مىزانۇل ئەۋزان
(ۋەزنلەر ئۆلچىمى)
ئەلىشىر نەۋايى
(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر)
بارلىق رەھمەت-مەدىھىيىلەر ۋە چەكسىز شۈكۈرلەر ياراتقۇچى-ئاللاھقا بولسۇنكى،ئىنسان ۋۇجۇدى ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۆت ئەناسىر (ئېلمېنت) ئاساسىدا تۈزدى. ۋە بېيت (ئىككى مىسىرا شېئىر) نىڭ ئاساسىنى نەزىم ئەھلىنىڭ (شائىرلارنىڭ) ساپ خارەكتىرى ۋە پاك زېھنى بىلەنئىككى مىسىرا نەزم ھالىتىگە كىرگۈزدى. جەدىد (بەھرى) نىڭ سۈپەتلىرى، قەرىب (بەھرى) نىڭ مەدھىيلىرى ئەشۇ تەرتىپكە سالغۇچى- شائىرغا بولسۇنكى، ئۇ، ئالەم ئەھلىنىڭ ئىنتىزامى ئۈچۈن شەرىئەت مىزانىنى ئادىل ئۆلچەملىرى بىلەن راست كەلتۈردى. بۇ راستلىق يىغىلىشلارنىڭ مىزانلىرىغىمۇ مەدەت يەتكۈزدى.
ئەمدى، ساغلام ۋە ئۆلچەمگە توشقان نەزىم ئەھلىگە ۋە لاياقەتلىك يۈمشاق تەبىئەتلىك شېئىرىيەت ئەھلىدىن ئۈزىرەم شۇكى، كەمىنە، ھەزرىتى ئىززەت سەلتەنىتىنىڭ سۇلتانى، دۇنيا ۋە دىن سەلتەنىتىنىڭ سۇلتانى ھۆسەيىن باھادىرخان (ئاللاھ مەملىكىتىنى دەخلىسىز، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن) نىڭ ھەرخىل نەزم (شېئىرىيەت) بابىدىكى تەلىم ۋە تەربىيەتلىرى، تۈرلۈك شېئىر ئۇسلۇبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قۇۋۋەت بېرىشلىرى بىلەن، ئەجەم شائىرلىرى ۋە فارس تىللىق شائىرلارنىڭ ھەر قايسى ئۇسلۇبلاردىكى سۆزلىرىگە باھار چېچەكلىرىدەك جىلۋە ۋە نەمايىش بېرىپ، ئۇنىڭغا تۈ*ركى تىل بىلەن قەلەم سۈردۈم ۋە ھەر بىر قائىدىنىڭ نازۇك پىكىرلىرىگە چاغىتاي تىلى بىلەن زىننەت كىرگۈزۈپ، يېزىپ چىقتىم. يۇقىرىدا دېيىلگەن تىلنىڭ بېنىاسىغا ھەرقانداق بىر شائىر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ھەر قانداق بىر كاتىب ئاسانلىقچە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.
چۈنكى، ئۇ ھەزرەتنىڭ ئۇلۇغ يىغىلىشلىرى پىكىر جاۋاھىراتىنىڭ؛ غۇبارسىز تالانتى نەزىم قائىدىلىرى مىزانلىرىنىڭ كانى بولۇپ، كەمىنە ئەشۇ زامان شائىرلىرىنىڭ ئالىي دەرگاھىدا خادىم، دەۋران سۆزمەنلىرى ۋە ئەقىل ئېگىلىرىنىڭ ئالىي بارىگاھىدا مۇلازىم ئىدىم. بۇ يەردە دائىم نەزىم ۋە نەسىردىن سۆز بولاتتى. ھەر دائىم تەبىئىي ھالدا شېئىر ۋە مۇئەممالار يېزىلاتتى. ئۇ ھەزرەتنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك تەبىئىتى نەزىم تەرتىپلىرىنى تارقىتىشىغا بولغان تەلىپى، ھەقىيقەتچىل زېھنى شېئىر تەرتىپلىرىنى تارقىتىشقا مايىل ئىدى.
چۈنكى، نەزىم ئەھلىنىڭ شېرىن سۆزلىكى، مۇھەببەتلىك دىللارنىڭ يالقۇنى، دەردۇ- ئىشتىياق يۇسۇنىنىڭ چىن ئاشىقى ئەمىر خۇسرەۋ دېھلەۋىينىڭ تۆت دېۋان بىلەن مەشھۇر بولغان غەزەللىرىنى بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن يىغىپ توپلاتتى. توپلانغان بېيتلارنىڭ سانى ئون سەككىز مىڭغا يەتتى. ئۇنى غايەت گۈزەل زىننەتلەر بىلەن بېزەپ، ھەشەمەتلىك رامكىلار بىلەن ھەل بېرىپ نەقىشلەپ، زامانىسىنىڭ خۇشخەتچىلىرىگە يازدۇرۇپ كىتاب قىلدۇردى. ئۇنى قۇياشتەك جىلۋىلىتىپ، شۆھرىتىنى پەلەكتىن ئاشۇردى. چۈنكى بۇ سۆز ئۇستىسى بۇ ئىلىمدىن كۆپراق خەۋاردار ئىدى. ماھارەت ۋە كامالەتتە ئۈستۈن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ بەھىرلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك شېئىرلارنى يازغان. ئەمما كۆپۈنچە شېئىرلىرى ۋەزىندە ئۆز خارەكتىرىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، دېيىلىدۇ. زامان ساپالىقلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ساپاسى ئۇنىڭ بالاغىتىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئىدىراكىدىن ھەيران قالسىمۇ، ئەمما ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيىتتى. ئۇ ھەزرەت مۇبارەك تالانتى بىلەن ئاجايىپ كەشپىيات ۋە يېڭىلىقلارنى ياراتقانىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى پاساھەت سۇلتانلاردىن، شائىرلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يادىغا كەلمەيدۇ ۋە خاتىرىسىگە چۈشمەيدۇ.
بۇنىڭ شەرھى (بايان) شۇكى،ئۇ دېۋاندا ھەر بىر غەزەلنىڭ بېشىدا شۇ غەزەلنىڭ قايسى بەھر، قايسى ۋەزىندە ئىكەنلىكى، ئەركانلىرى (بۆلەكلىرىنىڭ تەركىۋى) گە قايسى زىھاف (ئۆزگىرىش) بېرىلىپ، قايسى تۈرگە ئۆزگەرگەنلىكى ئېنىق يېزىلغان. شۇڭا غەزەللەرنى ئوقۇغان بارچە ئەلگە شۇ بەھرنىڭ ئەھۋالى، شۇ ۋەزىننىڭ شەكىل- تۈرلىرى ئېنىق مەلۇم بولىدۇ ۋە كىشىنىڭ چەكسىز قايىللىقىنى قوزغايدۇ. دېۋاندا تەرتىپ بېرىلگەن بارلىق شېئىرلار مۇشۇنداق يېزىلغان. بۇ بەھرلەرنىڭ ئەھۋالى، شۇ ۋەزىنلەرنىڭ شەكىل- تۈرلىرى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئىلغارلىقى، دېۋاندا تەرتىپ بېرىلگەن شائىرلارنىڭ توغرا تاللانغانلىقى ھەممە ئەلگە ئايان بولىدۇ. (كەمىنە) بەندىنىڭ تۆت دېۋانىدىكى شېئىرلىرىمۇ تېخى تۈ*ركى تىلدا نەزىم تېپىپتۇ. بېيتلىرىنىڭ سانى يىگىرمە بەش مىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇ ھەزرەتنىڭ مۇبارەك نامىغا يېزىلىپ زىننەت بېرىلىپتۇ ۋە تىلغا ئېلىنغان ئەشۇ دەستۇرغا كىرگۈزىلىپتۇ.
چۈنكى ئۇ ھەزرەتنىڭ مۇبارەك خاتىرىلىرى شېئىرنىڭ بەھر، ۋەزىنلىرىگە ۋە شېئىرىيەتنىڭ قائىيدە مېزانلىرىغا شۇنچە مايىل ئىدى. ئەرۇز ئىلىمىدە بۇلار ئىخچاملىنىپ قەيت قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا "مېزانۇل-ئەۋزان" (ۋەزىنلەر ئۆلچىمى) دەپ نام قويۇلدى. بۇنىڭدىكى بىر مۇنچە قائىيدە، دائىرەلەر بۇ ئىلىمنىڭ ئىجادچىسى خەلىل ئىبنى ئەھمەد،②ئىلىم ئۇستازى شەمس قەيس③ لەرنىڭ كىتابلىرىدا ۋە خوجا نەسىر تۈسىينىڭ④ "مەئيارۇل- ئەشئار" ناملىق كىتابىدا شۇنداقلا، ھەزرەتى مەخدۇمىينىڭ⑤ "ئەرۇز" ناملىق كىتابلىرىدىمۇ يوق ئىدى. مەن پېقىر بۇ ئىلىم ئۇسۇلىدىن تاللاپ، بۇ كىتابقا قوشۇپ كىرگۈزدۈم. ئەمدى تەڭرىدىن تەۋفىق، يۇقىرىقى ئەزىزلەر رۇھىدىن مەدەد تىلەپ، ئىشقا كىرىشكەيمەن.
بىلىش كېرەككى، ئەرۇز ئىلمى نەزىم (شېئىر) ۋەزىنلىرىنىڭ ئۆلچىمى توغىرىسىدىكى ئەڭ ئالى ئىلىمدۇر. چۈنكى، نەزىم ئىلىمىنىڭ دەرىجىسى غايەت يۇقىرى مەرتىۋىدە بولۇپ، ھەق سۇبىھانەھۇ ۋە تەئەلانىڭ كەلامى مەجىد (قۇرئانى كەرىم) نىڭ كۆپ جايلىرىدا نەزىم توغىرىسىدا بايانلار بار، شۇڭا، ئەرۇز ئۆز قائىدىلىرى بىلەن ھەقىيقىدۇر. ئەشۇ كەلىمىلەردىن بىرى "لەنتەناللۇۋەئەل بىررە ھەتتا تۇنفىقۇنە" ⑥ . بولۇپ، "رەمەلى مۇسەددەسى مەھزۇف" شۇ يەردىن پەيدا بولغاندۇر. ۋە يەنە، "ۋەلمۇرسەلاتى ئۇر- فەن، فەل- ئاسىفەتى ئەسفەن" ⑦ ، بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزنى: "مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلاتۇن" بولۇپ، "مۇزارەئى مۇسەممەنى ئەخرەب" شۇ يەردىن پەيدا بولغان. يەنە "جەنناتى ئەدنىن فەدخۇلۇھا خالىدىن"⑧ بولۇپ، ۋەزنى: " مۇستەفئىلۇن، مۇستەفئىلۇن، مۇستەفئىلۇن" بولۇپ، "رەجەزى مۇسەددەسى مۇزال". شۇ يەردىن پەيدا بولغان. بۇلار كەلامۇللاھنىڭ كۆپ يېرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇندىن باشقا، رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ بۇ تەرىقە ھەدسلەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى :" مەن ئەكرەمە ئالىمەن فەقەد ئەكرەمەنى"⑨ بولۇپ، ۋەزنى:" مەفئۇلۇ مەفائىلۇن مەفائىيلۇ فەئۇل" دۇر ۋە رۇبائىي ۋەزنىدە "ھەزەجى ئەخرەبى مەقبۇزى مەكفۇفى مەجبۇب" شۇ يەردىن پەيدا بولغان.
ئەمىرۇل مۆئمىنىن ئەلى⑩ كەرەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ئەشئارى كۆپ بولۇپ، دىۋانى باردۇر. يەنە مەسنەۋى تەرىقىدە كىتابلىرى بولۇپ، يەنە شەيخلەر، ئىماملار، ئەۋلىيالاردىنمۇ كۆپ ئارتۇق بولغان ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، دېۋانلىرى ۋە مەسنەۋىي تەرىقىدىكى كىتابلىرى بولۇپ، بۇلارغا دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئېنىقدۇر، سۆز ئۇزىراپ كېتىدۇ. بۇ نەزىملەرنىڭ ئەسلى ۋە قائىيدە قانۇنلىرى ئەرۇز بەھرى ۋە ئۇنىڭ مىزانلىرىغا باغلىنىشلىقتۇر.
ئىسپاتلاندىكى، ئەرۇز ئىلمى ئالاھىدە ئىلىمدۇر ئۇنى نېمە ئۈچۈن "ئەرۇز" دەيدۇ؟ بۇنىڭدا خىلمۇ- خىل تەبىرلەر بولسىمۇ، ئولارنىڭ بىرى بىلەن كىپايىلىنىش لازىمدۇر. ئۇ بولسىمۇ، خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھ بولۇپ، ئۇ بۇ ئىلىمنىڭ ئىجاتچىسىدۇر. ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا بىر ۋادا بولۇپ ئەرەبلەر بۇ يەرنى "ئەرۇز" دەيدىكەن، ئەرەبلەر شۇ ۋادىدا ئولتۇراقلىشىپ ئەرەب ئۆيلىرىنى (چېدىرلىرىنى) تىكىپ، بۇ جاينى تولىمۇ گۈزەل بىر جىلۋىگە كىرگۈزگەنمىش. ئەرەبلەر سالغان بۇ ئۆيلەرنى "بەيت" دەيدىكەن. خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھ بۇ "بەيت" لەرنى بۇ ئىلىم بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ۋەزىنگە توشقانلىرىنى توشمىغانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە باھاسى كۆرسىتىدۇ. شۇ مۇناسىبەت بىلەن پۈتۈن شېئىرنى ئەشۇ ۋادا نامى بىلەن"ئەرۇز" دەپ، كۇبلىتلىرىنى بەيت (ئۆي) نامى بىلەن ئاتىغان. بۇنىڭ مۇناسىبىتى ئۆينىڭ بىنا ئاساسى ئۇنىڭ تۆت تېمى بىلەن بولغانغا تەدبىقلانغان. نەزىم بېيتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ تۆت ئاساس بىلەندۇر. بېيىتتا مەنا ئامىللىرىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى بىر ئۆينىڭ غەم- قايغۇ، مەخپىيەتلىكلىرىگىمۇ، مەخپى خىياللارغىمۇ تەدبىقلاپ چۈشۈنىشكە بولىدۇ. مانا شۇ مۇناسىبەتلەر بىلەن ئۇنى "بەيت" دەپ ئاتىغان.
مەلۇم بولسۇنكى، ئەرۇز ئىلمى ئەھلى (شائىرلار) نەزىم ۋەزىنلىرى ئۇسۇلىنىڭ بىناسىنى ئۈچ ئاساسى تايانچقا قويغان بولۇپ، ئۇلار سەبەب (ئاساس)، ۋەتەد، (ئۈچ ھەرپتىن تەشكىل تاپقان سۆز- بوغۇملار گۇرۇپپىسى)، فاسىلە (ئايرىغۇچى- ئاجراتقۇچى بۆلەك) لاردىن تەركىپ تاپقۇزىدۇ.
سەبەب (ئاساس) ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىرى، سەبەبى خەفىف (يەڭگىل ئاساس). ئۇ، بىر مۇتەھەررىك (ھەرىكەتلىك) ۋە بىر ساكىن (مۇقىم) (ھەرپتىن تەشكىل تاپقان- ت) سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، "مەي"، "نەي"، "گۇل"، "مۇل" شەكلىدە بولىدۇ. ئىككىنچىسى: سەبەبى سەقىيل (ۋەزمىن- ئېغىر ئاساس). ئۇ، ئىككى ھەرىكەتلىك سۆزنى (بوغۇمنى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، "يۈزى"، "كۆزى"، "خەتى" "قەدى".
ۋەتەد (ئۈچ ھەرپتىن تەشكىل تاپقان سۆز بوغۇملار گۇرۇپپىسى) دىكىسى ئىككى قىسمدۇر: بىرى، ۋەتەدى مەجمۇئ (ئىككى ھەرىكەتلىك ۋە بىر ھەرىكەتسىز- ئۈچ ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپقان سۆز) بولۇپ، ئاۋالقى ئىككى ھەرىپى ھەرىكەتلىك، ئاخىرقى بىر ھەرىپى مۇقىم- ئاساس سۆزدۇر. يەنى، شەجەر، سەمەر، خوتەن، ئەدەن شەكلىدە.
ئىككىنچىسى، ۋەتەدى مەفرۇق( )، ئۇ ئاۋالقى ۋە ئاخىرقى ھەرپى ھەرىكەتلىك، ئوتتۇرا ھەرپى مۇقىم- ئاساس سۆزدۇر. يەنى، خامە، نامە، ناقە، فاقە.
فاسىلە (ئايرىغۇچى): فاسىلەئى سۇغرا، فاسىلەئى كۇبرا (ئەڭ چوڭ ئايرىغۇچى) دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.
فاسىلەئى سۇغرا، ئۈچ ھەرىپى مۇتەھەررىك (ھەرىكەتلىك)، تۆتىنچى ھەرىپى ساكىن (مۇقىم) سۆزدىن تۈزۈلۇپ، مىرەكىم، يۈرەكىم، شەكىلدە كېلىدۇ.
فاسىلەئى كۇبرا (ئەڭ چوڭ ئايرىغۇچى)- تـۆت ھەرپى ھەرىكەتلىك، بەشىنچى ھەرىپى مۇقىم سۆزدىن تۈزۈلۈپ، يەشەمەغەن، كسەمەغەن شەكىلدە كېلىدۇ.
بۇنىڭ ئەركانلىرى (تەركىپلىرى) نىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى سۆزلەر تەركىبىدە كېلىدۇ.
"ئۇل كۆزى قەرا دەردۇ غەمىدىن چىدامادىم"
ۋەزىنگە توشقان (ئۆلچەملىك) سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بۇ تەركىپلەرنىڭ ھېچقايسىسسىنى يەنە بىرىنىڭ تەركىپىگە قوشۇشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ مۇنداق بولىدۇ.:
بېيت
ئەي ئاي، كەلكىم، يارىڭدۇرمەن،
فۇرقەت شامى زارىڭدۇرمەن.
ئىككى ھىجالىق (بوغۇملۇق) ئەرۇز رۇكىنى (ئاساسى) بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق بولىدۇ.
بېيت
قەدى ھەۋاسىدىن گاھى شەجەر سارى نەزەر قىلاي،
يۈزى خەيالىدىن گاھى چەمەن سارى گۈزەر قىلاي.
فەۋاسىل (ئايرىغۇچىلار) يۈزىسىدىن مۇنداق بولىدۇ.
بېيت
مىرەكىم، تىلەكىم چۇ سەن ئولدىڭۇ بەس،
نە قىلاي يەنالەركۆرەرنى ھەۋەس.
تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندىمۇ بۇ ئاساسى تەركىپتىن باشقىچە تەدبىر بولمىغانلىقتىن، ئەرەب، ئەجەم شائىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شېئىرلىرى موشۇ مۇرەككەپ تەركىپكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەرۇز ئەھلى ئۇنى "ئەفائيل" ۋە "تەفائيل" دەپ ئاتايدۇ. ("ئەفائىيل"، "تەفائيىل" ئەرۇزدىكى ئاساسلىق ۋەزىنلەرنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ)، ئۇ سەككىز قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
1. فەئۇلۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن سەبەبى خەفىف گە،
(يېشىمى" ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، يەڭگىل ئاساس) قا.
2. فائىلۇن - سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
(يېشىمى: يەڭگىل ئاساسى بۆلەكتىن كېلىپ چىققان ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب ئۆلچەملىك بۆلەك) كە.
3.مەفائىيلۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن ئىككى سەبەبى خەفىف كە،
(يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، ئىككى يەڭگىل ئاساس) قا،
4. مۇستەفئىلۇن- ئىككى سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
(يېشىمى: (ئىككى يەڭگىل ئاساسى تەركىپ بىلەن، ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەك)گە،
5. فائىلاتۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ كىيۇرمەك بىلەن ئىككى سەبەبى خەفىف ئارىسىغا، (يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەكنى ئىككى يەڭگىل ئاساس ئارىسىغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلۇغا).
6. مەفائىلەتۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن فاسىلەئى سۇغراغا
(يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، سۇغرانىڭ ئايرىغۇچىسغا)،
7. مۇتەفائىلۇن- فاسىلەئى سۇغرا تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
(يېشىمى: ئايرىغۇچى سۇغرا بۆلىكى بىلەن، ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەككە)
8. مەفئۇلاتۇ- ئىككى سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەفرۇق قا بۆلۈنىدۇ.
(يېشىمى: ئىككى يەڭگىل ئاساس بۆلىكى بىلەن، ئاۋالقى ۋە ئاخىرقى ھەرپى ھەرىكەتلىك، ئوتتۇرا ھەرپى مۇقىم بولغان بۆلەككە)
يۇقىرىقى سەككىز ئۇسۇلدىن فارىسچە شېئىردا: مەفائىلۇن، فائىلاتۇن، مۇستەفئىلۇن، مەفئۇلاتۇ، فەئۇلۇندىن ئىبارەت بەش تۈر كۆپراق ئۇچىرايدۇ. تۈ*ركچە شېئىرلارغىمۇ شۇلار تەدبىقلىنىدۇ. يەنى، بۇ تەركىپلەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ بەش ئەسىلنىڭ ھەر بىرى يەنە نەچچە تارماق قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ باشقا تۈسلەرگە ئۆزگىرىشى سەبەبىدىن ئۇنى ئەرۇزچىلار "زىھاف" ( ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) دەيدۇ. شۇ جەھەتتىن زىھاف (ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) ۋە فۇرۇئ (تارماق قىسىم) ئارىسىغا بىر فەسىل (قىسىم) قوشۇپ تەرتىپ بېرىلدى.
بۇ قىسىمدا مەفائىلۇن زىھافاتى ("مەفائىلۇن" ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىشى) ئون بىر، تارماق قىسىملىرىمۇ ئون بىر بولۇپ، ئۇنىڭ زىھافاتى (ۋەزىنلەر بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىشى) تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
1. "قەبىز"- بۇ مەفائىيلۇندىن "يا- ي" نى قىسقارتقۇچى بولۇپ، مەفائىيلۇندىن "مەفائىلۇن" قالىدۇ.
2. "قەف"- بۇ مەفائىيلۇندىن "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، مەفائىيلۇننىڭ ئاخىرىدىن"نون- ن" نى قىسقارتىپ "مەفائىيلۇ" غا قالدۇرىدۇ.
3. "خەرم"- مەفائىيلۇندىن "مىم- م" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مىم- م" قىسقارتىلىپ، "فائىيلۇن" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" يېزىلىدۇ.
4. "خەرب"- مەفائىيلۇندىكى "مىم- م" ۋە "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىلىرى بولۇپ، "فائىيلۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇ" يېزىلىدۇ.
5. "شەتەر"- مەفائىيلۇندىكى "مىم- م" بىلەن "يا- ي" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلۇن" قالىدۇ.
6. ھەفز"- "مەفائىيلۇن" دىكى ئاخىرقى بۆلەكنىڭ ئاخىرىقى يەڭگىل ئاساسىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مەفائىيلۇن" دىن "مەفائي" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇلۇن" قويىلىدۇ.
7."قەسر"-ئاخىرقى بۆلىكىنىڭ يەنى، يەڭگىل ئاساسبۆلىكى ئاخىرىنىڭ قىسقارتقۇچىسى ۋە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ ئىسكانى بولۇپ، مەفائىيلۇن "مەفائىيل" بولىدۇ.
8. "ھەتم"- بۇ "ھەفز" ۋە "قەسر" لەرنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ، "مەفائىيلۇن" دىن "مەفا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويىلىدۇ.
9. "جەبب"- ئىككى يەڭگىل ئاساسنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، مەفائىيلۇندىن "مەفا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويىلىدۇ.
10. "زەلەل"- "ھەتم" ۋە " خەرم" نى يىغىپ، مەفائىيلۇندىن "فا" قېپقالىدۇ.
11. "بەتەر"- "جەبىب" ۋە "خەرم" لەرنى يىغىپ، مەفائىيلۇندا "فا" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويىلىدۇ.
بۇنىڭ فۇرۇئى (تارماقلىرى): مەفائىلۇن- مەقبۇز، مەفائىيلۇ- مەخفۇف، مەفەئۇلۇن- ئەخرەم، مەفەئۇلۇ- ئەخرەب، فائىلۇن- ئەشتەر، فەئئۇلۇن- مەخزۇف، مەفائىيل- مەقسۇر، ئەئۇل- ئەختەم، فەئۇل- مەجبۇب، فا- ئەسەلل، فە- ئەبتەرلەرگە بۆلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ فائىلاتۇن ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش ئونغا، فۇرۇئى (تارماقلىرى) ئون بەشكە بۆلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ زىھافاتى (ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى):
1. "ھەبن"- ئەۋۋەلقى بۆلەك سەبەبى خەفىفى (يەڭگىل ئاساسى) دىكى مۇقىم ھەرپىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلاتۇن" دىن "فەئىلاتۇن" قالىدۇ،
2. "كەف"- بەشىنچى ھەرپنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلاتۇن" "فائىلان" بولىدۇ.
3. "شەكل"- "ھەبن" ۋە "كەف" بېرىكىپ، "فائىلاتۇن فەئىلاتۇ" بولىدۇ.
4. "ھەزف"- فائىلاتۇندا "تا- ت" ۋە "نون- ن" قىسقارتىلىپ، "فائىلا" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلۇن" يېزىلىدۇ.
5. "قەسر"- فائىلاتۇندا "فائىلات" بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلان" قويىلىدۇ ۋە بەزىدە "تا- ت" غا ئۆزگەرمەي ئەشۇ بويىچە قىلىنىدۇ.
6. "قەتئ"- فائىلاتۇندا ئاخىرقى ئاساسى، ۋەتەد ساكىنى (مۇقىم ئۈچ ھەرپلىك بۆلەك) لەر قىسقارتىلىپ، "فائىل" قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا "فەلۇن" قويىلىدۇ. بەزىدە ئۇنى "سالم" دەپمۇ قويىدۇ.
7. "تەشئىس"- فائىلاتۇن ۋەتەدىنىڭ (بۆلىكىنىڭ) ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپىدىن بىرىنىڭ نېقاتى (قىسقارتقۇچىسى) بولۇپ، ئۇنىڭدىن "فائاتۇن" ياكى "فالاتۇن" قالىدۇ، ھەر خىل ئېھتىماللار بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويىلىدۇ.
8. "جەھف"- فاسىلە (ئايرىغۇچى) قىسقارتىلىپ، فائىلاتۇندىن "تۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويۇلىدۇ.
9. "تەسبىغ"- ئاخىر بۆلەكنىڭ يەڭگىل ئاساسىغا بىر ھەرپ ئارتتۇرۇش بولۇپ، "فائىلاتۇن، فائىلاتان" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلىيان" قويۇلىدۇ.
10. "رەبئ"- فائىلاتۇندا "قەتئ" (مۇقىم ئۈچ ھەرپلىك بۆلەكنى قىسقارتقۇچى) ۋە "ھەبن" (مۇقىم ھەرپنىڭ قىسقارتقۇچىسى) لەر قىسقارتىۋىتىلىپ، "فەئۇل" قالىدۇ،
بۇنىڭ تارماقلىرى: فەئىلاتۇن- مەخبۇن، فائىلەتۇن- مەكفۇر، فەئىلاتۇ- مەشكۇل، فائىلۇن- مەھزۇف، فەئىلۇن- مەخبۇنى مەقسۇر، فائىلۇن- مەخبۇنن مەھزۇف، فەلۇن- مەقتۇ، مەفئۇلۇن- مۇشەئئەس، فەلائى- مەقتۇئى مۇسەببەئ، فەئۇل- مەربۇئ، فائىلىيان- مۇسەببەئ، فەلىيان- مەخبۇنى مۇسەببەئ، فا- مەجھۇفى مۇسەببەئ، فە- مەجھۇف.
مۇستەفئىلۇن زىھافاتى (ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) توققۇزدۇر، فۇرۇئى (تارماقلىرى) ئون تۆتتۇر.
مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش
مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش 9، تارماقلىرى 14 تۈرگە ئايرىلىدۇ.
ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى:
1.«خەبن»-مۇستەفئىلۇندا«مۇتەفئىلۇن»بولىدۇ،ئۇنىڭ ئورنىغا «مەفا ئىلۇن» قويۇلىدۇ.
2."تەي"-مۇستەفئىلۇننىڭ تۆرتىنچى ھەرىپىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مۇستەئىلۇن"قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇفتەئىلۇن قويۇلىدۇ.
3. "قەتئ"- مۇستەفئىلۇندىكى "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىسى ۋە "لام- ل" نىڭ ئىسكانى بولۇپ، "مۇستەفئىل" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
4. "تەخلىئ"- مۇستەفئىلۇندا "خەبن" بىلەن "قەتئ" بېرىكىپ، "مۇتەفئىل" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
5. "ھەزەج"-مۇستەفئىلۇننىڭ ئۈچ ھەرپلىك بۆلىكىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مۇستەف" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
6."رەف"-بىر ئاساسى بۆلەك بىلەن بىر يېنىك بۆلەكنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۆلەكنىڭ بىرىنچىسى ئىككى ئاساسى يەڭگىل بۆلەكدۇر. مۇستەفئىلۇندىن "تەف ئىلۇن" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلۇن" قويۇلىدۇ.
7. "خەبل"- مۇستەفئىلۇندىن "سىن- س" ۋە "فە- ف" قىسقىراپ، "خەبن" بىلەن "تەي" گە يىغىلىپ، "مۇتەئىلۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئىلەتۇن" قويۇلىدۇ.
8."ئىزالە"- مۇستەفئىلۇننىڭ ئاخىرىدىكى ۋەتەدى مەجمۇئىغا (ئۈچ ھەرپلىك سۆزنىڭ يىغىندىسىغا) بىر تۇراقلىق ھەرپنى ئارتتۇرۇش بولۇپ، "مۇستەفئىلان" بولىدۇ.
9."تەرفىل"- مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەتەدى مەجمۇئىغا (ئۈچ ھەرپلىك سۆزنىڭ يىغىندىسىغا) بىر ئاساسى ھەرپنى ئىزافە قىلىش (قوشۇش) بولۇپ، "مۇستەفئىلاتۇن" بولىدۇ، مۇستەفئىلۇننىڭ ئورنىغا "مۇستەفئىلاتۇن" قويۇلىدۇ.
ئۇنىڭ تارماقلىرى: مەفائىلۇن- مەخبۇن، مۇفتەئىلۇن- مەتۋىي، مەفئۇلان- مەقتۇ، فەئۇلۇن- مۇخەللە، فەئئىلۇن- مەھزۇز، فائىلۇن- مەرفۇ، فەئىلەتۇن- مەخبۇل، مەفائىلان- ۋەتۋىيى مۇزال، مۇستەفئىلېن- مۇزال، فەئىلەتان- مەخبۇنى مۇزال، مەفائىلاتۇن- مەخبۇنى مۇرەففەل، مۇفتەئىلاتۇن- مەتۋىيى مۇرەففەل، مۇستەئئىلاتۇن مۇرەففەل لەردىن ئىبارەتتۇر.
مەفئۇلاتۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش 9، تارماقلىرى 14 تۇر.
ئۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش:
1. "خەبن"- مەفئۇلاتۇدا مەفئۇلاتۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفائئىلۇ" قويۇلىدۇ.
2. "تەي"- مەفئۇلاتۇدا "مەفئىلاتۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلاتۇ" قويۇلىدۇ.
3. "خەبل"- مەفئۇلاتۇدا "خەبن" ۋە "تەي" قوشۇلۇپ، "مەئىلاتۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئىلاتۇ" قويۇلىدۇ.
4. "ۋەقف"- مەفئۇلاتۇدىكى "تا- ت" نى قىسقارتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلان" قويۇلىدۇ.
5. "كەشف"- مەفئۇلاتۇدىكى "تا- ت" نىڭ قىسقارتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
6. "سەلم"- مەفئۇلاتۇ ۋەتەدىنىڭ (ئۈچ ھەرپلىك بۆلىكى) نى قىسقارتىپ، "مەفئۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
7. "جەدئ"- مەفئۇلاتۇننىڭ ھەر ئىككىلا ئاساسىنى ۋە "تا- ت" نى قىسقارتىپ، "لات" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائ" قويۇلىدۇ.
8. "نەھر"- مەفئۇلاتۇنىڭ ئىككىلا ئاساسى ۋە "تا- ت" سىنى قىسقارتىپ، "لا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويۇلىدۇ.
9. "رەف"- مەفئۇلاتۇنىڭ ئەۋۋەلقى ئاساسىنى قىسقارتىپ، "ئۇلاتۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇ" قويۇلىدۇ.
ئۇنىڭ تارماقلىرى: مەفائىيلۇ- مەخبۇن، فائىلاتۇ- مەتۋىي، فەئىلاتۇ- مەخبۇل، مەفئۇلان- مەۋقۇف، مەفئۇلۇن- مەكشۇف، فەئۇلۇن- مەخبۇنى مەقشۇف، فەئۇلان- مەھبۇنى مەۋقۇف، فەئلۇن- ئەسەلەم، فائىلان- مەتۋىيى مەۋقۇف، فائىلۇن- مەتۋىيى مەكشۇف، فەئىلۇن- مەخبۇنى مەتۋىيى مەكشۇف، مەفئۇلۇ- مەرفۇ، فائ- مەجدۇئ، فەئ- مەنھۇر لاردىن ئىبارەتتۇر.
فەئۇلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگۈرۈش ئالتە، تارماقلىرىمۇ ئالتەدۇر.
ئۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش:
1. "قەبز"- فەئۇلۇندا "لام- ل" نىڭ زەممى (قوشۇۋىلىشى) بىلەن فەئۇلۇ بولىدۇ،
2. "قەسر"- فەئۇلۇندا "لام- ل" نىڭ سۇكۇنى (مۇقىملىقى) بىلەن "فەئۇل" بولىدۇ.
3. "ھەزف"- فەئۇلۇندا "فەئۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويۇلىدۇ.
4. "سەلم"- فەئۇلۇندا "فە- ف" قىسقىرىپ، ئۇلۇن قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
5. "سەرم"- فەئۇلۇندا "فە- ف" ۋە "نۇن- ن" قىسقىراپ، "ئۇلۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇ" قويۇلىدۇ.
6."بەتەر"- فەئۇلۇندا ۋەتەدى مەجمۇئ (ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ بىلەن بىر ھەرىكەتسىز ھەرىپنىڭ يىغىندىسى) قىسقىراپ، "لۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئ" قويۇلىدۇ.
ئۇنىڭ تارماقلىرى: فەئۇلۇ- مەقبۇز، فەئۇلۇ- مەقسۇر، فەئۇل- مەھزۇف، فەئلۇن- ئەسلەم، فەئلۇ- ئەسرەم، فەئ- ئەبتەردىن ئىبارەتتۇر.
فەسىل. يۇقىرىدا، ۋەزىنلەر بەزى ۋەزىن بۆلەكلىرى ۋە تارماقلىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمدى يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، بەھىرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنىڭ تەكرارى، بەزىسىنىڭ تەركىبى يەنە بەزىلىرى بەزىلىرى بىلەن ھاسىل بولۇپ، 19 خىلغا يېتىدۇ. بۇلاردىن بەزىسى ئەرەبچىگە، بەزىسى فارىسچىغا، بەزىسى ئومۇمغا خاس بولۇپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر (نەۋائى دەۋرىگىچە) تۈ*رك شائىرلىرىنىڭ مىللى ئىستىمالدا خاس ئۇسلۇپ بولمىغانلىقتىن، زېھنى ئۆتكۈرراق شائىرلار ئۆز نەزىملىرىنى ھەر قايسى بەھر ۋە ۋەزىنلەرگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرۇز قائىدىلىرىدىن تولۇق خەۋىرى يوق ئىكەن. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئىنايىتىدىن تۈ*رك تىلى بىلەن يېزىلغان شېئىرلار ئەجەم شائىرلىرىغا خاس بولغان بەھىر ۋە ئەۋزان (ۋەزىنلەر) دىكى نەزملەر قاتارىغا كىردى.
(تۈ*رك ۋە فارس شېئىرىيىتىگە ئورتاق بولغان) بۇ بەھرلەرنىڭ نامى: تەۋىل، مەدىد، بەست، ۋافىر، كامىل، ھەجەز، رەجەز، رەمەل، مۇنسەرىھ، مۇزارى، مۇقتەزەب، مۇجتەسس، سەرى، جەدىد، قەرىب، خەفىف، مۇشاكىل، مۇتەقارىب، مۇتەدارىكلاردىن ئىبارەت 19 خىلدۇر.
ئەمما، تەۋىل، مەدىد، بەست بەھرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىپلەنگەن بولۇپ، بىرى خۇماسىي (بەشلىك)، يەنە بىرى سۇبائىي (يەتتەلىك) دۇر.
تەۋىل بۆلەكلىرى: "فەئۇلۇن مەفائىيلۇن، فەئۇلۇن مەفائىيلۇن" دىن ئىبارەت ئىككى تەكراردۇر.
بېيت
دېسەم ئەرازۇ زۇلفۇڭ ئۇ ئوتدۇر، تۈتۈندۇر بۇ،
دەر ئاندىن سەڭا كۆيمەك، بۇ بىردۇر قەرا قايغۇ.
"فائىلاتۇن فائىلۇن" شەكلىدە بولۇپ، مۇنداق بولىدۇ:
بېيت
چېھرەدىن بۇرقە ئاچىب ئوتقە كۆيدۈردۈڭ مەنى،
چۈن كۈل ئالدى پەيكەرىم، كۆككە ساۋۇردۇڭ مەنى.
بەست بۆلىكى: "مۇستەفئىلۇن فائىلۇن، مۇستەفئىلۇن فائىلۇن" دىن ئىبارەت ئىككى تەكراردا كېلىپ، ئۇ مۇنداق بولىدۇ:
بېيت
ئىشقىڭ مەنى تۈنۇ- كۈن مەجنۇنۇ زار ئەيلەمىش،
كۆڭلۈمنى زارۇ ھەزىن، جىسمىم نىزار ئەيلەمىش.
ۋافىر ۋە كامىل بەھرىنىڭ قۇرۇلمىسى، يەتتىلىك بولۇپ: مۇرەككەب بەش ھەرىكەتلىك ۋە ئىككى مۇقىم بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ. ۋافىر بۆلەكلىرى مۇسەددەستە ئالتە قەتلە (تەكرار) "مەفائىلەتۇن" بولۇپ، تۆۋەندىكىچە كېلىدۇ.
بېيت
نە فۇرقەت ئېرۇر سەنسىزىن ئۆرتەنۇر يۈرەكىم،
نە بولغاي ئەگەر مەڭا گۈزەر ئەيلەسەڭ، مىرەكىم.
كامىل بەھرىنىڭ بۆلەكلىرىمۇ مۇسەددەستە ئالتە قەتلە "مۇتەفائىلۇن" بولۇپ تۆۋەندىكىچە كېلىدۇ
بېيت
نە بەلا ئېمىش سەنىڭ ئۇل خىرام ئىلە قامەتىڭ،
گاھى سۈرئەتىڭ، گاھى ناز بىرلە ئىقامەتىڭ.
تىلغا ئېلىنغان بۇ بەش بەھردىكى نەزىملەر فارس شائىرلىرىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
ئەمما، ھەزەج، رەجەز، رەمەل لەرنىڭ قۇرۇلمىسى تەۋىل، مەدىد لەرنىڭ يەتتەلىك قۇرۇلمىسىغا باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەزەجى مۇسەممەنى سالىمدا "مەفائىيلۇن" سەككىز قېتىم تەكرارلىنىدۇ. رەجەز بۆلەكلىرى سەككىز قېتىملىق ""مۇستەفئىلۇن" بويىچە تەكرارلىنىدۇ. رەمەل بۆلەكلىرى سەككىز قېتىملىق "فائىلاتۇن" بىلەن پۈتىدۇ. بۇ بەھىرلەر بىر دائىرىگە قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ دائىرەنى "مۇئتەلىفە" دەپ ئاتايدۇ. ۋە ئۇ تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك بولىدۇ.