كۆرۈش: 855|ئىنكاس: 14

« سالچىلار» رۇمانى توغرىسىدا (ئابدۇغېنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  599
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 00:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                    « سالچىلار» رۇمانى توغرىسىدا


                                                        ئابدۇغېنى تۇر
              
 «ساراڭ»، « بۇرۇت ماجىراسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، « ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق بىرقاتار چاتما ھېكايىلىرى ۋە «قۇم باسقان شەھەر» نامىلىق رۇمانى بىلەن ئويغۇر پىروزچىلىقىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى، بايان قىلىش ئۇسۇلى، ئىستىتىك قاتلىمى ۋە مەنە قاتلىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئېرىشىپ كەڭ ئاممىۋى ئاساس ياراتقان، ئويغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىجادىيەت تەجىرىبىلىرنىڭ يەكۈنى، 3-4 يىللىق ئەمىلىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە رۇياپقا چىققان « سالچىلار» رۇمانى 2012- يىلى يىل ئاخىرىدا كەڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەچچە يىلدىن بىرىقى تەقەززالىق كۈتۈشلىرىگە جاۋابەن داغىدۇغلۇق ھالدا بازارغا سېلىندى ۋە ناھايىتى بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەدىبىي تەنقىدچىلەر ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ، تور ۋە مەتبۇئاتلاردا بۇ رۇمانغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى ئوبزورلار ئېلان قىلندى. مەنمۇ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەزكۈر رۇماننى ئوقۇپ چىقتىم، ھەمدە ئوقۇرمەنگە خاس ھىسسىي تۇيغۇلىرىم ئاساسىدا تۆۋەندىكى  ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.  
 «سالچىلار» رۇمانى ئىلىدىكى سالچىلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان رۇمان. « سالچىلىق- قەدىمدىن بۇيان دەريا- ئېقىنلاردا ياغاچ ماتىرىياللىرىنى سال قىلىپ ئېقىتىپ تۆۋەنكى ئېقىنغا توشۇيدىغان خەتەرلىك كەسپ بولۇپ، قاتناش ئەسلىھەرلىرى ئانچە تەرەققى قىلمىغان ئەينى دەۋردە شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش كەسپىدە ئاساسىي تەمىنلەش رولىنى ئۆتەپ رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھازىر سالچىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئۆتمۈشكە، ئەسلىمىگە ئايلاندى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى ئەسىردىكى ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن يوچۇن نەرسە بولۇپ قالدى.» مانا بۇ ئەسەر ئۇنتۇلۇپ كىتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇنداق بىر مۇھىم كەسىپنى ۋە تارىخنى كىشىلەرنىڭ ئىسىگە سالغان بولۇپ، سالچىلارغا ئاتاپ يېزىلغان ئىسىل يازما ئابىدە ۋە بىردىنبىر تارىخىي خاراكتىرلىك يىرىك ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.
 كىتابنىڭ باش قىسمىغا بىرىلگەن پىشقەدەم رەھبىرىمىز ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ بېغىشلىمىسى ۋە ئاپتۇر تەرىپىدىن كىرىش سۆز ئورنىدا بىرىلگەن مۇقەددىمە ۋە تىكىستتىكى تەپسىلاتلاردىن ئاپتۇرنىڭ بۇ رۇماننى يېزىپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقت، قانچىلىك قان- تەر، قانچىلىك ئەمگەك سەرپ قىلغانلىقىنى، قانچىلىك جاپالارنى چىكىپ تۇرمۇش ئۈگەنگەنلىكى ۋە ئىزدەنگەنلىكىنى، بەدىئىي چىنلىققا ۋە تۇرمۇش چىنلىقىغا قايسى دەرىجىدە سادىقلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەسەر يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ناھايىتى مۇھىم بىر تارىخىي ۋەزىپىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغان چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ۋە تەتقىق قىلىشنمىزغا ئەرزىيدۇ. مەزكۈر رۇماننى ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت بالاغىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
 ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇرمەننى تەبىئىيلا ۋەقەلىك ئىچىدىكى پىرسۇناژغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئوقۇغان كىشى باشتىن ئاخىر پىرسۇناژلارنىڭ پائالىيىتىگە ئەگىشىپ، گاھىدا كۈلۈمسىرىسە، گاھىدا قاپىقى تۇرۇلۇپ، گاھ جىددىيلەشسە، گاھ راھەتلىنىپ، ۋەقەلىك ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ كىتىدۇ. يازغۇچى ئەسەردە باشتىن- ئاخىر بىرخىل بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇشتەك بىر تەرەپلىمە كونا ئەندىزىدىن ھالقىپ چىقىپ، بىرىنچى شەخس بىلەن ئۈچىنچى شەخس كىرىشتۈرمە بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چەكلىك بايان مەۋقەسى بىلەن گۇۋاھچى بايان مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆپۈنچە تەپسىلاتلار پىرسۇناژلار تەرىپىدىن ئۈستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. پىرسۇناژلار بىلمىگەننى بايانچىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ خىل بايان ئۇسۇلى ئارقلىق ئاپتۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋەقەلىككە ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانى، تەسەۋۇرىنى غىدىقلاپ، تەقەززا قىلىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ ۋە يۈكسەك ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاپتۇر ناھايىتى ئۈستىلىق بىلەن ئوقۇرمەننىڭ خىياللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، بايانچى سۈپىتىدە ئىزاھاتلارنى قىستۇرۇپ، پىرسۇناژلارنىڭ رۇھى دۇنياسىنى يۇرۇتۇپ، ئەسەرنىڭ سىرلىقلىقى بىلەن ئىستىتىكىلىقىنى زىچ بىرلەشتۈرىدۇ. ئەسەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەقەلىكلەر قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق، تاسادىپىيلىققا باي بولۇپ، ئوقۇرمەننى تەبىئىيلا ۋەقەلىك قوينىغا سۆرەپ كىرىپ، كەيپىيات ئۆزگىرىشى ياساپ، ئادەمنى خۇددىي ئاشۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك، ئاشۇ پائالىيەتكە بىۋاستە قاتنىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىسە، يەرلىك تۈسكە تويۇنغان، ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ھەربىر پىرسۇناژنىڭ سالاھىيەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىككە ماس بولغان سۆز- ئىبارىلەر ئاپتۇرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆرسىپ بىرىش بىلەن بىرگە، كىشىگە چۇڭقۇر مۇھاببەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. ئوبراز يارىتىش جەھەتتە، ئاپتۇر ئەسەرلەردىكى ھەربىر پىرسۇناژغا ھەقىقىي رېئال ئادەمگە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتقان بۇلۇپ، ئادەم پىسخىكىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلغان، پىرسۇناژلارغا ھەرگىزمۇ ئالدىن « ئىجابىي»، « سەلبىي» نامىلىق قالپاقلارنى كەيدۈرىۋالمىغان، ئۇلارنى ئالدىن لاھىيەلىۋالغان ھەرىكەت پىلانى بويىچە مەشخۇلات قىلىشقا مەجبۇلىماستىن، بەلكى ئۆزى ئۇلارنىڭ تەبىئىي پائالىيەت يۈنىلىشىگە ئەگىشىپ قەلەم تەۋرەتكەن. پىرسۇناژلار مەيلى قانداق ئادەم بولۇپ، قانداق ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارغا ئۆز يېقىنلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك سەمىمىي، توغرا مۇئامىلىدە بولغان، ھەرگىزمۇ بىرىگە ئامراقلىق قىلىپ، يەنە بىرىگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان ئىشنى قىلمىغان. شۇڭا بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا، ھەر قانداق ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆزىگە لايىق بەدىئىي زوققا ۋە تەسەللىگە ئىرىشەلەيدۇ. پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە پىسخىكىسىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. مەسىلەن، ھۆسەن بايۋەتچىنىڭ دەسلەپكى قىلىقلىرىدىن بىز ئەركە بايۋەچچىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىغا، ئۇنىڭ قىمارغا بولغان تەلپۈنىشى، قىمار سورىنىدىكى ھىسسىيات ئۆزگىرىشى، ئۇتىۋېلىش ۋە ئۇتىۋالغاندىن كىېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈگىمەس خىياللىرى، ئۇتتۇرغانسىرى قىماردىن مىھرىنى ئۈزەلمەسلىكى قاتارلىق پىسىخىك ئامىللىرىدىن ھەقىقىي قىمارۋازنىڭ ئوبرازىغا ئىرىشەلەيمىز. ئوسمان ئۇلاغچىنىڭ ئېشىكى يۈتۈپ كەتكەندە، ئۇلار ھەممىسى ھېلىقى ناتۇنۇش يولۇچى غاپپاردىن گۇمانلىنىدۇ، ئوقۇرمەنمۇ ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۇلارنىڭ گۇمانىنىڭ توغرلىقىنى تەققاسلايدۇ. كېيىنكى تەپسىلاتلاردىن ھېلىقى ئېشەكنى غاپپارنىڭ ئوغۇرلىمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندە بولسا،يۈزىمىز چىمىلدايدۇ. دېمەك، ئاپتۇر بۇ كېچىككىنە قىستۇرما ۋەقەلىك ئارقىلىق ئادەملەردىكى گۇمانخورلۇقتىن ئېبارەت ئورتاق كېسەللىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئوقۇرمەننىڭ پىرسۇناژلار بىلەن ئوخشاش خىيالدا بولىشى، ۋە ئاخىرىدا يۈزىنىڭ چىمىلدىشى ئەسەرنىڭ ئادەمنى جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.ئەلۋەتتە، تامچە سۇدىمۇ قوياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رۇماننىڭ بەدىئىيلىكى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىر- ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەرنىڭ مەزمۇن قاتلىمىمۇ كۆپ يۈنىلىشلىك، كەڭ دائىرلىك بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە كونكىرت ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
 ئالدى بىلەن « بۇ ئەسەرنى يېزىق شەكلىدىكى فولكلۇر مۇزىيى دېيىشكە بولىدۇ.»② بىر مىللەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر رايۇندىكى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى  مۇرەككەپلىككە، كەڭلىككە ۋە خىلمۇ- خىللىققا ئېگە بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ  ئىچىدە شۇ مىللەتنىڭ، شۇ رايۇندىكى خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئۆزىگە خاس خاراكتىرىنى  يۇرۇتۇپ بىرەلەيدىغان ماھىيەتلىك تەرەپلىرى بولىدۇ. ھازىرقى زامان تۇرمۇشى مەنبە قىلىنغان ئەسەرلەر ئۈچۈن ئۇنداق ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى بايقاش ۋە ئىپادىلەش ئانچە قىيىنغا چۈشمىسىمۇ، لېكىن بەلگىلىك بىر تارىخىي جەرياننى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان ئەسەرلەردە ئۇنى تارىخىلىققا ۋە بەلگىلىك ئىجتىمائىيلىققا ئېگە قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس.  ئەدەبىياتتىكى مىللى ئالاھىدىلىك ئېنېرتسىيىلىك مەنىۋى كۈچ بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ، شۇ رايۇندىكى خەلقنىڭ تارىخىي ئالاھىلىكىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش خاسلىقىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى بىلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي خاسلىق مەزكۈر رۇماندا يۈكسەك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن مەزكۈر ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ گەپ- سۆزلىرى، كىيىنشلىرىدىن، تۈرلۈك ۋەقەلىكلەردىن ۋە ئاپتۇرنىڭ بايانىدىن ئەينى زاماندىكى ئويغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى تۇرمۇش ھالىتى، ھەرقايسى رايۇندىكى ئارىسىدىكى قىسمەن پەرق ۋە قىسمەن ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. مەسىلەن:
 «بىزنىڭ قەشقەردىزە خوتۇن خەق دېگەن ئاشۇ پۈركەنجىنىڭ ئىچىدىلا تۇنجۇقۇپ تۈگەيدۇ- دە، ئۆزلىرى كۆرگەنلا، بۇ ياقتىكى يۇرتلاردا خوتۇن خەق خېلى ئەركىن، ئاقسۇ تەۋەسىدىمۇ قالتىس سەتەڭلەر بار جۇمۇ، بارغاندا كۆرىلا....» (194- بەت)
 بۇ تەسۋىردىن بىز شۇ زاماندىكى قەشقەر بىلەن ئاقسۇنىڭ ئاياللىرىنىڭ دىنى ئىتىقاد ئەھۋالى ۋە كېيىنىش ئادەتلىرىدىن سېلىشتۇرما مەلۇماتقا ئېرىشسەك، سەمەت بىلەن قۇۋان «ئەزمە» نىڭ ئىلغا بارغاندىن كېيىنكى ھىس- تۇيغۇ، تەسىراتلىرىدىن ئىلى بىلەن قەشقەرنىڭ ئۆي، مەھەلىلەر قۇرۇلمىسى، ئەرلەرنىڭ كېيىم- كېچەكلىرى، مازار- ماشايىخلاردىكى ئوخشىماسلىقلار سېلىشتۇرما قىلىنغان،  ۋە سالچىلارنىڭ كېيىنىش ئادەتلىرى رۇشەن سۈرەتلەپ بىرىلگەن.
 «... قايسىبىر دەرۋازىنىڭ يېنىغا ئورنىتىلغان ئۇزۇن ئورۇنداقتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان قىزىل مانچېستېر دوپپىلىق ئادەملەر... ‹پاھ، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ زىچلىقى ھە!- دەپ ئويلىدى سەمەت،- شەھەرنىڭ ماۋۇ بېشىدىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋالساڭ ئۆگزىمۇ ئۆگزە مېڭىپ شەھەرنىڭ يەنە بىر بېشىغا چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ.› » ( 772- بەت)
 «- تۇغلۇق تۆمۈرخان، سۇلتان ئۇۋەيىسخان، خۇنخاي مازىرى، چاپچال مازارلىرىنىڭ ھەممىسىگە باردىم، بىراق بۇ ئىلخو دېگەندە مازارنىڭ شەيىخلىرىنىڭمۇ تازا تايىنى بولمايدىكەن. مازارمۇ- مازار ‹ھۇۋ› دەپ ساما سېلىپ يۈرىدىغان ئاشىقلارنىمۇ ئانچە ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن.» ( 873- بەت)
 «سالچىلارنىڭ ئۈستىگە كەيگەن ھەرخىل پاسۇندىكى كىيىم- كېچەكلەر ھازىرقى كۈندە بولسا كىچىكرەك بىر تارىخىي مۇزىينى تولدۇرۇشقا يىتىپ ئاشاتتى. قونچىنىڭ ياخشىلىقىدىن تاشلىۋىتىشكە كۆزى قىيماي باشلىۋېرىپ ھالى قالمىغان قاتتىق ئۆتۈكلەر، كالاچقا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە بەزىلىرىنىڭ زادى نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى خۇدايىم ئۆزىلا بىلىدىغان ھەرخىل پوپۇچ- كەشىلەر، يۇمشاق چورۇق، چەمى نىپىز سەندەللەر... گۈل باسقان ۋە گۈل باسمىغان قىزىل مانچىستىر دوپپىلار، ئىككى تەرىپى يېرىق مايسا رەڭ قالپاقلار، بەزىلىرنىڭ بېشىدىن قىش- ياز چۈشمەيدىغان سالپاڭ قۇلاقچىلار، قالپاق بىلەن قۇلاقچىلارنىڭ ئىچىگە كىيىۋالىدىغان كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق بۆكلەر...ئىزما بىلەن ياندىن ئېتىلىدىغان كۆڭلەكلەر، ئالدى- كەينىنى ئۆرۈپ كەيگىلى بولىدىغان كەڭ ئىشتانلار، قارا پەشمەت، نىپىز قەشقەر چەكمەنلىرى... ھەممە سالچىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇلار مەيلى باي بولسۇن، بولسۇن بېلىگە ئىككى ئوراپ باغلايدىغان قارا پوتىدىن ئايرىلمايتى. بازاردىن ئۆيگە ئالغان ھەممە بازارلىقلىرىنى ئۇلار ئاشۇ پۇتىلىرىغا ئورىۋالاتتى...» (905- بەت)
 بۇ ئەسەر ئەينى زاماندىكى كېيىم- كېچەك ئادىتى ھەققىدە مەلۇمات بىرىپلا قالماي، يەنە ئاللا بۇرۇن ئىستىمالدىن قېلىپ، ئۇنتۇلۇنۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەنە بىر تارىخىي مەدىنىيەت− تاماكا خالتىسى ۋە ئىشتانباغ، ئۇلارنىڭ  نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئۇچۇر بەرگەن، ھەمدە يەنە ئۇلارنىڭ ئەينى چاغلاردا ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىستىمال بويۇمى شەكلىدىلا ئىستىمال قىلىنىپ قالماستىن، يەنە ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھاببەتنىڭ خاتىرىسى سۈپتىدە ئىستىمال قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. بۇنى بىز تۆۋەندىكى پارچىلاردىن كۆرۈپ يىتەلەيمىز.
 «... بۇ تاماكا خالتىلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ ھەرخىل ئىدى. بەزىلىرىنىڭ خالتىلىرىنىڭ چەت- چۆرىسىگە ئەگرى- بۇگرى سىزىقلار چىقىرىلىپ، ئوتتۇرىسىغا گۈللەر نەقىشلەنگەن، يىپنىڭ ئۇچىغا قانداقتۇر بىر مۇنچاقلار ئېسىلغان بولاتتى. يەنە بەزى خالتىلارنىڭ مۇرىسىگە ئوخشاش چۇچىلا تۇتۇلۇپ، ئوتتۇرىسىغا يۈرەكنىڭ سىياقى كەشتىلىنەتتى. ئاددىيلا قارا رەختىن تىكىلگەن سىيدام خالتىلارمۇ بار ئىدى.» ( 1000- بەت)
   «... ئۇ زامانلاردا ئىشتانباغنىڭ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان چۇچىلىرىغىمۇ ئالەمەت ئىشلىۋىتەتتى. چوكانلار ئاشنىلىرىغا چۇچىلىسغا قىزىل- يېشىل يىپلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئۆرۈگەن ئىشتانباغلارنى سوۋغا قىلاتتى. بەزى زاڭلار مۇنداق ئىشتانباغلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئەتەي ساڭگىلىتىپ ئالچاڭلاپ مېڭىپ كېتىشەتتى.» ( 1003- بەت)
 ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلانغان.
 گوركي ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، «خەلقنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلقىنىڭ تارىخىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس.» تارىختىن بۇيان ئەمگەكچى خەلق ئۆز ھاياتىدىكى تارىخىي خاراكىتىلىك ئۆزگىرىشلەرنى، خۇشاللىق- قايغۇسىنى، ئۈمىد- ئارزۇسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن يازغۇچى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنشتەك ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكنى ياخشى جارى قىلدۇرغان بۇلۇپ، بۇ رۇمانغا جەمىئىي 80 دىن ئارتۇق قوشاق كىرگۈزۈلگەن، مۇئەييەن دەرىجىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.
 ئەسەردە مىللىي پۇراق ۋە كومىدىيىلىك ئۇسلۇب رۇشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
 ئويغۇرلار يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي، خۇشچاقچاق خەلق بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لەقەم ئىشلىتىش، لەقىمىنى ئاتاپ چاقچاقلىشىش ئويغۇرلاردا تارىخىي ئەنئەنىگە ئايلانغان بىرخىل ئادەت بولىشى سۈپىتى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان مەدىنىيەت ھادىسىسدۇر. ئويغۇرلاردا لەقەم قويۇش سەۋەبىلىرىدىن بىرى فامىلە( تەگ ئات) قويۇشنىڭ ئومۇملاشماسلىقى بولسا، يەنە بىر سەۋەپ ئۆزئارا چاقلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىشتۇر. لەقەم ھەرگىزمۇ قارىسىغىلا قويۇپ قويۇلماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، جىسمانىي جەھەتتىكى كۆرىنەرلىك ئالاھىدە تەرەپلىرى، مىجەز خاراكتىر ئالاھىدىلىكى، ئادەت خاراكتىرلىك قىلىق- ھەرىكەتلىرى .....قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە، ھەمدە شۇ كىشىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالاھىدە تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەزكۈر رۇماندا تەخمىنەن 170 تىن ئارتۇق كىشى ئىسمى قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئىسىم لەقىمى بىلەن قوشۇپ تىلغا ئېلىنغان. گېپىمىزنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى پارچىلارنى كۆرۈپ باقايلى.
 بىرىنچى چاقچاق:
 «- پاھ، باياتىن بېرى ماۋۇ قاۋاق نېمانداق يوپيورۇق بولۇپ كەتتىكىن دېسەم جۇماق كىرىپ قاپتىكەن – دە!،- دېدى ئۇ ( بۇ جۇماقنى ‹تاز› دېگەن مەنىدىكى چاقچاق ئىدى).
 جۇماق بېشىنى بۇراپ گەپ قىلغۇچىغا قارىدى- دە:
 ھوي، ئايۇپمۇ سەن؟ يورۇقتا كۆزۈڭ قامىشىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ،- دېدى ( ئايۇپنىڭ بىر كۆزى ئەلەس ئىدى).
 كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
 ...
 ۋاھ، ئايۇپئاخۇن! ئەجەپ گەپچى بولۇپ كېتىپسەنا! گۇچۇڭ ھارىقى خېلى كۆزۈڭنى ئېچىپ قويدىمۇ نېمە؟- دېدى جۇماق چاقچاقنى يەنە كۆزگە توغرىلاپ.
 گۇچۇڭ ھارىقى دېگەن ھەرقانچە ئىچسەڭمۇ باشقا چىقمايدۇ دېگىنە،- دېدى ئايۇپمۇ بوش كەلمەي.
 ھەر نېمە بولسا قاراپراق ئىچ، باشقا چىقمىغان بىلەن كۆزۈڭنى تورلاشتۇرۇپ قويىدۇ...» ( 77- بەت)
 ئىككىنچى چاقچاق:
 «- ماۋۇ سىدىق‹پاقىلداق› بولىدىغان بولسا دەرۋازىنىڭ ھالقىسىنىمۇ شاراقشىتماي، دەرۋازىنى پاقىلدىتىپ ئۇرۇپلا پۈتۈن ئەلنى ئويغىتىۋىتەتتىغۇ دەيمەن؟− دېدى ھېيىت ‹ يالغان› چاقچاقنىڭ نىشانىنى بۇراپ.
 مۇنۇ سادىر ‹ياۋاش› بارسا قانداق قىلار؟− دەپ سورىدى بىرەيلەن.
 سادىر ‹ياۋاش› بارسا ئاستا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ دەرۋازىنى ئىتتىرىپ بېقىپ، ‹دەرۋازا ئېتىككەن› دەپ يەنە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يېنىپ كېلەتتىغۇ دەيمەن.
 ماۋۇ ئىلاخۇن ‹سويما› بارغان بولسىچۇ؟
 ئىلاخۇن ‹سويما› دەرۋازىنىمۇ قاقماي، شورىدىنمۇ ئاتلىماي، دەرۋازىنىڭ ئاستىدىن دومىلاپلا كىرىپ كېتىدۇ.
 مۇنۇ توختى بىلىشىڭ بارسىچۇ؟
 توختى ‹بىلىشىڭ› نىڭ بارغىنىدىن بارمىغىنى ياخشى... تېخى دەرۋازىغا يەتمەي، مەھەللىنىڭ ئىچىدىلا جېدەل چىقىپ ئىش چوڭىيىپ كېتىدۇ.
 لەقەمگە يۆلەپ قىلىنغان بۇ چاقچاقلاردىن سالچىلار ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.» ( 969− 970- بەت)
 بۇ ئەسەردە ئويغۇرلارنىڭ لەقەم قويۇش ئادىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بىرىپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن چاقچاقلارغا يوشۇرۇن كۈچ بېغىشلاپ، ئوقۇغان كىشىگە تەبىئىي ھالدا كۈلۈمسىرەش ئاتا قىلالايدۇ.
 بۇ رۇماندا ئويغۇر مەدىنىيەت خەزىنىسىدىكى تارىخقا ئايلانغان يەنە بىر قىممەتلىك كەسىپ « مەدداھلىق» كەسپى، مەدداھلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى ۋە مەدداھلىق پائالىيىتى توغرىسىدىمۇ يىتەرلىك مەلۇمات بىرىلگەن. مەسىلەن:
 ئۆمەر مەدداھنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئاپپاق خوجىغا ئائىت تەپسىلاتلار،ئىلىدىكى تۆت مازار ( يۆسۈپ سەككاكى، تۇغلۇق تۈمۈرخان، سۇلتان ئۇۋەيىسخان، چاپچال مازار)، ھەرقايسى پەيغەمبەرلەرگە ئائىت تارىخىي قىسسە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تارىخى بىلىملەرنى قىستۇرما شەكىلدە بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن بىز ئۆمەر مەدداھنىڭ بىلىش سەۋىيسى ۋە سۆزمەن- ناتىقلىقى قايسى دەرىجىدىكى ئادەم ئېكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز. شۇنداقلا ئەينى زاماندىكى مەدداھلىق ئەدەبىياتىدىن بەلگىلىك ئۈچۈرلارغا ئېگە بولالايمىز.
 «ئۇستاز بولغان بولسا ماۋۇ شىپالىق دېگەن قانداق يەر، ئۇ قايسى پەيغەمبەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن مۇشۇنداق مۇزلۇقلارنىڭ يېنىدىمۇ كۆپكۈك ياشىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان، ئاۋۇ سىلى دېگەن تاشلاردىكى جىجاقلار نېمە جىجاقلار، ھەممىنى دەپ بىرەتتى.» (436- بەت)
 ئويغۇرلاردا «  ساۋاقداشلىق، سەپەرداشلىق ۋە تۈرمىداشلىق مېھرى ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يول- قاتناش ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئېلگىرىكى نەچچە ئايلىق يوللار ھازىر بىر قانچە كۈنلۈك، ھەتتا بىر قانچە سائەتلىك مۇساپىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، سەپەر جەريانىدا بىر- بىرىگە ئانچە ھاجىتى چۈشمەس بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن  ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەتتا بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلىشماي نەچچە كۈنلۈك سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى. ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئەينى دەۋردىكى جاپالىق سەپەرلەر، يول ئۈستىدىكى سەپەرداشلار مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ھازىرقى سەپەرداشلار مۇناسىتى ۋە كىشىلىك مىھرى- مۇھاببەت ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا بوشلۇق قالدۇرغان.
 ئۆمەر مەدداھ، ئوسمان ئۇلاغچى، ھۆسەن بايۋەچچە، سەمەت، ۋە قۇۋان « ئەزمە» لەر شۇ ئۇزۇن مۈشكۈل سەپەردە، خۇددىي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر- بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ، بارنى تەڭ يەپ، تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ يۈرۈپ سەپەرنى تاماملايدۇ، ۋە كېيىنكى كۈنلەردىمۇ يېقىن قېرىنداشلاردەك بىر- بىرىنى ياد ئېتىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سالچىلارمۇ ئۆز ھەمرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىدىغان بولۇپ، « سەبداش» لىرىنىڭ ھاياتىغا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
 ھەسەن ئىنىسى ھۈسەن ئۈچۈن قىز ئېلىپ قاچقاندا، ئامال بار باشقا سالچىلارغا كۆرەنمەي ماڭىدۇ، بۇ چاغدا جۇماق قاتارلىق باشقا سالچىلار ھەممە يەردە ئۇنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، گۇرۇپپا باشلىقى جۇماق ئۇلاردىن ئەنسىرەپ، دەككى- دۈككىگە چۈشۈپ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بۇنى بىز جۇماقنىڭ تۆۋەندىكى دېئالوگدىن كۆرىۋالالايمىز:
 « - ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن سالدا ئۇ قىمارۋازدىن باشقا يەنە ئىككى- ئۈچ ئادەم بار ئەمەسمۇ...» ( 725- بەت)
 « ... ھەر قېتىم قاپچىغايغا كەلگەندە ئۇنىڭ سالىنى ‹ھە- پە› قىلىپ بىز ئۆتكۈزۈپ بىرىشىدىغان، بۇدا ئۆزىلا ئۆتكۈزۈپ كەتكەندىمۇ؟ خۇدا ئامانچىلىقنى بەرسۇن!» ( 731- بەت)
   « جاپپار غايىب بولغانىدى. شۇ تاپتا جۇماق قىرغاقتا ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇۋاتتى.» ( 738- بەت)
 ئەسەردە قېرىنداشلىق مېھرىمۇ كۈچەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، سەمەت، ھۆسەن ‹بايۋەتچە› ۋە يولدا قوشۇلغان غاپپار قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئاكىلىرىنىڭ دىرىكىنى قىلىپ شۇنچە جاپالىق يوللارنى بېسىپ ئىزدەشلىرىنى ۋەقەلىك قىلىپ تاللاپ ئېلىش ئارقىلىق، ھەممە نەرسىنى ئىقتىساد بىلەن ئۆلچەيدىغان بۇگۇنكى جەمىئىيەتتە ياشلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ سۇسلاپ كىتىۋاتقانلىقىدەك ناچار ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاپتۇر ئۆزنىڭ كۈچلۈك چاقىرىقىنى ئىپادە قىلغان. بۇ نوقتىنى تۆۋەندىكى پارچىلار ئارقىلىق دەلىللەش يىتەرلىك.
 «سەمەتمۇ ئاكىسىنىڭ خەۋىرىنى تىڭتىڭلاپ سالچىلار بىلەن قالغانىدى. لېكىن، ھېچكىمنىڭ ئاغزىدىن مەمەت دېگەن سالچى توغرىسىدا بىرەر گەپ ئاڭلىمىدى. ئۇ ئۈنچىقماي كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتى، چىرايىغا قارايتى. ‹مەمەت› دېگەن ئىسىم تاسادىپىي ئاڭلانغۇدەك بولسا چۈچۈپ ئەتراپقا سەپسالاتتى.» ( 733- بەت)
 «ئاكىسى (جاپپارنىڭ) مۇشۇ شەھەردە بىر ئەسكى قۇدۇققا چۈشۈپ يۇقاپ كىتىپتىكەن، باشقىلاردىن ‹ئاكاڭ كۇچانىڭ بازىرىدا يۈرىدۇ› دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئاكىسىنى ئىزدەپ ئالتە شەھەر تەرەپكە چۈشمەكچى بولۇپ ماڭغانىكەن...
 ... كېيىن ئۇ يەنە باشقىلاردىن ‹ئاكاڭ قارا كۆلدە سالچىلار ئارىسىدا يۈرىدۇ› دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، بىزگە ئەگىشىپ قارا كۆلگە كەلگەن...» ( 771- بەت)
 ھەرقانداق بىر تارىخىي رۇمان گەرچە ئۆتمۈشنى تەسۋىرلەشنى، تارىخ يارىتىشنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇگۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا تارىخى رۇمان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم « قانداق قىلغاندا ئۆتمۈشنى بۇگۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟» دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشى، ھەمدە تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلشى لازىم، ئەلۋەتتە.
 بۇ يىرىك ئەسەردە، قاتناش ئانچە تەرەققى قىلمىغان ئەينى دەۋردە شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش كەسپىدە ئاساسى تەمىنلەش رۇلىنى ئۆتەپ رايۇنىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان، لېكىن ئاللابۇرۇن تەۋەرۇككە ئايلانغان «سالچىلىق» كەسپى ۋە سالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش شەكلى قاتارلىقلار يۇرۇتۇپ بىرىلگەن. شۇنداقلا، «تەبىئەتنى سۆيۈش، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى  قوغداش» توغرىسىدا يەر شارى خاراكتىرلىك چاقىرىق قىلىنىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە، ئاپتۇر چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئەسەردىكى ئاددىي بايانلار ئارىسىغا ئۆزىنىڭ يىشىل ماكان بەرپا قىلىشتەك ئارزۇ- ئومىدىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ نىداسىنى بەزىدە بايانچى تىلى ئارقىلىق بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزىدە قۇۋان ‹ئەزمە› قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ ئىرادىسى شەكلىدە ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى دەل- دەرەخلەرنى قالايقان كەسمەسلىككە، تەبىئەتنى سۆيۈشكە، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
 « - ئەجەپ شۇنداق ئىگىسى يوق ياغاچلارنى ئۆرۈپ سېتىپ خەجلەپمۇ ئاتا- بوۋاڭ بىر باي ئۆتمەپتىكىنا؟
 ئۇستاز، ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەقدىر- پىشانىمىز شۇنداق بولسا كېرەك... يەنە بىر گەپنى سىلى ئاڭلىغانلىمىكىن، ياغاچ ئۆرۈگەن ئادەم زادى ئىلگىرى باسماسمىش.
 نېمىشقا؟
 ئاڭلىسام، ھەربىر تۈپ ياغاچتا يۈزلەپ قۇش، قۇرت- قوڭغۇزنىڭ ماكانى بولارمىش.» (254-255- بەتلەر)
 « - دادام رەھمەتلىك: ‹ بالام، ماڭا ئوخشاش دەرەخ ئۆرۈيدىغان ئادەم بولۇپ قالما! دەرەخ ئۆرۈيدىغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدۇ، دېگەن گەپ راستكەن، مانا بىر ئۆمۈر دەرەخ ئۆرۈپتىمەن، چاپىنىم تىزىمدىن ئاشماپتۇ. ...سەن يا تۆمۈرچى بول، ياكى ھېچبولمىغاندابىر ياماقچىلىقنى بولسىمۇ ئۈگىنىپ قوي،...› دەپ نەسىھەت قىلىپ تۆمۈرچىگە شاگىرتلىققا تۇتۇپ بەرگەنىدى.» (550- بەت)
 «ئىشقىلىپ، مۇڭغۇلكۈرەدىكى ياغاچ كېسىش باشتىلا شۇنداق كۆلىمى زور ۋە پىلانسىز ئېلىپ بېرىلغاچقا ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. يىلپىز، قوڭۇر ئېيىقلارنىڭ ئىزى مەڭگۈ ئۆچتى. نۇرغۇن قىممەتلىك ئۆسۈملۈك، جان- جانىۋارلار يوقىلىشقا يۈزلەندى. بۇغا- مارال، كېيىكلەر ئۈركۈشۈپ تەرەپ- تەرەپكە پىتىراپ كەتتى...» ( 995- بەت)
 مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇ ئەسەرنى مۇھىم بولغان قاتناش يول خەرىتىسى دىيىشكە بولىدۇ.
 ئەدەبىي ئەسەرلەر بولۇپمۇ تارىخى ئەسەرلەر چوقۇم تارىخى قىممىتى ۋە ئىلمىلىكىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن باشقا مەزمۇندىكى ئەسەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
 ئاپتۇر مەزكۈر رۇماندا كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇنۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان سالچىلىق تارىخىي، سالچىلىق كەسىپى ۋە سالچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى يارتىش بىلەن بىرگە، ئاللا بۇرۇن ئادەم ئاياغ باسماس بولۇپ كەتكەن، ئەينى زاماندا قەشقەردىن ئىلىغا بېرىشتىكى ئاساسلىق يول بولغان مۇزداۋان يولىنى ھەربىر ئۆتەڭ، ھەربىر دوقمۇش، ھەربىر تاغ- جىرا، تاشلىرىغىچە ناھايىتى ئىنچىكە ھالدا يېزىق بىلەن خەرىتىگە ئالغان، شۇنداقلا ئىلىدىكى ئەشۇ سالچىلار سال ھەيدەيدىغان ھەرقايسى دەريا يوللىرى، دەريا يوللىرىدىكى ھەربىر ئەگمە، ھەربىر تاشقا قەدەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇچۇر بەرگەن. ئەگەر ئاشۇ يول بەلگىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرىدىغان بولساق، ھېچكىم يول باشلىمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئاشۇ جايلارنى، يول ئۇستىدىكى مەلۇم بىر ئورۇننى، ھەتتا نامى تىلغا ئېلىنغان مەلۇم بىر تاشنىمۇ بىمالال تاپالىشىمىز تامامەن مۇمكىن. قاتناش ئىشلىرى يۈكسەك تەرەققى قىلغان بۇگۇنكى كۈندە ئەينى زاماندىكى مۇز داۋان يولى ۋە سالچىلارنىڭ خەتەرلىك سۇ قاتناش يوللىرى ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئىستىمالدىن قېلىپ قالدى. مانا بۇ ئەسەر كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان قاتناش يول خەرىتىسى بولۇپ قالغۇسى.
 ھەرقانداق ئېسىل يېزىلغان دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئەسەرلەرمۇ ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق نوقسانلاردىن خالىي بولغان ئەمەس. ئۇ قانچىلىك ياخشى يېزىلغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئادەم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىش سەۋەپلىك مۇكەممەللىكتىن يىراق.  مەمىتىمىن ھۇشۇرنىڭ « سالچىلار» نامىلىق رۇمانى يۇقىرىقىدەك ئارتۇقچىلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەش بىلەن بىرگە، يەنە بىرقىسىم ئۇششاق يىتەرسىزلىكلەردىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس.
 تارىخىي رۇمان- تارىخ ئىلىمى بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇ تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى، تارىخى چىنلىق ئالدىنقى شەرت، ئەلۋەتتە. تارىخىي تۇرمۇش رەڭگارەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ئارقىسىدا ماھىيەتلىك تەرەپلەر بىلەن ماھىيەتسىز تەرەپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. پەقەت تارىخىي چىنلىقىنى بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاپ، ماھىيەتلىك بولمىغان تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى تىپىكلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تارىخى تۇرمۇشنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغىدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى ۋە كۈچلۈك بەدىئىي ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
 ھەرقانداق بىر بەدىئىي ئەسەر يازغۇچىنىڭ ئىتراپ قىلىش- قىلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر بەلگىلىك خاھىشتىن خالى بولالمايدۇ. خاھىشچانلىق ئەسەردە ئۆزلىكىدىن ئىپادىلىنىدىغان يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى، تۇرمۇش ھەققىدىكى تونۇشى، مۇھاببەت- نەپرىتى ۋە ئىستېتىك غايىسىدۇر. يازغۇچى سەنئەتكارلار ئۆزلىرى تەسۋىرلىمەكچى بولغان تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قارىتا سىياسى، ئەخلاقى پوزىتسىيىسى ۋە مۇھاببەت- نەپىرىتىنى ئىپادىلەشتىن خالى بولالمايدۇ.
 بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ھاراققا ئائىت ئۇچۇر ۋە تەپسىلاتلار بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئېگەللىگەن بولۇپ، ئۇ سالچىلار تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس ئورگانىك گەۋدىسىگە ئايلاندۇرىۋىتىلگەن. بەزىدە ئادەمنى بۇ سالچىلار پەقەت ھاراق ئىچىدىغانغا پۇل تېپىش ئۈچۈنلا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويسا، سالچىلاردىن ھالقىغان باشقا خىل شەكىلدە تۇرمۇش ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنىڭمۇ ھاراق بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كىتىشى ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز ھالدا «ئاپتۇر ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھىسىداشلىق قىلىۋاتامدۇ قانداق؟» دېگەن گۇمانى تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى پارچىلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى.
 «بەزىدە ماشىنىسى پاتقاققا پېتىپ قالغان شوپۇر جىلىچىلىكتە ھاراقنى شۇنداق كۆپ ئىچەتتىكى، ئۇنى ئويغىتىپ ھوشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىككى- ئۈچ كۈن ۋاقت كىتەتتى.» ( 903- بەت)
 «- بىر خېنىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ، مۇڭغۇلكۆرەگە باشلاپ ماڭغىنىڭچۇ؟
 راست شۇنداق قىپتىمەن،- دېدى سەمەت،- مەستچىلىكتە كۆزۈمگە ئاي كۆرۈنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ.» ( 929- بەت)
 «ھاراق تېپىلمادىغان يىللاردىمۇ سالچىلار ئۈچۈن ھاراق كەم ئەمەس ئىدى.» ( 999- بەت)
 ئاپتۇر شىمالىي شىنجاڭ تەرەپلەردىلا تۇرمۇش ئۈگۈنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپتىكى ئۆتەڭ- يۇرتلارنىڭ جايلاشقان ئورنى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بولمىغانمۇ قانداق، ئۆتەڭلەرنىڭ ئورنىنى ئىپادىلەشتە مۇجىمەلچىلىك كۆرۈلگەن.
 ھۆسەن بۇ سەپەردە « تۇڭگان مازار»دىكى قىماردا پۇللىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
 « -..... ئەمدى قانداق قىلىلا؟
 -قەشقەرگە قايتىپ كىتەي....!
 شۇ قېتىم ئۇ خىجالەتچىلىكتە دادىسىنىڭ ئالدىغا نېمە دەپ بېرىشىنى بىلەلمەي، مارالبېشى، پەيزىۋات، يېڭىشەھەرلەردىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭكىدە بىر مەزگىل لەلەڭلەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆيگە قايىتقانىدى.» ( 192- بەت)
 سەمەت شۇ جايدىن قەشقەرگە قايتماقچى ئەمەسمىدى، قانداقسىگە مارالبېشىغا كىلىدۇ؟ مارالبېشى دېگەن « تۇڭگان مازار» نىڭ قەشقەر تەرىپىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئاقسۇ تەرەپكە يەنە 50 كىلومىتىرچە يىراقلىقتا، شۇ چاغلاردا ئۇلاغ بىلەن ماڭسا بىر كۈنلۈك يول.
 يېنىدا پۇل يوق، قەشقەرگە قايتىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقان ئادەم، چوقۇم قەشقەر تەرەپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ئات سېلىشى مۇمكىنغۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ قارشى يۈنىلىش بويىچە مېڭىپ بىرەر كۈنلىك يولنى ئۇزارتىۋالمايدۇ. دېمەك، ئاپتۇر بۇ يەردە «تۇڭگان مازار» نىڭ ئورنىنى توغرا جەزىملەشتۈرەلمىگەن.
 ئەسەردە ئىپادىلەنگەن بەزى تەسۋىرلەردىمۇ ئاز- تولا نوقسانلار ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى پارچىنى كۆرۈپ باقايلى:
 «مەھەللىنىڭ بىر چېتى ياكى قاپ ئوتتۇرىسدا تىنىق ئاسماندىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ تىپتىنىچ سوزۇلۇپ ياتقان كۆل...» (4-بەت) « كۆلدىن ئېڭىشىپ سۇ ئېلىۋاتقان گۈزەل سەھرا قىزى ئىختىيارسىز دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. قىز چېلىكىنى سۇغا تولدۇرۇپ قەددىنى رۇسلىغاندا گويا كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى شاخلىرىنى سۇ يۈزىگە ئېگىپ تۇرغان سۆگەتلەرمۇ قەددىنى رۇسلىغاندەك بولۇپ، يوپۇرماقلار ئارىسىدا مۇگدەپ ئولتۇرغان قۇشقاچلار ئىختىيارسىز چۇرۇقلىشىپ كېتىدۇ.»( 5- بەت)
 مەھەلىلەردىكى كۆل سوزۇلۇپ ياتقىدەك قانچىلىك ئۇزۇن بولماقچىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆلدىن سۇ ئالغان قىزدىن چۈچىگەن قۇشقاچلار «پۇررىدە» قىلىپ ئۈچۈپ كەتمەي،خۇشاللىقىدىن ئىختىيارسىز چۇرۇقلىشىپ كىتەمدۇ؟
 «شۇ كېچە ھۈسەن بايۋەچچىنىڭ كۆزىگە ئۇزاققىچە ئۇيقۇ كەلمىدى.دەريانىڭ شارقىرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قىرغاقتىكى گىرىمسەن كۆرۈنۈشلەر قاراڭغۇلۇق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ئدى. كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار گويا قول يەتكۈدەكلا يەردە چاقناپ كىشىگە ئاسمان گۇمبىزى يەرگە يېقىنلاپ قالغاندەك ياكى بولمىسا يەر كۆككە قاراپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك  تۇيغۇ  بىرەتتى. دەريا سۇيى قاينام بولۇپ پىرقىراپ ئېقىۋاتقان قايسىبىر قولتۇقلاردىكى بېلىقلار پىلتىڭلاپ سۇ يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، يەنە سۇغا ‹چولتوككىدە› چۈشەتتى- دە، ئەتىراپىدا دۈپدۈگىلەك ھالقىلارنى قالدۇرۇپ غايىب بولاتتى...» (681- بەت)
 گىرىمسەن قاراڭغۇلۇقتا، بېلىقلار سۇغا سەكرىگەندە ھاسىل بولغان «دۈپدۈگىلەك ھالقىلار» نى قانداقمۇ پەرق قىلغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سالنى ئېقىتىپ ماڭىدىغان بۇ ئەركەك سۇدا بېلىقلارنىڭ سەكرىشىدىن ھەرگىزمۇ دۈپدۈگىلەك ھالقىلار ھاسىل بولمايدۇ. ئۇنداق دۈگىلەك ھالقىلار پەقەت تىنىچ كۆل سۈيىدە ھاسىل بولىدۇ.
 ئەسەردە يەنە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرگە ماس بولمىغان ۋەقەلىك ۋە بايانلارمۇ خېلى كۆپ سالماقىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ مىللىي خاراكتىرىگە نوقسان يەتكۈزگەن. تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
 «سەمەت بىرلا كۈچەپ دادىسىنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتتى. بۇ ئىش شۇنچىلىك تۇيۇقسىز بولدىكى، پەيزۇللاخۇن ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنىمۇ ئۇقماي قالدى. بارغانچە بېرىپ كۈل دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى. بىر- ئىككى دېھقان ‹ ھەي، يامان بولدى!› دەپ ئۇنى پۇتدىن تارتىپ كۈل دۆۋىسى ئىچىدىن تارتىۋالغاندا پەيزۇللاخۇننىڭ بېشى نېمىگىدۇر قاتتىق تېگىپ يېرىلىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ جېنى چىقىپ بولغانىدى.» ( 21- بەت) ئېتىز بېشىدىكى كۈل ئارسىدا نېمە بولىشى مۇمكىن پەيزۇللاخۇننىڭ بېشى تىگىپ ئۆلۈپ قالغۇدەك، كۈلنىڭ ئارسىدا تاش بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويغۇرلار ئەخلاقىدا دادا بىلەن بالا كۈچ سىنىشىش ئەزەلدىن يات بىر قىلىق ( گەرچە ئۇ ئۈگەي دادا بولسىمۇ، لېكىن سەمەتنىڭ ئون نەچچە يىللىق دادىسى). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويغۇرلار ئارىسىدا ئېغىزدىن چۈشمەي سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان، مەخسۇس مۇشۇ مەزمۇندىكى رىۋايەتلەرمۇ بار.
 «- كىم قازا قىپتۇ، كىم؟- دەپ سورىشاتتى يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلا- ھويلىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىققان خوتۇنلار بىر- بىرىدىن.
 ۋاي ماۋۇ پەزىلەتخاننىڭ كېيىن تەككەن ئېرى.
 ھە، ھېلىقى ئاتتىن چۈشمەي يۈرىدىغان كۆتمەك بۇرۇت ئادەمما؟» (23- بەت)
 توي قىلىپ كەلگىنىگە 10-15 يىل بولغان بىر ئادەمنى قوشنىلىرىنىڭ ئېنىق بىلمەسلىكى، ئىسمىنى ئاتىماي، « پەزىلەتخاننىڭ كېيىن تەككەن ئېرى»، « ئاتتىن چۈشمەي يۈرىدىغان كۆتمەك بۇرۇت ئادەم» دەپ ئاتىشى مەھەللىنىڭ ما بېشىدىكى بىر ئۆيلۈكنىڭ توخۇسى ئۆلۈپ قالسا، شۇ ھامانلا مەھەللىنىڭ ئا بېشىدىكى ئۆيلۈكلەر بىلىپ بولىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ يىزا مەھەللىرى ئۈچۈن بۇنداق تەسۋىر تۇرمۇش چىنلىقىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن.
 «- مانا قايلاڭلار!- دەپ ھەيران بولدى چەتتە گەپ تىڭشاپ تۇرغان بىر دېھقان،- ئات- ئېشەكمۇ قاتمىسا، چاقىمۇ بولمىسا، يەنە نەچچە ئات قاتقان ھارۋىدىن ئىتتىك ماڭسا، زادى قاندا نېمە ئۇ؟» (111- بەت) سەمەتنىڭ يىزىسىدا بولىۋاتقان « سال» توغرىسىدىكى مۇنۇ دېئالوگ قەشقەر تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتىلىدۇ، ئەمما سەمەت ئىزچىل قەشقەر تەلەپپۇزىدا سۆزلىمەيدۇ، ھەم 332- بەتتىكى « يالغۇز مەنلا ئەمەس، مانا ماۋۇ سەمەتئاخۇنمۇ قاغىلىق تەرەپتىكى يۇرتلاردىن» دېگەن بايانلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، سەمەتنىڭ يۇرتى قەشقەر شەھەر ئىچى ئەمەس. دېمەك، قەشقەر تەلەپپۇزى بۇ دېھقانغا خاتا يۈكلەنگەن. ( ئىزاھات: بىز ئادەتتە تىلغا ئالغان قەشقەر تەلەپپۇزى قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچى تەلەپپۇزىنى كۆرسىتىدۇ.)
 ئەسەردە يەنە باياننىڭ باش- ئاخىرى بىردەكلىككە ئېگە بولمىغان جايلارمۇ بار بولۇپ، ئوقۇرمەننى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
 «ئۆمەر مەدداھنىڭ قېچىرىنى قۇۋان ‹ئەزمە› ئالدىغا ئۆتۈپ چۇلۋۇرىدىن تارتىپ، داۋانچىلار (داۋاندىكى يول ياسىغۇچىلار) ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ ئەمدىلا يەنە بىر پەللەككە چىقىرىپ تۇرۇشاتتى. گويا ئادەملەرنىڭ قۇلىقى يېنىدا چاقماق چاققاندەك بىر نەرسىنىڭ دەھشەتلىك قاراسلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى- دە، ئارقىدىنلا يۇقىرىدىن ئاجىراپ چۈشكەن يوغان بىر مۇز پارچىسى گۈلدۈرلىگەن پېتى يولۇچىلارنىڭ يېنىدىن دومىلاپ ئۆتۈپ كەتتى.
 ...
 « - ئۆمەر ئۇستاز، ئۇستاز قېنى؟
 ئادەملەر ئەتراپىغا قاراپ ئۆمەر مەدداھنىڭ قېچىرى بىلەنلا غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىشتى.» (395- 396- بەتلەر)
 قۇۋان ئەزمە: « زادى نېمە ۋەقە بولغىنىنى بىزمۇ بىلەلمەي قالدۇق. يېنىمىزدىن بىر نېمە گۈلدۈرلەپ ئۆتكەندەك قىلدى. يۇقىرىدىن مۇز غۇلىغان چېغى بار، قارىساق ئۇستاز يوق، قولىدىكى يىتىلىۋالغان قېچىرى بىلەنلا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ...» (522- بەت)
 يۇقارقى بايانلاردا، ئاپتۇر ئۆمەر مەدداھنىڭ قېچىرىنى ھىلى قۇۋان يۈتىلەپ ماڭغان دەپ ئىپادىلىسە، ھىلى ئۆمەر مەدداھ ئۆزى يۈتىلىگەن قىلىپ ئىپادىلەيدۇ. بايان بىردەكلىككە ئىگە بولماي قالغان.
 «بۇ سالچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بۇرۇتلۇق كېلەتتى. دىققەت قىلمىسا بۇ ئادەملەرنى بىر بىرىدىن پەرق ئەتمەكمۇ تەس ئىدى. بۇيى ئېگىز- پەس بولغاچقا ھەممىسى بۇرۇتلۇق كېلەمدۇ ياكى ھەممىسى بۇرۇتلۇق بولغاچقا بويى ئېگىز- پەس بولامدۇ، ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ زادى قانداق ئوخشاشلىقى باركىن، مەنمۇ دەپ بىرەلمەيمەن، سىرىتتىن كۆرگەن ئادەم ئۇلارغا بىر قاراپلا ‹ ھە، بۇلار سالچىكەن› دەيتتى.» ( 636- بەت)
 مانا يۇقارقىدەك ھېچقانداق سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلاردىن ئەتەي مۇناسىۋەت ئىزدەپ قىزىقچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بايانلارنى بىر قانچە ئورۇندا ئۇچرىتىمىز. ئاپتۇر بۇرۇت توغرىسىدا سۆز باشلاپ توساتتىنلا بۇرۇت بىلەن ئۇلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىز- پەسلىكىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۇشكە زورىقىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ بويلىرىنى ئېگىز- پەس دەپ بايان قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ باشقا جايلىرىدا سالچىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى يوغان، بەستلىك، قاۋۇل كىشىلەر دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن:
 «نېمىشقا چۆچۈيدۇ دېسەڭ، بۇ سالچى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇستىخىنى يوغان ئادەملەر، سەل بوزەك بولاي دەپ قالسا مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن خۇرجۇنىدا ئايپالتىسىمۇ تەييار.» ( 870- بەت)
   
   
 ئاپتۇر ئەسەردىكى باش قەھرىمان سەمەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەسەن، ھۈسەن قاتارلىقلار پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى بىكىتكەندە، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى بويىچە ئىسىملارنىڭ ئاخىرىسىغا قوشۇلىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى« قارى»، «ھاجىم»، «جان» ۋە ئالدىغا قوشۇلىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى « ئابدۇ» قاتارلىقلارغا ئانچە ئىتىبار بەرمىگەن. بەلكىم ئىسىملاردا ئاددىيلىقنى ساقلاپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي ئىزدەپ تۇرىشىمىزغا ئاپتۇر تۆۋەندىكى دېئالوگ ئارقىلىق بۇ قىياسىمىزنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئاپتۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئانچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
 «- كېملىكىنى باشتا بىلىپ قويغان ياخشىچۇ... قېنى ئىچە، ئېتىڭ كىم بولىدۇ سېنىڭ؟
 سەمەت.
 ھە، سەمەتجان.
 سەمەتكە بۇ ‹سەمەتجان› دېگەن گەپ تېخىمۇ غەيرىي بىلىندى.» ( 778- بەت)
 دېمەكچىكى، قەشقەر تەۋەلىكىدە چوڭ بولغان بىر ئادەم ئۈچۈن ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا « جان» قوشۇلۇپ قېلىشى غەيرى ئىش ئەمەس، ئەكسىچە نۇرمال ئىش.
 ئاپتۇر ئەسەردە قۇۋان بىلەن گۈلئايىمنىڭ تونۇشۇپ قېلىش جەريانىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
 يول ناھايىتى پاتقاق بولۇپ، قۇۋان جىلىچىلىكتە لاي كېچىپ كېتىۋىتپ يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەلمەي يىغلامسىراپ تۇرغان بىر بالىنى ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. يولنىڭ ئىككى قېتىدا نۇرغۇن ئادەملەر قارشى تەرەپكە ئۆتەلمەي تۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قانچە ياشانغان كىشىنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ (ئاز- تۇلا ھەققە ئېرىشىدۇ). ئارقىدىنلا چۈمبەل ئارتىۋالغان بىر ئايال كىشى ئۆزىنى يولنىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئازراق ئەيمىنگەندەك قىلىپ قۇۋانغا ھاپاش بولىدۇ. ئۇلار ئاشۇ تۇرقىدا بىر- بىرىنى ھاپاش قىلىشىپ ماڭغاچ خېلى كۆپ پاراڭلارنى سېلىشىدۇ (819- 824- بەتلەر). چۇمبەللىك چوكان قۇۋانغا بىر تال ئۈزۈكىنى بىرىپ خوشلىشىدۇ.
 بۇ ۋەقەلىك تەبئىي ھالدا ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى پەيدا قىلىدۇ:
 چوڭ ئادەملارمۇ ئۆتەلمەيۋاتقان بۇ يولدا نېمە سەۋەپتىن كىچىك بالا يولنىڭ بۇ قېتىدا، ئانىسى يولنىڭ ئۇ قېتىدا بولۇپ قالىدۇ؟
 ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي شارائىت، ئەينى چاغدىكى ئادەملەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بىر جايدا بىر چوكان  يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن يات بىر ئەر كىشىگە ھاپاش بولۇشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي شارائىت بۇنداق ئىشنى قۇبۇل قىلامدۇ؟
 ئاشۇنداق كۆپ پاراڭلارنى قىلىشقۇدەك بۇ يولنىڭ كەڭلىكى زادى قانچىلىك ئۈزۈنلۇقتا بولىشى مۇمكىن؟
 نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، يات بىر ئەر كىشى بىلەن يات بىر ئايال ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر- بىرىنى ھاپاش قىلىپ ماڭغان يات ئەر- ئايال ئۆزئارا چاقچاق قىلىشىپ خېلى ئۇزاققىچە پاراڭلىشالىشى مۇمكىنمۇ؟
 يۇقارقى سۇئاللار ئەسەردىن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇنراق بولغان جاۋابلارنى تېپىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە قاتىراپ، ئاخىرى بويۇن قىسشقا توغرا كېلىدۇ ۋە تەبىئىي ھالدا ئەسەر ۋەقەلىكىنى چەتكە قېقىشقا ئۇرۇنىدۇ.


 1000 بەتتىن ئارتۇق بۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى يىرىك ئەسەر ئۈچۈن، ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان تارىخنى ياخشى ئىپادىلەپ، بەلگىلىك تارىخىي قىممەت يارىتىشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى چوڭ غەلبە ھېسابلىنىدۇ. ئەسەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى ئالدىدا خۇددى ئاق قەغەز ئۈستىدىكى بىر دانە كىچىك-كىچىك چېكىتلەرگە ئوخشايدۇ. باشقىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنى گۈزەلنىڭ مەڭزىدىكى خال دېىيىشكىمۇ بولىدۇ، بەزىدە خالمۇ ساھىبجاماللارغا تېخىمۇ ھۆسىن ئاتا قىلالايدۇ.
 ئاخىردا ئاپتۇرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ۋە ئۈزۈن ئۆمۈر، قەلىمىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن!
   


mukam.cn
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1989
تۆھپە : 8
توردا: 751
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 08:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سالچىلار»غا قويۇلغان دېئاگىنوزىڭىزنىڭ خېلىلا ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىدىن «ئوبزورچىنىڭ ئىككى قانىتى»نى كۆرگەندەك بولدۇم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 09:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماننى تېخى ئوقۇپ چىقىپ بولالمىغان بولساممۇ يازمىلىرىڭىزدىن خېلى بىر چۈشەنچىلەرنى ھېس قىلدىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 19:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىلمى ئەمگىكىڭگە موبارەك بولسۇن!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1166
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 405
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 21:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇرن رۇزى،ئەدىھەم ئىبراھىم ، ئابدۇغېنى تۇر قاتارلىقلار بۇ رۇمانغا ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن  قاراپ چىقىپتۇ. ئەدەبى تەندىقنىڭ ئويغىنىشىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

سىنىڭ تىلىڭدا،ئىسىمىنى چاقىردىم ئاستا.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  599
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 23:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ باھالىرىغا كۆپ تەشەككۈر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 213
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:17:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئوبزورنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟!
  ياخشى يېزىپسىز ،تەشەككۈر!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2849
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 120
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىد ماھييەتتەئەدەبىياتنى تەرەققىي قىلدۇردىغان، نەخ گەپنى قىلغاندا بۇغداي بىلەن ساماننى ئايرىيدىغان غەلۋىر.

ئادەمگە يارىشا تەقدىر، تەقدىرگە يارىشا ئادەم!

                  - ئايتىماتوف

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2849
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 120
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىز دەل مۇشۇنداق غەلۋىرگە تولىمۇ موھتاج. بولۇپمۇ يالقۇن روزىدەك، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇندەك تەنقىدچىلىرىمىز كۆپرەك بولسا ئەدەبىياتىمىز تېخىمۇ گۈللىنەتتى.

ئادەمگە يارىشا تەقدىر، تەقدىرگە يارىشا ئادەم!

                  - ئايتىماتوف

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2948
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 19:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يازغۇچىنىڭ ھەممە ئەسىرى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن .‹‹قۇم باسقان شەھەر ››ياخشى بولغان بولسا ،‹‹سالچىلار››دا ئانچە _مۇنچە سەۋەنلىلكلەر كۆرۇلگەن .رومانىنى باھالاپ شەخسىيتىگە چىقىلماسلق دانالىقنىڭ بىر خىلىدۇر !بىراقلا يوق قىلۋتىش تەنقدنڭ پىرىسنىپىمۇ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1667
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 150
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 19:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىت ،دوقتۇرنىڭ قولۇدىكى ئوپىراتسىيە پىچىقىغا ئوخشايدۇ ،بەزى ئۆسمىلەرنى ئېلىۋەتمەي بولمايدۇ ؟!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1498
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 01:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىنىڭ «قارا قۇرساق سەركە»سى ھېلىھەم يادىمدا! بۇ خاراكتىر گۈزەللىكىنىڭ سېھرىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم.

ئوبزورچىغا رەخمەت،ئوقۇرمەنگە روماننى ئوقۇش جەريانىدىكى زۆرۈر بولغان مۇلاھىزە نۇقتىلىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   medinayayla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 01:48  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1682
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 135
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 13:48:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىزنىڭ   ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىمىزد ادەل  مانا  مۇشۇنداق « ئابدۇغېنى نۇر»  ئاكىمىزدەك    ئوبزورچىلار  كەم .  سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

دۇنيا قورقۇنچاقلارغا ئەمەس ،باتۇرلارغا ئامراق!!!   


                           _ مۇھەممەتئېلى ئابدۇرېھىم ئىزگۈ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  237
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 154
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 22:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەسەرگە باھا بەرگەندە ئەسەردە يورۇتۇلماقچى بولعان ئاساسىي ئىدىيەنى نەزەردە تۇتىشىمىز مۇھىم. بۇ روماننىڭ تىمىسى زادى نىمە بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. شۇنداقلا ئەسەرگە باھا بەرگەندە باھانىڭ ئىلمىي، ئوبيىكتىپ بولۇشىنىمۇ ئويلىشىش لازىم. ئەدەبىي  ئوبزور ياكى ئەدەبىي تەنقىد بولسۇن ئىلمىي بولۇشى، ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشى زۆرۈر.  ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ۋەزىپىسىنى نوقۇل تەنقىدلەش دەپ قارىماستىن ئۇنىڭ ئىلمىيلىكىنىمۇ ئويلىشىپ پىكىر يۇرگۇزسەك بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  599
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 18:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
forum.php? ... 408&fromuid=599

« ئابدۇغېنى نۇر» ئەمەس، ئابدۇغېنى تۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش