مېنىڭ ئىسمىم قىزىل رومانىدىكى« قىزىل »نىڭ سىموۋۇللۇق مەنىلىرى ھەققىدە
تەھلىل
ئورخان پامۇك (—(orhanpamuk1952تۈركىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ھازىرقى زامان يازغۇچىسى.ئۇنىڭ ھازىرغىچە بىر-بىرىدىن ئىسىل سەككىز پارچە رومانى نەشىر قىلىنغان، «مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل» ناملىق رومانى 1998-يىلى نەشىردىن چىققاندىن كىيىن (ئويغۇرچە تەرجىمسى 2010-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىنغان) ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان.
روماندىكى ۋەقەلىك 16-ئەسىردە ئوسمان ئىمپىريىسىدە يۈزبەرگەن،سۇلتاننىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان ھەلچى نازاكەتلىك ئەپەندىم باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى قۇدۇققا تاشلىۋىتىلىدۇ،پادىشاھ مۇراتIIIمەخپىي يوسۇندا سۇلتانلىقىنى مەدىھيلەيدىغان قىستۇرما رەسىملىك كاتتا كىتاب تەييارلاتماقچى بولۇپ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىستىداتلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تۆت رەسسامىنى،يەنى زەيتون، لەيلەك،نازاكەتلىك ئەپەندى، كېپىنەك قاتارلىقلارنى ئىستانبولغا يىغىپ يېزنە تاغا ئاتلىق ھۆرمەتلىك ئاقساقالنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ تەڭدىشى يوق كىتابنى ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ،ياۋرۇپا رەسساملىق ئۇسلۇبىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان يېزنە تاغا رەسساملاردىن ‹غەربنىڭكىنى تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلىتىشنى› يەنى يىڭىچەئۇسلۇب بىلەن زىننەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم رەسساملارغا قەتئىي مەخپىيلىك بىلەن ئىشلەشنى ئېيتىدۇ، ئۇستاز ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئەنئەنىۋى(ئاللاھنىڭ ئىرادىسى) ئۇسلۇبتا رەسىم سىزىدىغان رەسساملار بىلەن پەرەڭلەرنىڭ (غەربنىڭ ئادەم مەركەز تەلىماتى) رەسىم سىزىش ئۇسلۇبى تۇقۇنۇشۇپ رەسساملارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسەردىكى ئاساسلىق پرسۇناژ ۋە بايان قىلغۇچى قارا ياش ۋاقتىدا نەۋرە سىڭلىسى شەكۈرەگە ئاشىق بولۇپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغاندا يېزنە تاغا قوشۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارا يۇرتىدىن ئايرىلىدۇ،باشقا يۇرتتىكى سەرگەردانلىق ھاياتى قارانىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. يېزنە تاغا پادىشاھ تاپشۇرغان مەخپىي كىتابنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۇن قارانى ياردەملىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، قارا 12يىلدىن كىيىن يېزنە تاغىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كىلىدۇ،بۇ چاغدا ئۇ مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرگەن شەكۈرە ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، يولدىشى تۆت يىل بۇرۇن ئۇرۇشتا ئىز-دېرەكسىز يۇقاپ كىتىدۇ، شەكۈرە يولدىشىنىڭ ئىنىسى ھاساندىن قىچىپ ئىككى بالىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېلۋالىدۇ،قارانىڭ ئستانبولغا كەلگەندىن كىيىن نازاكەتلىك ئەپەندى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېزنە تاغا قەستكە ئۇچرايدۇ،رەسساملار ئارىسىدا ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمگە ئىشەنمەيدىغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ، قارا شەكۈرە بىلەن ئوڭۇشلۇق توي قىلىش ئۈچۈن يېزنە تاغىنىڭ ئۆلۈمىنى كېچىكتۈرۈپ ئاشكارلايدۇ. كۆڭلىدە ھەممىنى پىلان قىلىپ قويغان شەكۈرە قاراغا ئاۋال دادىسىنىڭ قاتىلىنى تىپىشنى شەرت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ، ئوردا نازارەتچى ئوسمان بىلەن ياش قارانى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېزنە تاغىنىڭ قاتىلىنى تىپىشنى بۇيرۇق قىلىدۇ،ئۇستاز ئوسمان بىلەن قارا مەخپىي ئىشلىنىۋاتقان كىتابنىڭ يۈتۈپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە رەسىمىدە بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ،نازاكەتلىك ئەپەندىمنىڭ يىنىدىن چىققان رەسىمنى ۋە بارلىق رەسىملەرنى تەكشۈرىدۇ،ئىنچىكە كۈزىتىش ئارقىلىق ئاتنىڭ بۇرنىنىڭ يېرىق سىزىلغانلىقىنى بايقايدۇ ھەم ئوردىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەسسىاملىق ئۇسلۇبىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن رەسىملەرنى سىلىشتۇرىدۇ،ئۇستاز ئوسمان رەسىملەرنى قانغۇدەك كۆرىۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كۆزىنى كور قىلىۋالىدۇ، قارا خەزىنىدىن چىققاندىن كىيىن ئۈچ رەسسامنى زىيارەت قىلىپ ئاخىرىدا ھەقىقىي قاتىلنى تىپىپ چىقىدۇ. ئۇ قاتىلنى قوغلاپ پورتنىڭ يىنىغا كەلگەندە قارانىڭ دۈشمىنى يەنى ھاسان قىزىل قىلىچى بىلەن قاتىلنى(زەيتون) ئۆلتۈرىۋىتىدۇ،قارا شەكۈرە بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بىللە ئۆتىدۇ،شەكۈرەنىڭ كىچىك ئوغلى ئوخان چوڭ بولغاندىن كىيىن يازغۇچى بولۇپ ئاتا-ئانسىنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىلىرىنى ھېكايە قىلىپ يازىدۇ.
رومان جەمئىي 59 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ،پۈتۈن ئەسەر بىرىنچى شەخىستە بايان قىلىنىدۇ. مەسلەن‹مەن بىر جەسەت›،‹مېنىڭ ئىسمىم قارا›دىگەندەك. ئەسەردىكى 19باب ئادەم پىرسوناژلىرى ئۈچۈن يەنى ‹مېنىڭ ئىسمىم قارا› 9باب، ‹مەن شەكۈرە› جەمئى 8باب،‹مېنى قاتىل دىگۈسى›جەمئى 6باب، ‹مەن يېزنە تاغاڭلار›جەمئى 5باب، ‹مېنىڭ ئىسمىم ئېستېر› جەمئى5باب، ‹مەن ئۇستاز ئوسمان› جەمئى 3باب، كىپىنەك، لەيلەك ۋە زەيتون قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر بىرى 3باب، باشقا پىرسوناژ پۇل، دەرەخ، ئات، شەيتان، قىزىل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرسىگە بىر بابتىن ئاجرىتىلىدۇ. 20دىن ئارتۇق پرسۇناژ نۆۋەت بىلەن ھېكايە بايان قىلىدۇ،«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دېگەن باب ئەسەردە پەقەت بىر قېتىملا ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ لېكىن ئاپتور نېمە ئۈچۈن رومانغا بۇ تېمىنى ئىسىم قىلىپ تاللايدۇ؟ مىنىڭچە ئاپتورنىڭ مەقسىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال چوقۇم «قىزىل» نىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇرۋىلىش كېرەك.تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمەن.
Miniature ئىنگىلىزچە سۆز بولۇپ، قەدىمكى ياۋرۇپادا كەڭ تارقالغان، قولدا سىزىلغان رەڭلىك قىستۇرما رەسىمنى كۆرسىتىدۇ. (كىچىكلىتىلگەن، تارايتىلغان رەسىم دىگەن مەنىسى كىيىنكى شەكىللەنگەن مەنىسىدىن ئىبارەت.) لاتىن يېزىقىدىكى miniumيەنىmini ئىنتايىن كىچىك دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىلدا زىننەتلەنگەن كىتابنىڭ ھەر بىر ئابزاستىكى باشلىنىش ھەرىپى ۋە تېمىسى ئوموميۈزلۈك قىزىل رەڭدە بويىلاتتى.miniature دىن ئىبارەت بۇ خەت ھازىر مىلادى 13-ئەسىردە پارىستا بارلىققا كەلگەن ھەم كىيىن بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلەرگە تارقالغان سىنچى رەسساملىقنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن سىنچى رەسساملار باشلىنىش ھەرىپىنى قىزىل بويايدىغان ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرمىغان. ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغىنى ھازىرقى پارس تىلىدا سىنچى رەسساملىق دىگەن مەنىنى بىلدۈردىغان بۇ سۆز ئىنگىلىز تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن بۇ سۆز پارس تىلىدىكى رەسىم بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئورخان پامۇك قىزىلنى ئەسەرنىڭ تېمىسى قىلىپ تاللىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ ئىنگىلىزچە خەتنىڭ كىلىش مەنبەسىدىن ئېلھاملانغان بولسا كېرەك. ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسى تۈرك تىلىدىكى ‹سىنچى رەسسام› دېگەن ئاتالغۇنىڭ لاتىن سۆز يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئويلاش ئىنتايىن قىيىن.①
نۆۋەتتە «قىزىل» توغرىسىدىكى قاراشلار ئىككى خىلغا يىغىنچاقلىندۇ.بىرى موۋخوڭيەن قىزىل سىنچى رەسساملىق ساھەسىدىكى مۇھىم رەڭلەرنىڭ بىرى، سىنچى رەسسىملەر ئىسلام مەدەنيىتىگە سىموۋۇل قىلىنغان②؛ يەنە بىرى لۇجىيەندې روماننى تەھلىل قىلغاندا غەرب ئۇسلۇبىدىكى«دىندىن خالىي بەخىتنى ئىپادىلىگەن رەڭ»يەنى ھاياتلىق، كۈچلۈك شەھۋانىي ھېسسىيات ھەمدە مۇشۇلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن قانلىق زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.③
روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتورنىڭ قىزىل رەڭنى ئەسەرنىڭ بارلىق مەزمۇنىغا كەڭ كۆلەمدە سىڭدۈرۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.ئەسەردىكى دۇنيا رەڭلەر بەلگىسىدىن تەشكىللەنگەن. رەڭ بىلەن سۈپەتلەنگەن سۆزلەرنى رەڭدار سۆزلەر دەپ ئاتىساق ئەسەردە رەڭدار سۆزلەر كەڭ كۇشادە قوللىنىلغان. مەسلەن: يېشىل رەڭ، سېرىق رەڭ، سۆسۈن رەڭ قاتارلىقلار.لېكىن قىزىل رەڭ ئاساسىي يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.مەسلەن:ئەتلەستىن ئىشلەنگەن قىزىل كەمەرچۇ؟52-بەت.شاد ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىنۋاتقان قىزىل كىيىملىك سۇمباتلىق ئۇدچى بىر چەتتە قىزىل گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ داپ چىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇنىڭ داپ چالغان بارماقلىرى دەل يېزنە تاغىنىڭ كىتابىدىكى قىزىل ناملىق رەسىمدە...408-بەت. زەڭگەر رەڭلىك تۇپراقتىكى قىزىل تاشلار بىلەن...407-بەت. پاتپاراق بولۇپ قىچىپ يۈرگەن قىزىل قۇيرۇقلۇق قارا تايغانلار...قىپقىزىل قانغا مىلىنىپ ياتقان چىپار تېرىلىك يولۋاسنى كۆردۇق.435-بەت. (مىسال ئۈچۈن پەقەت ئاز بىر قىسمى ئېلىندى.) ئەسەردىكى رەڭدار سۆزلەر سېستىمسىنى(قىزىل رەڭ بىلەن سۈپەتلەنگەن سۆزلەرنى رەڭدار سۆزلەر دەپ ئاتاپ تۇرىمىز.) ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇلار كىيىم-كېچەكلەر، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھايۋانات، ئۆسۈملۇكلەر تەسۋىرلىرى، ئادەملەر تەسۋىرلىرى، مەنزىرە تەسۋىرلىرى ۋە باشقىلار.
تەرتىپى نىسبىتى قىتىم سانى تۈرى
2 31.60% 24 كىيىم-كېچەكلەر
1 32.90% 25 نەرسىلەر
3 11.80% 9 ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەر
4 7.90% 6 ئادەم تەسۋىرى
3 11.80% 9 مەنزىرە تەسۋىرى
5 3.90% 3 باشقىلار
100% 76 يىغىندىسى
سىتاتسىتىكىدىكى رەڭدار سۆزلەرنىڭ پىرسۇناژلار كىيىم-كېچەكلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇمىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تۈۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ:
ئەسەردە رەڭدار سۆزلەر يۈرەكلىك ھالدا مۇھەببەتكە،بەخىتكە ئىنتىلىش ھېسسىياتىغا سىموۋۇل قىلىنغان.روماندا قىزىل بىلەن مۇھەببەت بىلەن زىچ بىرلەشكەن.قارا بىلەن شەكۈرەنىڭ مۇھەببىتى ئاساسى لىنىيە بولۇپ،يېرىمغا يېقىن رەڭدار سۆزلەر بىلەن شەكۈرەنىڭ كىيمى تەسۋىرلىندۇ،مەسلەن: “قىزىل جۇۋا پەلتو” ،“قىزىل دۇراب پىنجەك ” ،“قىپقىزىل توي كىيمى” ،“ھالرەڭ چۇچا” ...قاتارلىقلار.رومان باشلىنىشىدا قارا 12 يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىستانبولغا قايتىپ كىلىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرگەن شەكۈرە ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، يولدىشى تۆت يىل بۇرۇن ئۇرۇشتا ئىز-دېرەكسىز يۇقاپ كىتىدۇ، شەكۈرە يولدىشىنىڭ ئىنىسى ھاساندىن قىچىپ ئىككى بالىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېلۋالىدۇ،شەكۈرە يا يولدىشىنىڭ دېرىكىنى ئالالماي يا باشقىلار بىلەن توي قىلالماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.قارا بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن كىچىك ۋاقتىدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنى قايتا يىلىنجايدۇ.گەرچە شەكۈرە باش پرسۇناژ بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى ئەسەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەسەردە ئاپتور شەكۈرەنىڭ قارا بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كىيىم تاللاش جەريانىنى ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەيدۇ.رەڭدا سۆزلەرنى كەڭ كۈلەمدە قوللىندۇ ھەم ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەسەرگە رەڭلىك تۈس كىرگۈزگەن.شەكۈرە “قىزىل دۇراپ پىنجىكىم يارىشىپتۇ.”دەپ تۇرۇپ يەنە “ئاپامنىڭ تويلۇق ساندۇقىدىن ئالغان سۆسۈن رەڭ كۆڭلەكنىمۇ ئىچىمگە كىيۋىلىشنى خالايتتىم.”دەيدۇ، يەنە “مۇمام ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئالما رەڭ پاختىلىق چاپاننىمۇ كىيىپ باقىتىم.”دەيدۇ. شەكۈرە تۈركىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى،ئانىسىنىڭ،مۇمىسىنىڭ كىيىپ باققان بولسىمۇ بىراق بۇ كىيىملەر ئۇنى رازى قىلالمايدۇ،ھەتتا “ سۆسۈن رەڭلىك كۆڭلەكنى كىيىپ مۇزلاپ كەتتىم،شامنىڭ يالقۇنىمۇ پىلىلداپ كەتتى”دەيدۇ،ئاپتور بۇ مەنزىرىگە ئۇستىلىق بىلەن تۈركىيە ئەنئەنىۋى ئاياللىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن شەكۈرەنىڭ يۈرەكلىك ھالدا مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ھىسسىياتنى سىڭدۈرۈپ ئەنئەنىۋى ئاياللار بىلەن يېڭى دەۋىردىكى ئاياللارنىڭ مۇھەببەت كۆز قارشى سىلىشتۇرىدۇ ھەم ئوقۇرمەنلەرگە ھاياتلىق ئېڭى ۋە ھالقىش ئېڭىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ.
شەكۈرە ئاخىرى بەخىتكە ئېرىشىدۇ، “ئۇ ئۆزىنىڭ تويىداقىپقىزىل توي كىيمىنى كىيىدۇ،بېشىدىن ئايىغىغىچە ھالرەڭ چۇچا ئاسىدۇ ”. قىزىل بۇ يەردە ئادەتتىكى رەڭ بولۇپلا قالماي ئاكتىپلىق ۋە يۈرەكلىك ھالدا بەخىتكە ئىنتىلىش روھىنى ئىپادىلىگەن.بۇ خىل روھ ئەنئەنىۋى چەكلىمىلىككە خىرىس قىلىپ كىملىك ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن غايەت زور كۈچ قۇدرەتنى ئىپادىلىگەن.
ئەسەردە«قىزىل» ئۈلۈمگە،ياراتقۇچى ئاللاھقا سىموۋۇل قىلىنغان.روماندا قۇيۇق ئەپسانىۋى بايانلار خېلى كۆپ.مەسلەن:جەسەت،رەڭ،ئات قاتارلىقلار.ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ۋە “ سۈيقەست” كە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ.قىزىل رەڭ روماندا رەڭ ۋە زوراۋانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.قان بىلەن زىچ باغلىنىپ پۈتۈن ئەسەرنى قان ھېدى بىلەن تولدۇرىدۇ،يېزنە تاغا ۋىنىتسىيە رەسساملىق ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن كىيىن زەيتون تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. قاتىل قىزىل رەڭلىك سىياھ قۇتىسى بىلەن يېزنە تاغىنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ، دېمەك قىزىل رەڭلىك سىياھ قۇتا يېزنە تاغىنى ئۆلتۈرۈشتە قاتىللىق قورالى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.“بارچە رەڭلەرنىڭ قىزىلغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە ئۇ قان، ئەمەلىيەتتە بولسا قىزىل سىياھ ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىكى سىياھ دەپ قارالغان نەرسىمۇ مېنىڭ ئېقىپ توختىمىغان قىزىل قىنىم ئىدى 278 .-بەت.” مۇشۇنداق قىلىپ قىزىل رەڭلىك سىياھ بىلەن يېزنە تاغىنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن. ئاپتور يېزنە تاغىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىن ئاسمانغا كۈتۈرۈلىشىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ،مانا بۇ ئاجايىب يۇقىرىغا ئۆرلەش جەريانىدا كۆرگەن رەڭلەرنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟پۈتۈن ئالەمنىڭ رەڭلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى،ھەممە نەرسىنىڭ رەڭ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.مېنى پۈتۈن نەرسىلەردىن ئايرىغان كۈچنىڭ رەڭلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدەك،ھازىر مېنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلىغان،پۈتۈن ئالەمگە باغلىغان نەرسىلەرنىڭمۇ رەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.يېزنە تاغا قىزىل رەڭنىڭ يەنە بىر ئۆزگىرىشى بولغان «ئۇ»بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. دېمەك قىزىل رەڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ياراتقۇچى بىلەن بىرلەشكەن. ئاللاھنىڭ غايىۋىيلىكتىكى ئاللاھنى رىئاللىقتا ئىپادىلىگەن. گەرچە ئىسلام دۇنياسىدا ئاللاھ كونكرىت ماددا ئارقىلىق ئىپادىلەنمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھ ھەر خىل ماددىلارنىڭ شەكلىگە ئۆزگىرەلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ، پامۇكنىڭ قارىشىچە ئاللاھنڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايلىنىش شەكلى قىزىل رەڭ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.④
“بۇ گۇماندىن دەرھال قۇتۇلۇش ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىك بىلەن تەشۋىشلىنىپ «ئۇ»نىڭدىن سورىدىم.
-ھاياتىمنىڭ كىيىنكى 20يىلىدا ۋېنېتسىيىدە كۆرگەن كۇپپار رەسىملىرىدىن تەسىرلەندىم. ھەتتا بىر مەزگىل ئۆز رەسىملىرىمنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىدا سىزىش نىيىتىدىمۇ بولدۇم، لېكىن بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىدىم. كېيىن سېنىڭ ئالىمىڭنى، بەندىلىرىڭنى، ئالەمدىكى كۈلەڭگەڭ بولغان سۇلتانىمىزنى كۇپپارلارنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن سىزدۇردۇم. «ئۇ»نىڭ ئاۋازىنى ئەمەس، ماڭابەرگەن جاۋابىنى ئۆز ئىچىمدە ئەسلىدىم: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ مېنىڭ.» 370-بەت.”ئاسمانغا كۈتۈرۈلگىنى پەقەت يېزنە تاغىلا بولماستىن بەلكى يەنە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ مەدەنيىتى ۋە سەنئىتى ھەتتا ھازىرقى تۈركىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇ ئاللاھدىن بىز يات مەدەنيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق بىز نەدىن كەلدۇق،نەگە بارىمىز؟دەپ سورىغان.ئاپتور غەرب-شەرق مەدەنيىتى تۇغرىسىدا ھىچقانداق كۆز قارىشىنى ئىپادىلمەيدۇ،پەقەت“مەشرىقمۇ،مەغرىبمۇ(يەنى پۈتۈن يەر يۈزى)مېنىڭ” دىگەن جۈملىنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر كىشلەر ئاللاھنىڭ بۇ جاۋابىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسىدى سۈيقەسىت، يۈز ئۆرۈش، تۇقۇنۇش ۋە گاڭگىراشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
روماندا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن بوش نۇقتىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. روماندىكى سىموۋۇللۇق سۆزلەر، سىموۋۇللۇق ئوبرازلارنىڭ كۆپ قوللىنىشى، روماننىڭ لىرىكا پۇرىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر مەزمۇنىنىڭ مەنا كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كىڭەيتكەن.بۇ سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ئەسەرنىڭ شېئىرىي تۈسىنى قويۇقلىتىش بىلەن بىللە مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ خىل مەنا چوڭقۇرلىققا ئىگە قىلغان. مەنا جەھەتتىكى بۇ خىل كۆپ خىللىق ۋە چوڭقۇرلۇق ھەرخىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا باشلىغان ۋە روماننىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.⑤
قىزىل رەڭ ئىككى خىل دۇنيا قاراشقا سىموۋۇل قىلىنغان. ياۋرۇپا ئۇسلۇبى ھەر خىل سۇس قىزىل رەڭنى ئادەتتىكى رەڭلەر بىلەن بىر قاتاردا ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى داكىغا سۈركەيدۇ، ئۇلار رەڭنىڭ قىنىق-سۇسلىقى بىلەن رەسىمنىڭ سايىسىنى ئىپادىلەيدۇ، سىنچى رەسساملار بۇ خىل ئۇسۇلنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلار بىر خىل رەڭنى يەنى ساپ قىزىل رەڭنى ئىشلىتىدۇ، قىزىل كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگەبولۇپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن شاگىرىتلار قىزىل بوياقنى ياكى ئالتۇن ياپراقىنى ئوغۇرلىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۈچرايدۇ، شۇڭا قىزىل رەڭ ئادەملەرنىڭ پۇلغا، مەنپەئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ سىموۋلى،بۇ خىل ئىنتىلىشنىڭ نەتىجىسى جازا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.دېمەك ئەسەردىكى رەسساملارنىڭ مەۋجۈتلىقى ئىنسانىيەت تۇرمۇشغا سىموۋۇل قىلىنغان،تۇرمۇشتا كەسىپداشلار ئارسىىدا بىر-بىرىگە ئورا كولايدىغان، ھوقوق تالىشىشلىرى، مال-دۇنيا، يۈز ئابرويغا ئىنتىلىش، ئېتقادتا گاڭگىراش ئىشلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا،ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىغا سىموۋۇل قىلىنغان.
تۈرك تارىخىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا قىزىل رەڭنىڭ تۈرك ئەنئەنىسىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى تونۇپ يىتىمىز، تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قىزىل قالپاق كىيىپ نامازغا بارىدۇ، دۆلەت بايرىقى قىزىل رەڭدە،قىزىل رەڭنى تۈركىيىلىكلەرنىڭ كىملىك بەلگىسى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىزىل رەڭ بىر تەرەپتىن ھاياتقا بولغان قىزغىنلىققا سىموۋۇل قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن زوراۋانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان قانغا سىموۋۇل قىلىنغان.
يېغىنچاقلىغاندا، قىزىل گەرچە ئەسەردە بىرلا قىتىم بايان قىلغۇچى بولسىمۇ لېكىن ئەسەردە ئەڭ كۆپ ئۇچراپ رەڭ مەنىسىدىن باشقا شەكۈرەنىڭ بەخىتكە ئىنتىلىش ھېسسىياتىغا،ئۈلۈمگە،ياراتقۇچى ئاللاھقا،زوراۋانلىققا ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئارزو-ئارمانلىرىغا سىموۋۋۇل قىلىنىپ ئەسەر مەزمۇنىنى كەڭ، كۆپ ياقىلىمىلىق مەنىگە ئىگە قىلىپ “مەدەنيەت توقۇنۇشى ۋە گىرەلىشىشىنىڭ يېڭى سىموۋولىنى ياراتقان.”⑥
نەقىل مەنبەلىرى:
②①罗建德:《意识形态的颜色》(上下)书城 2007年6期。
③穆宏燕:《蓝的马,绿的天空》,《读书》2007年5期。
④张红秋 《红》与《黑》——读《我的名字叫红》及其它 文学界(理论版)2010年 11月。
⑤ 陶端:碰撞和交融的新象征——读帕慕克的小说《我的名字叫红》北方民族大学学报 2001年第6期。
⑥ ئابلىمىت ئابدۇراخمان :«يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى».«تۇرپان» ژونىلى 2011-يىللىق 2-سان.
(مەنبە : ئۆزەم)
|