كۆرۈش: 1640|ئىنكاس: 52

ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ 2-رومانى«گۇناھ» نەشر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 622
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 23:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ 2-رومانى«گۇناھ» نەشر قىلىندى



   ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن «4-ئېراغا سەپەر »ناملىق رومانىدىن كېيىن، «گۇناھ »سەرلەۋىلىك يەنە بىر رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى .
   يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى،ئېلان قىلىنغان ھېكايە-پوۋېسىتلىرىدا ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ پەللە يارىتىۋاتقان ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچى .بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان«گۇناھ »رومانىدا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى ئۆرپ-ئادەت،دىنى ئىتىقات،مەدەنىيەت،ئىقتىساد ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ ،چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۇلگەن بولۇپ يازغۇچى بۇ رومانى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدىئى ئىستىداتىنى  ھەقىقىي تۈردە نامايەن قىلىپ، ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى.  بۇ روماندىكى كوللىناتسىيە گارسىيە ماركۇزنىڭ ‹‹يۈز يىل غېرىبلىق››،خالىدە ئىسرائىلنىڭ ‹‹كەچمىش›› رومانلىرى بىلەن تەڭداش ھالەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇسى ......
يازغۇچىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەپ:ئابدۇرېشىت سۇلايمان (جاللات)





1.jpg



2.jpg




3.jpg









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 23:51  


سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...
mukam.cn
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1985
تۆھپە : 8
توردا: 744
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 23:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «گۇناھ» ىغا مۇبارەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 727
تۆھپە : 0
توردا: 203
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 23:57:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1514
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 00:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ مېھنىتىگە ‹گۇناھ› لىرى ياخشى مىۋە بىرەر.مەنمۇ چوقۇم بىر تال تېتىپ باقىمەن.يىڭى ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇرغان جاللاتقىمۇ تەشەككۈر.

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 00:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   ئابدۇركېرىم قادىرنىڭ يېڭى رومانىغا مۇبارەك بولسۇن! ئپتورنىڭ كېيىنكى قەدەملىرى تېخمۇ قۇتلۇق بولغاي!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  335
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 146
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 07:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! ئاكا، ئەجرىڭىزگە ئاللا بەرىكەت بەرسۇن!
قالغان گەپنى ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن قىلاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 09:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، مۇقاۋىمۇ بەك ياخشى لاھىيىلىنىپتۇ

jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 622
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 09:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى ئابدۇكىرىم قادىر بىلەن سۆھبەت



سوھبەتلەشكۇچى –ئابدۇرۇسۇل سەمەت



سالام ئابدۇكىرىم قادىر ئەپەندىم
ئالدى بىلەن «تۆتىنجى ئىراغا سەپەر» رۇمانىڭىزنىڭ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلغانلىغىنى مۇبارەكلەيمەن.


«تۆتىنجى ئىراغا سەپەر » رۇمانىڭىزنىڭ نەشىرقىلىنغانلىقىنى بەرقى ئەدەبىيات تورى ئارقىلىق خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، ئوقۇشقا ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان ئىدىم. مانا بۇگۇن روماننىڭ ئاخىرقى بەتلىرىنى ئوقۇپ ھاياجانلىق ھىسلارغا چۇمۇلۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.شۇ ھاياجانلار ئىلكىدە توساتتىن
  مۇشۇ بەرقى تورىدا سىز بىلەن «تۆتىنجى ئىراغا سەپەر» رومانىڭىزنى چۆرىدىگەن ئاساستا ،ئەدەبى ئىجادىيەتلىرىڭىز ھەققىدە كەڭ -كۇشادە بىر ئۇچۇق سۆھبەت ئىلپ بارساق قانداق بولار دىگەن خىيالغا كىلىپ قالدىم.
   ئەگەر سىزنىڭ بەرقى ئەدەبىيات تورىغا كىرىش ئىمكانىيتىڭىز بولسىلا ،سۆھبىتىمىزنى رەت قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد قىلىمەن .
سۆھبىتىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن  تور ئەدەبىياتىنڭ بىزگە ئاتا قىلغان قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىھالىڭىزنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىغان بولساق.


ئالدى بىلەن «بەرقى» ئەدەبىيات تورىغا كېچىكىپ كىرگەنلىكىم ئۈچۈن سىزدىن، شۇنىڭدەك «بەرقى»دىكى دىلكەشلەردىن سەمىمى ئەپۇ سورايمەن. ئاندىن سىزنىڭ «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» رومانىغا تور ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، پېقىرنى سۆھبەتكە چىللىغانلىقىڭىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمدى سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىزغا كېلەيلى.
مەن 1969 - يىلى يەكەندە تۇغۇلغان ئىكەنمەن. 1989- يىلى قەشقەر ماليىە-سودا مەكتىپىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتكۈزدۈم. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش بويىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىرتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى تولۇق كۇرۇسنى؛ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى تولۇق كۇرىسنى ئوقۇدۇم. ھازىر پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتىمەن.
2005- يىلدىن ھازىرغا قەدەر
  مېنىڭ «تارىم»، « تەڭرىتاغ»، « قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ئەدەبى ژورناللاردا «ئۆتكۈن كېچىسى»، « قىزىل قۇيۇن»، «تەشنارەڭ كۆڭۈل»، « خوتۇن تەڭلىكى»... قاتارلىق يەتتە پارچە پوۋېسىت، 30پارچىدىن كۆپرەك ھېكايەم ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپدىن « دولقۇنلۇق تارىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىم  نەشىر قىلىندى. «كونا كوچا» ناملىق ھېكايەم بىلەن 14- نۆۋەتلىك؛ « بەربات بولغان ئەقىدە»(بۇ پوۋېسىتىمنىڭ نامى «بەخىت چۆلى»بولۇپ، ژونال تەھرىراتى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن) ناملىق پوۋېسىتىم بىلەن 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتىم.2007-يىل 5-ئايدا يەنە پىروزا ئىجادىيىتى جۈملىدىن ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى كۆرىنەرلىك تۆھپەمگە(بۇنى ھەقىقەتەن تۆھپە دىيىشكە بولسا) ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن«تۆھپە» مۇكاپاتى غا ئېرىشتىم. «تارىم» «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ئەدەبى ژورناللار ئارقا- ئارقىدىن «تىرىلىش، ئۆزىنى تونۇش، يۈرەكتىكى سۆز»، « ‹دولقۇنلۇق تارىم› نىڭ تىل ئىزچىللىقى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش»، «يىگىتلىك كوچىسى تولىمۇ ئەگرى-توقاي»، «يەنە يىگىتلىك ھەققىدە» دىگەن تىمىلاردا سۆھبەت خاتىرسى، ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، ئىجادىيىتىمگە قارىتا بىر قاتار باھالار يېزىلدى. « تەشنارەڭ كۆڭۈل»، «زەينەپ»، « چۇۋۇق چىتلاق» قاتارلىق ئۈچ پارچە ھېكايەم خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 2008-يىلدىن باشلاپ « غەرىبى قىسىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق خەنزۇچە ئەدەبى ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تېمىسى بولغان « تۆتىنچى ئېرغا سەپەر» ناملىق يىرىك ئەسەر مېنىڭ تۇنجى رومانىم.


سىز رومانىڭىزدا ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگلار ئارقىلىق قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن ئېقىنلاردىن كۆتۈرلۈۋاتقان چاڭ-توزانلارنى، ئۆزىنى قوغداشقا ئاملسىز قالغان بىچارە تەبىئەتنى،  مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە يارىتىۋاتقان پاجەسىنى تەسۋرىلەپسىز. سىزنىڭ ئېكولوگىيە مەسىلىسىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق دۇنياۋى تېمىدا قەلەم تەۋرىتىشىڭىزگە قانداق كۈچ تۈرىتكە بولدى؟ بۇنىڭدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەپ بارمۇ-قانداق؟



مېنىڭ ئۆز ماكانىمىزدىن ھالقىپ، باشقا بىر ئىقلىمنى كۆرگەندىن كىيىنكى چۆچۈش، ئويلىنىش بۇ روماننى يېزىشىمغا ئىلھام بولدى.  
بۇنىڭدىن تۆت يىل مۇقەددەم يۇرتىمىزنىڭ باھارى توپا-تۇمان بىلەن باشلاندى. بۇ مۇھىت ئىللىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ، پۈتۈن بىر قىش ھۆل يېغىن يېغىپ باقمىغاننىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئەتراپىمدىكى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا كۈندە دىگۈدەك كىلىمات ھەققىدە، قۇرغاقچىلىق ھەققىدە، زېمىننىڭ چۆللىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر، ئەندىشلەر بولۇنۇۋاتاتتى. ئەنە شۇنداق بىر پەيىتتە ماڭا جەنۇبى جوڭگۇنى، دېڭىز بويلىرىنى ساياھەت قىلىش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. مەن خەينەن، گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىتىنى، بۇ يەردىكى سۇ بايلىقىنى،
  يېشىل دۇنيانى كۆرۈپ 15كۈندىن كىيىن قايتىپ كەلدىم ھەم كۆز ئالدىمدىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ ئېكىلوگىيسىگە قاراپ ناھايىتى ئېسەنكىردىم. شۇنىڭدىن كىيىن مەندە «جەنۇبى جوڭگۇغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ  بۇ يەر ئاساسەن قۇرۇپ كېتىپتۇ.بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلار قانداق قىلار؟» دىگەن سۇئال تۇغۇلدى. چۈنكى بىزنى تۇغقان، بىزنى ئۆستۈرگەن بۇ زېمىن كۈندىن-كۈنگە قۇرغاقلىشىپ، توپا-تۇمان بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر تەبىئى كۆللەر پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتتى. دەريالارنىڭ سۈيى يىلدىن-يىلغا تارتىلىپ كەتتى. تېرىلغۇ ئىشلىرىدا ئاساسەن يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ ئىشلىۋاتىمىز. يەر ئاستى سۈيى تارتىلىۋاتقان قۇدۇق ئەتراپلىرىدىكى زېمىندا نەملىك دەيدىغان نەرسە يوق. مانا بۇ تۇيغۇ، سۇئاللار «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر»نىڭ يېزىلىشىغا ئىلھام ھەم تۈرىتكە بولدى.


«تۆتىنچى ئېراغا سەپەر»رومانىنىڭ ماۋزۇسىدىن فانتازىيە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. سىزنىڭچە روماندا فانتازىيلىك ئامىللار بارمۇ؟ سىز مودىرنىزىلىق ئەدەبىياتنىڭ بەزى ۋاستىلىرىنى تەدبىقلاپ كۆردىڭىزمۇ قانداق؟ سىز ھازىرقى ھاياتلىق دەۋرىنى ئۈچىنچى ئېرا دەپ قارامسىز؟

بۇ روماندا فانتازىيلىك ئامىل يوق. چۈنكى مەن رىئاللىققا ئەھمىيەت بەرگۈچى، كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى. لېكىن بۇ رومان ئېكولىگىيلىك مۇھىتنى ئاساسى تېما قىلغانلىقى ئۈچۈن، روماننى يېزىش داۋامىدا جۇغراپىيدىن كۆپرەك كىتاپ  كۆردۈم. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ئالىملار يەر شارى ئېكولىگىيسىنىڭ ئلزگۈرىشى جۈملدىن ماتىرىكلارنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن ھاياتلىق دەۋرىنى ئېرالارغا ئايرىپ چىققان. يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور تەبىئى ئاپەتلە ۋە ھاياتلىق دەۋرىنى ئېرالارغا بۆلگەن. بۇ جەھەتتىكى تەپسىلات ۋە مۇلاھىزىلەر روماندىكى ئىلم- مەرىپەت ساھىبلىرى يۈسۈپ بىلەن ھاۋانىڭ سۆھبەت- مۇنازىرلىرىدە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالىملار يەر شارىدىكى دېڭىز، قۇرۇقلۇقلارنىڭ دائىرسىنىڭ شەكىللىنىشى، يەتتە قىتئە، تۆت ئوكياننىڭ جايلىشىشى ۋە ئۆزگۈرۈشى توغۇرسىدا تەكشۈرۈش-تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېررىۋاتىدۇ. گېرمانىيلىك ئالىم ۋېگنىرمۇ ماتىرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈشى ھەققىدىكى پەرزىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن 200 مىليون يىللار ئىلگىرى يەر شارىدىكى ھەرقايسى قىتئەلەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چوڭ ماتىرىك بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەتراپى بىپايان ئوكياندىن ئىبارەت ئىدى. كىيىن ئىپتىدائى ماتىرىكلار بىرنەچچە ماتىرىكلارغا بۆلۈنۈپ تەدىرجى يۆتكىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى يەتتە قىتئە بىلەن تۆت ئوكياننىڭ جايلىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن دەپ، دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلدى. شۇنىڭدەك يەر شارىنىڭ 200مىليون يىللار ئىلگىركى ھالىتى، 65 مىليون ئىللار ئىلگىركى ھالىتى، ھازىرقى ھالىتىنى سىزىپ چىقىپ، يەر شارىنىڭ ئۈچ قېتىملىق جۇغراپىيلىك چوڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھازىرق ھاياتلىق دەۋرىنى 3-ئېرا دەپ ئوتتۇرغا قويدى. مەن بۇنىڭغا ئاساسەن بىز ياشاۋاتقان ھاياتلىق دەۋرىنى 3-ئېرا دەپ قارايمان. بۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئۈچۈن «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 292-بەتكە قايتا مۇراجىئەت قىلىپ كۆرۈڭ.




روماندىكى پىرسۇنا‍‍ژلار ئەتىراپىمدا يۇرگەندەكلا،ئابباسخاننى يەكشەنبە كۇنى تىخى مال بازىرىدا كۆرگەندەكلا تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.روماننى يازىش جەريانىدا پىروتوتۇپلاردىن پايدىلاندىڭىز مۇ؟ سىز ئىجادىيەت جەريانىدا پىروتوتۇپلاردىن قانداق پايدىلىنىسىز؟

يازغۇچىنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، بىز تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت جانلىق پىروتوتىپلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بولىمىز. بىز ئەنە شۇ پىروتوتىپلار ئىچىدىن ئۆزگىچە، جانلىق تىپلارنى بايقىيالىساق سىزگە تونۇشتەك بىلىنگەن، تەسىر قىلغان ئابباسخاندەك چىن ئوبرازلارنىياراتقىلى بولىدۇ

«تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» رومانىنىڭ مەزمۇن قاتلىمىدىن قارىغاندا  ۋەقەلىك ئىنسان ئىكئولوگىيسىدىكى بۇزۇلۇش ۋە تەبىئەت ئىكئولوگىيسىدىكى بۇزۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى قاتلام بويىچە قانات يايدۇرلۇپتۇ.سىزنىڭچە بۇ ئىككى ساھەدىكى بۇزۇلۇش ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
   ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز ؟

ئىنسان ئېكولوگىيسىدىكى بۇزۇلۇش بىلەن تەبىئەت ئېكىلوگىيسىدىكى بۇزۇلۇش ئەلۋەتتە بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ . ئادەملەرنىڭ پايدا-مەنپەئەت خاھىشىدىن قارىغاندا، ئادەم ھامان ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تەبىئەتنى، جانلىقلارنى خانىۋەيران قىلغۇچىدۇر . قاراڭ ، روماندىكى ھەسەن خالۋاپنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ، قۇمئاۋات ئەسلىدىنلا تەبىئى توغراقلار ، يايلاقلار ، كۆللەر ، ياۋايى ھايۋانلار ، ئۇچار قۇشلار بار بولغان گۈزەل بىر قەدىمى يۇرىت بولۇپ ، ھالا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە توغراقلار ، يايلاقلار ۋەيران قىلىنىپ ، كۆللەر قۇرۇپ كەتكەن ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولماس ، ئۇچار قۇشلارنىڭ سايرىشىنى ئاڭلىغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن. ھەتتا كۆز ئالدىدىكى زېمىنغا قاراپ قاغجىراپ كېتىۋاتقاندەك ئېغىر ھالغا چۈشۈپ قالغان قۇمئاۋاتلىقلار كەنتىنى ئوراپ تۇرغان قۇملۇق باغرىغا چىقىپ تىلابەت نامىزى ئوقۇپ يامغۇر تىلەش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇ ئەلۋەتتە روماندىكى غوجىخان ۋە غوجىخانغا يانداشقان  بىر بۆلۈك قوشۇمچە پېرسوناژلارنىڭ قۇمئاۋاتنى مەركەز قىلغان يېزا، كەنىتلەرنىڭ تەبىئى ئېگىلوگىيسىگە ۋە شۇ يەردە ياشىغۇچى خەلىققە قىلغان « شاپائىتى » ئەمەسمۇ! دىمەك روماندىكى غوجىخاندەكلەرنىڭ ئىنسان ئېكولوگىيسى بۇزۇلسا، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن تەبىئەت ئېكولوگىيسىنى بۇزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇرغاقچىلىق، كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى، زېمىننىڭ قاغجىرىشى ۋە باشقا تەبىئى ئاپەتلەر ئاستا-ئاستا ئىنسانلارغا «جاۋاپ» قايتۇرىدۇ.

روماننىڭ تىلى ئىنتايىن يىنىك، ئوبىرازچانلىغى يۇقىرى. بولۇپمۇ دەل جايىدا قوللۇنۇلغان يەرلىك شىۋىلەر پىرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۇرۇشتە زور رول ئويناپتۇ.سىز تۇرمۇشتا  يولۇقتۇرغان يەرلىك شىۋىلەرنى خاتىرلەپ ماڭامسىز ؟ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە قانداق چىنىقىشلارنى باشتىن كەچۇردىڭىز؟تىلدىن پايدىلىنىش جەھەتتە توپلىغان تەجىربىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

قارىغاندا تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك- مېنىڭ ئەسەرلىرىمدىكى ئەڭ زور ئالاھىدىلىك ھىساپلانسا كېرەك. بۇنداق دىيىشىم: ئىلگىرى پوۋېسىت، ھېكايىلىرىمگە بېرىلگەن باھالارمۇ مۇشۇ نۇقتىدا كۆپرەك گەۋدىلەنگەن ئىدى. مانا ئەمدى سىزمۇ روماننىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپسىز.

مەن ئادەتتە خەلق تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەردىن، يۇمۇرىستىك ئالاھىدىلىكلەردىن، ئوبرازچان لىقتىن ناھايتى زوقلىنىمەن. بەزىدە ئۆزگىچە بىلىنگەن تىل، يەرلىك شىۋىلەرنى خاتىرلىۋېلىشنى ئويلاپ قالىمەن. لېكىن ئادەتتە مەن ئۈچۈن مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگىنىش، تىل-شىۋىلەرنى قېزىپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىغاچقا، ئادەتتىكى شارائىتتا يەرلىك شىۋىلەرنى خاتىرلىۋېلىشقا قولايسىز. ئەمدى تىل ئىشلىتىشتىكى «چىنىقىش» مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئىجادىيەت قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا ئۇچراتقان ئىش-ۋەقەلەر، ئادەملەر ئاساسىدا مۇئەييەن ئەدەبى تەپەككۈر ھالىتىگە كىرىشىم كېرەك. ھەتتا ئۆزۈم ئاشۇ ئادەملەر بىلەن شۇ مۇھىت، شۇ ۋەقەلىكلەر ئارىسىدا يۈرگەندەك بولمىسام ئىجادىيەت قىلالمايمەن. زولاشتۇرۇپ يازىمەن دېسەم ئۆز-ئۆزۈمدىن ئىچىم سىقىلىپ، قىلىۋاتقان ئىشىمدىن شۇنچىلىك مەززىسىزلىك، بىمەنىلىك ھىس قىلىمەنكى، بۇنداق چاغدا دەرھال كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن تۇرۇپ باشقا بىر ئىشنىڭ كويىدابولمىسام ماڭا شۇ ۋاقىت ھارام بولىدۇ...كىيىن (بىرنەچچە سائەت ياكى بىرنەچچە كۈن، ھەتتا بىرنەچچە ئايدىن كىيىن) مېنى ھېلىقى پېرسۇناژلاريەنە ئورىۋالدۇ. مەن ئالدىراش خىزمەت ئىشلەۋېتىپ، يوللاردا كېتىۋېتىپ ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمەن، سىردىشىمەن. ئۇلار ماڭا شۇنداق ساددا، تەبىئى تىلى بىلەن ئۆز كەچۈرمىشىنى، ھال-مۇڭىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار مەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆز تەبىئىلىكى بىلەن «تۆتىنچى ئېرا» غا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ!


دىمەك مەن يەرلىك تىل-شىۋىلەرنى خاتىرلەپ كەتمەيمەن (شارائىت بولسا، خاتىرلىۋالغۇم، ئاۋازغا ئېلىۋالغۇم كېلىدۇ). تىلدىن پائايدىلنىشتا ئالاھىدە بىر تەجىربەممۇ يوق. ئەمما مېنىڭ چىنلىقنى ئەكىسئەتتۈرۈشكە بولغان ئېتىقادىم رومانىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن تارتىپ، تىل شىۋىسىگىچە سىڭىپ كىرگەن بولۇشى مۈمكىن.



« تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» رۇمانىنىڭ ئوقۇرمەننى ھەممىدىن بەك قايىل قىلىدىغىنى ۋە تەسىرلەندۇرىدىغىنى، ئىھتىمال ھەسەن خالۋاپ ئوبىرازى بولىشى مومكىن.بولۇپمۇ بۇ پەرىشتە سۇپەت بوۋاينىڭ قىزى بىرنەچچە قىتىم قاتتىق خورلۇنۇپ،  ئاتىلىق ئىززەت -ھۆرمىتى يەر بىلەن يەكسان قىلىنغاندا «خۇدايىم قىزلىق تەرەپكە يەتتە پاتمان تاشنىڭ ئىغىرلىقىنى بىرىمەن دەپتىكەن»دىيىش ئارقىلىق يەتتە پاتمان تاشتىنىمۇ ئىغىر سالماقلىق بىلەن ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ ، قىزىنى يۇز بىرىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن زور بولغان بىر قىتىملىق نىكاھ كىرىزىسىدىن ساقلاپ قالغانلىقى ماڭا  بەك تەسىر قىلدى. سىزنىڭچە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە  ئەۋىج ئىلىۋاتقان نىكاھ كىرزىسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىشىدە ئاتا- ئانا  بولغۇچىنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيتى بار مۇ-قانداق؟  جەمىيىتىمىزدە شىددەت بىلەن كۆپىيۋاتقان نىكاھتىن ئاجىرشىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائى ھادىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىز ھەسەن خالۋاپ ئوبىرازى ئارقىلىق قانداق بەدىئى غايىگە يەتمەكچى ئىدىڭىز؟


روماندىكى ھەسەن خالۋاپ دىمەكچىلىك ئەنئەنىگە سادىق، ئىمان-ئېتىقادلىق پەرىشتە سۈپەت  ئادەم. مەن ئىجادىيەت جەريانىدا ھەسەن خالۋاپ ئوبرازىنى  بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى قىلىپ يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ھەسەن خالۋاپ ئوبرازىدىكى يۈكسەكلىك  سىز ئېيىتقاندەك خاس قىزىنى نىكاھ كىرزىسىدىن ساقلاپ قالغانلىقىدىلا ئىپادىلەنمەستىن بەلكى، مىليونلىغان دېھقان ئاتىلارغا ئوخشاش بىر جەمەتنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆز زېمىسىگە ئالغان بۇ ئادمنىڭ ئېغىر بېسىق، تەمكىن تۇرقىغا، روھى دۇنياسىىغا نۇرغۇن ئىزتىراپلىق خىياللار مۇجەسسەملەنگەن. ئاتىلىق قەلبىگە ئۇلۇق ئارزۇ- ئارمانلار يوشۇرۇنغان. قاراڭ، ئۇ بېيجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپدا ئوقۇۋاتقان ئوغلى يۈسۈپنىڭ كۆڭلىنى، ئارزۇلىرىنى ھېچكىم چۈشەنمىسە، پەقەت مۇشۇ ئادەملا چۈشىنىدۇ. خوتۇنى نازىلخان ھە دېسىلا كېلىنلىرى روزىگۈل بىلەن پىننەخاننى چېقىۋېلىپ، ئۇلارنى ئوغۇللىرىغا باسۇرۇپ بەردسە، تاياققا قويسا، ئادەم قاتارىدا كۆرمىسە يەنە شۇ ھەسەن خالۋاپ ئارىغا چۈشۈپ ئاجىز، بىقوۋۇل كېلىنلىرىنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا خەيرىخاھلىق قىلىدۇ.  قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران دەستىدىن چۆللىشىپ كېتىۋاتقان يۇرتى قۇمئاۋاتنى يەنە شۇ ھەسەن خالۋاپ بۇ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بېھىش ماكان دەپ ئۇلۇغلايدۇ. قۇم ئاۋاتنى چۆل، جاڭگال دىگۈچىگە شۇ زامان تەنبىھ بېرىدۇ. قۇمئاۋاتنىڭ تەقدىرىگە، كەلگۈسىگە ھەممىدىن بەك ئەنە شۇ ھەسەن خالۋاپ كۆڭۈل بۆلىدۇ.
« ئۇيغۇر جەمىيىتىدە
  ئەۋىج ئېلىۋاتقان نىكاھ كىرزىسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىشىدە ئاتا- ئانا  بولغۇچىنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيتى بار مۇ-قانداق؟»دىگەن سۇئالىڭىزغا كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. سىز ھىس قىلغان بولۇشىڭىز مۈمكىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھېلىھەم ئادەت كۆزقاراشلىرى رامكىسى ئىچىدە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئىقتىساد، مەدەنىيەت خېلى جانلانغان چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان زىيالىلار ئارىسىدىمۇ ئادەت كۆزقاراشلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. ئادەت كۆزقارىشى ئادەتتە ئاتا-ئانىنىڭ روھىدىن بالىنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ كىرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئائىلە-نىكاھ ئىشلىرىدىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق: يېڭى توي قىلغان يىگىت، قىزنىڭ بىر مەزگىللىك شىرىن تۇرمۇشىدىن كىين ئاستا- ئاستا ئارىدا بەزى ئۇششاق زىدىيەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇنداق زىدىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى، ئەر، ئايال ئىككى تەرەپنىڭ مىجەز-خاراكتىر جەھەتتىكى چىقىشالماسلىقتىن كېلىپ چىقسا، بەزلىرى ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتىكى باش- باشتاقلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى زىدىيەتلەر كېلىننىڭ قېينىئاتا، قېينىئانىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، خىزمىتىنى قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقسا، يەنە بەزى زىدىيەتلەر قۇدا-باجىلارنىڭ ئايدا- يىلدا بىر ئۇچراشقاندا بىر-بىرىگە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىشىدىن، يوق ئىشلارغا قورساق كۆپۈكى بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ(بۇنىڭدىن باشقا زىدىيەتلەر كەمدىن-كەم كۆرۈلۈشى مۈمكىن).مۇشۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار قورسىقىنى كەڭرەك تۇتۇپ بالىلىرىغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، سىزنىڭ ماۋۇ ئىشىڭىز بولماپتۇ، بۇنى ئۇنداق قىلماي، مۇنداق قىلىڭ، دەپ توغرى يول كۆرسەتسە، يېتەكلىسە ئۇششاق زىدىيەتلەر ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۈمكىن. ئەكسىنچە بولغاندا، «تۈگمىدەك ئىش تۆگىدەك»بولۇپ، «ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىلىپ» زىدىيەت ئۇلغىيىپ كېتىشى مۈمكىن. بۇ خىل كۆزقاراشنى روماندىكى تەپسىلاتلارغا باغلىساق روماندىكى ھەسەن خالۋاپنىڭ خوتۇنى نازىلخان ئەنە شۇنداق زىدىيەت ئوتىنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقۇچى، ئەكسىنچە ھەسەن خالۋاپ بولسا«ئوت ئۆچۈرگۈچى». ئۇ ئاشۇ خىل كۆز قارشلىرى بىلەن توي كۈنىدىن باشلاپ خارلىنىشقا باشلىغان قىزى نۇر بۈۋىنى قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئەر بىلەن كېلىشتۈردى. قېينىئانىدىن، ئەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن كېلىنلىرى پىننەخان بىلەن روزىگۈلنى ھەمىشە ئۆز قىزلىرىدەك كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىززتىنى، قەدىر-قىممىتىنى قىلدى.شۇ ۋەجىدىن ھەسەن خالۋاپ ئەنئەنىگە سادىق، ئىمان-ئېتىقادلىق پەرىشتە سۈپەت  ئادەم بولۇپ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. دىمەك نىكاھ كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.
جەمئىيىتىمىزدە شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نىكاھتىن ئاجىرشىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائى ھادىسىگە كەلسەك، بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن، يىتىم بولۇپ قەلبى ئۈنسىز ئازاپقا مەھكۇم بولغان بالىلار ئۈچۈن يەنە بىز ئۈچۈن بىر پاجىئە. ھازىر شەھەرلەردىكى «كۈچىيىپ قالغان» خېلى كۆپ مائاشلىق خوتۇن، جۇۋانلار پەردازخانا بىلەن لاتا-پېتىگە؛ ئۆزى ئەر لېكىن ئۇ ھەپتىدىن بۇ ھەپتىگە ئەركەكلىكى يادىغا يەتمەيدىغان قاپاق نوچىلار ھاراق بىلەن قىمارغا دۈم چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىللىق ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. سەبىئى بالىلار يىتىم بولدى. مەن ئاشۇ سەبىئى بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىنىمەن!!
روماندىكى ھەسەن خالۋاپ ئوبرازىدىكى بەدىئى غايىگە كەلسەك، ھەسەن خالۋاپ باشتىن ئاخىرى كونىلىق، ئەنئەنە تۇيغۇسىدا ياشىسىمۇ، قەلب دۇنياسى ئارزۇ-ئارمانلارغا بۆلەنگەن. شۇڭا ئۇ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كۆز قارشلىرىنى ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ پاك، سەمىمى يۈرىكى يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى، كەلگۈسىگە بولغان غايە-ئىشەنىچ ئوتىدا گۈلخان بولۇپ ياندى. دىمەك ھەسەن خالۋاپ ئوبرازىدىكى غايە سىزگە،بىزگە ئوخشاش ئۆز يۇرتىنى، تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئوت يۈرەك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقى ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى.



روماندىكى پىرسۇناژلارمۇ، مۇھاببەتمۇ ئىلاھلاشتۇرۇلمىغان.ئۇلار ئاددى كىشلەر بولۇپلا قالماستىن مۇھاببىتىمۇ ئىنتايىن ئاددى ھەم سەمىمى .(مەسىلەن :پىننىخان بىلەن ھۇسۇيناخۇننىڭ مۇھاببىتى)سىز مۇشۇنداق ئاددى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن رومانىڭىزدا شۇنچە زور بەدئىى ئۇنۇم ھاسىل قىپسىز . لىكىن بىز بەزىدە ئۆزى شۇنداق ھەيۋەتلىك ،دەبىدەبىلىك ۋەقەلەر يىزىلغان ئەسەر بولسىمۇ ئازىرراق ئوقۇپلا زىركىشلىك ھىس قىلىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچىرايمىز.سىزنىڭچە ئىسىل ۋەقەلىك بىلەن ئىسىل ئەسەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟


مەنچە،
ئەسلى تۇرمۇش، مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئاددى ھەم سەمىمى جەريان بولۇش كېرەك. رىئالنى نۇقتىدىن قارىغندا تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تەلەپ قويۇش، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇش شۈبھىسىزكى ئادەمنى بەخىتسىزلىك گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا مەن رومانىمدا ئاددى كىشىلەرنى ئاددى ھىسيات، ئاددى تىل بىلەن ئەسلى ھالىتى بويىچە يېزىپ چىقتىم(ئەگەر شۇنداق يازالىغان بولسام). يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» دېھقانلار تۇرمۇشى ئاساسى تېما قىلىنغان رومان. روماندىكى يۈسۈپ بىلەن ھاۋادىن باشقا كۆپ سانلىق پېرسۇناژلار ئۆز يۇرتىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان، تۇرمۇش، مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كۆزئالدىدىكى مۇھىت ۋە شارائىتقا بېقىپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ تىل شىۋىسى، كۆز قاراشلىرىمۇ تەكلىمكان گىرۋەكىلرىدىكى قۇملۇق كىشىلىرىغا خاس بولۇپ، ئالاھىدە دەب-دەبىدىن خالى. بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك سىز تىلغان ئالغان پىننەخان بىلەن ھۈسىيناخۇننىڭ مۇھەببىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. روماننى ئوقۇپ چىققانلاغا مەلۇم، پىننەخان نامرات تۇل ئايالنىڭ قىزى. ئۇ ھەسەن خالۋاپ ئائىلىسىگە كېلىن بولۇپ كىرگەندىن كىيىن ئىچى تار، ئاغزى يامان قېنيئانىسىنىڭ ئالدىدا يەتكىچە خورۇلق تارتىدۇ. لېكىن ئاق كۆڭۈل، خوتۇنغا كۆيۈمى بار ھۈسىيناخۇننىڭ سەمىمى، ساددا مۇھەببىتى پىننەخانغا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ بارلىق خورلۇقلارغا چىداپ ھۈسىيناخۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالماقچى، ئۇنىڭغا چىرايلىق بىر قىز تۇغۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. ئەپسۇسكى بىچارە پىننەخان... (كەچۇرۇڭلار تورداشلار، مەن يەنە يىغلاپ سالدىم ) .


ئەمدى ئېسىل ۋەقەلىك بىلەن ئېسىل ئەسەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ①ئەگەر مۈمكىن بولسا ۋەقەلىكنىڭ ئۆزگىچىرەك بولغىنى ياخشى. لېكىن ئۆزگىچە ۋەقەلىكنى ئۆزگىچە ئۇسسۇلدا تەسۋىرلىمەستىن، ئۇنى بايان شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ قويساق ياكى گەپنى باشلا- باشلىماي، ۋەقەلىكنىڭ جەريانى، خۇلاسىسىدىن بىلىپ-بىلمەي بىشارەت بېرىپ
قويساق ئۇنىڭ ئېسىل ئەسەر بولاللىشى ناتايىن. ② ۋەقەلىك ئېسىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېزىش قىممىتى بولمىسا، ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئوقۇرمەنلەرگە ساۋاق بېرەلمىسە ياكى تۇرمۇشىنى يېڭى يولغا باشلىيالمىسا ئۇ ۋەقەلىكتىن ئېسىل ئەسەر چىقىشى ناتايىن. ③
مېنىڭ نەزىرىمدە، ئېسىل ۋەقەلىكتىن كۆرە ئۆزگىچە تىل، ئۆزگىچە قۇرۇلما، ئۆزگىچە تېما - مەزمۇن مۇھىم .



«تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» روماننىڭ بەدىئىلىك جەھەتتە مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشدا تىلنىڭ گۇزەل بولىشىدىن باشقا  ئەسەر قۇرۇلمىسىىنىڭ سەكرەتمە ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرلىشىمۇ ناھايتى مۇھىم رول ئويناپتۇ. سىز ئەسەر يازغاندا مەزمۇنغا قارىغاندا قۇرۇلمىغا بەكىرەك كۇچ سەرىپ قىلامسىز-قانداق ؟ سىزنىڭچە ئەسەر قۇرۇلمىسىنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندا قانداق يىتەرسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟

مەن ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزمۇن مۇھىم. ئىجادىيەتتە مەزمۇن قوغلاشماي، ناۋادا قۇرۇلما ياكى ئاممىباپلىقلىقنى، بازارلىشىشنى قوغلىشىپ قالغان بولسام شۇنچە ۋاقتتىن بېرى خاس ھېكايە، پوۋېسىت، ئاخىرى بېرىپ رومان يازماستىن بەلكى، ئاللىقاچان يەكەندىكى كۈلدۈرگە چولپانلىرىغا سۆز ئويۇنى؛ ئۈرۈمچىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىگۈچىلەرگە سىنارىيە يېزىپ بېرىدىغان سەھنە ئەسىرى، تېلىۋىزىيە تىياتىرى يازغۇچىسى بولۇپ قالغان بولاتتىم. دىمەك مەن ئىجادىيەت جەريانىدا قۇرۇلما ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئولتۇرمايمەن، ۋەقەلىكنى ئىختىيارى ھالدا زىدىيەتنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان يېرىدىن باشلاپ ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەردىكى مۇھىتقا باشلاپ كىرىمەن. بۇ خىل ھالەت مېنىڭ كۆپىنىچە ئەسەرلىرىمدە  چېكىنمە بايان ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈردى(بۇنى كىيىن ھىس قىلدىم). ئەمما پىروزا تۇرمۇشنى ئەكىسئەتتۈرۈرىدىغانلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن باشقا ژانىرلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز ۋەقەلىكنى قوراشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتىكى پېرسۇناژلارنى ئەسەردىكى زىدىيەت تۈگۈنىدە ئۇچراشتۇرۇشتا چوقۇم پىلانلىق، ئىدىتلىق بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يېزىۋاتقان ئەسىرىدىن ئالدى بىلەن ئۆزىمىز تەبىئى ھالدا زوقىلىنالىشىمىز، تەسىرلىنىشەلىمىز  ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. لېكىن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئالاھىدە قىلىمەن دەپ بىر تاغدىن، بىر باغدىن سۆز ئېچىپ قويساق، ئەسەرنىڭ باش- ئاخىرىنى، باغلاشتۇرالمىساق ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلماقتا يوق، ئەكسىنچە كۈلكىسىگە، تەنقىدىگە قالىمىز.
ئەسەر قۇرۇلمىسىنى سەكرەتمە ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئەسەردىكى مۇھىت ۋە پېرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشى، ئىش- ھەركىتىنى
  كەڭ دائىردىن تەسۋىرلەپ، تار رامكا ئىچىگە سىغدىلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەسەردىكى زامان، ماكان كەڭلىكىدىكى تارلىقتىن، مەزمۇن تەكرارلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋەقەلىكنى بۆلەكلەر بويىچە ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ باشقا ۋەقەلىككە كۆچۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە تەپككۈر بوشلۇقى قالدۇرغىلى ، ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

روماندا تەكلىماكان بويلىرىنى ئاساسى پائالىيەت سورۇنى قىلغان ھەسەن خالۋاپ  ئائىلىسى بىلەن ئابباسخان بىدىك ئائىلىسىنى تەسۋىرلەش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىنى خۇددى تۇلۇن ئاينى چۆرىدەپ چىچىلغان يۇلتۇزلاردەك بىرقانچە قەدىمى يۇرتلاغا تارقاقلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەپسىز .
يەنى ھەسە خالۋاپنىڭ ئانىسى خوتەندىكى سىڭلىسىنىڭ يىنىغا كىتىدۇ. ھەسەن خالۋاپنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئىگىز -پەس كاتاڭلىرىدا ئۇرلۇپ- سوقۇلغان ئىنىسى ھەمزىخان كۇچادا ھاياتلىق يولىنى تاپىدۇ. يەنە شۇ ھەسەن خالۋاپنىڭ ئۇزۇن يىل تۇل ئولتۇرغان سىڭلىسى شەرۋانەم كۇچادا تۇماقچى بىلەن توي قىلىپ مىرادىغا يىتىدۇ. ئابباسخاننىڭ چوڭ ئوغلى قەشقەر شەھرىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئابباسخاننىڭ كىلنى بولسا غۇلجۇلۇق تۇققانلىرىنىڭ قىزى بولۇپ چىقىدۇ.سىزنىڭ بۇ پىرسۇناژ لارنى بۇنداق جاي-جايلارغا چىچىپ تەسۋىرلىشىڭىزدە بىرەر ئالاھىدە سەۋەپ ياكى ئارقا كۆرۇنۇش مەۋجۇتمۇ ؟


بۇ تەپسىلاتلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بار بولغان ئىجتىمائى رىئاللىق.
مېنىڭ 10 ياشلاردىن ئاشقان چاغلىرىم يەنى 30يىلنىڭ ئالىدا
  يۇرتىمىزدا يەرلەر مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ دېھقان ئائىلىلىرىگىچە كۆتۈرە بېرىلگەن يىللىرى دېھقانلار شۇنچىلىك خوشال بولدىكى، نەچچە ئون يىل كوپراتسىيەگە ئىشلەپ بىر قېتىممۇ قورسىقى تويغىدەك تاماق يەپ باقمىغان، ئەل ئۆمرىدە ئۇچىسىغا ياماق سالماي كىيىم كىيىپ باقىمغان بۇ بىچارە بەندىلەر ئۆزىگە تەقسىم بولغان كوپراتسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قېرى ئۇي، قوتۇر مىدە، كۆك پىت بېسىپ كەتكەن قوي، ئۆچكىلەرگە قاراپ مۇشۇ مال-مۈلۈكلەر ئەمدى مېنىڭ بولغاندىمۇ، دەپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشقان ئىدى. بۇ كۈنلەردە يەنە ئىلگىرى تۈرمىگە كىرىپ قالغان، يۇرىتتىن چىقىپ كېتىپ باشقا يۇرىتلاردا جاھاندارچلىق قىلىپ يۈرگەن كىشلەر ئۆز يۇرتىدا مەمۇرىچىلىق بولغانلىقىنى، يەر،چارۋا- مال، باغ- ۋارانلارنىڭ دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئارقا- ئارقىدىن يۇرىتقا قايتىپ كەلگەن ئىدى. مەن ئەينى چاغدا بالىلىق قاراشلىرىم، ئاددى تەپەككۈرۈم بىلەن ئۇ ئادەملەرنىڭ نىمىشقا تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقىنى، نىمىشقا باشقا يۇرىتلارغا سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئانچە چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن. چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاتا-ئانامدىن، يۇرىت چوڭلىرىدىن بىلسەم، ئۇ بىچارە بەندىلەر ئاچ-زارلىققا چىدىماي كوپراتىسىيەنىڭ ئاش- ئوزۇقىنى ئوغۇرلاپ قويۇپ تۈرمىگە كىرگەن، ناھەقچىلىككە چىدىماي كوپراتسىيەنىڭ كالتە ساقاللىرنىڭ ساقىلىغا ئېسىلىپ قويۇپ يۇرىتتا تۇرالماي يۇرىتتىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەن. شۇ يىللىرى يۇرىتقا قايتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىچىدە ئاقسۇ، كۇچا، كورلا، ھەتتا قۇمۇل، غۇلجا تەرەپلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىرلىرىدا كۇچادىن قايتىپ كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بار بولۇپ، كۇچادا گىلەم توقۇپ خېلى ھاللىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز يۇرتىغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتى، سېغىنىشى تۈپەيلى كۇچادىكى ياخشى تۇرمۇشنى تاشلاپ ئاخىرى قايتىپ كەلگەن ئىكەن. 2006-يىلى 11-ئايدا مەن 15-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپىتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن غۇلجىغا بارغاندا، بۇرادىرىمىز ئابدۇرۇسۇل سىيىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن ماڭا ئەزەلدىن ناتونۇش بولغان غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى ئالتە ئۆي مەھەللىسىگە بېرىپ بىر تۈركۈم تۇققانلىرىمنى تېپىۋالدىم ھەم ئۇلار بىلەن يىغا-زارە قىلىشىپ كۆرۈشتۇق. بۇ تۇققانلار ئايالىمنىڭ تاغىسىنىڭ بالا-چاقىلىرى بولۇپ، مەرھۇم تاغىمىز ئەينى چاغدا يۇرتىمىزدا «پومىشىكنىڭ كۈچۈكى» بولغانلىقى ئۈچۈن تارتىپ چىقىرلىپ، ئۇرۇپ-سوقۇلۇپ سازايە قىلىنىپ ئاخىرى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالاي دىگەندە جېنىنى ئېلىپ قېچىپ، مۇزتاغدىن پىيادە ئۆتۈپ غۇلجىغا بېرىپ تۇرۇپ قالغان، كىيىن بالا-چاقىلرىنى ئېلىپ كېتىپ شۇ يەردە يەرلەشكەن ئىكەن.
يۇقارقى بايانلارنىڭ يەكۈنى شۇكى، ئەينى چاغدا خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر روماندا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۇلارنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ-شىمالىغا بېرىپ نەدە كۈننىڭ ئىسسىقى بولسا -شۇ يەدە تىرىكچىلىك غېمىنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بازار ئىگىلىكىنىڭ جانلىنىشى، ئۇچۇر-ئالاقە، قاتناش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشى جەنۇپ بىلەن شىمالنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەرزكەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. مەن رومانىمغا خەلقىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىر-بىرىگە بولغان باغلىنىشىنى، تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى، مېھرى-مۇھەببىتىنى قىستۇرۇش ئارقىلىق ئارىدىكى يىلتىزداشلىق، تەقدىرداشلىق ئەھۋالىدىن بىشارەت بەردىم. شۈبھىسىزكى بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك « تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» نى جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مەۋھۇملۇقتىن، تۇتۇقلۇقتىن خالى قىلىش بىلەن بىرگە تار دائىردىكى يۇرىت رامكىسىدىن ھالقىتىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا نايىل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.


ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى ۋە ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگىچە بىر خاسلىققا ئىگە بولۇپ ئوقۇرمەننى  ئاسانلا جەلىپ قىلىۋالىدۇ.
   سىزنىڭ ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇش ۋە پىرسۇناژلارغا ئىسىم تاللاشتا قانداق ئۆلچىمىڭىز ۋە تەجىربىلىرىڭىز بار؟ «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» رۇمانىدا تەسۋىرلەنگەن ئەر -ئايال پىرسۇناژلارنىڭ كۆپۇنچىسىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ‹خان› قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاتاپسىز .يەنى ئابباسخان، ھەمزىخان ، غوجىخان ،پىننىخان ، ئاغىچىخان ، نازىلخان ،نايمىخان... دىگەندەك. پىرسۇناژلارنى بۇنداق ئاتىشىڭىزنىڭ رىئال پاكىت ئاساسى بارمۇ ؟‹ خان › دىگەن قوشۇمچىنى نىمە ئۇچۇن شۇنچە كۆپ جايدا ئىشلەتتىڭىز ؟

بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئتېنىك تۇرمۇشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تىل ئادەتلىرى ۋە تىلىمزدىكى سۈپەت قوشۇمچىلىرى توغۇرسىدا توختىلىشقا توغرى كېلىدۇ. ئەپسۇسكى مەن تىل تەتقىقاتى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىشنى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكىم، شۇنىڭدەك تىلىمىزنىڭ گىرامماتىكىسىغا بولغان خاملىقىم تۈپەيلى ئۆزۈم ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى تۇرمۇشتىن كەلگەن ئاددى چۈشەنچەم ۋە يەكۈنۈمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمەن.
يۇرتىمىز كىشىلىرىنىڭ بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى شۇنچىلىك سىپايە ھەم كۆڭۈلچەگلىك خاھىشىغا ئىگىكى(پايدا-مەنپەئەت كويىدا زىدىيەتلىشىپ قالغان، بىر-بىرىگە قان چېچىشىپ كەتكەن ئايرىم كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، كىشىلەر ئادەتتە بىر-بىرىنى چاقىرغاندا ئەرلەرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاخۇن» قوشۇمچىسىنى، ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «خان» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ چاقىرىدۇ
  مەسىلەن: روماندىكى ئاساسلىق ئەر پېرسۇناژلارنىڭ بىرى «ھۈسيىن ئاخۇن»، قوشۇمچە پېرسۇناژ «ئەستىللاخۇن»؛ ئايال پېرسۇناژلاردىن «نازىلخان»، «ئاغچىخان»، «پىننەخان»... دىگەندەكلەر. بۇ يەردىكى « ئاخۇن» ۋە «خان» قوشۇمچىسى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمىتنىىڭ ئاغزاكى ئىپادىلىنشى بولۇپ، بۇ خەلقىمىزدە ناھايىتى ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. كىشىلەر ئادەتتە شۇ كىشىنىڭ يوق يېرىدە ئىسىمى ئاتىسىنى تولۇق قوشۇپ ئاتىسىمۇ، لېكىن بىر-بىرىنى يۈز تۇرانە چاقىرغاندا، ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئەنە شۇنداق « ئاخۇن» ، «خان» دىگەندەك  ھۆرمەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان سۈپەت قوشۇمچىسىنى ئىسمىغا قوشۇپ «سىز»، «سىللە-ئۆزلىرى» دەپ چاقىرىشىدۇ. بۇنى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۆزبېكلەر، تۈرىكلەردىكى كىشى ئىسىملىرى كەينىگە قوشۇپ ئاتايدىغان جان، بەي؛ ياۋرپالقلاردىكى ئەپەندىم، خانىم دىگەندەك سۈپەت قوشۇمچىلىرىغا ئوخشىتىش مۈمكىن. ئەمدى ئەرلەنىڭ ئىسمىغا ئۇلىنىپ قالغان «خان» قوشۇمچىسى (يەنى «ئابباسخان»، «غوجىخان»... دىگەندەك) غا كەلسەك، بۇ ئەينى چاغدىكى خاندانلىققا يېقىن بولغان يۇرىتلاردىكى خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان سۈپەت قوشۇمچىسى بولۇپ، كىشىلەر ئادەتتە بىر ئىشلارغا ئېپى بار، ئىش-ئوقتى يۈرۈشكەن، چىقىشقاق كىشىلەرنى خان يەنى پادىشاھقا ئوخشىتىپ ئىسمىنىڭ كەينىگە«خان» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۋالغان. بۇنداق ئاتاش ھازىرمۇ خلى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان يۇرىتلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك: روماندىكى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ۋە پىروتوتىپلار ئەنە شۇنداق خەلق ئىچىدىن كەلگەن بولغاچقا، كىشى ئىسىملىرى ۋە ئادەتتىكى ئاتلىشىمۇ خەلق تىلىدىن ئېلىندى. ھازىر بەزى ئەسەرلەردە پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ئاتىسىنى تولۇق ئاتاش(راسىت ئىشلار خاتىرسى ياكى ئوچېرىكلاردىكىدەك) ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە بولسا كىشى ئسىملىرىغا لەقىقىمىنى قوشۇش ئەھۋاللىرىمۇبار. ئەمما مەن ماڭا تونۇش بولغان مۇھىتتىكى تىل ئادەتلىرىگە ئاساسەن مۇشۇنداق ئاتاش، يېزىشنى ياقتۇرىمەن.
ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇش ۋە پېرسۇناژلارغا ئىسىم تاللاش «ئۆلچىمىم»گە كەلسەك، مېنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشقا سەل يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئادتىىم بار. ئىجادىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتە تۇرمۇشتا، ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزگىچىرەك كىشى ئىسىملىرىنى ئاڭلاپ قالسام ھەم زوقلىنىمەن ھەم ئېسىمدە ساقلىۋالىمەن. شۇ ئىسىمنى ئۆزۈم مۇۋاپىق دەپ قارىغان پېرسۇناژلىرىمىغا ئىسىم قىلىپ قويىمەن. ئەسەرگە ماۋۇ قويۇشۇم تېخىمۇ تەس. ماۋزۇدىن ئەسىرىمنىڭ يەكۈنىنى ئىپادىلەپ قويۇشتىن ساقىلىنشقا تىرىشىمەن. قويغان ماۋزۇلىرىمدا چوقۇم تۇيغۇ بولۇشى، غايە بولۇشى كېرەك. چۈنكى نەچچە يۈز كۈنلەپ، نەچچە يىللاپ قان-تەر تۆكۈش بەدىلىگە ۋۇجۇتقا چىقارغان بۇ ئەسەرلىرىم مېنىڭ ئۈمىت-ئىشەنچكە تولغان ھاياتىمدۇر، غايە-ئىستەكلىرىمدە پارلىغان گۈزەل كەلگۈسۈمدۇر!


ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرا سىنىپىدىن ئىبارەت ئىجتىمائى ھادىسىنىڭ  بەدىئى ئەدەبىياتتا بولۇپمۇ روماندىن ئىبارەت يىرىك ژانىردا  ئۆز ئىپادىسىنى تىپىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ئىش بولۇپلا قالماستىن  ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تىما بوشلىغىنى تولدۇردى.ئۇقۇشۇمچە قىزىڭزمۇ ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرا سىنىپىدا ئوقۇۋىتىپتۇ ، «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» رومانىدىكى يۇسۇپ بىلەن ھاۋا ئوبىرازىنىڭ يارىتىلىشىدا قىزىڭىزدىن مەلۇم ئىلھامغا ئىگە بولدىڭىزمۇ- قانداق ؟ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرا سىنىپىغا بولغان قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز ؟

بالىلار ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى. «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر»دە ئېھتىمال چەت-يىراق نامرات يېزىدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ئائىلىنىڭ كەچۈرمىشى جۈملىدىن شۇ ئائىلىدىن چىقىپ مائارىپ ، ئىلىم-پەن،  ئىقتىساد، مەدەنىيەت يۈكسەلگەن چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن يۈسۈپ، ھاۋا قاتارلىق بالىلارنىڭ تۇيغۇلىرىرى، ئويلىنىشى، ئىنتىلشلىرى، غايىسى يېزىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ رومان ئۆز قىممىتىنى تاپقاندۇ.
گەرچە روماندىكى يۈسۈپ بىلەن ھاۋا روماندا باشتىن ئاخىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، بىر پۈتۈن ۋەقەلىككە چېتىلىدىغان ئاساسى پېرسۇناژ بولمىسىمۇ لېكىن چوڭلارنىڭ دىققەت مەركىزى باشتىن-ئاخىرى مۇشۇ ئىككى بالىدىن چەتنىمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بىلەن ھاۋانىڭ كەچۈرمىشى، كۆز قاراشلىرى، ئىنتىلىشى روماننىڭ مەركىزى ئىددىيسىگە ئايلىنپ تەدىرجى ھالدا چوڭلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئويغىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيلىنىشىگە، غايە، ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىر ئائىلىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت، بىر دۆلەت شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئىنسانيەت جەمئىيىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. شۇنداق بولغان ئىكەن جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش، بالىلىرىمىزنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش مۇھىتىدىكى تەربىيلىنىش ۋە يېڭى كۆزقاراشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىر يازغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.
ئەمدى روماندىكى يۈسۈپ ئوبرازى بىلەن ھاۋا ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى بىلەن قىزىمنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئىشىغا كەلسەك، دىمەكچىلىك مېنىڭ قىزىم بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەمما قىزىمنىڭ ئوقۇشقا بېرىشى روماننىڭ يېزىلشىدىن كىيىنكرەك بولۇپ، مەن روماننى 2007-يىل 10-ئايدا يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشىرگە تاپشۇردۇم. قىزىم بولسا 2008-يىل 8-ئايدا ئوقۇشقا باردى. قىزىم ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن ئايالىم ئىككىمىزنىڭ تارتقان ھىجران ئازابى روماندىكى ھەسەن خالۋاپ بىلەن نازىلخان، ئابباسخان بىلەن ئاغچىخاننىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنى سېغىنشتىن پەيدا بولغان ھىجران ئازابىدىن ئارتۇق بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. 2008-يىل 11-ئايدا ئەنە شۇ ھىجران ئازابىدا قىزىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئايالىم بىلەن بېيجىڭغا بارغاندا، بۇ روماننىڭ مەسئۇل مۇھەررى ياقۇپ مۇھەممەتروزى ئەپەندى ماڭا چاق-چاق قىلىپ :
-ناۋادا قىزىڭىز، روماننى يېزىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەتكەن بولسا، ھەسەن خالۋاپ بىلەن ئابباسخاننىڭ پەرزەنىتلىرىگە بولغان سېغىنىشىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر يېزىۋىتەركەنسىز- ھە!-دىدى.
-شۇنى دېمەمسىز، شۇ باپ، شۇ بۆلەكلەرنى قايتا يازاي دەپ كەلدىم،-دىدىم مەنمۇ سەمىمى ھىسياتتا. لېكىن بۇ چاغدا روماننى تەھرىرلەش، كورىكتۇر قىلىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ قالغان ئىكەن... گەپنى يىغىنچاقىلغاندا روماننىڭ يېزىلىشى بىلەن قىزىمنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشىنىڭ ئىلگىرى- كيىنلىك تەرتىپى بولغاچقا، بۇنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشى يوق. ئەمما بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ بەرنا بالىلىرىمىزنىڭ ئىچكى جايلاردا ئوقۇشقا تاللىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مۇھىتتىكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش
  روھى ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىم، بۇ روماندىكى يۈسۈپ بىلەن ھاۋا ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان قايتا ئويلىنىش، غايە، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىر قەدەر جانلىق يېزىپ چىقىشىمغا تۈرىتكە بولدى، دەپ قارايمەن  
ئاخىردىكى قوشۇمچە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىمەن. بۇ ھەقتە جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلىمىدىكىلەر جۈملىدىن پىداگوكلار بىلەن پىكرلىشىپ باقسىڭىز (كەچۈرۈڭ).


«تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» رومانىدا ئادەمنى چۇڭقۇر ئويلارغا چۈمدۇرىدىغان مەزمۇنلاردىن باشقا ،بەزى باپ، بۆلەكلەردە ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تىلىقتۇرۋىتىدىغان  ئاجايىپ كومىدىيەلىك ۋەقە ، يۇمۇرىستىك دىئالۇگلار بىلەن ئۇچۇرشىمىز . بۇ كومىدىيەلىك ۋەقەلەر روماننىڭ بىر پۈتۇن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ بۆلەكلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئايرىم ھېكايىلىك خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان .  مەسىلەن : توختى گونداز بىلەن شەرۋانەمنىڭ كۇلكىلىك پارڭلىرى ، غوجىخاننىڭ مەس بولۇپ قىلىپ يىرىم كىچىدە شەرۋانەمنىڭ توڭلىكىدىن مارىشى ، يەنە شۇ غوجىخاننىڭ ناماز شام قاراڭغۇسىدا خوتۇنى بىلەن قىزىنى تونۇيالماي ئۇلارغا  پوخۇرلۇق قىلىشى ... بۇخىل ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر رومانچىلىغىدا ئانچە كۆزگە چىلىقمايدۇ.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى  سىزنىڭ ئۆزلۇكسىز ئىزدىنىشىڭىزنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولامدۇ ؟

مەلۇمكى، بىر پارچە يىرىك ئەسەر كۆلەم جەھەتتىن بىر دەۋىرنىڭ، بىر جەمئىيەتنىڭ دەۋىرلىك ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ (ھىچ بولمىغاندا مەن ئۈچۈن شۇنداق). بۇ يەردىكى دەۋىرلىك ھالىتى ئەسەردە باش تېما قىلىنغان تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائى ھادىسلەردىن ، كەچۇرمىشلەردىن بىر پۇتۇنلىككە ئىگە قىلىنىدۇ . خۇددى شۇنىڭدەك « تۆتىنچى ئېراغا سەپەر » دە يېزىلغان ھەسەن خالۋاپ ئائىلىسى بىلەن ئابباسخان ئائىلىسىنى مەركەز قىلغان ئىككى جەمەت كىشىلىرنىڭ كەچۇرمىشى، كومىدىيىسى، تىراگدىيسى ، ئۆي پىكىرى ، ئارزۇ – ئارمانلىرى بىر-بىرىدىن پەرىقلەنگەچكە ، روماننىڭ ھەر قايسى باب ، بۆلەكلىرىدە ئۆزگىچە تۇرمۇش كارتىنلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بىر-بىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىيدىلىك روماننىڭ ھەر قايسى باب ، بۆلەكلىرىنى خېلى مۇكەممەل ھالدا بىر پۇتۇنلىككە ئىگە قىلىپ ، قۇرۇلما جەھەتتىن ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلغان.
ئۇسلۇپ جەھەتتىكى بۇنداق خاسلىققا كەلسەك: بىر تەرەپتىن مەن «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر»نى يېزىش داۋامىد«بۇ روماننى ئىلگىرى يازغان ھېكايلىرىمدەك تۇرمۇشچانلىققا، ئوقۇشچانلىققا ئىگە قىلالامدىم-يوق؟ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كېتىېۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالامدىم-يوق» دىگەن نۇقتىدا تۇرۇپ يازدىم. يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا سەككىز ( 89- يىلدىن 96- يىلغىچە ) ھىكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندىم . 21- ئەسىر كېرىپ كەلگەندىن بۇيان 2003- يىلدىن 2006- يىلى ئاخىرغىچە يەنە تۆت يىل ھىكايە ، پوۋېسىت ئىجادىتى بىلەن شۇغۇللاندىم . بولۇپمۇ كىيىنكى تۆت يىلدا 30 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە ، يەتتە پارچە پوۋېسىت ، ئېلان قىلدۇرۇپ ، ئاز-تولا ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۇردۇم . «قوناق پۆپۈكى»، «چۇۋۇق چىتلاق»،«خوتۇن تەڭلىكى» قاتارلىق بىر قاتار ھېكايىلىرىمنى كومىدىيىگە ئوخشاتقۇچىلار كۆپ بولدى. «كونا كوچا»، «زەينەپ» قاتارلىق ھېكايلىرىم تىراگدىيىگە ئوخشىتىلدى. « كۆڭۈل تارتىقان ئەر» قاتارلىق ھېكايىلىرىم ئىتوت، كۈلدۈرگىلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلدى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا روماندىكى، يۇقارقى ئالاھىيلىك ھېكايىچىلىقتىكى خاسلىقىمنىڭ چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردىمۇ ئۆزئىپادىسىنى تېپىشى بولۇپ ھىساپلىنىشى مۇمكىن.


يۇقارقى جاۋابىڭىزدىن قارىغاندا ،رومان يىزىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھېكايە ،پوۋىسىت يىزىقچىلىغىدىن ئىبارەت چىنىقىش جەريانىنى بىسىپ ئۆتۇش كىرەك دەپ قارايدىغان ئوخشىمامسىز ؟ «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر » رومانىنى يىزىش جەريانىدا قايسى نوقتىلاردا قىيىنچىلىق ھىس قىلدىڭىز ؟ سىزنىڭچە رومان يىزىقچىلىغىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا قايسى ؟

ئالدىنقى سۇئالىڭىزغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۇنداق قاراش چىقمايدۇ، مەن ئىجادىيەتتە ئۆزۈم بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە ۋە ھېكايە، پوۋېسىت ئىجادىيىتىدە شەكىللەنگەن خاسلىقىمنىڭ رومانىمدىمۇ گەۋدىلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدىم.
رومان يىزىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھېكايە ، پوۋىسىت يېزىقچىلىغىدىن ئىبارەت چىنىقىش جەريانىنى بىسىپ ئۆتۇش كېرەكمۇ؟ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك: ئەدەبى ئىجادىيەت تەبىئى تالانت بىلەن تەكرار ئىجادىيەت مەشىقىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تاكاموللىشىدۇ، يۇقىرى پەلىگە چىقىدۇ. مەنچە بولغاندا، ھەرقانداق ئىشتا كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا قاراپ تەرەققى قىلىش، ئىلگىرلەش كېرەك. قاراپ بېقىڭ، كىچىك بالىنىڭ تىلى گەپ-سۆزلەرنى دوراش، ھەجىلەشتىن باشلاپ ئاستا- ئاستا تەرەققى قىلىدۇ. يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن بالىنىڭ خەت ساۋادى «ئا، ب ، س، د...»دىن باشلاپ ھەرىپلەرنى قوشۇپ ھەجىلەشكە، جۈملىلەرنى باغلاشتۇرۇپ
  ئوقۇشقا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا كىچىكىدىن بازاردا سودا-سېتىق قىلىپ، ئىگىلىكىنى زورايىتقان پۇلدارلار بىلەن تۇيۇقسىز سودىغا قىزىقىپ قېلىپ 100 مىڭ يۈەنلەپ پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا كىرگەن ئادەمنىڭ سودا ئېڭىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئالدىنقىسنىڭ سودا-تىجارەت بىلىمى مول بولۇپ، داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىن، تەرەققى قىلىشىدىن ئىشەنچ چوڭ. كىينكىسى بولسا بازاردىن، سودا قانۇنىيەتلىرىدىن، سودىدا دۇچ كېلىدىغان ئويلىمىغان زىيانلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا، ۋەيران بولۇش، چېكىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ. ئەدەبى ئىجادىيەت جەريانى ۋە ئىجادىيەتتە مۇۋەپىقيەت قازىنىش-قازىنالماسلىق شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇ ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنىگە نەزەر سالىدىغان بولساق: زوردۇن سابىر ، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەرلەرگە
  ئوخشاش ھېكايە ئىجادىيىتىدىن تەدىرجى ھالدا رومان ئىجادىيىتىگە ھالقىغان ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزمۇ، شىئېر، پوبلىستىك ماقالىلەرنى يېزىۋىتىپ، تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپ كىيىن ئېسىل رومانلارنى يازغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ئوخشاش ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزمۇ بار. ئىجادىيەتنى روماندىن باشلاپ،تۇنجى رومانىنى ئېلان قىلىپ قويۇپ جىمىپ قالغان ئىجاتكارلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ئالدى بىلەن رومان يېزىپ ئېلان قىلدۇرالماي، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشنى پىروزىنىڭ ئۇششاق تۈرلىرىدىن باشلاپ قايتا مۇۋەپىقيەت يولىغا كىرگەن يازغۇچىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پىروزىنىڭ ئۇششاق تۈرلىرى يەنى ھېكايە، پوۋېستچىلىقتىن رومانغا قاراپ تەرەققى قىلغانلارنىڭ مۇۋەپىقىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى دەپ قارايمەن.
ئەمدى «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىققا كەلسەم: ئىجادىيەت جەريانىدا ئىجتىمائى بىلىم جۇغلانمام جۈملىدىن تەبىئى جۇغراپىيە ۋە ئېكولىگىيلىك مۇھىت ھەققىدىكى بىلىمىمنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم روماننى يېزىۋېتىپ 6- باپقا كەلگەندە، بېيجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتورا سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان دېھقان بالىلىرى يۈسۈپ بىلەن ھاۋانىڭ تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە ئېلىپ بارىدىغان ئېكولوگىيلىك مۇھىت تەكشۈرۈشى ۋە جۇغراپىيلىك تەھلىل ھەققىدىكى سۆھبەت-چۈشەنچىلەرنى يېزىۋېتىپ زور قىينىچلىققا دۇچ كەلدىم. ھەم روماننى يېزىشنى توختىتىپ قويۇپ ئۆزۈم دۇچ كەلگەن نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا تەبىئىي جۇغراپىيە ئۆگەندىم، خاتىرە قالدۇردۇم. قانائەت ھاسىل قىلمىغان تەرەپلەرنى جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سورىدىم ، پىكىر- مۇنازىرلەردە بولدۇم. ئاخىرىدا مۇئەييەن چۈشەنچە ھەم قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كىيىن يەنە يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا، رومان يېزىقچىقچىلىقىدىكى مۇھىم ھالقا: مۇئەييەن يېزىقچىلىق ماھارىتىدىن باشقا، ئالدى بىلەن تېما تاللاش. تۇرمۇش قاتلاملىرى ئىچىدىن ئەھمىيەتلىك تىپلارنى بايقاش، خەلقنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاش، خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاش، خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈش مۇھىم ! بۇ يەردە بىر مىسال كەلتۈرەي: مەن «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» رومانىنى نەشىرگە تۈپشۇرغاندىن كىيىن، يەنە بىر رومانغا پىلان تۈزۈپ شەھەر بايلىرىنىڭ تۇرمۇشى جۈملىدىن پۇل بىلەن ئىجتىمائى ئەخلاق، بايلىق بىلەن بەخىت ھەققىدە پىكىر قىلىشنى باشلىغان ئىدىم (ئەپسۇس، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپلا سۆھبەت قىزىپ كېتىپ، ھېچقانچە يېزىپ بولالمىدىم). يېقىندىن بۇيان ئاڭلىسام، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تىزىملاتقان «بايۋەچچە»لەر ئاشۇ نەچچە يۈز يۈەن پۇلغا ئىشتىھا ساقلاپ ئىش- ئوقەتلىرىنى تاشلاپ بىكارچىلار قاتارىغا قېتىلغانمىش. ئىشىكى ئالدىدىكى ئاشخانىلاردىن نېسىگە تاماق يەپ، پۇلىنى ئايلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كەلگەندە تۆلەيدىغانغا ۋەدە بەرگەنمىش. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ كۆرسەم، ئەھۋال راسىت شۇنداق. ھەتتا ئىلگىرى ۋاي كىم دېسە، سودا-تىجارەتتە ئاتالغان پالانى ھاجىم، پۇستانىخان غوجام... دىگەنلەرمۇ شۇ كوچىغا كىرىۋاپتۇ! ئىچىم ناھايىتى ئاچچىققا تولدى. مانا ئەمدى مۇشۇ ھەقتىكى تىپىك ئىش-ۋەقەلەردىن بىرەر-ئىككىنى تاللاپ رومانغا قىستۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن(ئەسلىدە بۇ قېتىم ماددى مەئىشەت قوينىدا ئېغىنىۋاتقانلارنىلا يازارمەن دىگەن). دىمەك رومان يېزىقچىلىقىدا ئىمكان قەدەر تار رامكىغا كىرىۋالماسلىق، تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائى ھادىسلەردىن كۆپرەك پىكىر قىلىش، ئوقۇرمەنلەرنى، خەلقنى ياخشى تەرەپكە يېتەكلەش كېرەك.


:«تۆتىنچى ئىراغا سەپەر » رومانىدا تەبئى مۇھىت تەسۋىرىگە قارىغاندا توي-تۇكۇن ، ھاشار ، يامغۇر تىلەش ...قاتارلىق ئىجتىمائى مۇھىت تەسۋىرى كۆپرەك بىرىلىپتۇ . پىرسۇناژ لارنى تەسۋىرلىگەندە تىل تەسۋىرى بىلەن پىسىخىك تەسۋىر  ناھايتى جايىدا ۋە مول بىرىلگەن بولسىمۇ ، روماننى قايتا -قايتا ئوقۇپمۇ تولۇقراق بىرىلگەن پورتىرىت تەسۋىرىدىن بىرەرنىمۇ ئۇچىرتالمىدىم .بۇ ئەھۋالنى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇلغان بەدىئى بوشلۇق دەپ چۇشەنسەك بولامدۇ ؟ئەسەرلىرىڭىزدە تەبىئى مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پورتىرىت تەسۋىرىنىڭ كەمرەك قوللۇنىلىشى ئەدەبى ئىجادىيىتىڭىزدە بىر خىل خاسلىق بولۇپ شەكىللىنىۋاتامدۇ قانداق ؟

تەبىئى مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پورتىرىت تەسۋىرى پىروزىنىڭ جېنى. يازغۇچى ئادەتتە (مەيلى رومان بولسۇن ياكى ھېكايە، پوۋېسىت بولسۇن) مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز ئەسىرىدىكى تەبىئى ياكى ئىجتىمائى مۇھىت ئىچىگە باشلاپ كىرسە؛ پورتىرىت تەسۋىرى ئارقىلىق ئەسەردىكى پېسۇناژلارنى، بولۇپمۇ ئاساسلىق پېرسۇناژنى ئوقۇرمەننىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ. لېكىن پىروزىدا مۇھىت تەسۋىرىنى قانداق تەسۋىرلەش، پېرسۇناژنىڭ پورتىرىتىنى قانداق يارىتىش يازغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. چۈنكى پىروزا ئىپادىلەش ئۇسۇلى نۇقتىسىدىن تولىمۇ ئەركىن ژانىر، ئۇ ئەنە شۇ ئەركىنلىكى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى(سەھنە ۋە ئېكراندىكى ئەسەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا) غا قارىغاندا ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ كۈچلۈك جەلپ قىلىپ كەلدى. بەزى يازغۇچىلار ئەسەرنى باشلىغان ھامان تەبىئى مۇھىت تەسۋىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا پېرسۇناژلارنىڭ ئىگىز- پاكارلىقى، ئورۇق-سېمىزلىكى، قانداق كىيىم كەيگەنلىكى ھەققىدىكى پورتىرىت تەسۋىرىنى ئاپتۇر تىلىدىن بايان قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەنچە، تەبىئى مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پورتىرىت تەسۋىرى توغۇرسىدا بۇنداق مەخسۇس توختالغاندا، بۇ خىل تەسۋىرنى ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا بىرلا قېتىم بايان قىلىپ بولغانلىقتىن، ئەسەرنىڭ داۋامىدا قايتا تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز دەپ قارىلىپ، شۇ خىل مۇھىت ۋە پېرسۇناژلار پورتىرتى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆزئالدىدىن تەدىرجى يىراقلاپ كېتىشى مۈمكىن . ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم : مەن ئىجادىيەتتە مۇھىت تەسۋىرى، پېرسۇناژلارنىڭ قىياپەت تەسۋىرى، خاراكتىرى توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ كەتمەيمەن. پېرسۇناژنى- پېرسۇناژنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۈزىتىپ ، قەيەردە ئوبراز سۈرەتلەشكە توغرى كەلسە شۇ يەرگە قىستۇرۇپ ئۆتىمەن. پېرسۇناژ قايسى مۇھىتتا تۇرغان بولسا ، شۇ مۇھىتتىن ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش دىتاللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوبرازلارنى جانلاندۇرىمەن. ھەتتا بەزى تەسۋىرلەرنى پېرسۇناژلارنىڭ دىئاۋلوگلىرىغىچە قىستۇرىمەن. بۇنىڭدا ئەسەردىكى مۇھىت تەسۋىرى، پېرسۇناژلارنىڭ قىياپەت تەسۋىرى، ئوبراز تەسۋىرى قاتارلىقىلارنى باشتىن - ئاخىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلماي، پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئى يۇسۇندا ئەسەردىكى مۇھىت ئىچىگە، پېرسۇناژلارنىڭ تۇرمۇشىغا باشلاپ كىرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسەردە ئاساسى تېما قىلىنغان خەلقىنىڭ ئېتنىك تۇرمۇش ھالىتىنى قىزىقارلىق، جەلىپكارلىق بىلەن سۈرەتلەپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ  مىسالى ئۈچۈن روماننىڭ پەقەت بىرىنچى بېتىدىن 20-بېتىگىچە بولغان ئارلىقتا بېرىلگەن مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پورتىرىت تەسۋىرىگە  قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:
«... –ئاراۋات بىلەن قۇمئاۋاتنىڭ ئارلىقىدىكى تار، قۇمساڭغۇ يولغا قانداقمۇ پېتشقاندۇ، شۇنچە ئادەم؟ » («تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 2-بەت، ئىككىنچى ئابزاس ) .
«چۆلدەرەپ قالغان ھويلا جىم-جىتلا بولۇپ قالدى. ھويلىنىڭ ئالدىدىكى قۇمساڭغۇ يول، يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئازغىنە سۇ بىلەن تېگى كۆرۈنۈپ قالغان ئۆستەڭ، يول ياقىسىغا جايلاشقان ئۆيلەر كەچكى شەپەق جىلۋىسىدە سۇس نۇرلىنىپ تۇراتتى». («تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 6-بەت، بىرىنچى ئابزاس ) .
«يىگىت كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا كەينىگە قاراپ قويدى. ئاق سېرىق ئۆڭى بىر قىزىرىپ-بىر تاتاردى. يېڭىياچە قىرقىپ قارلىغاچ قانىتى شەكلىدە ياسىتىۋالغان بۇرۇتى بوش قىمىرلاپ ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر دىگەندەك قىلدى... («تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 16-،17-بەت ).
  
«... دىدى، شەرۋانەم ئىسىملىك يەڭگە قېنىق ئوسمىسى تېگىدىكى غورا كۆزلىرىنى ئالاق-جالاق قىلىپ...».
  («تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 20-بەت، ئىككىنچى ئابزاس ) .
يۇقارقى تەسۋىرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىز روماندا تولۇقراق بېرىلگەن مۇھىت تەسۋىرى
  ۋە پورتىرىت تەسۋىرىدىن بىرەرنىمۇ ئۇچىرتالمايسىزكى لېكىن باشتىن ئاخىرى يەنىلا پېرسۇناژلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۈزىتىلگەن، تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن ھەتتا ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇشلار ئارقىلىق شەرھىلەنگەن قىسقا-قىسقا مۇھىت تەسۋىرى، پورتىرىت تەسۋىرى ئارىسىدا تۇرغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ھەتتا سىز روماننىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىر ئابزاسنى ئوقۇۋاتقاندىمۇ، مۇھىت تەسۋىرى ۋە پورتىرىت تەسۋىرىگە سىڭىپ كېتىسىز. قاراڭ:« زۇمچەك-زۇمچەك قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن قۇياش كۆتۈرلۈپ چىقتى. يىراقلارغا سوزۇلۇپ ياتقان قۇملۇق ئالتۇن رەڭگىگە كىردى. مۇلايىم كۆزلىرى قۇم قۇيۇلغاندەك قىزىرىپ قالغان ئاتا، قۇچىقىدىكى نەۋىرسىدىن نەزىرىنى ئۈزۈپ، كۆزئالدىدىكى قۇياشقا قارىدى. قۇياش قۇم دۆڭلىرىدە قىزغۇچ مىس لىگەندەك تىكلىنىپ، زېمىنغا قاراپ كۈلۈۋاتقاندەك بىردەم قىزىرىپ تۇردى-دە، كۆككە ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى».(«تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» 619-بەت، ئاخىرقى ئابزاس ) . سىز بۇ ئابزاستىن روماندا ئاساسى تېما قىلىنغان تەبىئى مۇھىيت ۋە روامانكدىكى ئەڭ ئاساسلىق پېرسۇناژ ھەسەن خالۋاپنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۈمىت ئارلىقىدا قىزىرىپ قالغان مۇلايىم كۆزلىرىگە قىيالمىغان ھالدا ئاشۇ سۆيۈملۈك كىشىلەر بىلەن، رومان بىلەن خوشلىشىسز، ئويغا چۆكىسىز.
ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل ئۇسسۇل مېنىڭ ھېكايە، پوۋېسىتلىرىمدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى مېنىڭ خاسلىقىم دەپ ئېيتالايمەن.


پىروزا ئىجادىيتى تولىمۇ جاپالىق جەريان .بۇنىڭغا تولۇپ تاشقان زىھنى كۇچتىن باشقا يەنە ۋاقىت كىتىدۇ .  سىز شۇنچە ئالدىراش پۇل-مۇئامىلە مۇھىتىدا خىزمەت قىلىپ  تۇرۇپ قانداق ۋاقىتتا ئىجادىيەت ئىلىپ بارىسىز ؟ نىمىشقا ئىجادىيەت قىلىسىز ؟ سىزنىڭچە ھەقىقى بىر يازغۇچى بولۇش ئۇچۇن قانداق ئادىمىيلىك تۇيغۇغا ئىگە بولۇش كىرەك ؟

تۇنجى رومانىم «تۆتىنچى ئېراغا سەپەر» كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن، مېنىڭ ئىجادىيەت ۋاقتىم، قانداق چاغدا يازىدىغانلىقىم توغۇرسىدا يۈزتۇرانە سۇئال سورىغۇچىلار كۆپ بولغان ئىدى، ئەمدى سىزمۇ بۇ ھەقتە سوراپ قالدىڭىز. مەن ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندە، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ھەر بىر كۈنۈمدىكى ئەڭ ھارغان،چارچىغان، ئويلاشقا، تەپەككۈر قىلىشقا رايىم قالمىغان ھالغا چۈشكەندە ئىجادىيەت قىلىمەن(كۈندۈزى خىزمەت ۋاقتىدا پۇرسەت يوق)، بىر–ئىككى بەتلا يازالايمەن. بەزىدە ھېچنىمە يازالمايىدىغان شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا زورۇقمايمەن(زۇرۇقۇپ يازغان يازمىدىن ئەلگە ياققىدەك ئەسەر  چىقمايدۇ). كىينكى كۈندىكى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن كەچ سائەت ئوندىن بۇرۇن چوقۇم ئىجات-مېھنەتنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ئارام ئالىمەن.
نىمىشقا ئىجادىيەت قىلىش مەسىلىسىنى مەنمۇ پات-پات ئۆز- ئۆزۈمدىن سوراپ تۇراتتىم. بۇ سۇئال ياخشى بوپتۇ. مەن ئۆزۈمگە ھەم دوسىتلارغا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ مۇنۇ شىئېرى ئارقىلىق جاۋاپ بېرەي:

كۆز ئاچسام دۇنياغا مەن بولۇپ ئادەم ،
ياشايسەن نىچۇن، دەپ سورىدى ۋىجدان .
چوڭ بولدۇم ياشىدىم خېلى ياشقىچە ،
ھاياتنىڭ يولىدا داۋان ئاشقىچە ،
تاپمىدىم جاۋاپنى بولغاچ بەك نادان .

قەلبىمدە ئۆكۈنۈش مىڭ بىر پۇشايمان ،
ۋىجدانىم سوراقتىن توختىمايدۇ ھېچ .
نىمە دەي ئىجاتتىن بولمىسا تۆھپەم ،
قىزاردى يۇزلىرىم ، يوقالدى كۇلكەم ،
يۇرىكىم جاۋاپسىز تۇراتتى تېپ تېنىچ .

دىدىكى ۋىجدانىم : كۆز ئېچىپ قارا ،
كارۋانغا ئەگىشىپ سالغىن جەڭگە ئات .
غەپلەتتىن ئويغىنىپ قەددىمنى رۇسلاپ ،
ئىنتىلدىم كۆرەشكە مەنزىلنى بويلاپ ،
سەزدىم مەن ئۆزۇمنى شۇ چاغدا پەرھات .

ياشايسەن نىچۇن دەپ سورىسا ۋىجدان ،
ئەل ۋەتەن ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىمەن .
بۇ ياشاش يولۇمدۇر ياشايمەن ھامان ،
ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بارلىقىم قۇربان .

دىمەك مەن كۆزئالدىمدىكى كۈرمىڭلىغان نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزۈمگە يۈز كېلىش ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلىمەن.
مەنچە ھەقىقى بىر يازغۇچى بولۇش ئۇچۇن توغرا بولغان كىشىلىك قاراش، خەلققە بولغان ئوتتەك مېھرى-مۇھەببەت بولغاندىن سىرىت ھاياتقا، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان غايە، ئىشەنچ بولۇش كىرەك.





يىزىقچىلىققا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىز  بويىچە ئىيتقاندا ، «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر » دىن ئىبارەت تۇنجى رومانىڭىز  نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن  قانداق تۇيغۇدا بولدىڭىز ؟ بۇنىڭدىن كىيىن تاتلىق-تاتلىق ھىكايىلىرىڭز ئازلاپ ، يىرىك ئەسەرلىرىڭىز كۆپۇيۇشكە قاراپ يۇزلىنەمدۇ قانداق ؟

سىزگە ھەم دوسىتلارغا ئايان، ئەدەبى ئىجادىيەت جەريانى تولىمۇ جاپالىق بىر جەريان. ئادەتتىكى كۆز بىلەن قارىغاندا، ئىجادىيەت يازغۇچىنىڭ دىقەت مەركىزىگە ئايلانغان قىزىقارلىق ئىشلارنى، ئاشۇ قىزىقارلىق ئىشلار ئىچىگە يوشۇرۇنغان دەرىت-ئەلىمىنى ئۆز يېقىنلىرىغا سۆزلەپ بەرگىنىگە ئوخشايدۇ. مەن بولسام ئىجادىيەت جەريانىنى كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقاننىڭ ئەمگىكىگە ئوخشتىمەن. سىز بىلىسىز، دوسىتلار بىلىدۇ، دېھقان باھاردىن زېمىستانغىچە ئېتىز-دالىلاردا تىنىمسىز قان-تەر تۆكىدۇ، مېھنەت قىلىدۇ، ياغۇچى گەرچە ئېتىزلىقتا يۈرۈپ ئىجادىيەت قىلمىسىمۇ يېزىقچىلىق جەريانى، يازغۇچىنىڭ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىۋاتقان، يېزىۋاتقان ھالىتى، جاپاسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. سىز ئۆز ئەمگىكىڭىزنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۆزئالدىڭىزدىكى رەڭگا-رەڭ دۇنيانىڭ ئويۇن-تاماشا، بەزمە-باراۋەتلىرىدىن كېچىپ دېھقاندەك ئەجىر قىلىشىڭىز كېرەك...
رومانىم نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن پىژغىرىم ئاپتاپتا ئاخىرى خامىنىنى يىغىپ ئېلىۋالغان دېھقاندەك ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى(روماننىڭ تەھرىرلىكى، باسما سۈپىتىدىن ناھايىتى رازى بولدۇم). روھى جەھەتتىكى خوشاللىقىم ئېھتىمال دېھقاننىڭ خوشاللىقىدىن زىيادە بولغاندۇ، مۇشۇ كۈنلەردە گويا ھەممىدىن بەك مەن خوشال، مۇشۇ كۈنلەردە گويا ھەممىدىن بەك مەن ئۈمىتۋار، مۇشۇ كۈنلەردە گويا ھەممىدىن بەك مەن غايىلىك... يەكەندىكى دوسىتلىرىمىز، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يۈز تۇرانە باھاسى(بىلىشىمچە، بۇ روماننىڭ يەكەن شىنخۇا كىتاپخانىسىدىكى
  سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولغان)، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى دوسىتلارنىڭ تېلىفۇن، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى، ئېلخەت ئارقىلىق ئېيتىلغان تەبرىك، باھالىرى (ئېھتىمال ئاتۇش، تۇرپان، قۇمۇل، بورتالا تەرەپتىكى دوسىتلارمۇ يانفۇن نومۇرۇمنى ئىزدەپ يۈرگەندۇ‹مېنىڭ تەمەخورلۇقۇمغا ھەممەيلەن بىر كۈلەيلى›) ماڭا ئىجادىيەتنىڭ، ئادىمىلىكنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ھىس قىلدۇردى.
ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت يۆلىنىشىگە كەلسەك، تۇنجى رومانىمنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى ۋە دەسلەپكى باھالار مېنىڭ يىرىك ئەسەر ئىجادىيىتىم ئۈچۈن زەپەر دەرۋازىسىنىڭ داغدام ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ① چەكلىك ۋاقتىم، چەكلىك ئۆمرۈمدىن پائايدىلنىپ چوڭراق، كۆپرەك ئىش قىلىۋېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ②مېنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۈرۈم كۆلەملىك، كەڭ دائىرلىك تەپەككۈر ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ③ مەن بۇندىن كىيىن تۇتماقچى بولغان تېمىلارنى مۇئەييەن ھەجىمگە، كۆلەمگە
  ئىگە بولغان يىرىك ئەسەرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرەلشىم مۈمكىن.④ بۇنىڭدىن كىيىن نىمىنى يېزىش، قانداق يېزىش ھەققىدە نىشانىم ئېنىق.  شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقان ئىگەم تىلىكىمنى ئىجابەت قىلسا، سالامەتلىكىم يار بەرسە يىرىك ئەسەر ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن.  
(كاماندىرۇپكىغا چىقىش سەۋەپلىك سۇئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دوسىتلاردىن ئەپۇ سورايمەن)








بەرقى مۇنبىرىدىن ئىلىندى

سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 866
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 10:23:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئابدۇكېرىمكا، يېڭى رومانىڭىز بىلەن سىزنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن. تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخت، خىزمىتىڭىزگە نەتىجە، ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1103
تۆھپە : 4
توردا: 398
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 10:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ يېڭى رومانىغا مۇبارەك بولسۇن! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى يەنىمۇ يۈكسەلگەي!

ئۆز ئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم،
سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ.
بىراق ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم،
ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 0
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك  بولسۇن  ئاداش ، سۆيۈملۈك ‹‹ گۇناھ ›› غا ...  تورداشلار دېگەندەك  ئابدىكېرىم قادىر ئۆزىگە خاس يول بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە كىرىۋاتقان يازغۇچىمىز ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1164
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 593
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  222
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 246
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئۆزىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان سۆيۈملۈك دوستۇم، ئىقتىدارلىق قەلەم ئىگىسى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ يېڭى رومانىغا مۇبارەك بولسۇن. يەكەن دىيارىدىكى ئۈچ چولپاننىڭ بىرى بولغان ئابدۇكېرىمنىڭ 2- رومانىنىڭ كۆپنى كۆرگەن ئوقۇرمانلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغايدىغانلىقىغا، يۈرەكلەرنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئابدۇكېرىمنىڭ مۇندىن كېيىنكى قەلىمىگە قۇۋۋەت، ئىجادىيەتلىرىگە بەركەت، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن. رومان بىز تەرەپلەرگە تېزرەك كەلسە، تېزرەك كۆرسەك، تېزرەك زوقلانساق دېگەن ئۇمۇدتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.سېيىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-27 12:31  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3101
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 14:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئادەمنڭ ئەسەرلىرى ئاجايپ تىتىملىق جۇمۇ. «شەنبە بازارنىڭ ئوتى» ئاجايىپ ئوت ئىدى -دە... بارىكاللا ، «گۇناھ»ڭىزمۇ ئېسىل بولغاي...

Arghu ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3691
تۆھپە : 0
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 16:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم قادىرغا مۇبارەك بولغاي، قەلىمىگە بەرىكەت ۋە سىجىللىق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش