كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 13

راسىت ئىشلار خاتىرىسى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 17:28:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راسىت ئىشلار خاتىرىسىدىن...




بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.  1992- يىلى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئۈچ تۈۋەك كىچىك ئارىلىدا دەريا سۈيىنىڭ يامغۇردا تاشقىنلىشىدىن 30 دەك ئادەمنى دەريا ئېقىتىپ كەتكەن. شۇ ۋاقىتتا رادىئو ۋە تېلىۋىزورلاردا كەڭ ئېلان قىلىنىپ كېيىنچە «ئۈچ تۈۋەك ئارىلىدا ئولتۇراقلىشىشقا بولمايدۇ» دەپ بېكىتكەن. مېنىڭ بېلىشىمچە ھازىرغا قەدەر ئۇ يەردە ئۆيلۈكلەر بار. شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى دادامنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن خاتىرىلەپ قويغان ئىدىم. نېمىشقىكى بۇ خاتىرىنى ۋاراقلىسام كىچىك ۋاقتىمدىكى سۈپسۈزۈك دەريانىڭ ئاچچىق قايغۇسىغا ھەمدەمدە بولغان كۈنلەر يادىمغا كېلىدۇ.



1995- يىلى قالدۇرۇلغان خاتىرىدىن




مەن ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى ﻣﺎﻳﺪﺍ دادام «يالغۇزلۇقنىڭ يەتكىچە دەردىنى تاتتىم» دېگىنىچە بىز بىر ئائىلىلىكنى ئۈچ كۈن يول يۈرگۈزۈپ بۇ كىچىككىنە ئارالغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئېسىمنى بىلسەم دادام ياز كۈنلىرى ئۆيدە تۇرمايدىكەنتۇق. ئۇنىڭ دائىملا قارا قاشقا ئاتقا مېنىپ قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ چىقىپ كەتكىنىنى خىرە بىلەتتىم ھەم كېيىنچە شۇنداق كۆرۈپ چوڭ بولغان ئىدىم. دائىم ئاپامنىڭ «داداڭ كەلسە» دېگەن سۆزلىرىدىن بىر ئائىلىدىكى ھەممىمىز يازداي دادامنى سېغىنىپ كېتەتتۇق. مانا بىزنىڭمۇ چوڭ دادامنىڭ بالىلىرىدەكلا خوشال بولىدىغان ۋاقتىمىز كەلگەندەك «تاغ»قا بىر ئائىلىلىك كۆچۈپ كەلدۇق.  ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ كەلگىنىمىزگە ئىككى ئايلار بولدى. بۇ ئارالنى بىر دەريا تاش يولدىن ئايرىپ تۇراتتى.  بۇ ئارالدا پەقەت ئۈچ ئائىلىلىك بار  ئىدى. بىرسى قازاق خوشنىمىز ئالپىسباي،ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى 50 مېتىر كېلەتتى. ئۇلار ئالتە جان بولۇپ، بىر قولى چولاق ئوغلىلا دائىم كالىلارنىڭ ئايىقىدا، موزايلارنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇپ يۈرەتتى. بىرسى خەنزۇ ماجۇڭخەن، ئۇ نەسىللىك كالا بېقىۋاتقان بولۇپ بىزدىن 100 مېتىر يىراقلىقتا، قويۇق قىيىنزارلىقتا ئىدى.ئۇلارنىڭ جەمئىي 10 كالىسا بولۇپ، بىر كالىسىدىن يېرىم چىلەك سۈت چىقاتتى. شۇڭا ئۇلار كالىلىرىنى دائىما چۆرىدەپ ىېقىپ، يىراق بىز كالىلارنى ھەيدەيدىغان تۆپىلىككە ھەيدىمەيتتى.  يەنە بىر  ئائىلىلىك بىز، دەرياغا  ئەڭ يېقىن ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق. ئىشىكتىن چىقىپ 5 چامدام ماڭغاندىن كېيىنلا دۆڭدىن پەسكە قارىساق 20 مېتىر پەستە دەريا شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇراتتى.   مەن بۇ يەرگە كېلىپ بىردىن بىر بۇ دەرياغا ئامراق بولۇپ قالدىم. دەريا بىلەن تاش يولنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر يوغان قارغاي كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئاپاملار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ سۈت كوپراتىپىنىڭ ماشىنىسى كەلگەندە سۈت ئۆتكۈزۈپ قايتىپ  كېلەتتى. مەن دەريانىڭ ئاۋازىغا، يامغۇر چۈشكەندىكى شۇ تۇرقىغا قاراشنى تولىمۇ ھوزۇرلۇق ھىس قىلاتتىم.  ۋاقتىم يار بەرسىلا كۈندىلىك خاتىرەمنى كۆتۈرۋىلىپ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺑﯘﮊﻏﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ بىرخىل ھەۋەستە قاراپ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻏﺎﺩﻩﺭﺩ ﺗﯚﻛﯜﭖ، دەريا ياقىسىدىكى ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺨﯩﻐﺎ ﻗﻮﻧﯘﭖ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ئۇزاقتىن - ئۇزاق ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ بۆلەككە ئايرىلىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك تاشلارنى كۆرگىلى بولىدىغان يەرلەرگە ئايىقىمنى سېلىپ كېچىپ تۇرۇپ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺠﺎﻧﻼﺭﻧﻰ تاماشا قىلاتتىم. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﻮﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺩﯨﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ھىس ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﺴﯜﺯﯛﻙ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﯗﻣﺪﯨﻨﻤﯘ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ئۇنىڭ كىچىك ئاراللارغا بۆلۈنگەن يېرىدىنلا ئۇچۇملاپ سۇ ئىچەتتىم. چوڭ دەريانىڭ سۈيىنىڭ بۇ ئېقىندىكى سۇدىنمۇ سۇغۇق بولىدىغانلىقىنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ﺗﺎﻍ ﮬﺎﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻧﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﻪﻡ ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘيقۇم  ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﯜﻡ ﺑﻪﻙ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ... ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯘﻳﯩﻨﯩﯔﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ئازراق ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھىس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩﻘﻰﻳﻮﻕ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﻪﺭﯨﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻢ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔﮔﯜﻟﺪﯛﺭﺍﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺍﻟﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ - ﺳﯜﺭﻩﻧﺪﻩ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. كېچە ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ «يېنىمغا چىق» دېگەن ئاۋازنىڭ ئەكسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك، گاھى ﭼﯜﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ دەريانىڭ قارشىغا ئېقىپ كېتىپ بارغان خىياللاردەك تاتلىق ئاۋازىدىن مىيىقىدا كۈلدۈرۈپ قوياتتى. ﻣﻪﻥ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ كېچىدىكى ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯧﻘﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ئېقىپ يەنە بىر تۇتۇشۇپ كېتىدىغان بۆلەكلىرى تېيىز بولغان بىلەن. دەريانىڭ سۈيى پۈتۈن سۈرۈك كالىلارنى ئېقىتىپ كېتەتتى. مەن دەريانىڭ قاپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ يوغان قارغاي كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسىغا ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﭼﯚﻛﯜﭖﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎپاﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯞﺍﻗﯩﺮﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﯛشىگە ﻛﯚﻧﯜﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢﺋﯚﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﻴﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻨﻤﯩﻜﻰ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺩﻩﺭﻳﺎنى كېسىپ تۇرغان كۆۋرۈكنىڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﻳﯜﺗﯩﯟﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ.

ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﺷﻰ، ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻟﻴﺎﯞ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﯞﻩ ﻻﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻘﯩﺸﻰ بىزگە شۇملۇقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ (ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ يىراقلىقتا،كىچىك بىر ئارال، بىر تەرىپى كەڭ يېيېلىپ ئېقىۋاتقان دەريا يەنە بىر تەرىپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان، ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ يېنىغىلا ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ  30 دەك ئائىلىكى بار) ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﻏﻪﺭﻕﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪىكى ﺧﻪﯞﻩﺭ كىچىك ئېقىنغا ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭدى. ھەمدە قازاق خوشنىمىزنىڭ دادامنى ۋارقىرىغىنىچە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ھەممىمىزنى بىر سىلكىندۈرۈپ ئەندىشىگە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.

ﺩﺍﺩﺍم بىلەن  ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺧﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺕﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﺗﺘﻰ. ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯧﻘﯩﺸﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩﻳﻪﻧﻪ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﻡ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ.ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪﻗﺎﺭﺍيتتىم. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ بىز داۋاملىق سۇ ئىچىدىغان بىر ئېرىقچىلىق كېلىدىغان يەرگە ﺳﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، سۇنىڭ رەڭگىنىڭ تولىمۇ قارا ۋە قويۇقلۇقىغا قاراپ ئەندىشىلىرىم كۈچىيىپ كېتەتتى دە ﺋﺎپاﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﻗﯘﭖ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔﺋﯘ ﺗﻪﺭىپىگە قارىماي ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتىم. دەريانىڭ ﺋﯘ ﺗﻪﺭىپىدىكى چوڭ يولدا  ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻼﺭﻏﺎﻗﺎﻣﭽﻪ ﺋﯘﺭﻏﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻨﻰ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯔﯞﯨﻴﯩﯖﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩﻣﺎﯕﺎ ﺳﯘﻏﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻏﺎ، ئاتلارنىڭ پۇتىدىكى تاقا ئاۋازىغا سىڭىپ كەتكەن بىرخىل جىددىيچىلىكتىن باشقا نەرسىلەرنى ئويلاشتىن ﺑﺎﺵﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭىيدﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﯩﻨﯩﭽﻪﺋﺎپاﻣﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ «ﻧﯧﻤﻪ؟»  ﯞﻩ «ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟» ﺩېگەندەﻙ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎپاﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰنى ئەنسىزچىلىك ئىچىدىن سۆرەپ چىقاتتى.

ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ تاراقشىغان ئاۋازىدىن ﭼﯚﭼﯜﭘﻘﯩﻨﻪ يان تەرەپتىكى بىزنىڭ ئۆيگە تۇتۇشىدىغان بىر ھارۋا يولىچىلىك كېلىدىغان يولغا تېكىلدىم. ئۇلار دادام بىلەن قازاق خوشنىمىز ئالپىسباي ئېدى. ئالپىسباي ماڭا كۈلۈپ قويۇپ ئۆيى بار تەرەپكە كەتتى. دادام ئۇدۇل كەلگەنچە ئاتنى ئۆزىمىز قېقىۋالغان قوزۇققا باغلاپ ئۆيگە ماڭدى. ﻣﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ سۈﻳﻰﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ ﺋﺎﻗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﺷﯜﻛﺮﻯ ئېيتىشتەك ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! يەنە بىرخىل تەشۋىشلىك خىيالىرىم ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍيى شۇﻧﭽﯩﻚ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ئىدىكى سىڭىللىرىم ﺋﯘﻧﯩﯔﭼﯩﺮﺍيىنى كۆرۈپلا ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ  ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ  ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﮬﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ﻣﻪﻧﻤﯘ سۇﺯ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.« ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﺎ؟ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯩﻤﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺰ؟ »ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎپاﻡﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻠﻐﯘﻟﯘﻗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ. «ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖﺷﺎﻟﯩﻨﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ﻣﻮﻣﺎﻡ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦﻛﻪﻟﮕﻪﻥ بۇﻟﯘﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺳﯘﺯ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﻳﯩﯖﯩﻼ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﺎﻣﯩﻜﺎﭖ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺯﯗﺗﻤﺎﻗﺘﺎ.



داۋامى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 18:27  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 666
تۆھپە : 0
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 17:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ راست ئىشلار خاتىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن سىڭلىم، بۇ يازمىڭىزنىڭ داۋامىنىمۇ تەقەززالىق ئىچىدە ساقلايمەن،  دادىڭىزنىڭ  ئىشلىرى يېزىلامدىغاندۇ دەپ ئاخىرىغىچە ئوقۇپ كەتتىم. سىزنىڭ كىچىكلىكىڭىزنى خىيالىي تەسەۋۇر قىلدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ھەدە، بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى ئۆزۈم كۆرمىگەن بولساممۇ، دادامنىڭ ئېيتىشى ۋە  كىشىلەر ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئېدىم. بىر مەزگىلگىچە ئېغىزلاردا سۆزلىنىپ ھەسرەتلىنىپ يۈرۈشكەنلەر كۆپ ئىدى مەھەللىدە.
ھېلىمۇ ئېسىمدە تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن بىر قېتىم بۇ ۋەقەنى ئەسلەپ قېلىپ خاتىرەمگە خاتىرىلەپ قويغان ئىدىم. شۇ ۋەجىدىن ھازىر دېگەندەك پىششىقلانمىغان بولسىمۇ، مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم.

داۋامىنى سىزنى تەققازار قىلمايلا يوللايمەن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 624
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1995-يىلى يىزىلغانما؟
ياكى شۇ مەزمۇنلار ئەمدى بايان قىلىۋاتامسىز؟
بەك قىزىقپ قالدىم خان..........راس ئىشلار خاتىرىسىنى ئوقۇشقا بەك ئامراقمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدانىش، 1995- يىلى خاتىرىگە پۈتۈلگەن. ئەمما ھازىر قايتا تۈزىتىلىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. مېنىڭ خاترىلىرىمگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن خوشالمەن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئاپامنىڭ چاقىرىشى بىلەن يەنە ئۆيگە كىردىم. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯜﻛﯜتتە چاي ئىچمەكتە. ﺋﺎپاﻡ سۈكۈت ئىچىدە دادامنىڭ چاي ئىچىشىغا تىكىلمەكتە. دادام ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ-  ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺩﻩﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﺩﺍمنىڭ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺋﯘ ﺑﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻼﭘﻘﯩﻨﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ - ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. «ﺑﻪﻙ ﯞﺍﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﮬﻪﻱ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ، ﺗﯜﭘﺘﯜﺯﻻ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ كېچە ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻟﻜﯜﻧﻜﻪﻥ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ يىغىنىڭ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍسى. ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﻧﺪﻩﻛﻼ ئادەم ﺋﯩﻜﻪﻥ»- ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ  سۆزىنى ﺑﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﻻﻗﺸﯩﭗ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﭖ.« ﺩﻩﺭﻳﺎ يۈتۈﭘﺘﯘ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ، ﻛﺎﻻ - ﻗﻮﻳﻼﺭﻏﯩﭽﻪ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻴﺎ - ﭼﯩﻴﺎ، ﻳﯩﻐﺎ - ﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮىنى دەريا ئېقىتىپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ئىككى بالىسىنى، ﺋﺎپىسىنى، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪىشىنى. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﺪﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ لۆﯕﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ كۆزىگە بېسىپ تۇرۇپ ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﺵ ﻛﯚﺯﻟﯜﺭﯛﻣﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.« ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎﻱ ﺳﯚﺯﻟﻪﯕﻪ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﻠﯩﯔ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﯕﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎپاﻣﻤﯘ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎلىمغا ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ كېچىدە ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﭼﺘﻰ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩمنىڭ ئۆيى ئۈچ تۈۋەك دەريا بويىدا ئەمەسمۇ؟  ﻣﻪﻥ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ سوۋغا قىلغان پىچىقىدا بايىلا دادامغا نان توغراپ بەرگەن ئىدىم. مەن ئۇ پىچاقنى قولۇمغا ئېلىپ ﺳﯩﻼﭘﻘﯩﻨﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.  ﺋﯘ ئاشۇ كۈنى ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻗﯩﺮىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻟﯜﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﻯ...


داۋامى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 18:19  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېھمان ۋە پىچاق

ﺑﯜﮔﯜﻥ كۆچۈپ كەلگىنىمىزگە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يەنە ئالدىنقى كۈنلەردىكىدەكلا يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. ئەتتىگەندە پارقىراپ كۈن چىققان بىلەن چۈشتىن كېيىنلا يەنە كۈن تۇتۇلۇپ يامغۇر شارقىراپ قۇيۇلۇپ كېتەتتى. بۇ تاغ رايونىنىڭ مۇشۇ ھاۋاسىغا بەكمۇ ئۆچ بولغان بولساممۇ، بىراق ئامراق تەرىپىنىڭ گېپىنى قىلغاندا چوقۇم بېسىپ كېتىدۇ. ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪﺋﯚﻳﮕﻪ ﺳﻮﻟﯩﻨﺎﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺯﯨﺮﯨﻜﺘﯘﻕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﯘ ﺗﺎﻍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﺍ ﺑﻪﻙ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ئۆتكەندە بىر قېتىم مۇشۇنداق قاتتىق يامغۇر بىر كۈن كەچكىچە ياغدى. بىر موزاي قاشالانغان يېرىمىزگە كەلمىگەنسېرى، ئاخىرى ئىزدەپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق. سولياۋ خالىتىلارنى بېشىمىزغا كېيىپ خېلى ئۇزۇق ئىزدىدۇق. قويۇق قېيىنزارلىقتىن چىقىپ ئازراق ئۈستىگە ئۆرلىگەن دۆڭ بار ئىدى. دائىم شۇ يەرگە موزايلارنى ئاپىلىرىدىن ئايرىپ دۆڭدىن ئاشۇرۋىتىپ كېلەتتۇق.  شۇ يەردە كېتىپ بارساق، موزاينىڭ سۇز مۆرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ تەرەپكە سىڭلىم ئىككىمىز تۇتۇۋالغان ياغىچىمىزغا تايىنىپ سېرىلىپ ئاران چۈشسەك موزاي يامغۇرغا ئاغزىنى ئېچىپ ئۇيان – بۇيان تولغۇنۇپقىنە يېتىپتۇ. دادام بۇغدايغا سۇ تۇتقىلى يېزىمىزغا كەتكەن بولۇپ. بىزنىڭ ئۆيدە ئاپام ۋە ئىككى سىڭلىم مەنلا قالغان ئىدۇق. شۇڭا مەن موزاينىڭ بېشىدا قالدىم. سىڭلىم تىيىلىپقىنە يەنە يامىشىپ خوشنىمىز ئالپىسبايكامنىڭ ئوغلى ئەلوۋنى چاقىرىپ كەلدى. ئەلوۋ مەندىن بىر ياش كىچىك بولغان بىلەن خېلى ئەقىللىق ئىدى. ھەم ئوغۇل بالا بولغاچقىمۇ، «ۋوي، پۇتىنى يىلان چىقىپتۇ... » دەپ ئازراق قان چىققان پۇتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. ئاندىن يانچۇقىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ موزاينى بوغۇزلىۋالدى. بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئېيتىپ موزاينىڭ ئۈستىگە قارغاينىڭ ، قىيىن دەرىخىنىڭ ، يەنى تېرەكنىڭ شاخلىرىنى يىغىپ دۆۋلەپ قويۇپ كېتىپ قالدۇق. يامغۇر يەنىلا ياغماقتا. قاراڭغۇ چۈشكەچكىمۇ يەنە بىر بىرىمىزگە تايىنىپ ئاران قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. شۇ چاغدا ئەلوۋمۇ «يامغۇردا يىلانلار جىق چىقىدۇ، بايقاڭلار» دەپ ئۆزى دەسسىگەن يول بىلەن قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەتىسى ئاپام بىلەن ئالپىسبايكامنىڭ بىر قولى يوق بالىسى كېلىپ موزاينى سويۇپ تېرىسىنى ئېلىپ گۆشىنى كۆمبەتكەن ئىدى. كېيىن دادام كېلىپ موزاينىڭ تېرىسىنى ئېلىپ يەنە يېزىغا چۈشۈپ ئىگىسىگە ئاپىرىپ بەردى. «مال يۈتۈپ كەتسە بىز تۆلەيدىغان. مالغا يىلان تېگىپ تېرىسى قايتىپ كەلسە، تۆلىمەيدىغان بولۇپ» ماللىرىنى دادامغا خاتىرجەم بېرەتتى. 6- ئاي مەزگىلىدە يامغۇر يېغىن كۆپرەك بولغاچقا تولراق  يۈتۈشتىن بەكرەك يىلان چاققان ماللار كۆپ ساننى ئىگەللەيتتى. مەن ھەتتا دادام يامغۇردا سىرىتقا  چىقىپ كەتسىمۇ بەك ئەنسىرەيتتىم. دادامنىڭ ئېيتىشىچە، يىلانىڭ قۇيرىغىغا ياكى بېشىغا تەسسەلمىسىلا، بىز ئېچىشمىساقلا ئۇلار قەستەن بىزگە چىقىلمايدىكەن. بەلكىم شۇ موزايمۇ ئوتلاۋىتىپ، ياكى يامغۇردا تىيىلىپ كېتىپ يىلاننى دەسسىۋالغاچقا چىقىۋالغاندۇ. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ شۇ قېتىمقى «يىلان» ۋەقەسىدىن كېيىن ئاشۇ موزاينىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى قۇلقۇمدىن كەتمەي يامغۇر ياغسىلا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۋالاتتىم. ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﺴﺎ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﺮﺍﻕ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻳﻘﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥﭘﻪﻳﺘﻠﻪﺭﻣﯩﻜﻰ. ئىشىككە يېپىقلىق مىشكاپنىڭ يان تايىنىڭ تاكاكلىشى ۋە سولياۋنىڭ ﺑﻮﺷﻘﯩﻨﻪﺋﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﯩﺮﻟﯩﺸﻰ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭙﻼ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ <ﻛﯩﻢ؟> ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﯞﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪتتىم، ئىشىككە ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ <ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻟﯘﭼﻰ، ﻛﯧﺮﺳﯩﻢ ﺑﻮﻻﻣﺎ؟> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻳﻮﺗﻘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﭘﯜﺭﻟﯜﭘﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﻳﺎﻏﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﭘﻪﮔﺎﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎپاﻡ سولياۋغا تاراسلاپ ﺗﺎﺭﺍﺳﻼﭖ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻛﻪﭼﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﮬﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ، ﻣﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﻨﻰﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ كېچىدە ﺗﯩﺸﯩﺪﺍﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ بىرنەرسىلەرنى ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﺩﯗﯕﻼﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯘﻻﻕﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ، ﺋﯘﯕﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎپاﻡ ئۆينىڭ يېرىمىغا سېلىنغان ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻼ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺋﯘيقۇﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘلايتتى. « - ﻛﯧﺸﯥ ﻛﯧﻠﯩﭗ سىلەرنى ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﺎﯞﯗ ﭼﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﻪﻣﻤﯘ ﺳﺎﺩﺍ ﻳﻮﻕ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺪسىندې ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺰﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺑﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻟﯚﯕﮕﯩﺪﻩ ئېرتىپ تۇرۇپ. « ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﻳﺎﻏﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ» ﺩﯦﺪﻯﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ - ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺳﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﺧﻼ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ قاراپ قويۇپ،  ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺷﯘﯕﺎ ،  ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ «ﻳﺎﻕ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺑﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﺘﯩﻢ.« ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ  ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﭼﺘﻪﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩېمىگەن. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ،قارىسام ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﻼﺑﺎﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﺩﯨﻢ. شۇڭا ئۇيان قاراپ بۇيان قاراپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن. شۇڭا ...» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘﺗﯩﺘﯩﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ« ﮬﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖﻛﻪﺗﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ. ﮬﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ.» ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. « ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ. ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ»  ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎپاﻡ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﭘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﭺ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﻪﺭﻧﻰﺩﻩﯞﻩﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ بىلەلمەي تىڭىرقىدىمدە دادامغا قارىدىم. دادام «ئۈچ تۈۋەك» دېدى. بۇ يەرنىڭ ئىسمى بەكلا تۇنۇش ئەمما بۇ ئارالغا كەلگەندىن بېرى ئۇ يەرگە بېرىپ  ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ئازراق  ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ئارىلاش ئەسنىدىم.  ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﯕﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﺋﯩﻤﻼ ﻏﯩﯖﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯚﮔﯜﻧﺪﻩﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺳﯘﻧﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ چاي قۇيۇپ تۇرۇپ ﻣﺎﯕﺎ <ﻗﻮﭘﻪ، ﭼﺎﻱﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻝ، ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ ﺋﺎﭘﺘﯘ ﺋﺎﭘﺎﯓ..> ﺩﯦﺪﻯ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ، ﺋﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﻪﻙﺋﺎﻣﺮﺍﻕ.  ھەم ﻛﻪﭼﺘﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ئېتىلمىگەچكە قورسىقىم يەنە كوركىراشقا باشلىغاندەك قىلاتتى. ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ دەستىرخانغا كەلدىم.

«ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺳﺎﻡ ﻗﺎﺯﺍﻗﻘﺎ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺳﺎﻡﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻤﯘ؟!» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯚﺯﺳﻮﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﻪﭖ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻡ ﮔﻪﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺗﻮۋا ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔﮔﯧﭙﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ... « ﻣﯧﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ. ﺷﯘ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺟﯜﺭﯨﯟﯨﺮﯨﭗ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺘﺘﻰ...»ﺩﯦﺪﻯ ئۇ قازاقچىنى يامىداپ سۆزلەپ تۇرۇپ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﺎﭘﺴﯧﺮﯨﻖ ﭼﯩﭽﯩﻐﺎ، ﺑﯘ ﮬﺎﯞﺍﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﺳﺘﯘﻡ - ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺴﯩﻐﺎ، ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥﮔﺎﻻﺳﺘﯘﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻘﯩﻨﻪ قىزىقىش ئىلكىدە ئولتۇرغىنىمدا چىققان بۇ جاۋابتىن ئانچە رازى بولمىغان ئىدىم. « ﻣﯧﻨﯩﯔ ئاپام يەنە ﺋﯜﭺ ﺑﺎﻻﻡ بىلەن ئۈچ تۈۋىكتە تۇرىدۇ. ﺋﺎﻳﻠﯩﻢ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎپاﻡ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﻣﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﻪﺭﺟﯜﻣﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ. ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ»ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﺗﯜﺳﺘﻪ. « ﮬﻪ، ﺋﺎپىڭىز ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﻩﯓ. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﻪﻳﺎﺷﺘﺎ؟» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎپاﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﮔﻪپ خۇمارلىقى بىلەن. « ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻﻡ 2 ﻳﺎﺷﺘﺎ ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎپاﻣﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﻍ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﻪﻟﻤﻪ ﺩېسەم ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺩېدىم. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻴﻨﯩﻼ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ ﺗﯘﺭﺳﺎ» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﭼﺎﻱ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎپاﻣﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﭖ.(ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﭼﺎﻳﻨﻰﺗﯘﻳﻐﯘﭼﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﺎﻱ ﻗﻮﻳﺎﻳﻤﯘ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﯩﯖﯩﺰﺗﺎﺗﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﺋﯩﭽﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺯﻭﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.) ﺋﺎپاﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ، ﺩﺍﺩﺍﻡ - ﺋﺎپامغا ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺴﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﭘﺘﻰ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻥﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺧﺎﻻﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.« ﻳﺎﺗﺎﻳﻠﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﭘﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، كېچىدە ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻳﻼ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ. ﺋﺎپاﻡ ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ، ﺑﯩﺮﺩﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺷﻪﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯩﺰﮔﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. بىر ﺋﺎﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ بۇ يەرگە ﻛﯚﭼﯜﭖ كەلگەن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ، 4 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯘﻥ، ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻣﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﯞﺍ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮﺭﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ، ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﭘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ مۇشۇنداق تۇترۇقسىز ھاۋادا ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ ئۈچۈن ھېلى ئۆيگە ئەكىرسە، ھېلى تېشىغا ئەچىقىپ بەك ئاراۋە بولاتتى. ﺋﻪﻗﯩﭽﺎﻥ ھازىرمۇ ئىككىسى يەنە يوتقان مۇزاكىرىسى قىلىۋاتىدۇ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﻨﻰﻳﯩﻐﯩﭗ، ﭼﺎﻱ ﭼﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎپاﻡ ﻛﯩﺮﯨﭗ  ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻐﯩﻨﻪ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻟﻴﺎﯞﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰﺋﯘﻧﺘﯩﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺸﻘﺎﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﯩﻼﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ئاۋازىمۇ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﯞﻩﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ  ئاڭلىناتتى.  ﺋﺎپاﻣﻤﯘ ﻛﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺗﻨﻰ ﭼﯩﻘﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﺴﺎﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ  ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﻱ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﺸﻘﺎﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻡ، ئاپام ﺳﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ دەريانىڭ يان ئېقىنىدىن چىلەككە سۇ ئېلىپ كەلگەچلە شۇ يەردە يۈزۈمنى يۇدۇم. ئاچالمىغان ئۇيقۇم ئېچىلدى. ئەندىككىنىمچە سۇنى كۆتۈرۈپ كېلىپ قازانغا قۇيدۇم. ئاندىن قۇرۇق ئوتۇن تېپىش ئۈچۈن بىزدىن يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى قارغاينىڭ يېنىدىن كۈن ۋالىلداپ چىققاندا تېرىپ ئەكەلگەن ئوتۇننى ئېلىپ كېلىپ سەرەڭگە چىقىشقا باشلىدىم. يامغۇر ياققان كۈندىن كېيىنكى چاي قاينىتىش بەكمۇ تەس، يا ئوت تۇتاشتۇرالمايمەن يا دادامنىڭ ئەپچىل قىلىپ ئەسكى بوتەيلەردىن كېسىپ بەرگەن ئوت تۇتاشتۇرۇشلارغا سەرەڭگە ياقالمايمەن. ئاخىرى بىر قاپ سەرەڭگە تۈگەي دېگەندە دادامنى چاقىردىم. ئۇ ماڭا قاراپ بېشىنى چايقىغىنىچە بىرلا يېقىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەردى. چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان قارغاينىڭ ئوتلىرىدىن ئۆزەمنى قاچۇرغىنىمچە دەرياغا قارىدىم. دەريا يەنە ئۆز رەۋىشىدە گۈلدۈرلەپ ئېقىۋاتىدۇ. ئاخشامدىن ياققان يامغۇردا يە سۈيى لايمۇ ئەمەس.

ﭼﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﺘﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﺎﻕ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ئىكەن.   ﮔﯜﻟﺪﯨﺮﺍﺳﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﺎﻱ دەملەپ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺳﯩﻘﯩﻢ ﻛﻮﻛﯩﺮﺍﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡﺟﻮﺯﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﺷﻰ ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ كېلەلمىگەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﭼﻮﻛﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ. ﺋﺎپاﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺸﭽﻪ ﺑﯘ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻤﯘ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﯞﯗ ﻗﺎﺭﻏﺎﻳﺰﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ھەﻳﺪﯨﯟﯨﺘﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻗﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻏﺎﺟﺎﭖﺗﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭼﺎﻱ ﺭﺍﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﻰ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﺟﻮﺯﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ، ﺋﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ «رﻩﺧﻤﻪﺕ، ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍيتتىم، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩﯕﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺪۇم. ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ كېچە ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺭﻩﺧﻤﻪﺕ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰﺋﯘﺯﯗﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻨﯩﭽﻪﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ (ﻣﻪﻥ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﭘﯩﭽﯩﻘﻰﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ) ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻠﻰ. ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﯩﭽﺎﻕ. ﺋﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺳﯩﺰگە بۇ پىچاقنى سوۋغا قىلاي. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗۇﺗﻘﺎﺯﻏﯘﭼﯘﻡ. ﺋﻪﮔﻪﺭ كېچىدە ﺋﯚﻳﮕﻪ كىرگۈزمىگەن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯩﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻳﺎﯞﺍ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩېگەن ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﺴﺎ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﻪدەﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ»ﺩﯦﺪﻯ- ﺩﻩ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ، ﺋﺎپاﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯛﺭﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ  ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺵ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﻳﯜﺭﯛﭖﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﻳﻮﻗﯩﺪﻯ.



داۋامى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 18:20  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 624
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ﻣﻪﻥ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ سوۋغا قىلغان ۋىچىقىدا بايىلا دادامغا نان توغراپ بەرگەن ئىدىم.

ئاخىرىنى تىز تىز..............ھى..........ھى........

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدانىش، ئالدىراپ كېتىپ خاتا تەھرىرلەپ قويۇپتىمەن. ئۆزگەرتىپ قويدۇم. رەھمەت سىزگە.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاخىرى:

ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﺭﻯ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﻪﯓ ﻛﯘﺷﺎﺩﻩﺷﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ گۈلدۈرلىمەكتە. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. «بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ئېيتىشىچە، ئاپىسى ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﮕﻪﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺍﻱ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻪﭘﺘﯘ، مېھمانمۇ ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎپىسىغا ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎپىسى ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺋﺎپىسىنىڭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﯖﯖﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﯞﯨﻠﯩﭗ ﻛﺎﻻ ﻣﯜﯕﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ. مېھمان ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎپىسى مۈڭگىزىنى تۇتقان كالا ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻛﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﻩ.  كالىمۇ مېھماننى ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. مېھمان ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺋﺎپىسى مۈڭگۈزىنى تۇتۇۋالغان ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ كالىنىڭ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯىنى ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎپىسى ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ. ﻛﺎﻻﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻨﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. مېھمانمۇ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺋﺎپىسى ﺑﺎﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﺘﯘ، ﺋﺎپىسى مېھمانغا قاراپ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯘدە ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﭘﺘﯘ. مېھمان ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﻪﺳﺘﻪﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.مېھمان «ﺋﺎپاﻡ» ﺩﻩﭖ ﻗﯩﺮﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﺍﻕ جەسىتىنىمۇ ﺗﺎﭘﺎلماپتۇ. ﺋﯘ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﮕﻪﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﺎﻻ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘﻕ. ﺳﻮﻳﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ئۇرۇق تۇققانلىرى سۇدا ئېقىپ كېتىپ تېخى جەسىتىنى تاپالمىغانلاردىن ﮬﺎﻝﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﭻ - ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺩﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎپاﻣﻨﯩﯔ «ﻗﻮﭖ، ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼ» ﺩېگەن ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﻼ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎﻛﯩﻴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﻟﻴﺎﯞﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ھىس ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ» دەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى» ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ. ﻛﯚﺯﻟﯜﺭﯛﻣﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺷﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ - ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙﺋﯘﻟﻐﺎﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﺎپاﻡ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺷﺘﺎﺧﺘﯩﺪﺍﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﻤﺪﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯞﺍرﻗﯩﺮﺍﭖﻳﯩﻐﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻢ ﮔﯜﻟﺪﯨﺮﺍﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﮊﻏﯘﻥ ﮬﺎﺳﯩﻞﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺳﯘ ﭼﺎﭼﯩﺮﺗﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﺎﻗﻤﺎﻗﺘﺎ، ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮔﯜﻛﯩﺮﻣﻪﻛﺘﻪ.

بۇ ۋەقە 1992- يىلى يۈز بەرگەن، 1995- يىلى خاتىرىلەنگەن، ھازىر قايتا تۈزىتىلىپ يوللاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 18:23  


ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ، بالىلىق چاغلىرىمدىكى يايلاق تۇرمۇشىمىز، 99-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىمىزدا تارىختا  مىسلى كۆرۈلمىگەن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ۋاقىتسىز كۆز يۈمغان 24 نەپەر  قېرىنداشلار، تېخىچە ئەسلى ھالىتىگە قايتالمىغان، توكسىز، تورسىز،يېزا مەركىزى بولۇش ۋە كان بايلىقى چىقىش سەۋەبى بىلەن تەلەي قۇشى قونۇپ تېلىفۇن سىگنالى ئاران ئۈچلا كەنتىنى قاپلىغان(بىر كەنىتتە بەزىدە كۈنىگە بىر سائەتمۇ سىگنال يوق)،بانكىسىز، پوچتىخانىسىز.... يېزام ، ئارىلىقى 400 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن خەلقىم،ئىچى ئېچىشقۇدەك زىيان تارتقان تاجىك مائارىپى   كۆز ئالدىمغا ،خىيالىمغا كېلىۋېلىپ، ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم.
مۇنىرە، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايبۈۋى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 01:39  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2161
تۆھپە : 4
توردا: 487
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 15:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ، بالىلىق چاغلىرىمدىكى يايلاق تۇرمۇشىمىز، 99-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىمىزدا تارىختا  مىسلى كۆرۈلمىگەن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ۋاقىتسىز كۆز يۈمغان 24 نەپەر  قېرىنداشلار، تېخىچە ئەسلى ھالىتىگە قايتالمىغان، توكسىز، تورسىز،يېزا مەركىزى بولۇش ۋە كان بايلىقى چىقىش سەۋەبى بىلەن تەلەي قۇشى قونۇپ تېلىفۇن سىگنالى ئاران ئۈچلا كەنتىنى قاپلىغان(بىر كەنىتتە بەزىدە كۈنىگە بىر سائەتمۇ سىگنال يوق)،بانكىسىز، پوچتىخانىسىز.... يېزام ، ئارىلىقى 400 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن خەلقىم،ئىچى ئېچىشقۇدەك زىيان تارتقان تاجىك مائارىپى   كۆز ئالدىمغا ،خىيالىمغا كېلىۋېلىپ، ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم.
مۇنىرە، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن.




بۇ ئېنكاسنى كۆرۈپ  كۆز ئالدىم غۇۋالىشىپ  ئېختىيارسىز ئاللاھقا ئېلتىجا قىلدىم...

كۆز يىشىم توكۈلدى نالە پەرياددىن،
قەلبىممۇ  ھەسرەتتە يۈرۈگۈممۇ ھەم.
تىلىدىم خەلقىمگە شاتلىق ئامانلىق،
جەيناماز ئۈسىتىدە ئۇلۇق ئاللاھدىن.









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 23:44  


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:36:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبۈۋى، بۇ خاتىرەم ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن.
بەردەم بولۇڭ.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1667
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 150
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 23:48:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇدۇ   . بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تېرەن يۈرەك قاتلىمىدا مەڭگۈ ساقلىنىپ ،ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ ئىقتىيارسىز قولغا قەلەم ئېلىشقا يېتەكلەيدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش