قارقاش يازغۇچىلىرى 27-كۈنى چۈشتىن ئاۋال،لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى(2013-يىل.شىنجاڭ)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم «ئىجادىيەت مەركىزى»مىزگە بېرىپ ئۇلار بىلەن ئىجادىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى. 28-كۈنى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال قارقاش يازغۇچىلىرىگە دەرس سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.30-كۈنى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنى قارقاشلىق يازغۇچىلارغا ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.