- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 636
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3829
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-9
- توردا
- 1297 سائەت
|
|
|
|
|
«ئەدىبلەر نەزىرىدىكى كۈسەن» ئىجادىيەت،مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «مىڭ يىللىق كۈسەن، يۈز يىللىق كۇچا: ‹ئەدىبلەر نەزىرىدىكى كۇچا› تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن ئاۋال كۇچا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۇچا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شەپقەت ھوشۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. كۇچا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمى ھەسەنجان ئەخمەت، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار نامىدىن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، كۇچا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنيۇەن كۇچا ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك «كومراجىۋا ئەدەبىيات تۆھپە مۇكاپاتى ۋە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش قارارىنى ئېلان قىلدى. «مىللەتلەر نەشرياتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىر، كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى قېيۇم قادىر ۋە يىغىن قاتناشچىلىرى ۋەكىلى ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر قاتارلىقلار يىغىندا سۆزگە چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئاندىن يىغىننىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە تېمىسى «كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتى» باشلىنىپ، ئەخمەت كېبىر «مېنىڭ نەزىرىمدىكى كۈسەن ۋە كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتىدا داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىرقانچە ئىش»،ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە «كۈسەن مەدەنىيىتىدە سەنئەتنىڭ تۇتقان ئورنى» قاتارلىق يىغىنغا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىبلەر، ژۇرنالىستلار، نەشرياتچىلار ۋە كۇچا ناھىيەسىدىكى يازغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
|
|
|
|
|
|
|