ئازاد سۇلتان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا قاتناشتى
6-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى( 2013-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان) ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىنىڭ دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا مەزكۇر ئىنستىتۇت فىلولوگىيە فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى يولداش كېرىمجان ئابدۇرېھىم رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا يەنە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى پىروفېسسور، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىلىرىدىن بۇلبۇل ئەكرەم، مۇھەممەتتۇرسۇن تۇردى، ئالىيە ئابدۇللا (دوكتور) قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 200نەپەرگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئوقۇش پۇتكۈزىدىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن ھۆرنىسا ئاۋۇت، بېلىقىز قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ «گۇننار ياررىڭنىڭ قەشقەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە ئۇنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشى ھەققىدە تەتقىقات»،« ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ‹فەرھاد-شېرىن› تېمىسى ئۈستىدە ھەمتېكىسىتلىك بويىچە تەتقىقات» قاتارلىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
تۆۋەندە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر:
يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
ماگىستىر ئاسپىرانتلار دىسسېرتاتسىيە ياقلىماقتا
ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئازاد مۇئەللىمگە گۈل تەقدىم قىلماقتا
ماگىستىر ئاسپىرانتلار خاتىرىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-11 16:00
|