«ئەي، ئادەملەر»دىن« بىز-ئادەملەر»گە نەزەر
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
( شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي، ئادەملەر»ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە مۇلاھىزە )
تولىمۇ مۇرەككەپ، ئىنتايىن تىلسىملىق بۇ كائىناتتا ئەلمىساقتىن بۇيان، تۈمەنلىگەن مەۋجۇداتلار ياشىغان، ياشاۋاتىدۇ ھەم ياشايدۇ. ئەنە شۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك جانلىق ھېسابلىنىدىغان بىز ئىنسانلار ئەقىل-پاراسىتىمىزگە تايىنىپ، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەدرىجىي ھالدا كۆپلىگەن يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتۇق، تېخىمۇ تاكامۇللىشىش يولىدا تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتىمىز. بىز ئىنسانلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ئادەملەر تەبىئەتنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىرىكچىلىك ھارۋىمىزنى كۈنسېرى گۈزەللىشىۋاتقان ئەتىدىكى نۇرانە مەنزىلىمىز تامان گاھ ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولۇشۇپ، گاھ ئۆزئارا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تىركىشىش ئارقىلىق ھەيدەپ كېتىۋاتىمىز. سانسىزلىغان مەشھۇر رەسساملار بىز-ئادەملەرنىڭ پورتېرىتىنى تېنىمسىز سىزىپمۇ سىزىپ بولالمىدى، تالاي قەلەمكەشلەر بىز- ئادەملەرنىڭ روھىيىتىدىن تارتىپ شاھانە لاتاپىتىگىچە ھارماستىن تەسۋىرلەپمۇ بۇ جەھەتتە تېخىچە قانائەت تېپىپ باقمىدى. بىز-ئىنسانلارنى مەيلى قايسى بىر سەنئەتكار قايسى بىر نۇقتىدىن تەتقىق قىلغان ياكى تەسۋىرلىگەن بولمىسۇن، بۇ جەھەتتىكى بايقىلىشلار، بۇ جەھەتتىكى تەسۋىرلەشلەر، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر ۋە بۇ جەھەتتىكى جەلىپكارلىقنىڭ يەنىلا تولۇقى بىلەن نامايەن قىلىنپ بولالىغىنى يوق. مەن بىز-ئىنسانلار، بىز-ئىنسانلارنىڭ مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپلىك ئىچىدىكى چۈشىنىپ بولماس ھاسىلاتلىرىمىز ئالىمىدە سەير قىلىۋاتقان پەيتتە بىز-ئادەملەر، بىز-ئادەملەرنىڭ خېلىلا ئەتراپلىق سۈرەتلەنگەن كارتىنىلىرى جەملەنگەن «ئەي ئادەملەر» ناملىق توپلامنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قولۇمدا ئادەملەر ھەققىدىكى ئەنە شۇ رەڭدار سىزمىلار جەمگاھى، ئېڭىمدا يەنە شۇ بىز-ئىنسانلار، بىز-ئىنسانلار بايانىدىكى تەئەئەججۈپلۈك خىياللار... ئويلاپ قالدىم:
ئادەملەر، ھەي، ئادەملەر...! بىز شۇ قەدەر ئالىيجاناپ پەزىلەت، شۇ قەدەر مۇرەككەپ پىسخىكا،شۇ قەدەر يىرگىنىشلىك كەچمىشلەرنىڭ مۇجەسسەمىمۇ!؟ ۋۇجۇدىمىز نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر خۇنۇكلىشىپ، شۇ قەدەر زەئىپلىشىپ كەتتى؟! مەن بۇ گادىرماش سوئاللىرىمغا «ئەي ئادەملەر»دىن جاۋاب ئىزدەشكە باشلىدىم. «ئەي ئادەملەر» كۆزىدە ئۆزىمىزگە سەگەك نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.
«مەن ئىنسانمۇ ئەمەسمۇ؟»، « قەلبىمدىكى چېقىنلار»، «تاپالمىدىم ئۆزۈمنى تىنتىپ»، «يول تاپتىم»، « ئادەملەر»، « قېنى، مېنىڭ سۇمبۇل چاچ ئانام؟» قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر شېئىرلىرى ئارقىلىق كىتابخانلىرىمىز ۋە جامائەت ئارىسىدا خېلىلا زور تەسىر پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەل سۆيگەن شائىرىمىز مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي، ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار مېنىڭ ئادەملەر ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلىرىمغا، ئادەملەر ھەققىدىكى چىگىش سوئاللىرىمغا خېلىلا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى بەردى.
ھەر بىر مىسراسىدىن كۈچلۈك پەلسەپىيىۋىي ھېسسىيات ۋە چوڭقۇر ھېكمەتلەر جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، دەل جايىدا قوللۇنىلغان تاللانغان ۋە تاۋلانغان ئىبارىلىرىدىن ھاياتلىق ھېكمەتلىرى نۇرلىنىپ تۇرىدىغان، بىرەر كۇبلىتىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم ئوقۇغان مىسرالىرىدىن ئۆز سېيماسى ۋە ئەتراپىدىكى رەڭدار تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەينەن كۆرۈپ ئالالايدىغان، ئۆز يۈرىكىنىڭ سوقىۋاتقان رېتىملىرىنى تولىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان بۇ شېئىرلار توپلىمى- سىزنىڭ، مېنىڭ، جۈملىدىن، ئۆزلۈكىمىزنى قەدىرلەپ، ئادىمىيلىك يولىدا ھەم ئەنئەنىۋىيلىك ھەم دەۋرىمىزگە ماس ھالدىكى ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلاپ ياشاشقا ئىنتىلگۈچى ھەر بىر ئۇقۇرمەننىڭ ئۇنىڭدىكى تەۋەرۈك ھېكمەتلەردىن كىشىلىك ھاياتىمىزغا ئەنداز ئېلىپ ياشاش يولىنى تېپىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئوقۇپ بېقىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ. مەن بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىل7-ئايدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان بۇ توپلامنى كۆپ قېتىم ئوقۇدۇم، توپلامدىكى بۇ ئادەملەر بىلەن نۇرغۇن قېتىم مۇڭداشتىم، ئۇلار ئۈستىدە شائىر بىلەن غايىۋانە سىرداشتىم. مەن بۇ ئادەملەر بىلەن تەپەككۇرۇمدا قانچە كۆپ ئۇچرىشىپ، قانچە كۆپ پىكىرلەشكەنسېرىم، ئۇلار ماڭا شۇنچە تونۇشتەك تۇيۇلدى، ئۇلارنى ئىزدىدىم، ئىزدەشلىرىم بەدىلىگە ئۇلارنى ئەتراپىمدىنلا ئۇچىتىپ خوشالمۇ بولدۇم،چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ۋاپادارلىقى، ساداقەتمەنلىكى بىلەن مېنى سۆيۈندۈردى. ئۇلارنى ئۇچرىتىپ بەزىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندىم، ئۆكۈندۈم. چۈنكى بۇلارنىڭ يەنە خېلى كۆپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالا كۆڭۈڭۈللىكى، تۇراقسىزلىقى، مەۋقەسىزلىكى بىلەن ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن «ئەي ئادەملەر» ئارىسدىن سىزمۇ،مەنمۇ كۆپ ئۇچراتقان ئەنە شۇ ئادەملەرنىڭ بىر قىسىمىنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىم. بۇ ئادەملەرنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغان شېئىرىي ئامىللار ۋە شېئىرىي مۇھىت سىزمىلىرىنىمۇ تۆۋەندىكىچە سىزىپ چىقتىم.
1.«ئەي ئادەملەر»نى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان شېئىرىي شەكىللەر ۋە ئەسەرنىڭ بەدئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى
مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوللىنىلغان كۆپ خىل شېئىرىي شەكىللەر
شېئىرىي شەكىلنى شېئىرنىڭ تون-لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك ياكى چاچما شېئىر بولسۇن كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن قوللىنىلىۋاتقان شېئىرىي شەكىللەر يەنىلا ناھايىتى ئاز. مەسىلەن: مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇۋەششەھ، ...قاتارلىق شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلار يوق دېيەرلىك ياكى نىسبەتەن ئاز. شېئىرىىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي شەكىللەرگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا شېئىيىتىمىزدىكى قەدەمىي شەكىللەر ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە قەدىمىي، مىللىي شەكىللەرنى داۋاملاشتۇرۇش شائىرلار شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى زۆرۈر بولغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شائىرلار بىرەر يېڭى ئوي – پىكىرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن شۇ مەزمۇنغا لايىق، ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللىشى شەرت. شېئىردىكى شەكىل مۇۋاپىق تاللانمىسا، خۇددى كىچىك بالىغا چوڭ چاپان، چوڭ ئادەمگە كىچىك چاپان كىيدۈرۈپ قويۇلغاندەك غەلىتە ئەھۋال كۆرۈلىدۇ – دە، ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىر ھەرقانچە يېڭى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جەلپ قىلارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي پىكىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللاشمۇ بىر خىل بەدىئىي دىت ۋە ئىجادىيەت ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن شائىر مۇساجان يۇنۇس شېئىرىي ئىجادىيىتى داۋامىدا ئەنئەنىۋىي شېئىرىي شەكىللەردىن غەزەلدىن باشقا، گەرچە كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە خېلىلا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئۆلمەس لىرىكىلار يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە مىللىي شېئىرىيىتىمىزدە ئانچە كۆپ يېزىلمايۋاتقان مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇۋەششەھ... قاتارلىق شېئىرىي شەكىللەردىنمۇ خېلىلا ئۈنۈمۈلۈك پايدىلانغان بولۇپ، بۇ خىل شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ يۇقىرى بەدئىي ماھارىتىنى نامايەن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل شەكىللەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆرنەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. شائىرنىڭ بۇ خىل شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلىرى ئىچىدىن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىرىدىن «ئازماڭلار»،«يول تاپتىم»،« رەڭلىك ئولتۇرۇش»، «نادانلىق»،«ئىنسان»،«جېنىم ئانا، كەتمىگىن»،«ئوتتۇز يېشىم »،«ئەگەر بولساڭ قېشىمدا» قاتارلىق شېئىرلىرىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ھەقلىقمىز. سۆزىمىزنىڭ شاھىدى سۈپتىدە شائىرنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
دولقۇنىدا ھاياتنىڭ قالدىم ئۇزاق گاڭگىراپ،
ئەتراپىمدا خىلمۇ خىل داراڭلىدى ناغرا-داپ.
دېدىم:مۇسا تەۋەككۈل پايانىغا قېنى چاپ،
تۇيۇق يولدا تەمتىلەپ، ئېزىپ يۈرۈپ يول تاپتىم.
(«يول تاپتىم » ناملىق شېئىردىن)
رەقىب قايسى، رەپىق قايسى تونۇپ يەتتىم،
بېشىم قېيىپ، چىشىم ئاغرىپ يىقىلغاندا.
مىڭ تىرىلدىم، يۈزمىڭ قېتىم ئۆلۈپ كەتتىم،
ۋىجدان تىغى يۈرىكىمنى تىلغىغاندا.
غۇرۇرۇمغا ئوزۇق بولدى ئاققان يېشىم،
غەيرەت ئاتا قىلدى ماڭا ئوتتۇز يېشىم.
(«ئوتتۇز يېشىم » ناملىق شېئىردىن)
ئانا دەپ بىز چاقىرغاندا چۈشەكەپ،
قويالامسەن كېلىپ بىزنى پەپىلەپ.
سەن بولمىساڭ يېنىمىزدا، ئېيتقىنا،
بېرەلەيمىز كىمگە چۈچۈك ئەكىلەپ.
رازى بولساڭ بوپتۇ كەتكىن، كەت ئانا،
بىز يۈرەيلى بويۇن قىسىپ، تەمتىلەپ.
(«جېنىم ئانا، كەتمىگىن»ناملىق شېئىردىن)
يۇقىرىقى شېئىرلار ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس، ئوبرازلىق ۋە كۆپ خىل شەكىللەرگە ئىگە بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە ھېس – تۇيغۇ ۋە يېڭىچە ھېكمەت دۇردانىلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ.
بىز شېئىرىيەت تارىخىمىزغا نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق، ماياكوۋىسكىدىن ئىلگىرى چاچما شېئىر شەكلى يوق ئىدى، ئۇ بۇ خىل شەكىلنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، شائىرلار ئۇنى بەس- بەستە ياقتۇرۇپ يېزىشىپ، تالىشىپ ئوقۇشماقتا. شائىر مۇساجان يۇنۇس شېئىرىي ئىجادىيىتى داۋامىدا يەنە چاچما شېئىر شەكلىدىمۇ قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ،«مەن تاپىمەن قۇياش ئۆيۈڭنى ئاي!» ناملىق شېئىرى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان چاچما شېئىر دېيىشكە بولىدۇ. تەقلىد قىلىپ يېزىشمۇ شېئىرىيىتىمىزدىكى گۈزەل ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر مۇساجان يۇنۇسمۇ ئۆز ئىجادىيىتى داۋامىدا«كۈلۈپ بېرەي»،«ناخشا توۋلاپ ئۆتتۈڭ مەلەمدىن»،«ياشاش دېگەن ئەنە شۇ » قاتارلىق بىر بۆلۈك تەقلىدىي شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن تىيىپجان ئېلىيۇف ۋە مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئەل سۆيگەن شائىرلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىغا ياندىشىش ھەم ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.
شېئىرنى يۈكسەك بەدىئىيلىكىگە ئىگە قىلىدىغان رېتىم، تۇراق، قاپىيەنىڭ قايىل قىلارلىق ئىپادىلىنىشى
رېتىم- ھەر قانداق لىرىك ئەسەرنىڭ موھىم ئىپادىلەش ۋاستىسى. بولۇپمۇ، شېئىردىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىدە سۆزلەرنى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىپ، شېئىرنى گۈزەللەشتۈرۈشتە رېتىم كەم بولسا ئەسلا بولمايدۇ. شۇڭا ئەرەب،پارىس ۋە تۈركىي مىللەرتلەر ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ رېتىمغا ناھايتى ئىتىبار بېرىشىمۇ مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بولغان. شائىر مۇساجان يۇنۇس شېئىرلىرىدا رېتىمغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، شېئىرنىڭ سېھرى كۈچى ۋە بەدئىي ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
تۇراق شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، تۇراقنى شائىر مۇددىئاسىنىڭ يىپىىغا رەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ھېكمەت ئۈنچىلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. مەيلى قايسى خىل شەكىلدە يېزىلغان شېئىر بولسۇن،تۇراقلار ئۆزئارا ماس كەلمىسە، شېئىردىكى ئاھاڭمۇ بۇزۇلىدۇ. يېتۈك ئۇستاز ئەلىشىر نەۋايى شېئىرلىرىنىڭ ئالتە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرالىغانلىقىمۇ ۋەزىن، تۇراق، قاپىيەنىڭ ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك ۋە ئىزچىل بولۇشتا نەمۇنىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولالىغانلىقىدا.
قاپىيەنى شېئىرنىڭ جەزبىدار زىننىتى دېيىشكە بولىدۇ. قاپىيە شېئىرنى نەپىسلىككە، جەلپكارلىققا ئىگە قىلغۇچى جۇلالىق مەرۋايىت. شېئىر ئاشۇ مەرۋايىتلار ئارقىلىقلا بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. قاپىيەسىز شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا قاپىيە شېئىردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا، ھەتتا نەسرىي شېئىرلاردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. قاپىيە ئىشلىتىش، قاپىيە بىلەن شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرش جەھەتتە شائىر مۇساجان يۇنۇسمۇ ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، بارماق ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلىرىنى ئاساسەن ئالماش قاپىيە شەكلىدە يازغان. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى خېلىلا جەلىپ قىلارلىق ۋە پاساھەتلىك بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ماگىنېتتەك تارتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا چوقۇم زوقلىنىش ھېسسىياتىغا كەلمەي تۇرالمايمىز. مىسال ئۈچۈن «ئازماڭلار»ناملىق شېئىرىدىن تۆۋەندىكى پارچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
لەيلى بىلەن مەجنۇندەك كۆيۈشكەنلەر ئازماڭلار،
ساداقەتكە قول بېرىپ سۆيۈشكەنلەر ئازماڭلار،
ھەمدەم بولۇپ جۇدۇندا يۈرۈشكەنلەر ئازماڭلار،
ۋىسال تېپىپ سۆيگۈدە كۈلۈشكەنلەر ئازماڭلار.
قاراپ-قاراپ تويمايدۇ كۆزلەر پۇلنىڭ چېھرىگە،
قېنىپ ئۆتمەس زادىلا ئادەم پۇلنىڭ مېھرىگە.
ئەسىر بولۇش خەتەردۇر بىراق پۇلنىڭ سېھرىگە،
پۇل ئالدىدا سەجدىگە چۆكۈشكەنلەر ئازماڭلار.
بۇ شېئىردا ئىشلىتىلگەن «كۆيۈشكەنلەر ، سۆيۈشكەنلەر ، يۈرۈشكەنلەر ، كۈلۈشكەنلەر ، چېھرىگە ، مېھرىگە ، سېھرىگە » قاتارلىق قاپىيەلەر پۈتۈنلەي توق قاپىيەلەر بولۇپ، شېئىردىكى مەزمۇن بىلەن زىچ ماسلىشىپ، شېئىرنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن.
شائىر شېئىرلىرىدا تەسۋىرلەنگەن لىرىك تۇيغۇ ۋە
گۈزەل شېئىرىي مەنزىرىلەر
لىرىكىنىڭ مەنبەسى رېئاللىقتىن كېلىدۇ . شائىرنىڭ روھىي دۇنياسىدا تاۋلىنىدۇ. شۇڭا شېئىردىكى لىرىكا مەنزىرە ۋە كۆرۈنۈش ۋاستىلىرىغا باغلانغان بولىدۇ. شېئىردىكى ئەسلىمىلەرمۇ ئۇنتۇلماس مەنزىرىلەر بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شېئىردىكى لىرىك ھېسسياتنىڭ يوشۇرۇن ئاڭغا چۆكۈپ كەتمەي، ئۇزاق مۇددەتكىچە كۆز ئالدىمىزدا جۇلالىنىپ تۇرالىشىمۇ رېئاللىقتىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن شېئىرىي مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزئارا باغلىنىپ كەتكەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قارايدىغان بولساق، شائىر شېئىرلىرىدا يېقىملىق تەسۋىرلەرمۇ خېلىلا جايىدا قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ خىل گۈزەل شېئىرىي مەنزىرە شائىر شېئىرلىرىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەم ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى پاساھىتىنى نامايەن قىلغان.
تۇنجى نۆۋەت قار ياغقان ئاخشام،
قىلالمىدىڭ ۋەدەڭگە ۋاپا.
جىمجىتلىقنى چۆچۈتتى ناخشام،
كۈيلىرىمنى تىڭشىدى دالا.
ئاپئاق قاردەك قەلبىڭ ئەكسىنى،
ئايان قىلدى ساخاۋەتلىك قار.
سەزدىم قاردا باھار پەسلىنى،
ئىشقىڭ بىلەن مۇڭداشتىم دىلدار.
(«تۇنجى قار ياغقان ئاخشام»ناملىق شېئىردىن )
شېئىردىكى بۇ كۆرۈنۈش ۋە مەنزىرىلەر گەرچە بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شائىرنىڭ كۈچلۈك لىرىك تۇيغۇسىنى ئوبرازلىق تىل ياردىمى بىلەن قەلب خاتىرىمىزگە مەڭگۈ ئۆچمەس نەپىس نەقىشلەر بىلەن زىننەتلىۋەتكەن بولغاچقا، سەممىي، چىن ھېسيات بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ خىل شېئىرىي مەنزىرىلەر قەلبىمىزدە رومانتىك كەچمىشلەر پىلتىسىگە ئوت ياقىدۇ.
ئانا تىلىمىز پاساھىتىنىڭ شائىر شېئىرلىرىدا ئىخچام، ئوبرازلىق
ۋە يارقىن جىلۋىلىنىشى
«ئەي ئادەملەر»ناملىق بۇ توپلامدىكى شېئىرلار ھەم ئارۇز ۋەزىنى ھەم بارماق ۋەزىنىدىمۇ يېزىلغان شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەيلى قايسى ۋەزىندە، قايسى خىل شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار بولمىسۇن، ھەممىسى شائىرنىڭ سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى يۇقىرى بەدئىي ماھارىتى، شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن مول تەسەۋۋۇرى، شېئىرلاردا قوللانغان بەدئىي ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، شېئىرىي پىكىرلەرنىڭ ئىخچام، يىغىنچاق ۋە تەسىرلىك ئىپادىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندىمۇ شائىرنىڭ ئويغاق، ئويناق تەپەككۇرى ئۆزى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغان تېرەن مەزمۇنلار ساماسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلغان. شائىر شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بۇنداق ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى لىرىك خۇسۇسىيەتلەرگە باي بولغان شېئىرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ سانالغاچقا، شائىر شېئىرلىرىنڭ بەدئىيلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، شائىرنىڭ «بۇ يوللار»، « مەن تىرىكمەن دولقۇنىدا دېڭىزنىڭ»...قاتارلىق شېئىرلىرىدا تەكرارلاش، سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، سىمۋول قاتارلىق بەدئىي ۋاستىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن مەزمۇن شۇنچە روشەن، شۇنچە راۋان، شۇنچە جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىنغان. چنشىنىشلىك تىل بىلەن بۇنداق يارقىن ئەكىس ئەتكەن ھەرقانداق بىر ئەھمىيەتلىك پىكىرنىڭ تەسىرى ۋە رولى مەنىۋىيىتىمىز ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچتۇر.
2.«ئەي ئادەملەر»دە تەسۋىرلەنگەن تېماتىك مەزمۇنلار
«مەن قېنى؟ مەن نەدە؟ ئىنسان ئۆزىنى زادى قانداق قەدىرلىشى كېرەك؟» دېگەندەك كىشىلىك ھايات ۋە كىشىلىك ئىنسانىي ئېسىل-پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئىنسان تەبىئىتى ۋە بىباھا ئادىمىيلىك خىسلەتلەرنى زوق-شوق بىلەن مەدھىيىلەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى مۇناپىقلىق، ئىككى يۈزلىمىلىك، ۋىجدانسىزلىق، مەن-مەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ئىشرەتخورلۇق قاتارلىق تۈرلۈك نومۇسسىزلىق ھەم رەزىللىكلەردىن ئىبارەت ناچار ھادىسىلەرگە ئاچچىق خىتاپ قىلىپ ۋە ئۇنى رەھىمسىزلەرچە ئۆتكۈر قامچىلاپ، بىزنى ئۆز ماھىيىتىمىزنى ساقلاپ، ھەقىقىي ئىنسانغا خاس ۋىجدان-غۇرۇر بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان بىر-بىرىدىن ئېسىل 120 پارچە شېئىر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن «ئەي، ئادەملەر» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى تولىمۇ مۇرەككەپ تىلسىملىق بۇ ھايات مۇساپىمىزدىكى ئەگرى-توقاي كەچمىشلىرىمىزنى، ساپ ۋە ھەقىقىي مەردانە ھېسسىياتىمىزنى خەلقىمىزنىڭ جانلىق تىلى بىلەن تولىمۇ تېتىملىق، بەكمۇ مېغىزلىق قىلىپ جانلىق، ئوبرازلىق ، يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن. توپلامدىكى شېئىرلار خېلىلا كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەزەلدىنلا «ئۆلمەس تېما»دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان سۆيگۈ-مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلار، ئەل-يۇرت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلار، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلار، چىن ئىنسانلاردىن، ھەقىقىي دوستلۇق-ئىناقلىق، ساداقەتمەنلىكتىن سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش تېمىسىدىكى شېئىرلار، كىشىلىك ھايات ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى شېئىرلار، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، ساختىپەزلىك، مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق چاكىنا-رەزىللىكلەر لەنەتلىنىپ، خەلقىمىزنى گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتكە ئۈندەش قاتارلىق رېئال تېمىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
بۇ توپلامدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلاردا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇسى ھېسابلىنىدىغان چىن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە، ساداقەتمەنلىك، ۋاپادارلىققا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلۇپ، قىز-يىگىتلىرىمىزنى ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەت، ساداقەت ۋاپا بىلەن ياشاشقا چاقىرغان. بۇ خىلدىكى شېئىرلاردىن«گۈزەل ئەستلىك»،«تۇرساڭ»،«ئەگەر بولساڭ قېشىمدا»،«بىر كەل»،«سۆيگۈ ئارخىپى»،«مەن بار »،« ئازماڭلار» قاتارلىق شېئىرلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.
كېتەي قانداق سېنى تاشلاپ كېيىكتەك ئۇز قاراپ تۇرساڭ،
كېچەي سەندىن نېچۈن؟ قەلبىم كۆزىگە بەك ياراپ تۇرساڭ.
جىمى شادلىقلىرىم سەنسىز، كۆيۈپ كۈل بولغۇسى جەزمەن،
ئىچەي زەمزەم نېچۈن چاڭقاپ؟ ئۆزۈڭ شەربەت، شاراپ تۇرساڭ.
ۋاپا ھىممەتلىرىڭ سۇلتان-خاقان ئەتتى مېنى كاتتا،
بولاي چۆللۈك نېچۈن؟ ئىشقىم ئوتىدا سەن كاۋاپ تۇرساڭ.
( «تۇرساڭ»ناملىق شېئىردىن )
ئىجىتمائىي ئەخلاققا دائىر ئەنئەنىۋىي تېما يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىمىزدىمۇ كەڭ مەزمۇننى ئىگىلىدى. خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان خۇنۇك، رەزىل ئىجىتمائىي قاراشلارغا قارىمۇ- قارشى ياراتقان ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنىلىرى ۋە گۈزەل پەزىلەتلىرى دەۋرىمىز كىشىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىباھا مەنىۋىي خەزىنە. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە، ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، يالغانچىلىق، رىياكارلىق، ھەسەتخورلۇق، پىتنەخورلۇق، ئەمەلپەرەسلىك، ئىچىشۋازلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ناچار، رەزىل ئىللەتلەر بەزىلىرىمىز ۋۇجۇدىدا ئەۋىج ئېلىپ كەتتى، بەلكى خۇددى كومپىيۇتېر ۋېرۇسلىرىدەك بارا-بارا ۋۇجۇدىمىزغا يامراپ كەتتى. بۇ خىل ئىللەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، شۈبىھىسىزكى، دەۋرىمىز ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى ۋە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنى. شۇڭا شېئىرىيىتىمىزدىمۇ سىياسىي، ئىجىتمائىي مەدەنىيتىمىزنى بۇلغايدىغان بۇنداق ناچار، رەزىل ئىللەتلەرگە قارىتا ئۆتكۈر تىغ ئۇرىدىغان ئېسىل ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى. جۈملىدىن شائىر مۇساجان يۇنۇس«ئەمەلپەرەس ناخشىسى »،«ھەسەتخور ناخشىسى »،«خوشامەتچى ناخشىسى »،«ئىككى يۈزلىمىچى ناخشىسى »،«يالغانچى ناخشىسى »،« ئۆزگىچە»،«دوست ئىككىمىز »،«پۇل تېپىپ»، «يالغان»،«ئەمەل تۇتقان دوستۇمغا»،«تۇرمىسام»، «تويدىمۇ » قاتارلىق بىر بۆلۈك ئۆتكۈر پىكىرلىك شېئىرلىرى ئارقىلىق ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، ساختىپەزلىك، مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق چاكىنا-رەزىللىكلەرنى كۈچلۈك لەنەتلەپ، خەلقىمىزنى بۇنداق قىلمىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتكە ئىگە بولۇشقا ئۈندىدى. شائىر«ئەمەلپەرەس ناخشىسى» ناملىق شېئىرىدا:
ئەمەل قۇشى قونسا بېشىمغا،
لەززەت بولسا يېگەن ئېشىمدا.
نازىنىنلار تۇرسا قېشىمدا،
مىڭ غاز ئۆلسە بىر تال تېشىمدا،
دەپ دىلىمغا قىمدىمىم ئارمان.
ئەمەل بىلەن كۆكلىسەم، كۈلسەم،
ھالاۋەتنىڭ پەيزىنى سۈرسەم،
جاھاندا مەن ئۆزۈم دەپ يۈرسەم،
قۇت-ئامەتنىڭ باغرىغا چۆمسەم،
دېگەن ھېسلار ماڭا بولدى نان.
دەپ يېزىش ئارقىلىق ئەمەلپەرەسلەرنى ئاچچىق مەسخىرە ئاستىغا ئالىدۇ ۋە ئەمەلپەرەسلەرنى قاتتىق قامچىلايدۇ.
ھەسەتخورلۇق ياكى كۆرەلمەسلىك دەپ ئاتالغان بۇ قېرى رەزىل ئىللەت تارىختا سانسىزلىغان يىرگىنىشلىك، پاجىئەلىك ئىزلارنى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ يېڭى جەمئىيتىمىزگىمۇ سۈرۈلۈپ كىرىپ، خەلقىمىزگە نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارنى سالدى. ھەسەتخورلارنىڭ خۇسۇسىيتى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقىلارغا ھېچقانداق ياخشىلىقنى، ھېچقانداق مەنپەئەتنى راۋا كۆرمەيدۇ. كۆرەلمەسلىك، قىزغىنىش ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس سائادىتى. شۇڭا ئۇنداقلار كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغانلىقى ھەر قانداق نەرسىدىن مەيلى نەپ ئالسۇن- ئالالمىسۇن ھامان ھەسەت قىلىدۇ. شائىر مۇساجان يۇنۇس«ھەسەتخور ناخشىسى» ناملىق شېئىدا بۇ خىل ناچار ئىللەتلەرگە زەردە بىلەن مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
نىچۈن ساڭا باشقىلار ئامراق،
خوتۇن بىلەن سەن نېچۈن ئامراق،
ھەي، پەرزەنتىڭ نېمانچە ئوماق،
سەن نېمىشقا تاپىسەن روناق،
مېنىڭ كۆڭلۈم قاچان شادلىنار.
مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىچىدە«ناخشا توۋلاپ ئۆتتۈڭ مەلەمدىن»،«ياشاش دېگەن ئەنە شۇ» قاتارلىق تەقلىد قىلىپ يېزىلغان شېئىرلارمۇ بار بولۇپ، بۇ شېئىرلاردىن شائىرنىڭ شېئىرىيىتىمىزدىكى گۈزەل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەل سۆيگەن شائىرلىرىمىزغا بولغان سۆيۈنۈش، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى، كونىسىدىن يېڭىسىنى يارىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان روھىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
يېڭى دەۋر شېئىيىتىمىزدە بىر قەدەر كەڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تېما ــ ۋەتەنپەرۋەرلىك بولدى. بايروننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا:«كىم ئۆز يۇرتىنى سۆيمىسە، ئۇ ھېچنېمىنى سۆيەلمەيدۇ». دەرۋەقە، شېئىرىيتىمىزدە بۇ مۇھىم تېمىغا ياندىشىپ ئۆتمىگەن بىرمۇ شائىر يوق دېيىشكە بولىدۇ.شائىر مۇساجان يۇنۇسمۇ «سەن قېنىمغا ئۇيۇغان شەھەر » ناملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان شېئىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھرىگە باغلانغان ئوتلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنى ، گۈزەل ئەستلىكلىرىنى ئىزھار قىلغان.
شائىر شېئىرلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە كۈچلۈك مېھرى- مۇھەببەت ئەكىس ئەتكەن شېئىرلارنىڭمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى ئاتا-ئانا قېرىنداشلار-ھەر بىر ئىنسان چىن ئىخلاسى بىلەن قەدىرلەشكە ئەبەدىي قەرزدار بىر يۈكسەك مەسئۇلىيەت، كۈچلۈك مەجبۇرىيەت ۋە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتىمىزدىن ئىزچىل ھالدا مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مۇساجان يۇنۇس لىرىكىلىرىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. شائىر «جېنىم ئانا، كەتمىگىن»،« ئۆتۈنۈش»،«ئۆتۈپتىمەن بىلمەي خۇدۇمنى»،«بولدى ئەمدى غېمىمنى يېمە»،«تاتلىققىنە كۈلدۈڭمۇ »،«نېمە قىلدىم دۇئا ئالغۇدەك »،«يايرىۋالسۇن يۈرىكىڭ راسا »،« مەن ئالدىڭدا يۈكۈندۈم ئانا »،«رەھمەت ئاتا » قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئارقىلىق ئاتا-ئانا، قېرىنداشلارغا ساداقەت، مېھرى-ۋاپا ئەيلەپ، چىن ئىنسانىي پەزىلەت بىلەن ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەزىلەت-ئۈگۈتلىرىنى ئىش-ھەرىكەت ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىمىزدە ئۆرنەك-ئەنداز قىلىپ، تەۋەررۈك ئاتا-ئانا، قېرىنداشلارنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى، ئەۋلادلار قەلبىدە ئەبەدىيلىك يىلتىز تارتقۇزۇشقا چاقىرغان.
شائىر كىشىلىك ھاياتنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىىدىغان چىن دوستلۇق-ئىناقلىقتىن، ساداقەتمەن پاك ئىنسانلاردىن سۆيۈنۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلاردىن پەخىرلىنىش تېمىسىدىكى شېئىرلاردا دوستلۇق قەدرىگە يېتىدىغان، دوستلار شادلىقىدىن سۆيۈنۈشنىمۇ، دوستلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىشىشىنىمۇ بىلىدىغان پەزىلەت ئىگىلىرىنى چىن ئىخلاسى بىلەن سەمىمىي ھۆرمەتتە تىلغا ئالىدۇ. شائىرنىڭ «دوستلارغا ئىلتىماس»،«كۆرۈپ تۇراي چېھرىڭدە كۈلكە »،«ئەيىبىمنى كۆرسەتكىن ئاداش » قاتارلىق شېئىرلىرى مانا مۇشۇ خىل تېمىلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك يېزىلغان ئەسەرلەر دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شائىر «سەنسىز دۇنيا بولىدۇ يېتىم»،«دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇڭلار »،«سالام سىلەرگە قەدىردانلىرىم» دېگەن ماۋزۇ ئاسىتىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدا مىننەتسىز مېھنىتى بىلەن ئەۋلادلار بەختى ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقان ئۇستازلارغا، تەبىئەت ئالىمىگە گۈزەللىك، بارچە جانلىققا ئوزۇق-تۈلۈك، مەئىشەت ئاتا قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىنسان-دېھقانلارغا بولغان سۆيۈنۈشىنى، ھەر بىر ئائىلىدىكى تەۋەررۈك بوۋا-موما، قەدىردان ئاتا- ئانا، ئائىلنىڭ زىننىتى ۋاپادار قىز-يىگىت-پەرزەنتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مېھرى-مۇھەببەت، ئۆز ئارا دوستانە رىشتىدىن سۆيۈنۈش ھېسسىياتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، گۈزەل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا بولغان گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلغان.
خەلقىمىز ئارىسىدا:«مەي بىلەن دوستلاشقىنىڭ-ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ»، «تامنىڭ يىقىلىشى زەيدىن، ئەرنىڭ يىقىلىشى مەيدىن» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار.«قابۇسنامە»دە مۇنداق بىر ھېكمەت بار:«قەدەھۋاز دوستلىرىڭنى دوست دېمە، چۈنكى ئۇلار ساڭا ئەمەس، قەدەھلىرىڭە دوست». دەرۋەقە، نۆۋەتتە، قارايدىغان بولساق، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن دېگۈدەك ئىچىشۋازلىققا بېرىلىپ كەتتۇق. شادلانساقمۇ ئىچىمىز، قايغۇرساقمۇ ئىچىمىز، يالغۇزمۇ ئىچىمىز، توپلۇشۇپمۇ ئىچىمىز، تاۋاقتىمۇ ئىچىمىز، قاۋاقتىمۇ ئىچىمىز، كوچىدىمۇ ئىچىمىز، رېستۇراندىمۇ ئىچىمىز، ئىپتىدائىي ئاڭدىكى مەخلۇقلار ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلسىمۇ ئىچمەيدىغان شۇ نىجىسنى ئىچىپ، ئەس-ھۇشۇمىزنى يوقىتىپ، كوچا-كويلاردا سۇنايلىنىپ ياتىمىز...قايسى بىر دانىشمەن:« ھاراقكەشلەرنىڭ خۇددى ۋىسكى بوتۇلكىسىغا ئوخشاش بوينى ۋە قۇرسىقىلا بولىدۇ، كاللىسى بولمايدۇ» دەپتىكەن. بىزدە ئىچىشۋازلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، تالايلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى،ئىناق ئائىلىسى ۋەيران بولدى،ئەنە شۇ ئىپلاس بىلەن بۇلغىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدۇق،ئەزىز جاندىن ئايرىلدۇق. ئەمما بۇ ئاچچىق قىسمەتلەر بىزگە ساۋاق بولمىدى. مۇساجان يۇنۇس شېئىرىيەت ئىجادىيتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان مەسئۇلىيەتچان شائىر. شۇڭا ئۇ ئىجادىيتى داۋامىدا رېئال ئىجتىمائىي تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، كۈچلۈك تەنقىدىي رېئالىزىملىق روھ بىلەن جەمئىيەتنى ئەتراپلىق كۈزىتىپ، ئادەملەرنى تەھلىل قىلىپ،«ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەيدۇ»غانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ يېتىپ، خەلقىمىزنىڭ دەۋرگە ماس ھالدىكى تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۇسالغۇ بولۇۋاتقان روھىيىتىدىكى خۇنۇكلۇك، چۈشكۈنلۈك، زەئىپلىكتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىللەتلەرنى قاتتىق مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى مىللىي ئەنئەنە، گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، چىن ئىنسانغا خاس ساپا-سالاھىيەت بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يۈكسىلىشكە قاراپئىلگىرلەشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ يولدا توختىماي ئىزدەندى. مۇساجان يۇنۇس ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىر يېرىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. شائىرنىڭ بۇ خىل ئەھمىيەتلىك قاراشلىرى ئۇنىڭ «ئىچمىدىم»،«خوش مەيخانا، خوش شاراب» ناملىق شېئىرلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن:
خوش، مەستلىكتە سۆيگەن گۈزەللەر،
خوش، بىخۇدلۇق ئكلتۈرگەن كۈنلەر،
خوش مەجنۇن بوپئېيتقان غەزەللەر،
خوش، پەرىشان بىچارە كۈنلەر.
.........................................
خوش مەيخانا، ئەلۋىدا شاراب،
خوش مەپۇرۇش، خوش جېنىم ساقىي.
خوش تېتىمسىز زاكۇسكا-كاۋاپ،
خوش كۆڭلۈمنىڭ مەرەز پىراقى.
(«خوش مەيخانا، خوش شاراب» ناملىق شېئىردىن )
شائىر «ئىچمىدىم» ناملىق شېئىرىدا:
زورلىما ساقىي بۇرادەر، تاشلىدىم مەي، ئىچمىدىم،
قىلما سۈلھى، قىلما كاجلىق قايتا بىر دەي، ئىچمىدىم.
دەپ يېزىش ئارقىلىق كۇللىي بالا-قازانىڭ مەنبەئىي بولغان ئىچىملىككە بېرىلىپ كېتىۋاتقانلارغا كۈچلۈك سېگنال بەرگەن، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
يازغۇچى- سەنئەتكارلار جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى بەدئىي ئوبرازلار ئارقىلىق پاش ۋە تەنقىد قىلىپ خەلقنى تەربىيەلەيدۇ. شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا ئۆزى ياشاپ تۇرغان مەۋجۇت رېئاللىقنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، مەنىۋىيتىنى زەئىپلىك، بىخۇدلۇق، مەنمەنچىلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك قاپلاپ كەتكەن خەلقنى مەنىۋىي پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تۇنۇپ، تىلنى ۋاستە، شېئىرنى قورال قىلىپ، رېئاللىقتىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنى مەردانىلىق بىلەن ئېچىپ كۆرسىتىپ، خەلقنى ئادەمگە خاس پەزىلەت بىلەن ياشاشقا چاقىرىدۇ. سۆزىمىزنى شائىرنىڭ « رەڭلىك ئولتۇرۇش»ناملىق شېئىرى بىلەن دەلىللەپ باقايلى:
كۆڭۈللەرنى مانان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش،
چىرايلارنى سامان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش،
گۈل-باغلارنى خازان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش،
قوزىلارنى قاۋان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش،
ياخشىلارنى يامان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش.
ئۆلتۈرۈلدى نومۇس، ھايا، ئۇيات،پەدىشەپ،
بەتبۇيىنى چاپتى ياراپ ھەزلىچى كاپ-كاپ،
ئەر-ئايالنىڭ پەرقى نەدە، قالدى نەدە تاپ،
لاۋزىلارغا جۈر بولمىغان ئاتالدى ناباب
رەسۋالىقنى ئايان قىلدىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇش.
بۇ مەنىدىن ئالغاندا، شائىر مۇساجان يۇنۇس شېئىرلىرىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىملىق روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان شەمشەردەك ئۆتكۈر مىسرالار دەل خەلقىمىز ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن مەنىۋىي قاششاقلىق بىخلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئوبرازلىق قويۇلغان ماۋزۇ ۋە ئىخچام سۈرەتلەنگەن يارقىن كارتىنا
ماۋزۇنى شېئىرنىڭ گۈلتاجىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور ئۆزىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان، قەلبىنى لەرزىگە سالغان ۋە تاللاش-تاۋلاشتىن ئۆتكەن ۋەقە، ھادىسە ياكى ھېكمەتلىك پىكىرلەرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، شېئىرغا قويۇلىدىغان ماۋزۇ چوقۇم يېڭى، ئىخچام ، جەلپ قىلارلىق بولۇشى ھەم شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان مۇددىئانى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك. مۇساجان يۇنۇس شېئىرىلىرى ئىچىدە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، قىسقا يېزىلغان شېئىرلارمۇ، ئۇزۇنراق يېزىلغان شىئىرلارمۇ بار. شۇنداقتىمۇ ھەر بىر شېئىرنىڭ ماۋزۇسى دېگۈدەك ئىخچام ۋە جەلپ قىلارلىق قويۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن، مۇجىمەل ۋە چۈشىنىكسىزلىكتىن خالىي بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەردە ماۋزۇنى كۆرۈپلا شېئىرنى ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. مۇساجان يۇنۇس شېئىرلىرىدا «مەن شۇنداق ياشىدىم»، «ياراتمايمەن»، «سۆيگۈ ئارخىپى»، «ئەسكىمۇ»،«ئاپىرىن رەقىبلەر»... دېگەنگە ئوخشاش قاراتمىلىقى ئېنىق سۆز-ئىبارىلەر تاللاپ ماۋۇ قويۇلغان بولغاچقا، بۇنداق جەلىپكار ماۋزۇلار شېئىرنىڭ بەدئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.
ئادەملەر، ھەي، ئادەملەر
يالماۋۇزدەك يالماشقا ئېتىلماڭلار ئادەملەر،
تۆت پۇتلۇقلار توپىغا قېتىلماڭلار ئادەملەر.
..............................................
ئادەملەر، ھەي ئادەملەر، دوست يىغلىتىپ ئېتسا، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتىدۇ. شۇ تاپتا مېنىڭمۇ ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى يۈرەك سۆزلىرىگە قەلب سۆزلىرىمنى جۈر قىلىپ، بىز ئىنسانلارغا شۇنداق خىتابلارنى قىلغۇم بار: ھەي ئادەملەر، ھەممىمىز بىلىمىز: ئادەمنىڭ ئادەمىيلىكى ئۆزىنىڭ ئېسىل ئادەمىيلىك پەزىلىتى، يۈكسەك ئادەمىيلىك مەسئۇلىيىتى، كۈچلۈك ئادەمىيلىك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان تولىمۇ چەكلىك ئۆمرىنى چىن ۋىجدان-غۇرۇرى، ھالال تەر-مېھنىتى ئارقىلىق ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولۇشۇپ مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، ھاياتلىق گۈلشەنىنى رەڭدار گۈل-چېچەكلەرگە، ئۆمۈر بېغىنى شېرىن مېۋىلەرگە تولدۇرۇپ، زامانداشلارغا ، ئەۋلادلارغا پەزىلەت گۈلىستانىدىن خۇشپۇراق گۈلدەستىلەرنى تەقدىم ئېتىش مەنزىلى ئۈچۈن دوستانە قەدەملىرىمىزنى بىرلىكتە باسالايدىغان پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايدۇ. شۇڭا بىز مەنىۋىيىتىمىزنى پەزىلەت مايسىلىرى بىلەن زىننەتلەپ، ھەر بىر باسقان قەدەملىرىمىزدىن ئەجدادلار ئۈمىدىنىڭ گۈل-چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرالىساق، ئەنە شۇ چاغدا، پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىدا ھېچبىر مەۋجۇدادمۇ بىز ئادەملەردىن ئۆكۈنۈپ، تولىمۇ يىرگىنىشلىك تۇيغۇلار بىلەن «ئادەملەر، ھەي ئادەملەر...»دەپ بىزدىن ئەپسۇسلانمايدىغان، بىزگە لەنەتلەر ياغدۇرمايدىغان، ئەكسىچە، بىز-ئادەملەردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدىغان، بىز-ئادەملەردىن چەكسىز سۆيۈنىدىغان، بىز-ئادەملەرنى ھەر ۋاقىت مانا مۇشۇنداق تەرىپلەيدىغان، بىز-ئادەملەردىن ھەر ۋاقىيت مانا مۇشۇنداق مىننەتدار بولىدىغان بولىدۇ: «ئادەملەر، ھەي ئادەملەر»!سىلەر «ئىنسان» دېگەن ئەڭ بۈيۈك نامغا ھەقىقىي مۇناسىپ ھالدا چىن ساداقەت، چىن مېھرى-ۋاپا، چىن ئىنسانىي پەزىلەت نۇرلىرىنى قەلبلەر ساماسىدا خۇددىي زەر قۇياشتەك پارلاتتىڭلار. سىلەر ئادەمىيلىك ئېسىل خىسلىتىڭلار، ئىنسانىيلىق گۈزەل پەزىلىتىڭلار بىلەن پۈتكۈل ئالەمگە گۈزەللىك ئاتا قىلدىڭلار. شۇڭا پۈتۈن جاھاننىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆرمىتى پەقەت سىلەر-ئادەملەرگىلا تالىق! شۇنداق:
ۋىجدان دېمەك-جان دېمەك، غۇرۇر دېمەك-قان دېمەك،
كىملا ئالاي دەپ قويسا سېتىلماڭلار ئادەملەر.
ھالال مېھنەت، پاك ئەجىر ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى،
لالما ئىتنىڭ ئورنىدا بېقىلماڭلار ئادەملەر.
ياخشىلىقتىن ئەل كۈلەر، ئىزگۈلۈكتىن جان كۈلەر،
رەزىللىككە، پەسلىككە چېتىلماڭلار ئادەملەر.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.ھەزرەتئەلى ئەلى:« شېئىردىكى سۆيگۈنىڭ قىممىتى»، «شېئىر قانىتىغا يېزىلغان ئويلار»، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2.مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل: «شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر» ناملىق ماقالىسى
2013-يىل16-ئىيۇن
( مەزكۇر ماقالە شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي، ئادەملەر»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ بەدئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 00:15