«ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تەتقىقاتى مەركىزى» قۇرۇلدى يېقىندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تەتقىقاتى مەركىزى» قۇرۇلدى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ «ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەزەرىيە قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلدى. تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ۋە سۆھبەت يىغىنىغا داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پروفېسسور ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان قاتناشتى ھەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. مۇراسىم ۋە يىغىنغا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، «قەشقەر» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى، قەشقەردىكى بىرقىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، شۇنداقلا قەشقەر پېداگوگىكا ئنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ماگىستېر ئاسپىرانتلىرى ۋە بىرقىسىم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. «ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تەتقىقاتى مەركىزى» قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يۆلىنىشىدىكى ماگىستېر ئاسپىرنتلاردىن تەشكىللەنگەن مەركەز بولۇپ، بۇ مەركەز ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تارىخى تەتقىقاتى، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە دائىر ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا دائىر ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ماتېرىيال مەركىزى قۇرۇش، بۇ ئارقىلىق قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-20 18:41
|