جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1369 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 2

تۈتۈن رەڭ قان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  195
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مېنىڭ چوغدەك يۈرۈگۈم،ساڭا دەيمەن قەپىزىڭگە پات!ھاي بېرەرسەن ھارارىتڭگە،نوچى مەن دەپ مەندىن بۆلەكلەرگەىمۇ تۇتاشقان ئوتلىرىڭغا ،ۋە سالغان ئاسارىتڭگە!مېنى كۈل قىلىپ باشقىلارنى ئېرشتۈرىدىغىنىڭ بىر لاۋا چوغ خالاس.نېمە دەۋاتىسەن ؟-ئۇ مېنىڭ قېرىنداشلىرىم،سەن ئۇلارغا غەزەپ قىلماڭچىمۇ سەن؟غەزەپ قىلما ئۇ مېنىڭ ئاكام ،ئاچام ھەم ئېنى سىڭىللرىم.ئۇلار ھەم مەن ئانامنىڭ كۆكسىدىن خام سۈت ئېمىپ سېنى يۇغانتقاندەك،ئۇلارمۇ خام سۈت ئەمگەن،ھامان بىر كۈنى ،بۈگۈن يا ئەتە ئەقلىنى تاپىدۇ،بەك بولمىسا ئاخىرقى تېنىقلىرىدا ۋە ياكى مەھشەرگاھدا.
مەن قانىدىم دەۋاتامسەن؟ ئوغۇل ،ئەر قىرىنداشلىرىمنىڭ نامەرت،بولۇمسىز،ۋە ياكى  تومۇرىدىكى قېپقىزىل قانلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ھارارەت ئاتا قىلالمىغىنى،ئايال سىياق،خوتۇن مىجەز،چىرىگەن روھ،ۋە ياكى ئۆزىنى ئۇنتۈش،،،بوسۇغىسىدىكى شاياتۇن تۇرىقى سېنى قاناتتىمۇ؟
قىزلىرىمىزدىكى كۆرسە كۆز،سۆزلىسە ئېغىز،ئاڭلىسا قۇلاق توۋا دەيدىغان،سەزگەن يۈرەك ،گۇۋاھ زېمىن لاغ-لاغ تېتىرەيدىغان خاسسىز ،تۇسسىز تۇرۇقى،ئۆلگەن روھى ،چەكسىز بوشلۇقتا چەكسىز قېتىم ئايلىنىۋىردىغان يەر شارىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ۋاقىت ئوقىدا ئۆزىنىڭ 60 -70 بەك بولسا 100 يىللىق دەقىقىدە تۈگەيدىغان قىسقىغىنە ھاياتنىڭ سورىقىنى بېرەلمەيۋاتقان ھەم بېرەلمەيدىغان قىزلار،ئانىلار،،،،،لارنىڭ زايە بولىۋاتقان،ئۆز قىممىتىىنى يوقاتقان يۈرىكى ،ھايات مۇساپىسىگە قۇماندانلىق قىلالمايۋاتقان ئاشۇ كاللىسى ئۈچۈن قاناۋاتامسەن؟
؟؟؟؟! مېنىڭ يۈرۈگۈمسەن.ئاللاھ سېنى ماڭا ئاتا قىلغانكەن مەن سېنىڭ ھۆكمىرانىڭمەن ،قەدرىڭنى بىلىدىغان،ئەزىزلەيدىغان ھۆمىرانىڭمەن.
كۆزۈم! بىر جۈپ ئەزىزلىرىم! سىلەرگە نېمە بولدى؟سىلەرمۇ قان يىغلاپسىلەرغۇ؟ مەن سىلەردىن زەرچىلىك ياش ئاققۇزمايمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن،سىلەرنىڭمۇ يىغلايدىغان ،ئەمما <سېغىنىپ ،سېغىنىپ يىغلايدىغان> ۋاقتىڭلار بار ئەمما تېخى بالدۇر ئېدىغۇ؟ سىلەر ھازىر ھەقنى،ھەقىقەتنى ،ئادالەتنى ،كامالەتنى ،كائىناتنى ،گۈزەللىكنى ،،،،كۆرىدىغان مېنىڭ ئەركەم ئېدىڭلارغۇ؟؟؟
  چۈشەندىم ،ئەمدى چۈشەندىم ،سىلەر ھەقىقەت بويلاپ مېڭىپ ناھەقنى، ئادالەت ياقىلاپ بېرىپ ،ئادالەتسىزلىكنى،گۈزەللىك ئىزلەپ قۇم چېچىلىپ ،،،،،،،ياخشىنى كۆرۈش ئۇرنىغا ياماننى كۆرۈپ قىلىپ قىيامەت سورىقىدىن كۆرگەنلىرىڭلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يىغلاپسىلەر....گۇناھ ،گۇمراھ،تەكلىماكان پاجىئەسى،ئېغىرلاشقان تېنىقلار،تېتىرەپ تۇرغان تەنلەر ،قان تامچىغان يوللار،گۇناھلىق ئىزلار،،،،،،،،بىر بىرلەپ سىلەرنى قورقۇتۇپتۇ،،،ھەقلىقسىلەر،كۈندە بىر توۋا دېگۈزىدىغان ساپسىرىق ،ئالا -يېشىل،ھەسەن -ھۆسەن چاچلار،چاپلاپ ياماپ كىيگەندەك مودا كېيىملەر ئىچىدىكى سۆسۈنرەڭ تۇيغۇلۇق قىزلار،چىرايىدىكى ھاھاھاھالىق كۈلۈشلەردىن بىلگىلى بولمايدىغان ئەبجەش تۇيغۇ.،،،،
  يىلان چېقىۋالسىمۇ بۇنچىلىك تولغانماستىم .......مەن يۈرىكىمنى قانىتىپ، كۆزلۈرۈمدىن قان ئاققۇزۇپ يەنە قانچىلىك زەھەردەك ئاچچىق تۇيغۇ ئىچىدە ئۆتەرمەن؟ بولدى قىل ئۆزۈم!!!!!

مەنبە : ئۆزۈم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنەمجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 11:57  


201072350750481.jpg

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 23:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىپلا كۆرۇپ ئۇھ دىۋەتتىم ھاردۇقىم چىقىپ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  195
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalguzak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 23:07
كىرىپلا كۆرۇپ ئۇھ دىۋەتتىم ھاردۇقىم چىقىپ.

خاپا بولۇپمۇ يا

گۇناھكار كۆزلىرىمدە ئەمەس زەربىدار قارچۇقۇمدا رىئاللىققا تىك باقالايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش