- UID
- 30
- QQ
- 763126417
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- قەھرىمان روزى ئەرچىن
- يازما
- 659
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 5169
- تىزىملاتقان
- 2012-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-29
- توردا
- 224 سائەت
|
|
|
|
|
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 8- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
4- ئاينىڭ9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 8- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- يىغىنى نەقمەيدانى
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ ھەيئەت رىياسىتىنى يىغىنىدا
4- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 8- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- يىغىنى نەقمەيدانى
4- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى بىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنىدا
4- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 8- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى بىڭ يىغىنغا ئايرىم- ئايرىم رىياسەتچىلى قىلدى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 17- نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 8- قېتىملىق يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2011- يىللىق خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ۋە ئەسلەپ ئۆتۈلدى. «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلىپ مۇھاكىمە قىلىندى. كوپچىلىك نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئاھۋالىنى بىرىكتۈرگەن ھالدا، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، نادىر ئەسەر ئىستىراتىگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىنى تەشكىللەش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش-تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلدى، ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. يىغىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىغىن بەلگىسى (يىغىن ئىزنىكى) لايىھەسى، ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمە ئىسىمىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى قاراپ چىقتى، شۇنداقلا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلارنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇشنى تەكلىپ قىلدى. شۇجىچۇ ھەيئەت رىياسىتىگە جۇڭگو قەلەمكەشلەر جەمئىيتى مەركىزى ئورگىنىنى تەڭشەشنى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە جۇڭگو بەيۋېي مەدەنىيەت مەشۇر شەخىسلەرنىڭ بىئوگراپىيەسىنى (تەرجىمىھالى) تۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى. يىغىندا تەشكىلى ھەيئەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئىشلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ ، چېڭ خۇيمىن، ت. گۈەنبۇجۇبۇ، ياڭ شۆفېڭ قاتارلىق يولداشلارنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي ھەيئەتلەر تەشكىلى ھەيئىتى ۋەزىپىسىگە قويۇلىشى تەستىقلاندى. لى چىڭ، بۇرېنبايار، لى مىن قاتارلىق يولداشلار جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي ھەيئەتلەر تەشكىلى ھەيئىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن يې شىن، لى سۈنباۋ، خې جيەنمىڭ، جاڭ پىڭ، جاڭ كاڭكاڭ، چېن جوڭشى، چېن جيەنگۇڭ، مو يەن، لياۋ بېن، تەن تەن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرىدىن ياڭ جۈسەي، زاشىداۋا، يې مېي، بەي گېڭشېڭ، فېڭ يى، لۈ لېي، ليۇ جاۋلىن، لى جىڭزې، چى زىجيەن، جاڭ جيەن، جاڭ شېڭيوۋ، لۇ تيەنمىڭ، ئازات سۇلتان، چېن شىشۈ، چېن چىرۇڭ، جاۋ بېنفۇ، ليۇ جيەنۋېي، جيا پىڭئاۋ، خۇاڭ جىرېن، شۇ تىڭ قاتارلىقلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.
4- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 8- نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- يىغىنى نەقمەيدانى
مەنبە: http://www.chinawriter.com.cn/news/2012/2012-04-09/123888.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 02:54
|
|
|
|
|
|
-
|