ياخشى بوپتۇ، ئەي ئادەملەر ھەقىقەتەن نادىر شېئىرلار توپلىمى ئىدى.
تۇنجى قار ياغقان ئاخشام
تۇنجى نۆۋەت قار ياغقان ئاخشام،
قىلالمىدىڭ ۋەدەڭگە پاۋا.
جىمجىتلىقنى چۆچۈتتى ناخشام،
كۈيلىرىمنى تىڭشىدى دالا.
سۆيگۈ بولۇپ تۆكۈلدى ئاق قار،
يەرگە ئەمەس مېنىڭ ئېڭىمغا.
كېلەلمىسەڭ مەيلىغۇ نىگار،
سىڭىپ كەتكەن تۇرساڭ ئېڭىمغا.
ئاپئاق قاردەك قەلبىڭ ئەكسىنى،
ئايان قىلدى ساخاۋەتلىك قار.
سەزدىم قاردا باھار پەسلىنى،
ئىشقىڭ بىلەن مۇڭداشتىم دىلدار.
ياقتىم قارغا كۆكسۈمنى مەھكەم،
زاھىرلەندىڭ باغرىمدا شۇ ئان.
ساڭا بولغان سۆيگۈ ئەقىدەم،
ھاسىل قىلدى دىلىمدا قىيان.
تۇنجى نۆۋەت قار ياغقان ئاخشام،
كۈتتۈم سېنى قارغا كۆمۈلۈپ.
سەگەك تۈننى مۈگدەتتى ناخشام،
مەن پاكلىققا چىقتىم چۆمۈلۈپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 08:16