يازغۇچىلار تورى

لايىق تاللاش(ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-2 11:47:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىڭ قەلىمىڭىز بەك ياخشىكەن، سياھسىنى ئالماشتۇر سىڭىز تېخىمۇ رەڭدار بولغۇدەك  !!!

ۋاقتى: 2013-7-2 11:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەسەر لىرمىز< تۇرمۇش> چەمبىرىگىدىن ئايرىلدىغان پەيىت كەلگەن ئىدى ،ئەمما قەلەمكەشلىرمىز يەنىلا يېڭىلققا تازا چۆكەلمەيۋاتىدۇ ، سىنارىسلار مۇ بارلىقتىن يوقلۇققا قاراپ سەپەر قىلۋاتىدۇ ، تەنقىت ئۇلار قامچىدەك ئەمەس كەكىدەك تەسىر بىرۋاتىدۇ ، ئەسلى ياش قەلەمكەشلەر نەشىرياتنى ئىزدىمەي ئوبزور چىلارنى ئىزدىگەن بولسا ئۆز ئەجىرگە لايىق ھۇسۇلغا ئىرىشكەن بۇلاتتى!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەندىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 12:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 22:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيۇلچى ئەپەندىنىڭ سەمىمى تەكلىپىگە كۆپ رەھمەت!قايتىدىن بىر ئىشلەپ باقاي!تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەنىمۇ ئايىمىغايلا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 23:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ پىكىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!راسىتىنى دىسەم بۇ ساھەدە ئوبزورچىلار يوق دىيەرلىك،بۇ ژرانىر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز،مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن رۇياپقا چىقىپ تاماششىبىنلار بىلەن يۇز كۆرىشەلەيدىكەن،بۇ جەھەتتە بىزدە بوشلۇق ئىنتايىن مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسەرلىرى پۇتكۈل مىللەتنى،خەلىقنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپلا قالماي،خەلىقنى يىتەكلەش رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ ئىكەن،مۇشۇ نوقتىدىن ناھايىتى زور غەيرەتكە كىلىۋاتىمەن!بۇرۇن قولدا يازغانلىرىمنى ،سەھنىلەشتۇرۇپ بولۇنغانلىرىنى،ۋاقىت چىقىرىپ كومپىيوتىردا ئۇرۇپ مۇنبەرگە يوللاۋاتىمەن،ھەمدە چوڭراق ھەجىمدىكى سەھنە ئەسەرلىرىگىمۇ تەييارلىق قىلىۋاتىمەن،بەزىللىرى پۈتەي دەپ قالدى!.........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-3 00:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە ھەدىمىزنىڭ مەدەت بەرگىنىگە تەشەككۈر!ئۆمۈدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-3 23:17:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆمۈدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-6 11:21:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىگە رەھمەت!سىز دىگەندەك ئۆزگەرتىۋىتەي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-7 12:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيچى ئەپەندىنىڭ تىلەكلىرىگە رەھمەت!بەدئىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى،تېخىمۇ كۈلكىلىك يېزىشقا چوقۇم تىرىشىمەن!رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-7-20 00:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى  ئەھمىيىتى بىلەن  بىرگە  يەنە  كۈلكۈلۈك قىلىپ يېزىلسا  كىشىنى  تېخىمۇ جەلىپ قىلامدىكىن .....ئادىلجاننىڭ  غەيرىتىگە  ئاپىرىن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-20 00:07:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىيە ھەدەمنىڭ ماقتىغىنىغا رەھمەت! بۇ ئەسەرگە يەنىمۇ ئىشلەۋاتىمەن!

ۋاقتى: 2013-7-21 14:59:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى ئاكامنىڭ دېگىنىدەك بىر تىرشىپ بېقىڭ ئادىلجان ئاكا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-21 22:09:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لىدۇ،بۇ جەھەتتە چوقۇم تىرىشىمەن!ھەممىڭلارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-11-3 17:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىززىپسىز ئۇستاز بولوشقا قوشۇلسىڭىز مەن يىزىقچىلىققا بولوپمۇ سەھنە ئەسەرلىرى كىنو سىناريىسىگە بەكلا قىزىقىمەن ئىتوت يىزىشنى قايتىدىن باشلاش نىيتىگە كەلدىم يول كۆرسىتەرسىز ئۇستاز

ۋاقتى: 2014-11-18 20:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئتوت: پۇشايمان
قانتاشقۇچىلار: يانچۇقچى ئوقوغۇچى، يولوچى ساقچى
ۋاقىت: چۇش
ئورۇن: يول ئۇستى
سەھنە تۇزۇلشى: 2دانە ئورۇندۇق قويۇلغان
دەسلەپتە سەھنىگە يانچۇقچى قولىدا سومكا تۇتۇپ يۇگۇرگىنىچە چىقىدۇۋە سومكىدىن قەغەزنى ئلىپ كۆرۇپ ئاچىقلاپ سۆزلەيدۇ: تۇففى! قۇرۇق قەغەزكەنغۇ؟« سەھنە سىرتىدىكى مەلۇم ئادەمگە قاراپ تىللايدۇ»ئۆزۇڭنى سۇنۋۇكۇڭدەك ياساپ گرىم قىلغانغا چۇشلۇق سومكاڭغا پۇل سىلىپ يۇرسەڭچۇۋا قىياپىتىڭگە قاراپ كاتتا باي ئوخشايدۇ دىسەم مەندىنمۇ ئۆتە نامرات نىمىكەنسەنغۇ؟ خەپ شۇ پۇللىرىڭنى مەندىنمۇ ئۇستا يانچۇقچى ئالار ئلاھىم! بۇ قاقباش قانجۇق پۇلنى نەگە سالغاندۇر؟ياخشى ئوقۇغان بولسام بۇنداق ئىشمۇ يوق خاتىرجەم ياشاپ باشقىلاردەك گىدىيىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرەتتىم .ھازىرقىدەك ساقچى تۇتسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ تۇرمىدا قانچىلك ياتارمەن؟ دەپ قورقۇپ يۇرمەيتتم. خزمىتى بارلارغۇ خزمىتىنىڭ جاپالىقلىقىدىن ۋايساپ يۇردىكەن مەندەك ماخزمەتنى قىلىپ باققان بولسا ۋايسىمايدىغان بولاتتى. باشتىغۇ يانچۇقچىلىقنى قاملاشتۇرۇپ پۇلنى ئاسان تاپقان كىين تەلىيىم كەلمىدى ئۆتكەندە ئاران تەستە بىر پورتمالنى ئوغۇرلاپ ئادەم يوق يەردە ئىچىپ قارسام بىر قەغەز تۇرىدۇ بۇ نىمە خەتتۇ؟ دەپ قەغەزدىكى خەتنى ئوقۇسام يانچۇقۇمدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ دىگەن خەتكەن ئاچىغىم بەكلا كەلدى ئادەملەر قاقباشلىشىپ كەتمەي بىزدەك يانچۇقچىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىچۇ؟ قورسۇقۇم ھەجەپ ئاچتىيا، ھەجەپ ھاردىم « ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇ» مەشەدەپۇل تىپىپ قورسۇقۇمنى تويغۇزۇپ ئىشتىن چۇشۇپ ئارام ئالاي.( ئوقوغۇچى كىتاپ تۇتقان ھالدا سەھنىگە چىقىدۇۋە نەگىدۇر قاراپ ئاندىن سائتىگە قاراپ يانچۇقىدىن يۇز يۇەننى ئىلىپ كۆرۇپ يانچۇقىغا سىلىپ ئولتۇرۇپ كتاب كۆردۇ)
يانچۇقچى: چىۋىن گۆشىمۇ گۆش  پۇرسەت كۇتەي( يانچۇقچى ئوقوغۇچىنىڭ يانچۇقىغا قول سىالاي دىگەندە ئوقوغۇچى سىزىپ قىلىپ قارايدۇ يانچۇقچى يۇمۇرلۇق قىياپەتتە  يىقىن ئولتۇرۇپ كىتابقا قارايدۇ)
يانچۇقچى:دەرى ئۇگىنۋاتقانمىتىڭىز؟ بىلمىگەن يەرلىرىڭىزنى مەن چۇشەندۇرۇپ قوياي
ئوقوغۇچى: ( يانچۇقچىنىڭ ئۇستىبىشغا قاراپ) سىز چۇشەندۇرۇپ قويالامسىز؟
يانچۇقچى: قانچىلىك ئىشتى؟
ئوقۇغۇچى: دەرىسنى چۇشەندۇرۇپ قويۇش ئەمەس ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب بىرەلەمسىز؟
يانچۇقچى: سوراڭ
ئوقوغۇچى: جۇڭگۇ تارىخدىكى پادىشاھلاردىن بىر قانچىنى دەپ بىقىڭە؟
يانچۇقچى: كاڭشى چيەنلۇڭ
ئوقوغۇچى: توغرا
يانچۇقچى: شاھيار مالاچۇەر پادىشاھى
ئپقوغۇچى: ئا،،،، نەدىمۇ جۇڭگۇدا مالاچۇەر پادىشاھى دەپ پادىشاھ ئۆتكەن
يانچۇقچى: بۇدا ئالامەت جاۋاب بىرىمەن سورىڭە؟
ئوقوغۇچى: (كىتابنى كۆرسىتىپ) تاڭ تەيزۇڭ دىگەن خەتنى كۆردىڭىزما؟ شۇنىڭ ئاستىدىكى سانلار  نىمە مەنىنى بىلدۇردۇ؟
يانچۇقچى: تلفۇن نۇمىرىدۇ؟
ئوقۇغۇچى: ئۇ زامانلاردا نەدىمۇ تىلفۇن بولسۇن بۇ تۇغۇلغان ۋاپات بولغان ۋاقتى( دەرس يادلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ)
يانچۇقچى: چاقچاق( ئوقۇغۇچىنىڭ يانچۇقىغا قول ئۇزۇتىشىغا ئوقوغۇچى سىزپ قىلىپ قارايدۇ يانچۇقچى دەرھال يەنە بىر كىتابنى تۇتۇپ)خەنزۇچىغا ئۇستا ئىدىم بۇنىڭدىن سوراپ بىقىڭە؟
ئوقوغۇچى: ( بىزا بولغان قىياپەتتە قاراپ) جى لى دې فڭ جىڭ خن مي بۇ گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ؟
يانچۇقچى: جىگدە يەپ مەي ئىچتىم.
ئوقوغۇچى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى بەك چىرايلىق دىگەن گەپ دەرس ئۆگىنىمەن دەخلى قىلماڭ
يانچۇقچى: باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ تىلفۇن تۇتۇپ ئۇندىدار ئوينايدىكەن دىسكوخانلاردا كۆڭۇل ئاچىدىكەنغۇ؟ پاراڭلىشىپ كۆڭلىڭىزنى ئاچاي دىدىم دەرىس
ئۇگۇنىۋىرىپ چارچىغانسىز؟
ئوقوغۇچى: ھەممە ئوقوغۇچى بۇنداق ئەمەس تىرىشىپ ئوقۇۋاتقانلارمۇ كۆپ، مىنىڭ ئويۇنغا بىرلىپ نابۇت بولغان ساۋاداشلاردەك ئاقىۋەتكە قالغۇم يوق(بايا قارىغان يەرگە قاراپ) كىتابخانىنى ئىچىپتۇ ماتريال ئلىپ مەكتەپتە دەرىس ئۇگۇنەي( سەھنىدىن چىكتىدۇ)
يانچۇقچى: ھەجەپ يامان شۇمكىنا ( يولوچى تلفۇندا سۆزلەشكەن ھالدا چىقىدۇ)
يولوچى: ئانا سىنىڭمۇ خەۋرىڭ بار مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى يىراق دەپ بالىنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەرگەن  خزمەت بىلەن بولۇپ كىتىپ دىگەندەك كۆڭۇل بۆلەلمىدۇق ئوقۇتقۇچىسى تىلفۇن قىپتىكەن بارسام نىمە دەيدۇ دىمەيسەن بالا ئوغۇلبالا تۇرۇپ چىچىنى غەلىتا ياسىتىپ يۇردىغان بەزىدە ياتاققا ھاراق ئىچىپ كىردىغان،مۇھەبەتلىشىدىغان، بولۇپ قالدى.قىز دوستى بىلەنتورخانا دىسكوخانلاردا يۇرۇپ دەرسكە كىرمەيدۇ بۇگۇنمۇ 4 سائەتلىك دەرسكە قاتناشمىدى شۇ قىز بىلەن بالىڭىزغا نەسھەت قىلىپ تۇزۇتەلمىدۇق دەيدۇشۇنىڭ بىلەن بالنى ئىزدەپ يۇرۇشۇم تىلفۇن قىلسام ئتتككەن  بالغا قايتا تلفۇن قىلىپ باقاي ماقۇل خوش!
يانچۇقچى: بالا بىلەن كارى يوقلارمۇ نىمە؟ مۇشۇنى باپلاي
يولوچىundefined تىلفۇن قىلىدۇ) بالام سەن نەدە؟ يالغان گەپ قىلۋاتقىنىنى خانىمىڭنىڭ (ئايال ئوقۇتقۇچى مەنىسىدە) يىنىدىن كىلىشىم سىناق ئىمتھاندا58 ئاپسەن 4 سائەتلىك دەرسكە قاتناشماپسەن؟
يانچۇقچى: مەندەك ئوقۇغان نىمىكەن مەنمۇ 58 -59 ئالتىم 60 قا چىقالمايتىم بەزىدە كۆچۇرۇپ چىقتىم 60قا
يولوچى: سەن نەدە مۇشۇنداق ئوقۇساڭ قانداق ئادەم بولىسەن؟
يانچۇقچىundefined ئۆزگە پىچىرلاپ) قانداق ئادەم بولتى مەندەك ئادەم بولىدۇ ماڭا شاگرت بولسا بولغۇدەك بۇ گۇي
يولوچى: مەكتەپكە دەرھال قايت بولمىسا ئەدىپىڭنى يەيسەن نىمە مەكتەپكە بارمايمەن؟ بارماي باقە قىنى( يانچۇقچى يولوچىنىڭ يىنىدىكى پورتمالنى ئوغۇرلايدۇ يولوچى ئاچچقىدا دىققەت قىلمايدۇ)
يولوچى : ۋەي ۋەي ۋەي تلفۇننى قويدىيا شۇم( يەنە بىرقىتتىم تىلفۇن قىلىدۇ ئۇلانمايدۇ) ئىزدەي بۇنى ( سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ)
يانچۇقچى: (پورتمالنى ئچىپ) ۋاھ، نىمانچە جىق پۇل ئالدى بىلەن قورسىقىمنى تويغۇزۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن بىر قۇر قىيىم ئالاي شۇنداق قىلاي( ساقچى سەھنىگە چىقىدۇ )
يانچۇقچى: (ساقچىنى كۆرۇپ) ئو بۇ تۇرمىدىكى ساقچىغۇ؟ ھەجەپمۇ بىر ۋاقىتتا ئۇچىراپ قالدى.
ساقچى: ۋۇي بۇ سەنغۇ؟ نىمە ئىش قىلۋاتسەن؟
يانچۇقچى: (ھىيلگەرلىك بىلەن) ۋوي بۇ ساقچى ئاكامغۇ؟ قانداق تىچلىق تۇرلىمۇ تچلىق ( كۆرۇشكەن بولوپ قولىنى چىڭ سىقىدۇ) ھىچ ئىش قىلمىدىم ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرغان
ساقچى: ئۆزگەردىڭمۇ ياكى يەنە جنايەت ئۆتكۇزۇپ يۇرۋاتامسەن؟
يانچۇقچى: ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم  بوپ كەتتۇق كۇندۇزلىرى ئىشلەپ كىچىلىرى كۇرۇسلاردا خەنسوتى پىرانسوس تىلى ئۆگۇنۇپ بىلىپ كەتتىم
ساقچى: خەنزۇ تىلى فرانسۇس تىلى!
يانچۇقچى: شۇنداق دىمەكچىتم
ساقچى: نەدە ئىشلەۋاتسەن مائاشىڭ قانچىلىك؟
يانچۇقچى: مۇ،،، مۇقىم ئەمەس بەزى،،   بەزىدە ئىش بار بەزدە ئىش يوق 5 مىڭ ياق 3 مىڭ ياق 8،،،،
ساقچى: نەدىمۇ شۇنداق ئىش بار ؟ ئاز ئىشلىسىمۇ كۆپ مائاش بىردىغان؟
يانچۇقچى: بەزى شىڭچە كۇنلىرى بىكار دىمەكچىتىم
ساقچى: شۇنداقمۇ؟ ( يانچۇقچىنىڭ يانچۇقىدىكى كۆرۇنۇپ قالغان پورتمالنى ئلىپ) ما نىمە؟
يانچۇقچى: بۇ مىنىڭ
ساقچى: ( پورتمالدىكى نەرسىلەرنى كۆرۇپ) بۇ باشقىلارنىڭ كملىكى ئاياللار ئىشلىتىدىغان نەرسىلەركەنغۇ؟ئوغۇرلاپسەندە؟
يانچۇقچى: بۇ سىڭلىمنىڭ
ساقچى: توۋا ئۆزۇڭدىن چوڭ ئادەم سىڭلىڭمۇ؟
يانچۇقچى: ئىزىپتىمەن يول قويغان بولسىڭىز
ساقچى: قانۇن يول قويمايدۇ( قولغا كويزا سالىدۇ) ھەي،، ھالال ئىشلەپ جان باقساڭچۇ؟ نىمانچە تۇزەلمەيسەن؟
يانچۇقچى: مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ يۇرۇپ مەكتەپتىن چىكىندىم( تەسىرلىك مۇزىكا كىرىشتۇرۇلدۇ)پۇلنى ئاسانلا تىپىپ سۇدەك خەجەلپ يۇردىغان ئۇنداق ئاسان ئىش يوقكەن خزمەت ئىزدسەم مەدەنيەت سەۋىيسى تۆۋەنكەن دەپ ئىشلەتمىدى ئاشخانا زاۋۇتلاردا جاپاغا چىدىماي ئىشلىمىدىم بىلىمى بار ئادەمگە ھەممە ئىش ئاسانكەن بىلىمسىزگە كۇن يوقكەن ئىسىت نىمىشقىمۇ ياخشى ئوقۇمغاندىمەن ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسىچۇ كاشكى بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس تە كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۇڭگە دۇشمەن دەپ ئاتا- بوۋلىرىمىز ھەجەپمۇ توغرا دەپتىكەن ئەمدى پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ساۋاقداشلار ئبرەت ئىلڭلار( ساقچى قولدىن تارتقىنىچە سەھنىدىن چىكتىدۇ)
ئاپتورى: رەيھانگۇل مۇتەللىپ( ئارزۇ0998)




  
   

















 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 11:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنى تۈزەتسەك بولغىدەك!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش