كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 2

بولغاچ ئاتىلار،ئىگىلمەس باشلار. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  367
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 135
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 15:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولغاچ ئاتىلار،ئىگىلمەس باشلار

گۈلبانۇم بۇرھان.ئاتئال

تېمامنى باشلاشتىن ئاۋال مەزكۇر مۇنبەردىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق«ئاتا»نامىغا مۇيەسسەر بولغان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ بۈگۈنكى ئاتىلار بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن.بۈگۈنلا ئەمەس ھەربىر كۈننىڭ سىلەر ئۈچۈن بايرام بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسلىدە 6-ئاي كىرىشى بىلەنلا ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئىنىم ماڭا تېلفون بېرىپ ئاتىلار بايرىمىنىڭ 6-ئاينىڭ 2-يەكشەنبىسىمۇ ياكى3-يەكشەنبىسىمۇ دەپ سورىغاندىلا مەن شۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالماي جۇمۇ دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدىم.ئەپسۇس ئەتىگەن ئۈن دىدارنى ئېچىپ ئاتىسىدىن ۋاقتىسىز ئايرىلغان بىر دوستۇمنىڭ ئاتامنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ يوللىغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىلا ئاندىن بۈگۈنكى كۈن يادىمغا كەلدى.دادام ئەتىگەندىلا شەھەرگە كىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېلفون بېرىپ دادامنڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدىم.دادام رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگەن ئىچكىردىكى ئىنىمنىڭمۇ ئەتىگەن تېلفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى.گەرچە ئىچكىرنىڭ ۋاقت پەرقى بار تۇرسا ئەلۋەتتە مەندىن بۇرۇن تېلفون قىلىدۇ-دە دىگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە يىراقتىكىلەرگە ئاتا-ئانىنىڭ قانچىلىك قەدرى ئۆتۈلدىغىنى ئەمەلىيەتتە ماڭىمۇ بەش قولدەك ئايان.بايام تېخى ئۈندىدارغا مىسرانىم تورىنڭ مەسئۇلى يوللىغان سۈرەتلەردىن ئۈرۈمچى خەلىقئارا چوڭ بازار زالىدا ئاتىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم.گەرچە مېنىڭ ئاتام شۇ سورۇندا بولمىسىمۇ بىزگە تونۇشلۇق نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرىمان بولغىنىدىن خۇشال بولدۇم.مەنمۇ ھەم مېنىڭدەك بۈگۈننى ئەستىن چىقارغان دوستلۇرۇمغا ئەسكەرتىش بېرىش ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ بايرىمى مۇبارەك تېمىسىدا بىرقانچە سۈرەت يوللىدىم،يوللاۋىتىپ تۇيۇقسىز يادىمغا بۇلتۇر ئاتىسىدىن ئايرىلغان يېقىن دوستۇمنى كۆرسە كۆڭلى يېرىم بولارمۇ دىگەن خىيال  كاللامدىن كەچتى .دەل شۇ چاغدا دىگەندەكلا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم«ئاداش تۈنۈگۈندىن بېرى كۆڭلۈم يېرىم.ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دادام ئۈچۈن سوۋغا سېتۋالاتتىم.ئەمما بۇ يىل سوۋغا سېتۋالغۇدەك دادامنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم...» ئۇچۇرنى كۆرۈپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ كۆز ياشلىرىمنى ھېچ كونتىرۇل قىلالمىدىم.ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن بولۇپ جاۋابەن ئۇچۇرقايتۇردۇم -دە قوللۇرۇمنى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە ئالدىم.بەزەنلەر بۇ بايراملار بىزگە خاس ئەمەس دەيدۇ.توغرا ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسىي بار ئەمما قايسى بىرىمىز بۈگۈن ئاتىمىزغا سوۋغا تەييارلاش ئەمەس ئېغىزدا «دادا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن»دىگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ،مەمنۇنىيەت ئىپادىسىنى كۆرمىدۇق؟دىمەك ئۇلار خۇش بولدى بۈگۈن ئارقىلىق ئۇلارنى خۇشال قىلالىغىنىمزدىن ئەلۋەتتە بىزمۇ خۇش.ئەسلىغۇ ئەشۇ جاپاكەشلەر ئۈچۈن كۈندەك بايرام بولسۇن.ئەزىز تەنلىرى ئامان بولسۇن.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن تا بۈگۈنگە قەدەر ئاتام بىلەن ئانامنىڭ باغرىدا ياشاۋىتىپتىمەن ئەمما ئۇلارئۈچۈن زادى نىمە قىلىپ بەردىم؟ئۇلار دائىم بىزنى سىلەرنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۆز كۈنىڭلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئالغىنى بىز ئۈچۈن يىتەرلىك دەيدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ئالدىدا ھېچ ھېچ گەپ ئەمەس...بەلكىم بىزمۇئاتا-ئانا بولغاندا پەرزەنتلىرىمىزگە شۇنداق ئېيتارمىز.خۇددى ئۇلاردەك تىنىمسىز پاي-پېتەك بولارمىز ئەمما دەل بىز شۇلارنىڭ قەدرىگە يەتكەن شۇ دەملەردە قارايدىغان بولساق سۆيۈملۈك ،قەدىردانلىرىمىز بىزدىن بەكلا يىراق كەلمەسكە يىراقلاپ كەتكەن...
ھەرقانداق بىر ئىشنى باشقا كەلمىگەن ئادەم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك ئىنىق تونۇپ يېتەلمەيدۇ.ھېلىمۇ يادىمدا مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ۋاقتلار ئىدى،بىر كۈنى دوستۇم ئىككىمىز يەنە بىر دوستىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق.قارىماققا شۇنداق چېچەن بۇ دوستۇم بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا ئاتىسىغا تازلاپ قويغان ئۆينى قالايمىقان قىلۋىتىپسەن دەپ كايىپ كەتتى.ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق ئاچچىقىمىز كەلدى،دەررۇ ئۇنى ئەيىبلىدۇق.دەل شۇ چاغدا مەن بىلەن بىرگە كەلگەن دوستۇم «ئاداش داداڭنىڭ بارىدا ئۇنىڭ قەدرىنى قىل.بىر كۈنلەردە مەندەك داداڭدىن ئايرىلغاندا پۇشايمەن قىلساڭمۇ بىكار، ئۇ شۇنداق بىر يوقىتىشكى ئۇ يوقلۇقنى ھېچكىم تولۇقلاپ بولالمايدۇ»دىگەن ئىدى. دوستۇمنىڭ مانا مۇشۇ سۆزلىرى ھازىرغا قەدەر دادام بىلەن ئارىمىزدا ئاز-تولا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندەك ماڭا ھاي-ھاي بېرىپ كەلمەكتە.توغرا ! بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرغان مۇنۇ جۇملىلەردىكىدەك«ئىنسان دىگەن ئەزەلدىن ياندا بارنىڭ قەدرىنى قىلماي .يوق بولغاندا شۇنىڭ ئىنتىزارى»بولۇپ ياشايدىكەنمىز...
مېنىڭچە كۆپۈنچە دوستلار 5-ئايدا ئۆتۈپ كەتكەن ئانىلار بايرىمىغا  بۈگۈندىن بەكرەك ئېتىبار بەرگەنمغۇ دەيمەن؟يادىمدا قىلىشىچە شۇ كۈنى ئانىلارغا ئاتالغان تىمىلار مۇنبەرلەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى ،ئەمما بايىدىن بېرى ئۆزەم ئەزا بىر قانچە مۇنبەردە تېخى ئاتا توغرىسىدىكى تېمىنى ئۇچراتقۇدەك بولمىدىم.بۇ دىگىنىم ھەرگىز ئانىلارنى ئۇلۇغ بىلگەنغۇ دىگەن مەقسەتتە ئەمەس ،خۇددى قايسى بىر ئېتوتتا دىيىلگەندەك مەنمۇ ئىشتىن قايتىپلا دەرۋازىدىن ئاپا دەپ توۋلاپلا كىرىمەن تا مۇشۇ كۈنگىچە دادا دەپ كىرىپ باقماپتىمەن.ئامما ھەيرانمەن ئاتىلارنىڭ بىزگە  بولغان تىنىمسىز ئەجرى ئۈن-تۈنسىز بولغىنىدەك بىز پەرزەنتلەرمۇ ئۇلارنى كۆڭلىمىزدەك كۆپ ھاللاردا ئوخاشلا ئۈنسىز ياخشى كۆرىدىكەنمىز.گەرچە ئاپامغا ئىپادىلىگەندەك ئامراقلىقىمنى دادامغا ئىپادىلىمىسەممۇ ئەمەلىيەتتە دادامغا بەكرەك ئامراقمەن خۇددى«قىز بالا دادىغا ئامراق بولىدۇ»دىگەندەك...
شۇ تاپتا نىمىلەرنى يېزۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى مۇنبەر ئارقىلىق تاققا-تۇققا بولسىمۇ بايان قىلغۇم كەلدى.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئۆيلىرىمىزنىڭ تۆۋرۈكى بولغان ئەي جاپاكەش ،مېھرىبان ئاتىلار،ئېغىزىمىزدا سىلەرنى تۆۋرۈككە ئوخشاتساقمۇ سىلەرنىڭ  شۇ  مەزمۇت قامىتڭىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىگىلدىغىنى بىزگە ئايان.ئەمما بىز مەڭگۈ دىيەلمىسەكمۇ شۇ ئىگىلگەن  قامىتڭلار نىڭ  بىزنى بىسۋالغان تۆۋرۈك بولسىمۇئۇزۇنراق بىزگە ھەمرا بولۇشىڭلارنى چىن قەلبىمىزدىن ئىگەمدىن تىلەيمىز. شۇ ۋاقىتتا كۆرۈسىلەركى ئىزىڭلارنى باسقان تۆۋرۈكلەر قەد كۆتۈرۈپ سىلەرگە تىيەك بولىدۇ.
ئاتامنىڭ ۋە بارلىق  ئاتىلارنىڭ ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك ، پەرزەنىتلەرگە ئىنساب ،مېھىر-مۇھەببەت يار بولسۇن.
ئاخرىدا ياش ئاتىلارنىڭ ۋە ئاتا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاكا-ئىنىلارنىڭ «مەنمۇ دادامدەك ياشايمەن»دىگۈدەك ئاتا بولىشىغا تىلەكدەشمەن.


ئۆيىمىزدە بولغاچ ئاتىلار،
كۆڭلىمىز توق،گېپىمىزمۇ ئوڭ.
خىجالەت يوق،ئىگىلمەس باشلار،
ياشاپ كەلدۇق بۈگۈن بولۇپ چوڭ.




2013-يىلى16-ئىيۇل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلبانۇم بۇرھان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 21:36  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1514
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 23:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن بارماقلىرىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1004
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 23:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن قانچىلىك ھەق سۆزلىسەك ئازلىق قىلىدۇ تىلىمىز ، دىلىمىز ، ھەركىتىمىز بىلەن . تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش