يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1515|ئىنكاس: 29

لايىق تاللاش(ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لايىق تاللاش
(ئىتوت)
ئاپتۇرى:ئادىلجان قادىر
پىرسۇناژلار:ھەيدەرجان(35ياش)شۈكۈرجان(35ياش)
سەھنە قىياپىتى:ئادەتتىكىچە
مەزمەنى:
ھەيدەرجان:مانا خۇتۇننىڭمۇ خىتىنى بىرىپ كەشىنى توغرىلىدۇق،ئۆزىگە ئۆزى قىلدى،ئىككى بالىنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ پوئاتقاندىكىن تويسۇن تازا! نەچچە يىلدىن بىرى پۇل تاپىمەن دەپ جاپاچىكىپ،ئەمدى راھىتىنى كۆرەيدەپ ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويسام،تولاكوتۇلداپ 《جاھان تۇتساق بولىتى》جاھانلىرىڭنى! ئەمدى قىلىدىغان بىرىنجى ئىش،خۇتۇن تاللاش-تازا ئاشۇ تاك-تاك-تاك چىكىپ تاللاپ تىرناقتا توختىغىدەك،سۇئىچسە كارنىينىڭ تېشىدىن كۆرۇنگىدەك-ئاپتاپتەك قىزدىن بىرنى تېپىپ جاھاننىڭ پەيزىنى تازا سۈرمىسەم-خەپ.........(شۈكۈرجان سەنىگە چىقىدۇ)
شۈكۈرجان:ھوي! ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم!ھەيدەرجان قانداق ئەھۋالىڭلا؟
ھەيدەر:ھوي! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!ئاداش قانداق ئەھۋالىڭلا؟جاڭداپ قالماي بەلەن تۇردىڭلىما؟
شۈكۈرجان:ئوبدان ئاداش ئۆزەڭلا يوقاپ ۆەتتىڭلىغۇ؟
ھەيدەر:بار ئاداش!مۇشۇ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلكىدە پالااقشىپ يۈرىمىز!
شۈكۈرجان:شۇنداق قىلىپ بالا-چاقىلار تىنىچلىق؟
ھەيدەر:تىنىچلىق ھەقىچان!
شۈكۈرجان:ھەقىچان؟!خۇتۇن ،بالا-چاقىللىرىڭلىنى يىتتۇرۇپ قويمىغانسىلە؟
ھەيدەر:نىمە دەيدۇ ما ئاداش؟ئاغزىغا بىر سالىدىكەنمەن ھېلى!....ئاجراشتۇق!
شۈكۈرجان:بۇ ئىشىڭلا بولماپتۇ ئاداش!ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىلە؟
ھەيدەر:قانداق قىلاتتوق؟تازا ئاشۇ ئۆزىمىزنى قويىۋىتىپ تۇرۇپ خۇتۇن تاللايدىغان گەپ!
شۈكۈرجان:ماۋۇ ئاداشقا قېرىغاندا بالا تەگدىمۇ نېمە؟ھەي ئاداش  ماۋۇ ياشقا كەلگەندە بىز خۇتۇننى تاللىمايمىز خۇتۇن بىزنى تاللايدۇدەيمەن!
ھەيدەر:ئاسماندا لاچىن ئوينايدۇ،
        قىمارنى داچەن ئوينايدۇ.
        چىيەندازاڭ ئېغىر بولسا،
        يېنىڭدا چوكان ئوينايدۇ.
دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانما؟نەچچە يىلدىن بىرى جان قىيناپ ئىككى-تۆت تال پۇل تاپتۇق،پۇل دىگەننى شارىت-شارىت-شارىت خەجلەيدىغان بولساق قىز باللا كەينىمىزدىن،غىت-غىت-غىت ماڭىدۇ دەيمەن!
شۇكۇرجان:ھە،مانداق دەڭلا ،سىلىنى جىم تۇرغۇيمايۋاتقىنى ئاشۇ پۇل ئوخشىمامدا؟
ھەيدەر:ئۇنداقمۇ ئەمەس بۇرۇندىنلا شۇنداق   نىيىتىم بار ئىدى ئاداش
شۈكۈرجان:شۇنىڭغا قارىغاندا بىرەر نىشانىڭلار باردەك  قىلامدۇ نىمە؟
ھەيدەر؛نىشانغۇ يوق ئاداش.ھە راس سىلىمۇ تازا دەلۋاختىدا ئۇچرىدڭلا،ماڭا بىر خۇتۇن تاللىشىپ بەرمەمسىلە؟
شۈكۈرجان:مەن قانداق بىرەمەن ئاداش.؟ ئۇ ياكى  قۇغۇن-تاۋۇز ،كالا-قوي بولمىسا؟،
ھەيدەر:بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ،ئىككى ئادەمنىڭ ياخشى.ھىچ بولمىسا بىرەر مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلىمۇ ھىساپ ئاداش..
شۇكۇرجان:ماقۇل. ئۇنداق بولسا، سىلىگە مەسلىھەت كۆرسىتەي
ھەيدەر:ھە،  دەڭلا ئاداش
شۇكۇرجان:مەكتەپتە بالا ئۇقىتىدىغان خانىمدىن بىرەرسى بىلەن تۇنۇشۇپ باقامسىلە-يا؟  ئۇلار دىگەن ھەم بىلىملىك .ھەم ئەخلاقلىق . ئۇنىڭ ئۈستىگە مائاشى بار.
ھەيدەر:ياق،ياق،ياق،..مۇشۇ ئۇقۇتقۇچى دىگەن ئۇششاق گەپنى تۇلا قىلىدىغان خەق بىز تۆت،بەش تۆگىنىڭ پۇلىغا ئالغان خۇتۇننى ئاۋۇ شوجاڭلىرى بىزدىن بەكرەك باشقۇرىدۇ ‹‹ھە خانىم. ئېغىرئولتۇرۇپ كىتىپلىغۇ؟ ئاۋۇ سىنىپقا كىرىپ،دەرىسنى ئۈتۈپ،بالىلارنىڭ سانىنى مەلۇم قىلسىلا.تاپشۇرۇقنى تەكشۈرسىلە.كانسىپىكنى تۇلۇقلىسىلا.ئالدىمىزدا تەكشۈرۈش بار سىنىپنى بىزەپ قويسىلا كەچتە سىلىىگە نۆۋەت كەپتۇ مەكتەپنى باقسىلا››..دەپ،خۇتۇن دىگەننى ئىشلىتىپ،تۆت كۈندە پەيزىنى قويمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان مائاشى باردى-كەلدىسى ئوسمىسى بىلەن پوسمىسى قاتار چېيى بىلەن پەتىسىدىن ئاشمايدۇ ئاداش.
شۈكۈرجان:ئۇنداق بولسا،دوختۇرياكى سىستىرادىن بىرەرنى كەلتۈرەمدۇقيا؟
ھەيدەر:ياق،ياق،ياق مەن ئاداش جېنىم بەك تاتلىقمىكىن،ئاق خالاتلىقنى كۆرسەم تىنىم شۈركىنىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە دوىتۇر،سىستىرالار كېسەل داۋالىغاندا بەزى كېسەل گۇيلار جېنى بىلەن قالماي يەۋەتكىدەك قارايدىكەن ئەمەسما ئاداش!كېسەلگە ئاسما ئاستىم ئوكۇل سانقىدىم دەپ كېچە-كۈندۇز ئىشلىسە تاماق ئىتىپ كىريۇيامدىم؟ياق ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن!
شۈكۈرجان:ئۇنداق بولسا بانكىدا ئىشلەيدىغان بىرەرىنى تاپامدۇقيا؟سىلىنىڭ ھال-ئوقىتىڭلىگىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار!
ھەيدەر:قويۇڭلار ئاداش!بانكىر دىگەن ئالامەت ئاتكاچا خەق،ئۇنىڭ ئۇستىگە خىزمىتى بەك ئالدىراش.ئۇ كىچىمۇ-كېچە ھىساپ بۇغۇپ ئۆيگە ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندە ئۇنىڭ كارنىينى مەن بوغۇپ چاتاق چىقمىسۇن.
شۈكۈرجان:ھە تاپتىم-تاپتىم قارىغاندا سىلىنىڭ ئىچىڭلاسەل پۇشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ ئاداش،تازا ئاشۇ تۇمۇچۇقتەك سايراپ تۇرىدىغان ئارتىس قىزدىن بىرنى كەلتۇرەمدۇقيا؟
ھەيدەر:ما ئاداش نىمەدەيدىغاندۇ؟ھەي ئاداش سەنئەتچىغۇ ئوچوق-يۇرۇق،خۇشخۇي چىرايلىق كىلىدۇ،لىكىن،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىدىغان كىشىتىم دەپ شەمۇ-شە،يۇرىتمۇ-يۇرىت ئويۇن قۇيۇپ يۇرسە قالغان چاڭچىلىنى ئۆيگە كەلگەندە مەن بىلەن ئويناپ،ئىش تېخىمۇ چاتاق بولارمىكى؟
شۈكۈرجان:ئۇنداق بولسا دېھقان ئايالدىن بىرنى تاپايلى!
ھەيدەر:ۋاي ئاداش دىھقاندىن تويۇپ بۇلىۋاتقان ئىش!دېھقان دىگەن بەك قالاقكەن!
شۈكۈرجان:ئۇنداق بولسا تىجارەتچى-چۇ؟
ھەيدەر:ئۇمۇ بۇلمايدۇ.
شۇكۇرجان:ھۇنەرۋەنچۇ؟
ھەيدەر:ئۇغۇ بۇلىتى،لىكىن ھۇنەرئارىغاننىڭ ھەممىسى قېرى ياكى ئىگىسى بار.
شۈكۈرجان:ھەي ئاداش ئۇنى دىسەممۇبولمىسا بۇنى دىسەممۇ بۇلمىسا زادى قانداق خۇتۇن بۇلىتى سىلىگە؟
ھەيدەر:بۇرۇنقى خۇتۇندەك‹‹پۇلنى خەجلىۋەتتىڭ يۇقاتتىڭ›› دىمىسە،ئويۇن-تاماشا قىلسام تۇسمىسا،كۇچىلاردا بىللەماڭسام ياراشسا،تاتلىق،تاتلىق گەپلەرنى دەپ كۆڭلۇمنى ئېچىپ تۇرسا،باشقائارتۇق تەلىپىم يوق!
شۈكۈرجان:ئەستاقپۇرۇللا،ئاداش بۇرۇنراق دىسەڭلا بۇلمامدۇ دەيمەن؟
ھەيدەر:ھە،ھە دەڭلا بىرەرسى بار ئوخشىمامدۇ؟
شۈكۈرجان:ئۇنداق ئاياللارنى ئىزدىسەڭلا ئەلۋەتتە تېپىلىدۇ،ئەگەر پۇلنى ئايىماي خەجلىسەڭلا تاتلىق گەپ دىگەننى ياغدۇرىۋىتىدۇ،تاماكا چەكسەڭلا بىللە ئولتۇرۇپ چىكىشەلەيدۇ،ئىچىڭلا پۇشۇپ قالغاندا بىللە ئولتۇرۇپ رۇمكادىگەننى جاڭ-جاڭ سۇقۇشتۇرۇپ ئىچىشەلەيدۇ،نىمە دىسەڭلاماقۇل دەيدۇ،تېخى ئانچە-مۇنچە پۇلمۇ تاپالايدۇ ئۇنداقلارنى كەلتۇرىمەن دەپ پالاقشىپ يۈرمىسەڭلىمۇ پۇللاخەجلىسەڭلا بولىۋىرىدۇ!
ھەيدەر:ھەي ئادش گەپ قىلمىسام نىمانداق زاڭلىق قىلىسىلەئادەمنى؟ئۇنداق خۇتۇنلارنىئۆزۇڭلا ئېلىۋېلىڭلا!سىلىدىن باشقا ئادەم بولسا مۇشۇتاپتا بۇرنىنى پىشانىسىدە كۆرەتتى.
شۈكۈرجان:ھەي ئاداش ئۆزەڭلادىگەن ئۆلچەمگە توشىدىغان ئادەمنى دەپ بەرسەممۇ خاپا بولامسىلە؟باياتىندىن بېرى چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇم ئەڭ ياخشىسى بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن يارىشىۋېلىڭلا!
ھەيدەر:ياق بىرمەزگىل تاقەت قىلىپ ئۆزۇمگە لايىقخوتۇننى تاللايمەن!سىلىمۇ ئەسقاتمىدىڭلائاداش!
شۈكۈرجان:ئاداش سىلى بىلىسىلەر مەن ئاچام بىلەن سىڭلىمنى ئاللىقاچان ئەرگە بىرىپ بوپتىمەن(تەنە قىلىدۇ)باياتىندىن بىرىدىگەنلىرىمگە ئۇنىمىدىڭلا ئاداش،مەندىمۇ باشقا ئامال يوق!
ھەيدەر:يابولمىسا سىلىمۇ ئاجراشمامسىلە بىللە ئىزلىسەك ئىتتكرەك تاپالايتۇق؟!
شۈكۈرجان:مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن بەك رازى،باللىرىمنىڭ ئانىسى پۇتۇن ھۇجۇدى بىلەن ئائىلىنىڭ،باللىرىمنىڭ،مىنڭ خىزمىتىمنى قىلىپ ئائىلىمىزگە بەرىكەت ياغدۇردى،يېڭى توي قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانامدىن قالغان بىرپارچە كىگىزبىلەن بىرقۇزىلىق قويدىن باشقا ھېچنىمىمز يوق ئىدى،مانا ھازىر ئۆيلىرىمىز ئىسىل، قوتانلىرىمىزداقوي-كالىلارتولۇپتۇرۇپتۇ،يانچۇقىمىزپۇلغا تۇلۇپ تۇرۇپتۇ،باللىرىمىزنى شارائىتلىرى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىۋاتىمىز،مىنىڭ بۇخاتىرجەم تۇرمۇشنى بۇزغۇم يوق!
ھەيدەر:يا-ھەزرەت!شۈكۈرجان!ئىسمى-جىسمىڭلىغا لايىقشۈكۈر-قانائەتچان ئادەم جىما سىلە!شۇنداق قىلىپ ماڭا خۇتۇن تاپالمىدۇقما؟
شۈكۈرجان:راستىنى دىسەم سىلى جىڭ ئېزىپسىلە!ئايالىڭلىنىڭ ياخشى پەزىلىتى ۋە ئىشچانلىقىنى يۇرىت-مەھەللىدىكى ئۇششاق-چوڭ ھەممىسى ئوبدان بىلىدۇ،ئەگەر خۇتۇن تاللاشقا توغرا كەلسە سىلىنىڭ مۇشۇنداق پۇلدار بۇلىشىڭلىغا مەدەتكاربولغان ئەشۇ ۋاپادار كۇيۇمچان ئايالنى تاللاش كېرەك!
ھەيدەر:ئاداش ئوغۇل بالادىگەن تۇكۇرگەن تۇكۇرۇكىنى قايتا ئاغزىغا ئالسا قانداق بۇلىدۇ؟بۇلدى قىلىڭلا!
شۈكۈرجان:ياق ئاداش!ئۇدىگەن تۇكۇرۇك ئەمەس كېچە-كۈندۈز سىلىنىڭ ئوتۇڭلىدا كۆيۇپ سۈيۇڭلىدە ئاققان ئاقكۆڭۇل بىر ئايال!
ھەيدەر:ئاداش سىلى تۇلا كاللامنى چاچماڭلا خوشبۇپ كىتەي!ئاران بىر قارارغا كەلدىم دەيمەن!
شۈكۈرجان:جاھاندا سىلنىڭ خۇتۇندەكرەك خۇتۇننى تاپالماي يۈرگەن نى،نى ،نى گۇيلا بارجۇما مەن دەپ قۇياي!ئەتە-ئۆگۈن بالا-چاقىللىرىڭلىنى قاتارغا قۇشىدىغان بىرەرسى چىقىپ قالسا كۆزۇڭلىدىن ئوت چىقىپ كىتەرمىكى؟
ھەيدەر:شۇنداقمۇ بۇلارمۇ تېخى؟
شۈكۈر:شۇنداق بەلەن خۇتۇننى يەردە قالارمىكى دىگەنمىتىڭلا ئاداش؟
ھەيدەر:ئاداش مەن بەرىبىر ئاجىرىشىپ بۇلغاندىكىن مۇشۇ ئىشنى بىر سىناپ باقمايما؟
شۈكۈر:ھىلىمۇ ياخشى ماڭا ئۇچراپسىلە!بۇلمىسا خۇتۇن تاللايمەن دەپ نەلەردەيۇرەر بولغىيتىڭلا؟مۇشۇ تاپتا باللىرىڭلا بىلەن ئانىسى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ؟كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئاقتى ھەقىچان!
ھەيدەر:ھەممىسى يىغلاپ پىشىمگە ئېسىلىپ تۇرىۋېلىپ تەستە بىر ئاجراشقان ئاداش.
شۈكۈرجان:سىلىگە خۇتۇننى ئەڭ ياخشىسى مەن ئەمەس ئىككى بالاڭلا تاللاپ بەرسۇن ئاداش!قانداق دەيسىلە؟
ھەيدەر:بولىدۇ ئاداش شۇلاردىن سۇراپ باقايلى!






2009 -يىل مارىت


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-29 05:38:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،،ياخشى يېزىپسىز....تەربىۋىي -ئەھمىيتى ياخشى ئىپادىلنىپتۇ....تېخمۇ ياخشى تېخمۇ كۈلكىلىكلىرنى يېزىپ بېقىڭ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-29 14:20:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ئەپەندىنىڭ مەدەت بەرگىنىگە رەھمەت!تىرىشچانلىق ھەممىمىزگە ياربولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-29 14:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ئەپەندىنىڭ مەدەت بەرگىنىگە رەھمەت!تىرىشچانلىق ھەممىمىزگە ياربولغاي!

ۋاقتى: 2013-6-29 17:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپىزوتنى خېلىلا ئوبدان يېزىپ قويىدىكەنسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-29 22:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماختىغانلىقلىرىغا رەھمەت ئۇستاز!تەكلىپ-پىكىرلىرىگە مۇھتاجمەن!

ۋاقتى: 2013-6-30 11:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا       دەپ ئالسىلا بولامۇ- يا؟

زىلەي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-6-30 11:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 23:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشاي!رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-7-1 00:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، تەربىيۋىلىكى يۇقىرى، ئىجادىيلىققا تۇيۇنغان ئىتوتلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز. قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەتلەر يار بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-1 12:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ۋاقتىم تەشۋىقات خاراكتىرى كۈچلۈك بۇلۇش تەلەپ قىلىنغان ۋەزىپىلىك (قىزىل)ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن ئۆتۈپتۇ،ئەمدى بەدئىيلىك جەھەتتە كۈچەشكە تىرىشىۋاتىمەن!كۆپچىلىكنىڭ ئۆمۈدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن!مەدەت بەرگىنىڭلىغا رەھمەت بۇرادەر!

ۋاقتى: 2013-7-1 21:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىكى سەل ئاددىيدەك ھىس قىلدىم .

سىلىگە تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-1 22:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر ئىنىمىزنىڭ تىلەكلىرىگە رەھمەت!بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشاي!

ۋاقتى: 2013-7-2 10:10:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ئىتوتنى ئورۇنداشقا ئابلىز توختى بىلەن ئابدۇرېشىت توختىلاردەك  پىشقان ئىتوتچىلار بولسا گۇل ئۇستىغا گۇل كېلەركەن!
يەنە موشۇنداق تېتىملىق ئىتوتلىرىڭىزنى كۇرۇپ تۇرسام دەيمەن ئىنىم!!

ۋاقتى: 2013-7-2 11:45:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىم تىلىۋىزوردىن ئادىل مىجىتنىڭ -ئىتوت يازىدىغان ۋە ئىتوتچىلىققا مەبلەغ سالىدىغان كىشىللىرىمىز بەكمۇ كامچىل -دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ياخشى بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسىز.ئىتوتىڭىزمۇ خېلى جايىدا يېزىلىپتۇ. بۇ ئىتوتىڭىزغا بەزى مۇنبەرداشلىرىمىز - مەزمۇنى كونا، ۋەقەلىگى ئاددى -دەپ ئىنكاس بىرىپتۇ.بۇنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. مىنىڭچە ئىتوتنىڭ دىئاگلوگلىرىغا يەنە بىر ئىشلەپ باقسىڭىز .مەسىلەن ھازىر ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى كىشىلەر بەكمۇ قىزىقىپ كۆرىدۇ.سەۋەبى دىئاگلوگلىرىدا يۇمۇرلۇق گەپلەر،تەتۈر سۆزلەر ھەم خەلىق ماقال -تەمسىللىرى بىلەن توقۇلما ماقال-تەمسىللەر بار. بىر مەزگىل ئويلۇنۇپ ،ئالدىرىماي تۈزەتسىڭىز ،كىشىلەر ئۆزىنى توختىتالماي كۈلۈپ كىتىدىغان ئىتوت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش