قارقاش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى باشلاندى
6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن ئاۋال شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن قارقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «قارقاش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە رەسمىي باشلاندى. سىمىنارىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قارقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئايمۇھەممەت ساھىبى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئالاھىدە «ئىجادىيەت مەركىزى»مىزگە كېلىپ يازغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلار بىلەن ئەدەبىيات، ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.
بۇ قېتىمقى سىمىنارىيەگە قارقاش ناھىيەسىدىن پىشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچىلاردىن بولۇپ 18 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.