كۆرۈش: 495|ئىنكاس: 0

قەھرىمان تۆمۈر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2091
تۆھپە : 8
توردا: 798
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 20:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

clip_image002.jpg

يازغۇچى قەھرىمان تۆمۈر (تەۋەككۈل ) 1972-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيە ئارال يېزىسىدا زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات  فاكۇلتېتى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. 1990-يىلى 8-ئايدا  خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىسى، ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى،  كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدا  ئىشلىمەكتە.
قەھرىمان تۆمۈرنىڭ تۇنجى ئەسىرى-«ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» 2005-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ‹‹نۇر قەسىدىسى ››، ‹‹ ئۇلار كىمنىڭ بالىسى ›› ، ‹‹ بالىلىرىمىز گاڭگىرىغان بىر ئەۋلادلاردىن بولۇپ قالمىسۇن»،  ‹‹مۇئەللىم، ئۇ گۇناھكار ئەمەس ››، ‹‹گۈزەللىك دەرىخىنىڭ بىر شېخى - ھايا ›› ،‹‹دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل»، ‹‹پەلەك شاھىنىڭ يېڭى ھېكايىسى ››، « ‹مۇئەللىم كەلدى›دىن تۇغۇلغان ئويلار ››، ‹‹ئۆگەن رىشتى ››،  ‹‹تاڭ قەترى»،‹‹بىچارىلەر››،‹‹خىجالەت››،‹‹پاجىئە››...قاتارلىق 50 نەچچە پارچىدىن ئارتۇق  ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ‹‹دېھقاننىڭ بايرىمى ››، ‹‹ئاياللار نىداسى، ئەرلەر جۇلاسى»، ‹‹مەن سۆيگەن بۇ يۇرت»، ‹‹كىتابقا خىيانەت، ئىلىمگە ھاقارەت››، ‹‹بىز نېمىشقا ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز»... قاتارلىق 25 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسى ئويغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگىرامىسىنىڭ «نۇقتىلىق مۇنبەر» ۋە « شەنبىلىك ئالاھىدە پىروگىرامما» سەھىپىسىدە ئاڭلىتىلغان. 2008-يىلى كۇچا ناھەيىسى بويىچە «ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئون تايانچ شەخس ›› نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹رەڭدار تۇرمۇش ›› ناملىق كىتابى، 2012-يىلى 2 -ئايدا شىىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹كېۋىر سۇناي ›› ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش