كىتاپ ئۇچۇرى: «بەخت ئىشىكى»
قايتماس
مەن ئادەتتە ئەقىل-پاراسەتكە، مۇۋەپپىقىيەتشۇناسلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇيمەن. بۇ جەھەتتە يېقىنقى يىللاردىن بىرى چەتئەل تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مۇۋەپپىقىيەتشۇناسلىق دەستۇرى»، «101 ھېكمەت»، «ئادەم بولۇش ئۇنچە تەس ئەمەس»، «بۈيۈك ئىلھامنامە»، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»، «باي دادام ۋە نامرات دادام»، «قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ»، «بىلگايتىسنىڭ پرىنسىپى»، «پەندىنامە» قاتارلىق كىتابلارنى، ئىسلامجان شېرىپنىڭ «ئەقىل ۋە ئىقتىدار»، «كىرزىس ۋە بەرپاچىلىق» قاتارلىق كىتابلىرىنى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن، زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق بىر قاتار تەتقىقاتچى، پرافىسورلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتابلارغا سىڭدۈرۈلگەن چوڭقۇر ئىددىيە ۋە پەلسەپىۋى ھېكمەتلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ جەمئىيەتتە تۈز قەدەم، توغرا ئاڭ بىلەن ئىلگىرىلىشىمگە زور پايدىسى بولدى. مانا مۇشۇنداق ئادەمگە ئۈمىد، ئىشەنچ، غەيرەت-جاسارەت بېغىشلايدىغان ياخشى كىتابلار بولسا ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. يېقىندا مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چوڭقۇر ئىددىيە، چوڭقۇر ھېكمەت سىڭدۈرۈلگەن «بەخت ئىشىكى» ناملىق بىر كىتابنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتاب «شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ نەسىرلەر توپلىمى ئىكەن.
راستنى دېسەم مەن ئادەتتە نەسىرنى كۆپ ئوقۇپ كەتمەيمەن. لېكىن يۇقارقى «بەخت ئىشىكى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى ھەقىقەتەنمۇ مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. چۈنكى بۇ كىتاب قانداقتۇر بىر مۇبالىغە ۋە ئارتۇقچە تەسۋىرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن دەبدەبىلىك سۆزلەر تىزمىسى بولماستىن بەلكى تېگىگە چوڭقۇر ھەقىقەت ۋە پاراسەت يوشۇرۇنغان ئەقىل ۋە تەپەككۇرنى ئويغىتىدىغان ھېكمەتلەر خەزىنىسى ئىكەن. مەن كىتابنى سېتىۋالغاندىن كېيىن زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. كىتابتىكى ھەر بىر نەسىرنى ئوقىغىنىمدا خۇددى دادامدىن نەسىھەت ئاڭلىغاندەك، زېھنىم قايتا ئېچىلغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. تورداشلارنىڭمۇ بۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.