كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر باش كېيىمى ۋە ئاتۇش دوپپىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                  ئۇيغۇر باش كېيىمى ۋە ئاتۇش دوپپىسى


مۇھەممەد قادىر بارخان




باش كېيىم مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇر باش كېيىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئون مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان تاش قىيا سىزمىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ۋە باشقا ئالاھىدە گەۋدىلىك ئەزالىرىنى باش كېيىمى قىلىپ، ئىپتىدائىي جامە سورۇنلىرىدا نامايەن قىلىشقا باشلىغان. تۇنجى باش كېيىم، دائىملىق تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قار، يامغۇر، بوران ۋە ئىسسىق-سوغاقتىن ساقلىنىشتا باش قىسمىنى قوغداش زۆرۈرىيىتىدە ئەڭ دەسلەپ دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقى ۋە كەڭرەك بولغان يوپۇرماقلارنى باشلىرىغا ئارتىۋېلىش بىلەن پەيدا بولغان بولسا، كېيىنچە ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئورمانلار ۋە يايلاقلاردىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئۈنۈملۈك تاقبىل تۇرالايدىغان كەركىدان، كالا قاتارلىقلارنىڭ مۈڭگىزىگە تەققاسلانغان باش كېيىملەرنى كېيىپ، كۈندۈلۈك ئوۋ پائالىيىتىدە يىرتقۇچلاردىن قوغدۇنۇپ قالالايدىغان بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداشتىكى بۇنداق دەسلەپكى تەجىربە، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدا ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدىغان تۈنجى باش كېيىم مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرى»گە سەپسېلىپ قارايدىغان  بولساق، ئۇلارنىڭ باش كېيىمىدە مۇڭگۈزگە ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.

1-رەسىم. فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرىدىكى مۈڭگۈزلىك باش كېيىم ئومۇمىي كۆرنىشى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 306-بەت)


doppa1.jpg



2-رەسىم. فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرىدىكى مۈڭگۈزلىك باش كېيىمى يەككە كۆرۈنىشى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 306-بەت)


doppa2.jpg



3-رەسىم. تۇرپاننىڭ پىچان سۇ بېشى كەنتىدىن تېپىلغان 2400 يىللار ئىلگىرىكى جەسەتنىڭ 45 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى باش كېيىمى  («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)


doppa3.png



4-رەسىم. چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان 3000 يىللار ئىلگىرىكى يۇڭ تەلپەك  («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)


doppa4.png



ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ باش كېيىمىنى 1) ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى باش كېيىملەر؛ 2) قۇللۇق (ئاتەشپەرەسلىق) دەۋرىدىكى باش كېيىملەر؛ 3) پېئوداللىق (بۇددىزىم ۋە شامانىزىم) دەۋرىدىكى باش كېيىملەر؛ 4) كاپىتالىزىم ۋە سوتىسيالىزىم دەۋرىدىكى يەنى ئۇيغۇر (تۈركى) مىللەتلىرىنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى باش كېيىملەر –دەپ ھەرقايسى دەۋىرلەر بويىچە تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.

ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى باش كېيىملەر ئاساسەن ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىكى ئۆڭكۈر، ئورمانلىق، سازلىق، يايلاق ۋە ساھىل (دېڭىز، كۆل ۋە دەريا ساھىلى) قەۋملىرىنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئۆزىنى بەھەيۋەت كۆرسىتىشتە ئىشلەتكەن مۈڭگۈز ۋە ئۇزۇن قالپاقلار تىپىدىكى باش كېيىملەر، جامائە ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالاھىدە باش كېيىمىلىرى (1- 2- 3- 4- رەسىملەردىكىدەك).

قۇللۇق جەمئىيەتتىكى يەنى ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىدىكى باش كېيىملەر ئاساسەن، قوياشقا ئىتىقات قىلىش خاراكتىرىدىكى ئىپتىدائىي ئەنئەنە باش كېيىمى، پادىشاھلارنىڭ ھەرخىل ھەيۋەتلىك شاھ تاجى ۋە ھەرخىل ئېسىل باش كېيىمى،  قۇلدارلار (يۇقۇرى تەبىقە، ئەزگۈچىلەر سىنىپى) باش كېيىمى ۋە قۇلدارلىق ھاكىمەيتنى قوغدىغۇچى دۆلەت ئارمىيىسىدىكى ئەسكەر ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل پەرقى بويىچە ئۇرۇشتا كېيىدىغان ھەرخىل دوبۇلغىلىرى،  قۇللار (تۆۋەن تەبىقە، ئېزىلگۈچىلەر سىنىپى)نىڭ ئادەتتىكى باش كېيىمى (5-رەسىمدىن 15-رەسىمگىچە).

5-رەسىم. ئاتۇش ئازاقتىن تېپىلغان 5400 يىللار ئىلگىرىكى «ئوغۇزخان»نى تەۋەللۇد قىلىۋاتقان ئايخاقاننىڭ باش كېيىمى («ئوغۇزنامە»، 1-بەت)


doppa5.png



6-رەسىم. ئايخاقان باش كېيىمىنىڭ يان كۆرىنىشى


doppa6.png



7-رەسىم. قەدىمكى (مىلادىدىن ئىلگىرى) گرېك قاچىسىغا سىزىلغان سىكىف (ساكئۇد)لارنىڭ باش كېيىمى  («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)


doppa7.jpg



ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمىنى ئەڭ بۇرۇن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مىلدىدىن بۇرۇن 300 يىللاردا تىلغا ئالغان بولسا، ئىككى مىڭ يىللار مۇقەددەم «تارىخى خاتىرىلەر»دە ۋە مىڭ يىللار مۇقەددەم «تۈركى تىللار دىۋانى»دا يېزىقتا تەسۋىرلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىلار دىۋانى»دا: «...زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ...» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت) –دېگەن ئالاھىدە باياننى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىلىدىن بېرىپ، مىلىدىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر (تۈرك) باش كېيىمىنىڭ  خۇددى «لاچىن قاناتلىرى»غا ئوخشايدىغانلىقىنى (7-رەسىمدىكىدەك قەدىمكى گرېك قاچىسىغا سىزىلغان سىكىفلارنىڭ باش كېيىمى) ھالىتىدە تەپسىلى خاتىرىگە ئالغان.

8-رەسىم. نەقشى رۇستەمگە 2500 يىللار ئىلگىرى دارا ئىشلەتكەن ساك ئەسىرلىرىنىڭ باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)


doppa8.jpg



9-رەسىم. ياغا زەي تارتىۋاتقان سىكىف (ساكئۇد) باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)


doppa9.jpg



10-رەسىم. سۇنۇق تېڭىۋاتقان ساك باش كېيىمى (قاچىغا ئىشلەنگەن) («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)




7-8-9-10- رەسىملەردىكى ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ باش كېيىمى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىلغا ئالغان


ۋە مەھمۇت قەشقىرى يېزىققا ئالغان تەسۋىر بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ


باشقا قەبىلە ۋە باشقا مىللەتكە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئپىتىخارلىق پەرقلىق باش كېيىمگە ئېگە ئىكەنلىكىنى


كۆرسىتىدۇ.


11-رەسىم. كۈنەستىن تېپىلغان 2500 يىللار ئىلگىرىكى مىس ھەيكەلنىڭ ئۇزۇن قالپىقى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)


doppa11.png



12-رەسىم. سىكتاي سارماتىنلارنىڭ ئارقار قوندۇرۇلغان دولبۇلغىسى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 308-بەت)


doppa12.png



13-رەسىم. ئالما ئاتا «ئېسكى قورغان قەبرىگاھلىقى»دىن تېپىلغان ساك شاھزادىسىنىڭ ئۇزۇن دوبۇلغىسى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 301-بەت)


doppa13.jpg



14-رەسىم. لوپنۇرنىڭ شىمالىدىن 1980-يىلى تېپىلغان 3600 يىللار ئىلگىرىكى «كىروران گۈزىلى»نىڭ باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 302-بەت)


doppa14.jpg



15-رەسىم. يەركەندىن تېپىلغان ئۇچلۇق تەلپەك


doppa15.png



تارىختا چارۋىچىلىقچىن دېھقانچىلىقنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ۋە چارۋىچىلىق-دېھقانچىلىقتىن قولھۈنەرۋەنچىلىقنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر قەۋملىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسمى يەنىلا قەدىمكى ھەيۋەتلىك باش كېيىملەرنى ساقلاپ قېلىپ ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ بۈگۈنكى يايلاق مىللەتلىرى باش كېيىمى سەۋىيىسىگە كۆتۈرگەن بولسا؛ قولھۈنەرۋەنچىلىك ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىر قىسىم ئۇيغۇر قەۋملىرى قەدىمكى ئەجداتلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك باش كېيىملىرىنى ئاستا-ئاستا ئىسلاھ قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر سىپتا باش كېيىمى ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر باش كېيىمى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىپ؛ بىرى، يايلاق مىللەتلىرى باش كېيىمى؛  يەنە بىرى، دېھقانچىلىق مىللەتلىرى باش كېيىمى خاسلىقىنى تەشكىل قىلدى.

دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۇيغۇر باش كېيىمىنىڭ بارغانسىرى رەڭدار، سىپتا، يارىشىملىق ۋە زامانىۋىلىققا ئېگە بولىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تىنچ ۋە بېخەتەرلىككە ئېگە بولۇپ، ئۇ يايلاق مىللەتلرىنىڭ ئەتراپىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراشتەك دائىملىق خەۋپكە ئېگە بولمىغاچقا ئەسلىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك باش كېيىمىنى دادىل ئىسلاھ قىلالىغان.

16-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (1)


doppa16.png



17-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (2)


doppa17.png



18-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (3)




داۋامى بار


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:59:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

19-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (4)


dippa19.jpg


20-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (5)


doppa20.png


21-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (6)


doppa21.jpg


22-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (7)


doppa22.png


23-رەسىم. دوبۇلغا باش كېيىملەر


doppa23.png


doppa23(1).png


دۆلىتىمىز ئازات بولۇپ، سوتىسيالىستك جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەرمىللەت خەلقى سوتىسيالىستك جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، قانۇنى جەھەتتە باراۋەر ھوقۇققا ئېگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئەركىن تەرەققى قىلدۇرۇش پۈرسىتىگە ئېرىشتى. جۈملدىن ئۇيغۇر باش كېيىمى بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تەلىۋى بويىچە، ھەم ئومۇمىيلىقنى ھەم خاسلىقنى نامايەن قىلىشقا باشلاپ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيت-بايرام ۋە ھەرخىل مۇراسىملارغا ماس نەچچە مىڭلىغان رەڭدار باش كېيىملەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

ئاتۇش دوپپىسى دەل ئەشۇ ئومۇمىيلىق ئىچىدىكى خاسلىق بولۇپ، ئۇنى ئاتۇشتىكى باتۇر ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ ئۆز خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئەجدادىن ئەۋلادىغىچە تۇتىيا بىلىپ كەلگەن  «ئەنجۈر روھى»نىڭ ھەقىقى سىمۋولى -دەپ ئېيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.

«ئەنجۈر روھى»نىڭ ئاتۇش خەلقىنىڭ خاس روھىغا ئايلنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى؛

بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنىي چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدات ئاتىسى ئادەم ئاتا بىلەن ئاجدات ئانىسى ھەۋۋا ئانا ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلىپ جەننەت ھوزۇرىنى سۈرۈش جەريانىدا چەكلەنگەن بۇغداينى يەپ قويغانلىقتىن گۇناھكار بولۇپ، چوڭ-كىچىك تەرىتى قىستاپ  ياراتقچى ۋە جەننەتتىكى ھۆرى-غىلمانلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان، جەننەتتىكى بارلىق دەرەج ۋە ئۆسۈلۈك ئۇلارنىڭ دالدىلىنىشىنى رەت قىلغاندا، پەقەت ۋە پەقەت ئەنجۈر دەرىخىلا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنۇش تەلىۋىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز دالدىلىسىغا ئالغان. بۇ سەۋەپلىك ئەنجۈر دەرىخى ئىنسانلارنىڭ تۈنجى پاناگاھى دەپ قارىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئۇلۇقلىنىپ كەلگەنلىكىدە.

ئىككىنچىدىن، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا جەننەتتىكى چاغدا تۇغما، كېيىم-كېچەكسىز قىپيالىڭاچ ھالەتتە يۈرگەندە، ئەنجۈر دەرىخى ئۆزىنىڭ كەڭ يوپۇرمىقىنى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى يېپىشىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئاتۇش خەلقى ئەنجۈر ياپرىقىنى ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تۈنجى ئەخلاق مىزانى-دەپ قارايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئەنجۈر ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك مېۋە بولغانلىقتىن «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئەنجۈر ئاتالغۇسىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى «چۈر» (جۈر)گە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «چۈر- مەنپەئەتلىك، نەپ» (1-قىسىم، 423-بەت). «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «چۈر»نىڭ مەنا مەنبىيىدىن قارىغاندا ئەنجۈر تىل يىلتىزى «ئاناچۈر» بولۇپ «ئاناچۈر» (ئەنجۈر)- ئانىدەك مەنپەئەتلىك، ئانىدەك نەپ بەرگۈچى –دېگەن يەشمىگە ئېگە بولۇپ، ئۇنىڭ يەنىلا جەننەتتىن چۈشكەنلىكىدەك تەسىرلىك كەچمىشىنى ئەسلىتىدۇ.

تۆتىنچىدىن، ئاتۇشنىڭ ئەنجۇر ماكانى بولغانلىقىدىن.

ئۇنداقتا ئاتۇش دوپپىسى قانداقسىگە «ئەنجۈر روھى»نىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى؟

ئاتۇش دوپپىسىدىكى كەشتىلەنگەن بەلگە 24- رەسىم بىلەن 25-رەسىمدىكى ئەنجۈر تۇغۇمىنى سېلىشتۇرساق تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ خىل ئوخشاشلىق ئاددى، تاسادىپى ھالدىكى ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئەنجۈرنىڭ بىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تۆت ئالاھىدىلىكى بىلەن باغلانغان ئەنجۈر تۇغۇمنىڭ كەشتىگە ئايلانغاندىكى ئاتۇش دوپپىسىنىڭ «ئەنجۈر روھى»غا سىمۋوللانغان يۈكسەك مەدەينەت قىممىدتىدۇر.

24-رەسىم، ئاتۇش دوپپىسىدىكى كەشتە بەلگىسى


doppa24.jpg


25-رەسىم. ئەنجۇر تۇغۇمى


doppa25.jpg


بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا 26-رەسىمدىكى ئاتۇش دوپپسىنىڭ كەشتە روشەنلىكى بىلەن 27-رەسىمدىكى ئەنجۈرنىڭ ئىككىگە پارچىلانغاندىكى ئىچكى شەكىل كۆرۈنىشىنى سېلىشتۇرما قىلغىنىمىزدا، دوپپىدىكى رەڭلىك كەشتە بىلەن ئەنجۈر تۇغۇمى ئىچكى كۆرىنىشىنىڭ تېخىمۇ بىردەكلىككە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. دېمەك ئەنجۈرگە تەققاسلانغان رەڭلىك كەشتىنىڭ ئەنجۈر ئىچكى تۇغۇمى رەڭگى بىلەن ماسلىشىشچانلىقى ماھىيەتتە ئەنجۈرنىڭ چېچەكسىز مېۋە بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقىقى چېچىكى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىكەنلىگىدەك ماھىيەتنى نامايىش قىلغانلىقىدا...

26-رەسىم. ئاتۇش دوپپىسىكى كەچتە روشەنلىكى


doppa26.jpg


27-رەسىم. ئەنجۈر تۇغۇمىنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى


doppa27.jpg


28-رەسىم. ئاتۇش دوپپىلىرى


doppa28.jpg


29-رەسىم. ئەنجۈرلىك باغ ۋە ئەنجۈر


doppa29.jpg


doppa30.jpg


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2730
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 451
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 16:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى مەدەنىيىتىمىز ھەقىقەتەن قېزىشقا مۇھتاج-دە!

ئەمەتجان قادىر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش