ئەسلەش
(نەسىر)
ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى….
سۆيگۈنىڭ گىرۋەكلىرىگە ئەگەشكەن بۇژغۇن كەبى ئاجىز ئېقىنلارنى، خۇددى كۈزنىڭ سېرىق ئاپتاپلىرىدەك مەيۈسلۈكنى، تەنھالىقنى ئەسلىتىدىغان كەڭ كەتكەن دەرەخزارلىقنى، قوياشتىن بالقىپ چۈشكەن تەننى قورۇغۇچى سوغۇق نۇردەك، سېرىق خازانلارنى ئېقىتىپ بارغان كۈز سۇلىرىدەك غەمكىن سۆيۈشۈشنىڭ ئوتلۇق تەمىنى، لەۋلەر جۈپلەشكەندە تەنلەردىن كېلىدىغان كۆيدۈرگۈچ ھارارەتنى ئۇنتۇدى.
قۇشقاچلار ۋىچىرلىشىپ، بەرگىلىرى تۆكۈلگەن گۈللەر يىغلىشىپ ھاياتلىقنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ زېمىن خۇددى ماتەم مۇراسىمىدىكى ھازىداردەك مەيۈس، مىسكىن ھالدا يېشىنى تۆكمەكتە.
كۈز... ئۇ مەئىشەتنىڭ چاپقۇنلىرىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ئۆمرىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. كۈز... كىشىلەرگە يېگانىلىقنى يار قىلىدۇ. كۈز رەڭلىك ئەسلىمىلەر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىلغايدۇ. قاتارلىشىپ تۇرغان چىنار دەرەخلىرىنىڭ قوۋزاقلىرىدىن ئادەملەر شۇنداق بىر ھەقىقەتنى تېرىۋالىدۇكى، ئۇ يىللارنىڭ رەھىمسىز قىستاشلىرىنى، شاماللارنىڭ رەھىمسىزلەرچە قىيناشلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
سۆيۈشكەن لەۋلەرنىڭ ئىزى چۈشكەن سېرىق غازاڭلار، كۈز كېچىسىدىكى سوغۇق كارىۋات، تەنلىرى قورۇلغان يالىڭاچ ئايالنىڭ سۈرئىتى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كەچمىش، ھەئە بۇلار كۈز ئايلىرىدا يۈرەكلەرنى يىغلىتىپ بېرىۋاتقان سوغۇق ئەسلىمە.
مانا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى. كەچمىشلەرگە يېيىلغان قەترە-قەترە سۆيگۈ ئىزنالىرىنى ئۇنتۇدى.
كۈز... مەن دائىم ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىدىغان كۈز...
كۈز... ئۇ كۈلىۋاتقان، ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا قاقاقلاپ كۈلىۋاتقان كۈز...
ئۇ كۈز ئاخشىمدىكى رېئاللىقنىڭ قېلىن ئەدىيېلىغا ئورالغان قۇچاقلاشلارنى، كۈزنىڭ تېڭىرقاق چاغلىرىدىكى ئوتلۇق سۆيۈشۈشلەرنى ئۇنتۇدى. سۆيگۈمىزنى كۈلرەڭ ھاياتلىقنىڭ يالىڭاچ ئازابىغا باشلاپ قويۇپ، ئېچىرقىغان سۆيگۈ گۈلىمىزنى توزىتىۋەتتى...
ئۇ ئۇنتۇدى، ھەئە، ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇدى...
ئەسلەش
ئاپتۇرى _____ ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان
مىكرافۇن ئالدىدا _____ مەمەتئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر