سالام نۇرگۈل : سىزنىڭ تۇنجى ئەمگەك مىۋىڭىزدىن مەنمۇ بەك سۈيۈندۈم . خۇشاللىقتىن مېنىڭمۇ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ...
بولۇپمۇ سىزنىڭ ھازىرقىدەك جىددى خىزمەت شارائىتىدا ، يەنە كېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىر ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ، ئائىلىدە ئانىلىق ۋە ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ھەم ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ، ئاشۇنداق جىددىلىك ، ھېرىپ -چارچاشلار ئىچىدىنمۇ ئىلھام ئېلىپ يېزىپ چىققان بۇ رومانىڭىزنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ھاردۇقىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ چىقاردى دەپ ئويلىدىم . دېمەك ياستۇقىڭىز ئازراق بولسىمۇ ئىگىزلىدى ...
ئەمدى يەنە قانداق چۈشلەرنى كۆرۈپ يەنە نېمىلەرنى يازىسىزكىن ؟
ئالدىمىزدىكى يول ئۇزۇن ، بۇ تېخى 1-قەدەم ...يەنە 2-، 3- قەدەملىرىڭىزنىمۇ دادىل ماڭالايدىغانلىقىڭىز كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ ...(مەنمۇ ھېكايە، پوۋىستلار توپلاملىرىڭىزنى ئاۋال چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئويلىمىغان يەردىن رومانىڭىز ئاۋال چىقىپتۇ . )
سىزگە دېسەم ، سىزنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلىدىغان يېرىڭىز شۇكى : جىددىلىك ئىچىدىنمۇ ئىلھام ئالالايسىز، ناچار كەيپىياتتا ياكى بىرەر ئىشتىن خاپا بولۇپ قالغان چاغلىرىڭىزدىمۇ بۇ خىل ئىچكى زىددىيەتلىرىڭىزنى ، ئۇفسىنىشلىرىڭىزنى قەلەمگە تايىنىپلا تېشىغا چىقىرۋېتىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىۋالىدىغان ئادىتىڭىز ماڭا بەك يارايدۇ ...
ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىش ئۇسلۇبى ۋە ئادىتى بولىدۇ . مېنىڭ سىزدىن ئۈگىنىدىغان تەرەپلىرىم ناھايىتى كۆپ . ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن . ئاللاھ تېخىمۇ ئەزىز قىلسۇن !