كۆرۈش: 53|ئىنكاس: 0

قايسى تەرەپتە تۇراي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2847
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 50
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 19:22:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جامائەت،ئۇزۇن بۇپتۇ مۇنبەرنى چۆگىلەپ كىتەلمەيۋاتقانىدىم.بۈگۈن مەكتەپتە بىر ئىشقا يۇلۇقۇپ قالدىم.بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ھە دەپ بىر مەسلىنى تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇرۇپتۇ.سىلەرنى قانداق قارايدىكىن دەپ بۇيەرگە بىر تىما يوللىدىم.مەسلە مۇنداق :ئادەتتە تۇلىراق ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىمتىھاندىن ئۈتۈش نۇمۇر چىكى 60 ئەمەس،بىزنىڭ مەكتەپنىڭ 45 ئىدى،يىنىمىزدىكى قۇشنا مەكتەپنىڭ 36ئىكەن.مەكتەپنىڭ ئىمتىھان تۈزىمى نىسپەتەن تۇلىمۇ چىڭ.بىر قىتىم ئىمتىھاندا كۈچۈرگەنلەرنى تۇتىۋالسىلا بىراقلا مەكتەپتىن چىكىندۈرۋىتىدۇ.ئۈتەلمىگەنلەر گە تۇلۇقلىما ئىمتىھان تۈزۈلمىسى يوق،چۇقۇم كىلەر يىلى قايتا دەرس تاللاپ ،قايتا دەرىسكە چىقىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئاندىن ئىككىنچى قىتىم ئىمتىھاننى بىرىدۇ.يەنى( 重修)。ئەگەر مۇشۇ نەتىجىسى 20دىن ياكى 30دىن(ئايرىم كەسىپلەرنىڭ 30 ئايرىم كەسىپلەرنىڭ 20)ئىشىپ كەتسە ئۈنۋان(学位证) بەرمەي پەقەت مەكتەپ پۈتتەگەن دىپلۇملا بىرىدىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەر يىلى بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلاردىن بىر قانچىسى شۇنداق كىتەرمىش مەكتەپتىن،بۇ يىلمۇ 5نەپەر ئاكا-ھەدىلىرىمىزنىڭ ئۈنۋان ئالالماي قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.ئەگەر 45نى 60قا ئۆزگەرتسە بۇ بەش دىگەن سان كۆپىيىپ كىتەرمۇ؟بۇ چاغدا بۇ كىمنىڭ خاتالىقى بۇلىدۇ.ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ مەكتەپتىكى شۇ بەش ئاكا -ئاچىلىرىمىزمۇ كىم تىرىشچان ئەمەس دىيەلەيدۇ.مىنىڭچە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس.سىياسەت قانۇن دىگەندەك كەسىپتىلەرنىڭ دەرس سالمىقى بىلەن تەبىي پەن كەسپىنىڭ دەرس سالمىقىمۇ ئۇخشاش بولمىسا.يىڭى سىياسەت تىكلىمەكچى بولغانلار نىڭ سۆزى مۇنداق‹‹بىز ئۇيغۇرلار خەنزۇلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىشىمىز كىرەك مۇشۇ ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشىمىز كىرەك ،60تىنمۇ ئۈتەلمەي ئاران 45 تىن ئۈتۈپ لايەقەتلىك بولغانلارنىڭ ئاسپىراتقا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بىرىپ ئۈتەلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس››دىگەندەك كۆزقاراشلاردا بۇلىۋاتىدۇ.قارشى تۇرغان تەرەپتىكىلەرمۇئىنكار قىلغان كۆزقاراشلىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش دەپ قارايمەن،شەخسەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام،مىنىڭ بەزى نەتىجىلىرم 60نىڭ ئۈستىدە،خىلى يۇقىرلىرىمۇ بار،ئەمما 45تىن يۇقىرى  60تىن تۇۋەن بۇلۇپ مۇشۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قۇيغان سىياسەتكە تايىنىپ لايەقەتلىك بولغان دەرىسلىرىممۇ يۇق ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتە كۆپىنچە كەسىپلەرنىڭ( 重修)نەتىجىسى 30 دىن ئىشىپ كەتمەسلىك مىنڭ كەسپىم ئىغىز بوشلۇقى 20نۇمۇردىن ئىشىپ كەتسە ھىچنەرسە بەرمەيدۇ.باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ نىڭ شۇنداق نۇمۇر چىكىدىن ئاشۇرۋەتسە ئۈنۋان يوق.بىر كىلىنكىدا ئۇقۇيدىغان ئاكاشتىن ئاكلىسام ئۇلارنىڭ سىنىپدا 2خەنزو يولداشمۇ 60 ئۆلچەم بۇيىچە 30نۇمۇردىن ئاشۇرۋەتكەچكە ئۈنۋان بەرمەپتۇ،باشقا كەسىپ بولسىغۇ مەكتەپ پۈتتەگەن دىپلۇمغا تايىنىپ باشقا خىزمەت تاپار،ئەمما دۇختۇرلۇقنىڭ ئۈنۋانىمۇ بولمىسا ئۇ چۇقۇپ دۇختۇر لۇق قىلالمايدۇ دىگەن گەپ.
       ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىشنىڭ ھىچ بىر نەتىجىسى چىقمىدى.بۇ سىياسەت ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغانلارمۇ ئاساسەن يۇقىرى يىللىقتىكى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كىتىدىغان ئاكاش-ئاچاشلىرىمىز.توۋەندە قۇللاش-قارشى تۇرۇش ئىككى سەپ بولدى.مەن زادى قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بىلەلمىدىم.ئۆزۈمنى دۆت چاغلىمايمەن ھەم ھىچكىمدىن قالمايمەن دەپ ئويلايمەن.لىكىن ياخشى ئويلىنىش كىرەك.ھەممە تەرەپكە ياخشى بۇلدىغان تەرەپنى ئۇيلاش،مەكتەپتىكى ھەربىر ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمىزنى بىرنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماي ھەممىزگە ياردىمى بۇلدىغان ھەم بىرلىكتەئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن ئويلىشىمىز كىرەك.مىللەت ئۈچۈنمۇ ھەم ئويلىشىمىز كىرەك.
       ئويلاۋاتىمەن،قايسى تەرەپ بۇلاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش