« ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»توغرىسىدا
قاسىمجان ئوسمان
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى
1
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
گۈللەر بىز ئۇچۇن چېچەكلەر ئاچقان.
شۇ كېچە شامال مۇنداق دىدى:
—سىلەرنى دەپ بىز باغلاردىن قاچقان.
بىز نەپەس ئالمايتتۇق،تىناتتى دەرەخ،
تولۇن ئۈستىمىزدە تۇرار ئېسىلىپ.
قارچۇق چوڭقۇرلىقىدا نۇرلار تەمتىرەر،
بەڭۋاش ھېس كەتكەن ئىدى تامام بېسىلىپ.
2
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
تىمتاس ئىدى بۇلاقنىڭ كۆزى.
ئېچىلغانچە قالدى ئاھ، قېتىپ
شۇ مىنۇتتا قىزىلگۈل يۈزى.
ھالقاڭنى يۈتتۈردۇڭ گۈزەل كېچىدە،
بۇندىكى يالپۇزلارغا ئەستەلىك قىلىپ.
بىز نەپەس ئالمايتتۇق ، تىناتتى بۇلاق،
لەۋلىرىڭ ئۆتەتتى باغرىمنى تىلىپ.
3
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
تەپەككۈر قۇربان بولغان سۆيۈلۈش ئۈچۇن.
ياپراقلار يۈزلىرىدە نازۇك جىلۋە،
بىز نۇرمىز، نۇرلارغا ئايلاندۇق پۈتۇن.
نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۇق ئاخىر،
گۈل،يالپۇز،بۇلاقلار يەنە ئۆز پېتى.
كېلىمىز بالىمىزنى يېتەكلەپ مانا،
نەدىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ شۇ بەڭۋاش شامال:
—ئىھ، گۈزەل ئايدىڭ كېچىلەر، — دىدى...
-«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق بۇ شېئىر شائىر ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن بېرىكىپ كەتكەن بىر پارچە لېرىكا بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە بىزگە سۇنغان بىردىنبىر شېئىرلار توپلىمىنىڭمۇ ئىسمى ئىكەنلىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە ئورناپ كەتكەن. بىزدە تەبىئەت تەسۋىرلەنگەن ئېنىتىم لېرىكىلار تولىمۇ كۆپ. ئەمما بۇ شېئىر نۇقۇل ئېنتىم ئەمەس.
بىرىنچى: ماۋزۇ
بۇ ھەرگىزمۇ شېئىرى جۈملە ئەمەس، بىراق ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا تەۋە بولغان ئەڭ گۈزەل تەسۋىرى جۈملە. يەنە بىر قېتىم ئوقۇساق، كېچە ھەققىدە يېزىلغان تالاي مىسرالار، قاراڭغۇ ۋە مۈجىمەل چۈشەنچىلەر ئىچىدىن پارلاپ چىققان «قانداق؟» دىگەن سۇئال بىلەن ئۇ يەنىلا شېئىرىيلىققا تويۇنغان گۈزەل بىر مىسرادۇر. شېئىرنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرى ھوزۇرلانغۇچىغا سۇئال قۇيۇشتۇر. ھەممىگە جاۋاب بېرىۋەتكەن شېئىرلار دىداكتىكلىققا تويۇنغان ئەقىل پاراسەتچىلىك، شائىر ھەممىنى بىلىدىغان مەمەدانلىقنىڭ قۇرۇق دۆۋىسى بولۇپ، شائىرنىڭ ھېسسىي ئادەملىكىنى، ھېسسىيلىق بىلەن ئەقىلنى لەھزە ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئىماگلارنى يېڭىدىن يارتىدىغان ئىجادكار، ئويلانغۇچى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىش بىلەن باراۋەردۇر. دېمەك، «ئۇ قانداق كېچە ئىدى؟» - ئايدىڭ. بىراق بىزگە ئايدىڭ كېچە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقىنى شائىرنىڭ ئەقلىيلىكى ئەمەس بەلكى بىزگە كۆرسەتكۈچى، ئىما قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىشىمىز كېرەك.ئىما قىلغۇچى ئەيبۇ بولىشىمۇ، مەن بولىشىممۇ، ئوقۇرمەن ئۆزى بولىشىمۇ مۈمكىن. مانا بۇ ھېسسىيلىقتىكى كىمدۇر بىرى. مانا بۇ لەھزە ئىچىدە پەيدا بولىدىغان سۇئالغا لەھزە ئىچىدە جاۋاب بولۇپ كېلىۋاتقىنى دەل ئېزرا پوند ئېيتقان «ئىماگ- لەھزە ئىچىدە ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىكنىڭ بېرىكمىسىنى ئىزھارلايدۇ» دىگەن سۆزىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. شائىر تۇيۇقسىزلا دەپ سالمىغان ۋە ياكى خىيالەن پىچىرلىغان بۇ ئايدىڭ كېچە ئىماگىزملىق شېئىرلارنىڭ تىپىدىندۇر.
ئىككىنچى، شېئىرنىڭ ئوقۇرمەن (مەن) تەرىپىدىن 3 چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىشىنىڭ سەۋەبى:
شېئىرنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرگە، مەنزىرلەرنى ئوبرازلىق ھالدا ھېس كۆزىمىزگە سېڭدۈرۈپ قالىمىز.
1
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
گۈللەر بىز ئۇچۇن چېچەكلەر ئاچقان.
شۇ كېچە شامال مۇنداق دىدى:
—سىلەرنى دەپ بىز باغلاردىن قاچقان.
- چېچەك ئاچقان گۈل(لەر)، (نېمە ئۈچۈن، كىم‹لەر› ئۈچۈن ئېچىلغان؟ «بىز» ئۈچۈن. نەدە؟ -ئەشۇ ئايدىڭ كېچىدە. كىم، نەدىن قاچقان؟ كىم ئۈچۈن؟ -شامال، باغلاردىن، گۈللەرنى دەپ. قاچان؟ ئەشۇ ئايدىڭ كېچىدە.
-گۈللەر (ئۇلار ئۈچۈن)، شامال- گۈللەر ئۈچۈن! قاچان – ئۇ بىر ئايدىڭ كېچىدە يۈرگۈچى (لەر)نىڭ ئىماگلىق كۆرسىتىلىشى بولۇپ، گۈل(لەر) قىز، شامال –يىگىتكە ئىشارىلىنىۋاتىدۇ. باغلار- بارلىق ئەخلاق، ئەنئەنە، ئىسكەنجىلەردۇر. بۇ(ئۇلار) قېچىۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ ھېكايىسى!
بىز نەپەس ئالمايتتۇق،تىناتتى دەرەخ،
تولۇن ئۈستىمىزدە تۇرار ئېسىلىپ.
قارچۇق چوڭقۇرلىقىدا نۇرلار تەمتىرەر،
بەڭۋاش ھېس كەتكەن ئىدى تامام بېسىلىپ.
-قاچقان ۋە بىر – بىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان ئاشىق-مەشۇق «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچىدە» ئىسكەنجىلەرنىڭ قورشاۋىدىن قورقىۋاتىدۇ، ئەخلاق ۋە ئەنئەنە بۇلارنى چىرماۋاتىدۇ- نەپەس ئالالمايدۇ، دەرەخ- تۇسۇقلا تىنىدۇ، ئايدىڭنىڭ ياراتمىشى –تۇلۇنئاي كۆرۈپ تۇرىدۇ-(تەڭرىنىڭ سىماسىمىدۇ؟) بەلكىم. بەڭۋاشلىقى بېسىققان-قاچقاندىكى ھاياجان بېسقققان! دەرىخا... ئۇلار گۇناھ تۇيغۇسىغا ئەسر بولدى. گۇناھ تۇيغۇسىنى سۆزلەش شېئىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىلىش سەۋەبىدۇر.
بىرىنچى بۆلەكتە بىز مانا شۇنداق ئېسەنكىرەيمىز، ئەمما ئۇلار راستىنلا رىئال ئادەممۇ ياكى ھېسسىي ئوبرازلارنىڭ گۈل ۋە شامالدىكى ئەكىسئېتىشىمۇ؟ -مانا بۇ شېئىردىكى ئىماگنىڭ لەھىزىدىكى كۆرۈنىشى. ئەشۇ لەھزىدىمۇ تۇتۇق بەرمەسلىك شېئىرىي مۇھىتنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىدۇر.
دېمەك، بايانچىنىڭ گۇناھنى تۇيۇشى-شېئىرىي مۇھىتنىڭ بەرپا بۇلىشىدىكى ئاچقۇچ.
2
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
تىمتاس ئىدى بۇلاقنىڭ كۆزى.
ئېچىلغانچە قالدى ئاھ، قېتىپ
شۇ مىنۇتتا قىزىلگۈل يۈزى.
- قىزىلگۈل ئېچىلدى، كىمگە ؟ شامالغا. ئەمما، « تىمتاس ئىدى بۇلاقنىڭ كۆزى.»-بۇلاق نېمە؟ ھەقىقەت ۋە ئىسكەنجىلەرنىڭ ئۇنتۇلىشى- يۇمۇلغان كۆزى – گۈل ۋە شامالنىڭ ئاسىيلىقىدىن «تىمتاس»لىققا، يېڭىلگىنىگە تەن بەردى. بۇ يەردىكى بۇلاق، بۇلاق كۆزى، ۋاقىتتىكى گۈل يۈزى-بۇ ئىماگلار يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بۇ گۇناھنىڭ گۇۋاھچىلىرى، دېمەك، ھەقىقىي ئاسىيلار- ئەشۇ ئىماگلاردۇر. « ئېچىلغانچە قالدى ئاھ، قېتىپ» -مانا بۇ قېتىش ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ قالدى.
ھالقاڭنى يۈتتۈردۇڭ گۈزەل كېچىدە،
بۇندىكى يالپۇزلارغا ئەستەلىك قىلىپ.
بىز نەپەس ئالمايتتۇق ، تىناتتى بۇلاق،
لەۋلىرىڭ ئۆتەتتى باغرىمنى تىلىپ.
-گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ خاتىرلىشى داۋاملىشىۋاتاتتى...ۋىسال دائىم ئاسىيلىق ۋە گۇناھ ئۈستىگە ئولتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئازابىدا بەخت سۈرگۈچىدۇر.
دېمەك، ئاسىيلىقنى جاكارلاش (كۈيلەش) شېئىرنىڭ بۇرچىدۇر.
3
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
تەپەككۈر قۇربان بولغان سۆيۈلۈش ئۈچۇن.
ياپراقلار يۈزلىرىدە نازۇك جىلۋە،
بىز نۇرمىز، نۇرلارغا ئايلاندۇق پۈتۇن.
-« ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
تەپەككۈر قۇربان بولغان سۆيۈلۈش ئۈچۇن.» شۇنداق، ئاسىيلىق (شېئىردىكى ئوي) باشلانغان ھامان تەپەككۇر ئۆلىدۇ. كۆنگەن تەپەككۇرنىڭ چىقىش نۇقتىسى (باشتا دېگىنىمىزدەك) ئەنىئەنىۋى ئەخلاق، ئاتالمىش ئەنئەنە! ئۇ ھەرگىزمۇ گۇمان قىلمايدۇ، ھەتتا تەقدىردىنمۇ. ئۇ دەيدۇكى- بۇ پىشانىگە پۈتۈلگەن، ئارتۇق ئويلاش سېنىڭ ئەركىڭ ئەمەس! ئۇ – «كۆنگەن» بولغاچقا، ئاسىيلىق قىلىشنى، ئەرككە ئېنتىلىشنى «گۇناھ» دەيدۇ.
ئاسىيلىق- شېئىرىي تەپەككۇر يەنى ياۋايىي تەپەككۇر بولغاچقا، ئەسلىي گۇناھنى كۈيلەيدۇ، سېپى ئۆزىدىن ئاسيلىققا مايىللىقى بىلەن «ياپراقلار يۈزلىرىدە نازۇك جىلۋە،
بىز نۇرمىز، نۇرلارغا ئايلاندۇق پۈتۇن.» لەرنى ئاۋۇ كۆنگەن، ئەزەلدىن ئاشۇنداق دەيدىغان تەپەككۇرنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيديغان نازۇك ئەسنى «سۆز»لەيدۇ.
نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۇق ئاخىر،
گۈل،يالپۇز،بۇلاقلار يەنە ئۆز پېتى.
كېلىمىز بالىمىزنى يېتەكلەپ مانا،
نەدىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ شۇ بەڭۋاش شامال:
—ئىھ، گۈزەل ئايدىڭ كېچىلەر، — دىدى...
-« كېلىمىز بالىمىزنى يېتەكلەپ مانا،» مانا بىز باشتىن ئاخىر تەشۋىش بىلەن تۇنۇيالمىغان بارلىق ئىماگلار ئادەمگە – بالىسىنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان، «يەنىلا نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۇق ئاخىر،
گۈل،يالپۇز،بۇلاقلار يەنە ئۆز پېتى.» دە ئېيتىلغان ئەسلى كۆنۈككەن، ئۇلار قاچقان ئەشۇ مۇھىتتىن قېچىپ كېتەلمىدى، ئۇلار يەنىلا بۇلارنى بالىسى بىلەن قارىشى ئالدى. ئەۋلاد قالدۇرۇشنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى «ئاسىيىلىق» دەپ قارايدىغان ئاتالمىش «چەمبىرەكلەر» پەقەت ھاسىلاتىنىلا قۇچاقلىدى. ئەمەلىيەتتە، تەڭرى پۈتكەن ئەشۇ تەقدىرسىز قىلنى تەۋرىمەيدۇ –دەپ بىلگۈچىلەر ھەقىقىي ئاسىي گۇناھكار بىر توپ بولۇپ چىقتى. پەقەت شېئىرلا مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بىلەن خاتىرىلەرگە ئېلىپ، ئۇلارغا دەپ كەلدى، بىراق «ئۇلار» زادىلا ئۇنىڭ «سۆز»لەۋاتقىنىغا ھەقىقىي قۇلاق سالمىدى، ئەما پېتى كېلىۋەردى.
«نەدىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ شۇ بەڭۋاش شامال:
—ئىھ، گۈزەل ئايدىڭ كېچىلەر، — دىدى...»
بۇ يەردە، يەنى شېئىردا ئوبرازلانغان «شامال- يىگىت» بىزگە ئەمدى ئۆلمەس سۆيگۈ سۈپىتىدە زاھىرلىنىپ، بارلىق مۇھەببەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن «ئەشۇ گۈزەل ئايدىڭ كېچىلەر» ئۈچۈن مەدھىيە ئوقىدى.
دېمەك، ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىي كۈيلىگۈچىسى شېئىردۇر.
ئۈچىنچى، شېئىردىن چىقىش
نۇرغۇن شائىرلار ئەسلىمە قوينىدا كەچمىشلەرنى خاتىرلەيدۇ. نېمىنى قانداق خاتىرلەش جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشايدۇ، تىڭشاۋېتىپ، ئاڭلانماس ئاۋاز- تۇيغۇنى خاتىرلەيدۇ. ئۇ دەل شۇ چاغدا قانداق خاتىرلەشكىلا بېرىلىپ كېتىپ، نېمىنى خاتىرلەۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.شۇنداقلا، بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى ھېچكىم- يەنى خاتىرلەۋاتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتىشىدۇر، بىرلا ۋاقىتتا، بارلىق ئۇنتۇلغان - نېمەنى (ھېچنىمىنى)، نەدە (ھېچنە)- بەلكىم «ئايدىڭ كېچە ۋە ياكى باشقا ھېچيەردە) ھېچكىم (شائىر، سەن، ئۇ ، مەن...لەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆرۈنمەس، ئاتىغىلى بولمايدىغان ۋاقتى)-بىرلىشىشى دەل «لەھزە» بولۇپ، بىز باشتا ئېيتقان بىرىكىشتۇر.
دېمەك، شېئىر بارلىقلارنىڭ بېرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى ھەقىقەتنىڭ سۆزىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 22:01