شائىر ئۆمەر ئىسمايىل1947-يىلى يەكەن ناھىسىنىڭ بەشكەن بازىرىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلىدىن 2003-يىلى دەم ئىلىشقا چىققانغا قەدەرسابىق‹‹يەكەن گېزىتى›› ئىدارىسى،يەكەن خەلق رادىئو ئىستانسىسى ،يەكەن ناھىلىك مەدەنىيەت ئئىدارىسى،يەكەن ناھىلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇ 1960-يىلى ‹‹قەشقەر گېزىتى››دە ئىلان قىلىنغان‹‹پاختىكار قىز››ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن بولۇپ شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا 800پارچىدىن كۆپرەك ئەسىرى ئىلان قىلىنغان.كۆپلىگەن ئەسەرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.‹‹تىئانشان ناخشىسى››‹‹يۈرەك ئالقىشى››‹‹قامچا››‹‹ئاھ،نۇرلۇق ئابىدىلەر››‹‹قەشقەردە توي››ناملىق كوللىكتىپ توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.يەنە شائىرنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ‹‹كۈمۈش قەترىلەر››(باشقىلار بىلەن بىللە)‹‹دىلرەباغا مەكتۇپ››قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.80پارچىغا يىقىن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سىلىنىپ سەھنىلەشتۈرۈلگەن. ‹‹مۇقام يۇرتىدا شادلىق››ناملىق 6پەردىلىك تارىخى ئوپىراسى ‹‹قېرىنداشلىق مېھرى››‹‹ئاق يول بولسۇن قىزىم›› .‹‹قىممەتلىك سوۋغات››ناملىق ئىتوتلىرى سەھنىلەشتۈرۈلۈپ كەڭ تاماشابىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.. شائىر ئۆمەر ئىسمايىل ھازىرشىنجاڭ يازغۇچىلارجەمىيتى،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمىيتى،شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمىيتى قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتى ۋە يەكەن ناھىلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.
|