يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 25

سۇئاد ساباھ شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۇئاد ساباھ شېئىرلىرىدىن


جاسارەت تاش تەرجىمىسى


تەرجىمە قىلغۇچىدىن: سۇئاد مۇبارەك ساباھ كۇۋەيتنىڭ ئاتاقلىق ئايال شائىرى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. ئۇ 1942 ـ يىلى مالايسىيانىڭ ساباھ دېگەن يېرىدە ئولتۇرىدىغان بىر كۇۋەيتلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كۇۋەيت پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئەزاسى مۇبارەك ساباھ بىلەن توي قىلغان، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە مىسىر قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيە سۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى، تەرەققىياتشۇناسلىق بويىچە سۈرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
سۇئاد ئىجادىيىتىنى ئەنئەنىۋى شېئىر يېزىشتىن باشلاپ، كېيىنچە ئەركىن شېئىرلارنى يېزىشقا ئۆتكەن. ئۇ، شېئىرلىرىدا ئاياللارنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبىتى، مۇھەببەت، دوستلۇققا بولغان چۈشەنچىسى ھەمدە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدىكى تەڭسىزلىككە بولغان غەزەب ـ نەپرىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغداش، تىز پۈكمەس، قەيسەر، روھلۇق، سەمىمىي خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن. سۇئاد ھازىرغىچە «ئۈمىد»، «تەقدىم قىلاي مەن ساڭا، ئوغلۇم»، «بىر ئايالنىڭ پىچىرلاشلىرى»، «ئەتىرگۈل بىلەن مىلتىقنىڭ سۆھبىتى»، «ئايال ئىكەن ئەسلىدە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ئېلان قىلغان، ئۆز ئىسمىنى قوللىنىپ بىر نەشرىيات، ئىككى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلغان، ئەللىك خىلدىن ئارتۇق ئىلمىي كىتابنى نەشر قىلىشقا مەبلەغ چىقىرىپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئىلھام بەرگەن ۋە ئۇنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن.


ئاياللار ئىنكارى


1

دەيدۇ ئۇلار: ئەسەر يېزىش زور گۇناھ،

شۇڭا ئەسلا ئەسەر يېزىپ سالما سەن!

جىنايەت ھەم رىشتە باغلاش يېزىققا،

ئاڭا مەڭگۈ رىشتە باغلاپ قالما سەن!

زەھەرى بار شېئىر ئاتلىق سىياھنىڭ،

ئەيلە ھەزەر، زىنھار ئىچىپ ئالما سەن!


ئىچىپ بولدۇم تالاي قۇتا سىياھنى،

يۈرۈيمەنغۇ يەنە ساغلام ئەل ئارا.

يېزىپ توم- توم ئەسەر، گويا ياندۇردۇم

ھەر يۇلتۇزدا ئاجايىپ زور ئوت ـــ لاۋا.

رەنجىمىدى خۇدا مەندىن ئەزەلدىن،

بولمىدىغۇ پەيغەمبەرمۇ ھەم خاپا.

2

دەيدۇ ئۇلار: سۆزلەش ـــ ئەرنىڭ ھوقۇقى،

سەن بىر ئايال، زۇۋان سۈرمەك ساڭا يات!

ئىشقىۋازلىق ئەرلەرنىڭلا سەنئىتى،

سەن ئۈچۈن ئۇ قىيامەتلىك تىلسىمات!

ئىجادىيەت گويا چەكسىز بىر دېڭىز،

بولما ھالاك ئۇندا، ئەيلە ئېھتىيات!

ئەمما سۈردۈم مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى،

ياردىم يەنە سانسىز دولقۇن باغرىنى،

قىلدىم كۈرەش دېڭىز بىلەن بولماي مات.

3

دەيدۇ ئۇلار: شېئىر يېزىپ يەتكۈزدۈڭ

گۈزەل ئەخلاق- ئەقىدىگە كۆپ مالال.

ئەرلەر تۇرسا شائىرلارنىڭ ھەممىسى،

بىزدە شائىر ئاتىلامتى بىر ئايال؟


بارچە يالغان- سەپسەتىلەر ئالدىدا،

دىمىقىمدا مەسخىرىلىك كۈلەرمەن.

ئويلار ئۇلار: كەلسە يېتىپ پۇرسىتى،

ئاياللارنى تىرىك پېتى كۆمەرمەن.

ئۆز- ئۆزۈمگە دەيمەن زادى نېمىشقا

ئەرلەر ناخشا ئېيتسا مەيلى، مەن لېكىن

ئۈن چىقارماي ئازاب چېكىپ ئۆتەرمەن؟

4

بىلەلمىدىم، ئۇلار نېچۈن مۇشۇنداق

ئەخمەقلەرچە تام- پاسىلنى ياراتتى؟

ئەيلەپ جۇدا دالىلارنى ئورماندىن،

كۆكتە ئۈزگەن بۇلۇتلارنى يامغۇردىن،

ساغلىقلارنى قوشقارلاردىن ئاجراتتى؟


كىملەر ئېيتقان بۆلۈنگەن دەپ جىنىسقا

شېئىر- نەزمە، نەسىر، چۆچەك ھەم مەسەل؟

ئەركەك- چىشى دېيىلەمدۇ تەپەككۇر،

ھەم كىم دېگەن: بۇ پايانسىز تەبىئەت

ئوماق قۇشقا ئېيتقۇزمايدۇ كۈي- غەزەل؟

5

دەيدۇ ئۇلار: ئۆز قەبرەڭنىڭ تېشىنى

ئۆز قولۇڭدا كۇكۇم- تالقان ئەيلىدىڭ.

دەۋرىڭدىكى شەپەرەڭنى شىددەتتە

ئوققا تۇتتۇڭ ـــ ئاياغىڭدا چەيلىدىڭ.


بەرھەق! بەرھەق! شېئىرىمدا ــــ پالتامدا

چاپتىم ساختا يىلتىزلارنىڭ غولىنى،

ھالاكەتلەك كوھىقاپقا ئىتتەردىم

ئۇشبۇ مۇدھىش، جاھىل دەۋران ئۇلىنى.


ئەگەر ئۇلار سالسا ماڭا مالاللىق،

مەن ئويلارمەن ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادا

مەجرۇھلانغان ئەڭ چىرايلىق بۆكەن، دەپ.

كرېست ئارا باغلانسا بۇ ۋۇجۇدۇم،

ياغدۇرارمەن ئۇلارغا مىڭ تەشەككۈر،

مېنى ئىسا بىلەن ئوخشاش كۆرگەن، دەپ.

6

دەيدۇ ئۇلار: ئاجىز كېلەر ئاياللار،

ياخشى خوتۇن قىلار شۈكۈر- قانائەت.

ئەركىنلىك ــــ بار رەزىللىكنىڭ مەنبەسى،

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ــــ ئىتائەت.


دەيدۇ ئۇلار: تۇتسا قەلەم خوتۇن- خەق،

بېرىلمەيدۇ ئاڭا ئورۇن قاتاردىن.

شېئىر- قوشاق يېزىپ يۈرسە ھەمىشە،

ئۇسسۇلچىنىڭ نېمە پەرقى ئۇلاردىن؟


مەسخىرىلىك كۈلكەم بولسۇن جاۋابى

بارچە ئۆسەك سۆز، پىتنىنىڭ- بۆھتاننىڭ.

رام قىلالماس مېنى مەڭگۈ ئىدىيە،

لوگىكىسى بۇنداق مۇدھىش دەۋراننىڭ.

ئۆز ئەقىدەم ئۈچۈم ئېيتقان كۈي- ناخشام

تۇرار ياڭراپ قەرىدە كۆك- ئاسماننىڭ.


ئىشىنىمەن، توختار تەتۈر قۇيۇنلار،

شەپەرەڭگە يېتەر جەزمەن ماماتلىق.

ئىشىنىمەن، يوقىلىپ شۇ جاھىللار،

نېسىپ بولۇر ماڭا مەڭگۈ ھاياتلىق.


تىك قىيا



سەن مېنى سۆيگەندە سەۋدايى كەبى،

ئالدىمدا تىك قىيا بولىدۇ ئايان.

سەن سۆيگۈ بابىدا ئەۋلىيا ــ نەبى،

مەن بولۇپ ئۆتەرمەن ھەۋەسكار ھامان.


سۆزلەرنىڭ ئىچىگە تىكىپ قوي مېنى


1

قورقىمەن مۇھەببەت ــ سۆيگۈنىڭ ماڭا

ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن بەك؛

قورقىمەن چۈشلەرنىڭ بولۇپ ئوتقا يەم،

ھايالسىز پارتلاپ كېتىشىدىن بەك؛

قورقىمەن شېئىرنىڭ ئەيلىنىپ تامام،

ئىستەككە ئەجەلنىڭ يېتىشىدىن بەك.

2

قورقىمەن دەپ: ئەمدى يامغۇر ھەم بۇلۇت

بولارمۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك جۇدا،

قورقىمەن دەپ: ئەمدى ئورمانزاردىكى

دەلدەرەخ، چۆپلەرگە يېتەرمۇ قازا.

«سۆزلەرنىڭ ئىچىگە تىكىپ قوي مېنى»

دەپ ساڭا ئىلتىجا قىلارمەن شۇڭا.


چاقماق


تومۇزدا تونۇردەك قىزىدى جاھان...

مەندىكى ئاياللىق نازاكەت ــــ سېھىر

مەيدەڭدە قالغان بىر تەر تامچىسىغا

ئۇشتۇمتۇت سوقۇلۇپ قوزغاتتى مېھىر.


سەن كەلدىڭ شۇھامان دېڭىز بويىدىن،

يارالدى جاھاندا ھەيۋەتلىك چېقىن،

زېمىنگە شارقىراپ تۆكۈلۈپ يامغۇر،

دەريادا دولقۇنلاپ ئاقتى سەل ــ ئېقىن.


ئوقۇمىغىن كونا ئۇسۇلدا


سەن مېنى ئوقۇغىن، ئوقۇما لېكىن

ئەرەبچە يېزىقتەك ئوڭدىن سول تامان؛

لاتىنچە يېزىقنى ئوقۇغان كەبى

ئوقۇپمۇ سالمىغىن سولدىن ئوڭ سايان؛

ساقلان ھەم خەنزۇچە خەت ئوقۇغاندەك

ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئوقۇشتىن ھامان!


سەن مېنى ئوقۇغىن ئاددىي ئۇسۇلدا،

كۆڭلۈمنىڭ سىرىنى چۈشەنگىن بىراق،

زەر قۇياش ئوت ــ گىياھ، ياپراقلارنى ھەم

بۇلبۇللار گۈللەرنى ئوقۇغان سىياق.


دېموكراتىيە


سىياسىي كۆز قارىشىنى ئەر

ئەلگە بايان قىلسىمۇ ئەگەر،

قويۇلمىسا ئاڭا چەكلىمە،

ھېسابلانماس دېموكراتىيە؛

مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىپ ئايال

قارىشىنى ئېيتسا بىمالال،

ھېچكىم ئاڭا قىلمىسا ھۇجۇم،

ئىشقا ئاشار شۇ چاغدا چوقۇم

ئىنسانغا خاس دېموكراتىيە.



پۇراق


ئايروپورتقا چىقىپ سېنى ئۇزاتتىم،

غايىپ بولدۇڭ بىر دەمدىلا يېنىمدىن.

سېغىنىشتىن پەيدا بولغان ھىد - پۇراق

ھەممە يەرگە تاراپ كەتتى تېنىمدىن.


زالدا تۇرغان يولۇچىلار بۇرنىغا

بۆسۈپ كىردى بەك غەلىتە ھىد ـ پۇراق.

پەيدا قىلغان ئۇنى مېنىڭ قەلبىمدە

مۇھەببەتتىن لاۋۇلدىغان ئوت ـــ پىراق.


بولسۇن نە پايدىسى ئېغىزنىڭ ماڭا؟


ئىككىمىز ئولتۇرۇپ ئىچمىسەك قەھۋە،

بۇ قەھۋەخانىلار يارالغان نېچۈن؟

ئىككىمىز قىلمىساق سەيلە ــ تاماشا،

ئازادە كوچىلار ياسالغان نېچۈن؟


تىل مەۋجۇت بولامدۇ نامىڭنى ئەگەر

تىلىمغا ئالمىسام تەلپۈنۈپ ساڭا؟

چەكلەنسە مەن سېنى سۆيدۈم دېيىشىم،

بولسۇن نە پايدىسى ئېغىزنىڭ ماڭا؟


ئۇ ياراتتى پەيغەمبىرىنى


پەيغەمبەر ــ نەبىلەر يارىتىپ دىننى

ئىنسانلار روھىغا چاچقان زىيا ــ نۇر.

مۇھەببەت ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى

ياراتقان بىردىنبىر ئۆزگىچە دىندۇر.


دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا


مەن سەن بىلەن ئوينىسام ئۇسسۇل،

باشاق كەبى ئىرغاڭلار بېلىم،

ئايلىنار ھەم بۇ دۇنيادىكى

ئەڭ ئۇزۇن بىر دەرياغا چېچىم.


ئاخىرقى پورت


رازىمەن بولۇشقا ئەل ـ يۇرتۇڭ سېنىڭ،

سەنمۇ بول مەڭگۈلۈك ئاستانەم مېنىڭ؛

بولاي سەن تەلپۈنگەن كېمە مەن ساڭا،

سەنمۇ بول ئاخىرقى بېكەت ـــ پورت ماڭا؛

بولاي مەن جىلۋىدار بۇلۇت سەن ئۈچۈن،

بول يامغۇر تامچىسى سەنمۇ مەن ئۈچۈن.



سەپەردىن قايتقاندا...


سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلسەم ھەر قېتىم،

چامىداننى ئاچالماي جىم تۇرارمەن.

چۈنكى ئاساي دېسەم كىيىم ــ كېچەكنى،

چامىداندىن سەكرەپ چىقىپ بېلىقتەك،

مېنى كۆز ياش تانىسىغا ئاسارسەن.


苏阿德 • 萨巴赫诗选


女性的否决




:他们说

,写作是一大罪恶

!你不要写作

,拜倒在文字前也是罪过

!你别那样做

,诗的墨水有毒

!你千万别喝


可是我

,已经喝了很多

。桌子上的墨水并没有让我中毒

而且我

,已经写了很多

;我在每颗星球上都点燃大火

,真主从未对我生气

。先知也并未对我厌恶




:他们说

,言论是男人的特权

!你不要说

,调情是男人的艺术

你不能卿卿我我!

,写作是深不可测的大海

!你不要自我淹没


,可我已经爱恋过多次

,可我已经畅游过很多

。我与一切大海拼搏而未被掩没




:他们说

,我用我的诗摧毁了美德

,说诗人是男性的同义语

?怎么会有一个女诗人诞生在部落


,我嘲笑这一切胡说

嘲笑那些人

在星球大战的时代

。却想把妇女活活淹没

:我问自己

,为什么男人可以唱歌

?女人出声则成过错




为什么

,他们要建起这道荒唐的墙壁

?将田野与树木隔离

?将阴云与雨水隔离

?将雌羚羊与雄羚羊隔离

?谁说诗歌有性别

?思想有性别

又是谁说

?大自然不肯让美丽的鸟儿唱歌





:他们说

。我砸碎了自己墓穴的石板

!这不错

,说我杀死了自己时代的蝙蝠

!这不错

,我用诗铲除了虚伪的根

。我将铁皮时代打破

他们若将我损伤,

那么这世上最美的

仍是我这只受伤的羚。羊

,他们若把我钉在十字架上

,那倒要感谢他们

。待我同待基督一样




:他们说

,女性就是软弱

;最好的妇女总是知足满意

,自由是万恶之首

。最美的妇女是驯顺的奴婢

:他们说

,女人舞文弄墨是标新立异

。原野没有这种草的立足之地

,女人若是写诗

!岂不成了歌女


。我嘲笑一切有关我的胡言乱语

,我不会接受这种铁皮时代的思想

。铁皮时代的逻辑

。我要留在自己的高峰上歌唱

,我知道雷霆会过去

,风暴会过去

。蝙蝠会逝去

,我知道他们会消失

……而我将生生不息


悬崖陡峭


,每当你疯狂地吻我嘴唇

,我面前总出现悬崖陡峭

,你在爱情上是行家里手

。而我却总是业余爱好


将我种植在话语中



我很害怕

,这种爱会变成习惯

我很害怕

,梦会燃烧,瞬时会爆炸

我很害怕

。诗会结束,愿望会被扼杀





我很害怕

。不再有云

,不再有雨

,不再有林中的树丛

……因此,我希望你将我种植在话语中




……盛夏炎炎

我的女性撞上了

留在你胸口上的

,一小滴汗

,而你来自海边

,于是世界产生了电

……大雨倾盆不断


不要因陈袭旧地读


!读我

,别照阿拉伯文的读法

;从右向左读

,别照拉丁文的读法

;从左向右读

,也不要按照中文的读法

!从上向下读

,读我.要简单明了

,象读草叶的太阳

……象读玫瑰的小鸟


民主


民主不是

,男人说出他的政见

;而没有阻拦

民主是女人说出

,她对爱情的看法

!而没有一个人杀害她



气味


,我在机场为你送行

,你的身影消失在未知中

,我对你思念的气味就散发开来

乘客厅里的人们闻到

——一种奇怪的气味

……燃烧着的女人的气味


嘴有何用


如果我不能同你在一起

,喝咖啡

?那为什么要有咖啡馆

如果我不能同你在一起

,无目的地闲逛

?那为什么要有大街

如果我不能毫无顾忌地

,念叨你的名字

?那为什么要有语言

” ,如果我不能高声大喊“我爱你

?那我的嘴又有何用


它创造自己的先知


,一切宗教都是世纪相传给我们的

。除了爱情

因为它是创造自己先知的

。唯一的宗教


世界上最长的河流


,当我同你跳舞的时候

,我的腰变成了麦穗

我的头发变成了

……世界上最长的河流


最后的港湾


,我答应你:我是你的故土

;你要答应我:你是我的首都

,我答应你:我是你梦中的船

;你要答应我:我是你最后的港湾

,我答应你:我是你的云

……你要答应我:你是我的雨点


无奈的旅行


,从旅行中归来

,我不敢打开提箱

,因为每逢我想挂起衣裳

,你总象条鱼从箱中蹦出来

……把我挂在泪水的绳索上

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jasarattash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 05:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-26 10:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىنى ئاز -تولا ساۋادى بار بولغان كىشىلەرمۇ قىلالايدۇ ، لېكىن جانلىق روياپقا چىققان ئەسەرنى بەزى ھاللاردا ئۆلۈك ھالغا ئەكىلىپ قويىدۇ . بىراق جاسارەت تاش ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان ئادەتتىكى بىر ئەسەرمۇ خۇددى ئۆزى بىۋاسىتە يېزىپ تاماملىغان ئەسەردەك ئانا تىلىمىزنىڭ بالاغەت ۋە پاساھىتىنى نامايان قىلىپ ئادەمگە ناھايتى شىرىن بىر سەزگۈنى ، تاتلىق بىر تەمنى ئاتا قىلىدۇ .
تاماسىز ئەجرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن جاسارەت ئەپەندىم ، يەنىمۇ تىرشىپ تەرەپ - تەرەپتىن تەڭ تاراچلىنىپ خوراپ كېتىۋاتقان مەنىۋى تەشنالىقىمىزغا يەنىمۇ كۆپ مەلھەملەرنى تەقدىم ئېتىشىڭىزگە تەشنا بىز .

ۋاقتى: 2013-6-26 11:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-6-26 12:13:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئاد ساباھ خانىمنىڭ شېئىرلىرى بىلەن بىزنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت ..«ئاياللارنىڭ ئىنكارى» ناملىق شېئىرنى بەك ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2013-6-26 16:41:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا كونا مۇنبەرگە سىزنىڭ «تۆكۈلگەن شاراب»دېگەن تەرجىمە توپلىمىڭىزدىن« ئاياللار ئىنكارى»دېگەن شېئىرنى  تەرجىمان ۋە مەنبەسىنى  ئەسكەرتىپ سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا  يوللىغان ئىكەنمەن ،ئەپۇ قىلغايسىز.

ۋاقتى: 2013-6-26 17:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت تاشنىڭ بۇ تەرجىمە شېئىرلىرى ناھايىتى جانلىق چىقىپتۇ،شېئىر تەرجىمە دىگەننى  موشۇنداق پىشقان شائىرلار تەرجىمە قىلسا ئەسلىدىكىدىنمۇ پەيزە چىقىرىۋىتەمدىكىن دەيمەن.

1-شېئىرنىڭ 1-بۆلىكىدىكى‹‹ساما سەن،قالما سەن،ئالما سەن››دىگەن چۈشۈرگىلەرنى‹‹سالمىغىن،قالمىغىن،ئالمىغىن››دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
رەھمەت سىزگە!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-28 03:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-قەۋەت ئەدىھەم:
1-شېئىرنىڭ 1-بۆلىكىدىكى‹‹سالما سەن،قالما سەن،ئالما سەن››دىگەن چۈشۈرگىلەرنى‹‹سالمىغىن،قالمىغىن،ئالمىغىن››دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
جاۋاب:

مەن 1- شېئرنى 1997-يىلى تەرجىمە قىلغان. شۇ چاغدا، 1-شېئىرنىڭ 1-كۇپلېتىنىڭ قاپىيەسىنى ‹‹سالمىغىن، قالمىغىن، ئالمىغىن››دەپ ئالغان. لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام «غىن»، «قىن»، «گىن» دېگەن قوشۇمچىلار يېقىنلىقنى، مېھرىبانلىقنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىلار ئىكەن. بۇ شېئىردا شائىرەنىڭ ئىپادىلەۋاتقىنى ئۇنداق يېقىنلىق، مېھرىبانلىق ئەمەس، بەلكى غەزەب-نەپرەت، ئۆچمەنلىك ئىكەن، شۇڭا بۇلارنى «سالما سەن»، «قالما سەن»، «ئالما سەن» دەپ ئۆزگەرتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jasarattash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 03:57  


ۋاقتى: 2013-8-26 13:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزنىڭ تىگىشلىك نىسىۋېسىنى ئاللاھىم دىن تىلەيمەن!
ئەقىقەتەن  ئېسىل شېئىرلار ئىكەن،رۇخسەتسىز ساقلىۋادىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 01:57  


ۋاقتى: 2013-8-26 19:21:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاسارەت تاش، مۇنبەردە تەرجىمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. ئون يىللار ئىلگىرى سىز تەرجىمە قىلغان «شىكىسپىر سونىتلىرى»نى سېتىۋېلىپ تىل- تەرجىمە تالانتىڭىزغا قايىل بولغانىدىم، كېيىن سىز تەرجىمە قىلغان  ئەسەرلەر، فىلىملەر ۋە فىلىم ناخشىلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدم... سىزگە كۆپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-8-26 20:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا؟ مەرھۇم ھۆسىيىن تاشنى ئەسلەپ قالامدىكەنسىز- يا؟

ۋاقتى: 2013-8-26 20:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەرھۇم ھۈسەيىن تاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالالمايمىز. لېكىن جاسارەت تاش ئەپەندى ئاشۇ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە ئىشلىگەن چاغلار بۇ گېزىتنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ جۇش ئۇرۇپ، چاپچىپ تۇرغان ۋاقىتلىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە جاسارەت تاش ئەپەندىدەك ئەدەبىيات پىداكارلىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2013-8-26 20:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئاد ساباھنىڭ ھازىرغىچە 14 پارچە شىئېرلار توپلىمى نەشردىن چىققان. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ خەنزۇچە نەشر قىلىنغان "ئۈمىد'' ناملىق شىئېرلار توپلىمى:

9112WFrth0_b.jpg

مانا بۇ :سۇئاد ساباھ
nu2005053045.jpg

ۋاقتى: 2013-8-26 22:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى شېئىرلارنى تەرجىمە قىلغان ۋە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن جاسارەت ئەپەندىمگە تەشەككۈر. ھەممىسىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2013-8-27 02:04:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-26 19:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاسارەت تاش، مۇنبەردە تەرجىمىڭىزن ...

گەپ قىلماي ئۆتۈپ كېتەي دىسەم  بۇ ئىنكاس نەچچە رەت ئوقۇشۇمغا تۈرۈتكە بولدى..
سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم بار جانابى(تۆرىبەگ قىزى)  جاسارەت تاش ئەپەندى ،سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز ياكى ،تەڭ تۇشىڭىزمۇ..؟
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن...

ۋاقتى: 2013-8-27 18:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا، مەن جاسارەت تاش ئەپەندىنى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ، ھۆسەيىن تاش ئىلگىرى«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئىشلىگەن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار  فامىلىداش بولۇپلا قالماي چىرايىمۇ بىر ئاز ئوخشايدىكەن، قېرىنداشمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان بولسام كېرەك...
سىززە ئادەم ئۆلتۈردىغان بۇنداق د د ۋ دەك گەپلەرنى نەدىن تاپىدىغانسىز؟ ئەمدى تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم. ئەمدى يەنە توغرا ئوقۇپ ،خاتا چۈشىنىپ يۈرمەڭ- ھە؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش