روھـ تەلـقىنـلىـرى
(غەزەللەر)
ئېلى بۇراۋىدىن (بۈركۈت)
ئۆتۈنۈش
بىزگە غۇرۇر-ۋىجدان بەر پەلەك،
روھىمىزغا دەرمان بەر پەلەك .
دىيانەتكە-ئادىمىيلىككە ،
يۈرەكلەردىن ماكان بەر پەلەك.
ھەققانىيەت تامچىلاپ تۇرسۇن،
ئابىي بۇلاق ــــ زۇۋان بەر پەلەك.
ساداقەتكە چۆمسۇن قەلبىمىز ،
ئاسىيلىققا «توپان» بەر پەلەك.
ۋۇجۇدلارنى يۇتمىسۇن زۇلمەت ،
بۈيۈك پارلاق نىشان بەر پەلەك.
بارچە دىلنى تولدۇرۇپ نۇرغا ،
چىن ئېتىقاد-ئىمان بەر پەلەك !
زارلىنىش
يىگىت بولۇپ قامالدا قالدىم،
گۈزەل ساھىبجامالدا قالدىم.
ۋەدە قىلدى كەلمىدى ، بىراق
ئۆزۈم تەنھا ئاچالدا قالدىم .
سەۋەبلىرى باغلاندى پۇلغا ،
مۇھەببەتتە زاۋالدا قالدىم .
زەربە يېدىم تۆت-بەشىنچى رەت،
قانداق قىلاي ؟ ئامالدا قالدىم .
دەردىم تۆكۈپ يۇلتۇزغا-ئايغا ،
باياۋاندەك خىيالدا قالدىم .
ۋاپا كۆرمەي قىزلاردىن ئاخىر،
چۈشۈمدىكى ئايالدا قالدىم...
ھەقىقەتنى چاقىرىش
پەلەك ! قۇشلار،بېلىقلار قېنى؟
لاي سۈيى بار ئېرىقلار قېنى؟
ئورىماقتا روھلارنى تۇمان ،
قەلبى ئويغاق-يېنىقلار قېنى؟
قىز-يىگىتلەر چېكىشتى ھەسرەت،
يۈرىكى ئوت-قىزىقلار قېنى؟
ۋۇجۇدلاردا زەبەردەستلىك يوق،
ئۇماچ،زاغرا-تېرىقلار قېنى ؟
ئادەملىككە ئوت كەتتى بۇ دەم،
ئەركەك غۇرۇر تىنىقلار قېنى ...؟
بۈيۈك ئارزۇلاردا بولۇش
ئۇچقانلارغا ساما بولغۇم بار ،
تىنىق ئەنبەر ھاۋا بولغۇم بار .
كۆزنىكىنى خوۋلۇق چەكمىگەن ،
غەمكىن دىلغا ناۋا بولغۇم بار .
رەزىللىككە بەتلەپ ئوق-ساداق،
ئادالەتكە پاناھ بولغۇم بار .
بىۋاپانىڭ قۇربانى بولغان ،
ئاشىقلارغا داۋا بولغۇم بار .
ئىمانى يوق كۆيۈك دىللارغا ،
كەچۈرگىسىز گۇناھ بولغۇم بار...
ئېغىر خۇرسىنىش
چېھرى سۈزۈك ناھارلار تۈگـىدى ،
قەلبى ئىللىق باھارلار تۈگىـدى.
ئۇرۇلمىدى دىلنىڭ زەخمىكى ،
مۇڭلۇق كۈيلەر-ساتارلار تۈگـىدى.
كۆپەيگەچكە سۈنئىي چىرايلار،
يامان كۆزلەر-تۇمارلار تۈگـىدى.
«خېنىم مىجەز» بوپقالـدى ئەرلەر ،
يۈرەكتىكى ئوت-نارلار تۈگـىدى.
ھاياسىـنى يوقـاتـتى قىـزلار ،
سۆيسە قانماس خۇمارلار تۈگىـدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 19:20