كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 9

ئەلشىر نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسىدىن بۈگۈنكى رىئال ئەھۋالغا نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1254
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 22:27:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسى توغرۇلۇق گەپ بولغان ئىكەن، كۆز ئالدىمىزغا بىرىنجى بولۇپ كېلىدىغىنى ئەلشىر نەۋائىينىڭ بۈيۈك ئەسىرى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»(ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
«‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين› دېگەن ئەسەر 15- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئەرەپ-پارس تىللىرى ئىسلام مەدەنىيىتى مۇنبەرلىرى ۋە ئېچىقلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ سوستاۋىغا خۇددى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتقان چاغدا، ئۆز دەۋرىنىڭ شىرى ئاتالغان بۈيۈك مۇتەپەككۈر ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن يېزىپ ئېلان قىلىنغان...
   ‹مۇھاكەممەتۇل لۇغەتەيىن› دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر_تۈرۈك تىلىنىڭ شۇ دەۋر ئوتتۇردا ئاسياسنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونتىرول قىلۋاتقان پارس تىلىدىن ھىچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى.»(دوكتور، پىراففىسور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ ‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› گىچە ناملىق ئەسىرىدىن، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 6- سان)
يۇقاردا دىيىلىپ ئۆتكىنىدەك، ئەلشىر نەۋائىي «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دە نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي، كونكېرت مىساللار ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ پاساھىتىنى، يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر-تۈرك شائىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇرماسلىقتەك غەيرى ئەھۋالنى قامچىلىغان. زامانداش قەلەمكەشلەرنى ئۆز تىلىنىڭ ئېچىلمىغان يوشۇرۇن بايلىقلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەرەپ، پارس تىللىرىدىن ئەسلىدىنلا ھېچ قالغۇچىلىكى يوق ئۆز تىلىنىڭ قەدرىنى قىلىشقا مۇراجەت قىلغان.
شاھ ئەسەر «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»نى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق كۈنىمىزگە، ئۆزىمىزگە، بۇندىن كىيىنكى ئۆگىنىش-تەتقىقاتىمىزغا تەدبىقلايدىغان، ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان، ئەرزىيدىغانلا ئەمەس بەلكى زۆرۈر بولغان نۇرغۇن تەرەپلەرنى ھېس قىلىشمىز مومكىن.

I. ئانا تىلنى قەدىرلەش جەھەتتىن.
«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دە ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ پاسائىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پاكىتلىق مىساللارنى كەلتۈرگەن. ئاخىرىدا ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ پارس تىلى بىلەن بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان، بەلكى ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. مانا بۇ جەريان قىسقىسى بۇ ئەسەر قەلەم ئىگىسى-بۈيۈك مۇتەپپەككۇر ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇھەببىتىدىن بىخلىنىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن. نەۋائىي ئۆز ئانا تىلىنى شۇ قەدەر سۆيگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەينى دەۋرىدە ھەممە قەلەمكەشلەر ئۈچۈن ئاساسەن ئورتاق بولۇپ كەتكەن ئەرەپ، پارىس تىلى بىلەن يېزىش يولىدا ئەمەس ئۆز تىلى بىلەن يېزىش يولىدا ماڭغان. ئۆز ئانا تىلى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، تەتقىق قىلغان، پارىس تىلى بىلەن سېلىشتۇرغان. ئانا تىلىنى شۇ قەدەر سۆيگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ پاساھىتىنى، سېھرى كۈچىنى ئاجايىپ قايىل قىلارلىق، باشقىلار يىمىرەلمەس پاكىتلار بىلەن زامان ئەھلىگە نامايەندە قىلغان. «مۇھەكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئانا تىلىغا بولغان سۆيگىسىنى تۇيغۇ سۈپىتىدە قەلبىدە ساقلاشتىن سىرت، ئۇنى ئۆزىدىكى باركى ئىمكانىيەت بىلەن باشقىلارغا كۆرسىتىش، شۇ سۆيگۈ ئۈچۈن ئەجىر قىلىشتەك جاسارىتىنى بىزگە نامايەندە قىلىپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. نەۋائىينىڭ ئەينى دەۋىردىكى پارىسچە، ئەرەپچە ئەسەر يازىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ ئانا تىل بىلەن بۈيۈك ئەسەر يېزىشتەك مۈشكۈل ئىشنى نىشان قىلىپ تاللىغان ئويلىرىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دىكى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس:
«...ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىئىيىتىمىگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئالەم نامايەن بولدى. مەن ئۇ يەردە، توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم. دۇرلىرى يولتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۈرلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم: ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈللىرىنىڭ تىكەنلىرى سان- ساناقسىز ئىدى. مەن <سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىدىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ. نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى بولسا، مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ > دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىيىتىم بۇ يەردىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىشىمگە يول قويمىدى : مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم. تالانتىم لەشكەر بولۇپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى. خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى. دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى. كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن بىھېساب خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنېمەتلەرگە ئىگە بولغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئېچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئىختىيارسىز چېچىلىشقا باشلىدى”. (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 28-، 29-، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
نەۋائىينىڭ ئۆز ئانا تىلىنى سۆيىدىغان ۋە شۇ سۆيگىسنى ئۆز ئەجرىنىڭ مىۋىسى بىلەن نۇرلاندۇرىدىغان جاسارىتى بىزنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

II. دەۋىرگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە كۆپ تىل ئۈگۈنۈش زۆرۈرىيتى توغرىسىدا.
ئىنسانلاردىكى جۈملىدىن بىزلەردىكى كۆپ تىللىشىش ئەمىلىيەتتە يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدىلا پەيدا بولغان ئىش بولماستىن ئۇ خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. 10-ئەسىردىكى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت كاشىغەرىينىڭ دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق بابىدىكى يىگانە ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» بۇنىڭ روشەن دەلىلى بولالايدۇ. لۇغەت يېزىلغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى، شەرتلىرى ھازىرلانغان بولىدۇ. يەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا جىددى تىل ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا تىل ئۈگۈنۈش زۆرۈرىيتى تۇغۇلغانلىقى، مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ تەۋرىمەس، قەيسەر ئىرادىسىغا تۈرتكە بولغان. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى«قۇرئان»نى خاتىرلىگەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلام ئىشلەتكەن ئەرەپ تىلىنى ئاللاھقا بولغان چەكسىز مۇھاببىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۈگۈنۈشكە قىزىقان. ئۇنىڭسىزمۇ ئەرەپلەر بىلەن سودا، ئېلىش-بېرىش ئىشلىرى قويۇقلاشقان. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۆز زامانىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆز تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنى قىلچە ئاجىزلاشتۇرمىغان ئەھۋالدا، يەنە زاماننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئەرەپچىنىمۇ ئۆگۈنۈپ نۆۋىتىدە ئۆز ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كىيىنىكى نەۋائىي دەۋرىگە كەلسەك بۇ سۆزىمىز تېخىمۇ دەلىللىنىدۇ. ئۇ دەۋىردە شائىرلاردا ئەرەپ، پارىسچىدە ئەسەر يېزىش شۇ قەدەر ئۇملىشىپ كەتكەنكى ھەتتا كۆپ قىسىم قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەل شېئىرىي مىسىرالارنى تۈزۈش مومكىن ئەمەس، دەيدىغان دەرىجىگە بارغان. ئاۋام خەلقنىڭ پارىسچە ئەھۋالى توغرۇلۇق «مۇھەكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دە مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ:
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تەبىئىيتىدىنلا پارسلارنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپات بۇنىڭدىنمۇ قايىل قىلارلىق بولمايدۇكى ئۇيغۇرلار بىلەن پارسلاردا ياشلارنىڭ، قېرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ ئۇلار ئۆز ئارا ئارىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كىلىپ پارسلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، ئۇيغۇرلاردا بولسا بىلىمسىز ۋە ساددا كىشىلەر پارسلارغا قارىغاندا كۆپرەك، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، بېگىدىن پۇقراسىغىچە دېگۈدەك پارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەممىسى ئۆز ھالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر شائىرلىرى پارىس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ …» ( «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»، 7-، 8- بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى )
ئەلشىر نەۋائىيمۇ ھاياتىنىڭ 40-يىلىغىچە پارىسچە يازغان، كىيىن ئانا تىلىغا بولغان چەكسىز مۇھاببىتىدىن ئانا تىل بىلەن تىنىمسىز ئىجاد قىلىپ پۈتۈن قەلەمكەشلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان. كۆرىۋېلىش قىيىن ئەمەسكى، نەۋائىي، جۈملىدىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرچە ياكى باشقا تىلدا ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر شائىرلار ۋە خەلق ئوخشاشلا مەدەنىيەت ۋە باشقا تەرەپلەردىن ئىلغار بولغان پارىسلارنىڭ تىلىنى ئىگەللەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان، تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل ئەھۋالنى كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگۈنىشى ۋە خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈش ئىدىيسىگە سېلىشتۇرۇش تامامەن مومكىن.
نەۋائىي يەنە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن پارىسچە ئەسەرلەردىن زوق، ئىلھام ئالغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان گۈزەل مىسىرالارنى يادلىۋالغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق دىيەلەيمىزكى، باشقىلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق تەرەپلىرىگە كۆز يۇمىۋېلىش ياكى سەندىن ئۈگىنەمتىم، دېگەن پوزتسىيەدە ياشاش توغرا يول ئەمەس.
ھەممىمىز بىلىمىز ئىچكىرى رايۇنلارنىڭ مەدەنىيەت، سانائەت جۈملىدىن ھەممە تەرەپلەردىكى تەرەققىياتى رايۇنىمىزغا قارىغاندا خېلىلا تېز. بۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. بىز شۇلار بىلەن تەڭ، ئورتاق ئىلگىرلەيمىز دەيدىكەنمىز شۇ تەرەققىيياتنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىلى بولمىش خەنزۇتىلىنى پىششىق، پۇختا ئىگەللىمەي بولمايدۇ. سودىگەرلەر سودىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، تەتقىقاتچىلار تەتقىقاتىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، سەنئەتچىللىرىمىز تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن....خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈش ۋە شۇ تىلدا خىزمەت قىلىش، ئىجاد قىلىش ئىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا يۇقاردا تىلغا ئالغان نەۋائىي دەۋرىنى ۋە شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىش مومكىن.

III. بىر توپقا باشچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش توغرىسىدا.
نەۋائىي يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك پارىسچە ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىدىن ئوخشاش شېكەر سۆزلۈك بولۇشنى، ئىككىلا تىلدىن خەۋەردار بولۇشنى، لېكىن بۇ سۆزلەر جاۋاھىرلىرىنى ئۆز تىل غەزىنىسىدە ئەۋلاتلىرىغا مىراس قىلىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان. يەنى ئۆز تىلىنى ەنىلا ھەممىدىن يۇقىرى كۆرۈش، ئۆز تىلىنىڭ پاساھىتىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مانا بۇ نەۋائىينىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئىككى تىلغا بولغان ئىددىيسى. «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دە زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ، ئادىل، خەلقپەرۋەر پادىشاھى ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭمۇ پارىسچە ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىن ئوخشاش مەلۇماتلىق، ئىككىلا تىلدىن ئىجاد قىلىشقا تولۇق ئىمكانىيەتلىك بولسىمۇ باشقىلارغا تۈرتكە بولۇش، ئۈلگە تىكلەپ بېرىش يۈزىسىدىن ئۆز دىۋانىنى ئۇيغۇر تۈركچىسىدە تاماملىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ كۆرۈپ ، ھەرقايسى تەرەپتىن قوللاپ كۆپلىگەن ياردەملىرىگە مۇيەسسەر قىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. نەۋائىينىڭ ئىدىيسىگە ماس ھالدا ئانا تىلدا ئىجاد قىلىشنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ:
«بۇ سۇلتانلار سۇلتانىنىڭ كارامەتلىك دىلى ۋە ئاپتاپ سۈپەت كۆڭلىنىڭ شۇنىڭغىمۇ مايىل ئىكەنلىكى روشەنكى، تۈرك شائىرلىرى ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل غۇنچىللىرىمۇ باھار شامىلىدەك نەپەس بىلەن ئېچىلسۇن. مۇشۇنداق ئىستەك، مۇشۇنداق غەمخورلۇق يۈزىسىدىن بىر قىسىم تېمىلار بويىنچە شېئىرلار يېزىلىشى توغرۇلۇق بۇيرۇقلارمۇ چىقىرىلدى ھەم ئۇلارنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا دائىر بەلگىمىلەر ۋە قانداق ئىپادىلىنىش توغرىسىدا تەلىملەرمۇ ئىزھار قىلىندى...» (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 51-بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، مەيلى تىلغا دائىر سىياسەتلەر بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىسلاھاتلار بولسۇن توغرا يولنى كۆرسىتىۋاتقان دانالار بىلەن پىكرى بىردەك بولغان قارار چىقارغۇچىلارنىڭ بولىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم

IV. دۇنيادىكى كۆپ خىل تىل مەۋجۇتلىقىغا بولغان كۆز قاراش جەھەتتىن.
دۇنيادا، جۈملىدىن كۆپلىگەن دۆلەتلەردە كۆپلىگەن مىللەت ھەرخىل تىللىرىنى ئىشلىتىپ بىرگە ياشايدۇ، ئورتاق راۋاجلىنىدۇ. كۆپ خىللىققا، رەڭدارلىققا ئىگە بولغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيتى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشىدۇ. ئەمدى نەزىرىمىزنى يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تەۋەرۈك ئەسەر «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»گە ئاغدۇرايلى:
«پەقەت شۇنىلا ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، دۇنيانىڭ يەتتە ئىقلىمىنىڭ ھەر ئىقلىمىدا قانچىلىغان مەملىكەتلەر بار ۋە ھەر مەملىكەتتە قانچىلىغان شەھەرلەر، شەھەرچىلەر، كەنتلەر بار ۋە ھەر دالىدا قانچىلىغان سەھرالىق خەلقلەر، ھەر تاغدا قانچىلىغان قەبىلىلەر بار. ھەر جامائەتنىڭ تىلى ئۆزگىلەرنىڭكىدىن، ھەر گورۇھنىڭ گېپى باشقىلارنىڭكىدىن باشقىچە بولىدۇ. ۋە ھەربىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۆزگىلەردىن پەرقلىنىدۇ، خۇددى ئۇچار قۇشلارنىڭ، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋارقىراش، ئۈندەش، سايراشلىرى بولغىنىغا ئوخشاش.» (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 4-، 5-، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
يۇقارقى بۆلەكتە نەۋائىي بوۋىمىز دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل، ھەر قايسى رايۇنلاردا ئوخشىمىغان كىشىلەر ۋە شۇنىڭغا ماس ئوخشىمىغان تىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ناھايىتى ئاددى بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكى تەرىقىسىدە سۆزلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئەقىلگە لايىق، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئىش تۈسىدە بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىش تەس ئەمەسكى، نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى بارىلىق مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ھۆرمەتلىنىشكە، ئېتىراپ قىلىنىشقا مۇناسىپ.
خۇلاسە قىلغاندا، بىز نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ قوش تىل ئىددىيسىدىكى ئىلغارلىققا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ بوۋىللىرىمىز ئەزىزلىگەن، جېنىدىن ئارتۇق كۆرگەن، پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان تەۋەرۈك تىلىمىزنى قارچۇغىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسىراشقا باركى ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز زۆرۈردۇر.


مىللەتلەر ئونۋېرىستېتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات سىنىپى 2099-يىللىقتىن ئالىمجان توختى

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما!

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1254
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 18:01
ئېسىل تېما!

رەھمەت!!! يازغۇچىلار تورى بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقتىن قالدىمۇ نېمە، تېمىلاردا پەقەتلا ئىنكاس يوق!! ياخشىللىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، بولمىغان يەرلەر بولسا كۆرسۈتۈپ بەرسە مانا بۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىق بولمامدۇ!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەۋايىنىڭ ئارمانى
  
(تارىخىي ھېكايە)


خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)


شاھزادە مۆمىن مىرزا ئۆلتۈرۈلگەن ھىجىريە 903-يىلى (مىلادى 1497-يىلى) باھاردا ئەمىر ئەلىشىر مەشھەدتە ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ بۇ كەنتكە، ئۆزى بىرچاغلاردا ساۋاق ئالغان ئىمام مىرزا مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىشقا بېرىپ، يىتىم-يېسىرلارغا زاكات ئۆلەشتۈرىدىغان غەلۋىرخانا قۇرۇش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن دارۇلسەلتەنەتكە قايتىشقا سەل كېچىكىپ قالغان ئىدى.
ئەمىر ئەلىشىر ناۋايى ھىراتقا قايتىپ كېتىۋېتىپ، نەۋجۇۋان شاھزادىنىڭ شەپقەتسىزلەرچە قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە قاتتىق قايغۇردى. شۇڭا ئۇ ھىراتقا يىتىپ بارغاندا كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان يارۇ-بۇرادەرلىرىگە چوڭقۇر ھەسرەت-نادامەت بىلەن «بىر چاغلاردا شەيىخ مەجدىدىن باغدادىنىڭ ئۆلتۈرلىشى ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان چىڭگىزخاننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ماۋەرائۇننەھىر ۋە خۇراسان قانداق خانىۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، مۆمىن مىرزىنىڭ ئۆلتۈرلۈش ئاقىۋىتىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك چوڭ پالاكەتنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، -دېدى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بوۋىسى ئۆز نەۋرىسىنى ئۆلتۈرۈشتەك بۇنداق قەبىھانە قاتىللىققا پەتىۋا بېرىشنىڭ سەلتەنەت ئىنقىرازىنىڭ ئاشكارلىنىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغانلىقىنى بايقىغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا قاتتىق غەزەپلەندى. ئەمما ئۇ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتمىسا بولمايتتى، چۈنكى پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلى، شەھىد شاھزادىنىڭ ئاتىسى بەدئۇززامان مىرزىنىڭ ھامان بىركۈنى ئوغلىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ ئىسيان كۆتىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بۇنداق شارائىتتا، ئەمىر ئەلىشىر بىلەن ئارىنى بۇزۇشنى خالىمايتتى.
سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا بۇ كۆڭۈلسىز ۋەقەدىن كېيىن، توپتوغرا يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ يېقىن قەدىردانى بولغان ئەمىر ئەلىشىرنىڭ دۆلەت-سەلتەنەت ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تامامەن چەتكە ئېلىشقا، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھدى قىلغا نلىقىدىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ، بۇخەۋەرنى ئۇققانىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشقا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى. ئەمىلىيەتتە، ئىمىر ئەلىشىر بۇنداق قارارغا خېلى بۇرۇنلا كېلىپ بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ ھۈسەيىن بايقارانىڭ بېشىغا تەشۋىش چۈشسە ھېچقاچان قاراپ ئولتۇرغان ئەمەس. پەقەت شاھنىشىنلىكنى تەرك ئىتىپ كۆمەككە كەلگەن، ئىلاھىم بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولغاي…بولمىسا، ئەمىر ئەلىشىرنى پادىشاھ خانىدانىغا يىپسىز باغلاپ قويغان بىر كۈچ بارئىد ىيكى، ئۇ بولسىمۇ، شائىرنىڭ سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كەچمىش-كەچۈرمىشلەر ئىدى. ئەمما ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى بىلەن باغلىق بولغان بۇ قېتىمقى تەرك ئېتىشنىڭ ئۇنىڭ سەمەرقەندتە ئوقۇپ يۈرگەن ياش چاغلىرىداىلا پەيدا بولغا نلىقىنى بىلمەيتتى. بەزىلەر ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى سۆيگۈ- مۇھەببەت دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئاشۇ چاغدا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئىزىلگەن يىگىرمە يەتتە ياشلىق ئەلىشىر ھەجىگە بېرىشقا، قالغان پۈتۈن ئۆمرىنى تەرىقەت سۇلۈكىغا بېغىشلاشقا تەييارلانغان. ئەمما يۇرتتا پەيدا بولغان تېنچسىزلىقلار سەپەرگە چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا ياش شائىر ھەزرىتى خوجا ئەھرارنىڭ مەسلىھىتىگە ئەمەل قىلىپ تەرىقەت ئىلمىنى ئۈگۈنىشكە باشلىغان ئىدى.
سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا خاتالاشمىغان ئىدى. دېگەندەك ياندۇرقى يىلى يازدا بەدئۇززا مان مىرزا ئىسيان كۆتۈرۈپچىقتى. سۇلتان ھۈسەيىن قوشۇن توپلاپ ئاسترابادقا ئاتلاندى، ئەمىر ئەلىشىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا بىگۇناھ نەۋرىنىڭ خۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ بەكمۇ قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمىر ئەلىشىر خۇراسان سەلتەنەتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرۇچى ھىساپلا يتتى، گەرچە ئۈزۈلگەن يىپنى قايتا ئۇلىغىلى بولغىنى بىلەن ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى زادى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن زورىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ قېتىم سۇلتان ھۈسەيىنمۇ ئۈمىدىنى قېلىچقا ئەمەس، بەلكى دوستىنىڭ ئەقىل-تەدبىرىگە باغلىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتالمىسىمۇ، لېكى ئۇششاق ئىشلار، نازۇك ئىشارىلەر بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭغا بىلدۈرۈ شكە ھەركەت قىلاتتى. مانا شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەمىر ئەلىشىر بەدئۇززامان مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچىلىككە باردى. ئۇ مىرزىدىن ئاتىسىنىڭ ئەمىرىگە قۇلاق سېلىشنى ئۆتۈندى، خۇددى ئالدىنقى قېتىم، يەنى مۆمىن مىرزا ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋال يۈزبەرگەن ئىسيان ۋاقتىدا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى يەنە تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ ھەرقانچە تىرشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەن بەربىر مىرزا تۆۋە قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۇ ئەمىر ئەلىشىرغا قاتتىق تىكىلىپ تۇرۇپ:« مەۋلانە، مەن سىزنى ئاتامدىن ئارتۇق كۆرىمەن، ئوغلۇممۇ سىزنى مەندىن ئارتۇق سۆيەتتى. خوش، قېنى ئېيتىڭچۇ ، ئاتا دېگەن پەرزەنتنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرەمدۇ؟»-دېدى. شائىر ئۇنىڭ نېمىگە ئىشارە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلدى؛«مىرزام بۇگەپلەرنى ئۇنتۇ ڭ»-دېدى، ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋېلىپ. «قايسى سۆزلەرنى؟» دېدى بەدئۇززامان مىرزا چوڭقۇر ئازاپ ئارلاشقا غەزەپ بىلەن. بۇ چاغدا ئەمىر ئەلىشىر ئۆزىنى ئارتۇچە تۇتالماي ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرگەن بەدئۇززامان مىرزىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تارام-تارام ياش قۇيۇلدى.
ئەلچى ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىدە قارارگاھ قۇرۇپ ياتقان سۇلتان ھۈسەيىننىڭ ھوزۇرىغا تولىمۇ ئۈمىدسز ھالدا قايتىپ كەلدى. ئۇ بىر زامانلاردا ئۇلۇغ ئەمىر تۆمۈر كۆراگان تىكلىگەن بۇ قۇدرەتلىك سەلتەنەتنىڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى بولغان دۆلەتنىڭ تەنەززۇلىغا ئېچىنغان ھالدا ھۈسەيىن بايقاراغا: «پەرزەنتىڭىز تۆۋە قىلىشقا تەييار» -دېدى. ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن تەدبىر لەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ، پادىشاھنى بەدئۇززامان مىرزا تەلەپ قىلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىشقا كۆندۈردى. ئاندىن قارارگاھتىكى چېدىرغا كىرىپ، ئىسيانچى شاھزادىگە مەكتۇپ يازدى ۋە شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدىلا مەكتۇپنى چاپارمەندىن ئەۋەتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتە-ئۆتمەي بەدئوززامان مىرزىدىن جاۋاپ كەلدى. ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەكتۇ بىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ۋە ئۇزۇنغا قالماي تۆۋە قىلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر بارا-بارا مىرزىنىڭ مەكتۇ بىدىكى ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلىدى. سۈلھىنامە پۈتۈلۈپ پادىشاھ مازەندارانغا، ئەمىر ئەلىشىر بولسا دارۇلسەلتەنەتكە قايتىشقا تەييارلاندى.
ئەتىسى ئەتتىگىنى يولغا چىقىدىغان چاغدا شۇنەرسە مەلۇم بولدىيكى، شائىرنىڭ قارارگا ھتىكى چېدىرىنىڭ تۇرۇسىدا بىر غۇرلاي ئۇۋا ياساپ تۇخۇم قۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈگەن ئىدى. چېدىرنى يىغىشتۇرۇشقا رۇخسەت سوراپ كىرگەن مۇلازىملار بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيىتقاندا ئەمىر ئەلىشىر بۇ ئىشنى بالدۇرلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە مۇلازىملارنىڭ قوقوۋۇشتۇرۇپ تۇررۇشقانلىقىنى كۆرۈپ: «غۇرلاي تۇخۇمىنى يېرىپ چۆجىلىرىنى ئۇچۇرما قىلغانغا قەدەر چېدىر شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن»، - دېدى. ئاندىن خوجا ھۈسەيىن بەختىيارنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا چېدىرنى بۇزماستىن ھەرۋاقىت مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، غۇرلاي بالىلىرى چوڭ بولۇپ، قاناتلىرى تۆمۈردەك قېتىپ ئۇچۇرما بولۇپ، ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلغان بۇ خىزمىتى ئۈچۈن بۇ تەڭداشسىز چېدىرنى يىغىپ ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. خوجا ھۈسەيىن بەختىيار ئەمىرنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دەسلەپتە بىرئاز ئىسەنكىرەپ تۇرۇپ قالدى، كېيىن بىردىنلا كۆزلىرى چاقناپ ھەزرەتنىڭ شەنىگە ۋە ئۆزىگە قىلغان ساخاۋىتىگە ھەمدۇ-سانالار ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى خوشاللىق بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆڭلى تىنىپ، دىلى خاتىرجەم بولغان ئەمىر ئەلىشىر سەلتەنەت بالىلىرى بولغان پۇخرالارغا ئاللاھدىن كۆپ ئىنايەتلەر تىلەپ يولغا چىقتى.
مانا نەچچە يىلدىن بۇيانقى سەلتەنەت ئاسايىشلىقى ئۇنىڭ چېدىرى تۇرۇسىغا ئوۋا قويغان غۇرلاي تۇخۇملىرىدەك ئامانەت، ئەگەر ئۇلار مۇھاپىزەت قىلىنمىسا، ھىرىسۇ-ھەۋەس، زۇلۇم-سىتەم، ئىسيان-غەۋغا قەسىرىدىن يەرگە چۈشۈپ كۇمپە يكۇم بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز.

تا ھىرىسۇ ھەۋەس خامىنى بەربات بولماس،
تا نەپسۇ ھاۋا قەسىرى بەربات بولماس،
تا زۇلۇم-سىتەم جانغا بىداد بولماس،
ئەل شاد بولماس، مەملىكەت ئاۋات بولماس…

ئەمىر ئەلىشىر يولدا كېتىۋېتىپ، بەربىر قېرىغان پادىشاھ بىلەن كۈچ-غەيرەتكە تولغان شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈربويى بۇ سەلتەنەتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن چەككە رىيازەت، جاپا-مۇشاقەتلىرىنىڭ خۇددى قىززىق قۇمغا تامغان يامغۇر تامچىسىدەك بىنەپ كەتكەنلىكىدىن يۈرەك-باغرى ئېزىلدى. شائىر بالىلىقتىكى دوستىنىڭ كېيىنكى يىللاردا جەڭگى-جىدەل ۋە ئەيشى-ئىشرەت قىلىشتىن باش تارتمىغا نلىقىدىن نارازى ئىدى. تېخىمۇ پاجىئەلىك بولغىنى شۇكى، قېرىپ قالغان پادىشاھ ھەركۈنى ناماز پىشىندىن كېيىن ئۈچمەيدىغان بىرمۇ كۈنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەقەت ئۆزىنىڭ خۇي-پەيلىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرى ۋە بارلىق سىپاھلىرىغا غەيرى تەسىر كۆرسىتەتتى. بىر يۇتۇم مەي دۇنيانى بۇزىدۇغۇ، ئەمىر ئەلىشىر «ئۇممەل خابائىس»بولغان مەيگە بىرىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بەكمۇ قورقاتتى.
ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان مۇشۇ سەلتەنەت ئاستانىسىنىڭ تۇپرىقىغا يىلتىز تارتتى. ھەر ۋاقىت دوستى ئولتۇرغان تەخىتنىڭ تېنىچلىقىنى كۆزلىدى. ئاتا-ئەۋلادى ئازكەم بىر ئەسىر مابەينىدە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن تۆمۈرىيلەر خانلىقىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى يولىدا قوللىرىغا قېلىچ ئېلىشقىچە ھەممىنى قىلدى. بۇ خىزمەتلىرىنىڭ بەدىلىگە پادىشاھلارمۇ ئۇلارغا كۆپ ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى، ئالىي مەرتىۋىلەرنى بەردى، بەزىدە تېخى ئۆز نەزىرىنىڭ چېتىدىمۇ قويدى، ئەمما يەنە ھوزۇرىغا چاقىرىتتى.
پادىشاھقا دوسىت بولغان كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ. ئوتتۇز يىلدىن بۇيان، بۇ دۈشمەنلەر ئۇنى يامان كۆرۈشتى، ئۇنىڭغا تۆھمەتلەرنى ئارتتى، بۆھتانلارنى چاپلاشتى، ئەمما ئۇ ھەرگىز پۇشايمان قىلمايتتى، چۈنكى پۇشايماننىڭ پايدىسى يوق. ياق!-ياق! ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ، ئۇ چەككەن رىيازەتلىرىدىن رازى. ئۇ ھەر ۋاقىت ككڭلىنى تەڭرىتائالا يولىدىن غاپىل، مۇسۇلمانلار دادىدىن خالى قىلمىدى، دوسىتلىرىنىڭ پىكىرىدىن ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن بىپەرۋا بولمىدى.
ھىجىرىيە 873-يىلى (مىلادى 1469-يىلى) سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا قاراباغدىكى جەڭ مەيدانىدا ھلاك بولدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا خۇراسان تەختىنى ئىگەللىۋالدى. شۇ چاغدا ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ نەزىرىدە بۇ تەخىتنى ئىگەللەشكە سۆزسىز ھەقلىق ئىدى. شۇچاغدا ئۇ سەمەرقەندتە، تېخىمۇ ئېنىقراقى خۇجا جالالىددىن فەزلۇللاھ ئەبۇلەيىس خانىقاسىدا تەرىقەت سۇلۇكى ئىلمىنى ئۈگۈنىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى ۋە ساخاۋەتلىك ئەمىر ئەخمەت ھاجىببەگنىڭ ھەمرالىقىدا ھىراتقا ئاتلاندى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ تەخىتكە ئولتۇرغانلىق شەرىپىگە «قەسىدەئىي خېلالىيە»نى يازدى. پادىشاھمۇ ئەمىر ئەلىشىرنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئالىي ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى. ئەمما تېخى پادىشاھلىق تەختى ئامانەت ئىدى، ماناشۇ ئامانەت تەختنى بەقارار قىلىش مەقسىتىدە مەملىكەتتە پادىشاھ بىلەن تەڭ تېنچلىق-ئاسايىشلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇ مەلۇم ۋاقىت قەلەمنى ئۇنۇتتى. تەخىت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۆرەش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى. يالغۇز يادىكار مۇھەممەد مىرزىلا سۇلتان ئەبۇ سەئىدمىرز ىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە تەخىتكە دەۋاگرلىك قىلىپ ئازبولمىغان كاساپەتلەرنى يەتكۈزمىدىمۇ؟! ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مەھمۇد مىرزا، قارا قۇيۇنلۇلار ياردەم بەگەن ئەبۇبەكرى مىرزا بىلەن بولغان جەڭلەرچۇ؟ ماناشۇ جەڭگى-جىدەللەر داۋامىدا ئۇ ھەمىيشە يا دوستىنىڭ قېشىدا، يا دارۇلسەلتەنەتنى قوغداشتا باش-قاش بولاتتى.
مانا ئۇنىڭ چەككەن زەخمەتلىرىنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە مەملىكەتتە ئاسايىشلىق قارار تاپتى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ سەۋەبى بىلەن سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىغا ئەھلى ئىلىملەر ۋە بىنەزەر ئىنسانلار توپلاندى، مانا ئەمدى بۇ بىۋاپا جاھان بۈگۈنگە كېلىپ-پادىشاھمۇ، ئۆزىمۇ شەكەستە بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇ دوستىنى ئادالەتلىك پادىشاھ بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى. زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك سەۋەبىدىن ئاۋات جايلار ۋەيران، قەسىر-سارايلار بايقۇشقا ماكان بولىدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار ئېيتتى. پادىشاھلار زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىشقا كۆپرەك مايىل بولىدۇ، ناھەق قان تۆكۈش ئۇلارنىڭ ھۈنىرى… جېنى بار ئادەم ئۇنىڭدىن قورۇقسۇن. پادىشاھلارنىڭ ناماقۇللىقى ئۆزلىرىگە ياخشى كۆرۈنىدۇ، قارىنى ئاق دېسە، بۇنى ماقۇللىمىغان گۇناھكار، ئاقنى قارادېمىگەنلەرنىڭ بولسا، روزىغارى قارا بولىدۇ. پادىشاھلارغا توغرا سۆزنى ئېيىتقانلارنىڭ جېنى خەتەردە، ئىزگۈلۈككە ئۈندىگەننى قەتلئام كۈتىدۇ. ئەمما ئۇ دوسىت سۈپىتىدىمۇ، ۋەزىر سۈپىتىدىمۇ يامان، ئىمانسىز بولسا پوخرانىڭ ھالىغا ۋاي.
ئەسلىدە «ۋەزىر» دېگەن سۆز «ۋىزىر» يەنى «گۇناھ» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ۋەزىرلەر ئۆز ھۆكۈمدارىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن گۇناھتىن تەپتارتمايدۇ. بىراق ئەمىر ئەلىشىر بولسا، ۋەزىرلىكنى ھۆكۈمدار يۈرگۈزگەن سىياسەت تۈپەيلىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلارنى بوينىغا ئېلىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش دەپ چۈشىنەتتى. ئەنە شۇ مەقسەت يولىدا ئەقىدىسىگە نەقىشلەنگەن «ئىنساپلىققا خۇدا رەھمەت قىلسۇن» دېگەن سۆزنى سەلتەنەتكە بولغان ساداقىتىنىڭ شۇئارى قىلدى. ئەمما ئۇ ئەمدى قېرىدى، ھاردى، تالدى، تالجىقتى، تېلىقتى. ئەمدى ئۇ ئۆمۈر بويى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مۇبارەك ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىش پەيتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلدى.
ئەمىر ئەلىشىر روھى پاكىز، پاك-دىيانەتلىك كىشى ئىدى. گەرچە ئۇ قۇدرەتلىك بىر خانلىقنىڭ ۋەزىرلىگىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پەخر لىنىپ ئۇچمىدى، بەلكى تەرىقەتكە سادىق بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىر قېتىم ئۇنىڭ پاكلىقى، تاھارەتسىز بىر قەدەم ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە «بۇھەزرەت دۇنياغا كېلىپ ھايات لىباسىنى كەيگەندىن بۇيان پىشىگە شەھۋەت چىركىنى يۇقتۇرمىغان، كىچىك پېئىللىق ۋە مەرتلىك تونىنىڭ ياقىسىدىكى لەئىل تۈگمىسىنى خۇتۇنلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە تۇتقۇز مىغان»، -دېگەنىدى.
ئەمىر ئەلىشىر ياشلىقىدىن باشلاپ، ھەتتە ھىرات ۋە سەمەرقەند مەدرىسلىرىدە ئىلىم- ئىرپاندىن ساۋاق ئېلىۋاتقان چاغلىرىدىمۇ، ھەمىيشە دەرۋىشلەرنىڭ سۆھبىتىنى خالىدى، ھىدايەت يولىدا رەھنامىلىق قىلىۋاتقان ماشايىخلاردىن ئىلىم ئۈگەندى، بۇ پاك دىل كىشىلەر توپىغا ئىخلاس ۋە مۇردلىق قەدىمى بىلەن خىزمەت قىلدى. ئاستراباتتا يۈزبەرگەن ۋەقە تۈپەيلىدىن پادىشاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن سوغۇقچىلىق سەۋەبىدىن ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈلگەندىمۇ سەلتەنەت ئىشىدىن ئىتەك يىغىشتۇرۇپ، ئىبادەت ۋە رىيازەت ئەھلى بىلەن بىرگە بولۇش مەقسىتىدە راباتى سۇخەيىلدە ھوجرىغا بىكىنىپ ئېتكاپتا ئولتۇردى. ئەسلىدىمۇ ئۇ پانا يولىغا مايىل ئىدى. لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پادىشاھ ئۇنى يەنە ئور دىغا چاقىردى. ئەمىر ئەلىشىر دەسلەپ«مېنىڭ يولۇم پېقىرچىلىقتا»دەپ بۇنىڭغا ئۇ نىمىدى. ئاخىرى بىر كۈنى پادىشاھ پۈتۈن ئوردا ئەھلى ئالدىدا ئۇنىڭغا؛«سەلتەنەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سىزنىڭ رايىڭىزغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. كېلىڭ دوستۇم، تىنىمسىز قە لىمىڭىزدىن مەملىكەت تىنچ-ئامان بولسۇن»دېدى. ئەمىر ئەلىشر ئاخىرى«بىر سائەتلىك ئادالەت ئاتمىش يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل»دېگەن سۆزگە ئەمەل قىلىپ، پادىشاھنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت سەلتەنەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان بولسىمۇ، ئەمما پاك ۋە ئۇلۇغ تەڭرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى. ھېچقاچان، ھېچ بىر سۆزىدە دەرۋىشلەرنىڭ دىلىنى رەنجىتمىدى، ھەر بىر ئىشقا ئىخلاس ۋە ئىمان بىلەن كىرىشتى. شۇ سەۋەپتىن سەلتە نەت ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش توغرىسىدا پادىشاھقا مەسلىھەت بەرگەندە ئىماننى ئوتتۇرىدا قوتۇپ سۆزلىدى. ياشلارغا تەڭرى ئىنايىتىدىن شەپقەت تىلىدى، دوستلارغا كەرەم، پىشقەدەملەرگە ئىززەت كۆرسىتىش مىزانىغا ھەمىيشە رىئايە قىلدى.
پادىشاھ ئۇنىڭغا كۆپلەپ يەر-سۇ ئىنئام قىلدى. ئەمما ئۇ باي بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈ پمۇ قويمىدى، بەلكى ئۆز مۈلكىدىن كىرگەن دارامەتنى ساۋاپلىق ئىشلار، مەدرىسلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مەرىپەتكە يىتەكلىگۈچى كىتاپلارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش، تالىپلارغا نەپىقە بېرىش، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش ۋە ھەتتا، زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالسا پادىشاھقا، لەشكەرلەرگە سەرىپ قىلدى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ شەخسىي مۈلكىدىن كىرىدىغان بىر كۈنلۈك دارامەت ئون سەككىزمىڭ شاخرۇخىي ئىدى، ئۇ ئەنەشۇ دارامەتنىڭ ھەممىسىنى ساخاۋەت، ھىممەت ئېھسانىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى.
ئۇ ھەقتىن قورقۇشنى ھېچقاچان ئېسىدىن چىقارمىدى، بېشىغا ئېغىر مۇشاقەتلەر كەلگەندىمۇ سەۋىر-تاقەت، چىدام-غەيرەت بىلەن ئاللاھقا سېغىندى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئەقىدىسى ئۈچۈن سوپى ماشايىخلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان، سۇلۈك يوللىرى كۆرسىتىلگەن«نەسائىمۇل مۇھەببەت»، «لىسانۇتتەيىر»ناملىق كىتاپلارنى يازدى.كېچە-كۈندۈز پوخرا-يۇ، دەرۋىشلەرنىڭ، غېرىب-مۇساپىرلارنىڭ غېمىنى يەپ، تۈرلۈك ناملاردىكى خانىقا، مەسچىت، رابات-سارايلارنى، ھاممام ۋە كۆۋرۈكلەرنى سالدۇردى. يالغۇز«خالىسىيە»خانىقاسىدىلا ھەركۈنى مىڭدىن ئارتۇق مىسكىنگە تاماق تار قىتىلدى، ھەر يىلى ئىككى مىڭغا يېقىن باش كىيىم، تون، كۆڭلەك-ئىشتان ۋە ئۆتۈك ئۈلە شتۈرۈلدى. بۇنداق ساخاۋەتلەردىن بەھرىمەن بولغانلار ناھايتى كۆپ ئىدى…
بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ نىشاپورغا بارغاندا ماشايىخلار، جۈملىدىن ئۆزى چوقۇنىدىغان شەيخ پەردىدىن ئەتتار مازىرىنىڭ بارغانسېرى خارابىلىككە ئايلىنىپ كېتىۋا تقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بەك يېرىم بولدى ۋە دەرھال رېمونت قىلىشنى بۇيرىدى، شەيىخنىڭ قەبرە بېشىغا يېڭى بىر خانىقا سالدۇردى. ھىراتتىكى مەرغەنىي بېغىنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ ھەشەمەتلىك بىر مەسچىت سالدۇرۇپ، شۇ زاماندىكى ئاتاقلىق قارىيلارنىڭ بىرى بولغان خوجا ھاپىز مۇھەممەد سۇلتانشاھنى بۇ مەسچىتكە ئىماملىققا تەيىنلىدى. ئۆزىمۇ بەش ۋاخ نامازنى مۇشۇ مەسچىتتە ئۆتەپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەمىر ئەلىشىر ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، كۈندىلىك ئادىتىگە خىلاپ ھالدا مەسچىتتىن ئىتتىك چىقىپ، ھېچقانداق جايدا توختىماستىن، ئۇدۇل مېڭىپ، ھىراتلىقلار«ئۇنسىيە»دەپ ئاتىشىدىغان ئۆز ھويلىسىغا يىتىپ كەلدى ۋە ھويلا ئوتتۇرىسىد ىكى بىنەپشىزارلىققا قاراپلا ئارقىسىغا ياندى. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران قېلىشتى. خۇجا ھاپىز مۇھەممەد سۇلتانشاھ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا بىسەرەمجان بولۇپ كەتكەنلىگىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.«بايا نامازغا چىقىش ئۈچۈن ھويلامدىكى بىنەپشىزارلىقنىڭ يېنىدا تاھارەت ئالغانىدىم. ناماز سېپىدە تۇرغىنىمدا بىر چۆمىلىنىپ يەلكەمدە ئۆمىلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ چۆمۈلىنىڭ بايا تاھارەت ئالغان جايدا مۆرەمگە ئىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ناۋادا ئۇ چۈمىلە يەلكەمدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاياغ ئاستى بولۇپ ئازار يەپ ئامان قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇۋىسىغا قايتىدىغان يولنى تاپالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قېلىشتىن قورۇقتۇم. شۇڭا مەن نامازنى ئۆتەپ بولۇ پلا ھويلامدىكى تاھارەت ئالغان جايغا بېرىپ، چۈمىلىنى ئۇۋىسىنىڭ ئېغىزىغا چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە، ئۇۋالغا قېلىشتىن قۇتۇلدۇم. مانا ھازىر يەلكەمدىن چۈمىلە ئەمەس، بىر تاغ ئاغدۇرۇلغا ندەك يەڭگىللەپ قالدىم، خوجام»، -دېدى.
بۇگەپنى ئاڭلىغان خوجا قولىنى دۇئاغا، دىلىنى رەخمەت ئېيتىشقا ئاچتى…
ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىدىن دارۇلسەلتەنەتكە قايتقاندا، يول بويى ئويلىغانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى. مەملىكەتتە بەدئوززامان مىرزىنىڭ ئىسيانىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئاسايىشلىق ئانچە ئۇزاق داۋام قىلمىدى، بەلكى بىر يىغا يەتمەيلا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىم سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ يەنەبىر ئوغلى-ئابدۇلمۇھسىن مىرزا توپىلاڭ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ھۈسەيىن قوشۇن باشلاپ ئوغلىنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مەرۋىگەقاراپ يول ئالدى. بۇ ۋەقەدىن خېلى بۇرۇنلا ئەمىر ئەلىشىر پادىشاھقا قايتا-قايتا مۇراجەت قىلىپ، مۇقەددەس كەئىبىنى تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە ئىجازەت ئالىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. بىراق بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن سۇلتان قوشۇنلىرى دارۇلسەلتەنەتتىن يەنە بىر قېتىم چىقىپ كەتتى، ئەمىر ئەلىشىر بولسا، بۇ سەلتەنەتكە ئەمدى تېنىچلىقنىڭ مەڭگۈ نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى، پادىشاھنىڭ پايتەخختتىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان بۇ مۇبارەك سەپەرگە ئاتىلىنىشىنىڭ تېپىلماس پۇرسىتى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ، دەېھال يولغا چىقتى ۋە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن مەشھەدكە يىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كارۋىنى شەھەرگە يېقىنلاشقاندا ئۇ يەنە بىر قېتىم پادىشاھدىن ھال-ئەھۋال سوراش، ئۇنىڭدىن قالسا، بۇ سەپەرگە بېرىلگەن ئىجازەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش نىيىتىدە تىۋىپ مەۋلانە ئابدۇلھەينى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھوزۇرىغا-مەرۋىگە ئەۋەتتى. ئۆزى ئىمام رازىنىڭ مەقبەرىسى ئەتراپىدا پاناھلىنىپ يۈرىيدىغان كەمبەغىل، يىتىملەرگە تاماق ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن سېلىنغان غەلۋىرخانىدا قونۇپ، جاۋاب كۈتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مەۋلانە ئابدۇلھەي ئىسيانچى ئابۇلمۇھسىن مىرزا بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلدى ۋە ئەمىرگە پادىشاھنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.
سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەمىر ئەلىشىرگە يازغان مەكتۇبى:
«سەلتەنەتنىڭ روھى، مەملىكەتنىڭ تايانچى، دىن ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى، دۆلەت ۋە مىللەت ساھىپلىرىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى، خەيىرلىك بىينالارنىڭ مۇئەسسەسى، پاكىزى ئىشلارغا بۇيرۇلغان خاقانى دۆلەتنىڭ مەدەتكارى، سۇلتان ھەزرەتنىڭ يېقىنى نىزامىددىن ئەلىشىر جاناپلىرىغا ھىساپسىز كۆپ دۇئالار ۋە مەشۇق قوزغاتقۇچى سالاملار توپلامى يەتكۈزىمىز، پەيزىلىك مۇلاقاتلار ئارزۇسى شەرق پايانى دائىرىسىدىن ئارتۇقتۇر.
روشەن كۆڭۈللىرىگە يىتىپ مەلۇم بولسۇنكى، جۈمە كۈنى-رەجەپ ئېيىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى ئۇلۇغ مەۋلانە ئابدۇلھەي كېلىپ، شەرەپلىك مىجەزلىرىنىڭ كەيپىياتى، ساق- سالامە تلىك ياخشى ھالەتلىرىنى يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىش بىزنىڭ ھەددى ھىسا پسىز شادلىقىمىزغا سەۋەب بولدى. ئۇ يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا كۆڭۈللىرىدە قارار تاپقان ھىجاز تەرەپكە ماڭغانلىقلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېغىزمۇ-ئېغىز كېلىپ تۇرغانىدى. ئەمما ئىشە نچىلىك كىشىلەردىن ئىشىتمىگىنىم ئۈچۈن ئىشەنگىلى بولمايتتى. لېكىن بىر قېتىملىق سۆھبە تتە خوجا ئەفزەلىددىن مۇھەممەدكە يېزىلغان مەكتۇپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولدىكىم، بۇ كۈنلەردە ئۇ تىلەكلىرى مۇستەھكەملىنىپ ۋە يېڭىلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىش خىياللىرى جەز ىمگە ئايلانغان.
گەپ شۇنداقكى، ھەممىگە، بەلكى ئالەمگە ۋە ئالەم ئەھلىگە ئاشكارىدۇركى، ئول جاناپ بىلەن بىرلىك، ھەمجەھەتلىكتىن باغلىنىش ۋە باغلىنىش ئالاقىسى، ھەمنەپەسلىكتىن تا شۇ كۈنگىچە قايسى دەرىجىگە بېرىپ بارغانمىز ۋە ئېلىپ بارىمىز. ھەمىيشە، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئول جاناپنىڭ شەرەپلىك رازىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ مۇددىئا ۋە تەلەپلىرىمىزدىن ئۈستۈن بىلىپ، بۇ جەھەتنى مىسلىسىز دۆلەت دەلىللىرىدىن ساناغلىق ۋە سانايمىز. ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ قارشىسىدا ئول جاۋاپتىن دۆلەتخاھلىق ئەسەرلىرى، ئىخلاس، ياخشى پىكىرلىك ۋە يېقىنلىق كەبى خىسلەتلەر بارلىققا كەلگەن ۋە بارلىققا كېلىدۇ. بۇ قۇياشتىنمۇ روشەنراق بولغىنى ئۈچۈن تەپسىل بېرىشنىڭ پايدىسى يوق. ئۆزلىرى بىلىلىيكى، ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق تەكەللۇپ ۋە ئۆزىرچىلىك بولماي، ھەمىشە سۆز شۇنداق بولاتتىكى، ئۇ سەلتەنەت تايانچىنىڭ خاتىرىسىگە خەيىرخاھلىق ۋە ياخشى پىكىرلىك يولى بىلەن نېمىكى كەلسە، ئۇنى ئېيتىشقا توققۇز قېتىم رۇخسەت بېرىلگەنىدى. دائىم بىزنىڭ خاتىرىمىزگە نىمىكى كەلسە، مېھرىبانلىق يۈزىسىدىن ئىزھار قىلاتتۇق. بۇ ۋاقىتلاردا ھىجرەت قىلىشتىن ئىبارەت ساۋاپلىق ئىشقا ئاتلىنىش قارارىغا كەلگەنلىكلىرى كۆڭلىمىزگە قانچىۋالا ئېغىر كەلگەنلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا سىلىنىڭ مەنمۇنلۇقلىرىنى مەنپەتىمىزدىن ئۈستۈن قويىمىز. بىرىلگەن رۇخسەت ۋە ئىجازەتتىن قايتمايمىز. لېكىن كۆڭلىمىزگە كەلگەن ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشىمىزلازىم. روشەنكى، بۇ خۇسۇستا يولنىڭ تېنچلىقى شەرتتۇر. مەلۇم بولسۇنكىم، بۇ كۈنلەردە ئىراق زېمىنلىرى، جۈملىدىن باغداتنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەنلىكى نامەلۇم. مىسىر ۋە شام زېمىنلىرىدىمۇ تۈرلۈك باش-باتاقلىقلارنىڭ بارلىقى ئىشتىلمەكتە. رىۋايەت شۇنداقتۇركى، ئەگەر يولنىڭ خەۋىپى كىشىنىڭ بىلىكى سەۋەپسىز تېلىپ قالغۇدەك دەرىجىدە بولسا، يولغا چىقىش جايىز ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە يولنىڭ خەۋىپلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىرەر پىكىر خاتىرىمىزگە كەلمىسە قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك، يولنىڭ ناتېنىچلىقى جەھەتتىن خەۋپ پەيدا بولغان بولسا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلىد ىن ئاشۇ خەۋىپلىك جايدا كىشىنى قوغدايدىغان مۇلازىملار بولىشى كېرەك.
يەنە گەپ شۇنداقكى، بۇقېتىمقى سەپەرلىرى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۆ مۈرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىز يەنە يۈز كۆرۈشكەن بولساق، خەيىرلىشىش قائىد ىسى بىجاكەلتۈرۈلگەن بولسا ياخشى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مۇقەددىمىلەرنى يېز ىشىمىزدا شۇنداق ئەندىشىمىزمۇ باركى، مۇبادا مۇبارەك خاتىرىلىرىگە غۇبار چۈشۈپ، بۇ سۆزلەر دىكى غەرەزلەرنى بىلىمەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالالىمۇ؟ دۆلەت پاناھ ئالىلىرى بۇ خۇسۇستا بىرەر شۈبھە يادىلىرىغا كېلىپ قالسا، بىتەكەللۇپ سۆزلەۋەرگەيلا، بىزنىڭمۇ بۇ توغرىسىدا بىرەر ئىش يادىمىزغا كەلسە ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىمىزلازىم، دەپ بىلىمىز.
توغرا پىكىر قىلىش مەڭگۈ ئۆز ئىختىيارلىرىدا ۋە ئىككى دۇنيانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن قانداقلىكى بىر نېمە لازىم بولسا تەقدىم قىلىپ تۇرۇلىدۇ. ئىككى دۇنيانىڭ سائادىتى يار بولسۇن. ۋەسسالام».
ئەمىر ئەلىشىر مەكتۇپنى كۆرگەندىن كېيىن، سەپەرداش ھەمرالىرى ۋە مەشھەدشەھرىنىڭ ئۇلۇغلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار سەلتەنەتنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەجىگە بېرىش ئىشىنى كىچىكتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل شۇچاغدا مەۋلانە ئابدۇلھەي شاھزادە ئابۇلمۇھسىن مىرزىنىڭ ئاتىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئوتتۇرىدا ۋەكىل بولۇشنى شەرت قىلغانلىقى ئېيتتى. پادىشاھ بۇ گەپنى قەغەزگە يېزىپ ئەۋەتىشكە ئىشەنمەي مەۋلانىگە ئېيتىپ ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىگە قاراپ يولغا چىقتى، ئۇنىڭ كارۋىنى مەشھەد بىلەن مەرۋى ئارلىقىدىكى سەرخس كەنتىگە يىتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئىنسى دەرۋىش ئەلى ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى. ئەتىسى سۇلتان ھۈسەيىننىڭ بۇ يەرگە كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى، . پادىشاھ بىلەن شائىر بوزارغان تۆپەدېگەن جايغا تىكىلگەن شاھانە چېدىردا ئولتۇرۇپ ئۇزاق سۆھبەتلەشتى. پادىشاھ ئۆز مەكتۇبىدا دىيىلگەن گەپلەرنى تەكرالىدى. ئەمىر ئەلىشىر ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈندىمەي ئاڭلىدى ۋە پادىشاھنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن:
- ئەلا ھەزرەت، سىلى بۇرۇن ماڭا، «ئەگەر پادىشاھلىقنىڭ ئىقشلىرى بىلەن شۇغۇ نلىنىشتىن قولۇمنى يىغالىسام شەيخ نەجمىددىن كۇبرا مازىرى ياكى خوجا ئابدۇللا ئەنسارىينىڭ مەقبەرىسىنىڭ جاتۇپكىشى بولىمەن»دېگەن ئىدىلە.
- شۇنداق ئەلىشىربەگ. -دېدى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا مەيۈسلەنگەن ھالدا. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپلىرىنىڭ دوستىنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇنتۇپ قالمىغا نلىقىغا، ئۇنىڭ ئەستەتۇتۇش قۇۋىتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىگىگە كۆڭلىدە تەكرار- تەكرار ئاپىرىن ئوقۇماقتا ئىدى. پادىشاھ بىردىنلا سەگەكلەشتى ۋە ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مۇددىئا سىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋامىنى كۈتتى.
- ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزلەرنىڭ سىلىگە مۇيەسسەر بولىشى تەس. ئەمما شۇنداق نىيەتكە يىتىشنى ئارزۇ قىلغان مەھرىمىڭىزنىڭ ھىجاز سەپىرىگە چىقىشىغىمۇ رۇخسەت بەرمەيسىز. مەن سىزدىن نەچچە مەرتە رۇخسەت تىلىدىم، ھەتتا ئاخىرقى قېتىم سىزدىن يەنە رۇخسەت سوراشقا جۈرئەت قىلغىنىمدا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ماقۇل بولمىغانلىقىڭىزنى سەز گەن ئىدىم. شۇڭا بۇ قېتىم گەرچە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان بولساممۇ، لېكىن يەنە سىزنىڭ قېشىڭىزغا ئادەم ئەۋەتتىم، ئەمما سىز مەكتۇپ يېزىپ مېنى يولۇمدىن قايتۇر دىڭىز.
پادىشاھنىڭ سەل ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئەمىر ئەلىشىر «يەنە ماۋۇنىمۇ ئاڭلاڭ »دېگەندەك قولىنى كۆكسىگە ئالدى:
- بۇگەپلەرنى ئېيتىشتىكى مەقسىدىم ھەرگىزمۇ ئەلا ھەزرەتكە تەنە قىلىش ئەمەس. مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزنىڭ مەكتۇبىڭىزدىكى مەقسەتلەرنى مېنىڭ سەپىرىمنى مەنئىي قىلىش دەپ ئويلۇمۇدۇم. مېنىڭ مەقسىدىممۇ ئۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم رۇخسەت تىلەش ئىدى. ئەگەر رۇخسەت بەرسىلە، ئۆزەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قالغان ھاياتىمنى خوجا ئابدۇللا ئەنسار ىينىڭ مازار ئاستانىسىنى سۈپۈرۈشكە سەرىپ قىلسام. مېنى سەلتەنەت ئىشلىرىدىن خالىي قىلسىڭىز، مەنمۇ بۇنداق مەسئۇلىيەتتىن ئازاد بولسام. ئاھ…نەچارە، قېرىلىقمۇ خۇدانىڭ ئىنايىتى ئىكەن، مانا ئەمدى سۆڭەكلىرىم بوشىدى، كۆزلىرىم نۇرسىز، كۆڭلۈم پاراغەت ئىستەيدۇ…
- قېرىدىم، دېمەڭ ئەلىشىربەگ، -دېدى سۇلتان ھۈسەيىن.-مەندىن ئۈچ ياش كىچىكسىز. مەن قېرىدىم دىسەم بۇلار، ئەمما قاراڭ قولۇمدا قېلىچ، دۈشمەنلىرىم بىلەن چېپىشىپ يۈرىيمەن. سىز بولسىڭىز…
- قېرىدىم ئەلا ھەزرەت، -دېدى ئەمىر ئەلىشىر، -بۇرۇنقىدەك مادارىم قالمىدى، مۇشۇ ھىجاز سەپىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى سەپەر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم.
- سىز مۇبادا خۇراساندا قالسىڭىز، سىزنىڭ ھەرقانداق ئىلتىماسىڭىزنى بىجىرىش مەن ئۈچۈن پەرھىز، -دېدى پادىشاھ.-چۈنكى سىز ھازىر بۇ مۈلۈكنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋا تىسىز، ئۇنداق قىلماڭ، مېنى يالغۇز قويماڭ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭ. ياشلىقىڭىزدا، كۈچ غەيرىتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلاردا يېنىمدا بولدىڭىز، ئەمدى قېرىغاندا بىر- بىرىمىزنى تاشلىۋەتسەك قانداق بولىدۇ؟
سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا سۆھبەتتىن كېيىن، پېشقەدەم شائىرغا ياقىسى قارا قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن ئالتۇن تۈگمىلىك زەرباب جۇۋا ۋە يەنە بىرنەچچە قۇر قىممەت باھالىق تونلارنى كىيگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئەلىشىر بىر نەچچە كۈنگىچە ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇر ىسىدىكى ياراشتۇرۇش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، پادىشاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن دارۇلسەلتە نەتكە قايتتى.
ئۇ شەيبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىراتقا يىتىپ كەلدى. ۋەزىرى ئەزەم-مەلىكۇل شۇئەررانىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان پايتەخىت ئەھلىنىڭ خوشاللىقى ھىسا پسىزئىدى، تۈمەنلىگەن كىشىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن تا ئۇنسىيەگىچە بولغا يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالغىلى چىققانىدى.
ئەمىر ئەلىشىر ھىراتقا قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ خوجا ئەنسارىي مازىرى ئالدىدىكى مەيداندا شەھەر ئۇلۇغلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان چوڭ بىر يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئۇ ھىراتنىڭ بارچە ئۇلۇغلىرىدىن، ئۆزىنىڭ بۇ قۇتلۇق دەرگاھنىڭ جارۇپكېشى بۇلۇ شتىن ئىبارەت مۆتىۋەر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىپ، پاتىھە بېرىشنى ئۆتۈ ندى.«مەن بۇنىڭدىن كېيىن دەرۋىشلىك يولىدا ياشاشنى ئىختىيار قىلدىم»، -دېدى ئۇ. شۇ كۈندىكى مەجلىس شۇنداق ئۇلۇغ بىر مەجلىس بولدىكى، ھەتتا سەلتەنەت بېشىدىكى ئۇلۇغ ۋەزىرلەردىن بىرى بولغان مۇبارىزىددىن مۇھەممەد ۋەلى بەگكە ئوخشاش كاتتا ئەمىرلەرمۇ مازاردىكى مەجلىسكە يىغىلغان ئۆلۇمالارنىڭ خزمىتىنى قىلىپ پايپىتەك بولۇشۇپ كېتىشتى. مېھمانلار ئۈچۈن يەتمىش قوي، يىگىرمە بەش ئات سويۇلدى. ئۆلىمالارنىڭ ئالدىغا دۈۋە-دۈۋە قەنت-گېزەك ۋە تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەر مول كەلتۈرۈلدى. مەجلىس ئاخىرىدا ناشا يىخلار ئەمىر ئەلىشىرگە پاتىھە بەردى.
ئاشۇ مەجلىستىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئەمىر ئەلىشىرنى دارۇلسەلتەنەتكە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى شىر ئوۋلاش ھەۋىسى بىلەن مازەندەران تەرەپكە كەتكەن پادىشاھتىن پەرمان كەلدى. پەرمان سەلتەنەت پايتەختىدە ھۆكۈم يۈرگۈزىۋاتقان ئەمىر ۋەلى بەگنىڭ نامىغا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پات ئارىدا ھىرات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىدىن زۆرۈر خىراجەت ئۈچۈن يۈزمىڭ دىنار ئۈندۈرۈش تەلەپ قىلىنغانىدى. ئەمىر ۋەلى بەگ پادىشاھ تەلەپ قىلغان بۇ مەبلەغنىڭ يېرىمىنى شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلاردىن يىغىپ، قالغان يېرىمىنى پايتەخىت ئاھالىسىنىڭ گەدىنىگە ئارتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.
ئەمما ۋەلى بەگ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەسلىھەتىسىز ھېچقانداق ئىشنى قىلمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ پىلانىنى شائىرغا دېدى.«بۇنداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنسىز سېلىق سېلىشنى ئالىي دەرىجىلىك ساھىبقىراننىڭ دۆلىتىگە مۇناسىپ كۆرمەيمەن».-دېدى ئەمىر ئەلىشىر ۋە شۇ كۈنىلا پادىشاھ خەلقتىن يىغىشنى تەلەپ قىلغان بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ دارامىتىدىن چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ساخاۋىتىدىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقى ئارىسىدىكى ئۇلۇغ كىشىلەرنى ۋەكىل قىلىپ ئۇنىڭغا مىننەددارلىق بىلدۈرۈشكە ئەۋەتتى. شائىر ئۇلارنىڭ مىننە ددارلىقىنى قوبۇل قىلىپ.« ھەج سەپىرىنى نىيەت قىلىپ چىققان يولۇمدىن قايتۇرۇلدۇم، ئەمما بۇ يولدىن قايتۇرۇلغىنىم بىلەن ئىلىمگە خىزمەت قىلىش يولىدا دۇرمەن».-دېدى ۋە سۆزىنى بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

خوش ئولكىم، ئاڭا لۇتف بىرلە خۇدا،
ئۇلۇسنىڭ قۇبۇلىنى قىلدى ئاتا…

ئەمىر ئەلىشىر ئەنسارىي مازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر خانىقا سېلىش ئىشىنى باشلىدى، ئۇ قۇرۇلۇش ئورنىنى ئايلىنىپ گاھىدا تۆت ئەتراپنىڭ پات ئارىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىد ىغانلىقىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆز-ئۆزىدىن مەنمۇن بولسا، گاھى ھوجرىسىدا يالغۇز ئولتۇ رۇپ خوجىنىڭ جەلىمىگە مەنسۇپ«ئىلاھىي نامە»ناملىق رىسالىنى ئوقۇيتتى ياكى «ۋە قپىيە »نى ئارىلاش بىلەن بەند بولاتتى. ئەمما سەلتەنەتتىكى ناتېنىچلىق ئۇلۇغ ۋە ساۋاپلىق ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ جارۇپكەشكە ئارام بەرمەيتتى. پادىشاھ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پايتە خىتتە بولالمايتتى، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرلىۋاتقان ئىسيانلارنى بېسقتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇ قورقۇپ قالغان، شۇ قورقۇنۇش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىگىمۇ شۈبھە بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. كۈتمىگەندە ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئىنىسى دەرۋىش ئەلىنى بەلىخنىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا، ئاستىرابات ۋەقەسىدىن كېيىن دەرۋىشلىك تونىنى كىيىپ پىنھان ياشاۋاتقان تاغىسى مىرزە ھەيدەرنى«پادىشاھقا خىيانەت قىلدى»دەپ ئەيىپلەپ ئۆلۈمگە بۇيرىدى. يەنە قۇندۇز ھۆكۈمدارى خۇسرەۋ شاھنى ئاستىراباتقا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىلغاندا سۇسلۇق قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ ئىشلار دىن خەۋەر تاپقان ئەمىر ئەلىشىر ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتەندى، مۇلازىملىرىنى ئەۋەتىپ ھەيدەر مىرزىنىڭ جەسىدىنى ئەكەلدۈرۈپ ماھى بولىقىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدۇردى.
بۇ پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئەمىر ئەلىشىرنىڭ كۆڭلىدە تېخى تىنىپ ئۈلگۈرمىگەن ھەجگە بېرىش، پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئارزۇسىنى قايتىدىن ئويغاتتى. ئۇ يەنە سۇلتان ھۈسەيىن بايقاراغا مۇراجەت قىلىپ، ئىجازەت تىلىدى. پادىشاھ ئۇنى بۇنداق مۇراجەت قىلىشقا ئۈندىگەن سەۋەپلەرنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بەزىدە بىلمىگەنگە سېلىپ، بەزىدە ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرگەندەك قىلىپ، گاھىدا ئەنسارىيەگە كېلىپ ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىشقا ئالدىرىماسلىقىنى ئىلتىماس قىلاتتى. بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇ قېتىمقى قارارى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يىگەنلىكىدىن بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىكەنلىگىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى ۋە پات ئارىدا يول پەرمانى يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەمىر ئەلىشىر ئۆزىنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن يول پەرمانى يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئەمما پادىشاھ «بىر ئاز سەۋرى قىلىڭ، زامان ناتېنچ، يوللار خەتەرلىك»دېگەندەك باھانىلەر نى كۆرسىتىپ يول پەرمانىنى بېرىشنى كېچكتۇرۈپ كېلىۋاتاتتى.
ئەمىلىيەتتىمۇ، ھەقىقەتەن زامان ناتېنچ ئىدى. دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە- ماۋەرائۇننەھىردە كۆچمەن ئۆزبېكلەر خانى شايبانخان ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قازىنىپ، بارغانچە كۈچىيىپ كېلىۋاتاتتى. بۇنداق رەقپلەرنىڭ ئالدىدا تۆمۈرىي ھۆكۈمدارلىرى مۇستەھكەم بىرلىششنىڭ ئورنىغا بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يىيىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. شۇڭا شاھزادە ئابۇلمۇھسىن مىرزا ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان چاركۆلدىكى جەڭدە يىڭىلىپ قالغاندىن بېرى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ كۆڭلىمۇ ئالاقزادە ئىدى.
ئەمىر ئەلىشىر شۇ كۈنلەردە ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈرنىڭ پايتەختى بولغان سەمەرقەندنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شايبانخان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئەۋرىسى بابۇر مىرزا ھەققىدە نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىدى. سەمەرقەندتە تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزىگە ناھايتى كۆپ ياخشىلىق قىلغان ئەھمەد ھاجىپبەگدەك دىيانەتلىك بىر كىشىنىڭ شۇ مىرزا تەرەپتە تۇرۇپ، بۇنىڭدىن بىرنەچچە مۇددەت بۇرۇن بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە شېھىت بولۇپ كەتكەانلىگىنى بىلىپ قاتتىق ئۆكۈندى، ياش بابۇر مىرزىغا خۇدادىن كۆپلەپ ئىنايەتلەر تىلىدى. جۈملىدىن، بۇ ياش مىرزا يازغان تۈركىيانە بېيىتلار ئېغىز دىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، ئۇنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى تېخىمۇ ئاشتى. غەزەل پىرى بولغان ئەمىر ئەلىشىر بۇ بېيتلاردىكى ياڭراق نىدا، مەغرۇرانە مەرتلىكنى سېزىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇنىڭغا بولغان مېھرى تېخىمۇ ئۇرغۇپ، يېرىم كېچىگە ئولتۇرۇپ مىرزىغا مەكتۇپ يازدى ۋە ئۆزىنىڭ سادىق مەھرىمى ئارقىلىق بۇ مەكتۇپنى سەمەرقەندكە ئەۋەتتى. ئۇ بۇ مەكتۇپىنىڭ ئۆزئىگىسىنىڭ قولىغا تەگدىمۇ-تەگمىدىمۇ بىلەلمىدى، ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ئۇ ياش مىرزىنى خىيالىغا كەلتۈرگىنىدە يۈرىگخدە ئىللىق بىر سېزىم پەيدا بولاتتى.
نىھايەت، شۇ يىلىقى باھارنىڭ ئاخىرلىرىدا قىشتا يېزىلغان يول پەرمانى ئۇنىڭ قولىغا تەگدى، پەرماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مانا مۇنداق ئىدى:
«ئەمىر ئەلىشىر سۇلتان ھۈسەيىن خانىدانىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەم سادىق دوستى، دائىمى سۆھبەددىشىدۇر. شۇ كۈنلەردە ئۇ كىشى ھەجگە بېرىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، پادىشاھتىن ئىجازەتلەرۇ رۇخسەت سورىغان. گەرچە ئەمىر بىر نەچچە قېتىم بۇ نىيىتىنى بىلدۈرۈپ ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم پۇخرالارنىڭ مەنپەتىگە باغلىق بولغان سەۋەپلەر كۆرسىتىلىپ، ئىلتىماس ئەمەلگە ئاشماي توختىتىپ قويۇلغانىدى. بۇ قېتىم ئەمىرنىڭ يۈزخاتىرىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىجازەت بېرىلىپ، شۇنداق ھۆكۈم جارىي قىلىنغانكى، ئۇ كىشى ھەجگە بېرىش يولىدا قايسى جايغا يىتىپ بارسا، ھەرقانداق يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئۇنى زور ئېھتىرام بىلەن كۈتىۋېلىپ، يولغا سېلىپ قويسۇن. خەتەرلىك مەنزىللەردە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىغا يول كۆرسىتىپ، بىكەتتىن-بىكەتكە تىنچ ۋە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ قويۇلسۇن. ھەممە ئەمىرلەر، دارۇگەرلەر، ئەئىيان ۋە ئەشرەپ، بارچە شاھزادىلەر ۋە ئومۇمىي ئاھالە بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتمىسۇن.
ئۇشبۇ پەرمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن 90-يىلى زۇلقەددە ئېيىنىڭ 5-كۈنىدە يېز ىلدى»
پەرمان قولغا تېگىش بىلەنلا باشلىنىپ كەتكەن تەييارلىق ئىشلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە توختاپ قالدى. چۈنكى ياز باشلانغانلىقتىن ھاۋا بارغانسېرى قىزىپ، ھارارەت كۈچىيىپ، بىپايان سەھرا-چۆللەردىن ئۆتىدىغان يولنىڭ جاپاسى ناھايتى مۈشكۈللىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەپەر كۈزگىچە كېچىكتۈرۈلدى.
تەقدىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن ۋەقەلەر يەنە قايتا تەكرارلىنىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ مۇ ھەررەم ئېيىنىڭ بېشىدىكى ياز كۈنلىرىدە(100-يىلى ئىيۇلدا) پادىشاھنىڭ كىچىك ئوغلى مۇ ھەممەد ھۈسەيىن مىرزا ئاتىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ چىقتى. خېلىلا قېرىلىق يەتكەن پادىشاھ يەنە دارۇلسەلتەنەتنى تاشلاپ چىقىپ، ئاستىراباتتىكى شاھزادە ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى.
بۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئەمىر ئەلىشىرنى ھوزۇرىغا چاقىرتتۇردى. شائىر قۇبۇلخانىغا كىرىپ كەلگەندە پادىشاھ ئەمىر ۋەلىبەگ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.
- ئاستىراباتتا يەنە ئىسيان، -دېدى پادىشاھ، -يەنە پەرزەنت ئىسيانى…
- ئاستراباتمۇ، پەرزەنتىڭىزمۇ كۆزۈڭىزدىن يىراق، شۇڭا ئۇلار قورقۇشنى ئۇنۇتقان، -دېدى ئەمىر ۋەلىبەگ.
- ياق جانابى ۋەلىبەگ، ئۇلار ئاتا-بالىلىق مېھرىنى، ئاقىۋەتنى ئۇنۇتتى.-دېدى پادىشاھ قەتئىيلىك بىلەن.


داۋامى بار
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
خۇرشىد دەۋراننىڭ 2006-يىلى تاشكەنت «شەرق» نەشىرياتى مەتبەئە شىركىتى نەشىر قىلغان «بىبىخانىم قىسسىسى»ناملىق ئۆزبېكچە كىتاپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
2011-يىل 13-يانۋار


http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيارغا سالاملار بولسۇن!

  قېنى سەن، ئاۋۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنى بېرىۋەتكىن، ئادىشىم!؟

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1014
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 21:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر ماقالە ( ماقالە ھەققىدە تېخمۇ ئىنىقراق سۆز قىلىشقا ئالدىراپ قالدىم ، ناۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىر تېما ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈدۈم ، داۋامىنى كۆرۈشكە پۇرسەتمۇ بولۇپ قالار ) ، ياخشى بىر ھېكايە .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  614
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 18:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            « مۇھاككىمەتۇل  لوغەتەيىن »نى    كۆرگەنلەر دەڭلار  شۇنداق مەزمۇن بارمۇ؟     نەۋائىغا   زورمۇزور  تېڭىلغان  ئىدىيىلەر  بىز  كىچىكلەرنى زەھەرلىمىسۇن ، نەۋائى  تەتقىقاتچىلىرى  بىر نىمە  دەڭلار ؟   نەۋائى  دەۋرىدىمۇ  «قوشتىل مائارىپى»،«قوشتىل سىياسىتى» بارمىدى؟ھۆسىيىن بايقارا  مەدرىسلىرىدە  شۇنداق سىياسەت  بىكىتكەنمىدى؟ ياكى نەۋائى  يولغا قويغانمىدى؟
  
     

تارىخنىڭ  چۆلىدە چىچەكلىسە قۇم،
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇ چۇقۇم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1267
تۆھپە : 0
توردا: 290
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 00:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى  نېمە  دېگەن، بىز نېمە دېدۇق؟
                              

(«ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» ناملىق   ماقالە  ھەققىدە ئويلىغانلىرىم)

                                                       ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات

             مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 2009 – يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان توختىنىڭ بۇ يىل 6- ئاينىڭ 11- كۈنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم، ماقالىدە ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاپتور بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.
         ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» دەپ قويۇلغان بولۇپ ماۋزۇدىكى «قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» دىققىتىمنى تارتتى. چۈنكى «قوش تىل مائارىپى» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. ئەجەبا ھازىر كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» ئاتالغۇسى بىلەن نەۋايىنىڭ  بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ نەۋايى ئىددىيەسىگە «قوش تىل مائارىپ» ئىبارىسى نەدىن كەلدى؟ ئەجەبا ئەلىشىر نەۋايىغا «قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» نى يۈكلەش ئارقىلىق ھازىر كەڭ يولغا قويۇلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» گە ئىدىيەۋىي ھەم تارىخ ئاساس ھازىرلىماقچىمۇ؟ دېگەن خىياللار بىلەن ماقالىگە كۆز يۈگۈرتتۈم.
           ماقالە «ئەلشىر نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسى توغرۇلۇق گەپ بولغان ئىكەن، كۆز ئالدىمىزغا بىرىنجى بولۇپ كېلىدىغىنى ئەلشىر نەۋائىينىڭ بۈيۈك ئەسىرى ‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن› (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) بولىدۇ» دېگەن بايانلار بىلەن باشلانغانىدى. «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» توغۇرلۇق گەپلەر قەيەردە بولۇندى؟ نەۋايى تەتقىقاتىغا قول ئۇرغان ئالىملارنىڭ قايسىسى «نەۋايىنىڭ قوش تىل ئىدىيەسى» توغرىلۇق گەپ قىلدى؟ نەۋايى توغرىسىدا يېزىلغان مۆتىۋەر ئەسەرلەردىن «مەكارىمۇل ئەخلاق»، «تەزكىرەتۇششۇئەرا»، «نەۋايى زامانداشلىرى خاتىرىسىدە»...قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ قايسى بىرىدە «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» ھەققىدە گەپلەر بار؟ مېنىڭ بىلىشىمچە نەۋايى ۋاپاتىدىن بىر نەچچە يىل ئاۋال يېزىلغان «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدە «قوش تىل مائارىپى» توغۇرلۇق ھېچقانداق بايان يوق. بار دېگەندىمۇ «ئىككى تىل» يەنى تۈركىي تىل (نوقۇل ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس) بىلەن پارس تىلى ھەققىدە گەپلەر بار. ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى تىلنىڭ ئوقۇتۇش ياكى مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ھېچنىمە يوق.  شۇنداقلا «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» نى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» نى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشمۇ ناتايىن ئىدى. كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ دېگەندىمۇ نەۋايى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن تۈركىي تىلنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەم پارس تىلىنىڭ تۈركىي تىلىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.  يەنە كېلىپ نەۋايىنىڭ كىتابىنىڭ ماۋزۇسىدىكى «ئىككى تىل» (قوش تىل) ئىبارىسىگە مەجبۇرىي ھالدا «مائارىپ» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، بۇنى «ئىدىيە» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىي زادى نېمە؟
           ماقالە ئاپتورى ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ « ‹مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› گىچە ناملىق ماقالىسىدىن:  « ‹مۇھاكەممەتۇل لۇغەتەيىن› دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر - تۈرۈك تىلىنىڭ شۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسياسنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونتىرول قىلۋاتقان پارس تىلىدىن ھىچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى» دېگەن بايانلارنى نەقىل كەلتۈرش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ۋە «ئەلشىر نەۋائىي ‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن› دە نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي، كونكېرت مىساللار ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ پاساھىتىنى، يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر - تۈرك شائىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇرماسلىقتەك غەيرى ئەھۋالنى قامچىلىغان» دەپ ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ بايانلىرىغا يانداشقان.
        لېكىن تۈركىي تىلنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن، «سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش» نى مەقسەت قىلغان، «ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر - تۈرك شائىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇرماسلىقتەك غەيرى ئەھۋالنى قامچىلىغان» ئەلىشىر نەۋايى نېمە ئۈچۈن ئانا تىلى بولغان ساپ تۈركىي تىلىدا ئەسەر يازمايدۇ؟ نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلماقچى بولغان ئالىملار نېمە ئۈچۈن نەچچە يىللاپ پارسچە ئۆگىنىشكە ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ؟ ياكى توم – توم پارسچە، ئەرەبچە لۇغەتلەرگە قارىماي تۇرۇپ نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلالمايدۇ؟ تۈركىي تىلىنى پارس تىلىدىن ئاجايىب ئۈستۈن بىلگەن نىزامىددىن مىر ئەلىشىر نېمە ئۈچۈن پارسچە تەخەللۇس قوللىنىدۇ  ھەم ئەسەرلىرىگىمۇ پارسچە ياكى ئەرەبچە ئىسىم قويىدۇ؟
          يەنە ماقالە ئاپتۇرى ماقالىسىنىڭ  بىرىنچى بۆلىكى بولغان «ئانا تىلنى قەدىرلەش جەھەتتىن» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا نەۋايىنىڭ مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدىن تۆۋەندىكى نەقىلنى كەلتۈرگەن:
          «...ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىئىيىتىمىگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئالەم نامايەن بولدى. مەن ئۇ يەردە، توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم. دۇرلىرى يولتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۈرلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم: ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈللىرىنىڭ تىكەنلىرى سان- ساناقسىز ئىدى. مەن <سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىدىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ. نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى بولسا، مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ > دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىيىتىم بۇ يەردىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىشىمگە يول قويمىدى : مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم. تالانتىم لەشكەر بولۇپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى. خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى. دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى. كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن بىھېساب خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنېمەتلەرگە ئىگە بولغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئېچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئىختىيارسىز چېچىلىشقا باشلىدى”. (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 28-، 29-، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
          ماقالە ئاپتورى بۇ نەقىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇنداق يازىدۇ: «نەۋائىينىڭ ئەينى دەۋىردىكى پارىسچە، ئەرەپچە ئەسەر يازىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ ئانا تىل بىلەن بۈيۈك ئەسەر يېزىشتەك مۈشكۈل ئىشنى نىشان قىلىپ تاللىغان ئويلىرىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» دىكى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس».
          ئەپسۇسكى ئەلىشىر نەۋايى ئۆز ئانا تىلى بولغان تۈركىي تىلنى ماختىغان بۇ بايانلىرىنىڭ ئاپتۇر نەقىل كەلتۈرگەن بۇ بۆلىكىدە تۈركىي تىلىغا قارىغاندا پارس تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا نەۋايى ئانا تىلى بولغان تۈركىي تىلنى ماختاپ – ئۇچۇرۇپ يازغان بۇ بايانلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قارايدىغان بولساق، ئاساسەن پارسچە ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا تۈركىي تىلىنىڭ پاساھىتىنى شۇنچە تەرىپلىگەن نەۋايى نېمە ئۈچۈن  ئانا تىلىنى ماختىغاندا ساپ تۈركىي تىلىنى ئىشلەتمەي پارسچە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ؟ ئانا تىلىنى شۇنچە مېھرى بىلەن سۆيگەن نەۋايى نېمە ئۈچۈن ئانا تىلىنى پارسچە ئىبارىلەر بىلەن ماختايدۇ؟
          ماقالە مۇئەللىپى ماقالىسىنىڭ «دەۋىرگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە كۆپ تىل ئۈگۈنۈش زۆرۈرىيتى توغرىسىدا» دېگەن ئىكىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدىن باشلاپلا ئەرەبچە ھەم پارسچە تىللارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالىغىنىنى تارىخى بايانلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. خۇسۇسەن بۇ قاراشقا مەنمۇ قوشۇلىمەن.
              لېكىن ماقالە مۇئەللىپى «ئەلشىر نەۋائىيمۇ ھاياتىنىڭ 40-يىلىغىچە پارىسچە يازغان» دېگەننى نېمىگە ئاساسەن دېدى، مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. يەنە ماقالە مۇئەللىپى «ھەممىمىز بىلىمىز ئىچكىرى رايۇنلارنىڭ مەدەنىيەت، سانائەت جۈملىدىن ھەممە تەرەپلەردىكى تەرەققىياتى رايۇنىمىزغا قارىغاندا خېلىلا تېز. بۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. بىز شۇلار بىلەن تەڭ، ئورتاق ئىلگىرلەيمىز دەيدىكەنمىز شۇ تەرەققىيياتنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىلى بولمىش خەنزۇتىلىنى پىششىق، پۇختا ئىگەللىمەي بولمايدۇ. سودىگەرلەر سودىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، تەتقىقاتچىلار تەتقىقاتىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، سەنئەتچىللىرىمىز تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن....خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈش ۋە شۇ تىلدا خىزمەت قىلىش، ئىجاد قىلىش ئىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا يۇقاردا تىلغا ئالغان نەۋائىي دەۋرىنى ۋە شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىش مومكىن» دەپ يازغان بولۇپ،  ھازىرقى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە نەۋايى دەۋرىگە باغلاپ خۇلاسە چىقارغان. بۇ خۇلاسىدىن ماقالە مۇئەللىپىنىڭ «نەۋايى دەۋرىدىمۇ پارس تىلىنىڭ تەھلىكىسىدە قالغان يازارمەنلەر ئانا تىلى بولغان تۈركىي – ئۇيغۇر تىلىنى تاشلىۋەتمىگەن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ رۇھىدىن ئۈگىنىپ ئانا تىلىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا، ئىجادىيىتىمىزدە نەۋايى دەۋرىنى ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ رۇھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك»  دېگەن يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. لېكىن ماقالە مۇئەللىپى شۇنداق بىر نۇقتىغا دىققەت قىلمىغانكى، نەۋايى دەۋرىدە «تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردى» دەپ قارالغان ئەدىبلەردىن لۇتفىي، سەككاكىي، ئاتايى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە پارسچە سۆزلەر تۈركىيچە سۆزلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ رۇھىدىن ئۈگىنىشكە توغرا كەلسە بىزمۇ ئەسەرلىرىمىزگە تەڭ مىقداردا خەنزۇچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يېزىشىمىز كېرەكمۇ؟
              ماقالە مۇئەللىپى ماقالىسىنىڭ «بىر توپقا باشچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش توغرىسىدا» دېگەن ئۈچىنچى بۆلىكىدە «زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ، ئادىل، خەلقپەرۋەر پادىشاھى ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭمۇ پارىسچە ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىن ئوخشاش مەلۇماتلىق، ئىككىلا تىلدىن ئىجاد قىلىشقا تولۇق ئىمكانىيەتلىك بولسىمۇ باشقىلارغا تۈرتكە بولۇش، ئۈلگە تىكلەپ بېرىش يۈزىسىدىن ئۆز دىۋانىنى ئۇيغۇر تۈركچىسىدە تاماملىغانلىقىنى» نەۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدە تىلغا ئالغانلىقىنى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:
         «بۇ سۇلتانلار سۇلتانىنىڭ كارامەتلىك دىلى ۋە ئاپتاپ سۈپەت كۆڭلىنىڭ شۇنىڭغىمۇ مايىل ئىكەنلىكى روشەنكى، تۈرك شائىرلىرى ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل غۇنچىللىرىمۇ باھار شامىلىدەك نەپەس بىلەن ئېچىلسۇن. مۇشۇنداق ئىستەك، مۇشۇنداق غەمخورلۇق يۈزىسىدىن بىر قىسىم تېمىلار بويىنچە شېئىرلار يېزىلىشى توغرۇلۇق بۇيرۇقلارمۇ چىقىرىلدى ھەم ئۇلارنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا دائىر بەلگىمىلەر ۋە قانداق ئىپادىلىنىش توغرىسىدا تەلىملەرمۇ ئىزھار قىلىندى...» (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 51-بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
           لېكىن بىز كۆرگەن ھۈسەين بايقارانىڭ دىۋانىدىمۇ ئوخشاشلا پارسچە سۆزلەر ئاساسەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ۋەھالەنكى،ھۈسەين بايقارانىڭ پەرمانىدىكى« تۈرك شائىرلىرى ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن» دېگەن بۇيرۇق جۈملىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى، شۇنداقلا «تىل ئۇسلۇبىغا دائىر بەلگىمىلەر ۋە قانداق ئىپادىلىنىش توغرىسىدا تەلىملەر» نەۋايى پارس تىلىنى بولىشىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن تۈركىي تىل بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نەۋايىنىڭ تەشەببۇس قىلغىنىنى قانداقمۇ «تۈركىي تىلىدا يېزىش» دېگىلى بولسۇن.
         ماقالە ھەققىدىكى قوپال چۈشەنچىلىرىمنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. ماقالە مۇئەللىپىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، چۈشەنچەمدىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمگە قارىتا تۈزەتمە بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.



otluk ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 919
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 03:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائى ئۇستاز قوش تىللىق بولۇشنى تەكىتلىگەن دىسەكمۇ بۇنىڭ قوش تىل مائارىپى بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى؟  ئەجىبا شۇ دەۋىرلەرىمۇ قوش تىل مائارىپ ئەندىزىسى بارمىدى؟

كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1254
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگزات، كەچۇرىسىز ، مەكتىپىمىزنىڭ ئىنتىھان مەزگىلى سەۋەپلىك مۇنبەرگە كىرمىگىلى خېلى بوپتىكەن، يازغان تېمىڭىزنى تېخى يېقىندا كۆردۈم.
    سىزنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسۈتۈپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!
  سىز دېگەندەك «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ئاساسلىقى ئىككى تىل تۇغرۇلۇق سېلىشتۇرما مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن ئەسەر. مەن ئىدىيەمدە ئۇ دەۋىردىكى ئىككى تىل ۋەزىيتىنى ھازىرقى ئىككى تىل(قوش تىل) بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولۇپ سېلىشتۇرۇشقا ئەپلىك دەپ قاتمال ئويلىۋالغان بولسام كېرەك، قوش تىل = ئىككى تىل شەكلىدە خاتا پىكىر يۈرگۈزۈپ «نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسى....» شەكلىدە گەپ قىلىپ مېڭىپتىمەن. مائارىپ ئىددىيەسى دېگەن سۆزگە كەلسەك باشتىلا قاتماللاشقان پىكىر يولۇمغا ئۇ سۆزنىڭ ئارتۇقچە قېتىلىپ قالغىنىمۇ راست.
   ئۆزۈمنىڭ تېمامدىكى ئەجەللىك خاتالىغىمنى «نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسى...» شەكلىدە يېزىلغان ۋە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن قىسىمدا دەپ قارايمەن. لېكىن مەن بۇ ئارقىلىق قانداقتۇر قوش تىل سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى تارىخى نوقتىدىن ئىسپاتلىماقچى ياكى بۇ سىياسەتكەن يانتاياق بولماقچى ئەمەس. مەن ئىتىراپ قىلغان يۇقارقى نوقتىنى قويۇپ تۇرۇپ تېمامغا نەزەر سالسىڭىز مېنىڭ بىرىنجى، ئىككىنجى....شەكلىدە يۈرگۈزگەن  پىكىرلىرىمنى كۆرسىڭىز مېنىڭ ئەسلى قانداقتۇر بۈگۈنكى قوش تىل سىياسىتىنى نەۋائىيغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى ئەمەسلىگىمنى بىلىسىز.  بۇ خاتالىغىمدىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىراقسانلىغىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. چۈنكى، مەن بۇ تېمىنى پۈتتۈرۈپلا قايتا قاراپ چىقماي، مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلىشىشكە ئالدىراپ كېتىپ يوللىغىنىم راست. ماڭا  بۇندىن كىيىنكى ئىلمىي تەپەككۇر، ئىلمىي پوزتسىيە توغرۇلۇق بىر قېتىملىق دەرس بەردىڭىز ، رەھمەت!!!
  نەۋائىينىڭ ئۆمرىنىڭ دەسلەپكى قىرىق يىللىرىغىچە پارىسچە شېئىر يازغانلىقىغا ئىسپات تەلەپ قىپتىكەنسىز. سىزنىڭ ئايرىم تېمىڭىزنىڭ كەينىگە «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»نىڭ يەشمىسى يوللىنىپتۇ. ئۇنىڭدا ئېنىق شۇنداق يېزىغلىق.(تولۇق نوسقىسىلا بولسا)
   سىزنىڭ قالغان پىكىرلىرىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. لېكىن قالغان نوقتىدىنمۇ بىر-بىرلەپ ئىنچىكىلەپ كەتمىدىم. قالغان نوقتىدىن پىكىرلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن. لېكىن يەنىلا ئۆز پىكرىمنى ساقلاپ قالىمەن.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش