كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 2

ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5230
تۆھپە : 10
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 11:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


               ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان

                                    تۇرسۇنئاي ئىمىن

                     (قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ياردەمچى لېكتورى)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان بەزى ئەسەرلەرنى مىسال ۋە مۇلاھىزە ئوبيېكتى قىلىپ، ئاساسلىقى ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنى «ئېكولوگىيە» ئۇقۇمىنى يادرو قىلغان بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى سىستېمىسى مۇھىتىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنى بىر سىستېما دەپ قاراش ۋە ئۇنى «بىر ئاساسىي سىستېما، ئۈچ يادرولۇق ئىدىيە، بىر تۈپ قىممەت ئۆلچىمى، بىر ئاساسىي ئوبراز، ئۈچ ئاساسى ئالاھىدىلىكتىن تەركىب تاپقان» دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مۇھاكىمە-مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى؛ ئېكولوگىيەلىك ئاڭ؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى


«ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە نەزەرىيە سۈپىتىدە ئەمدىلەتىن تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ قارىغاندا، ئېكولوگىيە تېمىسىدىكى ياكى ئېكولوگىيە تەركىبلىرىگە ئىگە ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ۋە خېلى گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. شۇغىنىسى ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بۇ تېما ھەققىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىزدە تېخى يېڭىلا باشلاندى. ئۇنى مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يېڭى ۋە ماھىيەتلىك ئىجادىيەت تېمىلىرىغا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنى يېڭى كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە تەتقىقات ساھەسى بىلەن تەمىنلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، دۇنياۋى ئورتاقلىقلارغا ئىگە قىلىش ۋەزىپىسى ھېلىھەم بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. شۇڭا، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھەرقايسى كەسىپ ئەھلىلىرى ئورتاق تىرىشىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ، بۇ تېما ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بىرقەدەر سىستېمىلىق ۋە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت مۇشۇ تەتقىقات ساھەسىدىمۇ ئۇنى ماكرو ئەدەبىيات مۇھىتىغا تەتبىقلاپ كۆزىتىشتىن باشقا يەنە مىكرو قۇرۇلما يېقىدىن كۆزىتىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ئۇقۇمى ئاساسلىقى بىر ئاساسىي سىستېما، ئۈچ يادرولۇق ئىدىيە، بىر تۈپ قىممەت ئۆلچىمى، بىر ئاساسىي ئوبراز ۋە ئۈچ ئاساسى ئالاھىدىلىكتىن تەركىب تاپقان قۇرۇلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماقالىدە، مانا مۇشۇ مەسىلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتىمىز.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدىكى بىر ئاساسىي سىستېما دەل «ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى تەنقىد سىستېمىسى» بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ ئىچىدىكى يادرولۇق ئۇقۇم دەل «ئېكولوگىيە» چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. «ئېكولوگىيە» سۆزى بۇ سىستېمىغا تەۋە بولغان كونتېكىستتا ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى تەبىئەتنى يېزىش، تەبىئەتنى تەسۋىرلەشنى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ خىل ئەدەبىي ئەسەرلەردە، ئەدەبىيات ھادىسىلىرىدە كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك ئاڭنىڭ ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۈگۈنكىدەك ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىش ئېغىرلىشىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە چاقىرىقىغا ماسلىشىپ ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى ۋە نادىر ئۈلگىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ، شۇنداقلا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەلۇم ئېكولوگىيە قارىشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق جەمئىيەتتە ۋە مىللەتتە چوقۇم ئېكولوگىيەگە، تەبىئەتكە جان كۆيدۈرىدىغان، ئۇنى قوغدايدىغان ئىلغار ئاڭ بولۇشى كېرەك ۋە بۇ ئاڭ ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق ئۈستى قۇرۇلمىغا تەۋە بولغان ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئەمما، بۇلارنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە بۇ خىل ئېكولوگىيە ئېڭىنىڭ مۇئەييەن يادروسى بولۇشى كېرەك ۋە ئۇ بىر جەمئىيەت، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا، ئۇنى بايقاش ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش تەبىئەت قوينىدا ياشاۋاتقان ھەربىر مەسئۇلىيەتچان ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ھەرقايسى ئەللەردىكى ئېكولوگىيەلىك ئاڭ-چۈشەنچىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، يەنە شۇنىمۇ بايقايمىزكى، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي مەزمۇن كۆپ جەھەتتىن بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولىدۇ ۋە مۇئەييەن تارماق چۈشەنچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
بىز ھازىر تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئېكولوگىيە ئېڭىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ئېكولوگىيەلىك سىستېما قارىشى، ئېكولوگىيەلىك پۈتۈنلۈك قارىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇناسىۋەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان ئورگانىك باغلىنىشقا ئىگە سىستېما.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنىڭ تۈپكى قىممەت ئۆلچىمى ـ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېكولوگىيەنىڭ قوغدىلىشى، زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ياكى ئەسلىگە كېلىشى ـ ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق قىممەت ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ـ ئېكولوگىيەلىك پۈتۈنلۈك قارىشىنى ئۆزىنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلغان ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ ئېكولوگىيەنى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇنغا قويىدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆپىنچە ئادەملەردىن كۆرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدا ئادەم ئەڭ ئاساسلىق ئوبيېكت بولمايدۇ. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئاخىرى بېرىپ، ئىنسانلارنى ئەڭ تۈپكى ھوقۇقى بولغان ياشاش،  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئېكولوگىيە بۇزۇلسا، ياشاش شارائىتىنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئېكولوگىيە بۇزۇلسا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىلا ئەمەس، ياشاش مۇھىتىنىڭمۇ زور تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلەر، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق بىر چاقىرىق ۋە مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدىكى بىر ئاساسىي ئوبراز «ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى»نى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدا ئېكولوگىيە ئىدىيەسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئىپادىلەشتە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان كىشى ياكى ئىجتىمائىي توپنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسىي ئوبراز كۆپىنچە ئادەم بولىدۇ ۋە ئادەم بولغاندىمۇ كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىرادىسىگە ۋە ئېكولوگىيە ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە شەخسلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.
بىز ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلاردا ئاز بولمىغان «ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى»نى ئۇچرىتىمىز. ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك ئېكولوگىيە ئېڭى، كۈچلۈك كىرىزىس ئېڭى، ئىنسانىيەتكە مەسئۇل بولۇش ئېڭى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى بار بولۇپ، ئۇلار تەبىئەت، ئېكولوگىيەلىك مۇۋازىنەت ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولىدۇ.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ھادىسىسى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە گۇمانىزملىق ئىدىيەسى، ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بۈگۈنكى دەۋرىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي تەربىيەنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان ئەسەرلەردىكى ئوبرازلارنى قانداق ئايرىش، خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش، ئېكولوگىيە قەھرىمانى ئوبرازىنى ئايرىپ چىقىش-چىقالماسلىق ۋە ئايرىغاندا قانداق ئۆلچەم قوللىنىش ....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى مۇكەممەل ئىپادىلىنىپ چىقالىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلىشى ناتايىن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مىسالغا ئالساق، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەر خېلى كۆپ. مەيلى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» ناملىق پوۋېستى بولسۇن، مەيلى توختى ئايۇپنىڭ «بۆرە ئانا» ناملىق رومانى بولسۇن ھەممىسىدىلا كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك ئاڭ ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى پارچە ئەسەردە ھەقىقىي مەنىدىكى ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى يارىتىلمىغان. گەرچە دەسلەپكى بىخلىرى بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇ تېخى قەھرىمانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ ئەسەرلەردە گەرچە كۈچلۈك ئېكولوگىيە تېمىسى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسەردە يېزىلغان تىراگېدىيەنىڭ مەنبەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن بولماستىن، ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ياكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇربانى ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان. مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاقساق بۇغا» پوۋېستىدىكى ئىشقىيار بىر ئېكولوگىيە قەھرىمانى بولالايدۇ. ئىشقىيار بىلەن باشلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە ئىشقىيار ئۆزى باققان بۇغىسىنى، ئانا تەبىئەتنىڭ ئەزاسىنى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى قىسقا باياندىن، ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى ھەققىدە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، ئېكولوگىيە قەھرىمانلىرى بولۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك: بىرى، ئوبرازلاردا كۈچلۈك تىراگېدىيە گۈزەللىكى بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، بۇ تىراگېدىيەنىڭ مەنبەسى ئېكولوگىيەلىك ئاڭ ۋە كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىقلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەردە، ئاساسەن ئېكولوگىيە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىنىڭ تەبىئەتكە، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئېلىپ كېلىدىغان تىراگېدىيەسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، دەۋرگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كۈچلۈك «ئېكولوگىيە سىگنالى» (生态预警) چېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكلى مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، بىزدىكى «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» قاتارلىق ئەسەرلەردە يېزىلغىنىغا ئوخشاش ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان رېئال پاجىئەلەر ئارقىلىق، ئەگەر ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا ياكى سەل قارالسا، كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زور كۆلەملىك پاجىئەدىن بېشارەت بېرىش. يەنى رېئال ۋەقە-ھادىسىلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش. يەنە بىر خىل ئۇسۇلى، ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ياكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاجىئەلىك تەسەۋۋۇر ئارقىلىق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئېھتىيات سىگنالى چېلىش. بۇنىڭدا، ئاساسلىق قوللىنىدىغان ۋاسىتە كۈچلۈك ۋە مول تەسەۋۋۇر، پاكىتلىق ۋە ئىلمىي قىياسلار ئارقىلىق يەر شارى خاراكتېرلىك زور ئاپەت تېما قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى بۇزۇشى ئۇنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە «ئېكولوگىيە سىگنالى»دىن ئىبارەت بۇ خىل تەشەببۇسنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدىكى بىر تارماق ئەدەبىيات ھادىسىسى «ئېكولوگىيە سىگنالى ئەدەبىياتى» بارلىققا كەلگەن. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى پىروزىچىلىقتا بىر قەدەر گەۋدىلىك. بۇ بىر قەدەر كەڭرى تارقالغان، دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئاساسىي ئېقىمىنى تەشكىل قىلغان. بىز مۇشۇ نۇقتا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە دەپ قارىلىۋاتقان ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلساق، ئۇلارنىڭ ئاساسەن مۇشۇ ئېقىم تىپىدىكى ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
2. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەردە كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىپادىلىنىدۇ. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىدا باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى ئاساسىي كۆز قاراش قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى تەبىئەتنى، تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرلەردە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ئۈچۈن قىلىنغان پىداكارلىق قىزغىن مەدھىيەلىنىدۇ. قىسقىسى، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسەرلەردىكى ئاساسىي ئېستېتىك يۆنىلىش ۋە ئېستېتىك پىرىنسىپ قىلىدۇ. بىزدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاقساق بۇغا» پوۋېستى دەل ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشقىيارنىڭ بوۋىسى ۋە ئىشقىيار ۋەكىللىكىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تولىمۇ يارقىن ۋە تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
3. ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەردە يازغۇچىنىڭ يۈكسەك ئېكولوگىيە غايىسى پارلاپ تۇرىدۇ. تەبىئەتكە قايتىش، تەبىئەت ئېكىلوگىيەسىنى قوغداش ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى ۋە ئەبەدىيلىك ئارزۇسى. گەرچە بۇ ئەدىبلەر ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەم باسقاندا، ئەڭ ئەقەللىي ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەبىئىي تۇرمۇش مۇھىتىغا قايتىپ بېرىشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل غايىلىرىنى يېزىپ چىقىشنى خالايدۇ ۋە چىن ئىخلاسى بىلەن ئۇنى تەسۋىرلەيدۇ. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئىنسانلارنىڭ بوشاشماي، ئۈمىدسىزلەنمەي ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئەڭ زور دەرىجىدە تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوزغاتقىلى، يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «ئاقساق بۇغا» پوۋېستىنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىدە ئاپتور ئىشقىيارنىڭ چۈشىدە بۇغا بالىسى بىلەن بىللە خىرۇستال ئېھرامغا چىقىپ، ئۇ تەرەپتىكى تەبىئەتتە ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ، تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ ماس ۋە بىللە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ھاياجان بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە غايىسىنى مەركەزلىك ئىپادىلىگەن. بۇمۇ بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرىپى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىغان، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلار بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئەتنى كۆز قارىچۇقىدەك قوغدىشىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يۈكسەك ئۈمىد بىلەن قاراشمۇ ئېكولوگىيە غايىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ كەلگەن.
ئېكولوگىيە ئەدىبلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئاپەتتىن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىن بېشارەت بېرىدىغان ئەسەرلەرنى ۋە ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتىنى تەسۋىرلەيدىغان ئوتوپىيەگە قارشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتىشىمۇ ئىنسانىيەتكە شۇنداق بىر سىگنالنى يەتكۈزىدۇكى، دۇنيادا پەقەت بىرلا يەر شارى بار، ئەگەر يەر شارىنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدالمىسا، ئېكولوگىيە يۈكسەك ئېتىبار بېرىلمىسە، ئىنسانىيەت تەبىئەتنىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ.
ئېكولوگىيە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئېكولوگىيە غايىسى ئەدىبنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە تەبىئەتنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب ئىستىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئالىيجاناب سەنئەت ۋە مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە قىلغۇچى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
پايدىلانمىلار
1. مۇھەممەت باغراش: «ئاقساق بۇغا» پوۋېستى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989-يىلى 5-ئاي نەشرى.
2.刘文良:“文化诗学视域中的生态批评” 、《云南社会科学》2008年第4期。
3.王诺:“生态批评:发展与渊源” 、《文艺研究》2002年第3期。
4.王诺:“生态文学系列讲座” 、《中国绿色时报》2005年底、2006年初相关版。
5.王诺、宋丽丽等:“生态批评三人谈” 、《三峡大学学报》(人文社会科学版)2006年第3期。
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن



                           简论形态文学体系  


                               吐尔逊阿依•依明

摘 要:形态文学是当前最流行的文学概念之一,本文主要论述生态文学由一个基本体系、三种核心观点、一个主要价值标准、塑造一种主要形象及三个基本特征,两个主要批评流派所组成的整体,以生态文学为核心的生态批评系统的观点。
关键词:生态文学;生态意识;维吾尔文学



idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2357
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : -2
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 18:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن .ئەجرىڭىزگە رەخمەت!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5230
تۆھپە : 10
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 22:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     كۆرگەنلەرگە رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش