كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 0

ئەركىن سابىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 13:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

arkin-2.jpg


ئەركىن سابىر 1953- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى غۇلجا شەھىرى دادامتۇ يېزىسى نوغايتۇ كەنتىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ، داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىگەنلىكتىن، يېزىدا قېلىپ، ئون نەچچە يىل دېھقان بولغان.1977- يىلى ئىمتىھان تۈزۈمى قايتا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، سابىق « ئۈرۈمچى كۆمۈركان مەكتىبى» گە ئۇقۇشقا ئۆتۈپ، كۆمۈر قېزىش كەسپىنى ئۆگەنگەن ۋە 1981- يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ كۆمۈر كېنىغا تەقسىم قىلىنىپ، كاندا تېخنىك، تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1992- يىلى «شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» گە يۆتكىلىپ مۇخبىر، مۇھەررىر بولغان ۋە 2004- يىلى 10- ئايدا پېنسىيىگە چىققان.
ئەركىن سابىرنىڭ ئەدەبي ئىجادىيەت ھاياتى1983-يىلى « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان « ئەگىز سۈيى » ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن « ۋەتىنىم»، « جەننەتكە تۇتاشقان يول» « ئاشۇ يىللاردا»قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ «سۇلايمان لايغەزەل»،        « قوشنامنى ئىزدەيدىغانلار »، « بوۋاي ۋە جاڭگال»، «يەكپاي ئاياغلار»«كونا تۈگمەن»، « ھاشىر بەڭگە»، «تېپىشقانلار »، «تەكشۈرۈش »، « غەيۋەت» ، «شەھەر چۈشى»  قاتارلىق 200 پارچىگە يېقىن چوڭ- كىچىك ھېكايە ۋە «قاراڭغۇلۇقتىكى دەقىقىلەر »، « تەقدىر »، «قاچقۇنلۇقتا»«ئادەم ۋە شەيتان»،«قىزىل ساندۇق» قاتارلۈق پوۋېستلارنى يېزىپ، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئىلى دەرياسى»، « مايبۇلاق»« شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» قاتارلىق ژورناللىرىدا، شۇنداقلا «شىنجاڭ گېزىتى »، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە 2000- يىلىدىن ھازىرغىچە «قارا ئېقىن»، « كۈنلەر غەنىيمەت » ۋە «ئاخىرقى مەكتۈپ» ناملىق رومانلارنى يېزىپ، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»، « شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرغان.
ئەركىن سابىر ئەدەبىي تەرجىمىگىمۇ بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ،جۇڭگۇ ۋە چەت ئەلنىڭ بىر قىسىم چوڭ-كىچىك نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ،«دۇنيا ئەدەبياتى»، « ئەدەبىي تەرجىمىلەر» قاتارلىق ژورناللار ۋە گېزىتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ 100 پارچىدىن ئاشىدۇ.
ئۇنىڭ « ئۆرنەك» ناملىق شېئىرى ۋە « تىنچ يەكشەنبە» قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «بوۋاي ۋە جاڭگال» قاتارلىق ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. « بوۋاي ۋە جاڭگال» ھېكايىسى « مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە 50 يىللىق تاللانغان ھېكايىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئەركىن سابىر ھازىر  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش