0 H( X1 P2 |% C* h
6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شائىر ئاۋۇت نىياز كېسىلىنى كۆرسەتكىلى بارغان خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى.چۈشتىن كېيىن شائىرنىڭ يۇرتى يەركەن ناھىيە ئاۋات بازىرىدا نامىزى چۈشۈرۈلدى.شائىر بۇ يىل 72ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قەلەم قولىدىن چۈشمىگەن پىشقەدەم،تۆھپىكار ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى.شائىر بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا ناھايىتى مەزمۇنلۇق سۆھبەتلىرى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە قاراتقان ئىدى.ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بۇ كىشىدىن ئايرىلىپ قالدۇق.بىز شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرىمىز،ۋەئۇنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تىلەيمىز.
مەرھۇم شائىر ئاۋۇت نىياز (شەمشەر) 1941-يىلى يەكەن ناھىيەىسىنىڭ ئاۋات بازىرىداتۇغۇلغان. 1965-يىلى ئاۋات بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە بوغالتىرلىق خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغان.مەرھۇمنىڭ «باھار جىلۋىسى» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1963-يىلى سابىق«يەكەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 50 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا 1300پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ بىر تۈركۈم ماقال-تەمسىل، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى توپلىغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «يەكەن ناخشىلىرى»،«زەرەپشان گۈلزارى»، «زەرەپشان سۆيگۈسى» ناملىق كوللېكتىپ توپلاملارغاكىرگۈزۈلگەن. 1999-يىلى قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى تەرىپىدىن «چىمەنزار نەزمىسى» نامىلىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ1996-يىلى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» (قەشقەر) تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. «ۋەتەن ئوغلى»، «مۇقام قىزى»، «ساداقەت» قاتارلىق داستانلارنى يازغان. ئۇ «سۈزۈك ئېقىنلار» ناملىقشېئىرلار توپلىمىنى، «چىن مۇھەببەت» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنى نەشرگەتەييارلاۋاتقان ئىدى.
مەرھۇم شائىر ئاۋۇت نىياز (شەمشەر) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
* ]. R* }; U a2 q* N