«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىگە QQ دا ئەسەر ئەۋەتىڭ!!!
~1 {7 G: k7 N0 U5 H ~
& p1 _7 o9 p3 J+ C1 G
9 J* N7 P+ m" o; T+ T/ F «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان گېزىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن بىردىنبىر سىياسىي كېڭەش بىرلىك سەپ ئاخبارات تەشۋىقات ۋاسىتىسى. كەڭ مۇشتەرىلەرنىڭ تەلەپ – ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئېلخەت ئادرېسىغا ئەسەر يوللاشنى بىلمەيدىغان دوستلىرىمىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە QQ دا ئەسەر قوبۇل قىلىشنى يولغا قويدۇق. يازغۇچىلارنىڭ، جۈملىدىن ياش ھەۋەسكارلارنىڭ قىسقا، مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرىنى يوللاپ تۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. «ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت – تارىخ» بېتىنى يەنىمۇ رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق قىلىپ چىقارماقچىمىز. شۇڭا، ئۇزۇندىن بېرى گېزىتىمىزگە ئەسەر ئەۋەتىۋاتقان كونا – يېڭى ئاپتورلارنىڭ بىزنى چىن كۆڭلىدىن قوللاپ ئەسەر ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
; q5 e9 ^. i+ r7 ^0 Y" ?/ B
ئەسەر قوبۇل قىلىش تەلىپى
- d% G0 w6 ?; w M, _ گېزىتىمىزگە ئەسەر ئەۋەتىدىغان ئاپتورلار ئامال بار ئىملاسى توغرا، جۈملىلىرى راۋان، مەزمۇنى ساغلام ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشى، يازمىلىرىنى ئەلكاتىپ يېزىق سىستېمىسىدا ئۇرۇشى كېرەك. پىشمىغان، ئادرېسى، ئىسىم - فامىلىسى توغرا ھەم ئۆلچەملىك يېزىلمىغان ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسىرىنىڭ ئاخىرىغائامال بار ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. ئەسىرى ئىشلىتىلمەي قالغان ئاپتورلارنىڭ مەيۈسلەنمەسلىكىنى، توغرا چۈشىنىشىنى (ئەسەرلىرىنى پىششىقلاپ ئەۋەتىشىنى) ئۈمىد قىلىمىز. گېزىتكە ئەسەر تاللاشتا ھەرگىزمۇ نوپۇز ياكى يېقىن - يورۇقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىدىغان ئىش يوق. شۇڭا، يازغۇچى، ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇشىنى، سۈپەتلىك، ياخشى ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىشىنى قارشى ئالىمىز. مەدەنىيەت، سەنئەت، ئۆرپ - ئادەت، كىلاسسىك ئەدەبىيات، چەت ئەل ئەدەبىياتى، ئىجادىي ماقالىلەر، ئوبزور، ھېكايە، نەسر، سۆز ئويۇنى، كۈلدۈرگە قاتارلىقلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
; _9 w7 M; l9 W: d* k$ ~2 ]ھۆرمەت بىلەن
U$ U1 c! N) J& |/ u. b
«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈم __ ئەدەبىيات مەخسۇس بېتى مۇھەررىرى
' L% W: I% V4 Y: ~ ئەسەر قوبۇل قىلىش QQ نومۇرى:371446140 ، ئېلخەت ئادرېسى: Muharrir@126.com
% O; C h1 [/ J+ p' [
( N; Q8 F+ q1 `3 k بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سانغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 16:28
: I7 {: P. P* U/ c' [+ ?3 ~1 E0 I2 _1 b! X* Q