«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق بۇ روماننى مەن تەپسىلى ئوقۇپ، ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا بارىكاللا ئېيىتقان ئىدىم، بۇ مۇنبەردىكى بۇ تەھلىلنى كۆرۈپ، بۇ توردىشىمىزنىڭ ئويغاق تەپەككۇرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، يارايسىز.
بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كەلسەك، كۈزىتىشىمچە، شېئىرىيەتتە چوڭ مەسىلە يوق، شائىر ئەخمەتجان ئوسمان،ئادىل تۇنىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋەر شائىرلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شېئىرىيەت بايرىقى نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى يېڭى ئىدىيە بىلەن يېتەكلەپ، ھەر خىل قېلىپتىن خالىي ھالدا ئۆز ھىسسىيات قاتلىمىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە يول ئېچىپ بەردى، ئەمما پىروزىچىلىقتا ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئېغىر مەسىلە داۋاملىق ساقلانماقتا، يەنە شۇ كونا قېلىپ، تۈز تەپەككۇر. ھېلىمۇ ياخشى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا بىر قېتىم چاقنىدى، نىمە ئۈچۈن كۆپ مەمتىمىن ھوشۇرلار مەيدانغا كەلمىدى؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىدىيە ئەنئەنىۋى تەپەككۇرنىڭ يولىدىن ھالقىپ چىقالمىغان، ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا ئىزدەنمە خاراكتىردىكى ئەسەرلەرگە مۇئەييەن ئورۇن بېرىلمىگەن ۋە ئىلھاملاندۇرۇلمىغان، ئوبزۇرچىلىققا كەلسەك ، ئوبزۇرچىلىق ئاساسەن،مەلۇم بىرىنىڭ يېزىپ قويغان ئەسىرىنى سۆكۈش ياكى ماختاش بىلەن چەكلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزدىكى چىقىش يول ھەققىدە يېزىلغان ئوبزۇرلار ئاز. ماقالا يېزىشتىمۇ يەنە شۇ كونا قېلىپ، يېقىندا زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزىنىڭ يېڭىچە شەكىلدىكى ماقالا ئوبزورلىرى بىلەن بۇ خىل قېلىپقا جەڭ ئېلانقىلغاندەك بولدى،ئەمدى رەسساملىقنى ئالساق، ئۇيغۇر رەسساملىقى تېخى تىرىلگىنىگە ئۇزۇن بولسىمۇ(ئۇستاز غازى ئەھمەد باشچىلىقىدا قايتا تىرىلدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ) ناھايىتى تېزلا مۇئەييەن تەرەققىياتقا ئىگە بولدى، سەۋەبى، رەسساملىق دۇنيا رەسساملىقىغا بىۋاستە يۈزلەندى، ئۇ كۆرۈش سېزىمى سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىل، مۇئەييەن قېلىپلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، گەرچە ئارىمىزدا دۇنياۋى رەسساملار ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولسىمۇ، يېڭىچە ئىستىقبال يولىنى ئېچىپ بولدى. مېنىڭچە ئەدەبىياتىمىزمۇ ئويغىنىشقا مۇھتاج!
|