كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 21

ئەدەبىي ئوبزورچىلىق توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 23:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              ئەدەبىي ئوبزورچىلىق توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم

                                                  ئەزىز ھېيت كۈن  

   مەزكۇر ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيە -ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئالىي نىشاننى-ئەدەبىيات قانۇ نىيىتىنى مىزان قىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى توغرا ئالغا يېتەكلەش زۈرۈر دېگەندىن ئىبارەت.مەزكۇر ماقالىدىكى ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسى نوقتا جەھەتتىن يەككە ئەسەر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىغىغا،دائىرە جەھەتتىن ئەدەبىيات ھادىسىسى ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىغىغا قارىتىلىدۇ.قىسقىسى مەزكۇر ماقالىدىكى ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسى ئاساسلىقى يەككە ئەسەر ئەدە بىي ئوبزورچىلىقىغا قارىتىلغان.مەن ئالدىنقى يوللانمىدا مۇشۇ زۈرۈر ئەسكەرتمىنى بەرمەپتىمەن.بۇ مەندىكى يېتەرسىزلىك.
  ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسىدە ئەدەبىي تەنقىد مەخسۇس ئەدەبىي مۇھاكىمە،باھا يۈرگۈزۈش،تەھلىل ئېلىپ بېرىپ يەكۈن چىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئومۇممىي نامى بولۇپ كەلدى.ئەدەبىي ئوبزور بولسا شۇ پائالىيەتنىڭ كونكىرېتلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماقالىگە قارىتىلدى.ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىي ئوبزورنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنە شۇنداق ئايدىڭ .لېكىن ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسىنىڭ بىر پۈتۈن ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدىكى مەنىسى بىلەن كونكىرېتلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى مەنىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۈرۈر.«تەنقىد» ئۇقۇمىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدىكى مەنىسى «ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش» دېگەنلىكتۇر.يەنى «مۇئا يەنلەشتۈرۈشنىمۇ،ئىنكار قىلىشنىمۇ،ئارتۇقچىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىشنىمۇ،يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاشنىمۇ،ئومۇممىي مۇلاھىيزە بىلەن كونكىرېت تەھلىلنىمۇ،نوقتى نەزەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىسپاتلاشنىمۇ،پاكىتنى ئوتتۇرغا قويۇپ يەكۈنلەشنىمۇ،ئىلمىي مۇنازىرە-سۆبەتنىمۇ،باھا پىكىرلىرىنىمۇ،نەزىيە جەھەتتىن مۇلاھىيزىنى يەكۈنلەشنىمۇ،مۇددۇئا جەھەتتىن ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى يېتەك لەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش»دېگەنلىكتۇر.دېمەك بۇ يەردىكى مەنا ناھايىتى كەڭ ۋە ئوممۇمىي خاراكتىردىكى مەنا بولۇپ «پۈتكۈل باھا،مۇھاكىمە »دېگەن مەنىگە ئىگە.بۇ ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدە «تەنقىد»ئۇقۇمىنىڭ ئۆز ئۇقۇم مەنىسىدىن ھالقىپ بىر پۈتكۈل مۇھاكىمە،باھا مەنىسىنى بىلدۈرۈشكە كېڭىيىشىدۇر.ئەمما «تەنقىد»ئۇقۇمىنىڭ ئەدەبىي ئوبزوردا بىلدۈردىغان كونكىرېت مەنىسى بىر مەنا بىلەنلا يەنى «ئىنكار قىلىش،رەت قىلىش،تەنقىدلەش»بىلەنلا چەكلىنىدۇ.ئوچۇق ئېيتقاندا ئەسەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش،ئەسەرنىڭ ئوڭۈشسىزلىق تەرەپلىرىنى ئاشكارلاش،مەغلۇبىيىتىنى تەنقىدلەشتىن ئىبارەت بىر جەھەتتىكى مەنانىلا بىلدۈرىدۇ.دېمەك ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى «تەنقىد»ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى  بىلەن كونكىرېت ئەدەبىي ئوبزوردىكى يەنى ماقالىدىكى «تەنقىد» ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ئوخشاش-باراۋەر مەنا ئەمەس. ئاۋالقىسى كېڭەيگەن ئوممۇمىي مەنا .كېيىنكىسى ئەسلى مەنىدىكى تاق -يالغۇز مەنا. «تەنقىد»ئۇقۇمىنى ئەدەبىي تەنقىد چىلىكتىن ئىبارەت ماكرۇلۇق نوقتىدىن چۈشەنگىنىمىزدە ئۇ پۈتكۈل تەنقىد پائالىيىتىنىڭ ئومۇممىي نامى بولۇپ كېلىدۇ. «تەن قىد» ئۇقۇمىنى كونكىرېتلىق يەنى خاس ئوبزور ماقالىسى ئىچىگە قويۇپ چۈشەنگىنىمىزدە «تەنقىدلەش»تىن ئىبارەت بىر خىل قاراتمىلىقنىلا بىلدۇرىدۇ. «ئەدەبىي تەنقىدچى » ئاتالغۇسى بىلەن «ئەدەبىي ئوبزورچى »ئاتالغۇسىنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا بىر   خىل مەنانىڭ ئىككى خىل ئېيتىلىشىدۇر.ئارلىقتا تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ چوڭ زۈرۈريىتى يوق. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىن قارىغاندا ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە نامايەن قىلغان كەسپ ئەھلىلىرىمۇ،شۇنداقلا يەنە ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى «تەنقىدلەش»قاراتمىلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە نامايەن قىلغان كەسىپ ئەھلىلىرىمۇ ئەدەبىيات سەھنىسىدە رول ئوينىدى.ئاۋالقى خىلدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تىپىك نامايەندىلىرىنىڭ بىرى تالانتلىق ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەمەت پولاتتۇر.كېيىنكى خىلدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تىپىك نامايەندىسى مەرھۇم ھېزىم قاسىمدۇر.ھېزىم قاسىم ماقالىلىرىنىڭ تەنقىدلەش قاراتمىلىقى بىلەن تولغانلىقى يېتەرسىزلىك ئەمەس بەلكى چەكلىمىگە ئىگە بولۇپ قېلىشتۇر.مەن ئالدىنقى يوللانمىدا ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىي ئوبزورنىڭ مۇناسىۋىتى،ئەدەبىي تەنقىد پائا لىيىتىدىكى «تەنقىد»ئۇقۇمى بىلەن ئەدەبىي ئوبزوردىكى «تەنقىد»ئۇقۇمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا،ئېنىق مۇلاھىيزە قىلىپ بو لالماپتىمەن.شۇڭا بۇ قېتىم توغرا،ئېنىق قىلىپ تۈزەتتىم.
خۇددى ئەدەبىي ئىجادىيەت مەلۇم مۇددۇئا بىلەن ئېلىپ بېرىلغاندەك ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتىمۇ مەلۇم بىر مۇددۇئا  دا ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى مۇددۇئا (مەخسەت)يادرۇلۇق مۇددۇئا ۋە ۋاستىلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ  تەركىبىي قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئالدى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى يادرۇلۇق مۇددۇئانىڭ ۋاستىلىرىنى تىلغا ئېلىش زۈرۈر.ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدە مۇئايەنلەشتۈرۈشمۇ مەخسەت ئەمەس.تەنقىدلەشمۇ مەخسەت ئەمەس.مۇئايەن دەرىجىدە مۇئايەنلەشتۈرۈپ يەنە مۇئايەن دەرىجىدە تەنقىدلەشمۇ مەخسەت ئەمەس.بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ۋاستە.ئۇنداقتا مەخسەت -يادرۇلۇق مۇددۇئا -ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى توغرا ئالغا يېتەكلەشتۇر.بۇ مۇددۇئا-ئارزۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئارزۇ قىلىش تەلىپىگە،يازغۇچى-شائىرلارنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى ئەسەرلەرنى داۋاملىق ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش ئارزۇسىغا،ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادى يەت ئەمىلىيىتىگە كۈنسىرى يۇقۇرى ئۆلچەم،تەلەپ قويۇش كۆز قارىشىغا،ئەدەبىياتنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىش ئېھتىياجىغا، جەمىيەتنىڭ ئەدەبىياتنىڭ روناق تېپىشىغا بولغان ئېھتىياجىغا تامامەن ئۇيغۇن.لېكىن شۇ يادرۇلۇق مۇددۇئا ھەرگىزمۇ ئۆز لىكىدىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئىنتايىن موھىم.ھەر بىر ۋاستە ئۆز نۆۋىتىدە كونكىرېت باسقۇچتا ئىنتايىن موھىم بولغان ۋاقىتلىق مەخسەت-مۇددۇئاغا ئايلىنىدۇ.ھەر بىر ۋاستە ئۆز تەرتىپى ۋە ئالاھىدىلى كى بويىچە ئورۇنلانغاندىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدە يادرۇلۇق مۇددۇئا خۇلاسە،يەكۈن،تەكلىپ،تەۋسىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،ئوقۇرمەنلەرنى،يازغۇچىلارنى،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى يېتەكلەش تەرەپلەرنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىم كانىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىدىكى مۇددۇئا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ كونكىرېت ئىپادىسى بولغان ئەدەبىي ئوبزور-ماقالە ئارقىلىق ئەمىلىلەشتۈرۈلىدۇ.ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى يادرۇلۇق مۇددۇئا ئەدەبىي ئوبزورنىڭ يادرۇلۇق مۇددۇئاسىدۇر.ئۇ يەنە ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ ياكى ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭمۇ يادرۇلۇق مۇددۇئاسىدۇر. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئەمىليىتىنى ئورۇنلىغۇچى ئەدەبىي ئوبزورچى شۇ يادرۇلۇق مۇددۇئانىڭ ئورۇنلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغۇچىدۇر.مەلۇم بىر كەسىپ ئەھلىنىڭ كونكىرېت ۋاقىتتا كونكىرېت ئوبزور ماقالىسىنى ياز غانلىقى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئوبزورچى بولۇپ تۇرىۋاتقان ۋاقتىدۇر.ئۇنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىشى ئەدە بىي تەنقىدچى بولۇپ ئۆتكەن ۋاقتىدۇر.بىر ئەدەبىي ئوبزور ماقالىسى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يادرۇلۇق مۇددۇئاسىدىن چەتنەپ كېتىدىكەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن مۇددۇئا بىرلىكىگىگە ئىگە بولالمايدۇ.بىر ئەدەبىي ئوبزورچى يادرۇلۇق مۇددۇئاغا ئۇيغۇنلىشالمايدىكەن ئوخشاشلا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن مۇددۇئا بىرلىكىگە ئىگە بولمايدۇ.ئۇنداق ئوبزور ھەرگىزمۇ مۇكەمەل ئەدەبىي ئوبزور ئەمەس.ئۇنداق ئوبزورچىمۇ مۇكەمەل ئەدەبىي ئوبزورچى ئەمەس.
ئەدەبىي ئوبزورچىلىق مۇلاھىيزە قىلىدىغان ئوبكىتنىڭ تۈرى جەھەتتىن شئېىريەت ئوبزورچىلىقى، پىروزا ئوبزورچىلىقى،ئەدەبىي ئاخبارات ئوبزورچىلىقى،سەھنە ئەسەرلىرى ئوبزورچىلىقى،كىنو-تېلۋىزىيە سىنارىيىسى ئوبزورچىلىقى،ئستىتېكا ئوبزورچىلىقى(ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئونۋېرسال ئوبزورچىلىقى –ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى نوقتىسىدىكى ئوبزورچىلىق)،ئوقۇرمەنلەر ئوبزورچىلىقى –يازغۇچىلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەت،مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقىنىڭ جانلىق، قىسقا، شەكلى بولغان ئەدەبىي مۇھاكىمە (لۈشۈننىڭ ئەدەبىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى،ئابدۇقادىر جالالىدىن نىڭ ئەدەبىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.)،ئەدەبىي ئوبزورچىلىق كونكىرېت زامان، ماكاندىكى كونكىرېت ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدىكى باھا، مۇلاھىيزە بولۇش شۇنداقلائوخشىمىغان ئىستىتېك قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى يەكۈنلەش،ئىستىتېك تەلەپنى يېتەكلەش نىڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇش خاراكتىرى بىلەن يازغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر تەرپىدىن يۈكسەك ئېتىبارغا ئېرى شىپ كەلدى.ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ رولى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستىىتېك تەلىپىنى قان دۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك بول غان بولسائەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ رولى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستىتېك تەلىپىنى يېتەكلەش ۋەئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگەئەمەل قىلىش ئىزچىلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى.
   ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇممىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى كونكىرېت جەھەتتىكى ۋەزى يىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى يېپىپ كېتەل مەيۋاتىدۇ.بۇنىڭ ئىپادىسى بىرىنچىدىن:ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ لىللا مەيدانىدا تۇرۇپ يازغۇچىلارنى ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئومۇممىي سۈپەت ئۆتكىلىگە يېتەكلەش كەم بولىۋاتىدۇ.شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى ئوممۇمىي ئورتاق نوقتىدىن يېتەكلەش كەم بولىۋاتىدۇ.ئىككىنچىدىن :ئەدەبىي ئوبزورچىلىق قوشۇنىدىكى بىرلىك،ھەمكار لىق،ئۇيۇشۇشچانلىق،كۆزقاراش مەسىلىسىدە چوڭ جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ ئوبزورچىلىقىنى يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىش،كونكىرېت جەھەتتەكەسىپ ئەھلىلىرى خاسىلىقىنى ساقلاپ قېلىپ،ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئوممۇمىي جەھەتتىكى يېتەكلەش يۈزلىنىشى گەتەسىر يەتكۈزمەسلىك كەم بولىۋاتىدۇ.ئۈچۈنچىدىن:مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىدە ئەدە بىياتنىڭ ئومۇممىيلىقى،ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئومۇممىيلىقىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇپ،ئۆزىنىڭ يەككە-شەخسىي ئوبزور چىلىق قارىشىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇپ باھا-مۇلاھىيزە يۈرگۈزىدىغان،ھەركىم ئۆز ئالدىغاباھا،مۇلاھىيزەيۈرگۈزۈپ،كەسىپ ئەھلىلىرى ئارا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،مۇئايەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىش ئوتتۇرسدىكى باغلىنىش يەكۈنلەنمەيدىغان،نەتىجىدە كەسىپ ئەھلىلىلىرى شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ئوتۇرسىدىمۇ مۇئايەن  پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ.قىسقىسى ئەدەبىي ئوبزورچى لىقنىڭ ئومۇممىيلىقىنى شەخسنىڭ قارشىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا –يېتەكچى ئورۇنغا قويۇش كەم بولىۋاتىدۇ.تۆتىنچىدىن:غوللۇق ئەدەبىي ئوبزورچىلار ئىچىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ھەركەت قىلىش ئىزچىللىشىپ ،ئوقۇرمەنلەرئىچىدە ئىزچىل تەنقىد بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىگە قارىتا «ئەدەبىي ئوبزورچىلىق دېگەننىڭ مەنىسى تەنقىد قىلىش-قامچىلاش دېگەن گەپكەنغۇ شۇ»دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.مۇئايەنلەشتۈرۈش تىپىدىكى ماقالە-ئوبزورلارنىڭ تەسىر كۈچى تەنقىدىي ماقالىلارنىڭ تەسىركۈچىدەك زور بولماي ۋاتىدۇ.مەلۇم نىسبەتتىكى ئىستىتېك قىممىتى،ئىجتىمائى قىممىتى،بىلىم قىممىتى،تەربىيۋى قىممىتى،تارىخىي قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئەسەرلەرھەققىدىكى مۇئايەنلەشتۈرۈش پىكىرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ماقالىلەرئارقىلىق شۇ يىرىك ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش كەم بولىۋا تىدۇ.ئۇ خىل ئەسەرلەريالغۇز بازىرى ئىتتىك ئەسەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئوقۇرمەنلەردىن بەلگىلىك دەرىجىدىكى يۇقۇرى بەدىي ھوزۇرلىنىش سەۋىيىسى تەلەپقىلىدىغان،ئۇلارنى ئويلاندۇر دىغان،ئويلانغانسىرى روھى دۇنياسىغا تەسىر قىلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۇخىل ئەسەرلەر ئۆز يازغۇچىلىرىمىز ئىجات قىلغان ۋە باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىمۇ بار.
    بازار ئىگىلىگى ۋە يەككە-شەخسىي مەنپەت نوقتىسىدىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ،جەمىيەتتە ھېچ كىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان يۈزلىنىشنىڭ شەكىللىنىپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا شۇ يۈزلىنىشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىنمۇ ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئادەم يەككە تەرەققى قىلىشقا ئىنتايىن مۇھتاج .شۇنداقلا ئادەم يەنە ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇھتاج.بۇ تەبىي ۋە ئىجتىمائى قانۇنىيەت تەرپىدىن بەلگىلەنگەن.يازغۇچىلاردائۆتكۈرلۈك بولمىسا بولمايدۇ.ئەدەبىي ئوبزورچىلاردا يازغۇچىلاردىن مۇ بەكەرەك ئۆتكۈرلۈك بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. قوشۇننىڭ چوڭ كۆزقاراش جەھەتتىكى بىرلىكى- ئومۇممىيلىق.كونكىرېت جەھەتتەخاسلىققا ئىگە پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بولىشى نورمال ئىش.شۇنداقلا خاسلىق جەھەتتە ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرى نىڭ تىنچلىقتابىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىمۇ نورمال ئىش.ئىتپاقلىققا،كۆزقاراشتىكى چوڭ ئومۇممىيلىققا–ئەدەبىياتقا، جەمىيەت كە، خەلققە پايدىلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا،ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەر بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتراپ قىلىپ، يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ،خاسلىقى بويىچە تەرققى قىلىپ،ئەدەبىياتنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايەن قىلسا، ئومۇممىيلىقتا ئەدەبىياتنىڭ پۈتۈنلىكىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلسا كاتتا ئىش بولىدۇ.بۇ ئىجادىىيەت قوشۇنى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ساھىبىلى رى ئۈچۈنمۇ ئورتاق.خەلق بايقىيالمىغاننى يازغۇچىلار بايقىشى، يازغۇچىلاربايقاپ يېتەلمىگەننى ئەدەبىي ئوبزورچىلاربايقىشى زۈرۈر. ئەدەبىياتچىلارنىڭ ۋەزىپى سى-خەلققە ئەگىشىشلا ئەمەس.دەۋىر بىلەن تەڭ مېڭىش تېخىمۇ ئەمەس.بەلكى ئالدىن كۆرەر لىككە-يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگەبولۇشتۇر.ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىق يۈزلىنىشى بىرھادىسە-كۆرۈنۈش بولسىمۇ ئەمىليەتتە كونكىرېت ئادەملەر جىددىيلىكتىن سەل بوشىغان ۋاقىتلىرىدا رىئاللىققا،جەمىيەتكە،خەلق،مىللەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نەزەر سالى دىغان بولساق بۈگۈنكى ئۇيغۇرپۇقرالىرى كىرورەن خارابىسىگە بۇنىڭدىن يۈزنەچچە يىل ئىلگىرى چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرتىنى باشلاپ بارغان ئۆردەك ئەمەس.ياكى «يول باشلىغۇچى» كىنوسىدىكى سا ۋاتسىز باۋدۇن ئەمەس.دۆلەتنىڭ ۋە مۇشۇ رايۇننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئوبدان بىلىدۇ...تۆت يۈز يىلغا يېقىن ئۇلۇغلانغان ئاپپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئورنىنى دەۋرىمىزدە يۈسۈپخاسھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاش ھەم ئۇبۈيۈك زاتلارنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئىگىللىدى.«ئىز»«ئويغانغان زىمىن » رومانلىرى خەلقىمىز نىڭ 20-ئەسىر نىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تارىخىنى بىلىش تەلىپىنى قاندۇرغان بولسا شۇ ئاساستا قوزغالغان تارىخي رومان ئو قۇش قىزغىنلىقى بۈگۈنكى «جاللات خېنىم»«باھادىرنامە»قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى ئوقۇش قىزغىنلىقىغىچە داۋام قىلدى.بۇ قىزغىنلىق يەنە داۋام قىلىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ...بۇ ئەھۋال خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى،مىللىي ئېڭىنىڭ ئويغانلىقىنىڭ ئىپادىسىى. خەلقىمىز يېقىنقى بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان بۈگۈنكى دەۋردىكىدەك مۇقىملىققا،ئازادىلىككە،ماددى ۋەمەنىۋىي جەھەتتىكى بەلگىلىك ياخشىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلىگەن ئەمەس...نۆۋەتتە تارىخى تېمىغا ئوخشاش موھىم بولىۋاتقىنى ھەتتا تارىخىي تېمىدىن بەكەرەك موھىم بولىۋاتقىنى 2010-يىللار بولغان بۈگۈننىڭ پۈتكۈل كارتىنىسىنى ئومۇممىي نوقتىدىن زامانىۋىيلىق يۈزلىنىشى گە،ئېسىل ئەنئەنىلەرنىڭ ئىزچىللىشىش تەلىپىگەئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان يىرىك ئەسەرلەر،شۇنداقلا فانتازىيلىك ئەسەرلەردىن تۈرمۇشقا  بىۋاستە باغلىنىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۈستۈن ئورۇنداتۇرىدىغان كەلگۈسى رىئاللىق تەسۋىرلەنگەن،خەلقىمىزگە ئۈمىد بېغىشلىيالاي دىغان يىرىك ئەسەرلەردۇر.نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى موھىم تەققازالىقتۇر.بۇنىڭدىن كېيىنكى تەلەپ ۋە ئېھتىياج ئەشۇ ئىككى خىل ئەسەرلەرگە بەكەرەك مەركەزلىشىدىغان لىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش موھىم.ئەدەبىي ئوبزورچىلار يازغۇچىلارنى ۋە ئوقۇمەنلەرنى تارىخىي تېمىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىللە بۈگۈنكى دەۋر تېمىلرىغا ھەمدە كەلگۈسى دەۋر تېمىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىلھاملاندۇرىشى زۈرۈر.
   ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى چوڭ ھالقا–ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ بۈگۈنكى ئومۇممىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش.تەپسىلاتىدىن پىششىق خەۋەردار بولۇش.لىللا مەيداندا تۇرۇشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش،مۇئايەنلەشتۈرۈش تىپىدىكى ماقالىلەرنىڭ   ئىجا دىيەت ئەمىليىتىگە ئۇيغۇن بولغان-بول مىغانلىقىغا نەزەر سېلىش.تەنقىدىي خاراكتىردىكى ماقالىلەرنىڭ تەنقىدلەش ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىش بولۇپ قالغانلىقى ياكى كونكىرېت ئەسەردىكى كۆرسەتمىسە بولمايدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى يازغۇچىنىڭ كېيىن كى ئىجادىيىتىگە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن كۆرسىتىپ بېرىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىش...قاتارلىقلاردۇر.ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى كونكىېرت،ئىنچىكە ھالقا-ئالدى بىلەن مەلۇم ئەسەرگە ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئالدىن تاللىۋالماي،مۇئايەنلەشتۈرۈش ياكى تەنقىدلەش مەخسىدىنى ئالدىن بېكىتىۋالماي نەزەر ئاغدۇرۇشتۇر.ئىككىنچى قەدەمدە شۇ ئەسەر تۇغدۇرغان چوڭ زۈرۈريەتنى بايقاپ چىقىش كېرەك.يەنى شۇ ئەسەر(ھەرگىزمۇ ئاپتور ئەمەس)باھا بېرىشكە تېگىشلىك ئەسەر بولالىدىمۇ يوق؟ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىيالىدىمۇ يوق؟بۇ چوڭ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.ئوقنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئاتماسلىق كېرەك.چۈنكى ئەسەر بولسىلا ماقالە يېزىۋېرىشكە ئوبزورچىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى توشىمايدۇ.ئەدەبىي ئوبزور لوگى كىلىق تەپەككۈر بىلەن بەلگىلىك ھېسسىيات، خاھىشچانلىقنىڭ بىرىكمىسىدۇر.ئەدەبىي ئوبزورغا ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ مەيدانى،نىمىنى ياقىلاش خاھىشى،بەلگىلىك ھېسسىياتى سىڭگەن بولىدۇ.شۇڭا ئەدەبىي ئوبزور ھېسسىياتتىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي ماقالىلەر ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىگە قارىغاندا بەكەرەك جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ.يۇقۇرقى نوقتىلار ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ئەدەبىي ئوبزورنى قانچىلىك سەۋىيەدە ۋە قانداق ئۇسۇلدا يېزىپ چىقىش تامامەن ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا باغلىق بولىىدۇ. .ئۇنىڭدىن باشقامول ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇش ئەدەبىي ئىجادىيەتچى ئۈچۈنمۇ، ئەدەبىي ئوبزورچى ئۈچۈنمۇ ئورتاق تەلەپتۇر.ئوبزورنى يېزىش داۋامىدا ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا مۇستەقىل لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگۈزىشى،ئەسەرنى ئۆلۈك ھالدا نەزىريىۋى ئۆلچەملەرگە سېلىۋېلىشتىن خالىي بولىشى، مۇستەقىل باھا،تەھلىل يۈرگۈزىشى ناھايىتى موھىم ئورۇن تۇتىدۇ.ئەدەبىي ئەسەر مۇستەقىل ئىجادىي بەدىي(ئوبرازلىق)تەپەككۈرنىڭ مەھسۇلى بولغاندەك ئەدەبىي ئوبزور ماقالىسىمۇ ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۈرىىنىڭ مەھسۇلى بولىشى كېرەك.ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ كۇزۇر قابىليىتى مۇستەقىل ھالدا كۈچلۈك لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىدا ۋە شۇ كۈچلۈك تەپەككۈرغا خاھىشچانلىق(نىمىنى ياقىلايدىغان لىقىنى) بىلەن ئىدىيۋىي ھېسىياتىنى ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۋېتە لەيدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئەدەبىي ئوبزورنىڭ سېھرىي كۈچى كۈچلۈك ئەقلىي تەپەككۈر،ئىلمىي تەھلىل ئارقىلىق تەڭداشسىز قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە  بولىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.بىر ئەدەبىي ئوبزورماقالىسىدا شۇ ئالاھىدىلىك يارقىن گەۋدىلەندۈرۈلسە  يازغۇچىنى ھەم ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشاشلا قايىل قىلالايدۇ..
   ئەدەبىي ئوبزور مۇلاھىيزە قىلىنىدىغان ئوبكىتنىڭ يەككىلىككە ۋە كۆپلۈككە قارىتىلىشىغا ئاساسەن يەككە ئەسەر ئوبزورچى لىقى ۋە ئەدەبىيات ھادىسى ئوبزورچىلىقى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.يەككە ئەسەرئوبزورچىلىقى-مەلۇم بىر كونكىرت  ئەسەرگە قارىتىلغان ئوبزورنى كۆرسىتىدۇ.يەككە ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئوبىكتى ھەر قانداق بىرژانىردىكى كونكىرېت بىر ئەسەر نى كۆرسىتىدۇ.يەككەئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئوبىكتى ھەتتا بىر ئەدەبىي ئوبزور بولىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى ئوبزورغا ئوبزور يېزىلى دىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.يەككە ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئوبىكتى بولغان كونكىرېت ئەسەر بىر كۇپلىت شئېىر ياكى بىر نەچچە قىسىملىق رومان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەدەبىيات ھادىسى ئوبزورچىلىقى –ئىككى خىل ئەدەبىي ئوبزورلارنىڭ بىرلەشتۈ رۈلۈپ بىر پۈتۈن نام بىلەن ئاتالغان ئومۇممىي نامىدۇر.ئۇنىڭ بىر خىلى:بىر خىل  ئەدەبىي ئېقىم،ئۇسلۇپ،ئەدەبىي يۈزلىنىش نىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىگە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ،باھا بېرىلگەن ئەدەبىي ئوبزورنى كۆرسىتىدۇ.يەنە بىر خىلى : ئىككى خىل ئەدەبىي ئېقىم،ئۇسلۇپ،يۈزلىنىشنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ،باھا بېرى دىغان ئەدەبىي ئوبزورنى كۆرسىتىدۇ.يەككە ئەدەبىي ئوبزورچىلىقمۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن :مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ كونكىرېت بىر ئەسىرىگە قارىتىلغان ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى،  ئۇنىڭدىن باشقا مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتى،ئىدىيىسى،ئۇسلۇبى، مۇۋاپىقىيىتى،يېتەرسىزلىكىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان يازغۇچى تەتقىقاتچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق-ئىككى خىل ئەدەبىيات ھادىسىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى ۋە يازغۇچى تەتقىقاتچىلىقى باسقۇچىغا ئۆتكەندە ئەدەبىيات نەزىريەشۇناسلىقى ۋەئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىقى بىلەن كېسىشىپ ئەدەبىيات نەزىريىسى،ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىدۇ.  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ تىپىكلىكى،خاسلىقىنى يادرۇلۇق گەۋدىلەندۈردىغىنى-يەككە ئەسەر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىدۇر.ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ جانلىقلىقى،جەلپكارلىقىنى ئەڭ كۈچۈلۈك نامايەن قىلىدىغان يادرۇلۇق ئۇمرۇتقىسىمۇ يەككە ئەسەرئەدەبىي ئوبزورچىلىقىدۇر.ئۇنداق بولىشىنى ئۈچ موھىم ئامىل بەلگىلىگەن.بىرىنچى:مەلۇم بىركونكىرېت ئەدەبىي ئەسەرمەلۇم بىريازغۇچى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنىدۇ.شۇنداقلا ئىجات قىلىنغان شۇ كونكىرېت ئەسەردە تاشقى ۋە ئىچكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋ دىلەشكەن ئوچۇق ياكى خىرە ھالەتتىكى ئوبرازبارلىققا كېلى دۇ.ئىككىنچى:شۇ ئەسەردە يارىتىلغان ئوچۇق ياكى خىرە ئوبراز ئوبىكتىپ رىئاللىقتا ياشاۋاتقان كونكى رېت  شەخسنى-ئوقۇرمەننى جەلپ قىلالايدىغان،قىززىقتۇردىغان تۇيغۇغا،جانلىقلىققا ئىگە قىلىنغان بولىدۇ.ئۈچۈنچى:يازغۇچى ئىجات قىلغان،كەڭ ئوقۇرمەنلەركۆرۈپ تۈرىۋاتقان شۇ ئەسەر گە قارىتا يېزىلغان يەككە ئەسەرئەدەبىي ئوبزورىمۇ يازغۇچى نىڭ شۇ ئەسىرى ھەققىدە بولۇپمۇ شۇ ئەسەردىكى كونكىرېت ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان كونكىرېت مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈش، ئەدەبىياتنىڭ ۋەئىچكى-تاشقى رىئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان باھابېرىش بولغاچقا ياز غۇچىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشاشلاكۈچلۈك جەلپ قىلالايدۇ.يەككە ئەسەرئەدەبىي ئوبزورچىلىقى-يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز-ئاراباغلاپ،تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە،كۆۋرۈك.شۇڭائەدەبىي ئوبزورچىلىق ئاساسلىقى يەككە ئەسەر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىغا قارىتىلىدۇ.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىدىمۇ يەككە ئەدەبىي ئەسەرلەركۆپلەپ مەيدانغا كەلگەندەك يەككە ئەسەر ئەدەبىي ئوبزورلىرىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.يەككە ئەسەر ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى ئۇقۇمى بىلەن ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئۇقۇمىنى ئوخشاش ئۇقۇم دېيىش ياكى ئوخشاش بىر خىل مەنىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى دېيىلسىمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
  ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ مەۋقە-مەيداننى-ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى يادرۇلۇق ھالقا.كونكىرېت ئەسەر تەھلىلى-ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى ئاساسىي ھالقا ھېساپلىنىدۇ.كونكىرېت ئەسەر تەھلى لىنىڭ قانداق نوقتىنەزەر،كۆزقاراش،ئىدىيە ئۈچۈن خىز  مەت قىلدۇرۇلىشىنى ئەدەبىي ئوبزورچى نىڭ مەۋقە-مەيداننى بەلگىلەيدۇ.قانداق كۆزقاراشقا،مەۋقەگە ئىگە بولۇش ئايرىم مەسىلە. كۈچلۈك ياكى ئاجىزتەھلىل قىلىش قىلىش قابىليىتىگە ئىگە بولۇش يەنە ئايرىم مەسىلە.بۇ يەردىكى كۆزقاراش،مەۋقە مەسىلىسى ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىن ئىبارەت بىر كەسىپكەبولغان كۆزقاراش، مەۋ قەنى كۆرسىتىدۇ.ھەرگىزمۇ سىياسى جەھەتتىكى كۆزقاراش،مەۋقەگە قارىتىلمايدۇ.ئەگەر بىر ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ مېڭىسىگە ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئۇقۇمى«تەنقىد» قىلىش دەپ سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇئوبزورچىنىڭ تەھلىل قىلىش قابىليىتى ھەرقانچە ئۈستۈن،تەپەككۈرى قالتىس ئۆتكۈر بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ تەنقىد قىلىش نەزرى ئۇنىڭ ئەقىل كۆزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ ئوبزورچىنىڭ ئەقىل كۆزىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى بۆلىكىمۇ،سول تەرەپتىكى بۆلىكىمۇ ئوخشاشلا تەنقىدىي نەزەردىكى كۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قۇسۇرچىنىڭ كۆزىگە دائىم تۈزتاياقمۇ ئەگرى كۆرۈنگەندەك ئۇ خىل ئوبزورچىمۇ ھەمىشە ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ يېتەرسىزتەرىپىنىلا كۆرىدۇ.ھەتتابىر نادىرئەسەردىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكمۇ ئۇ خىل ئوبزورچىنىڭ نەزرىدە قىسمەنلىك بولماستىن چوڭ–ئوممۇمىي يېتەرسىزلىك بولۇپ تۇيىلىدۇ.شۇنىڭبىلەن مەلۇم  ئەسەردىكى قىسمەن يېتەرسىز لىك پۈتۈن سەھۋەنلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىلىپ،كونكىرېت ئەسەر تەھلىلى شۇتەنقىدلەش كۆز قارىشىنى دەلىللەش-ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ.ئۇ خىل ئوبزورچىنىڭ كۆزقارىشى بىر تەرەپلىمە بولۇش سەھۋەنلىكىگە ئىگەبولسىمۇتەھلىل قىلىش قابىليىتى ناھايىتى يۇقۇرى،لوگىكىلىق تەپەككۈرى كۈچلۈك،قالتىس ئۆتكۈر بولىشى مۇمكىن.ئۇخىل ئوبزورچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدىغان تەرىپى شۇئالاھىدىلىكىدۇر.يەنى تەھلىل قىلىش قابىليىتىنىڭ يۇقۇرى،تەپەككۈرى ئۆتكۈر بولۇش ئالاھىدىلى كىدۇر.لېكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ خىل ئوبزورچىلارنىڭ كۆزقاراش، مەۋقە جەھەتتىكى بىر تەرەپمىلىكىگە قايىل بولمايدۇ.ئومۇممىيلىق كۆزقارىشى كۈچلۈك ئوقۇرمەنلەر ئۇخىل ئوبزورچىنىڭ ئېنىق ئېيتقاندا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىنى پۈتۈنلەي ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغان تەنقىدچىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئېنىق بايقاپ قالماستىن دادىل ھالدا تەنقىد چىدىكى بىر تەرەپمىلىكنى يارقىن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.كوناجەمىيەتتە جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئېچىپ بېرىش ئىلغارلىق بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ئىرادىسىنى كۈ چەيتىش رولىنى ئوينىغان.ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلى»نىڭ ئالدى-كەينىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى مەدھىيۋازلىق، شۇئارۋاز لىق،كۆپتۈرمىچىلىك ھاۋاسى قاپلاپ كەتكەن.ئۇيغۇرمەدەنىيەت ساھەسىدە 2000-يىللاردا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ،مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنىڭ ئاجىز،يېتەرسىز،سەلبىي تەرەپلىرىنى تەنقىدلەش-قامچىلاش ئەۋج ئالغان.يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خەلقنىڭ ئىلغارلىق قاتلىمىدىكىلەر مىللەتنى پۈتۈنلەي سۆكۈشتىنمۇ شۇنداقلا كۆپتۈرۈپ ماختاشتىنمۇ بىزار بولۇپ، تەبىي، نورمال، ئەمىل يەتكە ئۇيغۇن بولغان ھالدىكى مۇئايەن لەشتۈرۈشنىمۇ،مۇۋاپىق قامچىلاشنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ يۈرگۈزۈلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.شۇئەھۋال ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئەمىليىتىگىمۇ،پۈتۈنلۈك ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئۇيغۇن.لېكىن ئۇنى ئەدەبىي ئوبزورچىلىققا ئۆلۈك ھالدا ئەينەن تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى «قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇچىققان»دەك ئوبزورنىڭ ئوبىكتى قىلىنغان ئەسەردە نىمە ئالاھىدىلىك بولسا شۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئوبزوردىمۇ شۇ ئالاھى دىلىك يارقىن نامايەن قىلىنىشى زۈرۈر.بىرئوبزورنىڭ قانداق مەخسەتتە يېزىلىشىنى ئەدەبىي ئوبزورچى ئەمەس. ئوبزورنىڭ ئوبىكتى قلىنغان ئەسەرنىڭ ئەمىلىي ئالاھىدىلىكلىرى بەلگىلەيدۇ.ئوبزورچى پەقەت قانداق  ئەسەر ۋە قايسى ئەسەرگە ئوبزوريېزىش ھوقۇقۇنى يۈرگۈزەلەيدۇ.ئوبزور يېزىلىدىغان ئەسەرتاللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوبزورنىڭ قانداق مەخسەتتە يېزىلىشىنى تاللانغان ئەدبىي ئەسەر بەلگىلەيدۇ.مەخسەتچانلىق،خاھىش ئەنە شۇنداق ئىجادىيەت ئەمىليىتى تەرپىدىن بەلگىلەنگەندىلا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىگە،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەردىن ئالغان تۇيغۇ،تەسىراتىغا ئۇيغۇنلاشقان مەخسەتچانلىق بولىدۇ.
    كونكىرېت ئەسەر تەھلىلى –مەخسۇس ئەدەبىي نوقتىدىن ئوبزورنىڭ ئوبىكتى قىلىنغان كونكىرېت ئەسەر ئۈستىدە   ئىنچىكە مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈلۈپ، دەلىل، ئىسپات،پاكىت بايان قىلىنىدىغان جەرياندۇر.ئەسەر ئۈستىدە ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلىغىلى، ئوقۇرمەنلەرنى ئالدىغىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن بايان قىلىۋاتقان دەلىل،ئىسپات،پاكىتلارغا ئوبزورچىنىڭ ئۆزى ھېسسىيات ئەمەس ئەمىليەت نوقتىسىدىن ئالدى بىلەن ئۆزى قايىل بولىشى كېرەك.ئەمىليەت نوقتىسىدىن ئوبزورچى ئۆزى قايىل بولغان،قانائەت ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن يازغۇچىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى دەلىل-ئىسپات، پاكىتنى ئەسەرنىڭ ئەمىليىتىگە،رىئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بايان قىلىش-ئەدەبىي ئوبزورچى لىقتىكى ئىنچىكە ھالقىدۇر.شۇ  ئىنچىكە ھالقا-ئوقۇرمەننى ۋە يازغۇچىنى قايىل قىلىش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىي ئوبزورنىڭ جېنىدۇر.ئوبزورچى ئەڭ كۈچەيدىغان قىيىن پەللىدۇر.چۈنكى مۇئا يەنلەشتۈرۈش ياكى تەنقىد قىلىش ۋە ياكى يېرىم تەرىپىنى مۇئايەنلەشتۈرۈپ   يەنە يەنە يېرىم تەرىپىنى ئىنكار قىلىش نورمال بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ قوللىدىن كېلىدۇ.قىسقا ۋە ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا «ياخشى ئەسەركەن»ياكى «پاخپاق»ئەسەركەن دېيىشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. لېكىن ياخشى ئەسەر بولسا قانداق ياخشى ئەسەر؟قايىرى ياخشى ئەسەر؟ نىمە ئۈچۈن پاخپاق ئەسەر؟ پاخپاق بولى  شىدىكى سەۋەپ نىمە؟ دېگەن سۇئاللارغا ھەممە ئادەم جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئوبزورچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.يۈكلەنگەندىمۇ ئەدەبىي نوقتى دىكى ئىلمىي،ئەمىلىي،كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات،پاكىتقا ئايلاندۇرۇپ جاۋاپ بېرىش ئوبزورچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.دەلىل-ئىسپات،پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرغا  قويۇلىشى ئوبزوردىكى مەخسەت چانلىققا خىزمەت قىلدۇرۇلۇش ئۈچۈندۈر.شۇ ئىنچىكە ھالقىغا كەلگەندە خۇددى يازغۇچىنىڭ تەسۋىر لەش،ئىپادىلەش ماھا رىتى ئەدەبىي ئەسەر ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان بىر پۈتۈن بەدئىي دۇنيانى يورۇتۇپ بېرىشتە ئىنتايىن ئەسقاتىدىغان قابىليەت بولغىنىدەك ئوبزورچىنىڭ لوگىكىلىق-ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قۇۋىتى،مۇلاھىيزە-تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئوبزوردا ئوتتۇرغا قويۇلغان كۆزقاراش-مەخسەتچانلىقنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشتە جاندەك ئەسقاتىدىغان قابىليەت ھېساپلىنىدۇ. پىكىرنىڭ ئوچۇق،باياننىڭ راۋان بولىشى ئەسەر تەھلىلىدىكى ئۈنۈملۈك پىكىر بايان قىلىش شەكلى بولۇپ چەكلىك سەھىپە ئىچىدە كۆپ مۇلاھىيزە قاتلاملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگىلى،مۇجىمەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ئەسەر تەھلىلى يۈرگۈزۈش-يىلتىزىنى تاپ قىلى بولمايدىغان قويۇق  بېدىلىك ئىچىگە كىرىپ قېلىش ئەمەس بەلكى قىلنى قىرىققا يېرىپ بېرەلەيدىغان  ئەقلىي تەپەككۈر كۆزى ئارقىلىق قويۇق چاتقاللىق ئىچىدىن مەنزىلگە يېتەلەي دىغان يولنى بايقاپ چىقىشتۇر.پىكىرنىڭ ئوچۇق،بايان قىلىش ئۇسۇلىنىڭ راۋان بولىشى ئەسەر دىكى كونكىرېت ئالاھىدىلىكلەرنى ئىخچام ، ئېنىق،مېغىزلىق شەرھىلەپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوبكىت قىلىنغان ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،  مۇجىمەل ھېس قىلغان تەرەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىغا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن پىكىرنىڭ باغلىنىشچانلىق قا،ماسلىشىشچانلىقىغا،ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش،زىددىيەتلىك بولۇپ قېلىشىدىن-ئالدىدىكى پىكىر بىلەن كېيىنكى پىكىرنىڭ ئۆز-ئارا زىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.يازغۇچىنى نامغا ئىگە قىلىدىغىنى ئەسىرى.ئەسىرىنى كەڭ تارقىلىش ۋە ئۇزاق مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغىنى ئەسەردىكى روھ ۋە جەلپكارلىقتۇر.ئەسەردىكى روھ ۋە جە لپكارلىقنى بارلىققا كەلتۈردىغىنى بولسائەسەردىكى كونكىرېت ئالاھىدىلىكلەردۇر.بىرئەسەرنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىمۇ ئۇتۇقنىڭ چېكىگە يېتىپ نامايەن بولىشى بولۇپ شۇ ئۇتۇق شۇ ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىدا ۋە زاھىر قىلۋاتقان روھتا ئىپادىلىنىدۇ.بىر ئەسەرنىڭ ئىنتايىن پاخپاق بولۇپ چىقىشىمۇ سۈپەتسىزلىكنىڭ چېكىگە يېتىپ زاھىر قىلىنىشى بولۇپ،شۇ سۈپەتسىزلىك شۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئىنتايىن بىزار قىلىشىدا ۋە مەزمۇنىنىڭ زىيادە پۈچەكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. دەلىل-ئىسپات،پاكىت بايان قىلىش كۆپۈنچە ھاللاردا ئىككى قۇتۇپسىمان ئەشۇ ئىككى تەرەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ.
   ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟بۇ ناھايىتى چوڭ گەپ.ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئاساسلىق گەۋدىلىنىۋاتقان تۈرى يەككەئەدەبىي ئەسەرئوبزورچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە كۆزدە تۇتىلۋاتقىنى يەككە ئەدەبىي ئەسەر ئوبزورچىلىقىدۇر. ئۆلچەم شۇكى:كونكىرېت ئەدەبىي ئەسەرنى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا كونكىرېت ئۆلچەم بويىچە مۇلاھىيزە قىلىپ يەكۈن چىقىرىشتىن ئىبارەت.چۈنكى  بىر ئەدەبىي ئەسەرنى چوڭ جەھەتتە ئەدەبىياتنىڭ قانۇ نىيىتى ئۆلچىمىگە، كونكىرېت جەھەتتە شۇ ئەسەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ماس كېلىدىغان ئۆلچەمگە سېلىش مۇۋاپىق.بىر ئەدەبىي ئەسەرنى يەنە بىر ئەدەبىي ئەسەرگە سالغان ئۆلچەم بىلەن مۇلا ھىيزە قىلىش ياكى ئوبزورچى ئۆز خاھىشى بويىچە بېكىتىۋالغان ئۆلچەم بىلەن باھالاش مۇۋاپىق ئەمەس.مەسلەن ھازىر كۈچلۈك مۇنازىرە ئوبىكتى بولۇپ كېلىۋاتقان ساالچىلار رومانىنى ئالساق. قىسمەن ئوبزورچىلار،مۇئايەن نىسبەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۇ روماننى «قۇم باسقان شەھەر»بىلەن سېلىشتۇرۇپ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى بىر ئوڭۇشسىزلىق ھېساپلىدى.«سالچىلار»روماننى بىلەن «قۇم باسقان شەھەر»روماننى سېلىشتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس.چۈنكى :بىرىنچىدىن:ئىككى رومان ھەقىقەتەن بىر يازغۇچىنىڭ يىرىك ئەسەرلىرى بولسىمۇ ئىككى روماننىڭ ئىجات قىلىنغان دەۋرى ئوخشىمايدۇ.دەۋرگە ماس ھالدا رومان ئاپتورىنىڭ ئىككى دەۋردىكى كۆزقاراش، چۈشەن چىسىمۇ ئوخشى مايدۇ.ئىككىنچىدىن: ئىككى روماندا يورۇتۇلغان رىئاللىق،يازغۇچىنىڭ قوللانغان ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.«قۇم باسقان  شەھەر »تىپىك ئەپسانىۋى رومان.تارىم ئويمان لىقىدىكى تەكلىماكان چۆلىدە نۇرغۇن ماددى مىراسلار ساقلىنىش بىلەن بىرگە مەنىۋى مىراسلارنىڭ بىر تەركىبى بولغان  ئەپسانە-رىۋايەت،چۆچەكلەر ساقلانغان...«قۇم باسقان شەھەر» يازغۇچىنىڭ رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ...ئىجات قىلغان.مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان يىرىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.«سالچىلار»نىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدۇ.سالچىلار يېقىنقى زامان، ھازىرقى زاماندا ئىلى دەرياسىدا سۇ قاتنىشى كەسپى بىلەن ھايات كەچۈرگۈچىلەر.كونكىرېت ماكان،زامان،ئادەملەرنىڭ ئېنىقلىقى ۋەرىئال ياشاشنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى «سالچىلار»رومانىنى رىيالىزىم ئۇسۇلىدا،چىنلىققا سادىق بولۇش ئاساسىدا ...ئىجات قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئۈچۈنچىدىن: ئىككى رومان يازغۇچىنىڭ ئىككى دەۋرىدىكى،ئىككى خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى ئىجا دىي ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى. يازغۇچىنىڭ «قىرلىق ئىستىكان»«ساراڭ»«چارخوراز»«ئالتۇن چىشلىق ئىت»قاتارلىق نادىر ئەسىرلىرى ئۇيغۇرچە يېڭى ئەپسانىچىلىق ياراتقانلىقىنىڭ مەھسۇ لى.«قۇم باسقان شەھەر» ئۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى.«سالچىلار»  روماننى ئىجات قىلىنغان مەزگىل يازغۇچىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن،ئۆزىنى رىياللىق   ئىچىگە قويۇپ،ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىچىك بىر بۆلىكى بولغان سالچىلار توغۇرسىدا خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇش مەخسىدىدە رىئاللىقنىڭ چىنلىقىغىغا سادىق بولۇپ يېزىپ چىققان رىيالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى رومان. تۆتىنچىدىن:«سال چىلار »رومانىدا يازغۇچى ئەدەبىياتتىكى يۈكسەك پەللىنى ئەمەس ئۆز خەلقى،يۇرتىغا    بولغان چوڭقۇر مۇھەبىتىگە يۈز كېلىشنى چىقىش قىلغان.ئۆزىنىڭ كونكىرېت ئارزۇسىنى خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن.خۇددى «قۇم باسقان شەھەر»ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر ۋە يۇقۇرى ئىستى تېك زوقلىنىش سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئى چىدە ئۆز دەۋرىدە زور تەسىر قوزغىغاندەك«سالچىلار»رومانىمۇ بۈگۈنكى كۈندە كەڭ ئاۋام-پۇقرالار ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ.«قۇم باسقان شەھەر» ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە بولغاندەك «سالچىلار»مۇ ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە . . ..ئىككى ئەسەرگە بىر ئۆلچەم بىلەن باھا يۈرگۈزۈشكە توغرا كەلسە ئوخشاش تېمىدىكى، ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى،ئىجات قىلىنىشى ئوخشاش مەزگىلدىكى،ژانىرى  ئوخشاش بولغان ئىككى ئەسەرنى بەدىي سۈپەت نوقتىسىدىن مۇلاھىيزە قىلىپ   سېلىشتۇرۇش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ئۇئىككى ئەسەر بىريازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى بولسىمۇ ئىجات قىلىنغان ۋاقتىنىڭ سەل-پەل ئىلگىرى-كېيىنلىك پەرقىدىن باشقا سۈپەت جەھەتتە پەرقى بولمىسا ياكى سۈپەت جەھەت تە ئوپ-ئوخشاش بولۇپ  قالسا يازغۇچىنىڭ جايىغا-ئىزىدىن ئىزىغا سەكرىشى بولغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.  سان ئەلۋەتتە نەزەرگە ئېلىنىدۇ.ئەمما ئەڭ موھىم ئورۇنغا قويۇلدىغىنى سۈپەت جەھەتتىكى ئىلگىرلەشتۇر. بىرئەسەرنى ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەسەرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەش بىر تەرەپمىلىكتۇر.يازغۇچىغا يۇقۇرى تەلەپ قويۇش،دۇنياۋىي بەدىي يۈكسەكلىككە يۈزلىنىدىغان ئەسەرئۆلچىمىنى قويۇش ئەدەبىياتنىڭ يۈكسەكلىككە يۈزلىنىش ئۆلچىمى نوقتىسىدىن توغرا.ئەمما مەلۇم بىررايۇن،مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيىسى نوقتىسىدىن شۇنداقلا شۇ ئەسەر نىڭ يېتىدىغان ئۈنۈمدارلىق پەللىسىدىن قارىغاندا ۋە يەنە شۇ رايۇن،مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرلىنىش سەۋىيىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا شۇ ئەسەر گە ئاساسلىقى شۇ رايۇن،مىللەت ئەدەبى ياتىنىڭ سەۋىيىسى،ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرلىنىش سەۋىيىسىنىڭ ئوتتۇراھالقاتلىمىنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىش،دۇنياۋىي بەدىي سەۋىيىگە يېتىشنى-تەدرىجى يېتىپ بارىدىغان پەللە-نىشان قىلىش كېرەك.
  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتقكى،ئەدەبىي ئوبزورچىدىكى،ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى يادرۇلۇق مۇددۇئا-ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى يېتەكلەش ئەسلى ماھايەت جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە.ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىي ئوبزور ماقالىسىنى يېزىشى ئەدەبىياتتىكى مۇددۇئاسىدىن ئېيتقاندا بىركىمنى كۆككە كۆتىرىپ يەنە بىرەيلەننى يەرگە يەكسەن قىلىپ ئۇجقتۇرۋېتىش ئەمەس.نام-شۆھرەت قازىنىش تېخىمۇ ئەمەس.بەلكى ئادىل-لىللا مەيداندا تۇرۇپ مەيلى يەككە ئەسەر بولسۇن ياكى ئەدەبىيات ھادىسلىرى بولسۇن ئەدەبىيات قانۇنىيىتىگە،تەنقىدچىلىك پىرىنسىپىغا، ئىجادىيەتچىلەرگە، ئوقۇرمەنلەرگە يۈز كېلەلەيدىغان مەيداندا تۇرۇپ ،ئوبىكتىپ مەۋقەنى كۆزلەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى توغرا ئالغا يېتەكلەشتۇر.بۇ يادرۇلۇق مۇددۇئا -ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ،ئەدەبىي ئوبزورنىڭ،ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى بولۇشقا مۇناسىپ.مانا بۇ پىكىر مەزكۇر ماقالىدا ئىزچىل ئالغا سۈرۈلمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيەدۇر.
  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ يادرۇلۇق مەخسەتچانلىقى يەنى ئومۇممىي سۈپەت نوقتىسىدىن يېتەكلەش پىرىنسىپى ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئەدەبىي  ئوبزورچىلىق بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بولغان كىچىك تۈرلەر –يازغۇچى، سەنئەت كارلارغا،مەشھۇرلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەت،مىكرۇ ئوبزورچىلىق،ئەدەبىي مۇھاكىمە قاتارلىقلارغا ۋە ماكرۇ ئوبزورچىلىق بولغان ئەدەبىي ئاخبارات ئوبزورچىلىقى،  مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقى،جەمىيەت ئوبزورچىلىقى،ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئىستىتېكا نوقتىسىدىن باھا،مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئوبزورچىلىقىغىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
  ئوقۇرمەنلەر ئوبزورچىلىقى –ئوچۇق خەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 90-يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ژورناللاردا مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇ تور ئەدەبىياتىداخېلى يار قىن گەۋدىلەندى.ئوچۇق خەت يەنە سەنئەتكارلارغا،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالىم-مۇتەخە سىسلەرگە،جامائەت ئەرباپلىرىغا قارىتىلىشقىچە كېڭەيدى.بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى قەلەم  ساھىبىلىرىگە يېزىلغان ئوچۇق خەتتۇر.ئوچۇق خەتنى يازغۇچىلار ئوقۇرمەن لىك مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلار بولۇپ،«ئوقۇرمەن»مەنىسى«خەلق»ئۇقۇمىغا ئوخشاش ناھايىتى كەڭ.بىر قەلەمكەش يەنە بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغاندا«ئوقۇرمەن»گە ئايلىنىدۇ.«ئوقۇرمەن»لەرنىڭ قاتلىمى كۆپ خىل بولىدۇ.ئوچۇق خەت يازغۇچىلار ئەدەبىي  ئەسەرياكى ئوبزورۋە ياكى نەزىريىۋى ماقالە ھەققىدە يېزىشىمۇ مۇمكىن.ئوچۇق خەتتە بايان قىلىنىدىغىنى يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىن ئالغان تەسىرات ئاساسىدا ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتى جەھەتتىكى باھا،كۆزقاراشلىرىنى ئىخچام بايان قىلىش بىلەن يازغۇچىدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى ياكى يازغۇچىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئۈمىد كۈتۈش»ۋە«ئۈمىدسىزلىنىش»ئوچۇق خەتلەردىكى مەخسەتچانلىقتۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەۋقە-مەيدانىدىن ئېيتقاندىمۇ بارلىقئ وقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاقلىقى ئېسىل ئەسەر لەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە،ئەدەبىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت  ئورتاقلىققائىگە ئارزۇ ھېساپلىنىدۇ.ئەشۇ ئورتاق ئارزۇ ئەدەبىي ئوبزورنىڭ يادرۇلۇق مەخسەتچانلقى بىلەن ماھايەت جەھەتتە  بىردەكلىككە ئىگە.
  مىكرۇ ئوبزور-ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ قۇرۇلمىسى،ھەجىمچانلىقى،تەپەككۈر،مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى،تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تەرەپلىرىدە ئومۇممىي يۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش مەخسى دىدە بارلىق كەلگەن بىرخىل يېڭى ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.مىكرۇ ئوبزورچى لىقنىڭ شۇ مەخسەتچانلىقى ناھايى تى قىممەتلىك تەرپىدۇر.لېكىن كۆچۈرۈلمە ئۇسۇل پېتىچە قول لىنىشى،ئۇيغۇرئەدەبى ياتىنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلماسلىقى،ئوچۇق ئېيتقاندا « ئۇيغۇر چە مىكرۇ ئوبزور»غا ئايلانماسلىقى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغان تەرپىدۇر.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق مىكرۇ ئوبزورچىلىقنىڭ ئەۋزەل تەرپىنى قۇبۇل قىلىشى،مىكرۇ ئوبزورچىلىقمۇ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە سالماقلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى مۇئايەن دەرىجىدە قۇبۇل قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىككىسى بىر-بىرىگەقارشى ئىككى دۇنيا ئەمەس.بىر-بىرىنى تولۇقلاش ھەم بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتىگەئىگە  يەنە كېلىپ ئوبزورچىلىقنى ۋە ئەدەبىياتنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەتيادرۇلۇق مەخسەتچانلىقتا ئورتاقلىققا ئىگە.بۇ ئايرىم تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئايرىم ھالدا مەخسۇس توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
   ئەدەبىي مۇھاكىمە-رىئاللىقتىكى،جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ئەدەبىي نوقتىدىن مۇلاھىيزە قىلىدىغان،مۇھاكىمىلىق نەسىرگە، فىليەتونغا،ئەدەبىي ئوبزورغا،مەدەنىيەت ئوبزورىغا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە بەلگىلىك دەرىجىدەئوبرازلىق تەپەككۈر،تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن قىسمەن ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ماقالە تۈرى.ئۆتمۈشتىكى جوڭگۇرىئاللىقىدا لۈشۈن ئەدەبىي مۇھاكى مە ماقالىلىرىنى كۈچلۈك مەنىۋىي قورال قىلىپ،قاراڭغۇلۇقتىن نەپرەتلىنىپ،يورۇقلۇققا ئىنتىلىشنى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلغان.شۇ پىرىنسىپ جوڭگۇ ئىنقىلاۋىنىڭمۇ يېتەكچى پىرىنسىپى ئىدى.20-ئەسىر  90-يىللىردىن باشلاپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە ئابدۇقادىر جالالدىن باشچىلىقىدىكى مۇنەۋەر زىيالىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئەدە بىيات ۋە مەدەن ىيەتنىڭ بىرىكمە نوقتىسىدىن مۇلاھىيزە يۈرگۈزدىغان ئەدەبىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇلار نىڭ ۋەكىللىك نامايەندىسى ئابدۇقادىر جالاللىدىن ئەدەبىي مۇھاكىمە ماقالىلى رىدۇر.كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى ئابدۇقادىر جالاللىدىن ئەدەبىي مۇھاكىمىلىرىدە باشتىن-ئاخىر يېتەكلەش پىرىنسىپى  ئىزچىللاشقان.بىلىمگە،ئويلىنىشقا،روھىي جاراھەتلى رىمىز ۋە ئېسىل تەرەپلىرىمىز ئۈستىدە مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈشكە، پەلسەپە، ئىستىتېكا، پىداگوگىكا، ئېتىكا، تارىخ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىلىملىرىنى يادرۇلۇق مەخسەت ئۈچۈن خىزمەت  قىلدۇرۇش ئابدۇقادىر جالاللىدىن ماقالىلىرىدىكى مەركەزلىك ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ ناھايىتى بالدۇرلايىراقنى كۆرۈپ ئۇيغۇرزىيالىلىرىنى يېتەكلەش بىلەن بىللە ئۆزىنىمۇ يېتەكلەپ مەرىپەت جەھەتتە ئونۋېرسال تاكامۇللىشىشقا يۈزلەنگەنلىكى ئۆرنەك،ئۈلگە ھېساپلىنىدۇ.قۇبۇل قىلىش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭماقالىلىرى ئونۋېرساللىق خاراكتىرىگە ئىگە.ئوخشىمىغان ساھەدىكى زىيالىلارغا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.ھېچكىمنى رەنجىتمەيدۇ.ھېچكىمنى گۆدەكلەرچە خۇش قىلى ۋەتمەيدۇ.بىر خىل سالماقلىق، تەمكىنلىك، شىجائەت، مەنىۋىي پەللىگەتوختاۋسىز ئىلگىرلەش روھى سىڭگەن.ئابدۇقادىر جالاللىدىن ماقالىلىرىنى گەرچە ئۇنىڭ ئۆزى«مەدەنىيەت ئوبزوررى »دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ مەنىۋىي ساھەدىكى «مەدەنىيەت ئوبزورى» دېيىش ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.ئۇنىڭ بىرەر مەزھەپ،ئېقىم،گۇرۇھقا قېتىلماي ۋە ئۇ خىل يۈزلىنىشنى ئۆزى تەشكىللەشكە بېرىلمەي،باشتىن باشلاپ مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەيدانىدىن ئىبارەت بىر چوڭ مەيداندا تەۋرەن مەي تۇرۇپ كەلگەنلىكى،شۇن  داقلا مىللىي ئاڭنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۈرۈپ تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى،تېخىمۇ موھىمى يېتەكلەش پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى ئۈلگە دەپ  قاراش كېرەك.
   ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ماكرۇلۇق باغلىنىشى جەھەتتە ئەدەبىي ئاخبارات ئوبزورچىلىقى بىلەن جەمىيەت ئوبزورچىلىقىنى بىللە تىلغا ئېلىش مۇۋاپىق.بىزدە ئەدەبىي ئاخباراتقا مەنسۇپ خېلى تەسىر قوزغاشچانلىقى بار ئەدەبىي ئاخباراتلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ئەدەبىي ئاخبارات ئوبزورچىلىقى رەسمى شەكىللەنگىنى يوق.بۇ ئەدەبىي ئاخبارات ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىللەيدۇ.جەمىيەت ئوبزورچىلىقى-جەمىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن جەمىيەت تەكشۈرۈش ،جەمىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنى تەكشۈرۈش، ئىقتىسات، ئىشلەپچىقىرىش،مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى،تۇرمۇش،ئۆرپ-ئادەت،مەدەنىيەت قاتارلىقنى ئونۋېرسال تەكشۈرۈش ئاساسىدا جەمىيەتنىڭ مەلۇم يۈزلىنىشگە پايدىلىق ئامىل ۋە پايدىسىز ئامىلنى سېلىشتۇرۇپ شەرھىلەپ بېرىدىغان،ئىلمىي،ئەمىلىي،پاكىتلىق،ئونۋېرسال خاراكتىرگە ئىگە قىلىپ يېزىلىدىغان ماكرۇ ئوبزوردۇر.گېزىت،رادىيۇ،تېلۋىزىيەنىڭ ئوبزورچى ماقالىلىرى جەمىيەت ئوبزورى ئەمەس بەلكى ئاخبارات ئوبزورىدۇر. ئامىركىلىق ئالىم مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمى يەت»ناملىق ئەسىرى جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى نوقتىسىدىن ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى، قەدىمكى جەمىيەتكە جەمىيەتشۇناسلىق نەزرى بىلەن دىئاگنۇز قويۇش نوقتىسىدىن جەمىيەت ئوبزورىدۇر. ئۇيغۇر ياز غۇچىسى ئۆمەرجان ئىمىننىڭ«تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»ناملىق ئەسىرىمۇ ئىلمىي  تەتقىقات ئەسىرى ۋە جەمىيەتشۇناسلىق ئوبزورىدۇر.ئەدەبىي ئاخبارات ئوبزورچىلىقىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپ توغرا جامائەت پىكرى يۆنۈلىشىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ بەدىي چىنلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشتۇر. جەمىيەت ئوبزورچىلىقىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپ جەمىيەت تەرەقىياتى  قانۇنىيىتىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىشتۇر.
   ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ماكرۇلۇق باغلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئىستىتېك باھا يۈرگۈزۈش ئوبزورچىلىقى بىلەن مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقىنى بىرلىكتە تىلغا ئېلىش مۇۋاپىق.ئىستىتېكائوبزورچىلىقى –ئەدەبىيات بىلەن سەن ئەتنىڭ ئەكس-ئەتتۈرۈش ئوبىكتىنىڭ ئوخشاشلىقى،ئەكس-ئەتتۈرۈشجەھەتتىكى  ئوبرازلىق تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش لىقى،مەلۇم بىر ۋاستىنى قورال   قىلىپ تاللىۋېلىش جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى،ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەسەرلەردە ئۆزگى چە گۈزەللىك دۇنياسىنى يارىتىش جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى، ئوقۇرمەنلەرگە ،كۆرۈرمەنلەرگە ئىستىتېك زوق بېغىشلاش جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىدىن ئىبارەت كۆپ   جەھەتتى كى ئورتاقلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ئىستىتېكا ئوبزورچىلىقى تىل    سەنئتى،ئاكتىيۇرلۇق سەن ئىتى(رول ئېلىش) ئاۋاز سەنئىتى (مۇزىكا ۋە ناخشا) ھەر  كەت ۋە بوشلۇق سەنئىتى(ئۇسۇل، بالىت ،گۈزەللىك گىمناستىكىسى ) سەھنە سەنئىتى  ،ئېكران سەنئىتى (ئېلانچىلىق ۋە مودىلىق) ،كىنو-تېلۋىزىيە سەنئىتى، قۇرۇلمىچىلىق سەنئىتى (رەسساملىق،ھەيكەلتاراشلىق،نەققاشلىق،بىناكارلىق) قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يۇغۇرۇپ بىر پۈتۈن ئەدەبىيات سەنئەتكە ئىستىتېكا نوقتىسىدىن با ھا،مۇلاھىيزە يۈرگۈزىدۇ.ئىستىتېكا ئوبزورچىلىقىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى ئىستىتېكا قانۇنىيەتلىرى بىلەن پەلسەپەنىڭ يۇغۇرلىشىنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت.
مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقى-مىللەتشۇناسلىق،تىلشۇناسلىق،ئىنسانشۇناسلىق،تارىخ،زامانىۋىيلىق ، ئەنئەنە، جۇغراپىيە، مەدەنىيەتشۇناسلىقنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدا تۇرۇپ زاماندىكى مىللەت مە دەنىيىتى،رايۇن مەدەنىيىتىگە باھا ،مۇلاھىيزە يۈرگۈزدىغان  بىر خىل ماكرۇ ئوبزوردۇر.لىن يۈتاڭ نىڭ «جوڭگۇلۇقلار»ناملىق كىتابى مۇكەمەل بولغان مەدەنىيەت ئوبزورىدۇر.كىتاپتا ئوتتۇرا تۈز لەڭلىك خەلقىنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى دائىرە،19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى  يېرىمىدىكى مەدىنىيىتى يادرۇقىلىنىپ مۇلاھىيزەقىلىنغان.جوڭگۇلۇقلارنىڭ روھىيىتىدە ساقلانغان كېسەللەرنى ئېچىپ بېرىش لۈشۈننىڭ ماقالىلىرىدىن تېيىز بولمىغان. مەدەنىيەت ئوبزورىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپى-مىللىيمەدەنيەتنىڭ گۈللىنىشنى يادرۇلۇق مەخ سەت قىلىشتىن ئىبارەت.
  يۇقۇرقى ماقالىدا ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ۋە ئەدەبىي ئوبزور چىلىقنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى توغۇرلۇق تەپسىلى توختالدىم.يېتەكچى پىرىنسىپ  جەھەتتە باغلىنىشى بولغان ئۇقۇملارنى قوشۇمچە بايان قىلدىم.ماقالىدا ئوتتۇرغا   قويۇلغانلىرى ئۆزۈمنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.تەنقىد،تەكلىپ پىكىرلىرىنىڭ   بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.

   2013-يىل،5-ئاي.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-1 14:35  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 893
تۆھپە : 2
توردا: 181
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بولسا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىن ئىبارەت ئومۇممىي ئۇقۇم ئىچىدىكى تارماق ئۇقۇمدۇر.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئومۇممىيلىققا ئىگە نام.ئەدە بىي تەنقىدچىلىك بولسائايرىملىقنى بىلدۈردىغان نام.«ئەدەبىي ئوبزورچىلىق» ئۇقۇمى بىلەن   «ئەدەبىي تەنقىدچىلىك» ئۇقۇمىنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ناھايىتى زۈرۈر. مەلۇمكى ئەدەبىي تەنقىد بىرىنچىدىن:ئۇقۇم مەنىسىدىنلا تەنقىدتىن ئىبارەت بىر تەرەپنىلا نىشان قىلغانلىقى،ئىككىنچىدىن: ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان مۇئايەنلەشتۈرۈش مۇھاكىمە-تەقرىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى،شۇنداقلا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىنىڭ لىللا-ئادىل مەيدانىدا تۇرۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنى ۋەئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىېتىك تەلپىنى توغرا يېتەك لەشتىن ئىبارەت ئومۇممىيلىق خاراكتىرىگە ئىگە ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدىغانلىقى بىلەن«ئەدەبىي ئوبزورچىلىق»ئۇقۇمىغا تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق- ئەدەبىي تەنقىدنى،ئەدەبىي نوقتىدىن مۇئايەنلەشتۈرۈشنى،ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئادىل-لىللا مەيدا نىدا تۇرۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرھەققىدىكى مۇئا يەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە،ئىستىتېك ئاڭ،تەلەپنىڭ قانۇ نىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا يەكۈنلەپ،ئوقۇرمەنلەر نى ئىستىتېك تەلەپ نوقتىسىدىن يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىق-پۈتۈنلۈكنى  گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇقۇم.شۇڭا ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ بىرتەركىبىي قىسمى.

       ماقالىنىڭ نان تېگىدىغان يېرى دەل مۇشۇ يەردە ئىكەن دەپ ھېس قىلدىم

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغۇملارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنى،خەتلەرنىڭ ،قۇرلارنىڭ تەكشىسىزلىكىنى ئوڭشاي دەپ ئەستايدىل تۈزىتىش ئېلىپ بارسام ئاخىرىدا «باشقىلارنىڭ تېمىسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقىڭىز» دېگەن ئەسكەرتىش چىقىۋالدى.نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 13:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان قۇربان ئۇرغۇنىڭ ماقالەمدىكى ئالاھىدىلىككە كۆڭۈل بۆلگىنىگە تەشەككۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7476
تۆھپە : 3
توردا: 787
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 07:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 13:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداشنىڭ ماقالىگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە تەشەككۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 19:03:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇتىما ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشلەرنى رۇياپقا چىقىرىپتۇ،ئەمماچۇشەنجىدىكى بەزىبىر خاتلىقلار تالاش تارتىش بوشلۇقىنى قالدۇرۇپ بىزنىمۇ ئىشتىراك قىلىشقا مەجبۇرلىدى.ماقالىدە:

«بىز ئىنچىكە نەزەر سالىدىغان بولساق «ئەدەبىي ئوبزورچىلىق»ئۇقۇمى بىلەن «ئەدەبىي تەنقىدچىلىك»ئۇقۇمىنى ئارلاشتۇرۇپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمىز ئايان بولىدۇ.شۇ ئىككى ئۇقۇم تىلىمىزدا تەڭ مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە.ئەمىليەتتە ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئەدەبىي  تەنقىدچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى ئۇقۇم.ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بولسا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئۇقۇم ئىچىدىكى تارماق ئۇقۇمدۇر.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئومۇممىيلىققا ئىگە نام.ئەدە بىي تەنقىدچىلىك بولسائايرىملىقنى بىلدۈردىغان نام.«ئەدەبىي ئوبزورچىلىق» ئۇقۇمى بىلەن   «ئەدەبىي تەنقىدچىلىك» ئۇقۇمىنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ناھايىتى زۈرۈر. مەلۇمكى ئەدەبىي تەنقىد بىرىنچىدىن:ئۇقۇم مەنىسىدىنلا تەنقىدتىن ئىبارەت بىر تەرەپنىلا نىشان قىلغانلىقى،ئىككىنچىدىن: ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان مۇئايەنلەشتۈرۈش مۇھاكىمە-تەقرىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى،شۇنداقلا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىنىڭ لىللا-ئادىل مەيدانىدا تۇرۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنى ۋەئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىېتىك تەلپىنى توغرا يېتەك لەشتىن ئىبارەت ئومۇممىيلىق خاراكتىرىگە ئىگە ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدىغانلىقى بىلەن«ئەدەبىي ئوبزورچىلىق»ئۇقۇمىغا تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق- ئەدەبىي تەنقىدنى،ئەدەبىي نوقتىدىن مۇئايەنلەشتۈرۈشنى،ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئادىل-لىللا مەيدا نىدا تۇرۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرھەققىدىكى مۇئا يەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە،ئىستىتېك ئاڭ،تەلەپنىڭ قانۇ نىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا يەكۈنلەپ،ئوقۇرمەنلەر نى ئىستىتېك تەلەپ نوقتىسىدىن يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىق-پۈتۈنلۈكنى  گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇقۇم.شۇڭا ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ بىرتەركىبىي قىسمى.ئەدەبىي ئوبزورچىلىق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنى ۋەيۇقۇرقى ئىككى نوقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ئۇقۇم»دەيدۇ.
     دىمىسمۇبىزبۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرپ قوللۇنۇپ كىلۋاتمىز.بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىرسى پالان- پوكۇن دىگىنى،ياكى بۇئۇقۇملارنى شەرھىلەپ چۇشەندۇرۇپ قۇيۇشنى ئويلاشقىنى  يوق.(بۇ ھەقتە ،ئەدىبىيات تەتقىقاتچىسى، تەنقىتچى فىراپىسسۇركىرىمجان ئابدىرھىمنىڭ تىلۋىزىيە سۆھبىتىدە ئازراق توختالغېنى ئىسىمدە) بۇ ماقالىدە بۇ مەسىلىگە جىددى قارغان،ھەم بۇ ئۇقۇملارنى چۇشەندۇرۇپ،ئۇقۇملارنى تەبىرلەپ ئۆتكەن.  بىز بۇ چۇشەندۇرۇشلەردىن ئوبزۇرچىلىقنىڭ ئومۇمى ئۇقۇم ،تەنقىتنىڭ تۇر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ،ئوبزۇرچىلىق تەنقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى بىلۋىلىشقا مەجبۇرلىنمىز.ئەمما بىزنىڭ چۇشەنجىمىزدىكى باشقا مەنبەلەر بۇ خىل قاراشنىڭ ،بۇ خىل چۇشەندۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرۇپتۇ.مەسلەن:
   
تەنىقىت،بىزگە ئەرەپچىدىن كىرگەنلىكى مەلۇم.ئەسلىدە«تەكشۇرۇش » «تاللاش»دىگەندەك مەنىلەردە بولۇپ،«ھۆكۇم قىلىش، باھا بىرىش سەنئىتى»دىگەن مەنىلەردە قوللۇنۇلۇپ،ھازىر يالغۇز ئەدىبى ئەسەرلەرگە ۋە ئەدىبى ھادىسلەرنى باھالاشتىلا ئەمەس،بەلكى ئەدىبىياتشۇناسلىقنىڭ موھىم بىر تەركىۋى قىسمى ،ۋە مەخسۇس پەن سۇپتىدە قاراپ كىلنىۋاتىدۇ.بۇ ھەقتە ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىمىز، ئەدىبى تەنقىتچى مۇھەممەت پولات مۇنداق دەيدۇ:«ئەدىبى تەنقىت ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بىرخىل پەن بولۇپ،ئۇ بەدىئى ئەدىبىياتنىڭ ئۆتمۇشى ۋە رىېئال ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان ھەممە نەرسىلەرنى،بارلىق ۋەقە ھادىسلەرنى ئۆزنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلدۇ.يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىش،كونكىرىتنى ئەسەرلەر ئۇستىدەتەھلىل ئېلىپ بىرىش،بەدىئى ئەدىبىياتنىڭ ھەرقايسى تۇر،ژانىرلىرى، ھەرقايسى تەرەققىيات دەۋىرلىرنى تەتقىق قىلىش،ئىجادىيەتتىكى ئايرىم تىماۋە ئايرىم مەسىلە ئۇستىدەنوختىلىق ئىزدىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلەرگە تىگىشلىك نەزەر ئاغدۇردۇ.پەقەت شۇ چاغدىلا ئۇ بەدىئى ئەدىبىياتنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرەر مىللەت ئەدىبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى كۇنكىرىت يۇرتۇپ بىرەلەيدىغان جەڭگىۋار پەنگە ئايلىنىپ ،ئەدىبى ئىجادىيەتنىي يىتەكلەش مەخسىدىگە يىتەلەيدۇ»(ئەدىبىيات ۋە دەۋىر،44-بەت) دىمەك ئەدىبى تەنقىت ماقالىدە ئېيتقاندەك «تەنقىتتىن ئىبارەت بىر تەرەپنىلا نىشان قىلغان»ئىنكار قىلىش خائىشىدا يىزىلغان ماقالە ئەمەس،بەلكى ئوبزۇرچىلىقتىن ھالقىپ ئەدىبىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرگە كەڭ نەزەر ئاغدۇردىغان پەن.ئەدىبى تەنقىتتىكى«تەنقىت»دىگەن ئۇقۇممۇ ماقالىنىڭ مەۋقەسىدىكىدەك نۇقول تۇرمۇش ئىستىمالىدىكى تەنقىتلەش مەنىسىگە تەڭ ئۇقۇم ئەمەس.
    ئەمدى ئەدىبى ئوبزۇرغا كەلسەك،ئەدىبىيات لوغىتىدە  مۇنداق تەبىر بىرىلگەن:«ئەدىبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇستىدە ئەدىبىيات قانۇنىيتىنى يىتەكچى قىلىپ باھلاش ئېلىپ بىرىش مەخسىدە يېزىلغان ماقالە»
      دىمەك مۇشۇ تەبىرنىڭ ئۆزدىن مەلۇم بولۇپ تۇردىكى ئوبزۇر ماقالىغا قارتىلغان.شۇنىڭ ئۇچۇن دىيەلەيمىزكى ئەدىبىى تەنقىت ئىش ھەركەتنى، كەسىپنى بىلدۇرسە،ئەدىبى ئوبزۇر ژانىرنى بىلدۇردۇ.
     ماقالنىڭ يۇقىردىكى بايانىدا يەنە بىر ئەجەللىك خاتالىق بار.ئۇ بولسىمۇ،«ئوبزورچىلىقنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان مۇئايەنلەشتۈرۈش مۇھاكىمە-تەقرىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى....»ۋاھا كازا....بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟مۇئەييەنلەشتۇرۇشمۇ بولمىغان،مۇھاكىمە تەقرىزمۇ بولمىغان  قانداق ئوبزۇر ئۇ؟...ئوبزۇر مۇھاكىمىنى بىردىن- بىر ئىپادىلاش ۋاستىسى قىلدۇ.مۇھاكىمىدىن ئايرىلىپ ئوبزۇرچى ئەسەرنى قانداقمۇ باھالاپ چىقالايدۇ؟
      ماقالىنىڭ يەنە بىر ئەجەللىك خاتالىقى،ئۆبزۇردا مۇئەييەنلەشتۇرۇشلا بولدىكەن،ئىنكار قىلىش تەنقىتلەش بولمايدىكەن،بۇنى ئەدىبى تەنقىت ئۇستىگە ئالغانكەن، شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسى بىر بىرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن.بۇ نەنىڭ قائىدىسى،نەچى گەپ بولدى ئەمدى؟دۇنيانىڭ نىيدە،كىمنىڭ بۇنداغ تەنقىت نەزىريىسى بار؟ ئەدىبى ئوبزۇرچىلىقنى ئەدىبى ئەسەرلەرنى باھالاش،ئېلىپ باردىغان ئىلمى ئەمگەك دەپ قارغان ۋاختىمىزدا ئۇنىڭدا مۇئەييەنلەشتۇرۇشمۇ،ئىنكار قىلىشمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقىنى، بۇ ئىككىسنىڭ مۇشو پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتا جەزمەن يىتىپ كىلدىغان مۇقەررەرلىك  ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.بۇ ئىكلكىسنىڭ بۇلۇش بولماسلىقى،قايسىنىڭ ئاساسى ئۇرۇندا تۇرۇ پ قايسىنىڭ قۇشۇمچە ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى،شۇباھالىنىۋاتقان  ئەسەرنىڭ ئەمىلىيىتى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئوبزۇرچىدا ئىلمى پۇزۇتسىيە سەمىمىلىك بولسىلا. كۆزنى يۇمۇپلا ئاغزىغا كەلگەننى دەپ ئەسەردە يۇق سۇپەتلەر بىلەن ماختاش،يەنە كۆزنى يۇمۇپلا تۇك چىقىرىپ ئەسەرنى قارقويۇق تەنقىت ئاستىغا ئېلىپ ئىنكار قىلىشلار  ھەقىقى مەنىدىكى ئوبزۇرلار ئەمەس،بۇ چاپانچىلار، يۇرتۋازلار،كالتەكچىلەرنىڭ ئىشى.ئۇ ھەرگىزمۇ ئەدىبىيات مۇنبىردىكى ئىلمى پالىيەت ئەمەس. چۇنكى ئۇ ئىجادىيەت ئەمليىتىگە، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،بىر ئەسەردە ياخشى چىققان تەرەپمۇ ياخشى چىقمىغان تەرەپمۇ بولدۇ.ھەممە ئىتىراپ قىلغان نادىر ئەسەرلەرنىڭمۇ،ئۇنداق مۇنداق تەرەپلىرى بولدۇ.گەپ قايسىنىڭ موھم ،موھىم ئەمەسلىكى،قايسىنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىدا.بۇنداق ئەسەرلەر ئۇستىدە توختالغاندىمۇ مۇئەييەنلەشتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ئۇنداق تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.بۇنداق تەرەپلەر ئۇستىدە توىتالغانلىق ئۇ ئەسەرنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس بەلكى پەقەت شۇ كىچىككىنا تەرەپنى كۇرسۇتۇپ ئاپتۇرنى تىخمۇ ئىجادىەت يۇكسكلىكىگە ئۇندەش خالاس.شۇڭا ماقالىنىڭ يۇقۇردا ئېغىزغا ئېلىنغان تەرەپلىرىدە يەنىمۇ ئىزدىنىش ۋە ئويلۇنۇش زۆرۇر دەپ قارايمەن.

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن خۇدابەردى ئەپەندىنىڭ ماقالىدىكى مەزمۇنغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگەتەشەككۈر
ئېيتىمەن.
    سىز ئېيتقاندەك ئەدەبىي تەنقىد -كەسپ،پائالىيەتنى،ئەدەبىي ئوبزور -ماقالىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەدەبىياتنى جۈملىدىن ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىنى ئۆز قانۇنىيىتى ۋە مەنا دائىرسى بويىچە چۈشىنىدىغان كەڭ نەزەرگە ئىگە ئەدەبىياتچىلارنىڭ نوقتى نەزرى دۇر.ئەسلى ھەممە كەسىپ ئەھلى شۇنداق چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.لېكىن ئەمىلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.نىمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى «ئەدەبىي تەنقىد چى»يەنە بەزىلىرى «ئەدە  بىي ئوبزورچى»دەپ ئاتىلىدۇ؟  مەسلەن :ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن مەرھۇم ھېزىم قاسىم ئەدەبىي تەنقىدچى،مۇھەمەت پولات ئەدەبىي ئوبزورچى دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ يۇقۇرقى كەسىپ ئەھلىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت لىك.ھازىر ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئىجادىيىتىدە تۇلپىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقانلار ھەققىدە ھازىر ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر تىلىمىزدا نىمە ئۈچۈن ئەدەبىي ئوبزورچى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچى دېگەن ئاتالغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئىككىسى تەڭ مەنىگە ئۇقۇممۇ ؟ ئوقۇرمەنلەر چۈشەنچىسىدە تەنقىدچى بىلەن ئوبزورچى پەرقلىق مەنىگە ئىگە ئۇقۇم.ئوقۇرمەنلەر كۆپۈنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ يېتەسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش تىپىدىكى ماقالىلەرنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى نى «تەنقىدچى»دەپ قارىسا،ئونۋېرسال تىپتىكى يەنى تەنقىدلەشنىمۇ ، مۇئايەنلەش تۈرۈشنىمۇ،يېتەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ماقالىلارنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى ىنى «ئوبزورچى»دەپ قارايدۇ.
    ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسى ئوتتۇرسىدىكى مۇجىمەللىك مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالەمدىكى مۇجىمەللىك ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەىريىمىزدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇجىمەللىك.بۇ ھەقتە مەن پەقەت ئۆزۈم ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.مەن يۇقۇرقى ماقالىدە ئويلىغانلىرىمنى پەقەت ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ  دەپ ئېنىق ئېيتىم.چۈنكى مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ ئەمەس.بۇ ھەقتىكى توغرا قاراش ۋە يەكۈننى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر چىقىرىدۇ.مەن ئويلايمەن: نەزىريە ئۆلۈك نەرسە ئەمەس.ئۇ ئەدەبىياتنىڭ كەڭ ئەمىلىيىتىجەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ بارىدۇ.ھەم يېڭىلىنىشقا مۇھتاج.ئىلگىرى مۇھەمەت پولات ۋە باشقا مۇتەخەسىسلەر تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان پۈتكۈل باھا،مۇھاكىمە پائالىيىگە قارىتىلغان«ئەدەبىي تەنقىد» ئاتالغۇ سىنى مۇجىمەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئەدەبىي ئوبزورچىلىق» ئاتالغۇسىغا ئۆزگەرتىۋەتسە نىمىشقا بولمايدىكەن؟ چۈنكى «تەنقىد »ئۇقۇمىنى كەسىپ ئەھلىلىرى ناھايىتى كەڭ مەنىدە چۈشەنگەن بىلەن ناھايىتى كۆپ ئادەملەر «تەنقىدلەش»دەپلا چۈشىنىۋالىدۇ.   

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالىدە ئالغا سۈرمەكچى بولغان پىكرىم: ھەرگىزمۇ ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئاتالغۇسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسى ئەمەس.بەلكى  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى مەسلىسىدىن ئىبارەت.چۈنكى تەنقىدلەشمۇ ياكى مۇئايەنلەشتۈرۈشمۇ ئوبزور ماقالىرىدىكى بىر ۋاستىدىن ئىبارەت.ئاخىرقى مەخسەت:يازغۇچىنى،ئوقۇرمەننى،ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى،ئەدەبىياتنى ئالغا يېتەكلەش مەخسىدىدىن ئىبارەت.ئەگەر بىر ئوبزورچى تەنقىدنى ياكى مۇئايەنلەشتۈرۈشنى ئاخىرقى مەخسىدى قىلغان بولسا پۈتۈنلۈك نەزرىگە ئىگە بولالمىغان،بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەن بولىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1476
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 686
تۆھپە : 0
توردا: 116
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىلىرى ياخشى يېزىلىپتۇ. سېلىنىڭ بۇ بېكەتكە كېلىپ يېڭى ئىدىيە،قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيغانلىقلىرىدىن خۇشالمەن.ئىزچىل يوللاپ تۇرغايلا.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:54:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەشنىڭ ماقالەمدىكى ئالاھىدىلىككە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە تەشەككۈر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 16:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالىدا بايان قىلغىنىم ۋە قەلەمداش خۇدابەردىنىڭ ئىنكاس پىكرى شۇنداقلا  ئەدەبىياتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان «ئەدەبىي ئوبزورچىلىق»ۋە «ئەدەبىي تەنقىدچىلىك» ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۈرۈردەك قىلىدۇ.

    ھەركىم ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.مېنىڭ قارىشىمچە :ئەدەبىي تەنقىد ئۇقۇمى ئەدەبىي ئوبزور ئۇقۇمىدىن كەڭلىككە ئىگەدەك بىلىنگەن بىلەن «ئەدەبىي تەنقىدچى»ئۇقۇمى  
غا قارىغاندا «ئەدەبىي ئوبزورچى»ئۇقۇمى تېىخىمۇ كەڭ،ئومۇممىي مەنىگە ئىگىدەك بىلىنىدۇ.   

ناۋادا «ئەدەبىي تەنقىد»ئاتالغۇسىنىڭ بۇرۇنقى ئىستىمال مەنىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە مەخسۇس ئىنكار قىلىش ئوبزور ماقالىلىرىنى كۆپ يېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى،ۋە شۇ تىپتىكى ماقالە -ئوبزورلارنى باشقا بىر نام بىلەن ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ.مېنىڭچە «ئەدەبىي ئوبزور»نىڭ مەنىسى «ئەدەبىي باھا مۇھاكىمىسى قىلىش»دېگەنلىك بولۇپ،ھەممە قاراتمىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.«ئەدەبىي تەنقىدچىلىك»«ئەدەبىي ئوبزورچىلىق» تىن ئىبارەت بىر خىل كەسىپنى بىلدۇردىغان ئىككى ئاتالغۇنى «ئوقۇتقۇچى»«مۇئەلىم» ئاتالغۇلىرى شۇنداقلا «تەھرىر »«مۇھەرىر »ئاتالغۇلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.چۈنكى «تەھرىر»«ئوقۇتقۇچى»ئاتالغۇلىرى ئۇقۇم مەنىسىنلا بىرخىل كەسىپنى بىلدۈرۈشنى ئالدىنقى بەلگە قىلغان.«مۇھەرىر»«مۇئەلىم»ئاتالغۇلىرى خاسلىققا ئىگە بولۇپ،يەككە كىشىلەرنىڭ بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشغا قارىتا كىشىلەر تەرپىدىن ئاتىلىدىغان خاسلىققا ئىگە نام.
   ئەدەبىي ئوبزورچىلىق بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئاتالغۇلىرى مەنا دائىرسى ۋە پەرقى جەھەتتىن ئويلىنىنىشقا تېگىشلىك ئاتالغۇلاردۇر.ئەدەبىي باھا مۇھاكىمىسىنىڭ يېتەكلەشنى چوڭ مەخسەت قىلىپ تەرەققى قىلىش يۈزلىنىشى نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ شۇ چوڭ مەخسەتنى بىلدۈرەلەيدىغان نامنى ئويلىنىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1513
تۆھپە : 0
توردا: 1046
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 21:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىلىرنى ئۇقۇپ نۇرغۇن بىلمگە ئىگە بولدۇم. بۇ تىما ئۈزاقتىن بىرى كىشلەر نەزىردىن چۈشۈپ قالغان .بۇ تۇلا ئاڭلايدىغان سۆزلەر ئىدى. مۇمكىن بولسا تارىم ژورنىلى ياكى باشقا مەتبۇئاتلارغا بەرسەك بۇلار ئىكەن. ساقلىۋالسام بۇلارمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 370
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 23:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش ئۈچۈن مەنمۇ ساقلىۋالدىم . تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 14:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەزىز ھەيىت كۇن ئەپەندى رىغبىتىڭىزگە باركاللا! قارغاندامۇنازىرگە ئامراق ئوخشايسىز،مىنىڭ ماقالىڭىز ھەققىدىكى ئىنكاسىمغا ئېسلىپلا قاپسىز. ئۇيانغا ئۆتۇپ « سىز ئېيتقاندەك ئەدەبىي تەنقىد -كەسپ،پائالىيەتنى،ئەدەبىي ئوبزور -ماقالىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەدەبىياتنى جۈملىدىن ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىنى ئۆز قانۇنىيىتى ۋە مەنا دائىرسى بويىچە چۈشىنىدىغان كەڭ نەزەرگە ئىگە ئەدەبىياتچىلارنىڭ نوقتى نەزرى دۇر.ئەسلى ھەممە كەسىپ ئەھلى شۇنداق چۈشىنىشى كېرەك ئىدى»دەپسىز، بۇيانغا ئۆتۇپ :ئەدەبىي تەنقىد ئۇقۇمى ئەدەبىي ئوبزور ئۇقۇمىدىن كەڭلىككە ئىگەدەك بىلىنگەن بىلەن «ئەدەبىي تەنقىدچى»ئۇقۇمى  نىمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى «ئەدەبىي تەنقىد چى»يەنە بەزىلىرى «ئەدە  بىي ئوبزورچى»دەپ ئاتىلىدۇ؟  مەسلەن :ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن مەرھۇم ھېزىم قاسىم ئەدەبىي تەنقىدچى،مۇھەمەت پولات ئەدەبىي ئوبزورچى دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ يۇقۇرقى كەسىپ ئەھلىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت لىك.ھازىر ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئىجادىيىتىدە تۇلپىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقانلار ھەققىدە ھازىر ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر تىلىمىزدا نىمە ئۈچۈن ئەدەبىي ئوبزورچى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچى دېگەن ئاتالغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئىككىسى تەڭ مەنىگە ئۇقۇممۇ ؟ ئوقۇرمەنلەر چۈشەنچىسىدە تەنقىدچى بىلەن ئوبزورچى پەرقلىق مەنىگە ئىگە ئۇقۇم.ئوقۇرمەنلەر كۆپۈنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ يېتەسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش تىپىدىكى ماقالىلەرنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى نى «تەنقىدچى»دەپ قارىسا،ئونۋېرسال تىپتىكى يەنى تەنقىدلەشنىمۇ ، مۇئايەنلەش تۈرۈشنىمۇ،يېتەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ماقالىلارنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى ىنى «ئوبزورچى»دەپ قارايدۇ.
    ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسى ئوتتۇرسىدىكى مۇجىمەللىك مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالەمدىكى مۇجىمەللىك ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەىريىمىزدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇجىمەللىك«
غا قارىغاندا «ئەدەبىي ئوبزورچى»ئۇقۇمى تېىخىمۇ كەڭ،ئومۇمىي مەنىگە ئىگىدەك بىلىنىدۇ دەپسىز،»ئۇيانغا ئۆتۇپ ئۇنى دەپ، بۇيانغا ئۆتۇپ بۇنى دەپ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىنكار قىلىپ پىكردە زىددىيەتكە پېتىپ قاپسىز. نىمانداق تۇتامىڭىز يوق سىزنىڭ؟ ئۇنى مەستلىكتە قىلىپ ساپتىكەنمەن دىمەيدىغانسىز؟...مەن بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى،باشتىكى ئىنكاسىمدا دەپ بولغان يەنە دىسەم،يەنە شۇ،شۇڭا بۇ ھەقتە قايتا توختالمايمەن،چۇنكى ئۇ سىز بايا دىگندەك «دەك؛تەك» بىلىندىغان مىنىڭ شەخسى ھىسسى چۇشەنجەم ئەمەس بەلكى،ئەدىبى ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدىن يەكۇنلىنىپ چىقىلغان،ئەدىبىيات ساھاسى كەڭ قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان،قېلىپلاشقان، سىستىمىلاشقان ئەدىبى ئاتالغۇلار.سەمىڭزدە بولسۇن يازمىڭىزدا پىكىر قاراشلىرىڭىزدا ئىلمى ئاساس مەتىقى كۇچ بولسا،ئۇياقتىن- بۇياقتىن تاتقۇشلىغانغا غۇلاپ كەتمەيدۇ.ئۇ ئوزنى ئۆزى شەرھىلەيدۇ، ئۆزنى ئۆزى چۇشەندۇردۇ،ئۆزنى ئۆزى قوغدىياليدۇ.مۇنداق جىددىلىشپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا چېپىپ يۇرۇپ پاسىبانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.شۇڭا بۇ ھەقتە گەپ قىلمايمەن،گەپ تاما قىلسىڭىز ئارقىڭزغا يېىنىپ شۇ ئىنكاسنى  ئوقۇۋىلىڭ!
      لىكىن گەپ قلماي ئۆتۇپ كىتەي دىگەن باشتىكى ئىنكاسىڭىز ئۇستىدىكى تۆۋەندكى قۇرلارغا يەنە كۆزۇم چۇشۇپ قالدى:«نىمە ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى «ئەدەبىي تەنقىد چى»يەنە بەزىلىرى «ئەدە  بىي ئوبزورچى»دەپ ئاتىلىدۇ؟  مەسلەن :ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن مەرھۇم ھېزىم قاسىم ئەدەبىي تەنقىدچى،مۇھەمەت پولات ئەدەبىي ئوبزورچى دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ يۇقۇرقى كەسىپ ئەھلىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت لىك.ھازىر ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئىجادىيىتىدە تۇلپىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقانلار ھەققىدە ھازىر ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر تىلىمىزدا نىمە ئۈچۈن ئەدەبىي ئوبزورچى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچى دېگەن ئاتالغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئىككىسى تەڭ مەنىگە ئۇقۇممۇ ؟ ئوقۇرمەنلەر چۈشەنچىسىدە تەنقىدچى بىلەن ئوبزورچى پەرقلىق مەنىگە ئىگە ئۇقۇم.ئوقۇرمەنلەر كۆپۈنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ يېتەسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش تىپىدىكى ماقالىلەرنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى نى «تەنقىدچى»دەپ قارىسا،ئونۋېرسال تىپتىكى يەنى تەنقىدلەشنىمۇ ، مۇئايەنلەش تۈرۈشنىمۇ،يېتەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ماقالىلارنى يازىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى ىنى «ئوبزورچى»دەپ قارايدۇ.
    ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزور ئاتالغۇسى ئوتتۇرسىدىكى مۇجىمەللىك مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالەمدىكى مۇجىمەللىك ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەىريىمىزدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇجىمەللىك»....دەپسىز مەن سىزدىن سوراپ باقاي،سىزنىڭ يېزىۋاتقىنىڭىز،ئىلمى ماقالىمۇ ياكى دوڭكۆۋرۇكتىكى پاراڭمۇ؟...ئەگەر يېزۋاتقىنىڭزنى ئىلمى ماقالە،شۇغۇللۇنىۋاتقىنىڭزنى ئىلمى ئەمگەك دەپ قارسىڭىز ئۇنداقتا بۇ ئەمگىكىڭزنىڭ ئاخرقى مەخسىدى زادى نىمە؟ كىشلەر ئۇنى دەيدۇ، كىشلەر بۇنى دەيدۇ دەپ كوچا پارڭلىرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ ئۇنى- بۇنى گەپكە سېلىپ ئىچ بۇشقىڭزنى  چىقىرىشقۇ ئەمەستۇ؟ئەگەر ئۇنداق بولمىسا(مىنڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس)ماقلىڭزنىڭ مەخسىدى،دەل ئاشىنداق كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار خاتا چۇشنۇۋالغان،خاتا ئىستىمال قىلۋاتقان،بىر تەرەپلىمە قاراش چۇشەنجىلەرنىىڭ خاتا تەرەپلىرنى پەلسەپە،لوگىكا،ئىستىتىكا، ئەدىبىيات نەزىريىسى،تەنىقىتچىلكىمىزنىڭ تارىخى ئاساسلىرى  ،ئىلمى ئاساسلار ئارقىلىق چۇشەندۇرۇپ، ماقلىڭزدە تۇغرا قاراش، نوقتى- نەزەرنى تۇرغۇزۇش .توغرا چۇشەنجىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئەدىبىياتىمىزدىكى،ئوقۇرمەنلەر ئارسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى تۇگۇتش، ئەدبى تەنقىتنى تۇغرا نەزىريە،تۇغرا تەنىقىت قارشى توغرا بولغان تەنقىت ئىستىلى تەرەپكە يىتەكلەش.ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟ مىنىڭچە شۇنداق،ئۇنداق بولمىسا ئادەمنى ئاۋارە قىلماڭ!ئەگەر شۇنداق دەپ قۇشۇلسىڭىز نىمىشقا ھا دىسە كوچا پاراڭلىرغا ئھسلىۋالسىز؟كوچا پارىڭى كوچىنىڭ پارىڭىى ،ئۇ ئىلمى ئەمگەكنىڭ مىۋسى ئەمەس،ئۇ بەزىسى قىزىقچىلىق ئۇچۇن بەزىسى،ئۆزنى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئالدىدا  بىلەرمەن كۆرسۇتۇش ئۇچۇن يەنە بەزىسى،دۇس -دۇشمەن ،ياقتۇترۇش -ياقتۇرماسلىق، ھەسەت ۋەباشقا سەۋەپلەرنى ھىسسى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىۋىردىغان ئەقلى ئامىللار كەم ھىسسى ھۆكۇملەر.ئۇلارنى قانداقمۇ ئەدىبىياتىمىزنىڭ ئەملىيتى،كىشلەر ئۇنداق دىگەن بۇنداق دىگەن دەپ ئاساسلىنىشقا بولسۇن؟ابىزنىڭ قايسى بىر مەتبۇ ئاتىمىزدا نەشىر قىلىنغان كىتاپ ياكى گىزىت ژورنالدا ھەزىم قاسىمنى تەنقىتچى،مەمەت پولاتنى  ئوبزۇرچى دەپتۇ؟ بۇ پەقەت بايا ئېيتىقاندەك كۆچا پارڭى سىزگە دىسەم ھەزىم قاسىمنى «كالتەكچى»دەپ يۇرگەنلەرمۇ بولغان.راستىنى دىسەم بۇ ھىلقىدەك كوچ پارڭى،ئەدىبىيات ساھاسىدە بولسا تەنقىتتىنى قورقۇش كىسلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۇسۇلى ئىدى.ھەزىم قاسىمنىڭ ئەدىبىياتىمىزغا ئەدىبى تەنقىتچىلكىمىزگە قوشقان تۆھپىسگە كۆزيۇمغىلى بولمايدۇ،ئۇنىڭ يازغان ئەدىبى ئوبزۇرلىرى،تەتقىقات ماقاللىرى ئەينى دەۋىر ئەدىبىياتىمىزدا خېلىلا سەۋيىلىك چىققان  ماقلىلاردىن ئىدى. ھازىرمۇ قىممىتنى تىخ تولۇق يوقاتقىنى يوق.بۇ ئىككەيلەننى تەنقىتچى دىسمۇ، ئوبزۇرچى دىسمۇ خاتا ئەمەس.بۇ پەقەت سىزنىڭ كاللىڭزدىكى خاتا چۇشەنجە.سىزدە يەنىلائوبزۇر ماقالىسنىڭ ئىچىدە تەنقىت بپلمايدۇ دىۋالغان مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان خاتا قاراشنىڭ مەھسۇلى خالاس.
       ئىككىنجى قھتىملىق ئىنكاسىڭزگە كەلسەك « مېنىڭ يۇقۇرقى ماقالىدە ئالغا سۈرمەكچى بولغان پىكرىم: ھەرگىزمۇ ئەدەبىي تەنقىد ئاتالغۇسى بىلەن ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئاتالغۇسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسى ئەمەس.بەلكى  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى مەسلىسىدىن ئىبارەت»دەپ مىنىڭ ئۇيلۇنىپ بىقىش تەكلىۋىمنى خاتا چۇشنىۋاپسىز.مەنمۇ ماقالىڭزنىڭ باشقا تەرەپلىرى ئۇستىدە پىكىر قىلغىنىم يوق.مەن پەقەت   ئېغىزغا ئالغان يۇقىرقى تەرەپلەردە قايتا ئۇيلۇنىشقا تىگىشلىك دىدىم. بۇ ماقالىڭزنىڭ باشقا تەرەلىرىدەئۇيلۇنىشقا تىگىشلىك تەرەپلەر يوق دىگەنلىكىم ئەمەس،بەلكى ئۇلارئۇستىدىمۇ تالاش تارتىش قىلىپ توختۇلۇش موھىم دەپ قارمىغانلىقىمدا.

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش