«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىكى خادىملار قارامايدا...
9 g6 X& E% f' P9 `. W& |5 o# B0 s3 h$ [" d1 h) }. y2 _5 A
«شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باشلىقى جۈرئەت سەيپۇل باشچىلىقىدىكى بەش نەپەر خادىم 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە نېفىت شەھىرى قارامايدا ئېكىسكورسىيە، زىيارەتتە بولۇپ،بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ھەم نېفىتلىك ئالدىنقى سېپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمسۆھبەتتە بولدى. بۇ قاراماي ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ژۇرنال ئارا قىلىنغان بىر ياخشى ھەمكارلىق پائالىيىتى بولۇپ قالدى. قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «مايبۇلاق»ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قارامايغا كەلگەن بۇ ئۆمەك ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتچىسى، ژۇرنالىست جۈرئەت سەيپۇل، شائىر ئەسقەر ياسىن، يازغۇچى روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ، شۆھرەت تۇرسۇن، ئابلاجان قاتارلىق خادىملاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاۋال قاراماي ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ھەمدە «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ۋە قارامايدىكى ئاپتورلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە دولقۇن تۇرغۇن، ئوسمان قاۋۇل، ئىبراھىم نىياز، توختاجى ئېزىز، نۇرمۇھەممەت ھەسەنلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا جەرەنبۇلاق خوجىلىق شىركىتى، قويۇق نېفىت شىركىتىنىڭ 9-رايون قويۇق نېفىت ئېلىش پونكىتلىرى، نېفىتلىكتە ئىشلىتىلىدىغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، شىنگاڭ شىركىتى قاتارلىق ئالدىنقى سەپ ئورۇنلىرىدا نەق مەيداننى كۆرۈش، ئىشچىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش، مەخسۇس تۈردىكى زىيارەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن نېفىتلىكىنى بىر قەدەر چۈشىنىپ، ھەر قايسى ئىش ھالقىلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ چىقتى. نېفىتچى ئەزىمەتلەر، ئەمگەك، ئىش ئورنى، تېخنىكا ماھىرلىرى بىلەن دوستلاشتى، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلدى. قاراماينى چۈشىنىش، تەشۋىق قىلىشتا بەلگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بۇ پائالىيەت سىنتەبىر ئايلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5 J; C8 u5 ~* R$ A
قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇزۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن مېھمانلارغا قاراماي شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.
قاراماي ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى خادىملار مېھمانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 6 ^4 Q+ y" }5 C5 A, f9 b
<<شىنجاڭ ياشلىرى>>ژۇرنىلىدىن كەلگەن خادىملار قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى خوجىلىق شىركىتىدە ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلار ۋەكىلى بىلەن پىكىرلەشمەكتە. - G1 E" a I" I. Y9 z. Y
جەرەنبۇلاق خۇجىلىق شىركىتىدىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ياشلار مېھمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلغانلىقى، خىزمەتكە ۋە تۇرمۇشقا بولغان بولغان قىزغىنلىقى،ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى قىزغىن بايان قىلدى.
, M8 F- j* ?% Y5 k, F" }9 N" q! ~9 s9 @0 z
نۇرمۇھەممەت ھەسەن خەۋىرى، فوتۇسى.9 ~4 F* s2 u0 p) R; X3 o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-3 09:40
$ N0 x. e# i9 H' C9 ]& N% |" ?9 |; s
|