كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 0

جۈرئەت سەيپۇل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 16:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


جۈرئەت سەيپۇل 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن،1992-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 1999-يىلى «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، 2004-يىلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ رېداكسىيە باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2010-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى رېداكسىيەسىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ ھازىرغىچە بۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان «بىر ئادەمنىڭ كەنتى»، «تەنھا پارس مۈشىكى ــ سوفېي ماسو»، «سوفىيە روللاننىڭ شانلىق 70 يىلى» قاتارلىق خەنزۇچە چوڭ ھەجىملىك نەسرلەر توپلىمى ۋە 100 دىن ئارتۇق ماقالىلەر، ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپلا قالماي يەنە خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان «غەربىي يۇرت»، «سۈبھى»، «مىللىي يازغۇچىلار» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «قەشقەر كوچىسى»، «ئەتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ»، «پوتا» قاتارلىق نەسر، ھېكايىلەرنى بىۋاسىتە يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا «تارىم»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «كروران» قاتارلىق ژۇرناللاردا ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان.
     ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمە خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئەدەبىي تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، كاندىدات ئالىي تەرجىمان.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش