كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 0

يۇسۇپجان بارات جەۋھىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 967
تۆھپە : 3
توردا: 607
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 17:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QQ图片20130206173549.jpg

  يۇسۇپجان بارات جەۋھىرى1965-يىلى 4ـ ئايدايەكەن ناھسىنىڭ قوشراپ يىزىسىدا دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .

1985-يىلى قەشقەر مالىيە-سودا مەكتىۋىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپنى پۇتتۇرۇپ يەكەن دەريا باشقارمىسىنىڭ كاچۇڭ سۇـ تۇگۇن باشقۇرۇش پۇنكىتىغا  تەخسم قىلىنغان.ھازىر يەكەن دەريا باشقارمىسىنڭ شەرقى ئۆستەڭ باشقۇرۇش پونكتىدا(پوسكام نېفىت بازىسىدا تۇرۇشلۇق) مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى بۇلۇپ ئشلەپ كىلېۋاتىدۇ .

يۇسۇپجان بارات (جەۋھىرى) تۇلۇقسزئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەدىبى ئىجادىيەتكە قىىزغىن ئىشتىياق باغلاپ شېئر يىزىشقا كىرشكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ شىېئرلىرى1985-يىلىدىن باشلاپقەشقەر گىزىتى››شىنجاڭ گىزىتى››‹‹ئىشچىلار ۋاقىت   گىزىتى‹‹شىنجاڭ ئىختىزاد گىزىتى›› ‹‹خەلق ئارمىيسى گىزىتى››‹‹شىنجاڭ مىنبىڭلىرى گىزىتى››‹‹تۇرپان گىزىتى››‹‹قەشقەر ئەدبىياتى› (ھازىرقى ‹‹قەشقەر ››ژورنىلى) ‹‹يىڭى قاشتېشى›› ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ‹‹‹‹تارىم ››ژورنىلى ‹‹شنجاڭ ياشلىرى› ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››‹‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى››‹‹شىنجاڭ  مائارىپى›› ‹‹مايبۇلاق ›› قاتارلىق  گېىزىت –ژورناللاردا   300 پارچىدىن  ئارتۇق   شېئىر ۋە 50 پارچىدىن  ئارتۇق  نەسىرلىرى  ئىلان قىلىنغان.

ئۇنىڭ ‹‹قەلبىم ياپرىقىدىكى سۈزۈك شەبنەملەر››‹‹مەن مىسالى  كۆكتىكى قوياش››‹‹ تاڭ قوينىدىن ئىزلەيمەن ۋىسال››‹‹كۆيۈك ئارمان ››‹‹ يىپەك يولىدا  ئۇنتۇلغان چۈشلەر››قاتارلىق بىر قىسىم شېئىر –نەسىرلىرى  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا  ئىرىشكەن.

‹‹ قەدىرلەيلى ئاش-ناننى...›› تاپتىم بۈگۈن چىقىش يولىنى...›› ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ۋە ‹‹زەرەپشان چەشمىلىرى›› ناملىق  چاتما نەسرى  ئايرىم –ئايرىم ھالدا  سابىق‹‹يەكەن گىزىتى›› تەرىپىدىن 1-2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ،‹‹تاغ ناخشىلىرى›› ناملىق چاتما شېئىرى  1993-يىلى  ‹‹قەشقەر گىزىتى›› ئۇيۇشتۇرغان  ‹‹تەبىئەت بەرگەن تۇيغۇلار ›› ناملىق  شېئىرىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  ئىرىشكەن.

بىر قىسىم شېئىر- باللادىلىرى ‹‹ۋەتەن باھارى››  ‹‹زەرەپشان سۆيگۈسى ››‹‹قەشقەردە توي›› ‹‹زەرەپشان گۈلزارى››  قاتارلىق كوللىكتىپ  توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.

بىر قىسىم رۇبائىلىرى  قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى  تەرىپىدىن 1998-يىلى نەشىر قىلىنغان  ‹‹رۇبائىلىق  كالىندار›› ناملىق  كوللىكتىپ  توپلامغا، ۋە 1999-يىلى  قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى  تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تاللانغان رۇبائىلار›› ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا  كىرگۈزۈلگەن.

‹‹كاككۇك گۈلى›› ناملىق  باللادىسى   2005-يىلى  14-نۆۋەتلىك‹‹شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات  مۇكاپاتى››غا ئىرىشكەن.

يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى  ھازىر  يەكەن ناھىيلىك   ئەدەبىيات  -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ،قەشقەر ۋىلايەتلىك  ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ،ۋە ئاپتونۇم رايۈنلۇق خەلق ئىغىز  ئەدەبىياتى  جەمىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.  


ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش