇقرى قاتلام گۇزەل سەنئەت ساھاسىدىن ئېلىنغان بولغاشقا،قاتناشقان پىرسۇناشلار ئانچە كۆپ ئەمەس،تۇرمۇش ساھەسىمۇ ئانچە كەڭ ئەمەس.تۇرمۇش ساھاسى كەڭ بولمىغىنى بىلەن ئۇلار ئەينى دەۋىردىكى يۇقرى قاتلام سەنئەتكارلار، زىيالىلار قاتلىمى بولغاشقا ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرسى كەڭ،بىلدىغانلىرى مۇل،پىكىرلىرى چۇڭقۇر.ئۇنىڭدىن باشقا، ئىت، شەيتان، پۇل، دەرەخ،رەڭ قاتارلىق شەيئىلەرنى ئادەملەشتۇرۇپ بايانغا سېلىپ،باياننىڭ مەۋقە جەھەتتىكى چىكىنى بۇزۇپ، باياننىڭ گۇزتۇش نوقتىسىنى خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ باياننىڭ ئۇنمىنى زور دەرجىدە ئاشۇرغان.شۇڭا ئۇلارنىڭ بايانلىردىن، ئۆتمۇش ،بۇگۇن،تارىخ،جۇغراپىيە، ھاكىميەت،دىپلۇماتىيە، ئۇرۇش، تىشلىق،  ئەدەبىيات- سەنئەت ھۆنەر ،-سەنئەت،سودا –سېتىق، پەلسەپە، سىياسەت، ئەخلاق، پەزىلەت، ئۆرپە- ئادەت ،ئائىلە –نىكا،مۇھەببەت، دۇسلۇق،دۇشمەنلىك، قىساس،ئۆچمەنلىككە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھە، قاتلاملىرغا چېتىلدىغان ناھايىتى كەڭ مەزمۇن ئەكىس ئىتىپلا قالماي پىكىرنىڭ چۇڭقۇرلىقى بىلەن ئوقۇرمەننى مەنە كەڭلىكلىردە ئويلۇنىشقا يىتەكلەيدۇ.
«بەرزاھتىن ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى زاماننى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگىلى بولمايدۇ ۋە روھ ئەسلىمىلەرنى داۋاملىق ساقلاپ قالغاندا، ماكان چىگرىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.لىكىن ھاياتنىڭ بىر تار كۆڭلەك ئىكەنلىكى زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ زىندانلىردىن قۇتلۇپ چىققاندىلا،چۇشنىشلىك بولدۇ....»
«....ئۆلۇمدىن كىيىنكى ھايات ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇماتى بولعان ھەر بىر زات مەندەك ھالعا چۇشۇپ قالعان بىر بىتەلەينىڭ جەننەت دەريالىرنى كۆرەلىشى قىيىن بولدىعانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇ.» (3-بەت)
       خۇددى پەلسەپە ئوقۇشلۇقىدەك پەلسەپىۋىلىك بىلەن تويۇنغان بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن  ئوقۇرمەن قانداقتۇ يەنە بىر مەنىلەرنىڭ يوشۇرنۇپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدۇ،-دە،دەرھال ئارقىسقا يېنىپ جۇملىنىڭ يوشۇرۇن مەنە قاتلاملىرغا شۇڭغۇشقا مەجبۇرلىندۇ. ماكان، زامان نىمە ئۇچۇن،ھايات نىمشقا تاركۆينەك؟ئۆلۇمدىن كىيىنكى ھايات،بۇقانداق گەپ ئەمدى،بۇ مەنتىقىسىزلىكمۇ يە؟ياق بۇ مەنتىقىسىزلىق ئەمەس بەلكى تىلدىكى پاساھەت.بايانچىنىڭ مەۋقەسىدىن ئېيىتقاندا، ئۇ ئۆلگەن لىكىن يوقالمىغان؛ھايات ئىككى دۇنياغا مەنسۇپ.بۇ دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى،ئۇدۇنيادىكى ھاياتنىڭ باشلانغانلىقى. ئۆلۇم ئىككى خىل ھاياتنىڭ پاسىلى.ئۇ دۇنيا جەننەت ۋە دەۋزاققا ئايرىلغان.جەننەت بەخىت- پاراغەت ماكانى. دەۋزەق ئازاپ -زۇلۇم ماكانى، جەننەت ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ياخشى ئەمەللىر ئۇچۇن، دەۋزەق گۇناھ- كىبىرلەر ئۇچۇن ھازىرلانغان.بايانچى ئۆزنى گۇناكار مۇسۇلمان دەپ قارىغاشقا. جەننەتنى كۆرەلمەسلىكنى ئۆز ھاياتىنىڭ ئۇ ئالەمدىكى مۇقەررەرلىكى دەپ بىلدۇ.بۇنى پەقەت ئۇ ئالەم ھەققىدە ئاز تولا بىر نەرسە بىلدىعانلار چۇشىنىدۇ ،دىيش ئارقىلىق باشتىكى جەننەت دەريالىرنى كۆرەلمىگەنلىك توغرىستىكى بايانلىرنىڭ سەۋۋىنى ئىزاھلايدۇ. ئۇ نىمىشقا ئۆزىنى گۇناھكار ھىساپلايدۇ؟چۇنكى ئۇ رەسسام، ئۇنىڭ نەزرىدە «قىيامەت كۇنى تەسۋىرى سەنئەتچىدىن سىزغان رەسىملىرگە جان بىرىش تەلەپ قىلنىدۇ.جان بىرەلمىگەندىن كىيىن...ئۇ جەھەننەم ئازابىغا ھۆكۇم قىلنىدۇ...»(255-بەت) يەنە تۆۋەندىكى  قۇرلارغىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى؛
«.....ماڭا پۇتۇن ئالەم قاتار- قاتار ئىشىكلىرى پۇتۇنلەي ئېچىلغان سانسىز ئۆيلىرى بار بىر سارايدەك تۇيلىدى.بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە پەقەت ئەسلىمە تەسەۋۋۇر بىلەنلا كىرەلەيتۇق،لىكىن كۆپچىلكىمىز، ھۇرۇنلۇقتىن بۇ ئىقتىدارلارنى ناھايىتى ئاز جارى قىلدۇرۇپ،پۇتۇنلەي بىر ئۆيدە كۇتەتتۇق.»(651-بەت)
      دۇنيا تولمۇ مۇرەككەپ بۇلۇپ ھەم سىرلىق ھەم گۇزەل. دۇنيانى بىر تەرەپلىمە چۇشنىش، بىر ئىزدا توختاپ قىلىش ھورۇنلۇق ۋە ئىقتىدارسىزلىقنىڭ ئىپادىسى.ئۇنىڭدا قارڭغۇلۇق بىلەن يۇرۇقلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ، گۇزەللك بىلەن رەزىللىك گىرەلىشىپ كەتكەن،قارڭغۇلۇققا يولۇققاندا يۇرۇقلۇقنى، رەزىللىككە يولۇققاندا دۇنيانىڭ گۇزەللىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قۇيماسلىق ئۇممۇتۋار ياشاش ، ئەقىل كۆزى بىلەن گۇزەللىك ئىزدەش ،دىگەن پەلسەپىۋى پىكىر، بىرنىڭ ئىككىگە بولنىشتىن ئبارەت پەلسەپىۋى قانۇنىيەت ئەنە شۇنداق ،جانلىق، ئوبرازلىق پاساھەت بىلەن بايان قىلىنغان.
بەس ئەمدى،ھىسيات،مەزمۇندارلىق، پىكىر چۇڭقۇرلۇق، پاساھەت، پەلسەپىۋىلىك ھەققىدىكى  قاراشلىرمىزنى ئىسپاتلايمىز دەپ ئەسەرنىڭ ئۇيەر- بۇيىردىن بايان، مەزمۇنلارنى پارچىلاپ ئېلىپ باياننىڭ راۋانلىقى،مەزمۇننىڭ پۇتۇنلۇكىنى بۇزۇپ قۇيدۇق.بۇ ئەسەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك.بىلىمەن ئەسلىدە يۇقىردىكى تىمىلارنى بۇنداق ئۇزۇندىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرنۇش بۇ كىتاپقا نىسبىتەن تۇلمۇ يەڭگىلتەكلىك. چۇنكى بىز يۇقىردا تىلغا ئالىغان تەرەپلەر،كىتاپنىڭ ئۇيەر- بۇ يىردە ئۇچراپ قالدىغان ئايرىم تەرەپلەر بولماستىن بەلكى كىتاپنىڭ بشىدىن ئاخىرغىچە سىڭپ كەتكەن، ھەر-بىر بەت، ھەر-بىر ئابزاس، ھەر-بىر جۇملۇلەردىن ئۇچراپ تۇردىعان ئومۇمى تەرەپلەر. ئۇنىڭ ئۇستىگە بايان ۋە مەزمۇنلار بېشى ئاخىرنى، ئاخىرى بىىشىنى تەققازا قىلدىغان ئىزچىللىق ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە.يۇقىردىكىدەك پارچىلىغاندا ئۇزۇندىمىز ئۆزنىڭ مەنە قاتلاملىرنى تولوق كۆتۇرۇپ قۇپالمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى كىتاپخان بۇ تەرەپلەرنى كىتاپنى ئوقۇپ ھىس قىلغىنى ياخشى.
ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلكى سۇپتىدە يەنە ئېغىزغا ئىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارغىنىم.ئەسەرگە ئىلىنغان نەقىللەر پۇتۇنلەي «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»كە ئوخشاش مۇقەددەس كىتاپلاردىن ئېلىنغان. مەنبە ئىشەنچىلىك،نەقىلنىڭ پىكىرنى كۇچەيتىشتىكى كۇچى چەكسىز بۇلغاشقا،نەقىلنىڭ پىكىرنى كۇچەيتىشتىكى ئۆلگىسنى يارتىپلام قالماي، يەنە بايانچىنىڭ مەۋقەسى،بىلمى،تىل موھيتى، مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى،مىللى كىملىكى ۋە دىنى كىملىكىنى گەۋدىلەندۇرۇشتىمۇ ناھايىتى زۇر رۇل ئۇينىغان. پۇتۇن ئەسەر مەيلى جۇملە تۇزلۇشتە بۇلسۇن، بايان مەزمۇنلىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بولمىسۇن ئاددىلىق،مەنتىقىسىزلىق، پۇچەكلىك،  چاكىنلىقتىن پۇتۇنلەي خالى بولۇپ، ئەسەرگە ئاممىباپ پەلسەپە ئوقۇشلۇقىدەك مەزمۇندارلىق،ۋەزىن ۋە سالاپەت بەخىش ئەتكەن. ئاپتۇر يەنە ئەسەرگە ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان گۇزەل سەنئەت ساھەسىدىن سىيۇژىت تاللىغان بولغاشقا، ھەم راسساملىق سەنئىتى تۇغرۇستا ناھايىتى كەڭ سەھيپە ئاجرىتىپ بايان ئۇيۇشتۇرغاچقا ئەسەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىش قىممىتى تىخمۇ ئىشىپ ،كىتاپقا يەنە ياخشى بىر گۇزەل سەنئەت ئوقۇشلۇقى بولۇش سۇپتىنىمۇ بەخىش ئەتكەن.

نەقىل مەنبەلىرى؛
1)(ئەدىبىياتنىڭ ئاساسى قائىدىللىرى) شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىنىڭ 1983-يىللىق نەشىرى.776-بەت.
2)(ئەدىبىياتنىڭ ئاساسى قائىدىللىرى)................................601 -بەت
        2012-يىل 21-30ئېيۇن                       

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....
mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 709
تۆھپە : 1
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 20:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەتراپلىق قېزىپ چىقىپ ،روماننىڭ مۇۋەپىقىيىتى  ئۈستىدە ئازادە پىكىر قىلىپ .  بۇ كىتاپ ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەكۈر ئېيتىمەن ...ھارماڭ . ئىزدىنىش ، تەتقىقاتىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇغلۇق بولسۇن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3101
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 20:59:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئورخان پامۇكنىڭ ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. مەن تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغانىدىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 772
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 23:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئورخان پامۇكنىڭ بۇ رومانىنى ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم . ئەسەردىكى ئۆزگىچىلىك مېنى جەلپ قىلغان بولسىمۇ ، يوقارقىدەك ئۇنچە ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان .
ئىككى ئاپتۇرغا رەخمەت !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 437
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 21:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ھەمدەم، ھەم قەدەم بولۇپ ئۆزنى ياراتتى ، ھەم ئىنسانلارنى ياراتتى.

بۇ قانداق قاراش؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 00:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ ئەدىبىياتنىڭ پەيدابۇلۇش،تەرەققى قىلىش جەريانىغا،ھەمدەئەدىبىياتنىڭ ئىستىتىك تەربىلەشتىن ئىبارەت تارىخى جەريانىغا نىبىتەن ئېيتىلغان ،ئاددى،ئوچۇقلا تارىخى قاراش.

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3415
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 18:53:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرى توختاپ قالمىغاي، قەلەملىرىگە قۇت تىلەيمەن، ھارمىغايلا.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1101
تۆھپە : 9
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى ئۇقۇپ باقاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش