كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 0

غەلىبە مۇھەممەد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 18:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   075F03FD003E53B04EB715AFDB781D3241E6970FC33A95D0A0F8032930D5103F3BB53616FF790A6D.jpg

   غەلىبە مۇھەممەد 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1977-يىلىدىن 1986-يىلغىچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، 1986-يىلدىن2011-يىلغىچە«شىنجاڭ ئاياللىرى »ژورنىلىدا ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
    غەلىبە مۇھەممەد 1983-يىلى يازغان «قىزىل گۈلنى كىم تاقىشى كېرەك» ناملىق ئوچىرىكى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئاساسلىق زېھنىنى ئىلىم- پەن ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ئالاھىدە تۆھپە يارىتىپ تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئاۋانگارت ئاياللارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى  ۋە ئاساسى قاتلاملاردىكى ئاياللار ئاممىسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا قارىتىپ، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ماقالىسى، پوۋىست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات ، ئەدەبىي خاتىرە، ئوچىرىك ۋە شېئىر قاتارلىق ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان . «ھاياتتا مۇنداق خەتلەرمۇ يېزىلغان»،«بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس»، «قار ياغقان كېچە» ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.«سۆيگۈدىن تۇغۇلغان خىياللار»ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى  ۋە «ئىژتىھات سۆيگەن مەنزىللەر» ناملىق ماقالىسى  مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك ۋە 5-نۆۋەتلىك ئاياللار ژۇرناللىرىدىكى نادىر ماقالىلارنى تاللاپ باھالاشتا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-دەرىجىلىك ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،  «قار ياغقان كېچە»ناملىق پوۋىست،ھېكايە،ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك كىتاپ مۇكاپاتى بويىچە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، ئۆزى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە« شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنىدا  «ئايال ئەدىپ شەرەپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
گۈلخان1 + 45

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 45   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش