كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 6

ئىلمىي ماقالىلىلەردە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ماقالە ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5230
تۆھپە : 10
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  

     ئىلمىي ماقالىلەردە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزىشتا

                       ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر

                                    ئەھەت ئەمەت

          (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر)

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالە ئاخىرىدىكى پايدىلانمىلار ئىلمىي ماقالىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئىلمىي ماقالىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا ۋە ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئىلمىي ماقالىلەردە، بولۇپمۇ ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەردە پايدىلانمىلاردىن توغرا پايدىلىنىش ۋە ماقالە تېكىستىدە ئۇلارنىڭ تەرتىپىگە توغرا بەلگە سېلىپ، ماقالە ئاخىرىدا شۇ تەرتىپ بويىچە ئۆلچەملىك خاتىرىلىنىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىلمىي ماقالە بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىشتا ئاپتور ۋە مۇھەررىرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. بۇ ماقالىدە، ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن چىقىپ، نۆۋەتتىكى ئىلمىي ماقالىلەردە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئۇلاردىن ساقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىلمىي ماقالە؛ پايدىلانما؛ ئىلمىي ژۇرنال


ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار مەلۇم ئىلمىي مەسىلە ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش دېگەندەك بىر قاتار ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى ياكى شۇ مەسىلە توغرىسىدىكى يېڭى قاراشلىرىنى ئىلمىي خاتىرىلەپ ۋە ياكى مەلۇم تەتقىقات ساھەسىدە ئېرىشىلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇھاكىمىسىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىش ئۈچۈن يېزىپ چىققان يازما ماتېرىياللار ئادەتتە ئىلمىي ماقالە دېيىلىدۇ.[1] ئۇنىڭدا بايان قىلىندىغىنى گەرچە ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بايان قىلىش ۋە دەلىللەش جەريانىدا شۇ ساھەدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلاردىن نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىشتىن مۇستەسنا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلارنىڭ ئۆلچەملىك خاتىرىلىنىش- خاتىرىلەنمەسلىكى، مەزمۇنىنىڭ توغرا بولۇش– بولماسلىقى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە ۋە ژۇرنالنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئاپتور ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا ئىلگىرى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن دەلىل سۈپىتىدە نەقىل ئالغان نۇقتىلاردا شۇ نەقىلنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنى كۆرسىتىش ھەمدە ئۇنى پايدىلانما [2] ۋە [3] دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە ماقالە ئاخىرىغا تەرتىپلىك، توغرا خاتىرىلەپ، ئۇنى ئىلمىي ماقالە بىلەن بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قىلىش مەيلى ئاپتورلار ياكى مۇھەررىرلەر بولسۇن سەل قارىسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى ژۇرناللىرىمىزدا پايدىلانمىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغان، پايدىلانمىلار بىلەن ماقالىنىڭ باغلىنىشىغا سەل قارايدىغان، نەتىجىدە، ماقالە بىلەن پايدىلانمىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلىدىغان، ماقالە ئاخىرىغا تىزىلغان پايدىلانمىلارنىڭ تىزىلىشىمۇ ئۆلچەمسىز، بىرلىككە كەلمىگەن، تولۇق بولمىغان، ھەتتا ھېچقانداق پايدىلانمىسى يوق ماقالىلارنىمۇ ئېلان قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنىڭدىن بىز نۆۋەتتىكى ژۇنالچىلىقىمىزدا، مەيلى ئاپتورلار قوشۇنى ياكى مۇھەررىرلەر قوشۇنى بولسۇن، پايدىلانمىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىدىكى رولى ھەققىدە تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالە يازغاندا پايدىلانمىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئىلمىي ماقالىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. بۇ ماقالىدە، ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن چىقىپ، نۆۋەتتىكى ئىلمىي ژۇرناللىرىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن:
1. ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىلارنىڭ مۇناسىۋىتى
ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئەڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى. ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ مەلۇم بىر تېما ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ شۇ تېما دائىرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە ئۇنىڭ كېڭەيتىلىشى دېيىشكە بولىدۇ.  ئاپتور ئادەتتە تەتقىقات تېمىسىنى تاللاش، ئىلگىرىكىلەرنىڭ شۇ تېما دائىرىسىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، شۇ تېما ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى دەلىللەش، تەتقىقات تېمىسىدا ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەتقىقات ئۇسۇلىنى بېكىتىش، ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزىنىڭ يېڭى قاراشلىرىنى تۇرغۇزۇش دېگەندەك بىر قاتار جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئوقۇيدۇ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ، ئاپتور ئاشۇ ماتېرىياللاردىكى مۇھاكىمە تېمىلىرى، ئىلمىي كۆزقاراشلار، ئۇقۇم، نەزەرىيەلەر، تەتقىقات ئۇسۇللىرى، نەتىجە، يەكۈن، پاكىت، سان–سېپىر قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە مەزمۇنىنى بېكىتىدۇ، ئاندىن شۇ يۆنىلىش بويىچە تەتقىقاتنى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلىتىپ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئاساسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا ئاپتور ئەگەر تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ شۇ تېما دائىرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىنى بىلمىسە، ئۇ ھالدا، ئۆز تەتقىقاتىنىڭ قايسى تەرەپلەردە قىممىتى بارلىقىغا بىرنېمە دېيەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتور ھەتتا باشقىلار ئاللىبۇرۇن تەتقىق قىلىپ بولغان مەسىلىلەرنى تەكرار تەتقىق قىلىشتىن خالىي بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن. دېمەك، مەلۇم بىر ساھەدىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ يېزىلىشى ئادەتتە ئىلگىرىكىلەرنىڭ شۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇ ساھەدە يەنە ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەر (بوشلۇق) قاتارلىقلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى ئىگىلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەرنىڭ شۇ تېما دائىرىسىدىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە يىغىپ، ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا تىلغا ئالغان ياكى ئاپتور ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن نەقىل ئالغان ماتېرىياللارنى ئادەتتە پايدىلانمىلار دەپ ئاتايمىز. ئاپتور بىر پارچە ماقالە يېزىشتا توپلىغان پايدىلانمىلارنى ئادەتتە ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، ئىلمىي ماقالە يازغاندا تىلغا ئېلىنىدىغان، نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىلىدىغان پايدىلانمىلار؛ يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرەر قېتىم كۆرۈپ چىققان، ئاپتورنىڭ ئىلمىي ماقالە يېزىشىغا مەلۇم جەھەتتە ئىلھام بەرگەن، ئاپتورنىڭ تەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتكەن، لېكىن ماقالە يازغاندا تىلغا ئېلىنمايدىغان، نەقىلمۇ ئېلىنمايدىغان پايدىلانمىلار. ئالدىنقىسى تىلغا ئېلىنىش ۋە نەقىل ئېلىنىش تەرتىپى بويىچە تېكىست ئىچىدە تەرتىپ نومۇرى سېلىنىپ، ماقالە ئاخىرىغا شۇ تەرتىپ بويىچە تىزىلىدۇ، بۇنى بىز شۇ ماقالىنىڭ پايدىلانمىلىرى دەپ ئاتايمىز، كېيىنكىسىنى بولسا، پايدىلانما دەپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ماقالە ئاخىرىغا تىزىشنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. [4,5] شۇڭا، مەلۇم بىر پارچە ئىلمىي ماقالىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتور شۇ تېمىدا ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن توپلاپ، ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا تىلغا ئالغان، ئۆز قاراشلىرىغا دەلىل كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەقىل ئالغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى شۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ پايدىلانمىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھەرخىل كىتابلار (دەرسلىك كىتابنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قورال كىتابلار (قوللانما، ئېنسىكلوپېدىيە، لۇغەت، ئاتلاس)، ژۇرناللار، گېزىتلەر، ھەرخىل پاتېنتلار، خەلقئارا ۋە دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىرى، ئىلمىي ئۇنۋان (ماگىستىر، دوكتور) ماقالىلىرى توپلىمى، بىر پۈتۈن ئەسەردىن ئايرىپ ئېلىنغان مۇستەقىل تېمىدىكى ماتېرىياللار، ئىلمىي دوكلاتلار، ئېلېكتىرونلۇق پايدىلانمىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[2,3] ئىلمىي ماقالە يازغاندا ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ماتېرىياللارنى، ئىچكى جەھەتتە ئالماشتۇرۇلىدىغان ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى، ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تاپشۇرۇلغان ماقالىلەرنى پايدىلانمىلار دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇنداق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى ئىزاھاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.[3]
ئاپتور ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا پايدىلانمىلاردىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتا تەپسىلىي بايان قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق قىلىشمۇ بىھاجەت. بۇنىڭدا پەقەت قاراتمىلىقى بولغان، ماقالىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق كۆرسەتسە ھەمدە ئۇنى پايدىلانما [2] دىكى بەلگىلىمە بويىچە ماقالە ئاخىرىغا تەرتىپلىك تىزسىلا كۇپايە. ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار شۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ھەمدە دەلىل سۈپىتىدە نەقىل ئېلىنغان ئىلمىي قاراشلارنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىر چاغدا، يەنە ئاپتورنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەخلاقى ۋە سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇڭا بىر پارچە مۇكەممەل ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئەستايىدىل، ئۆلچەملىك خاتىرىلەش كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ. پايدىلانمىسى يوق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ۋارىسلىق خاراكتېرىنى نەزەرگە ئالمىغان ماقالە، دەپ قاراش كېرەك. بۇنداق ماقالىلەر يەنە ئاپتورنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىستىلىدە مەسىلە بارلىقىنى ۋە ئىلمىي تەتقىقات پوزىتسىيەسىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق ماقالىنى مۇكەممەل ئىلمىي ماقالە دەپ قاراشقا بولمايدۇ .[6] شۇڭا ئىلمىي ماقالىلەر پايدىلانمىلاردىن ئايرىلالمايدۇ، پايدىلانمىلار ئىلمىي ماقالىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىدىكى مۇھىملىقىنى ھەتتا شۇ ماقالە بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ. پايدىلانمىسى يوق ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆچۈرۈلمە ماقالە دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇنداق ماقالىلەرنى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى پايدىلانمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
1) پايدىلانمىلار ئىلمىي ماقالە يېزىشتا تېما تاللاشنىڭ ئاساسى، ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
2) ئىلمىي ماقالىدە تىزىلغان پايدىلانمىلار شۇ ئىلمىي ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى بىر–بىرىدىن ئايرىشتىكى ئاساس.
3) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش؛ ئاپتورلارنى باشقىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆچۈرۈپتۇ، دېگەن گۇماندىن خالىي قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
4) ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملىك تىزىش ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
5) پايدىلانمىلار ئارقىلىق ئىلمىي ماقالە ئىگىلەيدىغان بەتنى ئىخچاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
6) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار ئوقۇرمەنلەرنى ماتېرىيال ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىلمىي ماقالىدە دەلىل كەلتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
7) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار شۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ.
8) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار ئىلمىي ماقالىنى ئوقۇپ تەكشۈرىدىغان تەھرىرلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمىي ئەسەرنىڭ سەۋىيەسى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىشىنى ئوبيېكتىپ ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؛ ماقالىنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ بېكىتىشتە مۇھەررىرلەرنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
9) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار ئاپتورنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان؛ ئىلمىي ماقالىنىڭ يېڭىلىقىنى، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تېيىز - چوڭقۇرلۇقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى.
10) ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار كونا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى بىر–بىرىگە ئۇلاشتا كۆۋرۈكلۈك ياكى ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق ئىلمىي ماقالە مۇناسىۋەتلىك پايدىلانمىلاردىن دەلىل كەلتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ، كەلتۈرۈلگەن ھەربىر دەلىل ئىلمىي ماقالىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆزقاراشلارنى چۈشىنىشلىك بايان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىر چاغدا، يەنە ئىلمىي ماقالىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر پارچە ماقالىنى بىر بۆلەك «تام»غا ئوخشاتساق، ئاشۇ تامنى قوپۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەربىر پارچە «خىش» شۇ ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلسا، ھەربىر پارچە خىش ئارىسىغا ئىشلىتىلگەن «لاي» ئاپتور ماقالە يېزىش جەريانىدا دەلىل سۈپىتىدە نەقىل ئالغان ئىلگىرىكىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر ئاشۇ تام لايسىز قوپۇرۇلسا ئۇنىڭ مەزمۇت بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا، ئىلمىي ماقالىدىكى پايدىلانمىلار ئىلمىي ماقالىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاپتورلار ئىلمىي ماقالە يازغاندا پايدىلانمىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلمىي ماقالە بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىش ناھايىتى مۇھىم.
2. ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان تىپىك مەسىلىلەر
نۆۋەتتە تەھرىر بۆلۈملىرىمىزگە كېلىۋاتقان ماقالىلەر ۋە ئىلمىي ژۇرناللىرىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرگە دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى — GB/T1-2006 ۋە CAJ – CD  B/T1-2006 دىكى بەلگىلىمىلەردىن چىقىپ قارايدىغان بولساق، ئىلمىي ماقالە بىلەن پايدىلانمىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. بۇ مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىپ چىقتىم:
1) ئىلمىي ماقالە يېزىش جەريانىدا تىلغا ئالغان، نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىلغان ماتېرىياللارنى تېكىست ئىچىدە پايدىلانمىلارنىڭ تەرتىپ نومۇرى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئىزاھاتلارنىڭ تەرتىپ نومۇرى بويىچە تەرتىپلەپ، ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا ئۇلارنى ئىزاھاتلار ئىچىگە كىرگۈزۈپ تىزىپ قويىدىغان، پايدىلانمىلار ئىچىدە كۆرسىتىلگەن ماتېرىياللار تېكىست ئىچىدە كۆرۈنمەيدىغان، نەتىجىدە ماقالىنىڭ قايسى يېرىدە قايسى پايدىلانمىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
2) ماقالە ئاخىرىدا كۆرسىتىلگەن پايدىلانمىلارنىڭ ماقالە تېكىستىدە تەرتىپ نومۇرى بولمىغاچقا، ئۇلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا تەرتىپىنى خالىغانچە بەلگىلەپ تىزىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
3) ماقالە ئاخىرىغا تىزىپ قويۇلغان پايدىلانمىلار بىلەن ماقالە بىر – بىرىگە باغلانمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
4) پايدىلانمىلار بىلەن ئىزاھاتنى ئايرىيالماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت (پايدىلانما بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى ئىزاھات ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت).
5) پايدىلانمىلار بىلەن ئىزاھاتلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا ئۇلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ تىزىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
6) پايدىلانمىلاردىن نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مەنبەسىنى كۆرسەتمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
7) پايدىلانمىلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا تىزىش شەكلى قېلىپلاشمىغان، بىرلىككە كەلمىگەن، پايدىلانمىلارنىڭ بەزى مۇھىم ئۇچۇر نۇقتىلىرىنى تاشلىۋېتىشىدىن، پايدىلانمىلارنىڭ ھەرقايسى ئۇچۇر نۇقتىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ بىرلىككە كەلمىگەن ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغاندىن باشقا، بەتتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، ماقالىدىكى بىر قىسىم پايدىلانمىلارنى قىسقارتىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس، ھەتتا ماقالىلەرنى پايدىلانمىسى يوق ھالەتتە ئېلان قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارنى ئاندا–ساندا ئۇچرىتىپ قالىمىز.
8) خەنزۇچە ۋە چەت ئەل يېزىقىدىكى پايدىلانمىلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا ئۇلارنى ئۆز يېزىقىدا تىزماي، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تىزىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
3. ئىلمىي ماقالىلەردە يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر
ئىلمىي ژۇرناللىرىمىزدا يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدە ھەرخىل سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب يەنىلا ئاپتور ۋە مۇھەررىردە. ئاپتورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب ئۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن:
1) ماقالە يېزىش جەريانىدا پايدىلانمىلاردىن كۆپرەك نەقىل ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىي قاراشلىرى ئاز بولۇپ قالغاندا، باشقىلارنىڭ، بۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمى ئانچە چوڭقۇر ئەمەسكەن، دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ، پايدىلانمىنى يازمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2) ماقالە ئەسلىدە كۆچۈرۈلگەن ياكى تەرجىمە قىلىنغان ماقالە بولۇپ قالسا، پايدىلانمىنى بەرسە چېنىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ماقالىنىڭ پايدىلانمىسىنى يوشۇرۇشى مۇمكىن.
3) بەزى ئاپتورلار پايدىلانمىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىدىكى رولىنى چۈشەنمەي، ئىلمىي ماقالىسىدە باشقا ماتېرىياللاردىن نەقىل ئېلىنغان بولسا، باشقىلارنىڭ «كۆچۈرۈۋاپتۇ» دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ مەنبەسىنى كۆرسەتمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4) بەزى ئاپتورلار نېمىنىڭ پايدىلانما، نېمىنىڭ ئىزاھات ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماسلىق سەۋەبلىك تېكىستتە نەقىل ئېلىپ پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ تەرتىپىنى پايدىلانمىلارنىڭ تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىمەي، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئىزاھات نومۇرى بىلەن تەرتىپلەپ، ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا ئۇلارنى ئىزاھاتلار قاتارىغا تىزىپ قويۇشى مۇمكىن؛ تېكىستتە قايسى ماتېرىيالدىن قانداق پايدىلانغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەي، ماقالە ئاخىرغا بىر قاتار پايدىلانمىلارنى تىزىپ قويسا، ئۇلارنىڭ شۇ ئىلمىي ماقالە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلىك، ماقالىسىنىڭ ئاسان ئېلان قىلىنىشىنى كۆزلەپلا ماقالە تېكىستى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بەزى ماتېرىياللارنى پايدىلانمىلار قاتارىغا تىزىپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.  
5) دۆلەتنىڭ ئىلمىي ماقالە يازغاندا پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى كۆرمەسلىك، كۆرگەن بولسىمۇ، پەرۋا قىلماسلىق، چۈشەنمەسلىك سەۋەبلىك، تېكىست ئىچىدە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن پايدىلانمىلارنى ماقالە ئاخىرىغا تىزغاندا تىزىش شەكلى قېلىپلاشماسلىق، بىرلىككە كەلمەسلىك، پايدىلانمىلارنىڭ بەزى مۇھىم ئۇچۇر نۇقتىلىرىنى تاشلىۋېتىش، پايدىلانمىلارنىڭ ھەر قايسى ئۇچۇر نۇقتىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنىش بەلگىلەرنىمۇ قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
مۇھەررىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭچە، كۆپ ساندىكى مۇھەررىرلەرنىڭ پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئىلمىي ماقالىدە توغرا بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە بەلگىلىك تەجرىبىسى بار، ئىلمىي ماقالىلەرنى تەھرىرلىگەندە، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپلەر بويىچە سېلىشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ. بىراق، بەزىدە، بولۇپمۇ ژۇرنالنىڭ نەشردىن چىقىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاندا ئىلمىي ماقالىلاردىكى پايدىلانمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە سېلىشتۇرمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يەنە بەزىدە بىپەرۋالىق قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئىپادىلىرى پايدىلانمىلارنىڭ ماقالە ئاخىرىدىكى تىزىلىشىنىڭ قېلىپلاشماسلىقى، بىرلىككە كەلمەسلىكى، بەتنى تىجەيمەن دەپ، ئاپتور بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا پايدىلانمىلارنى ماقالىدىن چىقىرىۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇنداق قىلغاندا، ماقالىنىڭ ئاساسىنى يوقىتىۋېتىپ، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ماقالىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
4. ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ماقالە ئاخىرىغا تىزىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1) ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلارنى تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىلىدىغان ماتېرىياللار چوقۇم ئەڭ يېڭى كۆزقاراشلار بولغان، زۆرۈر ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك.  ئىككىنچىدىن، تېكىست ئىچىدە پايدىلىنىلىپ، ماقالە ئاخىرىغا پايدىلانمىلار قاتارىغا تىزىلىدىغان ماتېرىياللار چوقۇم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى بولۇشى كېرەك. ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ماتېرىياللاردىن پايدىلانغاندا ئۇنى ئىزاھاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. [7] ئۈچىنچىدىن، نەقىل ئېلىپ پايدىلىنىلىدىغان ماتېرىياللار چوقۇم بىرىنچى قول (ئەسلىي) ماتېرىيال بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىرىنچى قول ماتېرىيالدا پايدىلىنىلىدىغان ئۇچۇر تولۇق ھەم ئىشەنچلىك بولىدۇ.
2) ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلارنى تىلغا ئالغاندا ياكى ئۇلاردىن نەقىل ئېلىپ پايدىلانغاندا، تېكىست ئىچىدە ئۇلارغا كۆرۈلۈش تەرتىپى بويىچە تەرتىپ نومۇرى سېلىپ، ئېلىنغان نەقىلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاشۇ تەرتىپ نومۇرى بويىچە كۆرسىتىپ، ماقالە ئاخىرىدا پايدىلانمىلار ئىچىدە يەنە ئاشۇ تەرتىپ بويىچە پايدىلانمىلارنى خاتىرىلەش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن ماقالە بىلەن پايدىلانمىلار بىر – بىرىگە باغلىنىپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ.
3) تېكىست ئىچىدە پايدىلانمىلارنىڭ تەرتىپىگە توغرا نومۇر سېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، تېكىست ئىچىدە پايدىلانمىلارغا ئىزاھات نومۇرى (①، ②، ③، ┉) بويىچە ئەمەس، پايدىلانمىلارنىڭ تەرتىپ نومۇرى ([1]، [2]، [3]،┉) بويىچە نومۇر سېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىر ئاپتورنىڭ بىر ماقالىسىدىن ياكى بىر كىتابىدىن بىر قانچە قېتىم پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، كېيىنكى قېتىملاردا بىرىنچى قېتىم كۆرۈلگەن چاغدىكى تەرتىپ نومۇرىنى ئىشلىتىپ بەلگە سېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا نەقىل ئالغان مەزمۇن بار بەتنىڭ بەت نومۇرىنى يېزىپ قويۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ماقالە ئاخىرىدىكى پايدىلانمىلارنىڭ تەرتىپى تېكىست ئىچىدىكى تەرتىپ بىلەن بىرگە ماس كېلىش كېرەك. تېكىست ئىچىدە بەلگە سېلىنمىغان ماتېرىياللارنى ماقالە ئاخىرىدىكى پايدىلانمىلار تىزىملىكىگە زورمۇزور كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. بۇنداق پايدىلانمىلارنى ماقالە بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق پايدىلانما دەپ قاراپ، ماقالىدىن چىقىرىۋېتىش لازىم.
4) پايدىلانمىلارنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆز يېزىقى بويىچە (پايدىلانمىلار قايسى يېزىقتا بولسا شۇ يېزىق بويىچە) تىزىش لازىم.
5) ماقالە ئاخىرىغا پايدىلانمىلارنى تىزىشتا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى (GB/T7714-2005 «ماقالە ئاخىرىغا پايدىلانمىلارنى تىزىش قائىدىسى») ئاساس قىلىنىدۇ. تۆۋەندە پايدىلىنىشنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئۆلچەمدىكى بىر قىسىم پايدىلانمىلارنىڭ تىزىلىش شەكلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:
(1) ئادەتتىكى كىتابلار (دەرسلىك كىتابنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ):
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتور. پايدىلانمىنىڭ تېمىسى [M]. پايدىلانمىنىڭ باشقا مەسئۇللىرى. نەشرى. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: نەقىل ئالغان بەتنىڭ نومۇرى.
(2) ئىلمىي ژۇرناللار:
[تەرتىپ نومۇرى] ماقالىنىڭ ئاپتورى. ماقالىنىڭ تېمىسى [J]. ژۇرنالنىڭ ئىسمى، يىل، جىلد سانى(يىل ئىچىدىكى سانى): نەقىل ئالغان بەتنىڭ بەت نومۇرى.
(3) گېزىتلەر:
[تەرتىپ نومۇرى] ماقالىنىڭ ئاپتورى. ماقالىنىڭ تېمىسى [N]. گېزىت نامى، گېزىت نەشردىن چىققان يىل – ئاي – كۈن (نەشر قېتىمى).
(4) قورال كىتابلار (قوللانما، ئېنسىكلوپېدىيە، لۇغەت، ئاتلاس):
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتورلار. قورال كىتابنىڭ نامى [K]. پايدىلانمىنىڭ باشقا مەسئۇللىرى. نەشرى. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: نەقىل ئالغان بەتنىڭ نومۇرى.
(5) مەجمۇئە:
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتور. مەجمۇئە نامى [G]. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: نەقىل ئالغان بەتنىڭ نومۇرى.
(6) دوكلات (پەن تەتقىقات دوكلاتى، ئىلمىي دوكلات، تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار):
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتور. دوكلاتنىڭ تېمىسى [R]. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى.
(7) يىغىن ماقالىلىرى:
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتور. پايدىلانمىنىڭ تېمىسى [C]. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: نەقىل ئالغان بەتنىڭ نومۇرى.
(8) ئۇنۋان ماقالىسى:
[تەرتىپ نومۇرى] ئاپتور. پايدىلانمىنىڭ تېمىسى [D]: [ماگىستىر (دوكتور) ئىلمىي ماقالىسى]. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: نەقىل ئالغان بەتنىڭ نومۇرى.
(9) بىر پۈتۈن ئەسەردىن (ماقالىلەر توپلىمىدىن) ئايرىپ ئېلىنغان ماقالىلەر:
[تەرتىپ نومۇرى] ئايرىپ ئېلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى. ئايرىپ ئېلىنغان ماقالىنىڭ تېمىسى \\ ئەسلىي پايدىلانمىنىڭ نامى[[C. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى: ئايرىپ ئېلىنغان ماقالىنىڭ ئەسلىي پايدىلانمىدىكى بەت نومۇرى.
(10) ئۆلچەم (خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئۆلچىمى، قانۇن-تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ):
[تەرتىپ نومۇرى] ئۆلچەم نومۇرى، ئۆلچەمنىڭ نامى [S].
(11) ئېلېكتىرونلۇق پايدىلانمىلار: (سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى، كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئېلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
[تەرتىپ نومۇرى] ئاساسلىق مەسئۇل بولغۇچى (ئاپتور). ماقالىنىڭ تېمىسى [پايدىلانمىنىڭ تىپ بەلگىسى]. نەشردىن چىققان جاي: نەشرىياتنىڭ نامى، نەشر يىلى (يېڭىلانغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىت): [نەقىل ئالغان يىل – ئاي - كۈن]. شۇ پايدىلانمىغا ئېرىشكەن تور ئادرېسى.
ئەسكەرتىش: ئېلېكتىرونلۇق پايدىلانمىلارنىڭ تىپ بەلگىسىدە سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى DB، كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى CP، ئېلېكتىرونلۇق ئېلان EB بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىلمىي ژۇرناللىرىمىزدىكى ماقالىلەردە پايدىلانمىلار بىلەن ماقالىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ھەرخىل مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلىشىدە ئاپتورلار ۋە مۇھەررىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىدە پايدىلانمىلاردىن پايدىلىنىش ۋە پايدىلانمىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىدە خاتىرىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ژۇرناللارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر پارچە ماقالىدىكى پايدىلانمىلارنىڭ تىزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھەررىر ۋە ئاپتورنىڭ ئورتاق ئىشى.
پايدىلانمىلار:
[1]吴重龙,白来勤.编辑工作手册[K].北京:华艺出版社,2006:364.
[2]GB/T7714-2005,《文后参考文献著录规则》[S].
[3]CAJ-CD B/T 1-2006,《中国学术期刊(光盘版)检索与评价数据规范》[S].
[4]蒋鸿标.浅谈参考文献与引用文献之区别[J].科技文献信息管理,2005,4: 60~61.
[5]蔡秀清,格朗,迭目阳藏.试析参考文献的规范化与论文质量的关系[J].西藏大学学报,2007,22(3):111.
[6]高鲁山等.论科技期刊论文的参考文献[J].编辑学报,1992,4(3):166-170.
[7]陈浩元.著录文后参考文献的规则及注意事项[J].同济大学学报(医学版),2005,26(6):103.
[8]张职玉.注释、参考文献著录中若干规范问题再探[J].吉林大学社会科学学报,2006,46(6):140-147.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن



             论学术论文中引用参考文献及其注明上存在的问题     



                                      艾海提•艾麦提

摘  要:参考文献是学术论文必不可少的重要组成部分,并直接影响到学术论文质量的好坏及学术期刊水平的高低。发表在学术期刊上的学术论文正确引用并在正文中正确标注出引用文献的序号是非常重要的。从学术论文与参考文献的关系角度,针对目前学术期刊上的学术论文引用参考文献及其文后注明中存在的一些问题进行阐述,并提出相应对策。
关键词:学术论文;学术期刊;参考文献



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 11:18  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2419
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:53:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي ئۇستاز!  

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1841
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5295
تۆھپە : 10
توردا: 380
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 23:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق سەرخىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1715
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 00:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن،ساقلىۋالدىم،رەھمەت.ئالدىرىماي تولۇق بىر كۆرۈپ چىقاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1361
تۆھپە : 4
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-18

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 03:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي ماقالە يازغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بىر دەرىسلىك بوپتۇ. بۇ يازمىنى يوللاپ بەرگەن ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئۇستازنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5230
تۆھپە : 10
توردا: 507
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 19:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       بىزگە ماقالە ئەۋەتىدىغان ئاپتورلار مۇشۇ ماقالىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلسا، ئۆرنەك ئالسا بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-11 20:15  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 25
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 11:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ژۇرنالىست ئەھەت ئەمەتنىڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بۇ  ئىلمىي ماقالىسىدىن سۆيۈندۈم.

مائارىپچىلار مۇنبىرىنى قوللاپ قويۇڭ. http://www.maaripqilar.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش