تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 19:16
بىر ئادەم جاپا -مۇشاقەت چىكىپ بىر ئېغىز ئۆي سالسا، ئۆين ...
گىپىمنى چۈشىنىپ ئىنكاس يازماپسىز تاشيولچى ئەپەندى.
مەن ئۇ گەپنى ئۈستىدىكى ماختاش سادالىرىغا قارىتىپ دېگەنىدىم، سىز نىمىگە ئۇنى مەمتىمىن ھوشۇرغا چېتىۋالىسىز؟
سىلەر قانداق بىلمىدىم، ئەمما مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، ئادەمنى بۇرۇنقىدەك ھاياجانغا سالىدىغان ئەسەرلەرنى يازسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن. « قۇم باسقان شەھەر»نى يازغاندا بىرەرسىنىڭ تەنقىد ساداسىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ سالچىلارنىڭ ئۆزىدە سىز دېگەندەك «بەزىبىر كەمتۇك جايلىرى»لا ئەمەس، خېلىلا كەمتۈك جايلىرى بار ئەسەر(مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قەلىمىگە نىسبەتەن). مەمتىمىن ھوشۇر يازغانىكەن دەپلا ماختىساق بولامتى، مەمتىمىن ھوشۇرغا ئادەتتىكى يازغۇچىغا قويۇلغان تەلەپنى قويساق توغرا بولمايدىغاندۇ؟ «كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى» بولغاندىكىن خەلققە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئەمگەكنى سۇنۇشى كېرەك، بىزمۇ مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىدىن زور ئۈمىد كۈتىمىز، شۇڭلاشقا تەلىپىمىزمۇ شۇنىڭغا لايىق قاتتىقراق بولىدۇدە...
يەنە بىر گەپ بۇ يەردە يارىتىش-ياراتماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، بۇنداق ئاھانەتلىك گەپلەرنى يېزىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى ئەسلىدە. ياراتقانلىقىم ئۈچۈن تولۇق ئوقۇپ چىققانىدىم، ئەمما، ئەپسۇس ئەسەر مەن كۈتكەندەك چىقمىدى...