يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى 9 M: A) o! G Y# L
5 F( u. v3 d# H0 w g) D
. U0 Z# ^9 D7 ]1 K& s
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلىكتىرۇن پەن – تېخنىكا شىركىتىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن 2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15– كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىلمىي دوكلات زالىدا «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى» نىڭ ئېچلىشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يېغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەققىدە ئومۇمىيۈزلۈك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە تۆھپىكار تىلشۇناسلارنى مۇكاپاتلاش بولۇپ، يېغىنغا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر، تىلشۇناسلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر قايسى مەتبۇئاتلارنىڭ خادىملىرى، مۇخبىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن بولۇپ 400 يېقىن ئادەم قاتناشتى. يېغىن تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا باشلانغان بولۇپ يېغىنغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر موللەك بىلەن مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسۇرى ئەركىن ئارىز نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسۇرى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر مىر سۇلتان ئوسمانۇف قاتارلىق مۇكاپاتلىنىدىغان تۆھپىكار تىلشۇناسلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئۇلارنى مۇكاپاتلاش پىكىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يېغىننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلىكتىرۇن پەن – تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتۇرى ئەخمەتجان نورۇز «مۇئەللىم» شېركىتىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە ئېلىكتىرۇنلۇق لۇغەتلەرنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشتىكى رولى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى ئېلىكتىرۇن ساھەسىدە كەڭ قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئاتاقلىق تىلشۇناس مىر سۇلتان ئوسمانۇف گىرمانىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتى مۇناسىۋېتى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەردى. تىلشۇناسلاردىن ئامىنە غاپپار، پىروفىسسۇر لىتىپ توختى، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر قاتارلىق مۇتەخەسسىلەر ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يېغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم – پەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە داۋاملىشىدۇ.
% x( M, C5 b3 i1 m# c+ ]2 N
9 b4 n% k; W9 i( H' r$ X
7 U/ u" ^9 Z) N" @$ M, z
|