يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: Jasarattash

سۇئاد ساباھ شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-8-27 18:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ قىلغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ مۇنەۋۋەر(ئىسمىڭىزنى بىۋاسىتە چاقىرسام بولامدۇ؟)
جاسارەت تاش تەڭتۇشۇم ئەمەس، قەلەمدىشىم. مەن جاسارەت تاش بىلەن تونۇشمايمەن، شۇڭا ئاكا دەۋالغۇم كەلمىدى. قەلەمدىشىم دەپ ئويلاپ شۇڭا دادىسى ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنىڭ كەينىگە يەنە قوشۇمچە ئىبارىنى يۈكلەپ يۈرمىگەن ئىدىم، ئەمما ئۇستاز جاسارەت تاش بىلەن بىر كۈنلەردە يۈز كۆرۈشۈپ قالسام،- ھە جاسارەت ئاكا تىچلىقمۇ؟ دىيىشىم، بىۋاسىتە چاقىرغاندا ئاكا دەپ چاقىرشىم مۇمكىن.
سىزچىچۇ مۇنەۋۋەر ؟ بۇ تالاش- تارتىش قىلىشقۇدەك ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.

ۋاقتى: 2013-8-27 19:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-27 18:31
گەپ قىلغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ مۇنەۋۋەر(ئىسمىڭىزنى بىۋاسى .


سىزنىڭ بىلەرمەن ئۇستاتلىقىڭىزدىن سىزگە سۆز قېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلقىنى بىلەتتىم، شۇنداقتىمۇ سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي جانابى(تۆرىبەگ قىزى)  ئۆزىدىن چوڭ كىشىلەرنىڭ ئېسمىنى بىۋاستە ئاتاش  شۇ كىشىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك جۈملىسىدىندۇر !
گەپ سۆزلىرىڭىزدىكى كىنايە،تەكەبۇرلۇق سىزنى ھاجايىپ بىلەرمەن  قىلىۋېتىدىكەن دىسە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-28 13:18  


ۋاقتى: 2013-8-27 19:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت ئاكا،بۇ شېئىرلار سىز تەرجىمە قىلغان ‹‹تۆكۇلگەن شاراپ››تىمۇ باردەك ئېسىمدە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 19:55  


ۋاقتى: 2013-8-28 20:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر، بىز  تونۇشمايمىز، سىزمۇ مېنىڭ خاراكتىرىمنى بىلمەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتنى(ئىنكاسنى) ئاھاڭى بىلەن قوشۇپ يازغىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنكاسىمدا كىنايە، كىبىر باردەك تۇيغۇغا كېلىپ قاپسىز...جىمى مەخلۇقات- مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى بولغان جانابى (بۇ سۆپەت پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر)ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن شەيتان لەئىننىڭ مەردۇد بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان شۇ كىبىر مەندە يوق. بار بولسا «پەتەۋازەئۇ، مەن تەۋازەئۇ، پە تەكەببەرۇ، مەن تەكەببەرۇ» يەنى( سېنى ھۆرمەت قىلغاننى ھۆرمەتلە، تەكەببۇرغا كىبرىڭنى كەم كۆرسەتمە) دېگەندەك پەقەت كىشىنىڭ غورورىغا ئەتەي تېگىدىغان كىشىلەرگىلا كىبر كۆرسىتىش دورۇستۇر. مۇنەۋۋەر، بىز ئادەتتە، داڭلىق كىشلەرنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ سالىمىز، ئەلۋەتتە يۈزىدە ئەمەس. باشىقىلارنىڭ بىزنى شۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تۇققىنى ئوخشايدۇ دەپ قېلىشىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن تونۇلغانلىقى ئۈچۈن. پاشا ئىشان ياكى مەمتىمىن ھوشۇر، ئادىل تۇنياز ، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت دەپچۇ.
پاشا ئاچام، مەمتىمىن ئاكام دېسەك....شۇلار ئالدىمىز دا بولسا بىۋاستە چاقىرىش توغرا كەلسە چوقۇم شۇنداق چاقىرىمىز. سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا، مەنمۇ دىققەت قىلاي، كەچۇرۈڭ.

ۋاقتى: 2013-8-28 20:17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابابەكرى، مەن سىزنىڭ ئەمەس، سىز مېنىڭ ئىنكاسىمغا كۆڭۈل قويماپسىز.
ئىلگىرىكى  يىللاردا ئەسەرلىرىمگە قارىتا يازغان مارجان خەتلىرىڭىز سىزنىڭ ئويغۇرچە يېزىق بىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى. ئاخىرىدىكى بىر جۈملە چاقچىقىمغا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتامسىز؟ تور نامىڭىز ئۆزگىچە بولغاچقا خاراكتىرىمگە يارىشا  ئەتەي چاقچاق قىلىپ قويغان ئىدىم، دۈشمەنلەردەك، ناتونۇشلاردەك مۇئامىلىڭىزدىن ھەيران بولدۇم...

ۋاقتى: 2015-2-4 22:06:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2013-08-28 20:03:00
مۇنەۋۋەر، بىز  تونۇشمايمىز، سىزمۇ مېنىڭ خاراكتىرىمنى

بۇ پىكىرلىرىڭىز ئورۇنلۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش