كۆرۈش: 2224|ئىنكاس: 20

مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
           شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى
                                     مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
      16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن،مەكىت ناھىيەسىدە مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەكىت ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە،رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن چاقىرىلغان شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ناھىيەلىك  باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى يازغۇچى قەلبىنۇر تۇرغۇن بىلەن ناھىيەلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى رىزۋانگۈل ئابدۇجېلىل رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئابدۇغېنى جۈمە بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇساجان يۇنۇسنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، مەكىت دولان ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى
باھالارنى بەردى ۋە دولان مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دولان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر  تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، دولانشۇناس يازغۇچى، سېنارېست مۇتەللىپ سىيىت  شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئادىل مۇھەممەت تۇران، ئەل سۆيگەن پەخىرلىك يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر، شىنجاڭ«ئوقيا» ماركا ئىشلىرى شىركىتىنىڭ دېرىكتورى  ئابلىكىم ھۈسىيىن ئوقيا، «شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلى»، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەم شەخسىلەر ئەۋەتكەن تەبرىك خەت - تېلېگىراممىلارنى  ئوقۇپ ئۆتتى. قەلبىنۇر تۇرغۇن  يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە،رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئوسمان بۇ قېتىم مەكىت ناھىيەسىدە ئېچىلغان «بىر كىتاب- بىر ئالەم»تېمىسىدىكى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە  بۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ جەھەتتە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدىكى پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن ئىلمىي مۇھاكىمە باشلىنىپ، ياسىنجان ئوسمان ئەركزات، ئابلىز ئىبراھىم دولان، ئابلاجان مۇھەممەت، ئەسقەرجان نىزامىدىن قاتارلىق يازغۇچى-شائىر، تەتقىقاتچىلار شائىر مۇساجان يۇنۇسنىڭ «ئەي ئادەملەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ بەدئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلادىن چىقىپ مۇھاكىمە ۋە باھالارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى نەشر قىلنغان «ئەي ئادەملەر»ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. ئەل سۆيگەن شائىر، يازغۇچى تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، ياغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاقلار شائىر شېئىرىغا يازغان تەخمىسلىرى ۋە شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى.  
يىغىنغا قەشقەر شەھىرى، كوناشەھەر، يوپۇرغا، يەكەن ناھىيەسىدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابلىمىت مۇھەممەت، تىلىۋالدى ئەيسا، ئەسقەر ئابدۇقادىر، مۇھەممەت ھامۇت( بۇ تۆت نەپەر ئۇستاز قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى فاكۇلتېتىدا) ، سايىتجان سادىق،  كۈرەش ھۈسەيىن، مېھرىگۈل ھۈسەيىن ، ئىلھامجان تاھىر، ئابدۇغېنى ئابلەت، ئابدۇرېھىم غازى، ئابدۇقەييۇم تۇرادىن مەجنۇن، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ، ئابدۇرېشىت سۇلايمان جاللات، تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن، تۇراپجان نۇر ئاتقۇچى، ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىي قاتارلىق يازغۇچى-شائىرلار، دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مۇساجان يۇنۇسنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرى، ساۋاقداش ۋە خىزمەتداشلىرى بولۇپ 350 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت داۋامىدا  مۇساجان يۇنۇس تېكىستلىرىگە ئىشلەنگەن بىرقانچە ناخشا ئوقۇلۇپ ۋە شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىنىپ پائالىيەت كەيپىياتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. دولان ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى ئارتىسلىرى، خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەل ئىچى مەشرەپ-مۇقام ئەل  نەغمىچىلىرى ۋە دولان مەشرەپ-مۇقام ئىزباسارلىرى ئورۇنلىغان تاللانغان سەنئەت نومۇرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تېخىمۇ   قىزغىن كەيپىيات ئاتا قىلدى. مۇساجان يۇنۇس سۆز قىلىپ ئۇزاقتىن بۇيان،  ئۆزىنى قىزغىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلققە تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەت ئاخىرىدا،  شائىرنىڭ خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە قەلەمكەشلەر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەت  ۋە ئۇتۇقلار تىلەش بىلەن بىللە، كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئىلھامجان تاھىر، كۈرەش ھۈسەيىن، ئابدۇغېنى ئابلەت(قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن) قاتارلىق قەلەمكەشلەر ئەل سۆيگەن پەخىرلىك شائىر تاھىر تالىپ قاتارلىق ئەدىبلەر قەشقەر شەھىرىدىكى بىرقىسىم يازغۇچى-شائىرلارنىڭ مۇساجان يۇنۇسقا ئاتاپ تەييارلىغان ھۆرمەت تونىنى مۇساجان يۇنۇسقا كىيدۈردى.

                            پائالىيەتتىن خاتىرىلەر
ھاكىم ئابدۇغېنى جۈمە پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى سۆزلىمەكتە 1.JPG

  يازغۇچى ۋە سىنارىست مۇتەللىپ سېيىت مۇساجان يۇنۇسنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى
3.JPG

                         شائىر مۇساجان يۇنۇس ئۆز  شېئىرلىرىنى ئوقۇماقتا

2.JPG

   ئەل سۆيگەن يازغۇچى، پەخىرلىك شائىر تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس مۇساجان يۇنۇس غەزىلىگە يازغان تەخمىسىنى ئوقۇماقتا

4.JPG


   تەتقىقاتچى، شائىر ياسىنجان ئوسمان ئەركزات ماقالە  ئوقۇماقتا
5.JPG
قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن قەلەمكەشلەرنىڭ دىققىتىمۇ پائالىيەتكە مەركەزلەشتى. ئەنە قاراڭ، ئوماق سەبىيمۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن شېئىر ئاڭلىماقتا.
9.JPG



              پەخىرلىك يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ يىغىنغا كەلدى


7.JPG
        قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى ئىنىستىتۇدىكى ئۇستازلارمۇ  پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى
8.JPG

             مۇھاكىمە يىغىنى مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر

10.JPG

دولان ئەل نەغمىچىلىرى پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋەتتى

    12.JPG
  قەلەمكەش ئەدىبلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

6.JPG

                                     قۇتلۇق دەملەردىكى ئۇنتۇلغۇسىز  يادىكار

13.JPG


كۈرەش ھۈسەيىن: ئاتقۇچى ئەپەندۇ.....م، قايلايلىغۇ.....


11.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 23:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-17 08:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ، ئەي ئادەملەر ھەقىقەتەن نادىر شېئىرلار توپلىمى ئىدى.

تۇنجى  قار ياغقان ئاخشام




تۇنجى نۆۋەت قار ياغقان ئاخشام،

قىلالمىدىڭ ۋەدەڭگە پاۋا.

جىمجىتلىقنى چۆچۈتتى ناخشام،

كۈيلىرىمنى تىڭشىدى دالا.


سۆيگۈ بولۇپ تۆكۈلدى ئاق قار،

يەرگە ئەمەس مېنىڭ ئېڭىمغا.

كېلەلمىسەڭ مەيلىغۇ نىگار،

سىڭىپ كەتكەن تۇرساڭ ئېڭىمغا.


ئاپئاق قاردەك قەلبىڭ ئەكسىنى،

ئايان قىلدى ساخاۋەتلىك قار.

سەزدىم قاردا باھار پەسلىنى،

ئىشقىڭ بىلەن مۇڭداشتىم دىلدار.


ياقتىم قارغا كۆكسۈمنى مەھكەم،

زاھىرلەندىڭ باغرىمدا شۇ ئان.

ساڭا بولغان سۆيگۈ ئەقىدەم،

ھاسىل قىلدى دىلىمدا قىيان.


تۇنجى نۆۋەت قار ياغقان ئاخشام،

كۈتتۈم سېنى قارغا كۆمۈلۈپ.

سەگەك تۈننى مۈگدەتتى ناخشام،

مەن پاكلىققا چىقتىم چۆمۈلۈپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 08:16  


ۋاقتى: 2013-6-17 09:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكىت دىياردىكى قەلەمكەش دوستلارغا  ئامىنەدىن ئوتلوق سالام!!!!!!!!!!!
ئاقىل ئەجداتلرىمىز ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دەپ راست ئېيتقان ئىكەن .شائىر مۇساجان يۇنۇسمو ئەجرىگە لايىق ئەزىزلىنىپتو .

بېشىم كۆككە يېتەر دەيمەن،
ئەجىرلىكلەئەزىزلەنسە.
ھاياتىمدا بولار مەنا،
قەدىردانلار قەدىرلەنسە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 09:31  


ۋاقتى: 2013-6-17 09:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  پەيزى   يىزىلىپتۇ    بارىكاللا

ۋاقتى: 2013-6-17 09:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مۇھاكىمە يىغىنى بوپتۇ ياسىنجان،شائىر،يازغۇچى       مۇساجان يۇنۇس ئاز لىكىن ساز يازىدىغان،يازغانلىرى يۇرەكنىڭ بېغىشىغا بارىدىغان،ساتېرىك شېئىرلىرىمۇ بەلگىلىك ئۇرۇندىكى قەلەمكەش ئۇستازدۇر،
    مۇساجان يۇنۇس ئەپەندىنىڭ تېنى ساغلام بولسۇن،بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرى نۇسرەتلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-6-17 09:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەرنى بالدۇراق يوللىۋېتىڭ ياسىنجان ،ئادەمنى تەقەززا قىلماي!

ۋاقتى: 2013-6-17 09:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، مۇساجان يۇنۇس ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن.بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق قەلەمكەش دوستلار ۋە ئۇستازلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

ۋاقتى: 2013-6-17 10:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچۇم مۇساجان يۇنۇسنىڭ بۇ كىتابىنى ئۆز ۋاقتىدا سېتىۋالغان ۋە ئوبزورمۇ يازغان(تېخى ئېلان قىلىنمىغان)ئىدىم . ئەپسۇس بۇ پائالىيەتتىن خەۋەرسىز قاپتىمەن .ئەسلىدە بۇ ھەقتە ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقۇممۇ بار ئىدى . بىراق يەنە پۇرسەتلەر بارغۇ .شۇڭا ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىجادىيىتىگەسۆيۈنۈش بىلەن زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2013-6-17 10:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان بولۇڭ، ئوقۇتقۇچۇم !

ۋاقتى: 2013-6-17 10:13:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      مۇساجاننىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە قۇت ۋە تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-6-17 13:37:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، مۇساجان يۇنۇسنىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-6-17 16:42:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پائالىيەتلەر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قەلىمىنى بىلەيدۇ-دە.

ۋاقتى: 2013-6-17 19:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. مۇساجان يۇنۇس ئاكىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مۇۋاپپىقىيەت تېلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-6-17 22:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىست شۇنداق قاتناشقۇم بار ئىدى  بۇ پائالىيەتلەرگە ، بۇ ئاساسى قاتلامنىڭ كادىرچىلىقىدادېھقاننىڭ يىرىگە زورلاپ  قوش سالغۇزىمەن دەپ   بىرىپ  بولالمىدىم ...  

ۋاقتى: 2013-6-17 22:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتىنجى  رەسىمدە  كۆرەشكام  نىمىگە  ھەيران بولغاندۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش